سىز بىلەمسىز؟
ئارخېئولوگلار بەلشازارنىڭ ياشىغانلىقىنى ۋە بابىلنىڭ پادىشاھى بولغانلىقىنى قانداق دەلىللىگەن؟
كۆپ يىللار داۋامىدا مۇقەددەس كىتابنى تەنقىد قىلغۇچىلار دانىيال كىتابىدا تىلغا ئېلىنغان بەلشازار دېگەن پادىشاھ تارىختا بولمىغان، دەپ قاراپ (دانىيال 5:1). چۈنكى، ئارخېئولوگلار شۇ پادىشاھنىڭ ھەقىقەتەن ياشىغانلىقىغا ھېچ ئىسپات تاپالمىغان ئىدى. لېكىن، 1854-يىلى ئۇلارنىڭ كۆز قارىشى ئۆزگەرگەن. نېمە سەۋەبتىن؟
شۇ يىلى برىتانىيىلىك كونسۇل جون جورج تېيلور بۈگۈنكى كۈندىكى ئىراقنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان قەدىمىي ئۇر شەھىرىنىڭ خارابلىرىنى تەتقىق قىلغان. ئۇ بەك يوغان بىر مۇنارنىڭ ئىچىدە سېغىز لايدىن ياسالغان بىرنەچچە سېلىندىرنى تېپىۋالغان. ھەربىر سېلىندىرنىڭ ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 10 سانتىمېتىر بولغان. بۇ سېلىندىرلاردا ئۇيۇپ يېزىلغان سۆزلەر بولغان. ئۇلارنىڭ بىرىدە بابىل پادىشاھى نابونىدۇس بىلەن ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلى بەلشازارغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلىگەن دۇئا يېزىلغان ئىدى. بۇ بەلشازارنىڭ راستىنلا ھايات كەچۈرگەنلىكىنى دەلىللەيدۇ. بۇنى ھەتتا تەنقىد قىلغۇچىلارغىمۇ ئېتىراپ قىلىشقا توغرا كەلگەن.
ئەمما، مۇقەددەس كىتابتا بەلشازارنىڭ پەقەت مەۋجۇت شەخىسلا ئەمەس، پادىشاھ بولغانلىقىمۇ يېزىلغان. تەنقىد قىلغۇچىلار بۇنىڭغىمۇ گۇمان بىلەن قارىغان. مەسىلەن، 19-ئەسىردە ئىنگلىز ئالىم ۋىليام تالبوت مۇنداق يازغان: «بەلشازار بىلەن ئۇنىڭ دادىسى نابونىدۇس بىر ۋاقىتتا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. لېكىن، بۇنىڭغا ھېچقانداق دەلىل-ئىسپات يوق».
ئەمما، بەلشازارنىڭ دادىسى نابونىدۇس پادىشاھ بىرنەچچە يىل پايتەختتىن يىراق ياشىغانلىقى يېزىلغان. باشقا بىر سېغىز توپا سېلىندىر تېپىلغاندا، بۇ تالاش-تارتىش ھەل قىلىنغان. نابونىدۇس پادىشاھنىڭ ئورنىغا كىم ھۆكۈمرانلىق قىلغان؟ برىتانىيە قامۇسىدا يېزىلغاندەك، نابونىدۇس پادىشاھ دۆلەتتىن كېتىپ قالغاندا، ئۇ تەختىنى ۋە قوشۇنلىرىنىڭ تەڭدىن تولىسىنى ئوغلى بەلشازارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ كەتكەن. شۇڭا، شۇ چاغدا بەلشازار دادىسىنىڭ ئورنىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ئارخېئولوگ ۋە تىلشۇناس ئالان مىللاردنىڭ ئېيتىشىچە، بەلشازارنىڭ دانىيال كىتابىدا «پادىشاھ» دەپ ئاتالغانلىقى ئورۇنلۇق بولغان.
ئەلۋەتتە، خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى ئۈچۈن دانىيال كىتابىنىڭ ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىگە ۋە خۇدا تەرىپىدىن روھلاندۇرۇلغانلىقىغا ئاساسىي دەلىل-ئىسپات — مۇقەددەس كىتابنىڭ ئۆزى.—2-تىموت. 3:16.