18-تەتقىق ماقالىسى
جامائەتتىكى ئادالەت بىلەن سۆيگۈ-مۇھەببەت
«بىر-بىرىڭلارنىڭ ئېغىرچىلىقىنى كۆتۈرۈڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، مەسىھنىڭ قانۇنىغا ئەمەل قىلغان بولىسىلەر».—گالاتىيا. 6:2.
2-ناخشا تەشەككۈر يەھۋا!
بۇ ماقالىدە a
1. بىز قانداق ئىككى ھەقىقەتنى بىلدۇق؟
يەھۋا خۇدا ئۆز خىزمەتچىلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇ ئىلگىرى ئۆز خەلقىگە سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى كۆرسەتكەندەك، كېلەچەكتىمۇ ھەردائىم كۆرسىتىدۇ. خۇدا ئادالەتنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ (زەبۇر 33:5). بۇنىڭدىن ئىككى مۇھىم ھەقىقەتنى بىلىمىز: (1) خىزمەتچىلىرى ئادالەتسىزلىككە دۇچ كەلگەندە، يەھۋانىڭ يۈرىكى ئاغرىيدۇ؛ (2) يەھۋا چوقۇم ئادالەتنى ئورنىتىدۇ. مۇشۇ بىر قاتار ماقالىلەرنىڭ بىرىنچىسىدە b ئىسرائىللىقلارغا بېرىلگەن تەۋرات قانۇنى سۆيگۈ-مۇھەببەتكە ئاساسلانغانلىقىنى بىلىۋالدۇق. بۇ قانۇندا ئادەملەرنىڭ ھەممىسىگە، ھەتتا ئۆزىنى ھىمايە قىلالمايدىغانلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلىش تەلەپ قىلىنغان (تەكرار. قا 10:18). تەۋرات قانۇنىدىن يەھۋا خۇدانىڭ ئۆز خىزمەتچىلىرىنى كۆزىنىڭ قارىچۇغىنى ئاسرىغاندەك ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقى كۆرۈنىدۇ.
2. بىز قانداق سوئاللارغا جاۋاب ئالىمىز؟
2 مىلادى 33-يىل، مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ جامائىتى تەشكىل قىلىنغاندىن كېيىن، تەۋرات قانۇنى كۈچىدىن قالغانىدى. مېھىر-مۇھەببەتكە ئاساسلانغان ۋە ئادالەتكە ئۈندىگەن قانۇننىڭ مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى ئۈچۈن پايدىسى يوقمۇ؟ ئەلۋەتتە، ياق. ئۇلار يېڭى بىر قانۇنغا ئېرىشكەن. مۇشۇ ماقالىدە، ئاۋۋال بىز بۇ يېڭى قانۇننىڭ قانداق قانۇن ئىكەنلىكىنى مۇھاكىمە قىلىمىز ۋە تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب ئالىمىز: نېمە ئۈچۈن يېڭى قانۇن مېھىر-مۇھەببەتكە ئاساسلانغان دەپ ئېيتالايمىز؟ نېمە ئۈچۈن ئۇ قانۇن ئادالەتكە ئۈندەيدۇ، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ؟ بۇ قانۇن بويىچە، جامائەتتە ھوقۇققا ئىگە بولغانلار باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشى كېرەك؟
«مەسىھنىڭ قانۇنى» دېگىنىمىز نېمە؟
3. گالاتىيالىقلار 6:2-ئايەتتە، تىلغا ئېلىنغان «مەسىھنىڭ قانۇنىغا» نېمىلەر كىرىدۇ؟
3 گالاتىيالىقلار 6:2-نى ئوقۇڭ. خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى «مەسىھنىڭ قانۇنىغا» بويسۇنىدۇ. ئەيسا شاگىرتلىرىغا قانۇنلارنىڭ تىزىملىكىنى بەرمىگەن. بىراق، ئۇلارغا ھاياتلىق يولىدا يېتەكلەيدىغان كۆرسەتمىلەرنى، بۇيرۇقلارنى ۋە پرىنسىپلارنى بەرگەن. «مەسىھنىڭ قانۇنىغا» ئەيسانىڭ بەرگەن تەلىمى بىلەن ئۆگەتكەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى كىرىدۇ. كېيىنكى ئابزاسلاردا بىز بۇ قانۇن توغرۇلۇق كۆپرەك بىلەلەيمىز.
