47-تەتقىق ماقالىسى
سىز نەسىھەتلەرنى قوبۇل قىلىشقا تەييارمۇ؟
«ئەڭ ئاخىرىدا، ئەي قېرىنداشلار، داۋاملىق خۇشال بولۇڭلار، تۈزىتىشنى قوبۇل قىلىڭلار».—2-كورىنت. 13:11.
32-ناخشا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرايلى!
بۇ ماقالىدە a
1. مەتتا 7:13، 14-ئايەتلەرگە ئاساسەن، بىز قايسى سەپەرگە چىقتۇق؟
ھەممىمىز سەپەرگە چىقتۇق. مەقسىتىمىز — يەھۋانىڭ سۆيگۈ-مۇھەببەت بىلەن يۈرگۈزىدىغان ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى يېڭى دۇنيادا ياشاش. ھەر كۈنى بىز ھاياتقا يېتەكلەيدىغان يولدا مېڭىشقا تىرىشىمىز. ئەيسا ئېيتقاندەك، بۇ يول تار ھەم بەزىدە بۇ يولدا ماڭماق تەس (مەتتا 7:13، 14-نى ئوقۇڭ). بىز نامۇكەممەل، شۇڭا بۇ يولدىن ئاسانلا چىقىپ كېتىپ قالىمىز.—گالاتىيا. 6:1.
2. بۇ ماقالىدە، نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟ (شۇنداقلا « كەمتەرلىك قەدەملىرىمىزنى تۈزىتىشكە ياردەم بېرىدۇ» ناملىق رامكىغا قاراڭ)
2 ئەگەر ھاياتقا يېتەكلەيدىغان تار يولدا مېڭىشنى خالىساق، بىز ئوي-پىكىر، كۆز قاراش ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزنى ئۆزگەرتىشكە تەييار بولۇشىمىز كېرەك. ئەلچى پاۋلۇس داۋاملىق «تۈزىتىشنى قوبۇل قىلىڭلار» دەپ، كورىنت شەھىرىدە ياشىغان ئېتىقادداشلارنى ئۆزگۈرۈشكە دەۋەت قىلغان (2-كورىنت. 13:11). بىزمۇ بۇ نەسىھەتكە ئەمەل قىلىشىمىز كېرەك. بۇ ماقالىدە، مۇقەددەس كىتاب ئۆزگۈرۈشلەرنى قىلىشىمىزغا ۋە روھىي جەھەتتىن يېتىلگەن دوستلار ھايات يولىدا داۋاملىق مېڭىشىمىزغا قانداق ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، بىز يەھۋانىڭ تەشكىلاتىنىڭ يېتەكچىلىكىگە بويسۇنۇش نېمە ئۈچۈن قىيىن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى مۇھاكىمە قىلىمىز. يەنە كەمتەرلىك بىزنىڭ يەھۋاغا خىزمەت قىلىشتا خۇشاللىقىمىزنى يوقاتماي، ئۆزگۈرۈشلەرنى قىلىشقا قانداق ياردەم بېرىدىغانلىقىنى كۆرىمىز.
خۇدا سۆزىنىڭ سىزنى تۈزىتىشىگە يول قويۇڭ
3. خۇدا سۆزى قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
3 ئۆزۈمىزنىڭ ئوي-پىكىرلىرى ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىنى تەكشۈرۈشكە تىرىشقاندا، قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىمىز. قەلبىمىز ئالدامچى، شۇڭا ئۇ بىزنى نېمىگە دەۋەت قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىش قىيىن بولۇشى مۇمكىن (يەرەم. 17:9). «خاتا كۆز قاراش» ئارقىلىق ئۆزۈمىزنى ئالداش ئاسان (ياقۇپ 1:22). شۇڭا، ئۆزۈمىزنى تەكشۈرۈش ۋە يوشۇرۇن ئوي-پىكىرلىرىمىز ھەم نىيەتلىرىمىزنى ئاشكارا قىلىش ئۈچۈن خۇدا سۆزىنى قوللىنىشىمىز كېرەك (ئىبرانىي. 4:12، 13). خۇددى رېنتىگېن ئاپپاراتى كەبى خۇدا سۆزىمۇ قەلبىمىزنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە ياردەم بېرىدۇ. ئەگەر مۇقەددەس كىتاب ۋە خۇداغا ۋەكىللىك قىلغۇچىلارنىڭ بەرگەن نەسىھىتىنىڭ پايدىسىنى كۆرۈشنى خالىساق، كەمتەر بولۇشىمىز لازىم.
