46-تەتقىق ماقالىسى
جاسارەتلىك بولۇڭ، يەھۋا ياردەمچىڭىزدۇر
«سەندىن ئەسلا ئايرىلمايمەن، سېنى ئەسلا تاشلىمايمەن».—ئىبرانىي. 13:5.
33-ناخشا ئۇلاردىن قورقماڭلار!
بۇ ماقالىدە a
1. بېشىمىزغا ئېغىر كۈن چۈشۈپ، ئۆزۈمىزنى يالغۇز قالغاندەك ھېس قىلغاندا، نېمە بىزگە تەسەللى بېرىدۇ؟ (زەبۇر 118:5—7)
بېشىڭىزغا ئېغىر كۈن چۈشۈپ، يېنىڭىزدا ياردەم بېرىدىغان ھېچكىم يوق، ئۆزىڭىزنى يالغۇز ھېس قىلغان ۋاقتىڭىز بولغانمۇ؟ نۇرغۇن ئادەملەر، شۇ جۈملىدىن يەھۋانىڭ سادىق خىزمەتچىلىرىمۇ شۇنداق ھېس قىلغان (1-پادىشاھ. 19:14). ئەگەر شۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالسىڭىز، يەھۋانىڭ «سەندىن ئەسلا ئايرىلمايمەن، سېنى ئەسلا تاشلىمايمەن» دېگەن ۋەدىسىنى ئەستىن چىقارماڭ. شۇڭا، بىز ئىشەنچ بىلەن: «يەھۋا — مېنىڭ ياردەمچىمدۇر، قورقمايمەن»،— دەپ ئېيتالايمىز (ئىبرانىي. 13:5، 6). ئەلچى پاۋلۇس بۇ سۆزلەرنى مىلادى 61-يىلى يەھۇدىيەدىكى ئېتىقادداشلىرىغا يازغان. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى زەبۇر يازغۇچىسىنىڭ سۆزلىرىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ.—زەبۇر 118:5—7-نى ئوقۇڭ.
2. بۇ ماقالىدە، بىز نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز ۋە نېمە ئۈچۈن؟
2 زەبۇر يازغۇچىسىغا ئوخشاش، ئەلچى پاۋلۇس ھەم ھاياتىدا يەھۋانىڭ ئۆزىگە ياردەمچى ئىكەنلىكىنى بىلگەن. مەسىلەن، ئۇ ئىبرانىيلار خەت يېزىشتىن ئىككى يىل ئىلگىرى، دېڭىزدا سەپەر قىلغاندا، خەتەرلىك بوران-چاپقۇنغا ئۇچرىغان (ئەلچى. 27:4، 15، 20). سەپەر قىلىشتىن ئاۋۋال ۋە سەپەر جەريانىدا، يەھۋا ئۇنىڭغا ھەرخىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ياردەمچى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. ھازىر بۇ ئۇسۇللارنىڭ ئۈچىنى كۆرۈپ چىقىمىز. يەھۋا ئۇنىڭغا ئەيسا ھەم پەرىشتىلەر، بەزى ھوقۇقدار ئادەملەر ۋە ئېتىقادداشلار ئارقىلىق ياردەم بەرگەن. ئەلچى پاۋلۇس ھاياتىدا بېشىدىن كەچۈرگەن ئاشۇ ۋەقەلەرنى كۆرۈپ چىقىش، خۇدانىڭ دۇئالىرىمىزغا جاۋاب بېرىدىغانلىقى ھەققىدە قىلغان ۋەدىسىگە بولغان ئىشەنچىمىزنى مۇستەھكەملەشكە ياردەم قىلىدۇ.
