22-تەتقىق ماقالىسى
تەتقىق قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرەيلى
«نېمە بەكرەك مۇھىم ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۇرۇپ».—فىلىپى. 1:10.
37-ناخشا مۇقەددەس كىتاب — خۇدانىڭ ئىلھامى بىلەن يېزىلغان
بۇ ماقالىدە a
1. نېمە ئۈچۈن بەزىلەرنىڭ تەتقىق قىلغۇسى كەلمەيدۇ؟
بۈگۈنكى كۈندە جان بېقىش ئاسان ئەمەس. كۆپ قېرىنداشلىرىمىز ئائىلىسىنى بېقىش ئۈچۈن كۆپ ئىشلەيدۇ. نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلارنىڭ ئىشقا بېرىپ-كېلىشى ئۈچۈن كۆپ ۋاقتى كېتىدۇ. كۆپلىرى كۈن كەچۈرۈش ئۈچۈن تەر تۆكۈپ ئېغىر ئىش قىلىدۇ. كۈن كەچ بولغاندا، ئۇلار ھېرىپ ھالىدىن كېتىدۇ، شۇڭا تەتقىق قىلغۇسى كەلمەيدۇ.
2. سىز قايسى ۋاقىتتا مۇقەددەس كىتابنى ۋە ماتېرىياللارنى ئوقۇپ تەتقىق قىلىسىز؟
2 مەيلى ئەھۋالىمىز قانداقلا بولمىسۇن، خۇدانىڭ سۆزىنى ۋە ئۇنىڭغا ئاساسلانغان ماتېرىياللارنى ئوقۇش ۋە ئۆگىنىش ئۈچۈن ۋاقىت تېپىشىمىز كېرەك. بۇنداق قىلماي تۇرۇپ، يەھۋا خۇداغا يېقىنلىشىش ۋە مەڭگۈ ھاياتقا ئېرىشىش مۇمكىن ئەمەس (1-تىموت. 4:15، 16). بەزى قېرىنداشلار شەخسىي ئۆگىنىشنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تاڭ سەھەردە تۇرىدۇ، مەلۇماتنى ياخشى ئەستە ساقلىيالايدىغان ياكى ئۆيدىكىلەر ئۇخلاۋاتقان تىنچ ۋاقىتتىن پايدىلىنىدۇ. بەزىلەر تىنچ مۇھىتتا، زېھنى ئوچۇق ۋاقىتتا شەخسىي ئۆگىنىشنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن سەھەر تۇرىدۇ. باشقىلار مۇقەددەس كىتابنى ۋە ماتېرىياللارنى ئوقۇپ، چوڭقۇر ئويلىنىش ئۈچۈن ئۇخلاشتىن ئاۋۋال بىراز ۋاقىت چىقىرىدۇ.
3، 4. بېسىپ چىقىرىلىدىغان ۋە تور بېكەتتە چىقىدىغان مەلۇماتلارنىڭ سانى قانچە ۋە نېمە ئۈچۈن قىسقارتىلدى؟
3 ئەلۋەتتە، ئىزدىنىش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىش بەك مۇھىم. لېكىن، بىز نېمىنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك؟ «ئوقۇيدىغان مەلۇماتلار چاچتىن تولا، ھەممىسىنى ئوقۇپ بولۇش مۇمكىن ئەمەسقۇ؟»،— دەپ ئويلايدىغانسىز. بەزىلىرى تور بېكىتىمىز ۋە JW ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيىسىدە چىقىدىغان ھەممە مەلۇماتنى ئوقۇشقا ھەم كۆرۈشكە ئۈلگەرسىمۇ، بۇ ھەربىر قېرىنداشنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. يېتەكچى كېڭەش بۇنى چۈشىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، يېقىندا بېسىپ چىقىرىلىدىغان ۋە توربەتتە چىقىدىغان مەلۇماتلارنىڭ سانىنى قىسقارتىش قارار قىلىندى.
