4. نېمە ھەققىدە دۇئا قىلىش كېرەك؟
ئەيسا ئەلەيھىسسالام تاغدىكى ۋەز-نەسىھىتىدە ئۆز شاگىرتلىرىغا دۇئا قىلىشنىڭ ئۈلگىسىنى كۆرسەتكەن ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە مىليونلىغان ئادەملەر بۇ دۇئانى ئوقۇپ، ھەتتا ھەر كۈنى سۆزمۇ-سۆز يادقا تەكرارلىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە شۇ سۆزلەرنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشەنمەيدۇ. بىراق، ئەيسا پەيغەمبەر ئادەملەرنىڭ بۇ دۇئانى يادلىۋېلىپ، قايتا-قايتا ئېيتىشىنى خالىغانمۇ؟ ئەلۋەتتە، ياق. بىز بۇنى نەدىن بىلىمىز؟
ئەيسا پەيغەمبەر بۇ ئۈلگىلىك دۇئانى ئېيتىشتىن ئاۋۋال: «ئوخشاش سۆزلەرنى قايتا-قايتا تەكرار ئېيتماڭلار»،— دەپ ئېيتقان (مەتتا 6:7). بۇ ئايەتتىن كۆرگىنىمىزدەك، بىزنىڭ مەلۇم بىر دۇئانى يادلىۋېلىپ، ئۇنى قايتا-قايتا تەكرارلىشىمىزنى پەيغەمبەر خالىمىغان. ئەسلى ئۇ دۇئالىرىمىزدا، ئۇلارنىڭ مەزمۇنىغا دىققەت قىلىش، يەنى نېمە ھەققىدە دۇئا قىلىش كېرەكلىكىنى ئۆگەتكەن ۋە نېمە مۇھىمراق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىقىمىزنى خالىغان. كېلىڭ، ئىنجىلدىكى مەتتا كىتابى، 6-باب، 9—13-ئايەتلىرىدە يېزىلغان ئۈلگىلىك دۇئانى كۆرۈپ چىقايلى.
«ئاسماندىكى ئاتىمىز، ئىسىمىڭ مۇقەددەس بولسۇن»
بۇ سۆزلەرنى ئېيتقاندا، ئەيسا پەقەت ئۆز ئاتىسى يەھۋاغىلا دۇئا قىلىش كېرەكلىكىنى شاگىرتلىرىنىڭ ئېسىگە سالغان. بىراق، سىز شۇنى بىلەمسىز: نېمە ئۈچۈن خۇدانىڭ ئىسىمى شۇنچە بەك مۇھىم؟ نېمە ئۈچۈن ئۇ ئىسىم ئۇلۇغلىنىشى كېرەك؟
ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ باشلىنىشىدا، خۇدانىڭ ئىسىمىغا داغ تەككۈزۈلگەنىدى. شەيتان ئىبلىس پەرۋەردىگارنى، ياراتقان مەۋجۇداتلىرىغا غەمخورلۇق قىلمايدۇ ۋە ئۇ ناچار ھۆكۈمران بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئۈستىدە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقى يوق،— دەپ ئەيىبلەپ، ئۇنىڭغا تۆھمەت قىلغان (يارىتىلىش 3:1—6). نۇرغۇن كىشىلەر شەيتان تەرەپتە تۇرۇپ، ئاللا پەرۋاسىز، تاش يۈرەك، شەپقەتسىز، دەپ تەلىم بېرىپ، ھەتتا ئۇنىڭ ياراتقۇچى ئىكەنلىكىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىدۇ. باشقىلار بولسا، خۇدانىڭ يەھۋا دېگەن ئىسىمىغا ھۇجۇم قىلىپ، ھەتتا مۇقەددەس كىتابنىڭ تەرجىمىلىرىدىن چىقىرىپ تاشلاپ، ھەتتا ئۇ ئىسىمنى تىلغا ئېلىشنى مەنئىي قىلىدۇ.