4، 5. ئەيسا قانداق ئۇسۇللاردا ۋە قاچان ئۆگەتكەن؟
4 ئەيسا قانداق ئۇسۇللار بىلەن ئۆگەتكەن؟ بىرىنچىدىن، سۆزلىرى بىلەن ئۆگەتكەن. ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ كۈچى بولغان، چۈنكى ئۇ خۇدا توغرۇلۇق ھەقىقەتنى ئۆگەتكەن، ھاياتنىڭ مەنىسى ۋە خۇدا پادىشاھلىقى ئىنسانىيەتنى ھەممە ئازابلاردىن ئازاد قىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق تەلىم بەرگەن (لۇقا 24:19). ئەيسا ئۆز ئۈلگىسى بىلەنمۇ ئۆگەتكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ھاياتى بىلەن شاگىرتلىرىغا قانداق ھايات كەچۈرۈش كېرەكلىكىنى كۆرسەتكەن.—يۇھاننا 13:15.
5 ئەيسا قاچان ئۆگەتكەن؟ يەردە خىزمەت قىلغان چاغدا (مەتتا 4:23). شۇنداقلا، تىرىلىشىدىن كۆپ ئۆتمەي ئۇ شاگىرتلىرىغا تەلىم بەرگەن. مەسىلەن، ئەيسا 500دىن ئوشۇق ئەگەشكۈچىسىگە كۆرۈنۈپ، ئۇلارغا «شاگىرتلارنى تەييارلاڭلار»، دەپ بۇيرىغان (مەتتا 28:19، 20؛ 1-كورىنت. 15:6). ئاسمانغا قايتقاندا ئەيسا جامائەتنىڭ بېشى سۈپىتىدە شاگىرتلىرىغا يول-يورۇق بېرىشنى داۋاملاشتۇرغان. مەسىلەن، تەخمىنەن مىلادى 96-يىلى ئەيسا ئەلچى يۇھاننانى مايلانغان مەسىھىيلەرگە نەسىھەت ۋە ئىلھام بېرىشكە دەۋەت قىلغان.—كولوسى. 1:18؛ ۋەھىي. 1:1.
6، 7. (1) ئەيسانىڭ تەلىملىرى قەيەردە يېزىلغان؟ (2) مەسىھنىڭ قانۇنىغا بويسۇنغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
6 ئەيسانىڭ تەلىملىرى قەيەردە يېزىلغان؟ ئۇ يەردە بولغاندا ئېيتقان سۆزلىرى بىلەن قىلغان ئىشلىرىنىڭ كۆپىنچىسى گرېك يازمىلارنىڭ دەسلەپكى تۆت كىتابىدا يېزىلغان. گرېك يازمىلارنىڭ قالغان قىسىمىدىن ئەيسانىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى چۈشىنەلەيمىز. چۈنكى، ئۇلارنى مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكلىشى بىلەن «مەسىھنىڭ ئوي-پىكىرى»گە ئىگە بولغان ئادەملەر يازغان.—1-كورىنت. 2:16.
7 بىز ئۈچۈن ساۋاق: ئەيسانىڭ تەلىملىرى ھاياتنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە ياردەم بېرىدۇ. شۇڭا، مەسىھنىڭ قانۇنى ئۆيدە، ئىشتا ياكى مەكتەپتە ۋە جامائەتتە يۈرۈش-تۇرۇشىمىزغا يول-يورۇق بېرىدۇ. بۇ قانۇننى ئۆگىنىش ئۈچۈن، گرېك يازمىلارنى ئوقۇپ، ئوقۇغانلىرىمىز ھەققىدە چوڭقۇر مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشىمىز كېرەك. يازمىلاردىكى كۆرسەتمىلەر، بۇيرۇقلار ۋە پرىنسىپلارغا ماس ياشىساق، بۇ قانۇنغا بويسۇنغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز. مەسىھنىڭ قانۇنىغا بويسۇنغان چاغدا، بىز كۆيۈمچان ئاتىمىز يەھۋاغا ئىتائەت قىلىمىز، چۈنكى ئەيسا ئۆگەتكەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى يەھۋا خۇدادىن كەلگەن.—يۇھاننا 8:28.
