مېھىر-مۇھەببىتىڭىز بىلەن داۋاملىق باشقىلارنى مۇستەھكەملەڭ
«مۇھەببەت كىشىنى كۈچەيتىپ مۇستەھكەملەيدۇ».—1-كورىنتلىقلار 8:1.
ناخشىلار: 25، 52
1. ئەيسا ئۆلۈمى ئالدىدىكى كېچىسى شاگىرتلىرى بىلەن نېمە ھەققىدە سۆزلەشكەن؟
ئەيسا ئۆلۈمى ئالدىدىكى كېچىسى شاگىرتلىرى بىلەن سۆزلەشكەندە، مېھىر-مۇھەببەت سۆزىنى تەخمىنەن 30 قېتىم تىلغا ئالغان. ئۇ شاگىرتلىرىغا: «بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار»،—دېگەنىدى (يۇھاننا 15:12، 17). ئۇلار مەسىھنىڭ ھەقىقىي شاگىرتلىرى ئىكەنلىكىنى سۆيگۈ-مۇھەببىتىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولاتتى (يۇھاننا 13:34، 35). لېكىن، ئەيسا ئېيتقان بۇ سۆيگۈ-مۇھەببەت پەقەت ھېس-تۇيغۇ ئەمەس، ئەڭ ئېسىل پەزىلەت، يەنى ئۆزىنى پىدا قىلىدىغان سۆيگۈ-مۇھەببەتنى كۆرسىتىدۇ. ئەيسا: «ئۆز جېنىنى دوستلىرى ئۈچۈن پىدا قىلغان كىشىنىڭ مۇھەببىتىدىن چوڭقۇرراق مۇھەببەت ھېچكىمدە يوقتۇر. ئەگەر سىلەر مېنىڭ بۇيرۇغانلىرىمنى ئورۇنلىساڭلار، سىلەر مېنىڭ دوستلىرىم»،— دېگەن.—يۇھاننا 15:13، 14.
2. (1) بۈگۈنكى كۈندە، يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى قانداق پەزىلەتلىرى بىلەن تونۇلغان؟ (2) مۇشۇ ماقالىدە بىز قايسى سوئاللارنىڭ جاۋابىنى تاپىمىز؟
2 بۈگۈنكى كۈندە يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى سەمىمىي، ئۆزىنى پىدا قىلىدىغان مېھىر-مۇھەببىتى ۋە بىرلىكى، يەنى بۇزۇلماس ئىناق-ئىتىپاقلىقى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ خۇدا خەلقى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن (1-يۇھاننا 3:10، 11). مىللىتى، قەبىلىسى، تىلى، كېلىپ چىقىشى ۋە تەربىيىسى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بىر-بىرىگە سەمىمىي مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە مېھىر-مۇھەببەت نېمە ئۈچۈن شۇنچىلىك مۇھىم؟ يەھۋا بىلەن ئەيسانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بىزنى قانداق مۇستەھكەملەيدۇ؟ قانداق قىلىپ ھەربىرىمىز باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، ئۇلارغا تەسەللىي بېرىپ مۇستەھكەملەلەيمىز؟—1-كورىنتلىقلار 8:1.
ھازىر مېھىر-مۇھەببەت نېمە ئۈچۈن بەك مۇھىم؟
3. «ئىنتايىن تەس ۋاقىتلار» ئادەملەرگە قانداق تەسىر قىلىدۇ؟
3 ھازىر بىز «ئىنتايىن تەس ۋاقىتلار»دا ياشاۋاتىمىز ۋە ھايات «مۇشەققەت ۋە ھەسرەتكە تولغاندۇر» (2-تىموتىي 3:1—5؛ زەبۇر 90:10). ئادەملەرنىڭ قايغۇ-ھەسرەتنىڭ كۆپلۈكىدىن، ئوخشىمىغان دەرىجىدە روھىي بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، ھەتتا ياشىغۇسىمۇ كەلمەيدۇ. ھەر يىلى 800000دىن ئوشۇق ئادەم ئۆز-ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ. دېمەك، ھەربىر 40 سېكۇنتتا بىر ئادەم ئۆز-ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ. ناھايىتى ئەپسۇسكى، ھەتتا بەزى قېرىنداشلىرىمىزمۇ شۇنداق روھىي بېسىم ئاستىدا ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.