ئەيسا مەسىھ ۋە پەرىشتىلەرنىڭ ياردىمى
3. پاۋلۇس نېمە ھەققىدە ئەنسىرىگەن ۋە نېمە ئۈچۈن؟
3 پاۋلۇس ياردەمگە مۇھتاج بولغان. تەخمىنەن مىلادى 56-يىلى بىر توپ ئادەملەر پاۋلۇسنى يېرۇسالىمدىكى مەركىزىي ئىبادەتخانىدىن سۆرەپ چىقىپ، ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنغان. ئەتىسى پاۋلۇسنى ئالىي كېڭەشنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلگەندە، ئۇنى دۈشمەنلىرى ئۇياق-بۇياققا تارتىپ پارچە-پارچە قىلىۋەتكىلى ئاز قالغان (ئەلچى. 21:30—32؛ 22:30؛ 23:6—10). دەل شۇ پەيتتە، پاۋلۇس بەلكىم مۇنداق ئەنسىرىگەن: «بۇنداق ھاقارەتلەرگە قانچە ئۇزۇن ۋاقىت چىدىيالايمەن؟»
4. يەھۋا ھەزرىتى ئەيسا ئارقىلىق پاۋلۇسقا قانداق ياردەم بەرگەن؟
4 ئەلچى پاۋلۇس قانداق ياردەمگە ئېرىشكەن؟ تۇتقۇن قىلىنغان كەچتە، پاۋلۇسنىڭ ئالدىدا ھەزرىتى ئەيسا پەيدا بولۇپ: «جۈرئەتلىك بول! مەن توغرۇلۇق يېرۇسالىمدا گۇۋاھلىق بەرگىنىڭدەك، رىمدا ھەم گۇۋاھلىق بېرىشىڭ كېرەك»،— دېگەنىدى (ئەلچى. 23:11). نېمە دېگەن دەل ۋاقتىدا بېرىلگەن ئىلھام،-ھە! ئەيسا پاۋلۇسنى يېرۇسالىمدا گۇۋاھلىق بەرگىنى ئۈچۈن ماختىغان. ئۇ ئەلچى پاۋلۇسقا رىم شەھىرىگە ئامان-ئېسەن يېتىپ كېلىپ، شۇ يەردىمۇ گۇۋاھلىق بېرىسەن، دەپ ۋەدە بەرگەن. پاۋلۇس بۇنداق كاپالەتنى ئالغاندىن كېيىن، ئۆزىنى چوقۇم دادىسىنىڭ قۇچىقىدا ئولتۇرغان كىچىك بالىدەك ھېس قىلغان.
5. يەھۋا پەرىشتە ئارقىلىق پاۋلۇسقا قانداق ياردەم بەرگەن؟ (مۇقاۋىدىكى رەسىمگە قاراڭ)
5 پاۋلۇس يەنە قانداق قىيىنچىلىقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن؟ يېرۇسالىمدا يۈز بەرگەن مۇشۇ ۋەقەلەردىن تەخمىنەن ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن، پاۋلۇس ئىتالىيىگە يولغا چىققان كېمىدە بولغان. كېمە شىددەتلىك بوران-چاپقۇنغا ئۇچرىغاندا، كېمىچىلەر ۋە يولۇچىلار ھەممىسى ئۆلىدىغان بولدۇق، دەپ ئويلىغان. بىراق، پاۋلۇس قورقمىغان. نېمە ئۈچۈن؟ ئۇ كېمىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ ئىگەم، مەن ئىبادەت قىلىدىغان خۇدا بۇ كېچە بىر پەرىشتىسىنى يېنىمغا ئەۋەتتى. ئۇ ماڭا شۇنداق دېدى: ‹ئەي پاۋلۇس، قورقمىغىن. سەن چوقۇم قەيسەرنىڭ ئالدىدا تۇرۇشۇڭ كېرەك. خۇدا سەن بىلەن سەپەر قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى ساڭا تاپشۇردى›». يەھۋا ئەلچى پاۋلۇسقا ھەزرىتى ئەيسا ئارقىلىق بۇرۇن ئېيتقان ۋەدىسىنى قايتىلاش ئۈچۈن پەرىشتىنى ئەۋەتكەن. يەھۋا ۋەدە بەرگەندەك، پاۋلۇس رىمغا يېتىپ كەلگەن.—ئەلچى. 27:20—25؛ 28:16.