مېھىر-مۇھەببەتكە ئاساسلانغان قانۇن
8. مەسىھنىڭ قانۇنى نېمىگە ئاساسلانغان؟
8 ئۇل-ئاساسى مەھكەم ئۆيدە ياشايدىغان ئادەم ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، قانۇننىڭ ئاساسى مەھكەم بولسا، ئۇنىڭغا بېقىنىدىغان ئادەم ئۆزىنى ھىمايە ئاستىدا ھېس قىلىدۇ. مەسىھنىڭ قانۇنى مېھىر-مۇھەببەتكە ئاساسلانغان. بۇ — ئەڭ ياخشى ئۇل-ئاساس. نېمە ئۈچۈن شۇنداق دېيىشكە بولىدۇ؟
9، 10. قايسى ئىشلار ئەيسانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرسەتكەن؟ بىز ئۇنىڭدىن قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟
9 بىرىنچىدىن، ئەيسانى ھەربىر ئىشقا مېھىر-مۇھەببەت دەۋەت قىلغان. ئادەتتە بىرسىنى ياخشى كۆرسەك، ئۇنىڭغا ئىچىمىز ئاغرىيدۇ. ئەيسانىڭ ئادەملەرگە ئىچى ئاغرىغانلىقتىن، ئۇ كېسەل كىشىلەرنى ساقايتقان، قوسىقى ئاچلارنى تويدۇرغان ۋە ئۆلگەنلەرنى تىرىلدۈرگەن (مەتتا 14:14؛ 15:32—38؛ ماركۇس 6:34؛ لۇقا 7:11—15). شۇنداق ئىشلار كۆپ كۈچ ۋە ۋاقتنى ئالسىمۇ، ئەيسا باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئۆزىنىڭكىدىن ئۈستۈن قويۇشقا تەييار بولغان. ئەڭ مۇھىمى، باشقىلار ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىپ، ئەيسا زور مېھىر-مۇھەببەتنى كۆرسەتكەن.—يۇھاننا 15:13.
10 بىز ئۈچۈن ساۋاق: باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئۆزىمىزنىڭكىدىن يۇقىرى قويساق، ئەيسادىن ئۈلگە ئالىمىز. ئەيسانى ئۈلگە قىلىشنىڭ يەنە بىر يولى — ۋەز قىلغاندا، ئادەملەرگە ھېسداشلىق قىلىشنى ئۆگىنىش. ئادەملەرگە ئىچىمىز ئاغرىغانلىقتىن، ئۇلارغا ۋەز قىلساق ۋە تەلىم بەرسەك، مەسىھنىڭ قانۇنىغا بويسۇنغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز.
11، 12. (1) يەھۋا خۇدانىڭ بىزگە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقى نېمىدىن كۆرىنىدۇ؟ (2) بىز مېھىر-مۇھەببەتنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
11 ئىككىنچىدىن، ئەيسا ئاتىسىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى نامايان قىلغان. ئەيسا يەردە خىزمەت قىلغاندا، ئاتىسىنىڭ ئۆز خىزمەتچىلىرىگە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى كۆپ يوللار بىلەن كۆرسەتكەن. مەسىلەن، ئۇ ئاسماندىكى ئاتىمىز يەھۋا ھەربىرىمىزنى قەدىرلەيدۇ، دەپ ئۆگەتكەن (مەتتا 10:31). توۋا قىلغان گۇناھكارلار جامائەتكە قايتىپ كەلگەندە، يەھۋا خۇدا ئۇلارنى قۇچاق يېيىپ قارشى ئالىدۇ (لۇقا 15:7، 10). يەھۋا خۇدا ئۆز ئوغلىنى بىز ئۈچۈن قۇربانلىق سۈپىتىدە بېرىپ، بىزگە مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرسەتكەن.—يۇھاننا 3:16.
12 بىز ئۈچۈن ساۋاق: يەھۋادىن ئۈلگە ئېلىپ، مېھىر-مۇھەببەتنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟ (ئەفەس. 5:1، 2). بىز ھەربىر قېرىندىشىمىزنى قەدىرلەيمىز ۋە جامائەتكە قايتىپ كەلگەن «يولدىن ئادىشىپ» قالغان قويلارنى قۇچاق ئېچىپ قارشى ئالىمىز (زەبۇر 119:176). قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن كۈچ ۋە ۋاقتىمىزنى ئايىماي، بولۇپمۇ ئۇلار ياردەمگە موھتاج بولغاندا، ياردەم قولىنى سۇنۇش ئارقىلىق ئۇلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى ئىسپاتلىيالايمىز (1-يۇھاننا 3:17). باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەندە، بىز مەسىھنىڭ قانۇنىغا بويسۇنىمىز.
