مۇقەددەس يازمىلار ئۆزگەرتىلگەنمۇ ياكى بۇرمىلانغانمۇ؟
ياق. قەدىمىي قوليازمىلارنى سېلىشتۇرۇش شۇنى كۆرسىتىدۇكى، مۇقەددەس يازمىلار نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئاسان چىرىپ كېتىدىغان ماتېرىياللارغا كۆچۈرۈلۈپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۆزگىرىپ كەتكەن ئەمەس.
بۇ كۆچۈرگۈچىلەرنىڭ ھەرگىز خاتالىق سادىر قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرەمدۇ؟
مۇقەددەس كىتابنىڭ مىڭلىغان قەدىمىي قوليازمىلىرى تېپىلغان. بەزىلىرىدە ساناقلىق پەرقلەر بار بولۇپ، كۆچۈرۈلۈپ كۆپەيتىلگەندە سادىر قىلىنغان خاتالىقلار. بۇ پەرقلەرنىڭ كۆپىنچىسى تىلغا ئالغۇسىز دەرىجىدە كىچىك بولغاچ، مەزمۇنىنىڭ مەنىسىگە تەسىر قىلمايدۇ. بىراق، بىرقانچە كۆرۈنەرلىك تىلغا ئالغۇدەك پەرقلەرمۇ تېپىلغان. ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى قەستەن مۇقەددەس كىتابنىڭ مەزمۇنىغا ئاشۇ ئۆزگەرتىشلەر كىرگۈزۈلگەن بولۇشى مۇمكىن. ئىككى مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى.
مۇقەددەس كىتابنىڭ بەزى تەرجىمىلىرىدە، يۇھاننانىڭ 1-خېتى 5:7-ئايەت مۇنداق دەپ تەرجىمە قىلىنغان: «. . . ئاسماندا ئاتا، سۆز ۋە مۇقەددەس روھ بار ۋە بۇ ئۈچى بىردۇر». بىراق، ئىشەنچىلىك قوليازمىلار بۇ سۆزلەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدا بولمىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ئۇلار كېيىنرەك كىرگۈزۈلگەن ئىدى *. شۇڭا، بۇ سۆزلەر بۈگۈنكى كۈندىكى ئىشەنچىلىك تەرجىمىلەردە يوق.
خۇدانىڭ خاس ئىسىمى قەدىمىي قوليازمىلاردا تەخمىنەن 7000 قېتىم ئۇچرايدۇ. شۇنىڭغا قارىماي، مۇقەددەس كىتابنىڭ كۆپلىگەن تەرجىمىلىرىدە، بۇ ئىسىم «خۇدا» ياكى «پەرۋەردىگار» كەبى نام-ئۇنۋانلارغا ئالماشتۇرۇلغان.
مۇقەددەس كىتابتا يەنە تېخى بايقالمىغان باشقا خاتالىقلار بارمۇ؟
بۈگۈنكى كۈندە قەدىمىي قوليازمىلار شۇنچە كۆپ تېپىلىۋاتىدۇكى، خاتالىقلارنى ئېنىقلاش بۇرۇنقىدىن ئاسانراق *. بۇ قوليازمىلارنى سېلىشتۇرۇش مۇقەددەس كىتابنىڭ توغرىلىقىغا قارىتا نېمىلەرنى ئاشكارە قىلغان؟
كونا ئەھدە ياكى ئىبرانىي يازمىلارنىڭ تېكىستى ھەققىدە، ئالىم ۋىليام گېرىن مۇنداق دەپ ئېيتقان: «شۇنىڭغا ئىشەنچ قىلالايمىزكى، نۇرغۇن زامانلار قولدا كۆچۈرۈلۈپ، مەزمۇنى ئۆزگىرىپ كەتمىگەن، باشقا قەدىمقى ئەسەرلەر مۇقەددەس يازمىلاردەك ئۇنداق توغرا يەتكۈزۈلمىگەن».
يېڭى ئەھدە ياكى گرېك يازمىلار ھەققىدە، مۇقەددەس كىتاب تەتقىقاتچىسى فېرىدېرىك بۇرۇس مۇنداق دەپ يازغان: «نۇرغۇن يازغۇچىلارنىڭ كىلاسسىك ئەسەرلىرىنىڭ ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىنى تەستىقلايدىغان ئىسپاتلارغا قارىغاندا، يېڭى ئەھدىنىڭ [ئىنجىل] مەزمۇنى ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىنى تەستىقلايدىغان ئىسپاتلار ناھايىتى كۆپتۇر».
