يەھۋا گۇۋاھچىسى بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلىشىم كېرەك؟
مەتتا 28:19، 20-ئايەتلەردە، ئەيسا پەيغەمبەر يەھۋا گۇۋاھچىسى بولۇش ئۈچۈن قانداق قەدەملەر قويۇش كېرەكلىكى ھەققىدە ئېيتقان. مۇشۇ ئايەتلەردە بىر كىشى مەسىھنىڭ شاگىرتى بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلىشى زۆرۈرلىكى، مەسىلەن، بىرىدىن-بىر خۇدا يەھۋا توغرۇلۇق باشقىلارغا ۋەز قىلىشى ياكى گۇۋاھلىق بېرىشى كېرەكلىكى يېزىلغان.
1-قەدەم: مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىش. ئەيسا پەيغەمبەر ئەگەشكۈچىلىرىگە «شاگىرتلىم قىلىپ يېتىشتۈرۈڭلار. ... ، ئۇلارغا ... ئۆگىتىڭلار»، دەپ تاپشۇرغان (مەتتا 28:19، 20). «شاگىرت»، دەپ تەرجىمە قىلىنغان سۆز ئۇدۇل مەنىدە «ئۆگەنگۈچى» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. مۇقەددەس كىتابتا، بولۇپمۇ ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىملىرىدە، بەختلىك ۋە مەنلىك ھايات كەچۈرۈشىڭىزگە ياردەم بېرىدىغان مەسلىھەتلەر بار (تىموتىيغا 2-خەت 3:16، 17). بىز سىزنىڭ مۇقەددەس كىتابنى ھەقسىز تەتقىق قىلىش پروگراممىسى ئارقىلىق مۇقەددەس كىتابتىن بىلىم ئېلىشىڭىزغا خۇشاللىق بىلەن ياردەم بېرىمىز (مەتتا 10:7، 8؛ سالونىكىلىقلارغا 1-خەت 2:13).
2-قەدەم: ئۆگەنگەنلىرىڭىزنى ئەمەلىيەتتە پايدىلىنىڭ. ئەيسا مەسىھنىڭ سۆزلىرى بويىچە، ئۆگەنگۈچىلەر، ئۇ «بۇيرۇغان بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشنى» ئۆگۈنۈشى زۆرۈر (مەتتا 28:20). مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىش پەقەتلا ئەقلىمىزنى يېتىلدۈرۈشنى مەشىق قىلىش ئۇسۇلى ئەمەس، ئۇ بىزنى كۆزقارىشىمىزنى ۋە يۈرۈش-تۇرۇشىمىزنى كەسكىن ئۆزگەرتىشكە دەۋەت قىلىدۇ (ئەلچىلەر 10:42؛ ئەفەسلىكلەرگە 4:22—29؛ ئىبرانىيلارغا 10:24، 25). ئەيسانىڭ سۆزلىرىگە ئەمەل قىلىدىغانلار ئۇنى ئۈلگە قىلىپ، ھاياتىنى يەھۋا خۇداغا بېغىشلاشنى شەخسەن ئۆزى قارار قىلىدۇ (مەتتا 16:24).
3-قەدەم: سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈش (مەتتا 28:19). مۇقەددەس كىتابتا چۆمۈلدۈرۈلۈش دەپنە قىلىش (يەرلەپ كۆمۈش) بىلەن سېلىشتۇرىلىدۇ (رىملىقلارغا 6:2—4 سېلىشتۇرۇڭ). بۇ ئادەمنىڭ بۇرۇنقى ھايات تەرزىنى تاشلاپ، ھاياتىنى يېڭىدىن باشلىشىنى بىلدۈرىدۇ. سىز چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەندە، ئەيسا مەسىھ ئېيتقان يۇقىرىقى ئىككى قەدەمنى باسقانلىقىڭىزنى ۋە خۇدادىن پاك ۋىجدان سورىغانلىقىڭىزنى ئادەملەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئېنىق كۆرسىتىسىز (ئىبرانىيلارغا 9:14؛ پېترۇسنىڭ 1-خېتى 3:21).
چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشكە تەييار ئىكەنلىكىمنى قانداق بىلەلەيمەن؟
جامائەت ئاقساقاللىرى بىلەن پاراڭلىشىڭ. ئۇلار سىزنىڭ ئالغان بىلىملىرىڭىزنى توغرا چۈشىنىپ، ئۇلارنى ھاياتىڭىزدا ئەمەلىي قوللىنىۋاتقانلىقىڭىزنى ھەم ئۆز ئىختىيارىڭىز بىلەن خۇداغا ئۆزىڭىزنى بېغىشلىغانلىقىڭىزغا كۆز يەتكۈزۈش ئۈچۈن، سىز بىلەن سۆھبەتلىشىدۇ (ئەلچىلەر 20:28؛ پېترۇسنىڭ 1-خېتى 5:1—3).
يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ بالىلىرى بۇ قەدەملەرنى بېسىشى كېرەكمۇ؟
ھەئە. بىز بالىلىرىمىزنى تەربىيىلەشتە، يەھۋانىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە تەربىيىلەڭلار ھەم نەسىھەت بېرىڭلار، دېگەن مۇدددەس كىتابنىڭ مەسلىھەتكە قۇلاق سالىمىز (ئەفەسلىكلەرگە 6:4). بىراق، بالىلار چوڭ بولغانسېرى، ئۇلار چوقۇم ئاۋۋال مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىش، ئۆگەنگەن بىلىمنى قوبۇل قىلىش ۋە ئەمەلىي قوللىنىشنى ئۆزى شەخسەن قارار چىقىرىشى كېرەك. شۇندىلا ئۇلار سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشكە لاياقەتلىك بولىدۇ (رىملىقلارغا 12:2). چۈنكى، خۇداغا ئىبادەت قىلىشنى چوقۇم ھەر كىم شەخسەن ئۆزى تاللىشى لازىم (رىملىقلارغا 14:12؛ گالاتىلىقلارغا 6:5).