45-تەتقىق ماقالىسى
مۇقەددەس روھ بىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
«ماڭا كۈچ-قۇۋۋەت بەرگۈچىنىڭ ياردىمى بىلەن ھەرقانداق ئىشنى قىلالايمەن».—فىلىپى. 4:13.
38-ناخشا يۈكۈڭنى يەھۋاغا تاشلا!
بۇ ماقالىدە a
1، 2. (1) قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىشكە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ. (2) بۇ ماقالىدىن نېمىنى بىلىۋالىمىز؟
سىز: «بۇ قىيىنچىلىقلارغا ئۆز كۈچۈم بىلەن بەرداشلىق بېرەلمەيتتىم»،— دەپ ئېيتقان ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟ كۆپىنچىلىرىمىز شۇنداق، دەپ ئېيتقان. بەلكىم، سىز ئېغىر كېسەل ئازابى تارتقان ياكى يېقىن ئادىمىڭىزدىن ئايرىلغان بولسىڭىز، ئاشۇ ئازابلىق ئېغىر كۈنلەر توغرۇلۇق ئويلىغاندا، مۇقەددەس روھى ئارقىلىق «ئادەتتىكى كۈچتىن ئېشىپ چۈشىدىغان كۈچنى» بېرىدىغان يەھۋانىڭ ياردىمى بىلەنلا قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بەرگەنلىكىڭىزنى ھېس قىلىپ يېتىسز.—2-كورىنت. 4:7—9.
2 بۇ بۇ دۇنيانىڭ تەسىرىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈنمۇ مۇقەددەس روھقا مۇھتاج (1-يۇھاننا 5:19). ئۇنىڭدىن باشقا، «رەزىل روھىي كۈچلەرگە» قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن بىزگە كۈچ-قۇۋۋەت كېرەك (ئەفەس. 6:12). كېلىڭلار، قىيىنچىلىقلارغا قارشى كۈرەش قىلىشىمىز ئۈچۈن مۇقەددەس روھ قانداق ئىككى ئۇسۇلدا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقايلى. كېيىنرەك، مۇقەددەس روھنىڭ ياردىمىگە كۆپرەك ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلىۋالىمىز.
مۇقەددەس روھ كۈچ-قۇدرەت بېرىدۇ
3. يەھۋا بىزگە قىيىنچىلىقلارغا قارشى تۇرۇشقا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
3 يەھۋانىڭ مۇقەددەس روھى ھاياتىمىزدىكى ھەر تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن، ۋەزىپىلىرىمىزنى ئورۇنلاش ئۈچۈن كۈچ بېرىش ئارقىلىق ياردەم بېرىدۇ. ئەلچى پاۋلۇس سىناقلارغا دۇچ كەلسىمۇ، «مەسىھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى»گە تايانغاچ، يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرالىغان (2-كورىنت. 12:9). ئىككىنچى قېتىملىق ۋەز قىلىش سەپىرىدە پاۋلۇس كۆپ ۋاقتىنى ۋەز قىلىشقا سەرپ قىلغاندىن باشقا، ئۇ يەنە جان بېقىش ئۈچۈنمۇ كۆپ تەر تۆكۈپ ئەمگەك قىلغان. ئۇ كورىنت شەھىرىدە بولغاندا، ئاكۋىلا ۋە پرىسكىلانىڭ ئۆيىدە ياشىغان. ئۇلار چېدىر ياساش بىلەن شۇغۇللانغان. پاۋلۇسنىڭ شۇنداق قول-ھۈنىرى بولغاچقا، ئۇ ھەپتىدە بىرنەچچە كۈن ئۇلار بىلەن بىللە ئىشلىگەن (ئەلچى. 18:1—4). مۇقەددەس روھنىڭ ياردىمى بىلەن پاۋلۇس ھەم ئىشلىيەلىگەن، ھەم ۋەز قىلالىغان.
