يەھۋادىن ئۈلگە ئېلىپ، باشقىلارغا غەمخورلۇق قىلىڭ
«بىچارىگە ياردەم قولىنى سۇنغان ئىنسان بەختلىكتۇر».—زەبۇر 41:1.
ناخشىلار: 35، 50
1. يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى بىر-بىرىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟
دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ ھەممىسى چوڭ بىر ئائىلىنىڭ ئەزالىرى. ئۇلار بىر-بىرىنى خۇددى قېرىنداشلاردەك ياخشى كۆرىدۇ (1-يۇھاننا 4:16، 21). بەزى چاغلاردا، ئۇلار ئېتىقادداشلىرى ئۈچۈن چوڭ قۇربانلىقلارنى بەرسىمۇ، ئادەتتە مېھىر-مۇھەببىتىنى كىچىك ئىشلار بىلەن كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، ئۇلار بىر-بىرىگە يۇمشاق مۇئامىلە قىلىپ، ئۆز سۆزلىرى بىلەن باشقىلارنى مۇستەھكەملەيدۇ. ئۆزگىلەرنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەندە، بىز ئەرشتىكى ئاتىمىزدىن ئۈلگە ئالىمىز.—ئەفەسلىكلەر 5:1.
2. ئەيسا ئاتىسى يەھۋادىن قانداق ئۈلگە ئالغان؟
2 ئەيسا يەھۋانىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرىنى مۇكەممەل ئەكس ئەتتۈرگەن. ئۇ ئادەملەرگە ھەردائىم مۇلايىم مۇئامىلىدە بولغان. ئۇ: «ئەي جاپاكەشلەر ۋە ئېغىر يۈكنى ئۈستىگە ئالغانلار! ھەممىڭلار يېنىمغا كېلىڭلار، مەن سىلەرگە ئاراملىق بېرەي»،— دېگەن (مەتتا 11:28، 29). ئەيسانى ئۈلگە قىلىپ، «بىچارىگە ياردەم» قولىمىزنى سۇنساق، يەھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن ھەم ئۆزىمىزمۇ خۇشال بولىمىز (زەبۇر 41:1). بۇ ماقالىدە، بىز ئائىلە ئەزالىرىمىزنىڭ، جامائەتتىكى قېرىنداشلارنىڭ ۋە ۋەز خىزمىتىدە ئۇچرىتىدىغان ئادەملەرنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ ئۇسۇللىرىنى كۆرۈپ چىقىمىز.
ئائىلە ئەزالىرىڭىزغا غەمخورلۇق قىلىڭ
3. ئەر كىشى ئايالىنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى قانداق نەزەردە تۇتالايدۇ؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ)
3 ئائىلە بېشى ئۆيدىكىلىرىگە ئۈلگە بولۇپ، ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىشى كېرەك (ئەفەسلىكلەر 5:25؛ 6:4). مۇقەددەس كىتابقا بىنائەن، ئەر كىشىلەر ئاياللىرىغا كۆيۈمچان بولۇشى ۋە چۈشىنىشى كېرەك (1-پېترۇس 3:7). ئايالىنى چۈشىنىدىغان ئەر كۆپ جەھەتتىن ئۆز-ئارا پەرق قىلىدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، ئۆزىنى ئايالىدىن ئارتۇق ھېسابلىمايدۇ (يارىتىلىش 2:18). ئۇ ئايالنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇنىڭغا ئىززەت-ھۆرمەت كۆرسىتىپ، ئايالىنى قەدىرلەيدۇ. كانادادا ياشايدىغان بىر ئايال قېرىندىشىمىز ئۆز يولدىشى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ ھېچقاچان مېنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىمنى ئەھمىيەتسىز دەپ قارىمايدۇ ۋە «سىز بۇنداق ھېس-تۇيغۇدا بولماڭ» دېمەيدۇ. ئەكسىچە، ئۇ مېنى زەن قويۇپ تىڭشاپ، كۆز قارىشىمنى تۈزىتىش كېرەك بولسا، ئۇ مېھرىبانلىق بىلەن شۇنداق قىلىدۇ».
