كۈندىلىك ئايەت
«مۇقەددەس يازمىلارنى ھەر كۈنى تەتقىق قىلىش» ناملىق كىتابچىدىن كۈندىلىك ئايەت ۋە ئۇنى چۈشەندۈرىدىغان ئىزاھاتنىمۇ تاپالايسىز. بۇ كىتابچە، مۇقەددەس يازمىلارغا مۇناسىۋەتلىك ماۋزۇلار ھەققىدىكى ئىلھام بېرىدىغان ئوي-پىكىرلەر ۋە ئىجابىي كۆزقاراش بىلەن، يېڭى بىر كۈننى باشلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.
گەرچە كۈندىلىك ئايەت ۋە ئىزاھاتنى خالىغان ۋاقىتتا ئوقۇشقا بولسىمۇ، كۆپىنچە ئادەملەر شۇلارنى ئەتىگەندە ئوقۇپ، چوڭقۇر ئويلىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار كۈن بويى بۇ ئوي-پىكىرلەر ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزىدۇ. ئەگەر ئائىلىڭىز بولسا، كۈندىلىك ئايەتنى بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلىش پايدىلىق.
كۈندىلىك ئايەتنى «كۈزىتىش مۇنارى تور كۇتۇپخانىسى» ئارقىلىق ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كۈندىلىك ئايەتنى يىل بويى ھەر كۈنى ئوقۇش ئۈچۈن، باسما نەشرىگە ماس كېلىدىغان PDF ھۆججەت شەكلىدە نەشىر قىلىنغان ئېلېكترونلۇق كىتابچىنى توردىن چۈشۈرۈۋالسىڭىز بولىدۇ.