2-تەتقىق ماقالىسى
«ئەقلىڭلارنى يېڭىلاپ، ئۆزۈڭلارنى ئۆزگەرتىڭلار»
«خۇدانىڭ ياخشى، مەقبۇل ۋە مۇكەممەل ئىرادىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىگە كۆز يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئەقلىڭلارنى يېڭىلاپ، ئۆزۈڭلارنى ئۆزگەرتىڭلار».—رىملىقلار 12:2.
11-ناخشا يەھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلايلى
بۇ ماقالىدە a
1، 2. سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگەندىن كېيىن داۋاملىق نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ چۈشەندۈرۈڭ.
قانچە ئۇزاق ۋاقىتتا بىر قېتىم ئۆيىڭىزنى تازىلايسىز؟ بەلكىم، سىز ئۆيىڭىزگە كۆچۈپ كىرىشتىن ئاۋۋال، تۇنجى قېتىم ئۆينىڭ ئاستى-ئۈستى، بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغىچە پۈتۈنلەي بىر قېتىم تازىلاپ چىقتىڭىز. ئەمما، كېيىن تازىلاشقا سەل قارىدىڭىزمۇ؟ سىز بىلگەندەك، ئۆينى دائىم تېزلا چاڭ-توزاڭ ۋە توپا بېسىپ قالىدۇ. شۇڭا، ئۆيىڭىزنى پاكىزە-رەتلىك تۇتۇش ئۈچۈن چوقۇم دائىم تازىلاپ تۇرۇشىڭىز كېرەك.
2 خۇددى شۇنىڭدەك، بىزمۇ دائىم ئوي-پىكىرىمىز ۋە مىجەز-خۇلقىمىزنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك. ئەلۋەتتە، بىز چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى «تەن ۋە روھىمىزنى بۇلغايدىغان ھەرقانداق نەرسىلەردىن ئۆزىمىزنى پاكىزلاپ»، ھاياتىمىزدا زۆرۈر ئۆزگەرتىشلەرنى قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقاردۇق (2-كورىنت. 7:1). ھازىر بولسا، بىز ئەلچى پاۋلۇسنىڭ «داۋاملىق يېڭىلاڭلار» دېگەن نەسىھىتىگە قۇلاق سېلىشىمىز كېرەك (ئەفەس. 4:23). نېمە ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك؟ چۈنكى، بۇ دۇنيانىڭ چاڭ-توزاڭ ۋە توپىلىرى تېزلا بىزدە توپلىنىپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن ساقلىنىش ۋە داۋاملىق يەھۋانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن، بىز چوقۇم ئۆزىمىزنىڭ ئوي-پىكىرلىرى، مىجەز-خۇلقى ۋە خاھىشلىرىنى تەكشۈرۈپ تۇرىشىمىز كېرەك.
ئەقلىڭىزنى يېڭىلاشنى توختاتماڭ
3. ئەقلىڭىزنى يېڭىلاش دېگەن بۇ ئىبارە نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ (رىملىقلار 12:2)
3 ئەقلىڭىزنى يېڭىلاشنى، يەنى ئوي-پىكىر قىلىش ئۇسۇلىڭىزنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىڭىز كېرەك؟ (رىملىقلار 12:2-نى ئوقۇڭ). گرېك تىلدىكى «ئەقلىڭلارنى يېڭىلاش»، دېگەن سۆز-ئىبارىنى «ئوي-پىكىرىڭىزنى ئۆزگەرتىش» دەپ تەرجىمە قىلىشقا بولىدۇ. شۇڭا، بۇ بىز پەقەت بىرقانچە ياخشى ئىشنى قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئەكسىچە، بىز ئۆزىمىزنى چوڭقۇرراق تەكشۈرۈپ، زۆرۈر بولغان بەزى ئۆزگەرتىشلەرنى قىلىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلغىنىمىزدا، ھاياتىمىزنى مۇمكىنقەدەر يەھۋانىڭ ئۆلچەم-قائىدىلىرىگە يېقىنلاشتۇرالايمىز. بۇنى بىز پەقەت بىرلا قېتىم ئەمەس، داۋاملىق قىلىشىمىز كېرەك.
