مۇقەددەس كىتاب بىزگە قانداق يېتىپ كەلگەن؟
مۇقەددەس كىتاب بىزگە قانداق يېتىپ كەلگەن؟
مۇقەددەس كىتاب بىزنىڭ كۈنلىرىمىزگىچە ئۆزگەرمەي، يېتىپ كەلگەنلىكى بىر مۆجىزە! 1900 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، ئۇ يېزىلىپ تاماملانغان. ئۇ تېز چىرىپ كېتىدىغان ماتېرىياللارغا، يەنى پاپىرۇس قومۇشىدىن ياسالغان قەغەزگە ۋە ھايۋاناتلارنىڭ تېرىسىدىن ياسالغان تېرە قەغەزلەرگە يېزىلغان ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە مۇقەددەس يازمىلار يېزىلغان قەدىمقى تىللارنى ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەر چۈشىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھوقۇقدارلار، ئىمپېراتورلار ۋە دىنىي رەھبەرلەر بار كۈچى بىلەن مۇقەددەس كىتابنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنغان.
بۇ ئاجايىپ يازمىلار قانداق قىلىپ ۋاقىتنىڭ سىنىغىدىن ئۆتۈپ، ئەڭ كەڭ تارقالغان كىتابقا ئايلانغان؟ كېلىڭ، بۇنىڭ پەقەت ئىككى سەۋەبىنى كۆرۈپ چىقايلى.
نۇسخا كۆچۈرۈش
ئەڭ دەسلەپكى مۇقەددەس يازمىلارنىڭ مەزمۇنىنى قوغدىغۇچىلار بولغان ئىسرائىللار قەدىمقى ئورام يازمىلارنى ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ساقلاپ، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىغان قولدا كۆچۈرۈپ كۆپەيتىلگەن نۇسخىلىرىنى چىقارغان. مەسىلەن، ئىسرائىل پادىشاھلىرىغا «شەرىئەت كىتابىنى ئالدۇرۇپ كېلىپ، ئۇنى بىر كىتابقا كۆچۈرۈۋېلىپ» ساقلاش ھەققىدە ئەمىر بېرىلگەن (تەكرار.قا 17:18).
كۆپ ئىسرائىللار مۇقەددەس يازمىلارنى ئاللانىڭ سۆزى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرگەن. مەخسۇس تەربىيىلەنگەن كاتىپلار ياكى كۆچۈرگۈچىلەر يازمىلارنىڭ تۈپ نۇسخىسىدىن ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن كۆچۈرۈپ كەلگەن. خۇدادىن ئەيمىنىدىغان بۇ كۆچۈرگۈچىلەرنىڭ بىرى ئەزرا ھەققىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇ بولسا كاتىپ بولۇپ، ئىسرائىلنىڭ تەڭرىسى خۇداۋەندە مۇساغا بەرگەن شەرىئەتنىڭ بىلىشىدە كامىل ئىدى» (ئەزرا 7:6). مىلادى IV—XI ئەسىرلەردە، ئىبرانىي يازمىلاردىن ياكى «كونا ئەھدە» كىتابىدىن نۇسخا كۆچۈرگەن ماسورېتلار خاتالىقلار كىرگۈزۈلمەسلىكى ئۈچۈن، ھەتتا تېكىستنىڭ ھەر بىر ھەرىپىنى ساناپ چىققان ئىدى. بۇنداق ئېھتىياتچانلىق بىلەن كۆچۈرۈلگەچكە، دۈشمەنلەر بار كۈچى بىلەن قايتا-قايتا بۇ يازمىلارنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، يازمىلار ۋە ئۇنىڭ مەزمۇنى توغرا ساقلىنىپ قېلىشىغا كاپالەتلىك قىلغان.
