5-تەتقىق ماقالىسى
18-ناخشا خۇدانىڭ چىن مۇھەببىتى
يەھۋانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى قانداق بەرىكەتلەرگە يول ئاچقان؟
«ئەيسا مەسىھ گۇناھكارلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بۇ دۇنياغا كەلدى».—1-تىموت. 1:15.
مەركىزى ئىدىيە
تۆلەم بىزنى قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشتۈرىدۇ ۋە تۆلەم ئۈچۈن يەھۋاغا مىننەتدارلىقىمىزنى قانداق بىلدۈرەلەيمىز.
1. يەھۋانى خۇشال قىلىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟
يېقىن دوستىڭىزغا ناھايىتى چىرايلىق ۋە پايدىلىق بىر سوۋغاتنى بەرگەنلىكىڭىزنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ. ئەمما، ئۇ سوۋغاتنى قوبۇل قىلىپ، بىر ئىشكاپقا سېلىپ قويۇپ، شۇ پېتى ئۇنتۇپ قالسا، دوستىڭىزنىڭ بۇ قىلغىنى كۆڭلىڭىزنى چوقۇم رەنجىتىدۇ. لېكىن، دوستىڭىز دائىم سىز بەرگەن سوۋغاتنى قوللانسا ۋە سىزگە رەھمەت ئېيتسا، ناھايىتى ئېنىقكى ناھايىتى خۇشال بولۇسىز. بۇ مىسالدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟ يەھۋا بىزنى سۆيگەچ، ئۆز ئوغلىنى قۇربانلىققا بېرىپ، بىز ئۈچۈن تۆلەم بەرگەن. ئەگەر ئۇنىڭ بۇ بىباھا سوۋغىتى ۋە سۆيگۈ-مۇھەببىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرسەك، ئۇ چوقۇم ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ.—يۇھاننا 3:16؛ رىملىقلار 5:7، 8.
2. بۇ ماقالىدە نېمىلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
2 لېكىن، يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بىز تۆلەمگە ئانچە ئېتىبار قاراتمىساق، ئۇنى بىباھا سوۋغات سۈپىتىدە كۆرمەيدىغان، يەنى خۇددى ئىشكاپقا سېلىپ قۇيۇپ ئۇنتۇپ كەتكەن سوۋغاتتەك بولۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن. ئەلۋەتتە، بىز ئۇنداق ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قېلىشىنى خالىمايمىز! شۇڭلاشقا، چوقۇم يەھۋا خۇدا ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ بىز ئۈچۈن قىلغان بارچە ياخشىلىقلىرى توغرۇلۇق دائىم چوڭقۇر ئويلىنىپ تۇرۇشىمىز لازىم. بۇ ماقالىدە شۇنداق قىلىشىمىزغا ياردەم بېرەلەيدۇ. تۆلەم ھازىر بىزنى قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشتۈرىدىغانلىقى ۋە كېلەچەكتە قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشتۈرىدىغانلىقى ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، يەھۋانىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىمىزنى قانداق بىلدۈرەلەيدىغانلىقىمىزنى، بولۇپمۇ مەسىھنى خاتىرىلەش يىغىلىشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ھەپتىلەردە شۇنداق قىلىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىمىزنى ئۆگىنىمىز.
ھازىر ئېرىشىۋاتقان بەرىكەتلەر
3. تۆلەم سەۋەبلىك، بۈگۈنكى كۈندە قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشىۋاتىمىز؟
3 بىز ئاللىقاچان مەسىھنىڭ تۆلەم قۇربانلىقىدىن ئاز بولمىغان بەرىكەتلەرگە ئېرىشتۇق. مەسىلەن، تۆلەم ئاساسىدا يەھۋا گۇناھلىرىمىزنى كەچۈردى. ئۇ بىزنى كەچۈرمىسە ھەم بولاتتى، شۇنداقتىمۇ ئۇ ئۆزى خالىغانلىقتىن بىزنى كەچۈرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، زەبۇر يازغۇچىسى مىننەتدارلىقنى بىلدۈرۈپ مۇنداق سۆزلەرنى ئېيتقان: «ئەي يەھۋا، سەن مېھرىبان ۋە ئەپۇ قىلىشقا تەييارسەن».—زەبۇر 86:5؛ 103:3، 10–13.