6. ئەيسانىڭ بەرگەن قايسى ۋەدىسى بىزگە كۈچ-مەدەت بېرىدۇ ۋە نېمە ئۈچۈن؟
6 بىز قانداق ياردەمگە ئېرىشىمىز؟ ئەيسا پاۋلۇسنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەندەك، بىزنىمۇ قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدۇ. مەسىلەن، ئەيسا ئەگەشكۈچىلىرىگە مۇنداق ۋەدە بېرىدۇ: «مەن بۇ دۇنيانىڭ ئاخىرىغىچە ھەر كۈنى سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن» (مەتتا 28:20). نېمە ئۈچۈن ئەيسانىڭ سۆزلىرى بىزگە كۈچ-مەدەت بېرىدۇ؟ چۈنكى، بەزى كۈنلەرنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈش ئېغىر كېلىدۇ. مەسىلەن، يېقىنلىرىمىز ئۆلۈپ كەتكەندە، بىز بىرنەچچە كۈن ئەمەس، بىرقانچە يىللارغىچە قايغۇ-ھەسرەت چېكىمىز. باشقىلار بولسا، قېرىلىق سەۋەبلىك ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن ئۆتكۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ. يەنە بەزىلەر چۈشكۈنلۈككە چۈشۈپ، ئېغىر كۈنلەرگە دۇچ كېلىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، بىز ئەيسانىڭ «ھەر كۈنى»، شۇ جۈملىدىن ھاياتىمىزدىكى قاراڭغۇلۇق قاپلىغان كۈنلەردە «سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن» دېگەن سۆزلىرىدىن ئۆزىمىزگە كۈچ-مەدەت تاپىمىز.—مەتتا 11:28—30.
7. ۋەھىيلەر 14:6-ئايەتكە ئاساسەن، بۈگۈنكى كۈندە يەھۋا بىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
7 خۇدا سۆزى بىزنى يەھۋانىڭ ئۆز پەرىشتىلىرى ئارقىلىق بىزگە ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرىدۇ (ئىبرانىي. 1:7، 14). مەسىلەن، «ھەر بىر مىللەت، قەبىلە، تىل ۋە خەلققە» «پادىشاھلىق خۇش خەۋىرى» يەتكۈزۈشىمىز ئۈچۈن، پەرىشتىلەر بىزنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدۇ ۋە يول-يورۇق بېرىدۇ.—مەتتا 24:13، 14؛ ۋەھىيلەر 14:6-نى ئوقۇڭ.
ھوقۇقدار ئادەملەرنىڭ ياردىمى
8. يەھۋا ھوقۇقدار ئادەملەر ئارقىلىق پاۋلۇسقا قانداق ياردەم بەرگەن؟
8 ئەلچى پاۋلۇس قانداق ياردەمگە ئېرىشكەن؟ مىلادى 56-يىلى، ئەيسا ئەلچى پاۋلۇسنى رىم شەھىرىگە بارىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرگەن. ئەمما، بەزى يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ئۆلتۈرمەكچى بولغان ئىدى. رىم قوشۇنىنىڭ قوماندانى كلاۋدىيۇس لىسىياس بۇنى بىلىپ، پاۋلۇسنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشقا ھەرىكەت قىلغان. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇ پاۋلۇسنى نۇرغۇن ئەسكەرلەرنىڭ ھىمايىسىدە يېرۇسالىمدىن 105 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قەيسەرىيە شەھىرىگە ئەۋەتكەن. شۇ يەردە، ۋالىي فېلىكس پاۋلۇسنى «ھىرودنىڭ خانلىق سارىيىدا ئەسكەرلەرنىڭ نازارەت قىلىشىنى بۇيرىدى». شۇڭا، پاۋلۇسنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا قول تەگكۈزەلمىگەنىدى.—ئەلچى. 23:12—35.
9. ۋالىي فېستۇس ئەلچى پاۋلۇسقا قانداق ياردەم بەرگەن؟
9 مىلادى 58-يىلى، پاۋلۇس قەيسەرىيە شەھىرىدە تېخى قاماقتا ئىدى. فېلىكسنىڭ ئورنىغا فېستۇس ۋالىي بولغان. يەھۇدىيلار ۋالىي فېستۇستىن ئەلچى پاۋلۇسنىڭ يېرۇسالىمدىكى سوت قىلىنىشىنى سورىغان. لېكىن، فېستۇس بۇ ئۆتۈنۈشنى رەت قىلغان. بەلكىم، ۋالىي ئۇلارنىڭ پاۋلۇسنى يولدا ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن سۈيقەست پىلانلىغانلىقىنى بىلگەن.—ئەلچى. 24:27—25:5.