4. سائۇل پادىشاھنىڭ تەكەببۇر بولۇپ كەتكەنلىكى نېمىدىن كۆرىنىدۇ؟
4 پادىشاھ سائۇلنىڭ مىسالى كەمتەرلىك يېتىشمىسە نېمە ئىش يۈز بېرەلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. سائۇل شۇنچىلىك تەكەببۇر بولۇپ كەتكەنكى، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئوي-پىكرىنى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئۆزگەرتىش كېرەكلىكىنى ئېتىراپ قىلمىغان (زەبۇر 36:1، 2؛ ھاباق. 2:4). بۇ يەھۋا ئۇنىڭغا ئامالەكلەر ئۈستىدىن غەلىبە قازانغاندىن كېيىن نېمە قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە ئېنىق كۆرسەتمىسىنى بەرگەندە روشەن بولغان. ئەمما، سائۇل خۇدانىڭ ئېنىق كۆرسەتمىسىگە ئىتائەت قىلمىغان. سامۇئىل ئۇنىڭ ئىتائەتسىزلىكى ھەققىدە ئېيتقاندا، سائۇل ئۆتكۈزگەن خاتالىقىنى بوينىغا ئالمىغان. ئەكسىنچە، ئۇ بۇ ئۇنچە ئېغىر خاتالىق ئەمەس ۋە ئۆزىنى باشقىلار شۇنداق قىلىشقا مەجبۇرلىغان، دەپ ئۆزىنى ئاقلاشقا تىرىشقان (1-سام. 15:13—24). بۇندىن بۇرۇن، سائۇل شۇنىڭغا ئوخشاش ھەرىكەت قىلغان (1-سام. 13:10—14). ئەپسۇس، سائۇل ئۆز قەلبىدە ھاكاۋۇرلۇقنىڭ يىلتىز تارتىشىغا يول بەرگەن. ئۇ ئۆز ئوي-پىكىرلىرىنى ئۆزگەرتمىگەچ، يەھۋا ئۇنى ئەيىبلىگەن ۋە رەت قىلغان.
5. سائۇلنىڭ مىسالىدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟
5 سائۇلنىڭ مىسالىدىن ساۋاق ئېلىش ئۈچۈن ئۆزۈمىزدىن بىرنەچچە سوئاللارنى سوراپ كۆرسەك ياخشى: «خۇدا سۆزىدىكى نەسىھەتلەرنى ئوقۇغىنىمدا، ئۆزۈمنى ئاقلاش ئادىتىم بارمۇ؟ ئىتائەتسىزلىكنى ئۇنچە چوڭ خاتالىق ئەمەس دەپ قارايمەنمۇ؟ ئۆز گۇناھىمنى باشقىلارغا ئارتىپ قويىمەنمۇ؟» سوئاللارنىڭ بىرىگە «ھەئە» دەپ جاۋاب بەرسەك، ئۆزۈمىزنىڭ ئوي-پىكىرى ۋە كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىشىمىز لازىم. بولمىسا، قەلبىمىز شۇنچىلىك تەكەببۇر بولىدۇكى، ھەتتا يەھۋا بىزنى دوستۇم ئەمەس، دەپ رەت قىلىدۇ.—ياقۇپ 4:6.
6. سائۇل پادىشاھ بىلەن داۋۇت پادىشاھنىڭ ئارىسىدا قانداق پەرق بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
6 سائۇل پادىشاھ بىلەن «يەھۋانىڭ قانۇنلىرىدىن» سـۆيۈنگەن، ئـۇنىڭ ئـىز باسـارى داۋۇت پادىشاھنىڭ ئارىسىدىكى پەرقنى كۆرۈڭ (زەبۇر 1:1—3). داۋۇت يەھۋا تەكەببۇرلارغا قارشى چىقىپ، كەمتەر ئادەملەرنى ئامان قالدۇرىدىغانلىقىنى بىلگەن (2-سام. 22:28). شۇڭا، داۋۇت ئۆزىنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى خۇدانىڭ قانۇنىنىڭ ئۆزگەرتىشىگە يول قويغان. ئۇ مۇنداق يازغان: «ماڭا نەسىھەت بەرگەن يەھۋانى مەدھىيىلەيمەن. ھەتتا كېچىدە، تۈزىتەر مېنى قەلبىمدىكى ئوي-پىكىرلىرىم».—زەبۇر 16:7.
