5-تەتقىق ماقالىسى
بىزمۇ سىلەر بىلەن بارايلى
«بىزمۇ سىلەر بىلەن بارايلى. چۈنكى بىز خۇدانى سىلەر بىلەن بىللە دەپ ئاڭلىدۇق».—زەكەرىيا 8:23.
146-ناخشا ماڭا قىلدىڭلار
بۇ ماقالىدە a
1. يەھۋا بىزنىڭ كۈنلىرىمىز توغرۇلۇق ئالدىن-ئالا نېمە ئېيتقان؟
يەھۋا بىزنىڭ كۈنلىرىمىز توغرۇلۇق ئالدىن-ئالا مۇنداق ئېيتقان: «شۇ كۈنلەردە بارچە مىللەتلەردىن بولغان ھەرخىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان ئون كىشى بىر يەھۇدىي كىشىنىڭ ڭ تونىنىڭ پېشىنى تۇتۇۋېلىپ: ‹بىزمۇ سىلەر بىلەن بارايلى. چۈنكى بىز خۇدانى سىلەر بىلەن بىللە دەپ ئاڭلىدۇق›،— دېيىشىدۇ» (زەكەرىيا 8:23). «يەھۇدىي» دېگىنىمىز، خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى بىلەن مەسىھ قىلىنغان كىشىلەرنى بىلدۈرىدۇ. ئۇلار يەنە «خۇدانىڭ ئىسرائىلى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ (گالاتىيا. 6:16). «ئون ئادەم»، يەردە مەڭگۈ ياشاشنى ئۈمىد قىلىدىغانلارنى بىلدۈرىدۇ. ئۇلار مەسىھ قىلىنغانلارنى يەھۋا خۇدانىڭ ئۆزى تاللىۋالغانلىقىنى بىلىدۇ ۋە ئۇلار بىلەن بىللە خىزمەت قىلىشنى شان-شەرەپ دەپ قارايدۇ.
2. «ئون كىشى» مەسىھ قىلىنغانلار بىلەن بىللە قانداق «بارالايدۇ»؟
2 يەردە ياشاش ئۈمىدى بارلار ھازىرچە يەر يۈزىدە ياشاۋاتقان ھەربىر مەسىھ قىلىنغانلارنىڭ ئىسىمىنى بىلمىسىمۇ b، ئۇلار بىلەن بىللە «بارالايدۇ». قانداق قىلىپ؟ مۇقەددەس كىتابتا: «ئون كىشى، بىر يەھۇدىي كىشىنىڭ تونىنىڭ پېشىنى تۇتۇۋېلىپ: ‹بىزمۇ سىلەر بىلەن بارايلى، چۈنكى خۇدانى سىلەر بىلەن بىللە دەپ ئاڭلىدۇق›»،— دەپ يېزىلغان. گەرچە بۇ ئايەتتە بىر يەھۇدىي كىشى تىلغان ئېلىنغان بولسىمۇ، كېيىن «سىلەر» دېيىش ئارقىلىق، «بىر يەھۇدىي كىشى» پەقەت بىرلا مەسىھ قىلىنغان كىشىنى ئەمەس، بىر توپ مەسىھ قىلىنغانلارنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. يەردە ياشاشنى ئۈمىد قىلىدىغانلار مەسىھ قىلىنغانلار بىلەن بىللە خىزمەت قىلماقتا. لېكىن، ئۇلار مەسىھ قىلىنغانلارنى ئۆزلىرىنىڭ داھىيلىرى، دەپ قارىمايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ داھىيىسى — ئەيسا مەسىھتۇر.—مەتتا 23:10.
3. بۇ ماقالە قايسى سوئاللارغا جاۋاب بېرىدۇ؟
3 مەسىھ قىلىنغانلارنىڭ بەزىلىرى تېخىغىچە يەردە ياشاۋاتقاچقا، مۇنداق سوئاللار پەيدا بولىۋاتىدۇ: (1) مەسىھ قىلىنغانلار ئۆزى توغرۇلۇق قانداق كۆز قاراشتا بولۇشى لازىم؟ (2) جامائىتىڭىزدە خاتىرىلەش مۇراسىمىدا نان ۋە شاراپقا ئېغىز تەگكۈزگەن كىشىگە قانداق مۇئامىلە قىلىشىڭىز كېرەك؟ (3) مەسىھ قىلىنغانلارنىڭ سانى كۆپىيىۋاتقانلىقىغا ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟ كېلىڭلار، بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى كۆرۈپ چىقايلى.