مۇقەددەس كىتابتا يېزىلغاندەك، خۇدا كېلەچەكتە بۇنداق ئادالەتسىزلىكنى تامامەن يوق قىلىدۇ (ھەزەكىيال 39:7). شۇنداق قىلىپ، ئاللا بارلىق قىيىنچىلىقلىرىمىزنى ھەل قىلىدۇ. قانداق قىلىپ؟ ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ كېيىنكى سۆزلىرى بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىدۇ.
«پادىشاھلىقىڭ كەلسۇن»
بۈگۈنكى كۈندە، نۇرغۇن دىنىي رەھبەرلەر، «خۇدا پادىشاھلىقى» دېگەن نېمە؟ بۇ توغرىسىدا ئورتاق بىر ئوي-پىكىرگە كېلەلمىدى. لېكىن، ئەيسانىڭ تىڭشىغۇچىلىرى بولسا، بۇ نېمىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ياخشى بىلگەن ئىدى. سەۋەبى، ئۇلار پەيغەمبەرلەر ئېيتقان سۆزلەرنى، يەنى ھەق خۇدا ئۆز پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى سۈپتىدە مەسىھنى تەيىنلىگەنلىكى ۋە بۇ پادىشاھلىق يەر يۈزىدە بارچە قىيىنچىلىقلارنى تۈپ يىلتىزىدىن يوق قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى بېشارەتلەرنى بىلگەن (يەشايا 9:6، 7؛ دانىيال 2:44). شۇ پادىشاھلىق شەيتاننىڭ يالغانچىلىقىنى ئاشكارا قىلىپ، ھەممە ئىشلىرىنى يوققا چىقارغاندا، خۇدانىڭ ئىسىمىنى مۇقەددەس قىلىدۇ. خۇدا پادىشاھلىقى ئۇرۇشلار، ئاغرىقلار، ئاچارچىلىق ھەتتا ئۆلۈمنى يوق قىلىدۇ (زەبۇر 46:9؛ 72:12—16؛ يەشايا 25:8؛ 33:24). شۇڭا، دۇئادا خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ كېلىشىنى تىلغا ئالغاندا، سىز ئەسلى شۇ ۋەدىلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ھەققىدە دۇئا قىلىسىز.
«ئىرادەڭ ئاسماندىكىگە ئوخشاش يەر يۈزىدىمۇ ئەمەلگە ئاشسۇن»
ئەيسانىڭ بۇ سۆزلىرى خۇدانىڭ ئىرادىسى ئاسماندا ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى،ل شۇنىڭدەك يەنە يەردە ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئېنىقكى، خۇدانىڭ ئىرادىسى ئاسماندا ئەمەلگە ئېشىشىغا ھېچ نەرسە توسقۇنلۇق قىلالمىغان. مەسىلەن، پادىشاھلىقنىڭ پادىشاھى ئەيسا مەسىھ ئاسماندا شەيتانغا ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكەنلەرگە قارشى جەڭ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى يەرگە تاشلىغان (ۋەھىيلەر 12:9—12). بۇ ئۈلگىلىك دۇئادىكى ئۈچىنچى ئۆتۈنۈش، ئالدىنقى ئىككىسىگە ئوخشاش ئۆز پايدا-مەنپەئىتىمىزگە ئەمەس، ئاۋۋال خۇدانىڭ ئىرادىسىگە دىققەت ئاغدۇرۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. خۇدانىڭ ئىرادىسى ئەمەلگە ئېشىشى بىلەن بارچە مەۋجۇداتلار چوقۇم بەرىكەتلىنىدۇ. شۇڭا، مۇكەممەل ئىنسان ئەيسا پەيغەمبەر ئۆزى خۇدادىن ئۆتۈنۈپ: «مېنىڭ ئەمەس، بەلكى سېنىڭ ئىرادەڭ بويىچە بولسۇن»،— دەپ سورىغان.—لۇقا 22:42.