10. پاۋلۇس قەيسەرگە ئەرز قىلىمەن دېگەندە، ۋالىي فېستۇس قانداق جاۋاب قايتۇرغان؟
10 كېيىنرەك، پاۋلۇسنى قەيسەرىيىدە سوتلىغان. فېستۇس يەھۇدىيلارنىڭ كۆڭلىدىن چىقىشنى خالىغاچ، پاۋلۇستىن: «يېرۇسالىمغا بېرىپ، بۇ ئىشلار توغرۇلۇق مېنىڭ ئالدىمدا سوتلىنىشنى خالامسەن؟»،— دەپ سورىغان. پاۋلۇس يېرۇسالىمدا ئۆلتۈرۈلۈشى مۇمكىنلىكىنى بىلگەن. ئۇ يەنە ئامان قېلىش ئۈچۈن نېمە قىلالايدىغانلىقىنى، يەنى رىم شەھىرىگە بېرىپ، ۋەز قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلگەن. ئۇ: «قەيسەرگە ئەرز قىلىمەن!»— دېدى. فېستۇس ئۆز مەسلىھەتچىلىرى بىلەن سۆزلىشىپ، كېيىن پاۋلۇسقا: «سەن قەيسەر ئەرز قىلىشنى ئېيتىڭ، شۇڭا قەيسەرنىڭ ئالدىغا بارىسەن»،— دېدى. فېستۇسنىڭ رىمغا ئەۋەتىش قارارى پاۋلۇسنى دۈشمەنلىرىدىن قوغداپ قالغان. ئۇزۇن ئۆتمەي، پاۋلۇس رىمدا بولۇپ، ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان يەھۇدىيلارنىڭ قولىدىن ئامان قالغان.—ئەلچى. 25:6—12.
11. يەشايانىڭ ئېيتقان قايسى سۆزلىرى پاۋلۇسنى ئويلاندۇرۇپ قويغان بولۇشى مۇمكىن؟
11 پاۋلۇس ئىتالىيىگە سەپەرگە چىقىشىنى كۈتۈۋاتقاندا، يەشايا پەيغەمبەرنىڭ يەھۋاغا قارشى چىققۇچىلارغا بەرگەن ئاگاھلاندۇرۇشى توغرۇلۇق ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇ مۇنداق يازغان: «پىلان تۈزۈڭلار، لېكىن ئۇ كارغا كەلمەس! خالىغىنىڭلارنى سۆزلەڭلار، ئەمما ئۇ ئەمەلگە ئاشماس، چۈنكى، خۇدا بىز بىلەن بىللە» (يەشايا 8:10). ئەلچى پاۋلۇس خۇدا ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلگەن ۋە بۇ ئۇنىڭ ئالدىدىكى سىناقلارغا قەتئىي بەرداشلىق بېرىش ئىرادىسىنى چوقۇم كۈچەيتكەن.
12. يۇلىيۇس پاۋلۇسقا قانداق مۇئامىلە قىلغان ۋە نەتىجىدە پاۋلۇس نېمىنى كۆرۈپ يەتكەن بولۇشى مۇمكىن؟
12 مىلادى 58-يىلى، پاۋلۇس ئىتالىيىگە سەپەر قىلىشنى باشلىغان. ئۇ مەھبۇس سۈپىتىدە، رىم قوشۇنىنىڭ يۇلىيۇس ئىسىملىك يۈز بېشىنىڭ قول ئاستىدا بولغان. شۇ كۈندىن باشلاپ، پاۋلۇسنىڭ ھاياتى يۇلىيۇسنىڭ قولىدا بولغان. ئۇ پاۋلۇسقا قانداق مۇئامىلە قىلغان؟ ئەتىسى ئۇلار بىرىنچى دېڭىز پورتىغا كېلىپ توختىغاندا، «يۇلىيۇس پاۋلۇسقا ئادەمگەرچىلىك قىلىپ، دوستلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئېھتىياجلىق نەرسىلىرىنى غەملىۋېلىشىغا رۇخسەت قىلدى». كېيىنرەك، يۇلىيۇس پاۋلۇسنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغان ئىدى. قانداق قىلىپ؟ ئەسكەرلەر كېمىدىكى ھەممە مەھبۇسلارنى ئۆلتۈرۈۋېتەيلى دېگەندە، يۇلىيۇس ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇپ قالغان. نېمە ئۈچۈن؟ ئۇ: «پاۋلۇسنى قۇتقۇزۇشنى خالاپ، ئۇلارنىڭ شۇنداق قىلىشىغا يول قويمىدى». بەلكىم، پاۋلۇس يەھۋانىڭ مۇشۇ مېھرىبان يۈز بېشىنى ئىشلىتىپ، ئۆزىنى قوغداپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەن.—ئەلچى. 27:1—3، 42—44.