مەسىلەن، مىلادىدىن ئىلگىرى 168-يىلى سۈرىيە ھۆكۈمرانى ئانتىئوخ VI پۈتۈن پەلەستىن زېمىنىدا تېپىلغان ئىبرانىي يازمىلارنىڭ بارچە نۇسخىلىرىنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنغان. يەھۇدىيلار تارىخىدا شۇ دەۋىر توغرۇلۇق مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇلار تاپقان ھەرقانداق تەۋرات ئورام يازمىلىرىنى يىرتىپ، كۆيدۈرۈۋەتتى». يەھۇدىيلارنىڭ قامۇسىدا بولسا: «ھوقۇقدارلار بۇ ئەمىرنى پۈتۈن جان دىلى بىلەن ئورۇندىغان . . . مۇقەددەس يازمىلارنى ساقلىغانلارنىڭ ھەممىسى . . . ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان»،— دەپ يېزىلغان («The Jewish Encyclopedia»). قانداقلا بولمىسۇن، پەلەستىندە ۋە باشقا يۇرتلاردا ياشىغان يەھۇدىيلار مۇقەددەس يازمىلارنىڭ نۇسخىلىرىنى ساقلاپ قالغان.
گرېك يازمىلار ياكى «يېڭى ئەھدە» يېزىلىپ تاماملىنىپ كۆپ ئۆتمەي، ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق خۇدانىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن يېزىلغان خەتلەر، پەيغەمبەرلىك ھەم تارىخىي خاتىرە يازمىلارنىڭ نۇسخىلىرى كەڭ تارقىلىشقا باشلىغان. مەسىلەن، يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر ئەفەستە ياكى ئۇنىڭغا يېقىن جايدا يېزىلغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئاشۇ خۇش خەۋەرنىڭ ئەسلى تۈپ نۇسخىسى يېزىلىپ، 50 يىلدىن كېيىن كۆچۈرۈلۈپ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنىڭ بىر ئۈزۈندىسى ئەفەستىن يۈزلەرچە كىلومېتر يىراقلىقتا تۇرغان مىسىردا تېپىلغان ئىدى. بۇ بايقاش يىراق جايدا ياشىغان مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ قولىدا يېقىندىلا خۇدانىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن يېزىلغان يازمىلارنىڭ كۆچۈرۈلگەن نۇسخىلىرى بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ زامانىدىن نەچچە يۈز يىللار ئۆتكەندىن كېيىنمۇ، مۇقەددەس كىتابنىڭ كەڭ تارقىلىشى ئۇنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مەسىلەن، مىلادى 303-يىلى، فېۋرالنىڭ 23-كۈنى تاڭ سەھەردە، رىم ئىمپېراتورى دىئوكلېتىئان ئۆز ئەسكەرلىرىنىڭ بىر چىركاۋنىڭ ئىشىكىنى چېقىپ تاشلاپ، مۇقەددەس يازمىلارنىڭ كۆچۈرۈلمە نۇسخىلىرىنى كۆيدۈرگەنلىكىنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرگەنلىكىنى ئېيتقان. دىئوكلېتىئان مۇقەددەس يازمىلارنى يوق قىلسام، مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلايمەن دەپ ئويلىغان. ئەتىسى ئۇ پۈتۈن رىم ئىمپېرىيە زېمىنىدا مۇقەددەس يازمىلارنىڭ بارچە نۇسخىلىرىنى خەلق ئالدىدا كۆيدۈرۈشنى ئەمىر قىلغان. شۇنداقتىمۇ، مۇقەددەس يازمىلارنىڭ كۆچۈرۈلگەن نۇسخىلىرى ساقلىنىپ قالغان ۋە يەنە كۆچۈرۈلۈپ كۆپەيتىلگەن. ئەمەلىيەتتە، گرېك تىلىدىكى مۇقەددەس كىتابنىڭ پەقەت ئىككى نۇسخىسىنىڭ ئاساسلىق قىسمى بىزنىڭ كۈنلىرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن. ئۇلار دىئوكلېتىئان بۇيرۇق بەرگەندىن كۆپ ئۆتمەي، كۆچۈرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ بىرى رىم شەھىرىدە، ئىككىنچىسى بولسا، لوندوندىكى برىتانىيە كۇتۈپخانىسىدا ساقلانماقتا.