4. 2-كورىنتلىقلار 12:7—9-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، پاۋلۇس قانداق قىيىنچىلىق بىلەن كۈرەش قىلغان؟
4 2-كورىنتلىقلار 12:7—9-نى ئوقۇڭ. بۇ ئايەتلەردىكى پاۋلۇسنىڭ «تېنىمگە بىر تىكەن سانجىلدى›،— دېگەن سۆزلىرى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ ئەگەر تېنىمىزگە تىكەن سانچىلسا، ئەلۋەتتە قاتتىق ئاغرىق ھېس قىلىمىز. شۇنىڭغا ئوخشاش، پاۋلۇسمۇ بىر شەخسىي قىيىنچىلىقى تۈپەيلى، يەنى «شەيتاننىڭ پەرىشتىسى» ئۇنى «كاچاتلاپ» تۇرغاچ، ئازابلانغان. شەيتان ۋە ئۇنىڭ جىنلىرى ئۇدۇل مەنىدە پاۋلۇسنىڭ تىكەنگە ئوخشاش قىيىنچىلىقىغا سەۋەبچى بولمىغاندۇ. شۇنداق بولسىمۇ، قىيىنچىلىق پاۋلۇسقا تىكەندەك سانجىلغاننى كۆرگەندە، ئۇنى تېخىمۇ چوڭقۇرراق سانجىشقا ئۇرۇنغان. شۇنداق چاغلاردا پاۋلۇس نېمە قىلغان؟
5. يەھۋا ئەلچى پاۋلۇسنىڭ دۇئاسىغا قانداق جاۋاب بەرگەن؟
5 دەسلەپتە، پاۋلۇس يەھۋا خۇدادىن ئۇنى شۇ تىكەندەك سانجىلغان قىيىنچىلىقتىن ئازات قىلىشنى سورىغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئازابتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، رەببىمىزگە [يەھۋاغا] ئۈچ قېتىم يېلىنىپ [يالۋۇرۇپ] دۇئا قىلدىم». بىراق، پاۋلۇس قانچە قېتىم يالۋۇرسىمۇ، تېنىدىكى تىكەندىن ئازات بولمىغانىدى. بۇ يەھۋا ئۇنىڭ دۇئاسىغا جاۋاب بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈرەمدۇ؟ ياق. يەھۋا ئەلچى پاۋلۇسنىڭ دۇئالىرىغا جاۋاب بەرگەن. ئۇ پاۋلۇسنى قىيىنچىلىقىدىن ئازاد قىلمىسىمۇ، ئۇنىڭغا بەرداشلىق بېرىشكە كۈچ بەرگەن. يەھۋا ئۇنىڭغا: «مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىم ئىنسان ئاجىز بولغىنىدا مۇكەممەل نامايان بولىدۇ»،— دېگەن (2-كورىنت. 12:8، 9). يەھۋانىڭ ياردىمى بىلەن پاۋلۇس قەلبىدە تىنچلىقنى ساقلاپ، خۇشاللىقىنى يوقاتمىغان.—فىلىپى. 4:4—7.
6. (1) يەھۋا خۇدا دۇئالىرىمىزغا قانداق جاۋاب بېرىشى مۇمكىن؟ (2) كەلتۈرۈلگەن ئايەتلەردىكى قايسى ۋەدىلەر سىزگە ئىلھام بېرىدۇ؟
6 سىزمۇ پاۋلۇسقا ئوخشاش خۇدادىن سىزنى سىناقتىن ئازاد قىلىشنى سوراپ يالۋۇرغانمۇ؟ قانچە يالۋۇرۇشىڭىزغا قارىماستىن، قىيىنچىلىق شۇ پېتى بىلەن قالغان ياكى ھەتتا تېخىمۇ يامانلىشىپ كەتكەن بولسا، بەلكىم يەھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلمىغان ئوخشايمەن، دەپ ئەنسىرىگەنمۇسىز؟ شۇنداق بولسا، پاۋلۇسنىڭ مىسالىنى ئېسىڭىزگە ئېلىڭ. خۇدا پاۋلۇسنىڭ دۇئالىرىغا جاۋاب بەرگەندەك، سىزنىڭمۇ دۇئالىرىڭىزغا چوقۇم جاۋاب بېرىدۇ! يەھۋا سىزنى قىيىنچىلىقتىن ئازاد قىلمىسىمۇ، مۇقەددەس روھى ئارقىلىق شۇ سىناقلارغا قارشى تۇرۇشىڭىز ئۈچۈن كېرەكلىك كۈچ-قۇدرەتنى بېرىدۇ (زەبۇر 61:3، 4). يىقىلسىڭىزمۇ، يەھۋا خۇدا سىزنى ھەرگىز تاشلاپ قويمايدۇ.—2-كورىنت. 4:8، 9؛ فىلىپى. 4:13.