13، 14. (1) يۇھاننا 13:34، 35-ئايەتلەرگە ئاساسەن، ئەيسا شاگىرتلىرىغا نېمە قىلىشنى بۇيرىغان ۋە نېمە ئۈچۈن بۇ يېڭى ئەمىر بولغان؟ (2) يېڭى ئەمىرگە بويسۇنغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
13 ئۈچىنچىدىن، ئەيسا شاگىرتلىرىغا پىداكارلىق بىلەن مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشنى بۇيرىغان (يۇھاننا 13:34، 35-نى ئوقۇڭ). ئەيسا بۇ يېڭى بىر ئەمىرنى ئېيتقان، چۈنكى تەۋرات قانۇنىدا بۇنداق مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىش تەلەپ قىلىنمىغان. بىز بولساق، ئېتىقادداشلىرىمىزنى خۇددى ئەيسا بىزنى سۆيگەندەك سۆيۈشىمىز كېرەك. بۇ دېگىنىمىز، بىز پىداكارلىق بىلەن مېھىر-مۇھەببەتنى كۆرسىتىپ، قېرىنداشلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئۆزىمىزنىڭكىدىن يۇقىرى قويۇشىمىز ۋە ئۇلارنى ئۆزىمىزدىنمۇ ئارتۇقراق ياخشى كۆرۈشىمىز زۆرۈر. بىز باشقىلار ئۈچۈن بىرەر نەرسىدىن ۋاز كېچىشكە ياكى ئايرىلىشقا، ھەتتا ئەيساغا ئوخشاش، جېنىمىزنى پىدا قىلىشقا تەييار.
14 بىز ئۈچۈن ساۋاق: يېڭى ئەمىرگە بويسۇنغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟ بىر سۆز بىلەن ئېيتقاندا، ئېتىقادداشلار ئۈچۈن ۋاقتىمىزنى، كۈچىمىزنى ۋە پۇلىمىزنى چىقىرالايمىز. ئۇلار ئۈچۈن جېنىمىزنى پىدا قىلىشقا ئوخشاش چوڭ ئىشلارنىلا ئەمەس، كىچىك نەرسىلەردە قۇربانلىق قىلىشقا تەييار بولىمىز. مەسىھنىڭ قانۇنىغا بويسۇنۇشنىڭ كۆپ يوللىرى بار. مەسىلەن، ياشانغان قېرىنداشنى جامائەتكە ئاپىرىپ-ئەكېلىش، يېقىنىمىزنىڭ كۆڭلىدىن چىقىش ئۈچۈن ئۆزىمىز خالىغان نەرسىلەردىن ۋاز كېچىش ياكى تەبىئىي ئاپەتلەردە قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئىشتىن ۋاقىتلىق توختاشقا رۇخسەت سوراش. شۇنىڭ بىلەن، بىز جامائىتىمىزدە ھەربىر كىشى ئۆزىنى بىخەتەر ۋە خاتىرجەم ھېس قىلىشىغا ئۆز ھەسسىمىزنى قوشالايمىز.
ئادالەتكە ئۈندەيدىغان قانۇن
15—17. (1) ئەيسا قانداق ئادىل ئىشلارنى قىلغان؟ (2) بىز ئەيسادىن قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟
15 مۇقەددەس كىتابتىكى «ئادالەت» دېگەن سۆز، خۇدانىڭ كۆز ئالدىدا توغرا نەرسىلەرنى قىلىش ۋە ھەممىسىگە تەڭ قاراپ، ئادىل مۇئامىلە قىلىشنى بىلدۈرىدۇ. نېمە ئۈچۈن مەسىھنىڭ قانۇنى ئادالەتكە ئۈندەيدۇ، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ؟
16 سەۋەبى، ئەيسانىڭ ئىشلىرى ئادىل بولغان. ئۇنىڭ زامانىدا ياشىغان يەھۇدىي دىنىي رەھبەرلەر يات خەلقتىن چىققان كىشىلەرنى ئۆچ كۆرەتتى، دىنىي مەكتەپلەردە بىلىم ئالمىغان ئاددىي ئادەملەرنى كۆزگە ئىلمايتتى ۋە ئاياللارغا ھۆرمەت كۆرسەتمەيتتى. بىراق، ئەيسا ھەربىر ئادەمگە ئادىل مۇئامىلە قىلىپ، ھەممىسىگە تەڭ قارىغان. ئەيسا ئۇنىڭغا ئىشەنگەن يەھۇدىي ئەمەسلەرنىمۇ قوبۇل قىلغان (مەتتا 8:5—10، 13). ئۇ ئادەملەرنى باي ياكى گاداي دەپ ئارىماي، ھەممىسىگە ۋەز قىلغان (مەتتا 11:5؛ لۇقا 19:2، 9). شۇنداقلا، ئەيسا ئاياللارغا قوپال مۇئامىلە قىلمىغان، ئۇلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى چۈشەرمىگەن. ئەكسىنچە، ئۇلارنى ھۆرمەتلەپ، ھەتتا باشقىلارنىڭ نەزىرىدە مۇناسىپ ئەمەس دەپ قارالغان ئاياللارغىمۇ مېھرىبانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغان.—لۇقا 7:37—39، 44—50.