4. يەھۋا تۆلەمنى كىملەر ئۈچۈن بەرگەن؟ (لۇقا 5:32؛ 1-تىموتىي 1:15)
4 ئارىمىزدا بەزىلەر بەلكىم ئۆزىنى خۇدانىڭ كەچۈرۈمىگە لايىق ئەمەس ھېس قىلىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، ھېچكىم كەچۈرۈمگە لايىق ئەمەس. ئەلچى پاۋلۇس بۇنى چۈشەنگەچكە، ئۆزى توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: «مەن … ئەلچى دەپ ئاتىلىشقا ئەسلا لايىق ئەمەسمەن». ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «لېكىن، خۇدانىڭ رەھىم-شەپقىتى بىلەن، مەن بۈگۈنكى مەن بولدۇم»،— دېگەن (1-كورىنت. 15:9، 10). بىز گۇناھلىرىمىزغا توۋا قىلغاندا، يەھۋا بىزنى كەچۈرىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ بىز بۇنىڭغا لايىق بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ئەمەس، ئۇ بىزنى سۆيگەچكە شۇنداق قىلىدۇ. ئەگەر ئۆزىڭىزنى كەچۈرۈمگە لايىق ئەمەس ھېس قىلسىڭىز، شۇنى ئۇنتۇماڭكى، يەھۋا تۆلەم سوۋغىتىنى گۇناھسىز ئىنسانلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى گۇناھكار ھېس قىلىدىغان نامۇكەممەل ئىنسانلار ئۈچۈن بەرگەن.—لۇقا 5:32؛ 1-تىموتىي 1:15-نى ئوقۇڭ.
5. قىلغان خىزمەتلىرىمىز ئارقىلىق يەھۋانىڭ كەچۈرۈم قىلىشقا لايىق بولالايمىز دەپ ئويلىساق، نېمە ئۈچۈن خاتالاشقان بولۇمىز؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
5 بىز ئاللىقاچان يەھۋاغا ئۇزۇن يىللار خىزمەت قىلىپ كەلگەن بولساق، مۇشۇ سەۋەبتىن يەھۋانىڭ كەچۈرۈمىگە ئېرىشىشكە لايىق دەپ ئويلىماسلىقىمىز كېرەك. ئەلۋەتتە، ئۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلغان بارچە خىزمەتلىرىمىزنى قەدىرلەيدۇ (ئىبرانىي. 6:10). لېكىن، خۇدا ئۆز ئوغلىنى قىلغان خىزمەتلىرىمىزنىڭ ھەققى سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى سوۋغات سۈپىتىدە بەرگەن. ئەگەر بىز يەھۋا ئۈچۈن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغىنىمىز ئۈچۈن، ئۇنىڭ كەچۈرۈمىگە ياكى ئالاھىدە مۇئامىلىسىگە لايىق دەپ ئويلىساق، ئۇنداقتا خاتالاشقان بولىمىز. چۈنكى، ئۇنداق ئويلىساق، مەسىھ بىكاردىن-بىكار جېنىنى قۇربان قىلغان بولىدۇ.—گالاتىيالىقلار 2:21-نى سېلىشتۇرۇڭ.