ئەر كىشى ئايالىغا ۋاپادارلىقنى ساقلايدۇ، سەۋەبى ئايالىنى ياخشى كۆرىدۇ، ۋە يامانلىقنى ئۆچ كۆرىدۇ
4. ئايالىنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئويلايدىغان ئەر كىشى باشقا ئاياللارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشى كېرەك؟
4 ئۆز ئايالىنى ئويلايدىغان ئەر باشقا ئاياللار بىلەن ئالاقە قىلغاندا ئايالىنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى نەزەرگە ئالىدۇ، ھەرگىزمۇ باشقا ئاياللارغا كۆز-قاش ئويناتمايدۇ ياكى قىزىش كۆرسەتمەيدۇ يە بولمىسا، ئىجتىمائىي ئالاقە قىلىش پروگراممىلىرى ياكى تور ئارقىلىقمۇ شۇنداق نالايىق ئىش-ھەرىكەتلەرنى قىلمايدۇ (ئايۇپ 31:1). ئەخلاقسىزلىق مەزمۇن قىلىنغان تور بەتلەرنى كۆرمەيدۇ. سەۋەبى، ئۇ ئايالىغا ۋاپادار بولۇپ، ئۇنى سۆيىدۇ ۋە ئۇ يەنە يامانلىقنى ئۆچ كۆرۈپ، يەھۋانى ياخشى كۆرىدۇ.—زەبۇر 19:14؛ 97:10-نى ئوقۇڭ.
5. ئايالى ھەمراھىنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى قانداق نەزەردە تۇتالايدۇ؟
5 ئەر كىشى ئۆز بېشى بولغان ئەيسانى ئۈلگە قىلسا، ئايالىنىڭ ئۇنى چوڭقۇر ھۆرمەتلىشى ئاسانراق بولىدۇ (ئەفەسلىكلەر 5:22—25، 33). يولدىشى جامائەت ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولغاندا ياكى قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە، ئايالى ئۇنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى چۈشىنىشكە ۋە مېھرىبان بولۇشقا تىرىشىپ، ھەمراھىغا ھۆرمەت كۆرسىتىدۇ. برىتانىيىدىكى بىر قېرىنداش مۇنداق دەيدۇ: «ئايالىم بەزىدە مىجەزىمنىڭ ئۆزگۈرۈپ قالغانلىقىنى بايقاپ، مېنىڭ بىر نەرسە ھەققىدە غەم-ئەندىشە قىلۋاتقانلىقىمنى بىلىۋالىدۇ. شۇنداق ۋاقىتتا، ئۇ پەندى-نەسىھەت 20:5-ئايەتتىكى پرىنسىپنى ئىشلىتىپ، مېنى تەشۋىشكە سالغان مەسىلە مەخپىي بولمىسا، ئوي-پىكىرلىرىمنى «تارتىپ» چىقىرىش ئۈچۈن مۇۋاپىق ۋاقىت-سائەتنى كۈتىدۇ ۋە مەن ئايالىم بىلەن ئەركىن سۆھبەتلىشىمەن».
6. بالىلارغا باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى ۋە مېھرىبان بولۇشنى قانداق ئۆگىتەلەيمىز؟ بۇنىڭدىن بالىلار قانداق پايدا ئالىدۇ؟
6 ئاتا-ئانىلار بىر-بىرىنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىغا دىققەت بۆلسە، بالىلىرىغا ياخشى ئۈلگە كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار بالىلىرىغا باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى ۋە مېھرىبان بولۇشنى ئۆگىتىشى لازىم. مەسىلەن، ئاتا-ئانا بالىلىرىغا يىغىلىش زاللىرىدا يۈگۈرەشكە بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرسە بولىدۇ. يە بولمىسا، دوستلار بىلەن جەم بولغاندا، ئاۋۋال چوڭلارنىڭ تاماق ئېلىۋېلىشىغا يول بېرىش كېرەكلىكىنى ئۆگەتسە بولىدۇ. ھەممىمىز جامائەتتىكى ئاتا-ئانىلارغا ياردەم بېرەلەيمىز. بالىلار ياخشى بىر ئىشنى قىلغاندا، مەسىلەن، بىز ئۈچۈن ئىشىكنى ئاچقاندا، ئۇلارنى ماختاش كېرەك. شۇنداق قىلساق، بالىلار خۇشال بولۇپ، «بەرمەك ئالماقتىنمۇ زور بەختتۇر» دېگەن ھەقىقەتنى چۈشىنىدۇ.—ئەلچىلەر 20:35.