گەرچە مۇقەددەس كىتابنىڭ قوليازمىلىرىنىڭ ئەسلى تۈپ نۇسخىسى تېپىلمىغان بولسىمۇ، تولۇق مۇقەددەس كىتاب ياكى مەلۇم بۆلەكلىرىنىڭ نەچچە مىڭلىغان قوليازما نۇسخىلىرى بىزنىڭ كۈنلىرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بەك قەدىمىي. مۇقەددەس كىتاب كۆچۈرۈلگەندە، ئۇنىڭ مەزمۇنى ئۆزگەرتىلگەنمۇ؟ ئالىم ۋىليام گرىن ئىبرانىي يازمىلار ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «ئىشەنچلىك ئېيتىشقا بولىدۇكى، باشقا قەدىمقى يازمىلارنىڭ ھېچقايسىسى بىرى شۇنچىلىك توغرا يېتىپ كەلمىگەن». مۇقەددەس كىتاب قوليازمىلىرىنىڭ تەتقىقات يېتەكچىسى، ئالىم فرېدېرىك كېنون گرېك يازمىلار توغرۇلۇق مۇنداق دەپ يازغان: «قوليازمىلارنىڭ ئەسلى تۈپ نۇسخىلىرى بىلەن تېپىلغان قولىمىزدا بار ئەڭ قەدىمقى نۇسخىلىرى ئارىسىدىكى ۋاقىت شۇنچىلىك قىسقاكى، ھەتتا بۇنىڭغا ئەسلى ئەھمىيەت بەرمىسىمۇ بولىدۇ. دېمەك، مۇقەددەس كىتاب بىزنىڭ كۈنلىرىمىزگىچە دەسلەپتە يېزىلغاندەك ساقلىنىپ قالغانلىقىغا ھېچقانداق گۇمان يوق. دەرۋەقە، «يېڭى ئەھدە» كىتابلىرى ئىشەنچىلىك ۋە ئەسلىدىكىدەك ساقلىنىپ قالغانلىقىدا ھېچبىر مەسىلە يوق، دەپ ئېيتساق بولىدۇ». ئۇ يەنە: «شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنەلەيمىزكى، مۇقەددەس كىتابنىڭ مەزمۇنىنىڭ توغرا ساقلىنىپ قالغانلىقىغا ھېچقانداق گۇمان يوق . . . دۇنيادىكى باشقا ھېچبىر قەدىمىي كىتاب ھەققىدە بۇنداق ئېيتالمايمىز»،—دېگەن.
مۇقەددەس كىتاب تەرجىمىسى
يەنە مۇقەددەس كىتاب كۆپ تىللارغا تەرجىمە قىلىنغاچقا، دۇنيادىكى ئەڭ تارقالغان كىتابقا ئايلانغان. بۇ ئاللانىڭ ئىرادىسىگە ماس كېلىدۇ. چۈنكى، ئۇ بارچە خەلقلەرنىڭ ئۆزىنى تونۇپ، ئۆزىگە روھ ۋە ھەقىقەت بويىچە ئىبادەت قىلىشىنى خالايدۇ (يۇھ 4:23، 24؛ مىك 4:2).