«بۈگۈن بىزگە كۈندىلىك نېنىمىزنى بەرگەيسەن»
ھەزرىتى ئەيسانىڭ بۇ سۆزلىرى دۇئادا شەخسىي ئېھتىياجلىرىمىز توغرىلىقمۇ ئېيتالايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ. خۇدادىن تۇرمۇشتىكى ئېھتىياجلىرىمىزنى قانائەتلەندۈرۈشنى سوراشنىڭ ھېچ يامىنى يوق. ئەسلى بۇنداق دۇئالار يەھۋانىڭ ئىنسانلارغا ھاياتلىق، نەپەس، شۇنداقلا ئېھتىياجلىق بولغان ھەرقانداق نەرسىنى بېرىدىغانلىقىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ (ئەلچىلەر 17:25). مۇقەددەس كىتاب يەھۋانى ئۆز بالىلىرىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى خۇشاللىق بىلەن قامدايدىغان كۆيۈمچان ئاتىغا ئوخشىتىدۇ. لېكىن، مېھرىبان ۋە غەمخور ئاتىدەك خۇدا ئۇلارغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئۆتۈنۈشلىرىنى ئورۇنلىمايدۇ.
«گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن».
بىز خۇداغا قەرزدارمىزمۇ؟ ئۇنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈشىگە مۇھتاجمۇ؟ بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن ئادەملەر گۇناھنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇ گۇناھنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىنى چۈشەنمەيدۇ. لېكىن، مۇقەددەس كىتاب، گۇناھ بارچە قىيىنچىلىقلىرىمىز، شۇ جۈملىدىن ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنىڭ ئاساسىي سەۋەبى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ (رىملىقلار 3:23؛ 5:12؛ 6:23). خۇدايىمىزنىڭ «مېھرىبان ۋە كەچۈرۈمچان» ئىكەنلىكىنى بىلىش، بىز ئۈچۈن نەقەدەر زور تەسەللى-ھە!—زەبۇر 86:5.
«بىزنى ياۋۇزنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغايسەن»
خۇدانىڭ ھىمايىسىگە قانچىلىك مۇھتاج ئىكەنلىكىڭىزنى چۈشىنىۋاتامسىز؟ كۆپ كىشىلەر شەيتاننىڭ بارلىقىنى رەت قىلىدۇ. بىراق، ئەيسا ئەلەيھىسالام شەيتاننىڭ بارلىقىنى رەت قىلمىغان، بەلكى يەنە ئۇنى «دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارى» دەپ ئاتىغان (يۇھاننا 12:31؛ 16:11). شەيتان ئۆز قولى ئاستىدا بولغان دۇنياغا يامان تەسىر قىلىدۇ. شۇنداقلا، ئۇ سىزگىمۇ يامان تەسىر قىلىپ، يەھۋا بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتىڭىزنى بۇزۇشقا ئۇرۇنىدۇ (1-پېترۇس 5:8). بىراق، شەيتانغا قارىغاندا، يەھۋانىڭ كۈچ-قۇدرىتى چەكسىزدۇر ۋە ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغانلارنى خۇشاللىق بىلەن ھىمايە قىلىدۇ.
ئەيسا ئۈلگىلىك دۇئاسىدىكى ئاساسىي نۇقتىلارنىڭ قىسقىچە خۇلاسىسى، بۇ دۇئادا ئېيتىدىغان ھەممىلا ماۋزۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. مۇقەددەس كىتابتىكى مەزكۇر ئايەتنى ئېسىمىزگە ئالايلى: «خۇدانىڭ ئىرادىسىگە مۇۋاپىق نېمىنى تىلىسەك، ئۇ بىزنى ئاڭلايدۇ» (1-يۇھاننا 5:14). شۇڭا، غەم-تەشۋىشلىرىم خۇدانىڭ ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەس، ھەتتا ئۇلارنى دۇئادا تىلغا ئېلىپ، خۇداغا ئېيتىپ بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ ئويلىماڭ.—1-پېترۇس 5:7.
ئۇنداقتا، قاچان ۋە قەيەردە دۇئا قىلىش كېرەك؟ بۇ سوئالغا كېيىنكى ماقالىدە جاۋاب تاپالايسىز.