7. كەمتەر بولساق نېمە قىلالايمىز؟
7 كەمتەر بولساق، خۇدانىڭ سۆزىنى يامان ئىشلارنى قىلىشتىن بۇرۇن، ناتوغرا ئوي-پىكىرلىرىمىزنى ئۆزگەرتىشكە يول بېرىمىز. خۇدا سۆزى خۇددى بىرىنىڭ ئاۋازىدەك، بىزگە مۇنداق دەيدۇ: «مانا يول، بۇ يولدا مېڭىڭلار». بۇ سۆزلەر كېتىۋاتقان يولىمىزدىن ئوڭ ياكى سولغا چەتنەپ كەتكەندە، بىزنى ئاگاھلاندۇرىدۇ (يەشايا 30:21). يەھۋاغا قۇلاق سېلىپ، نۇرغۇن جەھەتتىن پايدا-مەنپەئەتكە ئېرىشەلەيمىز (يەشايا 48:17). مەسىلەن، كىمدۇ-بىرسىنىڭ تۈزىتىشىنى قوبۇل قىلىشتىن خىجىللىق ھېس قىلمايمىز. شۇنىڭ بىرگە، يەھۋاغا تېخىمۇ يېقىنلىشىمىز، چۈنكى ئۇ بىزنى ئۆزىنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلىدەك كۆرىدىغانلىقىنى بىلىمىز.—ئىبرانىي. 12:7.
8. ياقۇپ 1:22—25-ئايەتلەردە ئېيتىلغاندەك، خۇدا سۆزىنى ئەينەك سۈپىتىدە قانداق قوللىنالايمىز؟
8 خۇدا سۆزى خۇددى ئەينەككە ئوخشاش (ياقۇپ 1:22—25-نى ئوقۇڭ). ھەر كۈنى ئەتىگەندە، كۆپىنچىمىز ئۆيدىن چىقىشتىن ئاۋۋال ئەينەككە قارايمىز. سەۋەبى، بىرسى بىزنى كۆرۈشتىن ئاۋۋال بىز ئەينەككە قاراپ، تاشقى كۆرۈنىشىمىزنى تۈزىتىمىز. بۇنىڭغا ئوخشاش، مۇقەددەس كىتابنى ھەر كۈنى ئوقۇغاندا، ئوي-پىكىرىمىز بىلەن كۆز قارىشىمىزنى قانداق ئۇسۇلدا ئۆزگەرتىشكە بولىدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. نۇرغۇنلار ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئۆيدىن چىقىشتىن ئاۋۋال كۈندىلىك ئايەتنى ئوقۇپ چىقىشنىڭ پايدىسىنى كۆرىدۇ. ئۇلار ئوقۇغانلىرىنىڭ ئوي-پىكىرىگە تەسىر قىلىشىغا يول بېرىدۇ. كېيىن، ئۇلار شۇ كۈنى جەريانىدا، خۇدا سۆزىدىكى نەسىھەتنى ئەمەلىي قوللىنىش پۇرسەتلىرىنى ئىزدەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بىزدە ھەر كۈنى خۇدا سۆزىنى ئوقۇش ۋە ئۇلار ئۈستىدىن چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆگىنىش ئادىتى بولۇشى كېرەك. بۇ ئاددىي كۆرۈنسىمۇ، بىراق بۇ تار يولدا مېڭىشىمىزغا ياردەم بېرەلەيدىغان ئەڭ مۇھىم نەرسىلەرنىڭ بىرى.