مەسىھ قىلىنغانلارنىڭ ئۆزلىرىگە بولغان كۆز قارىشى
4. 1-كورىنتلىقلار 11:27—29-ئايەتلەرگە ئاساسەن، مەسىھ قىلىنغانلار نېمىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك ۋە نېمە ئۈچۈن؟
4 مەسىھ قىلىنغانلار 1-كورىنتلىقلار 11:27—29-دىكى (ئوقۇڭ)، مۇھىم ئاگاھلاندۇرۇش ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ كۆرۈشى كېرەك. مەسىھ قىلىنغان كىشى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا قانداق قىلىپ سىمۋوللارغا «نامۇۋاپىق» ئېغىز تەگكۈزۈشى مۇمكىن؟ ئەگەر ئۇ كىشى يەھۋا خۇدانىڭ ھەققانىي ئۆلچەملىرىگە لايىق ياشىماي، سىمۋوللارغا ئېغىز تەگكۈزسە (ئىبرانىي. 6:4—6؛ 10:26—29). مەسىھ قىلىنغانلار خۇدانىڭ ھەزرىتى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئاسمانغا چاقىرىلىش مۇكاپىتىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، چوقۇم ساداقەتمەنلىكىنى ساقلاپ قېلىشى كېرەك.—فىلىپى. 3:13—16.
5. مەسىھ قىلىنغانلار ئۆزلىرىگە قانداق كۆز قاراشتا بولۇشى كېرەك؟
5 يەھۋانىڭ مۇقەددەس روھى خىزمەتچىلىرىنىڭ تەكەببۇر ئەمەس، كەمتەر بولۇشىغا ياردەم بېرىدۇ (ئەفەس. 4:1—3؛ كولوسى. 3:10، 12). شۇڭلاشقا مەسىھ قىلىنغانلار ئۆزلىرىنى باشقىلاردىن ياخشىراق، دەپ قارىمايدۇ. مەسىھ قىلىنغانلار يەھۋا خۇدانىڭ مۇقەددەس روھنى ئۆز خىزمەتچىلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئوخشاش بېرىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئۇلار مۇقەددەس كىتاب ھەقىقەتلىرىنى باشقىلارغا قارىغاندا چوڭقۇرراق چۈشىنىمىز، دەپ ئويلىمايدۇ. شۇنداقلا، ئۇلار باشقىلارغا: «سىزمۇ مەسىھ قىلىنغانغۇ، خاتىرىلەش مۇراسىمىدا سىمۋوللارغا ئېغىز تەگكۈزۈشىڭىز كېرەك»،— دەپ ئېيتمايدۇ. ئەكسىنچە، ئۇلار كىمنىڭ ئاسمانغا چاقىرىلىشىنى پەقەت يەھۋانىڭ ئۆزى قارار قىلىدىغانلىقىنى كەمتەرلىك بىلەن ئېتىراپ قىلىدۇ.
6. 1-كورىنتلىقلار 4:7، 8-ئايەتلەرگە ئاساسەن، مەسىھ قىلىنغانلار ئۆزلىرىنى قانداق تۇتۇشى كېرەك؟
6 مەسىھ قىلىنغانلار ئاسماندا ياشاش شان-شەرىپىگە ئېرىشسىمۇ، باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىگە ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىشىنى كۈتمەيدۇ (فىلىپى. 2:2، 3). ئۇنىڭدىن باشقا، يەھۋا خۇدانىڭ مۇقەددەس روھ بىلەن ئۇلارنى مەسىھ قىلغانلىقىنى بارلىق ئادەملەرگە ئاشكارا قىلمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇڭا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەسىھ قىلىنغانلىقىغا باشقىلار دەرھال ئىشەنمىسە، بۇنىڭغا ھەيران قالمايدۇ. چۈنكى، مۇقەددەس كىتاب خۇدا ماڭا ئالاھىدە بىر مەسئۇلىيەتنى تاپشۇردى دېگەنلەرگە تىزلا ئىشىنىپ كېتىشتىن ئاگاھلاندۇرىدۇ (ۋەھىي. 2:2). ئۆزلىرىگە ئارتۇقچە دىققەت ئاغدۇرماسلىق ئۈچۈن، مەسىھ قىلىنغانلار باشقىلار بىلەن تونۇشقاندا، ئۆزىنىڭ مەسىھ قىلىنغانلىقىنى ئېيتمايدۇ ۋە كېلەچەكتىكى ئۈمىدىنى ئېيتىپ ماختانمايدۇ.—1-كورىنتلىقلار 4:7، 8-نى ئوقۇڭ.