ئىبرانىي يازمىلارنىڭ دەسلەپكى تەرجىمىسى — گرېك تىلىدىكى سېپتۇئاگىنت. ئۇ ئەيسا پەيغەمبەر توغۇلۇپ، يەر يۈزىدە ئۆز خىزمىتىنى باشلاشتىن تەخمىنەن ئىككى ئەسىر ئىلگىرى پەلەستنىڭ سىرتىدا ياشىغان گرېكچە سۆزلەيدىغان يەھۇدىيلار ئۈچۈن تەييارلانغان ئىدى. ئىنجىل ياكى گرېك يازمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇقەددەس كىتاب پۈتۈنلەي يېزىلىپ بولغاندىن كېيىنكى بىرنەچچە ئەسىر ئىچىدە نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان ئىدى. لېكىن كېيىنرەك، مۇقەددەس كىتابنى ئىنسانلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈش ۋەزىپىسى بار شۇ پادىشاھلار ۋە ھەتتا دىنىي رەھبەرلەر دەل ئەكسىچە بار كۈچى بىلەن تەرجىمە ئىشلىرىغا توسقۇنلۇق قىلىشنى باشلىغان. ئۇلار مۇقەددەس يازمىلارنىڭ ھەممە كىشىلەر ئورتاق چۈشىندىغان تىللارغا تەرجىمە قىلىنىشىنى مەنئىي قىلىپ، ئۇلارنى روھىي قاراڭغۇلۇقتا تاشلاپ قويۇشقا ئۇرۇنغان.
ھۆكۈمەتنىڭ ۋە چىركاۋنىڭ چەكلىمىسىگە قارىماستىن، جەسۇر كىشىلەر ئۆز ھاياتىنى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، مۇقەددەس كىتابنى ھەممە ئادەملەر چۈشىنىدىغان تىللارغا تەرجىمە قىلغان ئىدى. مەسىلەن، ئوكسفوردتا بىلىم ئالغان ۋىليام تىندال ئىسىملىك بىر ئىنگلىز كىشى 1530-يىلى ئىبرانىي يازمىلارنىڭ دەسلەپكى بەش كىتابى بولغان تەۋراتنى نەشىردىن چىقارتقان. قاتتىق قارشىلىققا قارىماي، ئۇ مۇقەددەس كىتابنى بىرىنچى بولۇپ، بىۋاسىتە ئىبرانىي تىلىدىن ئىنگلىزچە تەرجىمە قىلغان. تىندال، ئۇ خۇدانىڭ يەھۋا دېگەن ئىسىمىنى ئىشلەتكەن بىرىنچى ئىنگلىز تەرجىمان ئىدى. مۇقەددەس كىتابنى ئىسپان تىلىغا تەرجىمە قىلغانلارنىڭ بىرى — مۇقەددەس كىتاب تەتقىقاتچىسى كاسىيودورو دې رېينا تەرجىمە خىزمىتى سەۋەبلىك، كاتولىكلار تەرىپىدىن دائىم ئۆلۈم خەۋپ-خەتىرىگە دۇچ كەلگەن. ئۆز ئىشىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، ئۇ ئەنگلىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە، فرانسىيە ۋە شېۋىتسارىيىدەك تۈرلۈك مەملىكەتلەردە ياشاشقا مەجبۇر بولغان. *
بۈگۈنكى كۈندە، مۇقەددەس كىتاب بارغانسېرى كۆپ تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ، مىليونلىغان نۇسخا بېسىپ چىقىرىلغان. ئۇنىڭ ساقلىنىپ قالغانلىقى ۋە ئەڭ تارقالغان كىتابقا ئايلانغانلىقى، ئەلچى پېترۇسنىڭ خۇدانىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن يازغان سۆزلەرنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى تەستىقلايدۇ: «يەر ئوتى قۇرۇيدۇر ۋە گۈل توزۇپ كېتىدۇر. لېكىن خۇداۋەندىنىڭ سۆزى ئەبەدكىچە سابىت [يوقالماي] قالادۇر» (1-پېترۇس 1:24، 25)
[بەت ئاستى ئىزاھاتى]
^ رېينانىڭ تەرجىمىسى 1569-يىلى نەشىردىن چىققان ۋە 1602-يىلى سىپرانو دې ۋالېرا تەرىپىدىن قايتا نەشىر قىلىنغان.