4 مەسىلەن، ®jw.org تور بېكىتىدە ۋە JW ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيىسىدىكى ئايلىق پروگراممىلاردا ئىلھاملاندۇرىدىغان ۋەقەلەر چىقىپ تۇرغانلىقتىن، «يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ يىلنامىسى» نەشىر قىلىنمايدىغان بولدى. «كۈزىتىش مۇنارى» ۋە «ئويغىنىش!» ژۇرناللىرىنىڭ ئاممىۋىي نەشىرى يىلىغا پەقەت ئۈچ قېتىم چىقىدىغان بولدى. بۇ ئۆزگىرىشلەر باشقا ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشىمىز ئۈچۈن ئەمەس، مۇھىمىراق نەرسىلەرگە ۋاقىت چىقىرىشىمىز ئۈچۈن قىلىنغان (فىلىپى. 1:10). كېلىڭلار، نېمىنىڭ مۇھىمىراق ئىكەنلىكىنى قانداق ئېنىقلاشقا ۋە ئىزدىنىشتىن قانداق كۆپرەك پايدا ئېلىشقا بولىدىغانلىقىنى كۆرەيلى.
نېمە بەكرەك مۇھىمراق ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۇرۇڭ
5، 6. بىز قايسى ماتېرىياللارنى ئوقۇپ تەتقىق قىلىشىمىز كېرەك؟
5 بىرىنچى نۆۋەتتە بىز نېمىنى ئوقۇپ تەتقىق قىلىشىمىز كېرەك؟ خۇدانىڭ سۆزى مۇقەددەس كىتابنى. ئوقۇۋاتقان نەرسىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلاشقا ۋە قوشۇمچە مەلۇماتلارنى ئوقۇشقا كۆپرەك ۋاقىت بۆلەلىشىمىز ئۈچۈن، ھەر ھەپتە ئارلىقىدا ئوقۇلىدىغان مۇقەددەس كىتاب ئۈزۈندىسى قىسقاردى. بىزنىڭ مەقسىتىمىز پەقەت ئايەتلەرنى ئوقۇپ قويۇش ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس كىتابتىكى سۆزلەرنىڭ يۈرىكىمىزگە تەسىر قىلىشىغا يول قويۇش ۋە يەھۋا خۇداغا يېقىنلىشىش.—زەبۇر 19:14.
6 بىز يەنە نېمىنى ئوقۇپ تەتقىق قىلىشىمىز كېرەك؟ ئەلۋەتتە، بىز «كۈزىتىش مۇنارى» تەتقىقى ۋە ھەپتە ئارلىقىدىكى جامائەتتە مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشكە تەييارلىنىشىمىز لازىم. شۇنداقلا بىز «كۈزىتىش مۇنارى» ۋە «ئويغىنىش!» ژۇرناللىرىنىڭ ھەربىر سانىنى ئوقۇشىمىز كېرەك.
7. تور بېكىتىمىزدىكى مەلۇماتلارنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇشقا ۋە كۆرۈشكە ۋاقىت تېپىش قىيىن بولسا، نېمە ئۈچۈن ئەنسىرىمەسلىكىمىز كېرەك؟
7 بەلكىم، سىز: «شۇنداق، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇيمەن، بىراق تور بېكىتىمىزدىكى ۋە JW ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيىسىدىكى مەلۇماتلارنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇشقا ۋە كۆرۈشكە ۋاقىتنى نەدىن تاپىمەن؟»— دەيدىغانسىز. سىزنى رېستورانغا كەلدىڭىز دەيلى. داستىخاندا ھەرخىل تاماق، يېمەك-ئىچمەكلەر بار، بىراق سىز ھەممىسىنىڭ تەمىنى تېتىپ كۆرەلمەيسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىز تاماقنىڭ پەقەت بىرنەچچىسىنى تاللايسىز. شۇنىڭغا ئوخشاش، تور بېكىتىمىزدىكى مەلۇماتلارنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇشقا ۋە كۆرۈشكە ۋاقىت تېپىش قىيىن بولسا ئەنسىرىمەڭ. چامىڭىز يەتكۈچە ئوقۇشقا ۋە كۆرۈشكە تىرىشىڭ. ھازىر شەخسىي ئۆگىنىشنى قانداق ئۆتكۈزۈشكە بولىدىغانلىقىنى ۋە ئىزدىنىشتىن كۆپرەك پايدا ئېلىش ئۈچۈن نېمە قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.