جامائەتتىكىلەرگە غەمخورلۇق قىلىڭ
7. ئەيسا گاس-گاچا كىشىنىڭ ھېس-تۇيغۇسىنى چۈشەنگەنلىكىنى قانداق كۆرسەتكەن؟ بىز بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟
7 بىر كۈنى ئەيسا ئون شەھەر رايونىدا بولغاندا، ئادەملەر «ئۇنىڭ ئالدىغا گاس ۋە تىلى ئېغىر بىر ئادەمنى ئېلىپ كەلدى» (ماركۇس 7:31—35). ئەيسا ئۇنى ساقايتقان. لېكىن، نېمە ئۈچۈن بۇنى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا قىلمىغان؟ بۇ كىشى پاڭ بولغاچقا، ئۇ ئۆزىنى كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىدا قولايسىز ھېس قىلىشى مۇمكىن ئىدى. ئەيسا بۇنى چۈشىنىپ، «ئۇ ئادەمنى كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىدىن بىر چەتكە ئېلىپ چىقىپ»، ئۇنى شۇ يەردە ساقايتقان. ئەلۋەتتە، بىز مۆجىزىلەرنى قىلالمايمىز، ئەمما بىز قېرىنداشلارنىڭ ئېھتىياجلىرى ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارغا مېھرىبان بولۇشىمىز كېرەك. ئەلچى پاۋلۇس: «مېھىر-مۇھەببەتكە ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئۈندەش ئۈچۈن، بىر-بىرىمىز ھەققىدە ئويلىنايلى»،— دەپ ئېيتقان (ئىبرانىيلار 10:24). ئەيسا ھەم گاس ھەم گاچا كىشىنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى چۈشىنىپ، ئۇنىڭغا مېھرىبانلىق كۆرسەتكەن. بۇ بىز ئۈچۈن نېمە دېگەن ياخشى ئۈلگە-ھە!
بىزنىڭ ئادەملەرگە بولغان مېھرىبانلىقىمىز ۋە غەمخورلىقىمىز مۇلايىم، يېقىشلىق سۆزلىرىمىزدىن كۆرۈنۈشى كېرەك
8، 9. ياشانغانلار ۋە ئىمكانىيىتى يار بەرمەيدىغانلارغا قانداق غەمخورلۇق قىلالايمىز؟ (مىساللارنى كەلتۈرۈڭ)
8 ياشانغانلار ۋە ئىمكانىيىتى يار بەرمەيدىغانلارغا غەمخورلۇق قىلىڭ. ھەقىقىي مەسىھىيلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم بەلگۈسى — كۆپ نەتىنجە يارىتىش ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدۇر (يۇھاننا 13:34، 35). مېھىر-مۇھەببەت بىزنى ياشانغانلار ۋە ئىمكانىيىتى يار بەرمەيدىغانلارغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى يىغىلىشلارغا ئاپىرىش ھەم ۋەز خىزمىتىگە ئېلىپ چىقىشقا دەۋەت قىلىدۇ. بۇ بىز ئۈچۈن قولايسىز بولسىمۇ ياكى ئۇلار باشقىلارغا ئوخشاش كۆپ ۋەز قىلالمىسىمۇ، بىز ئۇلارغا ياردەم بېرىمىز (مەتتا 13:23). مېيىپ ھارۋىسى بىلەن يۈرىدىغان مايكىل قېرىنداش ئۆيدىكىلىرىنىڭ ۋە جامائەتتىكى قېرىنداشلارنىڭ ياردىمى ئۈچۈن بەك مىننەتدار. ئۇ شۇنداق دەيدۇ: «ھەممىسى ماڭا ياردەم بەرگەچكە، مەن يىغىلىشلارنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك قاتنىشىپ، ھەردائىم ۋەز قىلىمەن. مەن بولۇپمۇ ئاممىۋى سورۇنلاردا ۋەز قىلىشقا ئامراق».