7. مەسىھ قىلىنغانلار قانداق ئوي-پىكىردىن نېرى تۇرىدۇ ۋە نېمە ئۈچۈن؟
7 مەسىھ قىلىنغانلار خۇددى بىر ئۇيۇشما ئەزالىرىدەك، پەقەت مەسىھ قىلىنغانلارلا ئۆز-ئارا بىر-بىرى بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتۈشى كېرەك دەپ ئويلىمايدۇ. ئۇلار باشقا مەسىھ قىلىنغانلارنى ئىزدەپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۈمىدى توغرۇلۇق سۆزلىشىش ياكى مۇقەددەس كىتابنى بىرلىكتە ئۆگىنىش ئۈچۈن ئالاھىدە جەم بولىدىغان توپلارنى قۇرمايدۇ (گالاتىيا. 1:15—17). مەسىھ قىلىنغانلار شۇنداق قىلغان بولسا، جامائەتتىكى ئىجىل-ئىناقلىقنى بۇزۇپ ۋە بۆلگۈنچىلىكنى پەيدا قىلىپ، مۇقەددەس روھنىڭ تەسىرىگە قارشى چىقاتتى.—رىملىقلار 16:17، 18.
مەسىھ قىلىنغانلارغا قانداق مۇئامىلىدە بولۇش كېرەك؟
8. نېمە ئۈچۈن مەسىھ قىلىنغانلارغا مۇئامىلە قىلىشتا پەخەس بولۇشىمىز كېرەك؟ (ئىزاھاتقا قاراڭ)
8 بىز مەسىھ قىلىنغان قېرىنداشلارغا قانداق مۇئامىلىدە بولۇشىمىز كېرەك. گەرچە ئۇلار مەسىھنىڭ قېرىنداشلىرى بولۇشقا تاللانغان بولسىمۇ، ئۇلارغا ھەددىدىن زىيادە ھەۋەس قىلىش خاتا (مەتتا 23:8—12). مۇقەددەس كىتاب بىزنى ئاقساقاللارنىڭ ئىمان-ئېتىقادىدىن ئۈلگە ئېلىشقا دەۋەت قىلىدۇ، لېكىن بۇ ھەرقانداق بىر ئىنساننى رەھبىرىمىز قىلىشنى بىلدۈرمەيدۇ (ئىبرانىي. 13:7). مۇقەددەس كىتابتا بەزىلەرنىڭ «ئىككى ھەسسە ھۆرمەتكە سازاۋەر» بولىدىغانلىقى يېزىلغان. لېكىن، ئۇلار مەسىھ قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، «ياخشى يېتەكچىلىك قىلغان» ۋە «سۆزلەش ۋە تەلىم بېرىشتە كۆپ تىرىشقان» بولغاچ، ھۆرمەتكە لايىقتۇر (1-تىموت. 5:17). ئەگەر بىز مەسىھ قىلىنغانلارنى ھەددىدىن زىيادە ماختاپ، ئارتۇقچە كۆڭۈل بۆلسەك، ئۇلارنى خىجالەتكە قالدۇرىمىز c. تېخىمۇ يامىنى، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى توغرۇلۇق ئارتۇقچە ئويلاپ، تەكەببۇر بولۇپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولۇشىمىز مۇمكىن (رىملىقلار 12:3). ھېچكىم مەسىھنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ شۇنداق ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزۈشىگە سەۋەبچى بولۇپ قالىدىغان ئىشلارنى قىلىشنى خالىمايدۇ.—لۇقا 17:2.