تەتقىق قىلىپ ئىزدىنىش — ئەجىر-مېھنەت قىلىش دېمەكتۇر
8. «كۈزىتىش مۇنارى» تەتقىقىغا قانداق تەييارلىق قىلىشقا بولىدۇ؟ شۇنداق ئۇسۇل نېمە ئۈچۈن پايدىلىق؟
8 ئىزدىنىش دېگىنىمىز مەلۇماتنى دىققەت قويۇپ ۋە مەقسەت بىلەن ئوقۇش. لېكىن، بۇ تېكستنى پەقەت بىر قاراپ چىقىشنى ياكى جاۋابلارنىڭ ئاستىغا سىزىپ قويۇشنىلا بىلدۈرمەيدۇ. مەسىلەن، «كۈزىتىش مۇنارى» تەتقىقىغا تەييارلىق قىلغاندا، ئەڭ ئاۋۋال «بۇ ماقالىدە» دېگەن يەرگە قاراڭ. ئاندىن ماقالىنىڭ ماۋزۇسىغا، كىچىك ماۋزۇلارغا ۋە تەكرارلاش سوئاللىرىغا دىققەت قارىتىڭ. كېيىن، ماقالىنى ئالدىرىماي، دىققەت بىلەن ئوقۇڭ. ئاساسىي ئوي-پىكىرلەرگە دىققەت ئاغدۇرۇڭ. ئادەتتە ئۇلار ئابزاسنىڭ بىرىنچى جۈملىسىدە يېزىلىدۇ. شۇ مەسىلەن ئابزاستىن قايسى ئوي-پىكىر مۇھاكىمە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىشكە بولىدۇ. ماقالىنى ئوقۇۋاتقاندا، ھەربىر ئابزاسنىڭ كىچىك ماۋزۇ ۋە ماقالىنىڭ باش تېمىسى بىلەن قانداق باغلىنىشى بارلىقىنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭ. چوڭقۇرراق چۈشىنىشنى خالايدىغان ناتونۇش سۆزلەرنى ۋە ئوي-پىكىرلەرنى يېزىۋېلىڭ.
9. (1) نېمە ئۈچۈن «كۈزىتىش مۇنارى» تەتقىقى قىلغاندا، ئايەتلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز مۇھىم ۋە بۇنى قانداق قىلالايمىز؟ (2) يەشۇئا 1:8-ئايەتتە يېزىلغاندەك، ئايەتلەرنى ئوقۇشتىن باشقا يەنە نېمە قىلىشىمىز مۇھىم؟
9 «كۈزىتىش مۇنارى» تەتقىقىنىڭ مەقسىتى — مۇقەددەس كىتابنى چۈشىنىش. شۇ سەۋەبتىن، بىز ئايەتلەرگە، بولۇپمۇ يىغىلىشتا ئوقۇلىدىغان ئايەتلەرگە، ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز مۇھىم. ئايەتتىكى ئاچقۇچلۇق سۆز-ئىبارىلەر ئابزاستىكى ئاساسىي ئوي-پىكىرنى قانداق تەكىتلەيدىغانلىقىنى بايقاشقا تىرىشىڭ. بۇنىڭدىن باشقا، ئايەتلەر ئۈستىدە ۋە ئۇلارنى ھاياتىڭىزدا قانداق قوللىنىشقا بولىدىغانلىقى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىشقا ۋاقىت بۆلۈڭ.—يەشۇئا 1:8-نى ئوقۇڭ.