9 كۆپلىگەن بەيتەللەردە ياشىنىپ قالغان ياكى ئىمكانىيىتى يار بەرمەيدىغان سادىق قېرىنداشلار بار. بەيتەلدىكى ئاقكۆڭۈل يېتەكچى ئاقساقاللار ئۇلارنىڭ غېمىنى يەپ، خەت يېزىش ۋە تېلېفون ئارقىلىق ۋەز قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىدۇ. 86 ياشتىكى بىل قېرىنداش يىراق رايونلاردىكى ئادەملەرگە خەت يازىدۇ. ئۇ: «ئادەملەرگە خەت يېزىش ئارقىلىق ۋەز قىلىش پۇرسىتى بىز ئۈچۈن بەك مىننەتدارمىز»،— دەيدۇ. 90 ياشقا كىرگەن نەنسى قېرىندىشىمىز بولسا، مۇنداق دەيدۇ: «خەت يېزىش مېنىڭ ئۈچۈن پەقەت ۋاقىت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئامالى ئەمەس. بۇ — خىزمەتنىڭ ناھايىتى مۇھىم تۈرى. ئادەملەرگە خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش كېرەك!» 1921-يىلى تۇغۇلغان ئېتىل قېرىنداش: «ئاغرىمايدىغان كۈنۈم يوق، بەزى كۈنلىرى كىيىنىشكىمۇ چامىم يەتمەيدۇ»،— دەيدۇ. بۇنىڭغا قارىماستىن، ئۇ ھەقىقەتكە قىزىققان بىرنەچچە كىشى بىلەن تېلېفون ئارقىلىق سۆزلىشىپ تۇرۇشتىن خۇشاللىق تاپىدۇ. 85 ياشتىكى باربارا قېرىنداش مۇنداق دەيدۇ: «سالامەتلىكىم ناچار بولغاچقا، باشقىلاردەك ۋەز قىلالمايمەن. بىراق، مەن ئادەملەرگە تېلېفون ئارقىلىق گۇۋاھلىق بېرەلەيمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن يەھۋاغا مىڭ بىر تەشەككۈر!» شۇ بەيتەلدىكى ئەزىز ياشانغان قېرىنداشلار تەخمىنەن بىر يىلنىڭ ئىچىدە 1228 سائەت ۋەز قىلغان، 6265 پارچە خەت يازغان، 2000دىن كۆپرەك ئادەمگە تېلېفون قىلغان ۋە 6315 ماتېرىيالنى تارقاتقان! شەك-شۇبھىسىزكى، يەھۋا ئۇلارنىڭ چىقارغان كۈچىدىن بەكمۇ خۇرسەن بولغان!—پەندى-نەسىھەت 27:11.