مۇقەددەس روھ ئىلگىرى بېسىشقا ياردەم بېرىدۇ
7، 8. (1) مۇقەددەس روھ قايسى مەنىدە شامالغا ئوخشايدۇ؟ (2) مۇقەددەس روھنىڭ قانداق ئىشلەيدىغانلىقىنى پېترۇس قايسى شەكىلدە تەسۋىرلىگەن؟
7 مۇقەددەس روھ بىزگە يەنە قانداق ئۇسۇلدا ياردەم بېرەلەيدۇ؟ ئۇنى شامال بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ. دېڭىزدا شىددەتلىك بوران-چاپقۇن چىقسىمۇ، شامال يۆلىنىشى ئوڭ كەلسە، كېمە ئۆز نىشانىغا يېتەلەيدۇ. دەل شۇنىڭغا ئوخشاش، مۇقەددەس روھ ھاياتنىڭ بوران-چاپقۇنلىرىغا قارىماستىن، خۇدا ۋەدە بەرگەن يېڭى دۇنياغا يېتىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ.
8 ئەلچى پېترۇس بېلىقچى بولغاچ، كېمىدە سەپەر قىلىش توغرۇلۇق كۆپ بىلگەن. بەلكىم، شۇ سەۋەبتىن ئۇ مۇقەددەس روھنىڭ تەسىرى توغرۇلۇق يازغاندا، كېمىدە سەپەر قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك سۆزنى ئىشلەتكەن. ئۇ: «چۈنكى، بېشارەت ھېچقاچان ئىنساننىڭ ئىرادىسى بويىچە پەيدا بولمىغان، ئەكسىچە ئادەملەر مۇقەددەس روھنىڭ باشلىشى بىلەن، خۇدانىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى ئېيتقان»،— دەپ يازغان. بۇ ئايەتتىكى «باشلىشى بىلەن» دېگەن گرېك سۆزىنىڭ ئۇدۇل مەنىسى «ئېلىپ مېڭىش»، «بىر جايدىن باشقا جايغا ئېلىپ بېرىش» دېگەننى بىلدۈرىدۇ.—2-پېتر. 1:21.
9. ئەلچى پېترۇس ئىشلەتكەن «ئېلىپ مېڭىش»، «باشلىشى بىلەن» دېگەن ئىبارىنى ئاڭلىغاندا، ئادەملەر نېمىنى تەسەۋۋۇر قىلالايتتى؟
9 ئەلچى پېترۇس يازغان «ئېلىپ مېڭىش» ياكى «باشلىشى بىلەن» دېگەن ئىبارىنى ئاڭلىغاندا، ئادەملەر نېمىنى تەسەۋۋۇر قىلالايتتى؟ ئەلچىلەر كىتابىنى يازغان لۇقا ھەم «بوراننىڭ كېمىنى ھەيدەپ مېڭىشىغا قويۇپ» بەرگەنلىكىنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن ئوخشاش گرېك سۆزىنى ئىشلەتكەن (ئەلچى. 27:15). بىر تەتقىقاتچىنىڭ ئېيتىشىچە، پېترۇس مۇقەددەس كىتاب يازغۇچىلىرىنى مۇقەددەس روھ ئېلىپ ماڭغانلىقىنى يازغاندا، «دېڭىز سەپىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئاجايىپ قىزىق سېلىشتۇرۇشنى» قوللانغان. پېترۇسنىڭ ئېيتماقچى بولغىنى، شامال كېمىنى نىشانىغا يەتكۈزگەندەك، مۇقەددەس روھمۇ پەيغەمبەرلەر ۋە مۇقەددەس كىتاب يازغۇچىلىرىغا تاپشۇرۇقىنى ئورۇنلاشقا ياردەم بەرگەن. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تەتقىقاتچى مۇنداق دېگەن: «باشقىچە ئېيتقاندا، پەيغەمبەرلەر ئۆز ‹يەلكەنلىرىنى› ئاچقان». يەھۋا ئۇلارغا ئۆز تەرىپىدىن ‹شامال› ياكى مۇقەددەس روھىنى بەرگەن. مۇقەددەس كىتاب يازغۇچىلىرى بولسا، مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىگە ئەگىشىپ، ئۆزىگە تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلىغان.