10. ئىبرانىيلار 5:14-ئايەتكە ئاساسەن، ئاتا-ئانىلار ئائىلىۋى ئىبادەتتە نېمە ئۈچۈن بالىلىرىغا تەتقىق قىلىشنى ۋە ئىزدىنىشنى ئۆگىتىشى كېرەك؟
10 ئەلۋەتتە، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئائىلىۋى ئىبادەتنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتۈپ، ئۇنىڭغا خۇشاللىق بىلەن قاتنىشىشىنى خالايدۇ. گەرچە ئاتا-ئانىلار بالىلىرى بىلەن نېمە توغرىسىدا سۆزلىشىدىغانلىقىنى ئالدىن-ئالا تەييارلىسىمۇ، ھەر ھەپتە ئالاھىدە بىر نەرسە ئويلاپ چىقىرىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئائىلىۋى ئىبادەتتە JW ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيىسىدىكى ھەر ئايدا چىقىدىغان پروگراممىنى كۆرۈشكە ياكى بەزىدە نۇھنىڭ كېمىسىنى دوراپ مودېل ياساشتەك قىزىقارلىق ئىشلارنى قىلىشقا بولىدۇ. لېكىن، بالىلار تەتقىق قىلىشنىمۇ ئۆگىنىشى كېرەك. مەسىلەن، ئۇلار جامائەت يىغىلىشلىرىغا تەييارلىق قىلىشنى ياكى مەكتەپتىكى قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان مەلۇماتنى تېپىشنى ئۆگىنىشى لازىم (ئىبرانىيلار 5:14-نى ئوقۇڭ). ئەگەر ئۇلار ئۆيدە ئوقۇپ تەتقىق قىلىشقا ۋاقىت چىقارسا، ھەتتا يىغىلىشلاردا ۋە چوڭ يىغىلىشلاردا فىلىملەر كۆرسىتىلمىگەندىمۇ، زەن قويۇپ تىڭشاشقا ئاسان بولىدۇ. ئائىلىۋى ئىبادەتنىڭ قانچە ئۇزاق ۋاقىت ئۆتكۈزۈش بالىلارنىڭ يېشىغا ۋە مىجەز-خۇلقىغا باغلىق.
11. نېمە سەۋەبتىن مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان ئادەملەرگىمۇ تەتقىق قىلىشنى ئۆگىتىشىمىز مۇھىم؟
11 مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان ئادەملەرگىمۇ تەتقىق قىلىشنى ئۆگىتىشىمىز كېرەك. ئۆگىنىشنى يېڭىدىن باشلىغاندا، ئۇلار جاۋابلارنىڭ ئاستىغا سىزىپ قويسا، بۇ بىزنى خۇشال قىلىدۇ. بىراق، بىز ئۇلارنى ئىزدىنىش ۋە سۈپەتلىك شەخسىي ئۆگىنىش ئۆتكۈزۈشكە ئۆگىتىشىمىز كېرەك. قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە، ئۇلار دەرھال جامائەتتىكى قېرىنداشلاردىن نېمە قىلىشنى سورىماي، بەلكى كېرەك مەلۇماتنى ئۆزلىرى ماتېرىياللىرىمىزدىن تاپالايدىغان بولىدۇ.
