ئەر-ئاياللار ئۈچۈن
2. ئۆزئارا ھەمكارلىشىش
دېگەن نېمە؟
نىكاھىدا ئۆزئارا ھەمكارلىشىدىغان ئەر-ئايالنى ئۇچىۋاتقان ئايروپىلاندىكى كاپىتان ۋە ياردەمچى ئۇچقۇچىغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار بىرەر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلسە، ھەر بىرى «مەن» ئەمەس، بەلكى «بىز» دەپ ئويلايدۇ.
مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپ: «ئاندىن كېيىن ئۇلار ئىككى ئەمەس، بىر بەدەندۇر».— مەتتا 19:6.
«توي قىلغانلار بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم ئۆزئارا ھەمكارلىشىشى كېرەك» (كرىستوفېر).
نېمە ئۈچۈن بۇ مۇھىم؟
«ئۆزئارا ھەمكارلاشمايدىغان ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار پەيدا بولغاندا، ئۇلار شۇ قىيىنچىلىقلارغا قارشى ئەمەس، بەلكى ئۆزئارا بىر-بىرىگە قارشى كۈرەش قىلىشقا مايىل بولىدۇ. ئاخىرىدا ئەرزىمەس تۈگمىدەك كىچىككىنە ئىش تۆگىدەك چوڭ ئىش كەبى بىر قىيىنچىلىققا ئايلىنىدۇ»
«ئەر-ئايال ئارىسىدا ھەمكارلىق روھى بولۇشى كېرەك. ئەگەر ھەمراھىم ئىككىمىز ھەمكارلاشمىساق، بىر-بىرىمىز بىلەن ئەر-ئايال ئەمەس، ياتاقداش بولۇپ قالاتتۇق. باشقىچە سۆز بىلەن ئېيتقاندا، ئىككى كىشى بىللە ياشىسىمۇ، مۇھىم قارارنى چىقىرىشتا بىر ياقىدىن باش چىقىرالمايدۇ» (ئالېكساندىرا).
نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟
ئۆزىڭىزنى سىناپ كۆرۈڭ
-
ئىشلەپ تاپقان پۇلنى پەقەت «مېنىڭكى» دەپ قارامسىز؟
-
مەن ياخشى ئارام ياكى دەم ئېلىش ئۈچۈن جۈپتۈم بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈش كېرەكمۇ؟
-
ئۆمۈرلۈك جۈپتۈمنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇشىغا قارىماي، ئۇلاردىن قېچىپ يۈرىمەنمۇ؟
جۈپتىڭىز بىللە مۇھاكىمە قىلىڭ
-
قايسى ساھەلەردە بىز ئۆزئارا ياخشى ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتىمىز؟
-
قايسى ساھەلەردە تېخىمۇ ياخشىراق ھەمكارلىشىشقا تىرىشساق بولىدۇ؟
-
ھەمكارلىقىمىزنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قانداق قەدەم-باسقۇچلارنى بېسىشىمىز كېرەك؟
مەسلىھەتلەر
-
ئۆمۈرلۈك جۈپتىڭىزنى تېننىس ئوينايدىغان رىقابەتچىڭىز دەپ قارىماڭ. بۇنىڭ ئورنىغا، جورىڭىز بىلەن بىر تەرەپتە تۇرۇپ، بىرلىكتە قىيىنچىلىقلارغا قارشى كۈرەش قىلىڭ.
-
«قانداق يېڭىۋالسام بولىدۇ؟» دېمەي، «قانداق قىلىپ بىز يېڭىپ چىقالايمىز؟» دەپ ئويلاڭ.
«كىم توغرا، كىم خاتا دېگەننى ئۇنتۇپ كېتىڭ. ئەڭ مۇھىمى، ئەر-ئايال ئارىسىدا تىنچ-خاتىرجەملىك ۋە ئىناقلىق ھۆكۈم سۈرۈشى كېرەك» (ئىسان).
مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپ: «پەقەت ئۆز مەنپەئەتىڭلارنىلا ئەمەس، باشقىلارنىڭمۇ مەنپەئەتلىرىنى ئويلاڭلار».—فىلىپىلىكلەر 2:3، 4؛ ي.د.