[رامكا\سۈرەت]
قايسى تەرجىمىنى ئوقۇسام بولىدۇ؟
ھازىر نۇرغۇن تىللاردا مۇقەددەس كىتابنىڭ بىرقانچە تەرجىمە نۇسخىلىرى بار. بەزى تەرجىمىلەردە كونا سۆزلەر ۋە چۈشىنىش قىيىن تىل ئىشلىتىلگەن. باشقىلىرىدا بولسا، ئوقۇشقا ئاسان سۆزلەر ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ، مەزمۇنىنى توغرا چۈشۈنۈش قىيىن. يەنە بەزىلىرىدە ئۇدۇل، يەنى پۈتۈنلەي سۆزمۇ-سۆز تەرجىمە قىلىنغان.
يەھۋا گۇۋاھچىلىرى «مۇقەددەس يازمىلارنىڭ يېڭى دۇنيا ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى»نى نەشىر قىلغان. بۇ تەرجىمىنى ئىسىملىرى ئاشكارلانمىغان تەرجىمانلار تەرىپىدىن مۇقەددەس كىتابنىڭ ئەسلى تىلدىكى نۇسخىلىرىدىن تەرجىمە قىلغان. كېيىن، بۇ تەرجىمە مۇقەددەس كىتابنىڭ 60دىن كۆپرەك تىلغا تەرجىمە قىلىنىشىدا ئاساس بولۇپ ئىشلىتىلگەن. شۇ تىللارغا تەرجىمە قىلغۇچىلار دائىم ئەسلى نۇسخىدىكى تىل بىلەن سېلىشتۇرغان. «يېڭى دۇنيا تەرجىمىسى»نىڭ مەقسىتى — مەنىسىنى بۇرمىلىماي، ئەسلى نۇسخىدىكى مەزمۇنىنى مۇمكىنقەدەر سۆزمۇ-سۆز يەتكۈزۈپ بېرىش بولغان. بۇ تەرجىمانلار مۇقەددەس كىتابنىڭ ئەسلى مەزمۇنىنى قەدىمقى زاماندا ياشىغان كىشىلەرگە قانچىلىك چۈشىنىشلىك بولغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئوقۇرمەنلەرگە شۇنچىلىك چۈشىنىشلىك بولۇشى ئۈچۈن تىرىشقان.
بەزى تىلشۇناسلار بۈگۈنكى كۈندىكى مۇقەددەس كىتاب تەرجىمىلىرى، شۇ جۈملىدىن «يېڭى دۇنيا تەرجىمىسى» توغرا تەرجىمە قىلىنغان-قىلىنمىغانلىقىنى ۋە ئۇلاردا ناتوغرا سۆز-ئىبارىلەر بار-يوقلىقىنى تەكشۈرۈپ چىققان. ئاشۇ ئالىملاردىن بىرى ئامېرىكىدىكى شىمالىي ئارىزونا ئۇنىۋېرسىتېتىدا دىنشۇناسلىق ساھەسىدە ئىشلەيدىغان دوسېنت — جېيسون دېيۋىد بېدۇن. ئۇ 2003-يىلى «ئىنگلىز تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەر ئارىسىدا «ئەڭ كەڭ تارقالغان مۇقەددەس كىتاب تەرجىمىسى»دىن توققۇزى ھەققىدە 200-بەتلىك بىر تەتقىقات ماقالىسىنى ئېلان قىلغان. ئۇ تاللاش-تارتىش دەپ قارالغان مۇقەددەس يازمىلارنىڭ بەزى ئۈزۈندىلىرىگە، بولۇپمۇ «تەرجىمە جەريانىدا بىر تەرەپلىمە قاراش كىرگۈزۈلگەن» ئۈزۈندىلەرگە دىققەت-ئېتىبارىنى قاراتقان. ئۇ شۇ ئۈزۈندىلەرنى تەتقىق قىلىپ، تەرجىمانلارنىڭ مەنىسىنى قەستەن بۇزۇش نىيىتى بارلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، ئىنگلىزچە تەرجىمىلەردىكى ئۈزۈندىلەرنى گرېك تىلىدىكى ھەر بىر ئۈزۈندە بىلەن سېلىشتۇرغان. ئۇ قانداق خۇلاسىگە كەلگەن؟