مۇقەددەس كىتاب قوليازمىلىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان داڭلىق مۇتەخەسسىس فېرىدېرىك كېنيون ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، «مەسىھ ئەگەشكۈچىسى مۇقەددەس كىتابنى قورقماي قولىغا ئېلىپ، قىلچە ئىككىلەنمەيلا، خۇدانىڭ سۆزى ئەسىرلەر بويى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە يېتىپ كېلىپ، چوڭ ئۆزگەرتىلمەي ساقلانغانلىقىنى ئېيتالايدۇ»
مۇقەددەس كىتابنىڭ مەزمۇنى ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان باشقا سەۋەبلەر
يەھۇدىي ۋە مەسىھىي نۇسخا كۆچۈرگۈچىلەر خۇدانىڭ خەلقى ئۆتكۈزگەن چوڭ خاتالىقلار ھەققىدىكى ۋەقەلەرنى ساقلاپ قالغان *. (سانلار 20:12؛ سامۇئىلنىڭ 2-يازمىسى 11:2—4؛ گالاتىيالىقلارغا 2:11—14). شۇنىڭدەك، ئۇلار يەھۇدىي خەلقى ئىتائەتسىزلىكى تۈپەيلىدىن ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ھەمدە ئىنسانىي تەلىملەرنىڭ ناتوغرا ئىكەنلىكىنى ئاشكارە قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى مەلۇمات ساقلاپ قالغان (ھوشىيا 4:2؛ مالاكى 2:8، 9؛ مەتتا 23:8، 9؛ يۇھاننانىڭ 1-خېتى 5:21). ئۇلار بۇ ئىش-ۋەقەلەرنى توغرا كۆچۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىشەنچىلىك ۋە خۇدانىڭ مۇقەددەس سۆزىنى ھۆرمەتلەپ ئۇلۇغلىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
خۇدا ئۆزى ئىنسانلارغا كۆرسەتمە بېرىپ، مۇقەددەس كىتابنى يازدۇرغان بولسا، ئۇ ئۇنىڭ مەزمۇنى بۇرمىلانماي، ساقلىنىپ قېلىشىغا كۆڭۈل بۆلمەمدۇ؟ * (يەشايا 40:8؛ پېترۇسنىڭ 1-خېتى 1:24، 25). ئېنىقكى، خۇدا مۇقەددەس كىتابنىڭ پەقەت قەدىمقى زاماندا ياشىغان كىشىلەر ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى بىز ئۈچۈنمۇ پايدىلىق بولۇشىنى خالايدۇ (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 10:11). شۇنىڭ بىلەن بىرگە، «بۇ ۋەقەلەر بىزلەرگە ساۋاق بولۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەنىدى. شۇنداقلا بۇ ۋەقەلەر ئاخىر زاماندا ياشاۋاتقان بىزلەرنىڭ ئۇلاردەك بولۇپ قالماسلىقىمىز ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن خاتىرىلەنگەنىدى» (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 10:11)
ئىبرانىي يازمىلارنىڭ كۆچۈرۈلگەن نۇسخىلىرىدىن، ئەيسا ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئايەتلەرنى نەقىل كەلتۈرۈپ، قەدىمىي قوليازمىلارنىڭ مەزمۇنى ئۆزگەرتىلمىگەن ۋە بۇرمىلانماي ساقلانغانلىقىغا ئىشەنگەن (لۇقا 4:16—21؛ ئەلچىلەر 17:1—3)
^ سىناي ۋە ئالېكساندرىيە قوليازمىسى ، ۋاتىكان قوليازمىسى (1209)، ۋۇلگاتې لاتىن تەرجىمىسى، فېلوسېنىئان-خاركلىن قەدىمىي سۈرىيانى تەرجىمىسى ياكى پېشىتتا قەدىمىي سۈرىيانى تەرجىمىلىرىدە، بۇ سۆزلەر يوق.
^ مەسىلەن، مۇقەددەس يازمىلارنىڭ گرېك تىلىدىكى ئىنجىل قىسمى ياكى گرېك يازمىلىرىنىڭ 5000دىن كۆپرەك قوليازمىلىرى تېپىلغان.
^ مۇقەددەس يازمىلاردا، خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ خاتالىق سادىر قىلمايدىغانلىقى ئېيتىلمىغان. ئۇنىڭدا: «بىرمۇ گۇناھ ئۆتكۈزمەيدىغان ئادەم يوقتۇر»،— دەپ يېزىلغان (پادىشاھلار 1-يازما 8:46).
^ مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغاندا، خۇدا نېمىلەرنى يېزىشنى سۆزمۇ-سۆز ئېيتىپ تۇرمىغان بولسىمۇ، يازغۇچىلارنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۆز سۆزلىرىنى يازدۇرغان.