4. بۇ دۇنيانىڭ ئوي-پىكرىمىزنى شەكىلگە كەلتۈرۈشىگە يول بەرمەسلىك ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟
4 كېلەچەكتە بىز مۇكەممەل ھالەتكە يەتكەندە، ھەر بىر قىلغان ئىشىمىزدا ھەمىشە يەھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلالايمىز. ئەمما، ھازىر يەھۋانىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، چوقۇم داۋاملىق كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك. پاۋلۇسنىڭ رىملىقلار 12:2-ئايەتتە ئېيتقان نەسىھەت سۆزىگە دىققەت قىلساق، ئەقلىمىزنى يېڭىلاش بىلەن خۇدانىڭ ئىرادىسىگە كۆز يەتكۈزۈشنىڭ ئارىسىدا زىچ باغلىنىش بار. بۇ دۇنيانىڭ قېلىپى بىزنى شەكىلگە كەلتۈرۈشىگە يول بېرىشنىڭ ئورنىغا، بىز چوقۇم خۇدانىڭ ئوي-پىكىرىنىڭ بىزگە تەسىر قىلىشىغا قانچىلىك يول قويۇۋاتقانلىقىمىزنى تەكشۈرۈشىمىز كېرەك. شۇندىلا، ئۆز مەقسەتلىرىمىز ۋە قارارلىرىمىزغا بۇ دۇنيانىڭ تەسىر قىلىشىغا يول بەرمەيمىز.
5. يەھۋانىڭ كۈنى يېقىنلاشقانلىقى ھەققىدە ئويلاۋاتقانلىقىمىزنى قانداق تەكشۈرەلەيمىز؟ (رەسىمگە قاراڭ)
5 بىر مىسالنى كۆرۈپ باقايلى. يەھۋا بىزنىڭ ئۇنىڭ «كۈنىنىڭ كېلىشىنى تەقەززالىق بىلەن» كۈتۈشىمىزنى خالايدۇ (2-پېتر. 3:12). سىز ئۆز-ئۆزىڭىزدىن مۇنداق سوراپ بېقىڭ: «تۇرمۇش كەچۈرۈش يولۇم بۇ دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىشىغا قانچىلىك يېقىن قالغانلىقىنى چۈشەنگەنلىكىمنى كۆرسىتەمدۇ؟ ئوقۇش ياكى ئىش ئورنى توغرىسىدا چىقارغان قارارىم ھاياتىمدا يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويغانلىقىمنى كۆرسىتەمدۇ؟ يەھۋانىڭ مېنى ۋە ئائىلەمنى ھەر جەھەتتىن قوغدايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەنمۇ ياكى مەن توختىماي ماددىي نەرسىلەر توغرۇلۇق غەم قىلىمەنمۇ؟» يەھۋا ھاياتىمىزنى ئۇنىڭ ئىرادىسى بىلەن ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ قانچىلىك خۇشال بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلاپ كۆرۈڭ.—مەتتا 6:25–27، 33؛ فىلىپى. 4:12، 13.
6. بىز داۋاملىق نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
6 بىز چوقۇم ئوي-پىكرىمىزنى ھەردائىم تەكشۈرۈپ تۇرۇشىمىز ۋە زۆرۈر ئۆزگەرتىشلەرنى قىلىشىمىز كېرەك. پاۋلۇس كورىنتلىقلارغا مۇنداق دېگەن: «ئېتىقادتا تۇرۇۋاتىمىزمۇ دەپ ئۆزۈڭلارنى داۋاملىق تەكشۈرۈپ تۇرۇڭلار؛ داۋاملىق ئۆزۈڭلارنىڭ قانداق كىشى ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇڭلار!» (2-كورىنت. 13:5) «ئېتىقادتا» تۇرۇش، جامائەت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە داۋاملىق ۋەز خىزمىتىگە قاتنىشىشتىنمۇ كۆپرەك ئىشلارنى، يەنى خاھىشلىرىمىز ۋە نىيەت-مەقسەتلىرىمىزنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا، بىز دائىم خۇدانىڭ سۆزىنى ئوقۇش، ئۇنىڭ ئوي-پىكىرلىرى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىشنى ئۆگىنىش ۋە ئۆزىمىزنى يەھۋانىڭ ئىرادىسىگە ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق ئوي-پىكىرىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك.—1-كورىنت. 2:14–16.