4. خۇدانىڭ قايسى خىزمەتچىلىرى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە ياشىغۇسى كەلمىگەن؟
4 قەدىمدە خۇدانىڭ بەزى سادىق خىزمەتچىلىرى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە، روھى چۈشۈپ، ياشاشنى خالىمىغانىدى. مەسىلەن، جەبىر-جاپالارنى تارتقان ئايۇپ: «مەن بۇ جاندىن تويدۇم، داۋاملىق ياشاشنى خالىمايمەن»،— دېگەن (ئايۇپ 7:16؛ 14:13). چۈشكۈنلۈككە چۈشكەن يۇنۇس مۇنداق دېگەن: «ئەمدى، ئەي يەھۋا، جېنىمنى ئالغىن. چۈنكى، بۇنداق تىرىك ياشىغىنىمدىن ئۆلگىنىم ياخشىدۇر» (يۇنۇس 4:3). ئىلياس پەيغەمبەر ئۈمىدسىزلىككە تولغاندا: «ئەمدى بولدى تويدۇم! ئەي يەھۋا، جېنىمنى ئالغىن»،— دەپ ئېيتقان (1-پادىشاھلار 19:4). لېكىن، يەھۋا شۇ سادىق خىزمەتچىلىرىنى ياخشى كۆرگەن ۋە ئۇلارنىڭ ھايات كەچۈرۈشىنى خالىغانىدى. خۇدا ئۇلارنى شۇنداق ھېس-تۇيغۇلاردا بولغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلىمىگەن. ئەكسىچە، يەھۋا ئۇلارنىڭ ھاياتتىن ۋەز كېچىشتەك شۇنداق سەلبىي ھېس-تۇيغۇلىرىنى يېڭىپ، داۋاملىق سادىق خىزمەتكار بولۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى مېھىر-مۇھەببەت بىلەن مۇستەھكەملىگەن.
5. بۈگۈنكى كۈندە نېمە ئۈچۈن قېرىنداشلىرىمىز مېھىر-مۇھەببەتكە ئالاھىدە مۇھتاج؟
5 بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن قېرىنداشلار قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئۇلار مېھىر-مۇھەببىتىمىزگە مۇھتاج. بەزىلەر مەسخىرىگە ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ. بەزىلەر خىزمەتداشلىرىنىڭ تەنقىد قىلىشى ياكى سۆز-چۆچەك قىلىش نىشانىغا ئايلىنىدۇ. يەنە بەزىلەر كېچە-كۈندۈز ئىشلەشكە مەجبۇر بولغاچ ياكى ئىشىدا كۆپ بېسىمغا ئۇچرىغاچ، ھېرىپ ھالىدىن كېتىدۇ. يەنە ئائىلىسىدە چوڭ قىيىنچىلىقلىرى بار قېرىنداشلارمۇ كۆپ. بەلكىم، يەھۋاغا خىزمەت قىلمايدىغان نىكاھلىق جورىسى قېرىندىشىمىزنى ھەردائىم ئەيىبلەيدۇ. نەتىجىدە، بۇنىڭغا ئوخشاش ياكى باشقىچە قىيىنچىلىقلار تۈپەيلىدىن كۆپ قېرىنداشلىرىمىز جىسمانىي ياكى روھىي جەھەتتىن چارچاپ ھالىدىن كەتكەچكە، ھەتتا ئۆزىنى ھېچكىمگە كېرەك ئەمەس دەپ ئويلىشى مۇمكىن. ئۇلارغا كىم ياردەم بېرەلەيدۇ؟
يەھۋانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بىزنى مۇستەھكەملەيدۇ
6. يەھۋانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى خىزمەتچىلىرىگە قانداق كۈچ بېرىدۇ؟
6 يەھۋا ئۆز خىزمەتچىلىرىنى ھازىر ۋە مەڭگۈ سۆيىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. يەھۋا خۇدا ئىسرائىل خەلقىگە: «سەن نەزەرىمدە قەدىر-قىممەتلىك بولغاچ، سېنى شان-شەرەپكە ئېرىشتۈردۈم ۋە سۆيدۈم. … سەن قورقمىغىن، چۈنكى مەن سېنىڭ بىلەن بىللىدۇرمەن»،— دېگەندە، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى قانداق ھېس قىلغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ! (يەشايا 43:4، 5). بىز ھەربىرىمىزنىڭ يەھۋا ئۈچۈن قەدىر-قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىمىز a (ئىزاھاتقا قاراڭ). مۇقەددەس كىتابتا مۇنداق ۋەدە بار: «ھەممىگە قادىر بولغۇچى سۈپىتىدە … ئۇ سەندىن خۇشال بولۇپ، شاد-خۇراملىققا تولار».—سەفانىيا 3:16، 17.
7. يەھۋانىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتى قايسى مەنىدە كۆيۈمچان ئانىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىگە ئوخشاش؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ)
7 قىيىنچىلىقىمىز قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، يەھۋا ئۆز خەلقىگە كۈچ-مەدەت بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ. مۇقەددەس يازمىلاردا، يەھۋا: «ئۇ سىلەرنى ئېمىتىدۇ، ھاپاش قىلىپ يۈدۈپ ماڭىدۇ، قۇچىقىدا ئەركىلىتىدۇ. بىر ئانا بالىسىغا قانداق تەسەللى بەرگەن نەرسە، مەنمۇ سىلەرگە شۇنداق سىلەرگە تەسەللىي بېرىمەن»،— دەيدۇ (يەشايا 66:12، 13). كۆيۈمچان ئانا بالىسىنى باغرىغا بېسىپ ياكى ئۇنى ئەركىلىتىپ ئويناتقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ. دەل شۇنىڭغا ئوخشاش، يەھۋامۇ سىزنى قاتتىق سۆيىدۇ ۋە ئۆزىڭىزنى بىخەتەر ھېس قىلىشىڭىزنى خالايدۇ. يەھۋا ئۈچۈن ئۆزىڭىزنىڭ ناھايىتى قەدىرلىك ئىكەنلىكىگە ھېچقاچان گۇمان قىلماڭ.—يەرەمىيا 31:3.
8، 9. ئەيسانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بىزگە قانداق كۈچ-مەدەت بېرىدۇ؟
8 يەھۋانىڭ بىزنى سۆيىدىغانلىقىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى، مۇنۇ ئايەتتە يېزىلغان: «خۇدا دۇنيانى شۇ قەدەر سۆيدىكى، ھەتتا يالغۇز ئوغلىنى بەردى؛ ئۇنىڭغا ئىشەنگەن ھەربىر كىشى ھالاك بولماي، بەلكى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگە بولسۇن» (يۇھاننا 3:16). تۆلەم قۇربانلىقى ئەيسانىڭمۇ بىزنى سۆيىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ئۇنىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتى بىزگە كۈچ-مەدەت بېرىدۇ. مۇقەددەس كىتاب «دەرد-ئەلەممۇ»، «ئازاب-ئوقۇبەتمۇ» «بىزنى مەسىھنىڭ مۇھەببىتىدىن» ئايرىۋېتەلمەيدىغانلىقىغا ئىشەندۈرىدۇ.—رىملىقلار 8:35، 38، 39.
9 بەزىدە قىيىنچىلىقلار سەۋەبىدىن بىز جىسمانىي ياكى ھېس-تۇيغۇ جەھەتتىن ئاجىزلىشىشىمىز ياكى يەھۋاغا بولغان خىزمىتىمىزدىكى خۇشاللىقنى يوقىتىشىمىز مۇمكىن. ئەمما، ئەيسانىڭ بىزنى قانچىلىك سۆيىدىغانلىقىنى ئەستە تۇتساق، بۇ بىزگە قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىشكە كۈچ بېرىدۇ (2-كورىنتلىقلار 5:14، 15-نى ئوقۇڭ). ھەتتا تەبىئىي ئاپەتلەرگە ئۇچراپ قىيىنچىلىق تارتساقمۇ، زىيانكەشلىككە دۇچ كەلسەكمۇ، ئۈمىدسىزلەنسەكمۇ ياكى غەم-ئەندىشىگە پاتساقمۇ، ئەيسانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى، يەھۋاغا داۋاملىق خىزمەت قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ.