مەقسەت قويۇڭ
12. نېمە مەقسەتتە ئىزدىنىش قىلىمىز؟
12 ئەگەر سىز كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرمەيدىغان بولسىڭىز، ئىزدىنىپ تەتقىق قىلىش ئاڭلىماققا قۇلاققا تېخىمۇ خوش ياقمايدۇ. ئەمما، دەسلەپتە ئازراق ۋاقىت سەرپ قىلىپ، كېيىن ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئاستا-ئاستا بۇ ۋاقىتنى ئۇزارتسىڭىز بولىدۇ. ئۆگىنىشىڭىزنىڭ مەقسىتىنى ئەستىن چىقارماڭ. ئەڭ مۇھىم مەقسىتىڭىز — يەھۋا خۇداغا تېخىمۇ يېقىنلىشىش. باشقا مەقسەتلەرنى قويسىڭىزمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، بەزىدە قىيىنچىلىقىڭىزنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ياكى كىمدۇ بىرسى قويغان سوئالنىڭ جاۋابىنى تېپىش ئۈچۈن مەلۇماتلارنى ئىزدىشىمىزگە توغرا كېلىدىغاندۇ.
13. (1) ياشلار مەكتەپتە ھەقىقەتنى قانداق قوغدىيالايدۇ؟ (2) كولوسىلىقلار 4:6-ئايەتتىكى سۆزلەرنى قانداق قوللانسىڭىز بولىدۇ؟
13 بەلكىم، سىز مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانسىز. سىنىپداشلىرىڭىز دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىمىغانلىقىڭىز ئۈچۈن سىزنى زاڭلىق قىلىشى ياكى بېسىم قىلىشى مۇمكىن. سىز مۇقەددەس كىتاب ئاساسىدا ئۆز كۆز قارىشىڭىزنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشنى خالايسىز، بىراق ئوي-پىكىرلىرىمنى توغرا يەتكۈزەلمەيمەن، دەپ غەم-ئەندىشە قىلىدىغانسىز. ئۇنداقتا، بۇ ماۋزۇ ھەققىدە ئىزدىنىڭ. ئىككى مەقسەت قويسىڭىز بولىدۇ: (1) بۇ دۇنياغا مەنسۇپ ئەمەسلىكىڭىزنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئېتىقادىڭىزنى مۇستەھكەملەش ۋە (2) ئۆزىڭىزنىڭ ھەقىقەتنى قوغداش قابىلىيىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئۆگىنىش (يۇھاننا 17:16؛ 1-پېتر. 3:15). ئۆزىڭىزدىن: «سىنىپداشلىرىم نېمە سەۋەبتىن دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلايدۇ؟» دەپ سورىسىڭىز بولىدۇ. ئاندىن ماتېرىياللارنى ئىشلىتىپ، بۇنى پۇختا تەتقىق قىلىڭ. ئۆز كۆز قارىشىڭىزنى قوغداش سىز ئويلىغاندەك قىيىن بولماسلىقى مۇمكىن. كۆپچىلىك نام-ئابرويلۇق كىشىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغاچ، دۆلەت شېئىرنى ئورۇنلايدۇ. ھەقىقەتنى ئىزدەۋاتقان ئادەم ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان بىر-ئىككى دەلىل-ئىسپاتنىڭ ئۆزى يېتەرلىك بولۇشى مۇمكىن.—كولوسىلىقلار 4:6-نى ئوقۇڭ.
قىزىقىشنى كۈچەيتىڭ
14—16. (1) ئانچە ياخشى بىلمەيدىغان كىتابلارنى بىلىشكە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟ (2) 16-ئابزاسنىڭ ئاخىرىدا كەلتۈرۈلگەن ئايەتلەر ئاموس كىتابىنى ياخشىراق چۈشىنىشكە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ (« مۇقەددەس كىتاب قەھرىمانلىرىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ» دېگەن رامكىغا قاراڭ)
14 مەسىلەن، كېلەركى يىغىلىشتا مۇقەددەس كىتابنىڭ بىر قىسىمى بولغان ھوشىيادىن مالاكىغىچە بولغان قىسقا يازمىلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى ئوقۇلىدۇ، دەيلى. بىراق، سىز بۇ كىتابلارنى ئانچە ياخشى بىلمەيسىز. ئاۋۋال شۇ پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرىگە بولغان قىزىقىشىڭىزنى كۈچەيتىڭ. بۇنى قانداق قىلسىڭىز بولىدۇ؟
15 بىرىنچىدىن، ئۆزىڭىزدىن مۇنداق دەپ سوراڭ: «بۇ كىتابنىڭ يازغۇچىسى توغرۇلۇق مەن نېمىنى بىلىمەن؟ ئۇ كىم؟ قەيەردە ياشىغان ۋە نېمە ئىش قىلغان؟» يازغۇچىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن بەزى سۆز-ئىبارە ياكى مىساللارنى تاللاپ ئىشلەتكەنلىكىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇغاندا، يازغۇچىنىڭ مېجەز-خۇلقىنى كۆرسىتىدىغان سۆز-ئىبارىلەرنى بايقاشقا تىرىشىڭ.