روھىي جەھەتتىن يېتىلگەن دوستلارنى تىڭشاڭ
9. دوستىڭىز سىزنى قاچان تۈزىتىشى مۇمكىن؟
9 سىز ئىلگىرى يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزنى ۋەيران قىلىدىغان يولدا مېڭىشقا باشلىغانمۇ؟ (زەبۇر 73:2، 3) ئەگەر روھىي جەھەتتىن يېتىلگەن دوستىڭىز دادىللىق بىلەن سىزنى تۈزەتكەندە، ئۇنى تىڭشاپ، بەرگەن نەسىھىتى بويىچە يول تۇتتىڭىزمۇ؟ ئەگەر شۇنداق قىلغان بولسىڭىز، توغرا ئىش قىلدىڭىز ھەم دوستىڭىزنىڭ بەرگەن ئاگاھلاندۇرۇشى ئۈچۈن بەك مىننەتدار بولغانسىز.—پەند. نە 1:5.
10. دوستىڭىز سىزنى تۈزەتكەندە، قانداق ئىنكاس قايتۇرۇش توغرا بولىدۇ؟
10 خۇدا سۆزى «دوست سالغان جاراھەت ۋاپادارلىقتىندۇر، دۈشمەننىڭ سۆيۈشلىرى ھىيلىگەرلىكتىندۇر» دېگەننى ئېسىمىزگە سالىدۇ (پەند. نە 27:6). بۇ نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ بىر مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى: سىز ماشىنىلارغا تولغان كوچىدىن ئۆتمەكچى بولدىڭىز دەيلى. تېلېفوندا پاراڭلىشىپ، ئوڭ-سولغا قارىمايلا قەدەم باستىڭىز. شۇ چاغدا، دوستىڭىز قولىڭىزدىن قاتتىق تارتىپ، سىزنى يولنىڭ چېتىگە چىقىرىۋالىدۇ. ئۇ قولىڭىزنى شۇنداق قاتتىق تارتقان بولۇپ، ھەتتا قولىڭىزنى يارىلاندۇرۇپ قويىدۇ. ئەمما، سىزنى ماشىنا سوقۇۋېتىشتىن ساقلاپ قالىدۇ. يارىلانغان قولىڭىز نەچچە كۈنگىچە ئاغرىسىمۇ، دوستىڭىزنىڭ شۇنداق قىلغىنى ئۈچۈن خاپا بولامسىز؟ ئەلۋەتتە، خاپا بولمايسىز. بەلكى ئۇنىڭغا بەك مىننەتدار بولىسىز. بۇنىڭغا ئوخشاش، ئەگەر دوستىڭىز سىزنىڭ خۇدانىڭ ھەققانىي ئۆلچەملىرىگە ماس گەپ-سۆز ياكى ئىش-ھەرىكەت قىلمىغانلىقىڭىزنى ئېيتسا، بېشىدا ئېغىر كېلىشى مۇمكىن. بىراق، ئۇنىڭ نەسىھىتىگە رەنجىمەڭ. بۇ نادانلىق بولىدۇ (ۋەز 7:9). بۇنىڭ ئورنىغا، دوستىڭىزنىڭ دادىللىق بىلەن شۇنى يۈزىڭىزگە ئېيتقىنىغا مىننەتدار بولۇڭ.
11. بەزىلەر مېھرىبان دوستلىرىنىڭ نەسىھىتىنى نېمە سەۋەبتىن رەت قىلىشى مۇمكىن؟
11 بەزىلەر مېھرىبان دوستلىرىنىڭ نەسىھىتىنى نېمە سەۋەبتىن رەت قىلىشى مۇمكىن؟ تەكەببۇرلۇق سەۋەبلىك. تەكەببۇر ئادەم «قۇلاقلىرىغا خۇش ياقىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلاش»نى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار «ھەقىقەتنى ئاڭلىمايدۇ» (2-تىموت. 4:3، 4). ئۇلارغا نەسىھەتنىڭ ھاجىتى يوق، سەۋەبى ئۇلار ئۆزىنى باشقىلاردىن ئەقىللىقراق ھەم مۇھىمراق دەپ ئويلايدۇ. لېكىن، ئەلچى پاۋلۇس: «كىشى ھېچنېمە ئەمەس تۇرۇپ، ئۆزىنى قالتىس بىرى دەپ ئويلىسا، ئۆز-ئۆزىنى ئالدىغان بولىدۇ»،— دېگەن (گالاتىيا. 6:3). سۇلايمان پادىشاھ بۇنى بەك ياخشى چۈشەندۈرگەن: «قېرى، ئاگاھلاندۇرۇشقا قۇلاق سېلىشنى خالىمايدىغان نادان پادىشاھتىن، كەمبەغەل، ئەمما دانا يىگىت ياخشىدۇر».—ۋەز 4:13.
