يەھۋا گۇۋاھچىلىرى تەبىئىي ئاپەتلەرگە ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرەمدۇ؟
ھەئە، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى تەبىئىي ئاپەتتە زىيان-زەخمەت چەككەنلەرگە ھەردائىم ياردەم قولىنى سۇنىدۇ. بىز يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ھەم گۇۋاھچى ئەمەسلەرگىمۇ ياردەم بېرىمىز. شۇنداق قىلىپ، مۇقەددەس كىتابتىكى «پۇرسەت بولسىلا، باشقىلارغا، بولۇپمۇ ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزغا ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرەيلى»، دېگەن مەسلىھەتكە ماس ھەرىكەت قىلىمىز (گالاتىيالىقلارغا 6: 10). بىز يەنە ئاپەتلەردە ئازاب-ئوقۇبەت چېكىپ، ھېس-تۇيغۇ ۋە روھىي جەھەتتىن تەسەللى ۋە ياردەمگە مۇھتاج بولغانغانلارغا ياردەم قولىمىزنى سۇنۇشقا تىرىشىمىز (كورىنتلىقلارغا 2-خەت 1:3، 4).
ياردەم ئۇيۇشتۇرۇش
تەبىئىي ئاپەتتىن كېيىن، يەرلىك جامائەتتىكى ئاقساقاللار جامائەت ئەزالىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ بېخەتەرلىكى ۋە قانداق ياردەمگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ئېنىقلايدۇ. كېيىن، ئۇلار ئالغان مەلۇماتلارنى ھەم ئەڭ ئاۋۋال قانداق ياردەم كۆرسىتىلگەنلىكىنى يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ يەرلىك بەيتەل كېڭىشىگە خەۋەر قىلىدۇ.
ئەگەر يەرلىك جامائەتلەرنىڭ كېرەكلىك ياردەمنى كۆرسىتىشكە مۇمكىنچىلىكى بولمىسا، ئۇلارغا يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ يېتەكچى كېڭىشى ياردەم بېرىش ئىشىنى ئۇيۇشتۇرىدۇ. ئۇلار مۇشۇنداق قىلىپ ئاچارچىلىق ۋاقتىدا بىر-بىرىگە ياردەم قولىنى سۇنغان خۇدانىڭ قەدىمقى خىزمەتچىلىرىنى ئۈلگە قىلىدۇ (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 16:1—4). ياردەم بېرىش ئىشىنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە باشقۇرۇش ئۈچۈن، يەرلىك بەيتەل ياردەم خىزمىتى كېڭىشىنى تەشكىللەيدۇ. باشقا رايونلاردىكى گۇۋاھچىلارمۇ ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ۋاقىتلىرىنى ھەم پۇل-ماللىرىنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن سەرپ قىلىدۇ (پەندى-نەسىھەت 17:17).
ماددىي ياردەم
يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ بەيتەللىرىگە ئەۋەتىلگەن ئىختىيارىي ئىئانىلەر، شۇنىڭدەك تەبىئىي ئاپەتتىن زەخمەت چەككەنلەرگە ياردەم بېرىش مەقسىتىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ (ئەلچىلەر 11:27—30؛ كورىنتلىقلارغا 2-خەت 8:13—15). ئىختىيارىي خىزمەتچىلەر ياردەم ئىشىنى ھەقسىز قىلغانلىقتىن، ئاجرىتىلغان پۇللار مەمۇرىي خىراجەتلەرگە ئەمەس، بەلكى پەقەت تەبىئىي ئاپەتتىن ئازاب چەككەنلەرگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. بىز ھەممە ئىئانىلەرنى ئېھتىياجلىق يەرلەرگە دىققەت بىلەن ئىشلىتىمىز (كورىنتلىقلارغا 2-خەت 8:20).