10. قېرىنداشلارنىڭ يىغىلىشلاردىن مۇمكىنقەدەر كۆپرەك پايدا-مەنپەئەتكە ئېرىشىشى ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟
10 جامائەت يىغىلىشلىرىدا باشقىلارغا غەمخورلۇق قىلىڭ. قېرىنداشلارغا يىغىلىشلاردىن مۇمكىنقەدەر كۆپرەك پايدا-مەنپەئەتكە ئېرىشىشىگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارغا قانداق غەمخورلۇق قىلالايمىز؟ بۇنىڭ بىر يولى — قېرىنداشلارغا كاشىلا قىلماسلىق ئۈچۈن يىغىلىشلارغا ئۆز ۋاقتىدا كېلىش. بەزى ۋاقىتلاردا كۈتۈلمىگەن ئىشلار تۈپەيلىدىن كېچىكىپ قېلىشىمىز مۇمكىن. بىراق، بىز دائىم كېچىكىپ كەلسەك، بۇ قېرىنداشلارغا قانداق تەسىر قىلىدىغانلىقى ۋە ئۇلارغا غەمخورلۇغىمىزنى كۆرسىتىش ئۈچۈن نېمىنى ئۆزگەرتىش كېرەكلىكى ھەققىدە ئويلىنىشىمىز كېرەك. بىزنى جامائەت يىغىلىشلىرىغا يەھۋا بىلەن ئەيسا تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئۇنتۇماڭ (مەتتا 18:20). يىغىلىشىلارغا ئۆز ۋاقتىدا كېلىش ئارقىلىق ئۇلارغا ھۆرمەت كۆرسىتەيلى!
11. نېمە ئۈچۈن قېرىنداشلار 1-كورىنتلىقلار 14:40-ئايەتتىكى پرىنسىپنى ئورۇنلىشى كېرەك؟
11 مۇقەددەس كىتابتىكى: «ھەممە ئىشلار ئەدەب ۋە تەرتىپ بىلەن بولسۇن»،— دېگەن سۆزلەرگە ئەمەل قىلساق، قېرىنداشلارغا غەمخورلۇقىمىزنى كۆرسىتىمىز (1-كورىنتلىقلار 14:40). سەھنىگە چىقىدىغان بۇرادەرلەر ئۇچرىشىشنى ئۆز ۋاقتىدا تۈگەتسە، بۇ كۆرسەتمىگە قۇلاق سالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار پەقەت كېلەركى نۇتۇق سۆزلىگۈچىگە ئەمەس، جامائەتتىكى ھەممە قېرىنداشلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر يىغىلىش كېچىكىپ ئاياقلاشسا، قېرىنداشلار ئۆزىنى قانداق ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆرۈڭ. بەزى قېرىنداشلارنىڭ ئۆيىگە قايتىشى ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ. يەنە بەزىلەر ئۆيىگە قايتىش ئۈچۈن ئاپتوبۇس ياكى پويىزلارغا ئۈلگۈرۈشى كېرەك. بەزىلەرنى يەھۋا گۇۋاھچىسى ئەمەس جۆرىسى كەچ قالماي، تېزراق يېتىپ كەلسىكەن دەپ كۈتۈپ ئولتۇرۇشى مۇمكىن.
12. نېمە ئۈچۈن ئاقساقاللار مېھىر-مۇھەببىتىمىزگە ۋە ھۆرمىتىمىزگە سازاۋەر؟ (« مەسئۇلىيەتلىك قېرىنداشلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى نەزەردە تۇتۇڭ» ناملىق رامكىغا قاراڭ)
12 ئاقساقاللار جامائەتتە ھەم ۋەز خىزمىتىدە كۆپ تەر تۆككەنلىكتىن، بىزنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىمىزگە ۋە ھۆرمىتىمىزگە سازاۋەر (1-سالونىكالىقلار 5:12، 13-نى ئوقۇڭ). ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ سىز ئۈچۈن قىلغان بارلىق ئىشلىرى ئۈچۈن چىن كۆڭلۈڭىزدىن مىننەتدارسىز. سىز ئۆز مىننەتدارلىقىڭىزنى ئۇلارغا چىن كۆڭلۈڭىزدىن بويسۇنۇش ۋە قوللاپ-قۇۋەتلەش ئارقىلىق كۆرسىتەلەيسىز. سەۋەبى، «ئۇلار خۇداغا ھېساب بەرگەچ، جانلىرىڭلار ئۈچۈن ھوشيار بولۇپ تۇرىدۇ».—ئىبرانىيلار 13:7، 17.