12. گالاتىيالىقلار 2:11—14-ئايەتلەردە يېزىلغاندەك، ئەلچى پېترۇسنىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
12 ئەلچى پاۋلۇس كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئەلچى پېترۇسقا نەسىھەت بەرگەندە، پېترۇسنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقىغا دىققەت قىلىڭ (گالاتىيالىقلار 2:11—14-نى ئوقۇڭ). پاۋلۇسنىڭ نەسىھەت بېرىش ئۇسۇلى ۋە قەيەردە نەسىھەت بەرگەنلىكىگە كۆڭۈل بۆلگەن بولسا، پېترۇس ئۇنىڭدىن خاپا بولغان بولاتتى. ئەمما، پېترۇس دانا ئادەم بولغان. ئۇ نەسىھىتىنى قوبۇل قىلىپ، پاۋلۇسقا كۆڭلىدە ئاداۋەت ساقلىمىغان. ئەكسىنچە، ئۇ كېيىنرەك پاۋلۇسنى «قەدىرلىك قېرىندىشىمىز» دېگەن.—2-پېتر. 3:15.
13. نەسىھەت بەرگەندە، بىز نېمىنى ئەستە تۇتۇشىمىز كېرەك؟
13 سىز دوستىڭىزغا بىر نەسىھەت بېرىش كېرەكلىكىنى ھېس قىلسىڭىز، نېمىنى ئېسىڭىزدە تۇتۇشىڭىز كېرەك؟ ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشتىن ئاۋۋال ئۆزىڭىزدىن:«مەن «ھەددىدىن زىيادە ئادىل» بولۇپ كەتتىمۇ؟»،— دەپ سورىسىڭىز بولىدۇ (ۋەز 7:16). ھەددىدىن زىيادە ھەققانىي ئادەم يەھۋانىڭ ئۆلچەملىرى بويىچە ئەمەس، ئۆزىنىڭ ئۆلچەملىرى بويىچە باشقىلارنى ئەيىبلەيدۇ. بۇنداق ئادەم رەھىمسىز بولۇشى مۇمكىن. ئۆز-ئۆزىڭىزنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، يەنىلا دوستىڭىز بىلەن سۆزلىشىش كېرەكلىكىنى كۆرسىڭىز، دوستىڭىزغا ئۆز خاتالىقىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىشى ئۈچۈن مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرىدىغان كۆز قاراشنى ئوتتۇرغا قويىدىغان سوئاللاردىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ خاتالىقىنى كۆرۈپ يېتىشكە ياردەم بېرىڭ. دوستىڭىز سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ئەمەس، يەھۋانىڭ ئالدىدا جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئەستە تۇتۇپ، سۆزلىرىڭىزنىڭ مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغانلىقىغا كۆز يەتكۈزۈڭ (رىملىقلار 14:10). مۇقەددەس كىتابنىڭ دانالىقىغا تايىنىڭ ۋە بىرسىگە نەسىھەت بەرگەندە، ئەيسانىڭ ھەمدەرتلىكىدىن ئۈلگە ئېلىڭ (پەند. نە 3:5؛ مەتتا 12:20). نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، بىز باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغان بولساق، يەھۋا بىزگىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ.—ياقۇپ 2:13.