10، 11. مۇقەددەس روھ بىزگە تەسىر قىلىشى ئۈچۈن قايسى ئىككى قەدەم-باسقۇچنى بېسىشىمىز كېرەك؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
10 ئەلۋەتتە، بۈگۈن يەھۋا مۇقەددەس روھىنى ئىشلتىپ، ئادەملەرگە مۇقەددەس كىتابنى يازدۇرمايدۇ. ئەمما، مۇقەددەس روھنى ئىشلتىپ، ئۇ ئۆز خىزمەتچىلىرىنى يېتەكلەيدۇ. يەھۋا ھازىرمۇ ھەرىكەت قىلىشنى توختاتمىغان. مۇقەددەس روھ بىزنىمۇ يېتەكلىشى ئۈچۈن نېمە قىلساق بولىدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن بىز قانداق ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك؟
11 بىر مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى. شامالدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن دېڭىزچى ئىككى نەرسىنى قىلىشى كېرەك. بىرىنچى، ئۇ كېمىنى شامال ئۇرۇپ تۇرغان يۆلىنىشتىكى بىر جايغا ئاپىرىشى كېرەك. چۈنكى، ئەگەر ئۇ كېمىنى شامال ئۇرمايدىغان پورتتا قالدۇرسا، كېمە ئورنىدىن قوزغالمايدۇ. ئىككىنچى، ئۇ كېمىنىڭ يەلكەنلىرىنى چىقىرىپ، كەڭرى ئېچىشى لازىم. سەۋەبى، ھەتتا شامال چىقىپ تۇرسىمۇ، كېمە شامالنىڭ يۆنىلىشىگە يۈزلەنمىسە، كېمە ئالغا ئىلگىرلىيەلمەيدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، پەقەت مۇقەددەس روھقا ئىگە بولساقلا، يەھۋاغا داۋاملىق خىزمەت قىلالايمىز. مۇقەددەس روھ بىزنى يېتەكلىشى ئۈچۈن ئىككى قەدەم-باسقۇچنى بېسىشىمىز كېرەك. بىرىنچى، مۇقەددەس روھ خۇدا خىزمەتچىلىرىنى قىلىشقا دەۋەت قىلغان ئىشلارنى ئورۇنداشقا تەييار بولۇشىمىز كېرەك. ئىككىنچى، ‹يەلكەنلىرىمىزنى كەڭ ئېچىپ›، شۇ ئىشلارنى قولىمىزدىن كەلگىنىچە بار كۈچىمىز بىلەن قىلىشىمىز لازىم (زەبۇر 119:32). مۇشۇ قەدەم-باسقۇچلارنى باسساق، مۇقەددەس روھ بىزنىڭ قارشىلىق ۋە سىناقلار دولقۇنلىرىدا ئالغا ئىلگىرلەپ، خۇدا ۋەدە قىلغان يېڭى دۇنياغا يېتىش يولىدا سادىقلىق بىلەن مېڭىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.
12. ھازىر نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
12 مۇقەددەس روھ بىزگە قايسى ئىككى ئۇسۇلدا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلىۋالدۇق. مۇقەددەس روھ سىناقلارغا دۇچ كەلگىنىمىزدە، بىزگە كۈچ بېرىپ، سادىق بولۇپ قېلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. شۇنداقلا بىزنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئاپىرىدىغان يولدا يېتەكلەپ، شۇ يولدىن چىقماي، يەھۋا بىزنىڭ قىلىشىمىزنى خالىغان ئىشنى داۋاملىق قىلىشىمىزغا ياردەملىشىدۇ. ئەمدى مۇقەددەس روھتىن تولۇق پايدىلىنىش ئۈچۈن قايسى تۆت ئىشنى قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى كۆرۈپ چىقىمىز.