ۋەز خىزمىتىدە ئۇچراتقان كىشىلەرگە ھۆرمەت كۆرسىتىڭ
13. ئەيسانىڭ ئادەملەرگە قىلغان مۇئامىلىسىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
13 يەشايا پەيغەمبەر ئەيسا ھەققىدە ئالدىن-ئالا مۇنداق دەپ ئېيتقان: «يانچىلغان قومۇشنى ئۇ سۇندۇرمايدۇ، تۈتەپ ئۆچەي دەپ قالغان پىلىكنى ئۆچەرمەيدۇ» (يەشايا 42:3). ئەيسا ئادەملەرنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن، ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتقان. ئۇ «ئېزىلگەن قومۇش» ياكى «پىلىلداپ ئاجىز يېنىپ تۇرغان چىراغقا» ئوخشاش ئاجىز ۋە چۈشكۈنلۈككە چۈشكەن ئادەملەرنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى چۈشەنگەن. شۇڭا، ئەيسا ئۇلارغا مېھرىبانلىق ۋە سەۋرچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغان. ھەتتا بالىلارمۇ ئەيساغا بىمالال يېقىنلاشقانىدى (ماركۇس 10:14). ئەلۋەتتە، بىز ئادەملەرنىڭ يۈرەكلىرىنى كۆرەلمەيمىز ۋە ئۇلارنى نەق ئەيسادەك ئۆگىتەلمەيمىز. بىراق، ۋەز قىلغاندا ئۇچراتقان كىشىلەر بىلەن قانداق سۆزلىشىش، قاچان ۋە قانچە ئۇزۇن ۋاقىت سۆزلىشىش ئارقىلىق ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتەلەيمىز.
14. ئادەملەر بىلەن قانداق سۆزلىشىش ھەققىدە نېمە ئۈچۈن ئويلىشىمىز لازىم؟
14 ئادەملەر بىلەن قانداق سۆزلىشىشىمىز كېرەك؟ بۈگۈنكى كۈندە تاش يۈرەك تىجارەتچىلەر، سىياسىيونلار ۋە دىنىي ئۇستازلار سەۋەبلىك مىليونلىغان ئادەملەر قىينىلىپ، ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ (مەتتا 9:36). نەتىجىدە نۇرغۇن ئادەملەر ئۈمىدسىزلىككە تولۇپ، ھېچكىمگە ئىشەنمەيدۇ. شۇڭا، بىزنىڭ ئۇلارغا بولغان مېھرىبانلىقىمىز ۋە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىمىز مۇلايىم، يېقىشلىق سۆزلىرىمىزدىن كۆرۈنۈشى كېرەك. كۆپلىگەن ئادەملەر خۇش خەۋەرنى پەقەت مۇقەددەس كىتابنى ماھىرلىق بىلەن قوللانغانلىقىمىزدىن ئەمەس، ئۇلارغا سەمىمىي قىزىقىش ۋە ھۆرمەت كۆرسەتكەنلىكىمىز ئۈچۈن تىڭشايدۇ.
15. ۋەز قىلغاندا، ئادەملەرگە غەمخورلۇق قىلىشنىڭ قانداق مۇمكىنچىلىكلىرى بار؟
15 ئادەملەرگە ۋەز قىلغاندا ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىشنىڭ كۆپ مۇمكىنچىلىكلىرى بار. مەسىلەن، ئۇلارغا سوئال قويغاندا، مېھرىبانلىق ۋە ھۆرمەت بىلەن سۆز قىلىشىمىز كېرەك. بىر پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى ۋەز قىلغان تېررىتورىيىدە كۆپ ئادەملەر ناھايىتى تارتىنچاق ئىدى. شۇڭا، ئۇ ئۇلارنى خىجىل قىلىدىغان سوئاللارنى قويمىغان. «خۇدانىڭ ئىسىمىنى بىلەمسىز؟» ياكى «خۇدا پادىشاھلىقى دېگەن نېمە؟» دېگەن سوئاللارنى قويۇشنىڭ ئورنىغا، ئۇ: «مەن مۇقەددەس كىتابتىن خۇدانىڭ خاس ئىسىمى بارلىقىنى بىلىۋالدىم، سىزگە كۆرسىتەي دېگەن»،— دەيدۇ. ئەلۋەتتە، بۇنداق ۋەز قىلىش ئۇسۇلىنى ھەممىلا جايدا قوللىنىشقا بولمايدۇ، سەۋەبى ئادەملەر بىر-بىرىدىن پەرق قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى ھەم پەرقلىق. شۇڭا، بىز ۋەز قىلغان جايلاردىكى ئادەملەرگە ھەرقاچان مېھرىبانلىق ۋە غەمخورلۇق قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى ياخشى تونۇشىمىز مۇھىم.