9. مەسىھ قىلىنغانلارغا قانداق ھۆرمەت كۆرسىتىمىز؟
9 مەسىھ قىلىنغان قېرىنداشلارغا قانداق ھۆرمەت كۆرسىتەلەيمىز؟ مەسىلەن، ئۇلاردىن قانداق مەسىھ قىلىنغانلىقى توغرۇلۇق سورىماسلىقىمىز كېرەك. بۇ ئۇلارنىڭ شەخسىي ئىشى، بىزنىڭ بۇنى بىلىش ھوقۇقىمىز يوق (1-سالونىكا. 4:11؛ 2-سالونىكا. 3:11). شۇنىڭدىن باشقا، مەسىھ قىلىنغانلارنىڭ يولدىشى ياكى ئايالى، ئاتا-ئانىسى ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمۇ مەسىھ قىلىنغان دەپ ئويلىمايمىز. ئاسماندا ياشاش ئۈمىدىنى ئاتا-ئانىسىدىن مىراس ئېلىش مۇمكىن ئەمەس، ئەكسىنچە بۇ ئۈمىدنى خۇدانىڭ ئۆزى بېرىدۇ (1-سالونىكا. 2:12). يەنە ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى رەنجتىپ قويىدىغان سوئاللارنى قويمايمىز. مەسىلەن، مەسىھ قىلىنغان بۇرادەرنىڭ ئايالىدىن يەردە يولدىشىسىز مەڭگۈ ياشاش ھەققىدە ئويلىغاندا، قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولىدىغانلىقىنى سورىمايمىز. يېڭى دۇنيادا يەھۋا چوقۇم «ھەر بىر جانلىقنىڭ تەشنالىقىنى قاندۇرىسەن»—.زەبۇر 145:16.
10. ئەگەر ئادەملەرنى ئۇلۇغلاشتىن نېرى تۇرساق، ئۆزۈمىزنى نېمىدىن ھىمايە قىلىمىز؟
10 مەسىھ قىلىنغانلارنى باشقىلاردىن مۇھىم كۆرۈپ، ئۆزگىچە مۇئامىلىدە بولمىساق، ئۆزۈمىزنى خەتەردىن ھىمايە قىلالايمىز. چۈنكى، مۇقەددەس كىتابتا يېزىلغاندەك، بەزى مەسىھ قىلىنغانلار ساداقەتمەن بولۇپ قالمايدۇ (مەتتا 25:10—12؛ 2-پېتر. 2:20، 21). ئادەملەرنى ئۇلۇغلاشتىن نېرى تۇرساق، ھەتتا مەسىھ قىلىنغانلارنىڭ، ھەممىگە تونۇشلۇق ئېتىقادچىلار ياكى خۇداغا كۆپ يىللار خىزمەت قىلغانلارنىڭ كەينىدىن ئەگەشمەيمىز (يەھۇدا 16). شۇ چاغدىلا، ئەگەر مەسىھ قىلىنغانلار ساداقەتمەنلىكىنى ساقلىمىسا ياكى جامائەتنى تاشلاپ كېتىپ قالسا، ئېتىقادىمىزدا تەۋرەنمەي، يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى توختاتماي داۋملاشتۇرىمىز.
ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟
11. خاتىرىلەش مۇراسىمىدا سىمۋوللارغا ئېغىز تەگكۈزىدىغانلارنىڭ سانىدا قانداق ئۆزگۈرۈش بولغان؟
11 كۆپ يىللاردىن بۇيان، خاتىرىلەش مۇراسىمىدا سىمۋوللارغا ئېغىز تەگكۈزگەنلەرنىڭ سانى ئازايغان. لېكىن، يېقىنقى يىللاردا ئۇلارنىڭ سانى يىلدىن-يىلغا كۆپەيمەكتە. بۇنىڭغا ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟ ياق. نېمە ئۈچۈن؟ بىرقانچە سەۋەبى بار، كۆرۈپ باقايلى.