6. ئەلچى پاۋلۇس نېمە ئۈچۈن يەھۋاغا پۈتۈن كۈچى بىلەن خىزمەت قىلغان؟
6 ئەلچى پاۋلۇس يەھۋاغا قانچىلىك خىزمەت قىلسۇن، ئۆزىنىڭ خۇدانىڭ رەھىم-شەپقىتىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى چۈشەنگەن. ئۇنداقتا، ئۇ نېمە ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن يەھۋا خۇداغا خىزمەت قىلغان؟ ئۇ بۇنى يەھۋانىڭ كەچۈرۈمىگە لايىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى تۆلەم ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن قىلغان (ئەفەس. 3:7). پاۋلۇسقا ئوخشاش، بىزمۇ يەھۋانىڭ كەچۈرۈمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا بولغان مىننەتدارلىقىمىزنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، قىزغىن خىزمەت قىلىمىز.
7. تۆلەم سەۋەبلىك، يەنە قانداق بەرىكەتكە ئېرىشىۋاتىمىز؟ (رىملىقلار 5:1؛ ياقۇپ 2:23)
7 بىز ھازىرنىڭ ئۆزىدە تۆلەم سەۋەبلىك ئېرىشىۋاتقان يەنە بىر بەرىكەت — ياراتقۇچى يەھۋا بىلەن يېقىن دوست بولالايمىز a. ئالدىنقى ماقالىدە ئۆگەنگىنىمىزدەك، بىز تۇغۇلۇشىمىزدىن گۇناھكار بولغاچ، ھېچبىرىمىز خۇدانىڭ دوستى بولالمايتتۇق. لېكىن، تۆلەم قۇربانلىقى ئاساسىدا، بىز خۇدا بىلەن تىنچ-ئىناق مۇناسىۋەتتە بولۇپ، ئۇنىڭ يېقىن دوستى بولالايمىز.—رىملىقلار 5:1؛ ياقۇپ 2:23-نى ئوقۇڭ.
8. يەھۋاغا دۇئا قىلىش شان-شەرىپىنى نېمە ئۈچۈن قەدىرلىشىمىز كېرەك؟
8 يەھۋانىڭ دوستى بولغاچقا، بىزنىڭ ئۇنىڭغا دۇئا قىلىش ئىمتىيازىمىز بار. ئۇنىڭغا مەيلى قېرىنداشلار بىلەن جەم بولۇپ بىرلىكتە دۇئا قىلايلى، ياكى يالغۇز ئولتۇرۇپ شەخسەن دۇئا قىلايلى، ئۇ دۇئالىرىمىزغا قۇلاق سالىدۇ. دۇئا قىلغاندا كۆڭلىمىز خاتىرجەملىكىگە ئېرىشىپ، مېڭىمىز ئارام تاپىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەھۋا بىلەن بولغان دوستلۇق رىشتىمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ (زەبۇر 65:2؛ ياقۇپ 4:8؛ 1-يۇھاننا 5:14). ئەيسا مەسىھ يەردە ياشىغاندا ھەردائىم دۇئا قىلغان. چۈنكى ئۇ ئاتىسىنىڭ دۇئالىرىنى تىڭشايدىغانلىقىنى ۋە دۇئا قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تېخىمۇ مۇستەھكەم بولىدىغانلىقىنى بىلگەن (لۇقا 5:16). تۆلەم قۇربانلىقى سەۋەبلىك، بىز ياراتقۇچىمىز يەھۋا بىلەن دوست بولۇپ، ھەتتا ئۇنىڭغا دۇئا قىلىش شان-شەرىپىگە ئېرىشتۇق.