جېيسون بېدۇن شۇنى بايقىغانكى، ««مۇقەددەس كىتاب — يېڭى دۇنيا تەرجىمىسى»نى تەرجىمە قىلىش ئۇسۇلى باشقا تەرجىمىلەرگە ئوخشىمغاچ، كۆپىنچە كىشىلەر ۋە مۇقەددەس كىتاب تەتقىقاتچىلىرى، «يېڭى دۇنيا تەرجىمىسى»نىڭ تەرجىمانلىرى دىنىي كۆزقاراشلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان دەپ قاراشقان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «يېڭى دۇنيا تەرجىمىسى»نىڭ باشقا تەرجىمىلەردىن پەرقلىنىدىغان ئاساسلىق تەرىپى بولسا، ئۇنىڭ سۆزمۇ-سۆز، بەك ئېنىق ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلەن تەرجىمە قىلىنغانلىقىدۇر». گەرچە، بېدۇن «يېڭى دۇنيا تەرجىمىسى»دىكى بەزى ئوي-پىكىرلەرگە قوشۇلمىسىمۇ، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا، ئۇنى «ئۆزى كۆرۈپ چىققان تەرجىمىلەر ئارىسىدىكى ئەڭ توغرا تەرجىمە» دەپ قارىغان ۋە ھەتتا «ئەڭ ياخشى تەرجىمە» دېگەن.
ئىبرانىي تىلىنى تەتقىق قىلىۋاتقان پروفېسسور بىنيامىن كېدار، «يېڭى دۇنيا تەرجىمىسى» ھەققىدە شۇنىڭغا ئوخشاش ئوي-پىكىرنى ئىپادىلەپ، 1989-يىلى مۇنداق دېگەن: «مەن بۇ تەرجىمىدىن بىر توپ سەمىمىي تەرجىمانلارنىڭ ئەسلى نۇسخىدىكى مەزمۇننى مۇمكىنقەدەر ئېنىق ۋە توغرا يەتكۈزۈپ بېرىشكە تىرىشقانلىقىنى كۆرۈپ يەتتىم. . . . مەن ئەسلى نۇسخىدا بولمىغان نەرسىلەرنى «يېڭى دۇنيا تەرجىمىسى»گە قەستەن قوشۇپ قويۇش نىيىتى بارلىقىنى ھەرگىزمۇ بايقىمىدىم».
ئۆز-ئۆزىڭىزدىن سوراڭ: «نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇيمەن؟ مەن ئۈچۈن نېمە بەكرەك مۇھىم: مەزمۇنى توغرا بولۇشىمۇ، ئوقۇشقا ئاسانراق بولۇشمۇ ياكى خۇدا ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن يېزىلغان ئەسلى نۇسخىدىكى ئوي-پىكىرلەرنىڭ مۇمكىنقەدەر ئېنىق يەتكۈزۈلىشىمۇ؟» (پېترۇسنىڭ 2-خېتى 1:20، 21). سىزنىڭ مەقسىتىڭىز قايسى تەرجىمىنى تاللىشىڭىزنى بەلگىلەيدۇ.
[سۈرەت]
«مۇقەددەس كىتاب — يېڭى دۇنيا تەرجىمىسى» كۆپ تىللاردا نەشىر قىلىنغان
[سۈرەت]
ماسورېت قوليازمىلىرى
[سۈرەت]
لۇقا 12:7-ئايەتنىڭ بىر پارچىسى « . . . قورقماڭلار؛ سىلەر نۇرغۇنلىغان قۇشقاچتىن قىممەتلىكسىلەر!»
[رەسىم رۇخسىتى بىلەن]
Foreground page: National Library of Russia, St. Petersburg; second and third: Bibelmuseum, Münster; background: © The Trustees of the Chester Beatty Library, Dublin