16، 17. ئادەملەرگە مېھرىبانلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن: (1) قايسى ۋاقىتتا ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈشكە ياخشى بولىدۇ؟ (2) ئۇلار بىلەن قانچە ئۇزۇن ۋاقىت سۆزلىشىش كېرەك؟
16 ئادەملەرگە قايسى ۋاقىتتا كېلىشىمىز كېرەك؟ ئۆيمۇ ئۆي ۋەز قىلغاندا، ئادەملەر بىزنى كۈتمەيدۇ. شۇڭا ئۇلارغا سۆزلىشىش قولايلىق بولغان ۋاقىتتا كېلىشىمىز بەك مۇھىم (مەتتا 7:12). مەسىلەن، سىزنىڭ تېررىتورىيىڭىزدىكى ئادەملەر دەم ئېلىش كۈنلىرىدە كۆپرەك ئۇخلاشنى ياخشى كۆرىدىغاندۇ. ئۇنداقتا، ئەتىگەندە كوچىدا، ئادەملەر كۆپ يەرلەردە ۋەز قىلسىڭىز ياكى سۆزلىشىشكە مۇمكىنچىلىكى بار قىزىققۇچىلارغا قايتا يولۇقسىڭىز بولىدۇ.
17 قانچە ۋاقىت سۆزلىشىشىمىز كېرەك؟ ئادەملەر بەك ئالدىراش بولغاچقا، ئۇلارنىڭ كۆپ ۋاقتىنى ئالماي، قىسقا سۆزلىشىشىمىز لازىم (1-كورىنتلىقلار 9:20—23). شۇڭا، ئادەملەر ئۇلارنىڭ قولى بوش ئەمەسلىكىنى چۈشىنىۋاتقانلىقىمىزنى بايقىسا، كېلەركى قېتىم ئۇلار بىلەن سۆزلىشىشكە كۆپرەك ۋاقتىنى چىقىرىشى مۇمكىن. مۇقەددەس روھنىڭ مېۋىلىرى، دەپ ئاتالغان، ئېسىل پەزىلەتلەرنى كۆرسىتىشكە تىرىشساق، بىز «خۇدانىڭ خىزمەتداشلىرى» بولالايمىز. بەلكىم، يەھۋا ھەتتا بىز ئىشلىتىپ كىمدۇ-بىرىنىڭ ھەقىقەتنى تونۇشىغا ياردەم بېرەر!—1-كورىنتلىقلار 3:6، 7، 9.
18. باشقىلارغا غەمخورلۇق قىلساق، قانداق بەرىكەتلەرگە ئىگە بولىمىز؟
18 كېلىڭلار، ئائىلە ئەزالىرىمىزغا، جامائەتتىكىلەرگە ھەم ۋەز خىزمەتتە ئۇچرىتىدىغان ئادەملەرگە غەمخورلۇق قىلايلى! شۇنداق قىلساق، ھازىرنىڭ ئۆزىدىمۇ، كېلەچەكتىمۇ بەرىكەتلەرگە ئىگە بولىمىز. زەبۇر 41:1، 2-ئايەتلەردە مۇنداق يېزىلغان: «بىچارىگە ياردەم قولىنى سۇنغان ئىنسان بەختلىكتۇر، ئۇنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈن كەلگەندە، ئۇنى يەھۋا قۇتقۇزار. يەھۋا ئۇنى قوغداپ، ئۇنىڭ جېنىنى ساقلاپ قالار. يەر يۈزىدە ئۇ بەختلىك ئىنسان دەپ ئاتىلار».