كەلگۈسىدە ئېرىشىدىغان بەرىكەتلەر
9. يەھۋانىڭ سادىق خىزمەتچىلىرى كېلەچەكتە قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشىدۇ؟
9 يەھۋانىڭ سادىق خىزمەتچىلىرى تۆلەم سەۋەبلىك، كەلگۈسىدە ھەم بەرىكەتلەرگە ئېرىشىدۇ. يەھۋا ئۇلارغا مەڭگۈلۈك ھاياتلىقنى بېرىدۇ. نەچچە مىڭ يىللار مابەينىدە، ئىنسانلار ئۆلۈپ، ھېچكىم ئۆلۈمدىن قېچىپ قۇتۇلالىغان ئەمەس، شۇڭلاشقا نۇرغۇن كىشىلەر مەڭگۈ ياشاشنى مۇمكىن بولمايدىغان ئىش دەپ قارىشىدۇ. لېكىن، يەھۋا ئەسلىدە ئىنسانلارنىڭ مەڭگۈ ياشىشىنى مەقسەت قىلغان ئىدى. ئەگەر ئادەم-ئاتا گۇناھ قىلمىغان بولسا، مەڭگۈلۈك ھايات ھېچكىمگە ھازىرقىدەك ئىمكانسىز خام خىيالدەك بىلىنمەيتتى. ھازىر مەڭگۈ ياشاشنى تەسەۋۋۇر قىلىشىمىز قىيىن بولسىمۇ، ئەمما، بىزنىڭ بۇنىڭغا ئىشەنچىمىز كامىل. چۈنكى، يەھۋا سۆيۈملۈك يالغۇز ئوغلىنىڭ ھاياتىنى قۇربان قىلىشتەك زور بەدەلنى تۆلەپ، بىزنى مەڭگۈلۈك ھاياتلىق ئۈمىدىگە ئېرىشتۈردى.—رىملىقلار 8:32.
10. مۇقەددەس روھ بىلەن مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلارنىڭ ۋە باشقا قويلارنىڭ قانداق ئۈمىدى بار؟
10 مەڭگۈلۈك ھاياتلىق بىز كەلگۈسىدە ئېرىشىدىغان بەرىكەت، شۇنداقتىمۇ يەھۋا بىزنىڭ ھازىردىن باشلاپ، ئاشۇ ئۈمىد توغرۇلۇق ئويلىنىشىمىزنى خالايدۇ. مۇقەددەس روھ بىلەن مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار ئاسماندا ئەيسا مەسىھ بىلەن بىرلىكتە يەر يۈزى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلدىغان ۋاقىتنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتمەكتە (ۋەھىي. 20:6). باشقا قويلار بولسا، يەر يۈزى جەننەتتە ئازاب-ئوقۇبەتسىز ۋە غەم-قايغۇسىز ھايات كەچۈرۈشنى تەشنالىق بىلەن كۈتمەكتە (ۋەھىي. 21:3، 4). ئەگەر سىز باشقا قويلار قاتارىدا بولسىڭىز، شۇنى ئۇنتۇماڭكى، بۇ ھەرگىزمۇ يەر يۈزىدە مەڭگۈ ياشاش مۇكاپاتى ئاسماندا ياشاش مۇكاپاتىغا قارىغاندا تۆۋەنرەك تۇرىدۇ دېگەننى بىلدۈرمەيدۇ، چۈنكى، يەھۋا دەسلەپتە ئىنسانلارنى يەر يۈزىدە ياشاشقا ياراتقان. شۇڭا، يەردە بەخت-سائادەت ئىچىدە ياشايدىغانلىقىمىزدىن قىلچىمۇ گۇمان قىلماڭ.
11، 12. كەلگۈسى جەننەتتە قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشىدىغانلىقىمىزنى تەسۋىرلەپ بېرىڭ. (رەسىملەرگە ھەم قاراڭ).