16 ئىككىنچىدىن، كىتابنىڭ يېزىلغان ۋاقتىنى بىلىۋېلىڭ. بۇنى مۇقەددەس كىتابنىڭ «يېڭى دۇنيا تەرجىمىسى»نىڭ ئاخىرىدىكى «مۇقەددەس كىتابنى تەشكىل قىلغان يازمىلارنىڭ تىزىملىكى» ناملىق جەدۋەلدىن تاپالايسىز. b شۇنىڭ بىلەن ئا قوشۇمچە مەلۇمات، 3-بۆلۈمدىكى پەيغەمبەرلەر ۋە پادىشاھلارنىڭ تىزىمىنى كۆرۈپ چىقسىڭىز بولىدۇ. سىز پەيغەمبەرلىكلەر خاتىرلەنگەن كىتابنى ئوقۇۋاتقانلىقتىن، بۇ كىتاب يېزىلغان ۋاقىتتا خەلقنىڭ تۇرمۇشى قانداق بولغانلىقىنى بىلىۋالسىڭىز ياخشى بولىدۇ. پەيغەمبەر خەلقنىڭ قانداق ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن؟ كىملەر ئۇنىڭ زامانداشلىرى بولغان؟ شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋالنى تولۇق چۈشىنىش ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابتىكى باشقا كىتابلارنى ئوقالايسىز. مەسىلەن، ئاموس پەيغەمبەر ياشىغان زاماندىكى ئەھۋالنى ياخشىراق چۈشىنىش ئۈچۈن ئاموس 1-باب 1-ئايەتتە كەلتۈرۈلگەن باغلىنىشلىق ئايەتلەرنى c، 2-پادىشاھلار ۋە تارىخنامە 2-يازمىدىكى ئۈزۈندىلەر بىلەن بىرگە ئوقۇڭ. ھوشىيا كىتابىنى قاراپ چىقىشمۇ پايدىلىق، چۈنكى بۇ پەيغەمبەر ئېھتىمال ئاموسنىڭ زاماندىشى بولغان. بۇ قوشۇمچە مەلۇماتلارنىڭ ھەممىسى ئاموسنىڭ ۋاقتىدا نېمە بولغانلىقىنى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدۇ.—2-پادىشاھ. 14:25–28؛ 2-تارىخ. 26:1–15؛ ھوشىيا 1:1–11؛ ئاموس 1:1.