13. يەھۋا ھوقۇقدارلارنى قانداق ئىشلىتىشى مۇمكىن؟
13 بىز قانداق ياردەمگە ئېرىشىمىز؟ يەھۋانىڭ ئۇنىڭ ئىرادىسىگە ماس كەلگەندە، ئۇ مۇقەددەس روھى ئارقىلىق ھوقۇقدار كىشىلەر تەسىر قىلىدۇ. ئۇلار خۇدانىڭ خاھىشى بويىچە ئىش قىلىدۇ. سۇلايمان پادىشاھ مۇنداق يازغان: «پادىشاھنىڭ كۆڭلى خۇددى يەھۋانىڭ قولىدىكى ئېقىن سۇغا ئوخشاشتۇر، ئۇ ئۆزى خالىغان تەرەپكە ئۇنى باشلار» (پەند. نە 21:1). بۇ ھېكمەتلىك سۆز نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ ئادەملەر ئېقىن سۈيىنى ئۇلارنىڭ پىلانىغا ماس يۆنىلىشكە باشلاش ئۈچۈن ئېرىق-ئۆستەڭلەرنى كولىيالايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، يەھۋا ئۆز روھىنى ئىشلىتىپ، ھوقۇقدارلارنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى ئۇنىڭ ئىرادىسىگە ماس يۆنىلىشكە بۇرىيالايدۇ. شۇنداق ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەندە، ھوقۇقدارلارنىڭ قەلبىدە خۇدا خەلقى ئۈچۈن پايدىلىق قارار چىقىرىش ئىستىكى پەيدا بولىدۇ.—ئەزرا 7:21، 25، 26-نى سېلىشتۇرۇڭ.
14. ئەلچىلەر 12:5-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، كىم ئۈچۈن دۇئا قىلالايمىز؟
14 بىز نېمە قىلالايمىز؟ «پادىشاھلار ۋە بارلىق مەرتىۋىلىك ئەمەلدارلار» ھاياتىمىزغا ۋە ۋەز خىزمىتىمىزگە تەسىر قىلىدىغان قارارلارنى چىقارغاندا، ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلالايمىز (1-تىموت. 2:1، 2؛ نەھەم. 1:11). بىرىنچى ئەسىردىكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە ئوخشاش، بىزمۇ تۈرمىگە قامالغان قېرىنداشلار ئۈچۈن جان-دىلىمىز بىلەن خۇداغا دۇئا قىلىمىز (ئەلچىلەر 12:5-نى ئوقۇڭ؛ ئىبرانىي. 13:3). شۇنداقلا يەنە، تۈرمىدە ئولتۇرغان قېرىنداشلىرىمىز ئۈستىدىن نازارەت قىلىدىغانلار ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلالايمىز. يۈز بېشى يۇلىيۇسقا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ كۆڭلىمۇ تۈرمىدە ئولتۇرغان ئېتىقادداشلىرىمىزغا «ئادەمگەرچىلىك» قىلىشقا مايىل بولۇشى ئۈچۈن، يەھۋادىن دۇئادا ئۇلارنىڭ ئوي-پىكىرلىرىگە تەسىر قىلىشنى سورىيالايمىز.—ئەلچى. 27:3.
ئېتىقادداشلارنىڭ ياردىمى
15، 16. يەھۋا ئارىستارخۇس بىلەن لۇقا ئارقىلىق پاۋلۇسقا قانداق ياردەم بەرگەن؟
15 بىز قانداق ياردەمگە ئېرىشىمىز؟ ئەلچى پاۋلۇس رىم سەپىرى ئۈستىدە، يەھۋا ئۇنىڭغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن پات-پات ئېتىقادداشلارنى قوللانغان. بىرنەچچە مىساللارنى كۆرۈپ چىقايلى.