17 بىز ئۈچۈن ساۋاق: بىزمۇ ئەيسادىن ئۈلگە ئېلىپ، ئادەمنىڭ قانچىلىك باي بولۇشى ياكى قايسى دىندا بولۇشىغا قارىماستىن، ھەممە ئادەملەرگە ۋەز قىلىمىز. خۇداغا خىزمەت قىلىدىغان ئەر كىشىلەر ئەيسادىن ئۈلگە ئېلىپ، ئاياللارغا ھۆرمەت بىلەن قارايدۇ. شۇنداق قىلساق، مەسىھنىڭ قانۇنىغا بويسۇنىمىز.
18، 19. ئەيسا ئادالەت توغرۇلۇق نېمىلەرنى ئۆگەتكەن ۋە بىز بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟
18 شۇنداقلا ئەيسا ئادالەت ھەققىدە ئۆگەتكەن. ئۇ شاگىرتلىرىغا ئادىل بولۇشقا ياردەم بېرىدىغان پرىنسىپلارنى ئۆگەتكەنىدى. مەسىلەن، ئەيسا باشقىلار بىزگە ئادىل مۇئامىلە قىلىشىنى خالىساق، بىزمۇ ئۇلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئۆگەتكەن. شۇ چاغدا باشقىلارمۇ بىزگە ئادالەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشى مۇمكىن (مەتتا 7:12). ئادالەتسىزلىككە دۇچ كەلسەكچۇ؟ ئەيسا ئەگەشكۈچىلىرىنى يەھۋانىڭ «كېچە-كۈندۈز يالۋۇرۇپ تىلەۋاتقان تاللىغانلىرى ئۈچۈن … ئادالەتنى» ئورنىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە دەۋەت قىلغان (لۇقا 18:6، 7). دېمەك، ئادىل خۇدايىمىز قىيىنچىلىقلىرىمىزنى ياخشى بىلىدۇ ۋە ئۆز ۋاقتىدا ئادالەتنى ئورنىتىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ.—2-سالونىكا. 1:6.
19 بىز ئۈچۈن ساۋاق: ئەيسا ئۆگەتكەن پرىنسىپلارنى ھاياتىمىزدا قوللانساق، باشقىلارغا ئادالەت بىلەن مۇئامىلە قىلىمىز. بۇ رەزىل دۇنيادا ئادالەتسىزلىككە دۇچ كېلىپ، ئازاب چەكسەك، يەھۋا ئادالەتنى چوقۇم ئورنىتىدىغانلىقىنى بىلىش بىزگە تەسەللىي بېرىدۇ.
ھوقۇق بار يەردە ئادالەت بولسۇن
20، 21. (1) ئاقساقاللار ۋە ئائىلە باشلىقلىرى باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشى كېرەك؟ (2) ئەر كىشى ئايالىغا پىداكارلىق بىلەن ئۆز مېھىر-مۇھەببەتنى قانداق كۆرسىتەلەيدۇ؟ ئائىلە باشلىقى بالىلىرىغا قانداق قارىشى كېرەك؟
20 مەسىھنىڭ قانۇنى بويىچە ئاقساقاللار ۋە ئائىلە باشلىقلىرى باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشى كېرەك؟ بۇ قانۇن مېھىر-مۇھەببەتكە ئاساسلانغانلىقتىن، ئۇلار باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببەت ۋە مۇلايىملىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى ۋە ھۆرمەت كۆرسىتىشى كېرەك. ئۇلار شۇنى ئۇنتۇماسلىقى كېرەك، يەنى مەسىھ يولىدا مېڭىش دېمەك ھەردائىم چوقۇم مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىش كېرەك دېگەنلىكتۇر.