يېڭى شەخسنى كىيىڭلار
7. ئەفەسلىكلەر 4:31، 32-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، بىز يەنە نېمە قىلىشىمىز كېرەك ۋە نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىش قىيىن بولۇشى مۇمكىن؟
7 ئەفەسلىكلەر 4:31، 32-نى ئوقۇڭ. بىز ئوي-پىكىرىمىزنى ئۆزگەرتىپ قالماي، چوقۇم «يېڭى شەخسنى» كىيىشىمىز كېرەك (ئەفەس. 4:24). مۇنداق قىلىش ئۈچۈن بىز چوقۇم تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز لازىم. مەسىلەن، غەزەپلىنىش، ئاچچىقلىنىشقا ئوخشاش مىجەز-خۇلقلارنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز زۆرۈر. بۇنداق قىلىش نېمە ئۈچۈن قىيىن؟ چۈنكى، شۇنداق يامان مىجەز-خۇلقلار قەلبىمىزدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەتكەن. مەسىلەن، مۇقەددەس كىتابتا «تېرىككەك» ۋە «تېزلا غەزەپلىنىدىغان» بەزى كىشىلەرنىڭ بولىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان (پەند. نە 29:22). شۇنداق يىلتىز تارتقان مىجەز-خۇلقىمىزنى كونترول قىلىشىمىز ئۈچۈن، ھەتتا چۆمۈلدۈرۈلگەندىن كېيىنمۇ داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. بۇنى تۆۋەندىكى مىسالدىن كۆرەلەيمىز.
8، 9. كونا شەخسنى سېلىپ تاشلاش ئۈچۈن داۋاملىق ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ستېفاننىڭ كەچۈرمىشلىرى قانداق كۆرسىتىپ بېرىدۇ؟
8 ستېفان ئىسىملىك بىر بۇرادەرنىڭ ئۆز غەزىپىنى بېسىۋېلىشى ئىنتايىن قىيىن بولغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگەندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئاچچىقىمنى بېسىۋېلىش ئۈچۈن تىرىشتىم. بىر قېتىم ۋەز خىزمەتكە چىققاندا، بىرسى ماشىنامدىن رادىئونى ئوغۇرلاپ قېچىپ كەتتى. مەن ئارقىسىدىن قوغلىدىم. ئوغرى قوغلاپ يېتىشىۋېلىشىمغا ئاز قالغانلىقىنى كۆرۈپ، رادىئونى تاشلىۋېتىپ قېچىپ كەتتى. مەن بىلەن ۋەزگە چىققان ھەمراھىمغا رادىئونى قانداق قايتۇرۇپ كەلگەنلىكىمنى ئېيتىپ بەردىم. شۇ ۋاقىتتا، بىر ئاقساقال مەندىن مۇنداق سورىدى: «ستېفان، ئەگەر سەن ئاشۇ ئوغرىنى تۇتۇۋالغان بولساڭ، نېمە قىلار ئىدىڭ؟» ئۇ شۇنداق دېگەندە، شۇنى تونۇپ يەتتىمكى، مەن داۋاملىق ئۆزۈمنىڭ غەزىپىنى بېسىۋېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىم كېرەك» b.