قېرىنداشلار مېھىر-مۇھەببىتىمىزگە مۇھتاج
10، 11. چۈشكۈنلۈككە چۈشكەن قېرىنداشلارنى كىم ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
10 بىزنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن يەھۋا جامائەت ئارقىلىقمۇ مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرسىتىدۇ. قېرىنداشلارنى سۆيسەك، يەھۋانى سۆيىدىغانلىقىمىزنى ئىپادىلەيمىز. قېرىنداشلار ئۆزلىرىنىڭ قەدىرلىك ئىكەنلىكىنى ۋە يەھۋا ئۇلارنى سۆيىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشى ئۈچۈن، بىز بار كۈچىمىزنى سالىمىز (1-يۇھاننا 4:19—21). ئەلچى پاۋلۇس: «شۇنىڭ ئۈچۈن، ھازىر قىلىۋاتقىنىڭلارغا ئوخشاش، داۋاملىق بىر-بىرىڭلارغا تەسەللى بېرىڭلار ۋە بىر-بىرىڭلارنى كۈچەيتىڭلار»،— دەپ يازغان (1-سالونىكالىقلار 5:11). بۇ پەقەت ئاقساقاللارنىڭلا ۋەزىپىسى ئەمەس. ھەربىرىمىز يەھۋا بىلەن ئەيسادىن ئۈلگە ئېلىپ، قېرىنداشلىرىمىزغا تەسەللىي بېرەلەيمىز.—رىملىقلار 15:1، 2-نى ئوقۇڭ.
11 جامائەتتە ئېغىر روھىي چۈشكۈنلۈك بىلەن ئاغرىۋاتقان ياكى قاتتىق غەم-ئەندىشىگە پاتقان قېرىنداشلار تىببىي ياردەمگە مۇھتاج بولۇشى مۇمكىن (لۇقا 5:31). ئاقساقاللار ۋە باشقا قېرىنداشلار ئۆزىنىڭ تىببىي ياردەم بېرىدىغان دوختۇرلار ئەمەسلىكىنى چۈشەنسىمۇ، ئۇلار چۈشكۈنلۈككە چۈشكەن قېرىنداشلارغا كۈچ ۋە تەسەللىي بېرەلەيدۇ. جامائەتتىكى ھەربىر قېرىنداش «روھى چۈشكۈنلەرگە تەسەللى بېرىڭلار. ئاجىزلارغا يار-يۆلەك بولۇڭلار، ھەممە ئادەمگە سەۋر-تاقەتلىك بولۇڭلار» دېگەن نەسىھەتنى ئىشلىتەلەيدۇ (1-سالونىكالىقلار 5:14). بىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى چۈشىنىشكە تىرىشىمىز. ئۇلار چۈشكۈنلۈككە چۈشكەندە، بىز ئۇلارغا سەۋرچان بولۇپ، سۆزلىرىمىز بىلەن ئىلھام بېرىشىمىز كېرەك. سىز باشقىلارغا تەسەللىي بېرىشكە تىرىشامسىز؟ بۇ جەھەتتىن تېخىمۇ ياخشىلىنىش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟
12. جامائەتنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىن تەسەللىي ئالغان قېرىنداشنىڭ مىسالىنى ئېيتىپ بېرىڭ.
12 ياۋرۇپادا ياشايدىغان بىر قېرىنداش مۇنداق دەيدۇ: «بەزىدە ئۆز-ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ھەققىدە ئويلايمەن. لېكىن، مېنى قوللايدىغان ياردەمچىلىرىم بار. جامائەتتىكى قېرىنداشلار مېنىڭ ھاياتىمنى داۋاملاشتۇرۇشقا ياردەم بەردى. ئۇلار ھەرقاچان مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرسىتىپ، تەسەللي بېرىدۇ. روھىي چۈشكۈنلۈك بىلەن ئاغرىغانلىقىمنى پەقەت بىرنەچچىسى بىلسىمۇ، جامائەتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ھەردائىم ياردەم بېرىدۇ. بىر ئەر-ئايال خۇددى مېنىڭ ئاتا-ئانامغا ئوخشاش. ئۇلار ماڭا غەمخورلۇق قىلىپ، كېچىنى كېچە، كۈندۈزنى كۈندۈز دېمەي، ياردەم بېرىشكە تەييار». ئەلۋەتتە، شۇنداق ياردەم بېرىشكە ھەركىمنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوق. شۇنداق بولسىمۇ، قېرىنداشلارنى قوللاش ھەممىمىزنىڭ قولىدىن كېلىدۇ b.—ئىزاھاتقا قاراڭ.