يەھۋانىڭ تەشكىلاتى بەرگەن كۆرسەتمىلەرگە ئەمەل قىلىڭ
14. يەھۋانىڭ تەشكىلاتى بىزنى نېمىلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ؟
14 يەھۋا تەشكىلاتىنىڭ يەردىكى قىسمى ئارقىلىق بىزنى ھايات يولىدا يېتەكلەيدۇ. بۇ تەشكىلات مۇقەددەس كىتابتىكى نەسىھەتكە ئەمەل قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان فىلىملەر، كىتاب-ماتېرىياللار ۋە جامائەت يىغىلىشلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇلار ئىشەنچىلىك ۋە مۇقەددەس يازمىلارغا ئاساسلانغان. يېتەكچى كېڭەش ۋەز قىلىش ئىشىنى قانداق ياخشى ئورۇنلاش ھەققىدە قارار چىقىرىشتا مۇقەددەس روھقا تايىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يېتەكچى كېڭەش ۋەز ئىشىغا مۇناسىۋەتلىك چىقارغان قارارلىرىنى دائىم تەكشۈرۈپ تۇرىدۇ. چۈنكى، «بۇ دۇنيانىڭ سەھنىسى ئۆزگىرىۋاتىدۇ»، شۇڭا، خۇدانىڭ تەشكىلاتى يېڭى ئۆزگۈرۈشلەرگە ماسلىشىپ تۇرۇشى كېرەك.—1-كورىنت. 7:31.
15. بەزى ۋەز ئېيتقۇچىلار قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن؟
15 يەھۋانىڭ تەشكىلاتى مۇقەددەس كىتاب تەلىملىرى ھەققىدە يېڭى چۈشەنچە ياكى ئەخلاقىي ئۆلچەملەرگە ماس ياشاش توغرۇلۇق كۆرسەتمە بەرگەندە، بىز ئۇلارنى قوبۇل قىلىمىز ۋە ئەمەلىي قوللىنىمىز. خۇدانىڭ تەشكىلاتىدىكى ئۆزگۈرۈشلەر ھاياتىمىزنىڭ ھەر بىر ساھەسىگە تەسىر قىلغاندا قانداق ئىنكاس قايتۇرىمىز؟ مەسىلەن، بۇ يېقىنقى بىر نەچچە يىللاردا، ئىبادەت زاللىرىنى سېلىش ۋە ئۇلارنى ئاسراپ ساقلاش خىراجىتى تېز ئۆسۈۋاتىدۇ. شۇڭا، يېتەكچى كېڭەش ئىبادەت زاللىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ھەققىدە كۆرسەتمە بەرگەن. نەتىجىدە، بەزى جامائەتلەر قوشۇلۇپ بىرلىشىپ، بەزى جايلاردىكى ئىبادەت زاللىرى سېتىلغان. توپلانغان پۇللار ئىبادەت زاللىرىغا بەكرەك مۇھتاج بولغان جايلارغا ئىشلىتىلمەكتە. ئەگەر ئىبادەت زاللىرى سېتىلىۋاتقان ۋە جامائەتلەر بىرلەشتۈرۈلگەن رايوندا ياشىسىڭىز، سىزگە يېڭى شارائىتقا ماسلىشىش قىيىن بولۇشى مۇمكىن. سەۋەبى، بەزى ۋەز ئېيتقۇچىلارغا ئەمدى جامائەت يىغىلىشىغا بېرىش ئۈچۈن ئۇزاقراق يول مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ. ئىبادەت زاللىرى قۇرۇلۇشىغا ۋە ئۇلارنى ئاسراپ ساقلاشقا قاتنىشىپ، تەر تۆككەنلەر بولسا، نېمە ئۈچۈن بۇ ھازىر سېتىلىۋاتىدۇ دەپ ھەيران قېلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ چىقارغان ۋاقتى ھەم كۈچى بىكارغا كەتتى دەپ قارىشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ، ئۇلار يېڭى كۆرسەتمىلەرگە بويسۇنىدۇ، شۇڭا ئۇلار ماختاشقا لايىق.
