مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇ‌قاۋىدىكى ماۋزۇ | مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزگە قانداق يېتىپ كە‌لگە‌ن؟‏

بۇ‌نى بىلىش مۇ‌ھىممۇ؟‏

بۇ‌نى بىلىش مۇ‌ھىممۇ؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب باشقا دىنىي كىتابلاردىن كۆپ پە‌رقلىنىدۇ.‏ تارىختىن بۇ‌يان،‏ باشقا ھېچقانداق كىتاب ئىنسانلارنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادىغا شۇ قە‌دە‌ر كۈچلۈك تە‌سىر قىلالمىغان.‏ باشقا تە‌رە‌پتىن،‏ ھېچبىر كىتاب ئۇ كە‌بى ئىنچىكە تە‌تقىق قىلىنىپ تە‌كشۈرۈلمىگە‌ن ۋە قاتتىق تە‌نقىد قىلىنمىغان.‏

مە‌سىلە‌ن،‏ بە‌زى ئالىملار بۈگۈنكى كۈندىكى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئىشە‌نچىلىك ئىكە‌نلىكىدىن گۇ‌مانلىنىدۇ.‏ بىر پروفېسسور بۇ ئوي-‏پىكىرنى چۈشە‌ندۈرۈپ،‏ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «بىز ئە‌سلى نۇ‌سخىسىنى توغرا ئە‌سلىگە كە‌لتۈرە‌لىگە‌نلىكىمىزگە ئىشە‌نچ قىلىپ كېتە‌لمە‌يمىز.‏ قولىمىزدا پە‌قە‌ت خاتالىقلارغا تولغان نۇ‌سخىلىرى بار.‏ ئۇ‌لارنىڭ كۆپىنچىسى ئە‌سلى قوليازما نۇ‌سخىسى يېزىلىپ،‏ يۈزلىگە‌ن يىللار ئۆتكە‌ندىن كېيىن پە‌يدا بولغان ۋە ئۇ‌لارنىڭ ئىچىدە مىڭلىغان خاتالىقلار بار».‏

باشقىلار بولسا،‏ ئۆز دىنىي كۆزقارىشى سە‌ۋە‌بلىك،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئىشە‌نچىلىك ئىكە‌نلىكىدىن گۇ‌مانلىنىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ فايزېل ئىسىملىك كىشى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئاللادىن كە‌لگە‌نلىكىنى،‏ لېكىن ئۇ ئۆزگە‌رتىلگە‌نلىكىنى ئۆگە‌نگە‌ن.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «نە‌تىجىدە،‏ مېنىڭ بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌ققىدە سۆزلە‌شمە‌كچى بولغان ئادە‌ملە‌رگە گۇ‌مان بىلە‌ن قارايدىغان بولدۇ‌م.‏ نېمە دېمىگە‌ن بىلە‌ن،‏ ئۇ‌لارنىڭ قولىدا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئە‌سلى نۇ‌سخىسى يوق،‏ ئۇ ئۆزگە‌رتىلگە‌ن!‏»‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆزگە‌رتىلگە‌ن ياكى ئۆزگە‌رتىلمىگە‌نلىكىنى بىلىش مۇ‌ھىممۇ؟‏ ئويلاپ كۆرۈڭ:‏ ئە‌گە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆزگە‌رتىلگە‌ن بولسا،‏ ئۇ‌نىڭدا يېزىلغان ئاجايىپ كېلە‌چە‌ك ھە‌ققىدىكى ۋە‌دىلە‌رگە ئىشىنىشكە بولامدۇ؟‏ (‏رىملىقلارغا 15:‏4‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ھازىر بار نۇ‌سخىلىرى خاتالىقلارغا تولغان بولسا،‏ ئىش،‏ ئائىلە،‏ خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىش دېگە‌ندە‌ك ھاياتتىكى مۇ‌ھىم ساھە‌لە‌ردە ئۇ‌نىڭ پرىنسىپلىرىنى ئىشلىتىپ،‏ قارار چىقىرامسىز؟‏

گە‌رچە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئە‌سلى قوليازما نۇ‌سخىسى ساقلىنىپ قالمىغان بولسىمۇ،‏ ئۇ‌نىڭ قە‌دىمقى نۇ‌سخىلىرى،‏ يە‌نى مىڭلىغان قوليازما كۆچۈرمىلىرى بار.‏ بۇ قوليازمىلار ئە‌سىرلە‌ر بويى ۋاقىتنىڭ سىنىقى،‏ مە‌نئىي قىلىنىش ۋە كە‌مسىتىلىش ۋە تېكىستىنى ئۆزگە‌رتىشكە ئۇ‌رۇ‌نۇ‌ش قاتارلىق تۈرلۈك ھۇ‌جۇ‌ملارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن بولسىمۇ،‏ ئۇ قانداق بولۇ‌پ كۈنلىرىمىزگىچە ساقلىنىپ قالغان؟‏ ئۇ‌نىڭ ساقلىنىپ قالغانلىقى ھازىر قولىمىزدا بار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا بولغان ئىشە‌نچىمىزنى قانداق كۈچە‌يتىدۇ؟‏ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابلىرىنى كېيىنكى ماقالىدىن بىلە‌لە‌يسىز.‏