مۇقەددەس روھتىن تولۇق پايدىلىنىڭ
13. 2-تىموتىي 3:16، 17-ئايەتلەرگە ئاساسەن، خۇدا سۆزى بىزگە قانداق تەسىر قىلىشى مۇمكىن؟ بۇنىڭ ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
13 بىرىنچىدىن، خۇدا سۆزىنى تەتقىق قىلىڭ (2-تىموتىي 3:16، 17-نى ئوقۇڭ). «خۇدانىڭ ئىلھامى بىلەن بولغان»، دەپ تەرجىمە قىلىنغان گرېك سۆزى ئۇدۇل مەنىدە، «خۇدا نەپەسنى پۈۋلىگەن» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. خۇدا مۇقەددەس روھىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆز ئوي-پىكىرلىرىنى مۇقەددەس كىتاب يازغۇچىلىرىغا يەتكۈزگەن. بىز مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇپ، ئايەتلەر توغرۇلۇق چوڭقۇر ئويلانغاندا، خۇدانىڭ كۆرسەتمىلىرى ئەقلىمىزگە ھەم يۈرىكىمىزگە سىڭىدۇ. خۇدا تەرىپىدىن ئىلھاملاندۇرۇلغان شۇ سۆزلەر يەھۋانىڭ يۈرىكىنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن، ھاياتىمىزنى ئۆزگەرتىشكە ياردەم بېرىدۇ (ئىبرانىي. 4:12). ئەمما، مۇقەددەس روھتىن تولۇق پايدىلىنىش ئۈچۈن بىز خۇدا سۆزىنى دائىم ئۆگىنىش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىشىمىز ۋە ئوقۇغانلىرىمىز ئۈستىدىن مۇلاھىزە قىلىشىمىز كېرەك. شۇ چاغدا مۇقەددەس روھ ھەممە سۆزلىرىمىز ۋە ئىشلىرىمىزغا تەسىر قىلىدۇ.
14. (1) نېمە ئۈچۈن يىغىلىشلىرىمىزدا مۇقەددەس روھ بار، دەپ ئېيتالايمىز؟ (2) يىغىلىشلاردا مۇقەددەس روھتىن تولۇق پايدىلىنىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟
14 ئىككىنچىدىن، خۇداغا باشقىلار بىلەن بىرلىكتە ئىبادەت قىلىڭ (زەبۇر 22:22). جامائەت يىغىلىشلىرىمىزدا خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى بار (ۋەھىي. 2:29). نېمە ئۈچۈن شۇنداق ئېيتالايمىز؟ چۈنكى، ئېتىقادداشلار بىلەن ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن جەم بولغاندا، بىز مۇقەددەس روھنى سوراپ دۇئا قىلىمىز، خۇدانى مەدھىيىلەيدىغان ناخشىلارنى ئېيتىمىز ۋە مۇقەددەس روھ ئارقىلىق تەيىنلەنگەن بۇرادەرلەر ئېيتىدىغان ھەم مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان كۆرسەتمىلەرنى تىڭشايمىز. دەل شۇ مۇقەددەس روھ ئايال قېرىنداشلارغىمۇ تاپشۇرۇقلىرىنى تەييارلاشقا ۋە ئورۇنلاشقا ياردەم بېرىدۇ. بىراق، مۇقەددەس روھ بىزگە تەسىر قىلىشى ئۈچۈن، يىغىلىشلاردا جاۋاب بېرىشكە تەييارلىق قىلىپ كېلىشىمىز كېرەك. شۇ چاغدا، جامائەت يىغىلىشلىرىغا ‹يەلكەنلىرىمىزنى ئېچىپ› كېلىمىز.