21 ئائىلىدە. مەسىھ جامائەتنى قانداق ياخشى كۆرسە، ئەرلەرمۇ ئاياللىرىنى شۇنداق ياخشى كۆرۈشى كېرەك (ئەفەس. 5:25، 28، 29). ئەر كىشى ئايالىنىڭ مەنپەئىتىنى ئۆزىنىڭكىدىن يۇقىرى قويۇپ، مەسىھنىڭ پىداكارلىق بىلەن كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىدىن ئۈلگە ئېلىشى لازىم. لېكىن، بەزىدە ئەر كىشىلەرگە شۇنداق قىلىش قىيىن بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار بەلكىم باشقىلارغا ئادالەتسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىنغان ياكى مېھىر-مۇھەببەت ئانچە بەك كۆرسىتىلمىگەن ئائىلىدە ئۆسكەندۇ. سىڭىپ كەتكەن ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىش قىيىن بولسىمۇ، ئۇلار مەسىھنىڭ قانۇنىغا بويسۇنۇش ئۈچۈن ئۆزگۈرۈشى كېرەك. پىداكارلىق بىلەن مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن ئەرلەر ئايالىنى ھۆرمەتلەيدىغان بولىدۇ. بالىلىرىنى چىن يۈرەكتىن ياخشى كۆرىدىغان ئائىلە بېشى ھېچقاچان سۆزلىرى ياكى ئىش-ھەرىكەتلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتمايدۇ (ئەفەس. 4:31). ئەكسىنچە، بالىلىرى ئۆزلىرىنى بىخەتەر ۋە خاتىرجەم ھېس قىلىشى ئۈچۈن، ئۇلارنى ماختاپ، مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرسىتىدۇ. شۇ چاغدا بالىلىرى دادىسىنى ياخشى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغان بولىدۇ.
22. 1-پېترۇس 5:1—3-ئايەتلەردە يېزىلغاندەك، «قويلار» كىمگە تەئەللۇق ۋە ئاقساقاللار ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشى كېرەك؟
22 جامائەتتە. ئاقساقاللار «قويلارنىڭ» ئۆزلىرىگە تەئەللۇق ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئەستە تۇتۇشى لازىم (يۇھاننا 10:16؛ 1-پېترۇس 5:1—3-نى ئوقۇڭ). «خۇدانىڭ پادىسى» ۋە «خۇدانىڭ ئالدىدا»، «خۇدانىڭ مىراسى» دېگەندەك سۆز-ئىبارىلەر جامائەتتىكى «قويلار»، يەھۋا خۇداغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. يەھۋا ئاقساقاللارنىڭ ئۆز خەلقىگە سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە مۇلايىملىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىنى خالايدۇ (1-سالونىكا. 2:7، 8). قويلارغا غەمخورلۇق قىلىش ۋەزىپىسىنى مېھرىبانلىق بىلەن ئورۇنلايدىغان ئاقساقاللار يەھۋانىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىدۇ. شۇنداق كۆيۈمچان ئاقساقاللارنى قېرىنداشلارمۇ ياخشى كۆرىدۇ ۋە ھۆرمەتلەيدۇ.
23، 24. (1) ئېغىر گۇناھ قىلىنغاندا ئاقساقاللار نېمە قىلىشى كېرەك؟ (2) ئاقساقاللار قانداق سوئاللار توغرۇلۇق ئويلايدۇ؟
23 بىرى ئېغىر گۇناھ قىلغاندا، ئاقساقاللار نېمە قىلىدۇ؟ ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرى قەدىمقى زاماندىكى ئىسرائىللار ئارىسىدىكى سوتچىلار ۋە ئاقساقاللارنىڭ ۋەزىپىلىرىدىن پەرقلىنىدۇ. تەۋرات قانۇنى بويىچە ئاقساقاللار پەقەت ئىبادەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ئەمەس، كېلىشمەسلىكلەر بىلەن جىنايى ئىشلارغىمۇ قاراپ چىقاتتى. لېكىن، مەسىھنىڭ قانۇنىغا بويسۇنىدىغان ئاقساقاللار گۇناھكارنىڭ خۇدا ۋە جامائەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە باغلىنىشلىق مەسىلىلەرنى قاراپ چىقىدۇ. ئۇلار جىنايى ئىشلارنى ۋە پۇقرالىق ھوقۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ھۆكۈمەت ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ. ھۆكۈمەت جەرىمانە قويالايدۇ ياكى قاماپ قويالايدۇ.—رىملىقلار 13:1—4.