12. سىمۋوللارغا ئېغىز تەگكۈزىدىغانلارنىڭ سانى توغرۇلۇق نېمە ئۈچۈن ئەنسىرىمەسلىكىمىز كېرەك؟
12 «يەھۋا ئۆزىگە مەنسۇپ بولغانلارنى تونۇيدۇ» (2-تىموت. 2:19). يەھۋا خۇدا كىمنىڭ مەسىھ قىلىنغانلىقىنى بىلىدۇ، لېكىن خاتىرىلەش مۇراسىمىدا نان ۋە شارابقا ئېغىز تەگكۈزگەنلەرنى سانايدىغان بۇرادەرلەر بۇنى ئېنىق بىلمەيدۇ. شۇڭا، ئۆزلىرىنى مەسىھ قىلىنغان دەپ قارىغان، ئەمما، شۇنداق ئەمەسلەرمۇ شۇ ساننىڭ ئىچىگە كىرىدۇ. مەسىلەن، بەزىلەر سىمۋوللارغا ئېغىز تەگكۈزۈشنى توختاتقان. يەنە بەزىلەر نېرىۋا كېسىلى ياكى روھىي كەيپىياتى تۇراقسىز بولغاچ، ئاسماندا مەسىھ بىلەن بىللە ھۆكۈمرانلىق قىلىمىز دەپ ئويلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز مەسىھ قىلىنغانلارنىڭ يەردىكى قالدۇق سانىنى ئېنىق بىلمەيمىز.
13. مۇقەددەس كىتابتا دەھشەتلىك بالايىئاپەت باشلانغاندا، يەردە قانچە مەسىھ قىلىنغانلار قالىدىغانلىقى يېزىلغانمۇ؟
13 ئەيسا ئاسمانغا مەسىھ قىلىنغانلارنى ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن كەلگەندە، ئۇلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بولىدۇ (مەتتا 24:31). مۇقەددەس كىتابتا ئاخىر زاماندا يەردە ئاز ساندىكى مەسىھ قىلىنغانلارنىڭ بولىدىغانلىقى يېزىلغان (ۋەھىي. 12:17). بىراق، دەھشەتلىك بالايىئاپەت باشلانغاندا، ئۇلارنىڭ سانى قانچە بولىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچنېمە تىلغا ئېلىنمىغان.
14. رىملىقلار 9:11، 16-ئايەتلەرگە ئاساسەن، مەسىھ قىلىنغانلارنىڭ تاللىنىشى توغرۇلۇق نېمىنى چۈشىنىشىمىز كېرەك؟
14 مەسىھ قىلىنغانلارنى قاچان تاللاشنى يەھۋا خۇدا ئۆزى قارار قىلىدۇ (رىملىقلار 8:28—30). يەھۋا مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلارنى تاللاشنى، ئەيسا تىرىلگەندىن كېيىن باشلىغان. قارىماققا، بىرىنچى ئەسىردە ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مەسىھ قىلىنغان. لېكىن، ئەسىرلەر ئۆتۈپ، ئۆزلىرىنى ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى، دەپ ئاتىۋالغانلارنىڭ تەڭدىن تولىسى ئەيسا مەسىھكە ئەگەشمىگەن. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، يەھۋا خۇدا ھەقىقىي مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنى مۇقەددەس روھ بىلەن مەسىھ قىلغان. ئۇلار ياۋايى چۆپلەرنىڭ ئارىسىدا ئۆسكەن بۇغدايغا ئوخشاش ئىدى (مەتتا 13:24—30). ئاخىر زاماندا، يەھۋا 144000 نى تولدۇرۇش ئۈچۈن ئادەملەرنى تاللاشنى داۋاملاشتۇرماقتا d. شۇڭا، خۇدا بىرسىنى ئاسماندا ياشاش ئۈچۈن دەل بۇ دۇنيانىڭ ئاخىرى كېلىشتىن ئاۋۋال تاللىسا، بىز ئۇنىڭ دانالىقىغا گۇمان قىلمايمىز (رىملىقلار 9:11، 16-نى ئوقۇڭ) e. بىز ئەيسانىڭ تەمسىلىدىكى ئىشچىلارغا ئوخشاپ قېلىشتىن پەخەس بولۇشىمىز كېرەك. ئۇلار ئۈزۈمزارلىقنىڭ خوجايىنى ئاخىرقى سائەتتە ئىشلەشكە كەلگەن ئىشچىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.—مەتتا 20:8—15.