مېھىر-مۇھەببەت بىلەن مۇستەھكەملەشنىڭ يوللىرى
13. باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
13 ياخشى تىڭشىغۇچى بولۇڭ (ياقۇپ 1:19). بىز باشقىلارنى ھېسداشلىق بىلەن تىڭشىساق، مېھىر-مۇھەببەتنى كۆرسىتىمىز. چۈشكۈن ھالدا بولغان ئادەمنى چۈشىنىش ئۈچۈن مېھرىبانلىق بىلەن سوئال سوراڭ. ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتقانلىقىڭىز ھەتتا چىرايىڭىزدىنمۇ كۆرۈنىدۇ. ئۇ سۆزلىگەندە، سەۋرچان بولۇپ، سۆزىنى بۆلمەڭ. شۇ چاغدا، ئۇ دەرد-ئەلەملىرىنى ئېيتىپ، ئىچ-باغرىدىكى تۆكەلەيدۇ. ياخشى تىڭشىغۇچى بولسىڭىز، ئادەمنىڭ ھېس-تۇيغۇسىنى چۈشىنەلەيسىز ۋە ئۇ سىزگە ئىشىنىدۇ. كېيىن، ئۇمۇ سىزنىڭ سۆزۈڭىزنى دىققەت بىلەن تىڭشاپ، ياردىمىڭىزنى قوبۇل قىلىشقا تەييار بولىدۇ. سىز باشقىلارغا سەمىمىي غەمخورلۇق قىلسىڭىز، ئۇلار ئۈچۈن زور تەسەللى بولالايسىز.
14. بىز نېمە ئۈچۈن تەنقىد قىلىشتىن نېرى تۇرۇشىمىز كېرەك؟
14 تەنقىد قىلماڭ. قايغۇغا پاتقان ئادەمنى تەنقىد قىلساق، ئۇ ئۆزىنى تېخىمۇ يامان سېزىشى مۇمكىن. شۇ چاغدا ئۇنىڭغا ياردەم بېرىش تەس بولىدۇ. «ئويلانمايلا قىلغان سۆز خۇددى قىلىچ سانجىغاندەك بولار، لېكىن دانانىڭ تىلى شىپادۇر» (پەندى-نەسىھەت 12:18). غەم-قايغۇغا پاتقان ئادەمنى سۆزۈمىز بىلەن ئەتەي رەنجىتمىسەكمۇ، ئويلىماي ئېيتقان سۆزۈمىز ئۇنىڭ قەلبىگە ئازار بېرىشى مۇمكىن. ئۇنى چۈشىنىش ۋە تەسەللىي بېرىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگىنىنىڭ ھەممىسىنى قىلىۋاتقانلىقىمىزنى ئېنىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك.—مەتتا 7:12.
15. باشقىلارغا تەسەللىي بېرىش ئۈچۈن قانداق بىباھا سوۋغىتىمىز بار؟
15 مۇقەددەس يازمىلارنىڭ ياردىمى بىلەن تەسەللىي بېرىڭ (رىملىقلار 15:4، 5-نى ئوقۇڭ). مۇقەددەس كىتاب — «سەۋر-تاقەت ۋە «تەسەللى مەنبەسى بولغان خۇدا» بەرگەن بىباھا سوۋغاتتۇر. شۇڭا، ئۇنىڭدىكى سۆزلەر بىزگە تەسەللىي بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بىزدە «كۈزىتىش مۇنارى ماتېرىياللار كۆرسەتكۈچى» (باشقا تىلدا) ۋە «يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئۈچۈن ئىزدىنىش يېتەكچىسى» (باشقا تىلدا) بار. بۇ قوللانمىلارنىڭ ياردىمى بىلەن بىز كېرەكلىك ماتېرىياللارنى ۋە ئايەتلەرنى تېپىپ، ئۇلارنى قېرىنداشلارغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتەلەيمىز.
16. قايغۇغا پاتقان ئادەمنى ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن قانداق پەزىلەتلەر كېرەك؟
16 مېھرىبان ۋە مۇلايىم بولۇڭ. يەھۋا «رەھىم-شەپقەتلىك ئاتا ۋە بارچە تەسەللىنىڭ مەنبەسى بولغان خۇدادۇر» ۋە ئۇ خىزمەتچىلىرىگە «رەھىم-شەپقەت» كۆرسىتىدۇ (2-كورىنتلىقلار 1:3—6-نى ئوقۇڭ؛ لۇقا 1:78؛ رىملىقلار 15:13). ئەلچى پاۋلۇس يەھۋادىن ئۈلگە ئالغانلىقتىن، ئۆزىمۇ ھېسداشلىق كۆرسىتىشنىڭ ئۈلگىسىنى قالدۇرغان. ئۇ مۇنداق دەپ يازغان: «سىلەرگە خۇددى بالىلىرىنى باغرىغا باسقان مۇلايىم ئانىدەك مۇئامىلە قىلدۇق. شۇ چاغدا، سىلەرگە سۆيگۈ رىشتىسى بىلەن شۇنداق باغلانغان ئىدۇقكى، بىز سىلەرگە خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنىلا ئەمەس، بەلكىم ئۆز جانلىرىمىزنى ھەم بېرىشكە رازى بولدۇق. چۈنكى، سىلەرگە بەك ئامراق بولغانىدۇق» (1-سالونىكالىقلار 2:7، 8). يەھۋانى ئۈلگە قىلىپ مېھرىبان بولساق، خۇدا بىز ئارقىلىق قېرىندىشىمىز دۇئاسىدا سورىغان تەسەللىنى بېرەلەيدۇ.