16 پاۋلۇسنىڭ ئىككى سادىق دوستلىرى ئارىستارخۇس بىلەن لۇقا، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە رىمغا بېرىشنى قارار قىلغان b. ھەتتا ئۇلارغا ئەيسا ئۆزى ئۇلارنىڭ رىمغىچە ئامان-ئېسەن يېتىپ بېرىشىنى ۋەدە قىلمىغان بولسىمۇ، ئۇلار بۇ خەتەرلىك سەپەردە پاۋلۇس بىلەن بىللە بولۇشنى خالىغان. ئۇلارنىڭ ھاياتى ئامان قالىدىغانلىقىنى پەقەت سەپەر داۋامىدا بىلىگەن. شۇڭا، قەيسەرىيىدە ئارىستارخۇس بىلەن لۇقا كېمىگە ئولتارغاندا، پاۋلۇس بۇ ئىككى جاسارەتلىك ئېتىقاددىشى قىلغان ياردەم ئۈچۈن مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلار ھەققىدە يەھۋاغا سەمىمىي دۇئا قىلغان بولۇشى مۇمكىن.—ئەلچى. 27:1، 2، 20—25.
17. يەھۋا ئېتىقادداشلار ئارقىلىق پاۋلۇسقا قانداق ياردەم بەرگەن؟
17 مۇشۇ سەپەر جەريانىدا، پاۋلۇسنىڭ ئېتىقادداشلىرى ئۇنىڭغا بىرنەچچە قېتىم ياردەم بەرگەن. مەسىلەن، كېمە سىدون شەھىرىدىكى پورتقا كېلىپ توختىغاندا، يۇلىيۇس پاۋلۇسقا «دوستلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئېھتىياجلىق نەرسىلىرىنى غەملىۋېلىشىغا رۇخسەت قىلدى». كېيىنرەك، پاۋلۇس ئىككى ھەمراھى بىلەن پۇتېيولى شەھىرىدە ئېتىقادچىلارنى تاپقان ۋە قېرىنداشلار ئۇلارنى يەتتە كۈن شۇ يەردە تۇرۇپ قېلىشقا تەكلىپ قىلغان. ئېتىقادداشلار پاۋلۇس ۋە ئىككى ھەمراھىنى مېھمان قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قانائەتلەندۈرگەن. پاۋلۇس بولسا، بۇ قېرىنداشلارغا ئىلھاملاندۇرىدىغان سۆزلەرنى ئېيتىپ بەرگەندە، ئۇلار شاد-خۇراملىققا چۆمگەن (ئەلچىلەر 15:2، 3-نى سېلىشتۇرۇڭ). شۇ ئىلھام بېرىدىغان زىيارەتتىن كېيىن، پاۋلۇس ۋە ئىككى ھەمراھى سەپىرىنى داۋاملاشتۇرغان.—ئەلچى. 27:3؛ 28:13، 14.
18. پاۋلۇسنى خۇداغا شۈكۈر ئېيتىشقا ۋە غەيرەتلىك بولۇشقا نېمە دەۋەت قىلغان؟
18 رىمغا كېتىپ بارغاندا، پاۋلۇس ئۈچ يىل بۇرۇن رىمدىكى جامائەتكە يازغان خېتى ھەققىدە ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن: «شۇنچە يىللاردىن بېرى، سىلەرنى يوقلاپ بېرىش ئارزۇيۇم بار» (رىملىقلار 15:23). ئەمما، ئۇ رىمغا مەھبۇس سۈپىتىدە كېلىشىنى خىيالىغا كەلتۈرەلمىگەنىدى. پاۋلۇس رىمدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ ئۇنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن يولدا كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، قانچىلىك ئىلھام ئالغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭە! «ئۇلارنى كۆرۈپ، پاۋلۇس خۇداغا شۈكۈر ئېيتتى ۋە تېخىمۇ جاسارەتكە تولدى» (ئەلچى. 28:15). ئۇلارنىڭ شۇ يەردە بولغىنى ئۈچۈن پاۋلۇسنىڭ خۇداغا شۈكۈر ئېيتقىنىغا دىققەت ئاغدۇرۇڭ. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئۇ يەھۋا خۇدا ئېتىقادداشلىرى ئارقىلىق ئۇنىڭغا يەنە ياردەم بەرگەنلىكىنى كۆرگەن.