15. مەتتا 24:45—47-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان «سادىق ۋە ئەقىل-پاراسەتلىك قۇل» قاتارىغا ھەممە مەسىھ قىلىنغانلار كىرەمدۇ؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
15 «سادىق ۋە ئەقىل-پاراسەتلىك قۇل» قاتارىغا مەسىھ قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسى كىرمەيدۇ (مەتتا 24:45—47-نى ئوقۇڭ). يەھۋا خۇدا ۋە ئەيسا مەسىھ بىرىنچى ئەسىردە قىلغاندەك، بۈگۈنمۇ بىرنەچچە بۇرادەرلەر ئارقىلىق كۆپچىلىكنى تويدۇرىدۇ، يەنى تەلىم بېرىدۇ. مەسىلەن، بىرىنچى ئەسىردە گرېك يازمىلارنى پەقەت بىرنەچچە مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار يازغان. بۈگۈنكى كۈندىمۇ خۇدا خەلقىگە ۋاقتى-ۋاقىتىدا ئوزۇق-تۈلۈكنى بېرىش مەسئۇلىيىتى پەقەت بىرنەچچە مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلارغا تاپشۇرۇلغان.
16. بۇ ماقالىدىن بىز نېمىنى ئۆگەندۇق؟
16 بۇ ماقالىدىن بىز نېمىنى ئۆگەندۇق؟ خۇدا خىزمەتچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى يەردە مەڭگۈ ياشايدۇ. ئەيسا بىلەن بىللە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ئاز ساندىكى ئادەملەر بولسا، ئاسماندا ياشاش ئۈمىدىگە ئىگە. يەھۋا بارلىق خىزمەتچىلىرىنى، يەنى «بىر يەھۇدىي كىشى»، ھەم «ئون كىشى»نى مۇكاپاتلايدۇ ۋە ئۇلاردىن ئوخشاش قانۇنلارغا ئەمەل قىلىشنى ۋە ساداقەتمەن بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. خۇدانىڭ ھەممە خىزمەتچىلىرى كەمتەر بولۇشى ۋە يەھۋا خۇداغا بىرلىكتە خىزمەت قىلىشى كېرەك. يەنە ھەممە چوقۇم جامائەتنىڭ ئىناقلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن بىردەك كۈچ چىقىرىشى زۆرۈر. زامان ئاخىرى يېقىنلىشىۋاتقانسېرى، ھەممىمىز «بىر پادا» سۈپىتىدە يەھۋاغا داۋاملىق خىزمەت قىلىپ، مەسىھكە ئەگىشەيلى.—يۇھاننا 10:16.
a بۇ يىل مەسىھنى خاتىرىلەش مۇراسىمى 7-ئاپرېل، سەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. جامائىتىڭىزدە بىرسى نان ۋە شارابقا ئېغىز تەگكۈزسە، ئۇنىڭغا قانداق قارىشىڭىز كېرەك؟ مەسىھ قىلىنغانلارنىڭ سانى كۆپىيۋاتقانلىقىغا ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟ مۇشۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى بۇ ماقالىدىن تاپىمىز. بۇ ماقالە «كۈزىتىش مۇنارى» (باشقا تىلدا) 2016-يىل، يانۋار سانىدا نەشىر قىلىنغان ماقالىگە ئاساسلانغان.
b زەبۇر 87:5، 6-ئايەتلەرگە ئاساسەن، خۇدا كېلەچەكتە ئاسماندا ئەيسا بىلەن بىللە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئاشكارا قىلىپ بېرىشى مۇمكىن.—رىملىقلار 8:19.
c «كۈزىتىش مۇنارى» (باشقا تىل) 2016-يىل، يانۋار سانىنىڭ 27-بېتىدىكى «مېھىر-مۇھەببەت … ئۆزىنى ئەدەبسىز تۇتمايدۇ»، ناملىق رامكىغا قاراڭ.
d ئەلچىلەر 2:33-ئايەتكە ئاساسەن، مۇقەددەس روھ ئەيسا ئارقىلىق بېرىلسىمۇ، ئاسماندا ياشاشقا كىمنى تاللاشنى يەھۋا ئۆزى قارار قىلىدۇ.
e كۆپرەك مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، «كۈزىتىش مۇنارى» (باشقا تىلدا) 2007-يىل، 1-ماي سانىدىكى «ئوقۇرمەنلەرنىڭ سوئاللىرىغا» قاراڭ.
29-ناخشا ساداقەتمەنلىكنى ساقلاپ يۈرۈش
f سۈرەتتە: چوڭ يىغىلىشتا بىر توپ ئادەم مەركىزى باش ئىدارىنىڭ ۋەكىلى ۋە ئۇنىڭ ئايالى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈش ئۈچۈن ئۇلارنى قورشاۋالغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭە. نېمە دېگەن ھۆرمەتسىزلىك!