16. كولوسىلىقلار 3:23، 24-ئايەتتىكى نەسىھەتنى قوللىنىش خۇشاللىقنى ساقلاپ قېلىشقا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
16 يەھۋا ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىمىزنى ۋە تەشكىلاتىنى ئۆزى باشقۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېسىمىزدە تۇتساق، خۇشاللىقىمىزنى يوقىتىپ قويمايمىز (كولوسىلىقلار 3:23، 24-نى ئوقۇڭ). داۋۇت پادىشاھ ئىبادەتخانىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پۇل-مېلىنى ھەدىيە قىلىشتا، ياخشى بىر ئۈلگە كۆرسەتكەن. ئۇ: «مەن كىم ئىدىم، خەلقىم كىم ئىدى. قانداقمۇ ئۆز كۈچىمىز بىلەن ساڭا ئىختىيارى ھەدىيەلەرنى كەلتۈرەلەيمىز؟ ئەسلى ھەممە نەرسە سەندىن كەلگەن. بىز سېنىڭ قولۇڭدىن ئالغان نەرسىنى ئۆزۈڭگە قايتۇرۇۋاتىمىز».— دېگەنىدى (1-تارىخ. 29:14). بىز يەھۋادىن ئالغان نەرسىنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بېرىمىز. بۇنىڭغا قارىماستىن، يەھۋانىڭ ۋەز ئىشىنى قىلىشقا ۋاقتىمىز، كۈچىمىز ۋە پۇلىمىزنى چىقارغاندا، بىز ئۇنى بەك خۇشال قىلىمىز.—2-كورىنت. 9:7.
تار يولدا مېڭىڭ
17. بەزىدە قەدەملىرىڭىزنى تۈزىتىشكە توغرا كېلىدىغان بولسىمۇ، نېمە ئۈچۈن روھىڭىزنى چۈشۈرمەسلىكىڭىز كېرەك؟
17 ھاياتلىققا يېتەكلەيدىغان تار يولدا مېڭىش ئۈچۈن ئەيسانىڭ ئىزى بىلەن توپ-توغرا مېڭىش كېرەك (1-پېتر. 2:21). ئەگەر بەزى قەدەملىرىڭىزنى تۈزىتىشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى بايقىسىڭىز، روھىڭىزنى چۈشۈرمەڭ. ئۆزگۈرۈشلەرنى قىلىش كېرەكلىكىنى ئېتىراپ قىلسىڭىز، يەھۋانىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىشنى خالايدىغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىسىز. ياراتقۇچىمىز يەھۋا بىزنىڭ نامۇكەممەل ئىكەنلىكىمىزنى ياخشى بىلىدۇ، شۇڭا ئۇ بىزدىن مۇكەممەل تۈردە ئەيسادىن ئۈلگە ئېلىشىمىزنى كۈتمەيدۇ.
18. مەقسىتىمىزگە يېتىپ بېرىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
18 كېلەچەككە كۆز تىكىپ، ئوي-پىكىرىمىز، كۆز قارىشىمىز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزنى ئۆزگەرتىشكە تەييار بولايلى (پەند. نە 4:25؛ لۇقا 9:62). داۋاملىق كەمتەرلىكنى ساقلاپ، شاد-خۇرام بولايلى ۋە ئوي-پىكىرلىرىمىزنى توغرىلاپ تۇرايلى (2-كورىنت. 13:11). شۇ چاغدىلا، «سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە تىنچلىقنىڭ خۇداسى» بىز بىلەن بولىدۇ. ئۇ بىزگە خۇشال بولۇشقا ياردەم قىلىدۇ ۋە يېڭى دۇنيادىكى مەڭگۈ ھاياتلىقنى بېرىدۇ.
29-ناخشا ساداقەتمەنلىكنى ساقلاپ يۈرۈش
a بەزىلىرىمىز ئۈچۈن ئوي-پىكىر، كۆز قاراش ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزنى ئۆزگەرتىش قىيىن بولۇشى مۇمكىن. بۇ ماقالە، نېمە ئۈچۈن بىز ھەممىمىز ئۆزگۈرۈشىمىز كېرەكلىكىنى ۋە بۇنى قىلغاندا، داۋاملىق خۇشاللىقنى ساقلاش ئۈچۈن قانداق قىلالايدىغانلىقىمىزنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
b سۈرەتتە: ياش بۇرادەر ناتوغرا قارار چىقارغاندا، نېمە بولغانلىقى ھەققىدە ئېيتىپ بېرىۋاتقاندا، يېشى چوڭ بۇرادەر (ئوڭدا) ئۇنى دىققەت قويۇپ تىڭشاپ، ئۇنىڭغا قانداقتۇ بىر نەسىھەت بېرىش كېرەكلىكىنى ئېنىقلاۋاتىدۇ.