9 ستېفاننىڭ مىسالىدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، ھەتتا بىز يامان مىجەز-خۇلقىمىزنى پۈتۈنلەي تاشلىدۇق دەپ ئويلىغاندىن كېيىنمۇ، توساتتىن بەزىدە يامان مىجەز-خۇلقىمىزنى كۆرسىتىشىمىز مۇمكىن. ئەگەر سىزمۇ شۇنداق ئىشلارغا دۇچ كەلسىڭىز، بۇنىڭدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭ ھەمدە ئۆزىڭىزنى مەسىھنىڭ ياخشى ئەگەشكۈچىسى ئەمەس دەپ، تېزلا خۇلاسە چىقارماڭ. ھەتتا ئەلچى پاۋلۇسمۇ مۇنداق دېگەن ئىدى: «توغرا ئىش قىلماقچى بولغىنىمدا، يېنىمدا يامانلىق ماڭا ھەمراھ بولۇپ تۇرىدۇ» (رىملىقلار 7:21–23). بارلىق نامۇكەممەل مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى يامان مىجەز-خۇلقى بىلەن كۈرەش قىلىشى كېرەك. خۇددى بەزىدە ئۆيۈمىزنى چاڭ-توزاڭ ياكى توپا بېسىپ قالغانغا ئوخشاش، بارلىق نامۇكەممەل مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ بەزى يامان مىجەزلىرى بار. ئۆزىمىزنى پاكىز تۇتۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىشىمىز كېرەك. بۇنى قانداق قىلالايمىز؟
10. يامان مىجەز-خۇلق بىلەن قانداق كۈرەش قىلالايمىز؟ (1-يۇھاننا 5:14، 15)
10 ئەگەر يامان مىجەز-خۇلقنى تاشلاش قىيىن بولسا، بۇ ھەققىدە يەھۋاغا دۇئا قىلىڭ (1-يۇھاننا 5:14، 15-نى ئوقۇڭ). ئۇنىڭ دۇئالىرىڭىزغا قۇلاق سېلىپ، سىزگە ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ (1-پېتر. 5:10). يەھۋا گەرچە مۆجىزىلىك يول بىلەن ئاجىزلىقلىرىڭىزنى يوق قىلمىسىمۇ، بىراق ئۇ شۇنداق مىجەز-خۇلقنى قايتا كۆرسەتمەسلىكىڭىز ئۈچۈن كۈچ بېرىدۇ. دۇئالىرىڭىزغا ماس ئەمەلىي ئىش قىلىپ، سىزنى يامان مىجەز-خۇلقنى قايتا تەكرارلاشقا مايىل قىلىدىغان خاھىشلاردىن يىراق تۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىڭ. مەسىلەن، كىنو، تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى كۆرگەندە ياكى ھېكايىلەرنى ئوقۇغاندا، سىز تاشلاشقا تىرىشىۋاتقان مىجەز-خۇلقلارنى ياخشى دەپ كۆرسىتىدىغان مەزمۇنلاردىن ئېھتىيات قىلىڭ. چۈنكى، ئۇلار ئەقلىڭىزنى نامۇۋاپىق ئارزۇ-ھەۋەسلەر بىلەن تولدۇرىدۇ.—فىلىپى. 4:8؛ كولوسى. 3:2.
11. داۋاملىق يېڭى شەخسنى كىيىش ئۈچۈن بىز نېمە قىلالايمىز؟
11 گەرچە سىز ئاللىقاچان كونا شەخسنى سېلىپ تاشلىغان بولسىڭىزمۇ، بىراق يېڭى شەخسنى يېتىلدۈرۈش ھەم ئىنتايىن مۇھىم. بۇنى قانداق قىلالايسىز؟ ئالدىڭىزغا مەقسەت قويۇپ، يەھۋانىڭ گۈزەل پەزىلەتلىرىنى ئۆگىنىپ، ئۇنى ئۈلگە قىلىڭ (ئەفەس. 5:1، 2). مەسىلەن، سىز مۇقەددەس كىتابتىن يەھۋانىڭ كەچۈرۈمچانلىقىنى تەكىتلەيدىغان مەزمۇنلارنى ئوقۇغاندا، ئۆز-ئۆزىڭىزدىن مۇنۇلارنى سوراڭ: «مەن باشقىلارنى كەچۈرىمەنمۇ؟ يەھۋانىڭ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەنلەرگە ئىچى ئاغرىتقانلىقى ھەققىدە ئوقۇغىنىمدا، ياردەمگە ئېھتىياجلىق قېرىنداشلىرىمغا، مەنمۇ كۆڭۈل بۆلۈمەنمۇ ۋە شۇلارغا ئەمەلىي ياردەم بېرىمەنمۇ؟» داۋاملىق ئەقلىڭىزنى يېڭىلاپ، يېڭى شەخسنى، يەنى مىجەز-خۇلقنى كىيىڭ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆز-ئۆزىڭىزگە سەۋرچان بولۇڭ.