تەپسىلاتلارغا دىققەت قىلىڭ
17، 18. ئابزاسلاردىكى مىسالنى ياكى ئۆز مىسالىڭىزنى ئېيتىپ، بەزى تەپسىلاتلارغا دىققەت قىلىپ ئوقۇپ مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىشنىڭ بەكمۇ قىزقارلىق بولىدىغانلىقى ھەققىدە چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
17 بىز مۇقەددەس كىتابنى قىزىقىش بىلەن كۆپرەك بىلىم ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇشىمىز كېرەك. مەسىلەن، سىز زەكەرىيا كىتابىنىڭ 12-بابىنى ئوقۇۋاتىسىز، دەيلى. ئۇ يەردە مەسىھنىڭ قانداق ئۆلىدىغانلىقى توغرۇلۇق يېزىلغان (زەكەرىيا 12:10). 12-ئايەتتە «ناتان جەمەتى»، يەنى ناتاننىڭ ئائىلىسى مەسىھنىڭ ئۆلۈمىگە زار يىغلاپ قايغۇرىدىغانلىقىنى ئوقۇيسىز. بۇ تەپسىلاتقا كۆڭۈل بۆلمەي، تېز ئوقۇپ چىقىشنىڭ ئورنىغا، توختاپ، مۇشۇ سوئاللار ھەققىدە ئويلىنىپ بېقىڭ: «ناتاننىڭ ئائىلىسى بىلەن مەسىھنىڭ ئارىسىدا قانداق باغلىنىش بار؟ بۇ ھەققىدە كۆپرەك مەلۇماتنى قەيەردىن تاپالايمەن؟»—، دەپ سوئال قويۇپ ئىزدىنىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ. باغلىنىشلىق ئايەتلەردە، 2-سامۇئىل 5:13، 14-ئايەتلەر كەلتۈرۈلگەن. شۇ ئايەتلەردە ناتان داۋۇت پادىشاھنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. كەلتۈرۈلگەن يەنە بىر ئايەت، لۇقا 3:23، 31-ئايەتلەردىن، ئەيسانىڭ ئانىسى مەريەم ناتاننىڭ ئەۋلادىدىن چىققانلىقىنى كۆرىسىز («كۈزىتىش مۇنارى»، 2017-يىل، ئاۋغۇست، 32-ب.، 4-ئابز.). بۇ قىزىقارلىق ئەمەسمۇ؟ سىز مەسىھنىڭ داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادىدىن چىقىدىغانلىقىنى بىلگەن ئېدىڭىز (مەتتا 22:42). لېكىن، داۋۇتنىڭ 20دىن ئوشۇق ئوغلى بولغان. زەكەرىيا ناتاننىڭ ئائىلىسى ئەيسانىڭ ئۆلۈمىگە زار يىغلاپ قايغۇرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغانلىقى ھەيران قالارلىق ئەمەسمۇ؟
18 يەنە بىر مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى. لۇقا كىتابىنىڭ بىرىنچى بابىدا جەبرائىل پەرىشتە تۇغۇلىدىغان ئوغۇل توغرۇلۇق مەريەمگە مۇنداق دېگەن: «ئۇ ئۇلۇغ بولىدۇ ۋە ئەڭ ئۇلۇغ بولغۇچىنىڭ ئوغلى دەپ ئاتىلىدۇ ۋە يەھۋا خۇدا ئۇنىڭغا ئاتىسى داۋۇتنىڭ تەختىنى بېرىدۇ. ئۇ ياقۇپنىڭ جەمەتى ئۈستىدىن مەڭگۈگە پادىشاھلىق قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ چېكى بولمايدۇ» (لۇقا 1:32، 33). ئادەتتە، بىز جەبرائىل ئېيتقان خەۋەرنىڭ ئەيسا «ئەڭ ئۇلۇغ بولغۇچىنىڭ ئوغلى دەپ ئاتىلىدۇ» دېگەن بىرىنچى قىسىمىغىلا دىققەت ئاغدۇرىمىز. لېكىن، جەبرائىل ئەيسا توغرۇلۇق «پادىشاھلىق قىلىدۇ» دەپمۇ بېشارەت ئېيتقان. مەريەم جەبرائىلنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندا، قانداق ئويدا بولغان؟ ئەيسا ھىرود پادىشاھنىڭ ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن تەختكە ئولتىرىدىغان كىشىنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولىدۇ، دەپ ئويلىغانمۇ؟ ئەگەر ئەيسا تەختكە ئولتۇرسا، مەريەم پادىشاھنىڭ ئانىسى سۈپىتىدە ئىززەت-ئابرويغا ئېرىشىپ، پادىشاھ سارىيىدا ياشىيالايتتى. لېكىن، مەريەمنىڭ شۇنداق ئويلىشى ياكى ئەيسانىڭ ئىككى شاگىرتىغا ئوخشاش پادىشاھلىقتا مەرتىۋىلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇشنى سورىغانلىقى مۇقەددەس كىتابنىڭ ھېچ يېرىدە يېزىلمىغان (مەتتا 20:20—23). بۇ تەپسىلات مەريەمنىڭ قانچىلىك كەمتەر بولغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ!