15. ۋەز قىلغىنىمىزدا مۇقەددەس روھ بىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
15 ئۈچىنچىدىن، ۋەز ئىشىغا قاتنىشىڭ. ۋەز قىلغاندا ۋە تەلىم بەرگەندە خۇدا سۆزىنى ئىشلەتسەك، مۇقەددەس روھنىڭ بىزگە ياردەم بېرىشىگە يول قويىمىز (رىملىقلار 15:18، 19). مۇقەددەس روھتىن تولۇق پايدىلىنىش ئۈچۈن، دائىم ۋەز قىلىپ، ئىمكانىيەت بولسىلا ھەرقاچان مۇقەددەس كىتابنى ئېچىپ ئوقۇپ بېرىشكە ئادەتلىنىشىمىز لازىم. ئادەملەر بىلەن تېخىمۇ نەتىجىلىك سۆھبەتلىشىشنىڭ بىر ئۇسۇلى — «ھاياتىمىز ۋە ۋەز خىزمىتىمىز» قوللانمىسىدىكى تەۋسىيە ئۈلگىلىرىنى ئىشلىتىش.
16. قانداق قىلىپ مۇقەددەس روھقا بىۋاسىتە ئېرىشەلەيمىز؟
16 تۆرتىنچىدىن، يەھۋا خۇداغا دۇئا قىلىڭ (مەتتا 7:7—11؛ لۇقا 11:13). يەھۋادىن مۇقەددەس روھ سوراپ دۇئا قىلساق، ئۇنىڭغا بىۋاسىتە ئىگە بولىمىز. ئۇنىڭ دۇئالىرىمىزغا قۇلاق سېلىشىغا ھېچنەرسە توسالغۇ بولالمايدۇ. مەيلى قەيەردە بولمايلى، ھەتتا تۈرمىدە بولساقمۇ، مۇقەددەس روھقا ئېرىشەلەيمىز. شەيتانمۇ مۇقەددەس روھقا ئىگە بولۇشىمىزغا توسالغۇلۇق قىلالمايدۇ (ياقۇپ 1:17). مۇقەددەس روھتىن تولۇق پايدىلىنىش ئۈچۈن قانداق دۇئا قىلىشىمىز كېرەك؟ بۇ سوئالغا جاۋاب ئېلىش ئۈچۈن، پەقەت لۇقا b كىتابىدا يېزىلغان دۇئا توغرۇلۇق بىر مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى.
قايتا-قايتا دۇئا قىلىڭ
17. لۇقا 11:5—9، 13-ئايەتلەرگە يېزىلغان دۇئا توغرۇلۇق مىسالدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟
17 لۇقا 11:5—9، 13-نى ئوقۇڭ. ئەيسانىڭ مىسالىدىن مۇقەددەس روھنى سوراپ، قانداق دۇئا قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىۋالىمىز. بۇ مىسالدا، بىر كىشى ‹قايتا-قايتا يالۋۇرۇشى سەۋەبىدىن›، سورىغان نەرسىسىگە ئېرىشكەن. يېرىم كېچە بولسىمۇ، شۇ ئادەم ئۆز دوستىدىن ياردەم سوراشتىن تارتىنمىغان (لۇقا 11:8) c. ئەيسا بۇ مىسالنى دۇئا ھەققىدە نېمىنى ئۆگەتمەكچى بولغان؟ ئۇ مۇنداق دېگەن: «شۇڭا، سىلەرگە ئېيتىمەنكى: داۋاملىق سوراڭلار، سىلەرگە بېرىلىدۇ. داۋاملىق ئىزدەڭلار، تاپىسىلەر؛ داۋاملىق ئىشىكنى قېقىڭلار، سىلەرگە ئىشىك ئېچىلىدۇ». بۇنىڭدىن نېمنى ئۆگىنەلەيمىز؟ مۇقەددەس روھقا ئېرىشىش ئۈچۈن، قايتا-قايتا دۇئا قىلىشىمىز كېرەك.