12. ستېفان مۇقەددەس كىتابنىڭ ئۆزگەرتىش كۈچىنى ئۆز بېشىدىن قانداق ئۆتكۈزگەن؟
12 يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ستېفان، ئۆزىنىڭ ئاستا-ئاستا يېڭى شەخسنى كىيگەنلىكىنى بايقىغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگەندىن بۇيان، مەن نۇرغۇن قېتىم پارتىلاپ كېتىدىغاندەك ۋەزىيەتكە دۇچ كەلدىم. بۇنداق ۋەزىيەتلەردە مېنى تېرىكتۈرىدىغان ئادەملەردىن يىراقلاشتىم ياكى باشقا يوللار بىلەن ۋەزىيەتنىڭ يامانلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئۆگەندىم. ئايالىم ۋە باشقا نۇرغۇن كىشىلەر مېنىڭ مۇنداق ۋەزىيەتلەرنى قانداق بىتەرەپ قىلغانلىقىمنى ماختىدى. مەن ئۆزۈمدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرنى ھەرگىزمۇ ئۆز تىرىشچانلىقىمدىن بولدى دەپ قارىمايمەن. ئەكسىچە، بۇ مۇقەددەس كىتابنىڭ ئىنسانلارنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىش كۈچى بارلىقىنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن».
داۋاملىق نامۇۋاپىق ئارزۇ-ھەۋەسلەرگە قارشى جەڭ قىلىڭ
13. توغرا ئىستەككە ئىگە بولۇشىمىزغا نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟ (گالاتىيالىقلار 5:16)
13 گالاتىيالىقلار 5:16-نى ئوقۇڭ. توغرا ئىشلارنى قىلىش جېڭىدە غەلبە قازىنىشىمىزغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، يەھۋا سېخىيلىق بىلەن مۇقەددەس روھىنى بېرىدۇ. بىز خۇدا سۆزىنى تەتقىق قىلىپ ئۆگەنگەندە، ئۇنىڭ روھىنىڭ بىزگە تەسىر قىلىشىغا يول بېرىمىز. جامائەت ئىبادەت يىغىلىشلىرىغا قاتناشقاندىمۇ مۇقەددەس روھقا ئېرىشىمىز. ئاشۇ يىغىلىشلاردا بىزدەك توغرا ئىشلارنى قىلىشقا تىرىشىۋاتقان قېرىنداشلار بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزەلەيمىز (ئىبرانىي. 10:24، 25؛ 13:7). بۇ بىزگە ئىلھام بېرىدۇ. بىز يەھۋاغا ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلىپ، بەزى ئاجىزلىقىمىزغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ياردەم تىلىگەندە، ئۇ مۇقەددەس روھىنى ئەۋەتىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىشىمىز ئۈچۈن كۈچ بېرىدۇ. بەلكىم، بۇ ئىش-پائالىيەتلەر خاتا ئارزۇ-ھەۋەسلىرىمىزنى يوق قىلىۋەتمەيدۇ، ئەمما ئۇلار بىزنىڭ خاتا ئارزۇ-ھەۋەسلەرنىڭ كەينىگە كىرىپ ئىش قىلىشقا قارشى تۇرۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. گالاتىيالىقلار 5:16-ئايەت شۇنداق دەيدۇ: «روھنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن يۈرۈڭلار، شۇندىلا ھەرگىز تەننىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە ئەگىشىپ ئىش قىلمايسىلەر».