11 جەننەتتىكى ھاياتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ. شۇ چاغدا، ئاغرىق-سىلاق ياكى ئۆلۈپ توغرۇلۇق غەم-ئەندىشە قىلمايسىز (يەشايا 25:8؛ 33:24). يەھۋا ھەربىر ياخشى ئارزۇ-ئارمانلىرىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. جەننەتتە نېمە قىلىشنى ئويلاۋاتىسىز؟ ھايۋاناتلار ياكى ئۆسۈملۈكلەرنى تەتقىق قىلماقچىمۇسىز؟ ياكى بولمىسا، قانداقتۇ بىر چالغۇ ئەسۋابنى چېلىشنى ئۆگەنمەكچىمۇ؟ بەلكىم، رەسسام بولۇشنى ئويلاۋاتقانسىز. جەننەتتە ئارخىتېكتورلار، قۇرۇلۇشچىلار، دېھقانلار كېرەك بولىدۇ. تاماق ئېتىدىغان ئاشپەز، قورال-سايمانلارنى ياسايدىغان ھۈنەرۋەن، گۈل-گىياھ ۋە مېۋىلىك باغلارنى پەرۋىش قىلىدىغان باغۋەنلەرگە ئېھتىياجىمىز بولىدۇ (يەشايا 35:1؛ 65:21). شۇ ۋاقىت كەلگەندە، ۋاقتىم يوق دەپ ئولتۇرمايسىز، ئەكسىنچە ئىزدىنىپ تەتقىق قىلىش ۋە تۈرلۈك ماھارەتلەرنى ۋە ئۆگىنىشكە يېتەرلىك ۋاقىتىڭىز بولىدۇ.
12 جەننەتتە تىرىلگەن يېقىن كىشىلىرىمىزنى قارشى ئالغاندا، قانچىلىك خۇشال-خۇرام بولىدىغانلىقىمىزنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ! (ئەلچى. 24:15) بۇنىڭدىن باشقا، سان-ساناقسىز مەۋجۇداتلارنى تەتقىق قىلىپ، ياراتقۇچىمىز توغرۇلۇق داۋاملىق تۈردە تېخىمۇ كۆپ بىلىم ئالىمىز (زەبۇر 104:24؛ يەشايا 11:9). ھەممىدىن بىزنى خۇشال قىلىدىغىنى، يېڭى دۇنيادا بىز مۇكەممەل بولۇپ، يەنە گۇناھ ئۆتكۈزمەيمىز ۋە پاك ۋىجدان بىلەن يەھۋا خۇداغا پاك ئىبادەت قىلالايمىز. شۇنداق ئىكەن، سىز ھازىرقى ۋاقىتلىق «ھۇزۇر-ھالاۋەت»نى دەپ، جەننەتتىكى مەڭگۈلۈك ھاياتتىن ۋاز كېچىشنى خالامسىز؟ (ئىبرانىي. 11:25) ئەلۋەتتە، ياق! كەلگۈسىدىكى بەرىكەتلەر ھازىر ۋاز كېچىشكە توغرا كېلىدىغان ھەرقانداق نەرسىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ. ئۇنتۇماڭكى، يەر يۈزى جەننەتتە ياشاش ئەمدى كەلگۈسى ئۈمىدىمىز بولۇپ قالماي، بەلكى پات-ئارىدا بىر كۈنى رېئاللىققا ئايلىنىدۇ. ئەگەر يەھۋا ئوغلىنى بىز ئۈچۈن قۇربان قىلىپ، بىزگە شۇنداق چەكسىز سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسەتمىگەن بولسا، بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئەمەلگە ئاشماس ئىدى.
جەننەتتە نېمە قىلىشنى تۆت كۆزىڭىز بىلەن كۈتۈۋاتىسىز؟ (11، 12-ئابزاسلارغا قاراڭ)
يەھۋانىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتىگە جاۋاب قايتۇرۇڭ
13. خۇدانىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتىگە قانداق جاۋاب قايتۇرالايمىز؟ (2-كورىنتلىقلار 6:1)
13 يەھۋانىڭ بىز ئۈچۈن بەرگەن تۆلەم سوۋغىسى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىمىزنى قانداق بىلدۈرەلەيمىز؟ بۇنىڭ ئۈچۈن، خۇداغا خىزمەت قىلىشنى ھاياتىمىزدا بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشىمىز كېرەك (مەتتا 6:33). ئەيسا «ھايات ياشاۋاتقانلار ئەمدى ئۆزلىرى ئۈچۈن ياشىمىسۇن، بەلكى ئۇلار ئۈچۈن ئۆلگەن ۋە ئۆلۈمدىن تىرىلگەن مەسىھ ئۈچۈن ياشىسۇن» دەپ ئۆلگەن (2-كورىنت. 5:15). شۇنداق ئىكەن، يەھۋا نېمە ئۈچۈن بىزگە شۇنچىلىك زور رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەنلىكىنى ھەرگىزمۇ ئەستىن چىقارمايلى.—2-كورىنتلىقلار 6:1-نى ئوقۇڭ.
14. يەھۋانىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئىشەنگەنلىكىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
14 يەھۋانىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئىشىنىپ بويسۇنۇش ئارقىلىق ھەم ئۇ كۆرسەتكەن سۆيگۈ-مۇھەببەتكە جاۋاب قايتۇرالايمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟ مەسىلەن، بىز ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش-ئوقۇماسلىقنى ياكى بىرەر ئىشقا كىرىشنى قارار قىلغاندا، يەھۋانىڭ بىزدىن نېمە قىلىشىمىزنى كۈتىدىغانلىقى ھەققىدە ئەستايىدىل ئويلىنىشىمىز كېرەك (1-كورىنت. 10:31؛ 2-كورىنت. 5:7). بىز يەھۋانىڭ كۆرسەتمىلىرىگە بويىچە، ئۇنىڭغا ئىشىنىپ قارار چىقارساق، بىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىمان-ئېتىقادىڭىز تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدۇ ۋە دوستلۇق رىشتىمىزنى كۈچەيتىدۇ. نەتىجىدە، مەڭگۈلۈك ھاياتقا چىڭ ئۈمىد باغلايمىز.—رىملىقلار 5:3–5؛ ياقۇپ 2:21، 22.
15. خاتىرىلەش يىغىلىشىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ھەپتىلەردە تۆلەمگە بولغان مىننەتدارلىقىمىزنى قانداق بىلدۈرەلەيمىز؟
15 تۆلەم ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن يەنە نېمە قىلالايمىز؟ خاتىرىلەش يىغىلىشىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ھەپتىلەردە تۆلەم قۇربانلىقىغا مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ۋەز قىلىشقا كۆپرەك كۈچ چىقىرالايمىز. بۇ خاتىرىلەش يىغىلىشىغا ئۆزىمىز قاتناشقاندىن سىرت، باشقىلارنىمۇ تەكلىپ قىلالايمىز (1-تىموت. 2:4). ئۇلارغا بۇ يىغىلىشنىڭ قانداق ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ. مەسىلەن، ئۇلارغا jw.org تور بېكىتىمىزدىن «ئەيسا مەسىھ نېمە ئۈچۈن ئۆلدى؟» ۋە «ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ ئۆلۈمىنى خاتىرىلەش» دېگەن فىلىملەرنى كۆرسەتسىڭىز بولىدۇ. ئاقساقاللار، جامائەت يىغىلىشلىرىغا كېلىشنى توختاتقان قېرىنداشلارنى چاقىرىشقا ئۇنتۇماڭلار. يەھۋانىڭ يولدىن ئېزىپ قالغان قويلىرى جامائەتكە قايتىپ كەلسە، ئاسماندىمۇ، يەردىمۇ قانچىلىك زور خۇشاللىق بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆرۈڭ (لۇقا 15:4–7). خاتىرىلەش يىغىلىشىدا پەقەت قېرىنداشلارنىلا ئەمەس، يەنە تۇنجى قېتىم كەلگەن كىشىلەرنى ياكى ئۇزۇن ۋاقىت كەلمىگەن قىزغىن قارشى ئالساق بولىدۇ.—رىملىقلار 12:13.