19، 20. ياقۇپ 1:22—25؛ 4:8-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، ئىزدىنىپ تەتقىق قىلغاندا قانداق مەقسەتلەرنى كۆزلىشىمىز كېرەك؟
19 مۇقەددەس كىتاب ۋە ئۇنىڭغا ئاساسلانغان ماتېرىياللارنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئاساسىي مەقسىتى يەھۋا خۇداغا يېقىنلىشىش ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇمايلى. شۇنداقلا بىز ئۆزىمىزنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمىزنى ئېنىقراق كۆرۈپ، خۇدانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن قايسى تەرەپتىن ئۆزگىرىشىمىز كېرەكلىكىنى تونۇپ يېتىشنى خالايمىز (ياقۇپ 1:22—25؛ 4:8-نى ئوقۇڭ). ئۇنداقتا، ئۆگىنىشنى باشلاشتىن ئاۋۋال، ھەردائىم يەھۋادىن مۇقەددەس روھ سوراپ، دۇئا قىلىشىمىز كېرەك. ئوقۇپ تەتقىق قىلغانلىرىمىزدىن تولۇق پايدىلىنىشمىزغا ۋە بىز ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمىزنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىشىنى ئۆتۈنۈپ سوراش مۇھىم.
20 زەبۇر كىتابىدا، خۇدانىڭ سادىق خىزمەتچىسى مۇنداق تەسۋىرلەنگەن: «ئۇ يەھۋانىڭ قانۇنلىرىدىن سۆيۈنۈپ، كېچە-كۈندۈز ئۇنى ئوقۇپ چوڭقۇر ئويلىنار… . قىلغان ھەممە ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولار» (زەبۇر 1:2، 3). كېلىڭلار، ھەربىرىمىز شۇنداق ئادەم بولۇشقا ئىنتىلەيلى!
11-ناخشا يەھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىش
a يەھۋا خۇدا بىزگە مول روھىي ئوزۇق، مەسىلەن مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان فىلىملەر ۋە باشقا نەشىرى ماتېرىياللارنى بېرىدۇ. بۇ ماقالە نېمىنى تەتقىق قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى قارار قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئىزدىنىشنى تېخىمۇ قىزىقارلىق ۋە ئۈنۈملۈك قىلىش ئۈچۈن ئەمەلىي مەسلىھەتلەرنى تاپالايسىز.
b شۇنداقلا سىز jw.org تور بېكىتىدىكى مۇقەددەس يازمىلاردىكى كىتابلارنى تونۇشتۇرۇش دېگەن فىلىملەرنى كۆرسىڭىز بولىدۇ (نەشىرلەر > فىلىملەر > مۇقەددەس كىتاب دېگەن يەرگە قاراڭ).
c باغلىنىشلىق ئايەتلەر «يېڭى دۇنيا تەرجىمىسى»نىڭ بەت ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە تىك تارتىلغان قۇر ئارىسىغا جايلاشقان. بۇ قۇردا ئوخشاش ئايەتلەر كەلتۈرۈلگەن. بۇ ئايەتلەر «®JW Library» پروگراممىسىدا سۆزنىڭ قېشىدىكى كىچىك ھەرىپلەرنى باسقاندا، ئېكراننىڭ ئوڭ تەرەپىدە چىقىدۇ.