19. 1-پېترۇس 4:10-ئايىتىدە يېزىلغاندەك، يەھۋا مۇھتاجلارغا بىز ئارقىلىق قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
19 بىز نېمە قىلالايمىز؟ سىز جامائىتىڭىزدە، تەبىئىي ئاپەت تۈپەيلى قىيىنچىلىقلارنى تارتىۋاتقان، ئاغرىۋاتقان ياكى باشقا قىيىن ئەھۋالىغا دۇچ كېلىۋاتقان قېرىنداشلارنى بىلەمسىز؟ ياكى بولمىسا، ئۇلار يېقىنلىرىدىن ئايرىلىپ قالغاندۇ. ئەگەر بىز بىرسىنىڭ ياردەمگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى بىلسەك، يەھۋادىن ئۇنىڭغا بىر ياخشى سۆزنى ئېيتىشقا ياكى ئىشنى قىلىشقا ياردەم سورىساق بولىدۇ. گەپ-سۆزلىرىمىز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىمىز قېرىنداشلىرىمىز دەل مۇھتاج ۋاقىتتا ئۇلارغا ئىلھام-مەدەت بېرىشى مۇمكىن (1-پېترۇس 4:10-نى ئوقۇڭ) c. بىز ياردەم بەرگەن قېرىنداشلار يەھۋانىڭ: «سەندىن ئەسلا ئايرىلمايمەن، سېنى ئەسلا تاشلىمايمەن» دېگەن ۋەدىسىگە قايتىدىن تولۇق ئىشەنچ باغلىيالايدۇ. بۇ ۋەدە سىزنى بەكمۇ خۇشال قىلىدۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟!
20. نېمە ئۈچۈن «يەھۋا مېنىڭ ياردەمچىمدۇر» دەپ ئىشەنچىلىك ئېيتالايمىز؟
20 پاۋلۇس ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىغا ئوخشاش، ھايات سەپىرىمىزدە ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن ئۆتكۈزىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەھۋا بىز بىلەن بولغاچقا، بىز جاسارەتلىك بولالايدىغانلىقىمىزنى بىلىمىز. ئەيسا ۋە پەرىشتىلەر ئارقىلىق خۇدا بىزگە ياردەم بېرىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە ئۇنىڭ ئىرادىسىگە ماس بولسا، يەھۋا ھوقۇقدارلار ئارقىلىق بىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ. نۇرغۇنلىرىمىز يەھۋا مۇقەددەس روھى ئارقىلىق خىزمەتچىلىرىنىڭ يۈرىكىگە تەسىر قىلىپ، ئۇلار باشقا خىزمەتچىلىرىگە ياردەم بەرگەنلىكىنى ئۆز كۆزۈمىز بىلەن كۆردۇق. شۇڭا، پاۋلۇسقا ئوخشاش، بىز ھەم: «يەھۋا مېنىڭ ياردەمچىمدۇر، مەن قورقمايمەن. ئىنسان ماڭا نېمە قىلالىسۇن؟»،— دەپ ئىشەنچىلىك ئېيتالايمىز.—ئىبرانىي. 13:6.
26-ناخشا خۇدا بىلەن يۈر!
a يەھۋانىڭ ئەلچى پاۋلۇسنىڭ قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىشىگە قانداق ئۈچ ئۇسۇلدا ياردەم بەرگەنلىكىنى مۇھاكىمە قىلىمىز. يەھۋانىڭ ئۆتمۈشتە قانداق ياردەم قىلغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىش بۈگۈنكى كۈندىمۇ ھاياتىمىزدىكى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە، يەھۋانىڭ بىزگە ياردەم قىلىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتىدۇ.
b ئارىستارخۇس بىلەن لۇقا ئاللىقاچان بىر قانچە ئاي پاۋلۇسقا ھەمراھ بولغان. بۇ ئىشەنچىلىك كىشىلەر يەنە پاۋلۇس رىمدا قاماقتا ئولتارغاندا ئۇنىڭ قېشىدا بولغان.—ئەلچى. 16:10—12؛ 20:4؛ كولوسى. 4:10، 14.