مۇقاۋىدىكى ماۋزۇ | نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇش كېرەك
قانداق ۇسۇلدا ئوقۇش ھۇزۇر بېغىشلايدۇ؟
مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇش سىزگە زېرىكىشلىك تۇيۇلامدۇ ياكى ھۇزۇر بېغىشلامدۇ؟ بۇ كۆپىنچە سىزنىڭ قانداق ئوقۇشىڭىزغا باغلىق. كېلىڭ، مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇشقا بولغان قىزغىنلىقىڭىزنى ئاشۇرۇشقا ۋە ئوقۇشتىن كۆپرەك ھۇزۇر ئېلىشقا ياردەم بېرىدىغان بىرقانچە مەسلىھەتنى كۆرۈپ چىقايلى.
ئىشەنچىلىك ۋە زامانىۋىي تىلدىكى تەرجىمىنى تاللاڭ. ئەگەر كىتابتا مۇرەككەپ ياكى كونا ۋە ئىشلىتىشتىن قالغان سۆز-ئىبارىلەر كۆپ بولسا، بەلكىم بۇ كىتابنى ئوقۇشتىن ھۇزۇر ئالالماسلىقىڭىز مۇمكىن. شۇڭا، سۆز-جۈملىلەرنىڭ قەلبىڭىزگە چوڭقۇر تەسىر قىلىشى ئۈچۈن، ئاسان چۈشىنىدىغان تىلدىكى مۇقەددەس كىتابنى تېپىڭ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، سىز تاللىغان تەرجىمىنىڭ ئېنىق ۋە توغرا ئىكەنلىكىگە كۆز يەتكۈزۈڭ a.
زامانىۋى پەن-تېخنىكىدىن پايدىلىنىڭ. بۈگۈنكى كۈندە مۇقەددەس كىتاب تەرجىمىلىرىنىڭ پەقەت باسما نەشىرى ئەمەس، بەلكى ئېلېكترونلۇق نەشىرىمۇ بار. بەزى مۇقەددەس كىتابنى تور بەتتە ياكى توردىن چۈشۈرۈپ كومپيۇتېر، قول كومپيۇتېر ياكى تېلېفوندا شەخسىي ئوقۇشقا بولىدۇ. بەزى تەرجىمىلەردە ئوخشاش بىر تېمىدىكى باشقا ئايەتلەرنى تېزلىكتە تەكشۈرەلەيدىغان ياكى بىر قانچە تەرجىمىنى سېلىشتۇرۇشقا بولىدىغان قوشۇمچە قوراللار بار. ئەگەر ئوقۇشنى ئەمەس، ئاڭلاشنى ياخشى كۆرسىڭىز، ئاۋازلىق نەشىرى بار. نۇرغۇن كىشىلەر ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرى بىلەن سەپەرگە چىققاندا، كىر يۇيغاندا ياكى باشقا پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغاندا، تىڭشاشنى ياخشى كۆرىدۇ. نېمە ئۈچۈن ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان ئۇسۇلنى سىناپ باقمايسىز؟
مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىش قوراللىرىنى ئىشلىتىڭ. مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش قوراللىرى ئوقۇغانلىرىڭىزدىن تېخىمۇ كۆپ پايدىلىنىشىڭىزغا ياردەم بېرەلەيدۇ. مۇقەددەس كىتابتا تىلغان ئېلىنغان جايلارنىڭ خەرىتىلىرى بار، بۇ ئوقۇغان چاغدا، ئۇچراتقان جاي ناملىرىنى تېپىشىڭىزغا ۋە ۋەقەلەرنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ. بۇ ژۇرنالدىكى ياكى org.jw تور بېكىتىدىكى «مۇقەددەس كىتاب تەلىملىرى» دېگەن سەھىپىدىكى ماقالىلەر مۇقەددەس كىتابنىڭ نۇرغۇن مەزمۇنلىرىنىڭ مەنىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ تەتقىق قىلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.
ئوقۇش ئۇسۇلىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ. ئەگەر مۇقەددەس كىتابنى باشتىن-ئاخىرىغىچە ئوقۇش قىيىن تۇيۇلسا، نېمە ئۈچۈن سىزنى ئالاھىدە جەلپ قىلىدىغان قىسىمدىن باشلاپ، ئوقۇش قىزغىنىلىقىڭىزنى ئاشۇرۇشقا تىرىشىپ باقمايسىز؟ ئەگەر سىز يازمىلاردىكى مەشھۇر كىشىلەر ھەققىدە بىلمەكچى بولسىڭىز، ئاشۇ شەخسنى ئاساس قىلىپ ئوقۇشنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ. بۇ ئۇسۇلنىڭ بىر ئۈلگىسى « خۇدانىڭ سادىق خىزمەتچىلىرى بىلەن تونۇشۇش ئارقىلىق مۇقەددەس كىتابتىن غەزىنە قېزىش» ناملىق ئىزاھاتتىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ماۋزۇ ياكى ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىش تەرتىپى بويىچە ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. ئۇنداقتا، بۇ ئۇسۇللارنىڭ بىرىنى سىناپ بېقىڭ!
a نۇرغۇن كىشىلەر مۇقەددەس كىتابنىڭ يېڭى دۇنيا تەرجىمىسىنىڭ توغرا، ئىشەنچلىك ۋە ئوقۇپ چۈشىنىشكە ئاسان ئىكەنلىكىنى بايقىغان. يەھۋا گۇۋاھچىلىرى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان بۇ مۇقەددەس كىتاب 130 دىن ئارتۇق تىلغا تەرجىمە قىلىنغان. سىز org.jw تور بېكىتىدىن ئېلىكترونلۇق نۇسخىسىنى چۈشۈرەلەيسىز ياكى JW كۈتۈپخانىسىنى چۈشۈرەلەيسىز. خالىسىڭىز، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى باسما نۇسخىسىنى ئۆيىڭىزگە يەتكۈزۈپ بېرەلەيدۇ.