نېمە ئۈچۈن يەھۋا گۇۋاھچىلىرى سىزنىڭ ئىشىكىڭىزنى چېكىدۇ؟
ئەيسا مەسىھ ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىگە «بارلىق خەلقلەردىن شاگىرتلارنى تەييارلاش»نى بۇيرۇغان (مەتتا 28:19، 20). ئۇ شاگىرتلارنى ئەۋەتكەندە، ئادەملەرنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىشنى ئېيتقان (مەتتا 10:7، 11—13). ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن І-ئەسىردىكى ئېتىقادچىلار ئاممىۋى ئورۇنلاردا ۋە «ئۆيمۇ-ئۆي» خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرغان ئىدى (ئەلچىلەر 5:42؛ 20:20). بىزمۇ دەسلەپكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنى ئۈلگە قىلىمىز ۋە ئۆيمۇ-ئۆي ۋەزە قىلىشنى ھەممە ئادەملەرگە خۇش خەۋەرنى ئاڭلىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى، دەپ قارايمىز.