18. ئەيسانىڭ مىسالى يەھۋانىڭ بىزگە مۇقەددەس روھنى چوقۇم بېرىدىغانلىقىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟
18 بۇ مىسال يەھۋا مۇقەددەس روھنى نېمە سەۋەبتىن بېرىدىغانلىقىنىمۇ چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. مىسالدىكى كىشى دوستىغا مېھماندوستلۇقنى كۆرسىتىشنى خالىغان. ئۇ يېرىم كېچىدە كەلگەن مېھماننى ياخشىراق كۈتۈۋېلىشنى خالىغان، لېكىن، ئۆيىدە يەيدىغان ھېچنەرسە قالمىغانىدى. ئەيسا ئېيتقاندەك، قوشنىسى شۇ كىشى ناننى قايتا-قايتا سورىغاچقا، ئۇنىڭغا نان بەرگەن. ئەيسا بۇ مىسال ئارقىلىق نېمىنى ئۆگەتمەكچى بولغان؟ نامۇكەممەل ئىنسان قايتا-قايتا سورىغان قوشنىسىغا ياردەم بەرگەن بولسا، ئاسماندىكى مېھرىبان ئاتىمىز ئۇنىڭدىن قايتا-قايتا مۇقەددەس روھ سورىغانلارغا ئۇنى بېرىدىغانلىقى شەك-شۈبھىسىز. شۇڭا، يەھۋادىن دۇئادا مۇقەددەس روھنى سورىساق، ئۇ دۇئالىرىمىزغا چوقۇم جاۋاب بېرىدىغانلىقىغا ھېچ گۇمان قىلمايمىز.—زەبۇر 10:17؛ 66:19.
19. نېمە ئۈچۈن غەلبە قازىنىدىغانلىقىمىزغا ئىشەنچىمىز كامىل؟
19 شەيتان بىزگە توختىماي ھۇجۇم قىلسىمۇ، غەلىبە قازىنىدىغانلىقىمىزغا ئىشەنچىمىز كامىل. نېمە سەۋەبتىن؟ سەۋەبى، مۇقەددەس روھ بىزگە ئىككى ئۇسۇلدا ياردەم بېرىدۇ. بىرىنچى، بىزگە سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىش ئۈچۈن كۈچ-قۇۋۋەت بېرىدۇ. ئىككىنچى، يېڭى دۇنيادىكى ھاياتلىققا ئېرىشكىچە، يەھۋاغا داۋاملىق خىزمەت قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. ئۇنداقتا، كېلىڭلار، مۇقەددەس روھتىن تولۇق پايدىلىنىشقا بەل باغلايلى!
6-ناخشا خۇدا خىزمەتچىسىنىڭ دۇئاسى
a مۇقەددەس روھ قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىشكە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ مۇقەددەس روھنىڭ ياردىمىگە كۆپرەك ئېرىشىش ئۈچۈن بىز نېمە قىلالايمىز؟ دېگەنلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
b ئەيسانىڭ ھاياتىدا دۇئانىڭ ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن ئالغانلىقى، باشقا يازمىلارغا قارىغاندا لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەردە كۆپرەك تەكىتلەنگەن.—لۇقا 3:21؛ 5:16؛ 6:12؛ 9:18، 28، 29؛ 18:1؛ 22:41، 44.
c قايتا-قايتا يالۋۇرۇش. گرېك سۆزى ئۇدۇل مەنىدە «ھەددىدىن ئېشىپ كېتىش» ياكى «نۇمۇس قىلماسلىق»، دەپ تەرجىمە قىلىنىشى مۇمكىن. بۇ مىسالنىڭ ئالدى-كەينىدىكى سۆز داۋاملىق جاسارەتلىك بولۇش ۋە قايتا-قايتا ئۇرۇنۇشنى بىلدۈرىدۇ. ئەيسانىڭ مىسالىدىكى كىشى ئۆزىگە كېرەك نەرسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن قايتا-قايتا داۋاملىق سوراشتىن نۇمۇس قىلمىغان. ئەيسا شاگىرتلىرىغا دۇئادا شۇنىڭغا ئوخشاش پوزىتسىيىدە بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.—لۇقا 3:21؛ 5:16؛ 6:12؛ 9:18، 28، 29؛ 18:1؛ 22:41، 44.
d سۈرەتلەردە: 1-قەدەم. ئەر-ئايال ئىبادەت قىلىشقا كەلدى. ئۇلار ئېتىقادداشلار بىلەن جامائەت يىغىلىشىغا جەم بولدى. شۇ يەردە يەھۋانىڭ مۇقەددەس روھى بار. 2-قەدەم. ئۇلار يىغىلىشتا جاۋاب بېرىشكە تەييارلىق قىلىپ كەلگەن. بۇ ئىككى قەدەم خۇدا سۆزىنى تەتقىق قىلىش، ۋەز قىلىش ۋە دۇئا قىلىشقىمۇ باغلىق.