16. خاتىرىلەش يىغىلىشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ھەپتىلەردە نېمە ئۈچۈن كۆپرەك ۋەز خىزمەتكە چىقىش توغرۇلۇق ئويلىنىپ كۆرۈشىمىز كېرەك؟
16 خاتىرىلەش يىغىلىشىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ھەپتىلەردە كۆپرەك ۋەز خىزمەتكە چىقالامسىز؟ بۇنداق قىلىش ئارقىلىق يەھۋا خۇدا ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ سىز ئۈچۈن قىلغان ياخشىلىقلىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرەلەيسىز. يەھۋاغا قانچە كۆپ خىزمەت قىلغانسېرى، ئۇنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىنى شۇنچە كۆپ ھېس قىلىمىز. نەتىجىدە، ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ (1-كورىنت. 3:9). ئۇنىڭدىن باشقا، خاتىرىلەش يىغىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى ئوقۇپ چىقىڭ. ئۇلارنى «مۇقەددەس يازمىلارنى ھەر كۈنى تەتقىق قىلىش» ناملىق كىتابچىدىن ياكى يىغىلىش قوللانمىسىدىن تېپىشقا بولىدۇ. بەلكىم، بەزى ئايەتلەر ئۈستىدە شەخسىي ئۆگىنىش قىلغاندا، چوڭقۇرراق ئىزدىنىپ، تەتقىق قىلىشنى خالايدىغانسىز.
17. يەھۋانى نېمە خۇشال قىلىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟ (« يەھۋانىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتىگە جاۋاب قايتۇرۇشنىڭ يوللىرى» دېگەن رامكىغا ھەم قاراڭ).
17 بەلكىم، سىزنىڭ ۋەزىيىتىڭىزدە، بۇ ماقالىدىكى تىلغان ئېلىنغان تەكلىپ پىكىرلەرنىڭ ھەربىرىنى ئەمەلىيەتتە قىلىشقا ئىمكانىيىتىڭىز بولماسلىقى مۇمكىن. بىراق، شۇنى ئۇنتۇماڭكى: يەھۋا ھەرگىزمۇ سىزنىڭ قىلغىنىڭىزنى باشقىلارنىڭ قىلغانلىرى بىلەن سېلىشتۇرمايدۇ. ئۇ سىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىڭىزنى بىلىدۇ. سىزنىڭ تۆلەم سوۋغىسىنى قەدىرلەپ، چىن كۆڭلىڭىزدىن ئۇنىڭغا مىننەتدار ئىكەنلىكىڭىزنى كۆرگەندە، يەھۋا ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ.—سام. 1-ياز. 16:7؛ ماركۇس 12:41–44.
18. نېمە ئۈچۈن بىز يەھۋا خۇدا ۋە ئەيسا مەسىھكە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز كېرەك؟
18 تۆلەم قۇربانلىقى سەۋەبلىك، گۇناھلىرىمىز كەچۈرۈلىدۇ، يەھۋا بىلەن دوست بولالايمىز ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتلىق ئۈمىدىگە ئېرىشتۇق. يەھۋانىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتى بۇ بەرىكەتلەرگە يول ئاچقان. شۇڭا، ئۇنىڭغا ھەردائىم مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈشنى ئۇنتۇمايلى (1-يۇھاننا 4:19). ئۇنىڭدىن باشقا، ئەيسا مەسىھ بىزنى سۆيۈپ، ئۆزىنىڭ جېنىنى بىز ئۈچۈن پىدا قىلدى، ئۇنىڭغا ھەم مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى ئەستىن چىقارمايلى.—يۇھاننا 15:13.
154-ناخشا ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرىمىز
a مەسىھ تېخى ھاياتىنى تۆلەم قۇربانلىقىغا بەرمەستىن ئىلگىرى، يەھۋا ئۆزىگە ئىبادەت قىلغان سادىق كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈم قىلغان. يەھۋانىڭ شۇنداق قىلىشى، چۈنكى ئۇ ئوغلىنىڭ ئاخىرغىچە سادىق بولۇپ قالىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. شۇڭا، خۇدانىڭ نەزىرىدە، تۆلەم ئاللىقاچان تۆلەنگەندەك بولغان ئىدى.—رىملىقلار 3:25.