17. قېرىنداشلارنى ئىلھاملاندۇرۇشنى خالىساق، ئۇلاردىن نېمىنى تەلەپ قىلماسلىقىمىز كېرەك؟
17 ئېتىقادداشلاردىن مۇكەممەللىكنى تەلەپ قىلماڭ. ئەگەر قېرىنداشلاردىن مۇكەممەللىكنى تەلەپ قىلسىڭىز، خۇشاللىقتىن مەھرۇم بولىسىز (ۋەز 7:21، 22). يەھۋا خۇدا بىزدىن قولىمىزدىن كەلمەيدىغان نەرسىلەرنى تەلەپ قىلمايدۇ. شۇڭا، بىزمۇ بىر-بىرىمىزگە سەۋر-تاقەت كۆرسىتىشىمىز كېرەك (ئەفەسلىكلەر 4:2، 32). قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يەھۋاغا پۈتۈن كۈچى بىلەن خىزمەت قىلمايۋاتقاندەك ھېس-تۇيغۇدا بولۇشىغا سەۋەبچى بولغۇمىز ياكى ئۇلارنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرغىمىز كەلمەيدۇ. بۇنىڭ ئورنىغا، ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرۇپ، قىلىۋاتقان ياخشى ئىشلىرى ئۈچۈن ماختايلى. شۇنداق قىلساق، ئۇلار يەھۋاغا خۇرسەنلىك بىلەن خىزمەت قىلالايدۇ.—گالاتىيالىقلار 6:4.
18. نېمە ئۈچۈن بىز بىر-بىرىمىزنى مېھىر-مۇھەببەت بىلەن مۇستەھكەملەشنى خالايمىز؟
18 يەھۋا خۇدا ۋە ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن ھەربىرىمىز قەدىر-قىممەتلىك (گالاتىيالىقلار 2:20). بىز قېرىنداشلارنى ناھايىتى ياخشى كۆرگەچكە، ئۇلارغا مېھرىبانلىق بىلەن مۇلايىم مۇئامىلە قىلىشىمىز لازىم. «تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋە بىر-بىرىمىزنى مۇستەھكەملەشكە ياردەم بېرىدىغان ئىشلارنى قوغدايلى» (رىملىقلار 14:19). بىز جەننەتتىكى ھاياتنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتىمىز. شۇ چاغدا نە ئاغرىق، نە ئۇرۇش بولمايدۇ. ئىنسانلار ئادەم-ئاتىدىن مىراس ئالغان گۇناھتىن ئازاد بولىدۇ، يەنە ئۆلۈم بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، زىيانكەشلىكلەر، ئائىلىدىكى قىيىنچىلىقلار ۋە ئۈمىدسىزلىكلەر تۈپ يىلتىزىدىن يوق قىلىنىدۇ. ئەيسانىڭ مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرىدا ئادەملەرنىڭ ھەممىسى مۇكەممەللىككە ئېرىشىدۇ. ئاخىرقى سىناقتا سادىق بولۇپ قالغانلارنى خۇدا پەرزەنتلىرى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىدۇ. ئۇلار «خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى ئىگە بولىدىغان شەرەپلىك ئەركىنلىككە ئىگە بولىدۇ» (رىملىقلار 8:21). ئۇنداقتا، كېلىڭلار! خۇدا ۋەدە قىلغان يېڭى دۇنيا كەلگىچە، بىر-بىرىمىزنى مېھىر-مۇھەببەت بىلەن مۇستەھكەملەشنى داۋاملاشتۇرايلى.
b ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ھەققىدە ئويلىغانلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، «ئويغىنىش!» (باشقا تىلدا) ژۇرنىلىدىكى ماقالىلەرنى ئوقۇسىڭىز بولىدۇ: (2014-يىل ئاپرېل سانى)، (2012-يىل يانۋار سانى)، (2001-يىل 22-ئۆكتەبىر سانى).