24 بىرى ئېغىر گۇناھ قىلسا، ئاقساقاللار نېمە قىلىشى كېرەك؟ ئۇلار بۇ مەسىلىنى مۇقەددەس كىتابتىكى ئايەتلەر ئاساسىدا مۇلاھىزە قىلىپ، قارار چىقىرىدۇ. ئاقساقاللار مەسىھنىڭ قانۇنى مېھىر-مۇھەببەتكە ئاساسلانغانلىقىنى ئەستە تۇتىدۇ. مېھىر-مۇھەببەت ئاقساقاللارنى تۆۋەندىكى سوئاللار توغرۇلۇق ئويلاشقا دەۋەت قىلىدۇ: جامائەتتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، ئۇلارغا قانداق ياردەم بېرىش ھەققىدە ئويلىنىدۇ: گۇناھ قىلىپ، گۇناھىغا توۋا قىلغان ئادەملەر ھەققىدە، ئۇ راست توۋا قىلدىمۇ؟ ئۇنىڭ خۇدا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قايتا تىكىلىشىگە قانداق ياردەم بەرسەك بولىدۇ؟
25. كېيىنكى ماقالىدە نېمە مۇھاكىمە قىلىنىدۇ؟
25 بىز مەسىھنىڭ قانۇنى ئۈچۈن بەك مىننەتدار، شۇنداق ئەمەسمۇ؟! ھەربىرىمىز بۇ قانۇنغا بويسۇنۇشقا تىرىشساق، جامائىتىمىزدە ھەربىر ئادەم ئۆزىنى سۆيۈملۈك، كېرەكلىك ۋە بىخەتەر ھېس قىلىدىغان بولىدۇ. بىز «رەزىل ئادەملەر» بىلەن تولۇپ كەتكەن دۇنيادا ياشاۋاتىمىز ۋە ئۇلار «بارغانسېرى تېخىمۇ يامانلىشىپ» كېتىۋاتىدۇ (2-تىموت. 3:13). شۇڭا، بىز ھوشىيار بولۇشىمىز كېرەك. بالىلار جىنسىي خورلۇققا ئۇچرىغاندا، جامائەت خۇدانى ئۈلگە قىلىپ، بۇ ئىشنى ئادالەتلىك بىلەن قانداق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك؟ بۇ سوئالغا كېيىنكى ماقالىدىن جاۋاب تاپىمىز.
5-ناخشا مەسىھ ئۈلگىمىز
a مۇشۇ ماقالە، يەھۋانىڭ سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە ئادالەتنىڭ خۇداسى ئىكەنلىكىگە نېمە سەۋەبتىن ئىشىنىشكە بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان تۆت ماقالىنىڭ ئىككىنچىسى. خۇدا ئۆز خەلقىنىڭ ئادالەتلىك مۇئامىلىگە ئۇچرىشىنى خالايدۇ ۋە مۇشۇ رەزىل دۇنيادا ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىغانلارغا تەسەللىي بېرىدۇ.
b «كۈزىتىش مۇنارى» 2019-يىل، فېۋرال سانىدىكى «تەۋرات قانۇنىدىكى ئادالەت بىلەن سۆيگۈ-مۇھەببەت» دېگەن ماقالىگە قاراڭ.
c سۈرەتتە: ئەيسا يالغۇز ئوغلىدىن ئايرىلغان تۇل ئايالنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىغانلىقتىن، ئوغلىنى تىرىلگەن.
d سۈرەتتە: ئەيسا سىمۇن ئىسىملىك پەرىسىينىڭ ئۆيىدە بولغاندا، بىر ئايال ئەيسانىڭ پۇتىنى كۆز يېشى بىلەن يۇيۇپ، چېچى بىلەن سۈرتۈپ قۇرۇتقان ۋە خۇش پۇراق ماي سۈركىگەنىدى. بۇ ئايال پاھىشە دەپ ھەممىگە تونۇلغانلىقتىن، سىمۇن ئۇنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە نارازى بولغان.