14. نېمە ئۈچۈن داۋاملىق توغرا ئارزۇ-ئىستەكلەرنى يېتىلدۈرۈش مۇھىم؟
14 خۇدا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى ياخشىلاشقا ياردەم بېرىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا ئادەتلەنگەندىن كېيىن، داۋاملىق بۇ ئادەتنى ساقلاش ئۈچۈن توغرا ئارزۇ-ئىستەكلەرنى يېتىلدۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، دۈشمەنلىرىمىز ھەرگىز ئۇخلىمايدۇ. ئۇ دۈشمەن خاتا ئىشلارنى قىلىشقا ئۈندەيدىغان قەلبىمىزدىكى ئارزۇ-ھەۋەستۇر. سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگەندىن كېيىنمۇ، ئىگىلىرى ئادەتلىنىپ قالغان قىمار ئويناش، ھاراقكەشلىك، شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى كۆرۈشكە ئوخشاش، مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە خاس بولمىغان بەزى ئىشلارنى قىلىشقا ئازدۇرۇلۇشىمىز مۇمكىن (ئەفەس. 5:3، 4). بىر ياش بۇرادەر شۇنى ئېتىراپ قىلىدۇ: «مەن دۇچ كەلگەن ئەڭ قىيىن ئىشلارنىڭ بىرى، مېنىڭ ئوخشاش جىنىستىكى كىشىلەرگە بولغان قىزىقىشىم. مەن ئۇنى پەقەت ۋاقىتلىق ھېس-تۇيغۇ، كېيىنچە ئاستا يوق بولۇپ كېتىدۇ دەپ قارىغان ئىدىم. ئەمما، ئاشۇ ھېس-تۇيغۇلار ھازىرمۇ بار». ئەگەر خاتا ئارزۇ-ھەۋەسلىرىڭىز كۈچلۈك بولسا، سىزگە نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
15. «ئادەتتە ئادەملەر» نامۇۋاپىق ئارزۇ-ھەۋەسلەر بىلەن كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلىش نېمە ئۈچۈن كۆڭلىمىزگە تەسەللى بېرىدۇ؟ (رەسىمگە قاراڭ)
15 سىز ئۈچۈن مەلۇم بىر خاتا ئارزۇ-ھەۋەس كۈچلۈك بىر دۈشمەندەك بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن جەڭ قىلىش قىيىن بولسا، شۇنى ئۇنتۇماڭكى، مۇنداق جەڭ قىلىۋاتقان يالغۇز سىزلا ئەمەس. مۇقەددەس كىتاب شۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ئادەتتە ئادەملەر دۇچ كېلىۋاتقان ئازدۇرۇلۇشلارغا دۇچ كېلىۋاتىسىلەر» (1-كورىنت. 10:13). مۇشۇ جۈملە سۆز كورىنت شەھىرىدىكى ئەر ۋە ئايال مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە قارىتىلغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئىلگىرى زىنا قىلغۇچىلار، ئوخشاش جىنسلىقلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەنلەر ۋە ھاراقكەشلەر ئىدى (1-كورىنت. 6:9–11). سىزنىڭچە، ئۇلار سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگەندىن كېيىن شۇنداق خاتا ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى پۈتۈنلەي تاشلىغانمۇ؟ بۇ مۇمكىن ئەمەس. گەرچە ئۇلار مۇقەددەس روھ بىلەن مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار بولسىمۇ، بىراق ئۇلار يەنىلا نامۇكەممەل ئىنسانلار ئىدى. شۇڭا، ناھايىتى ئېنىقكى، ئۇلار خاتا ئارزۇ-ھەۋەسلىرى بىلەن پات-پات كۈرەش قىلغان. بۇ بىزنىڭ كۆڭلىمىزگە تەسەللى بېرىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، بۇنىڭدىن كۆرۈۋالالايمىزكى، مەيلى قانداق خاتا ئارزۇ-ھەۋەس بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان بولايلى، باشقىلارمۇ شۇنداق ئارزۇ-ھەۋەسكە قارشى تۇرالىغان. سىلەرمۇ شۇنداق «ئېتىقادتا مۇستەھكەم بولۇپ، ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇڭلار. بىلىڭلاركى، دۇنيادىكى بارلىق ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىڭلار ئوخشاش ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ».—1-پېتر. 5:9.
16. قانداق ئوي-پىكىردە بولۇشتىن چوقۇم ساقلىنىشىمىز كېرەك ۋە نېمە ئۈچۈن؟
16 سىز دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقنى ھېچكىم چۈشەنمەيدۇ، دەپ ئويلاشتىن قەتئىي ساقلىنىڭ. بۇنداق ئوي-پىكىردە بولۇش ئۆزىڭىزنى ئۈمىدسىز ئەھۋالدا ۋە خاتا ئارزۇ-ھەۋەسلەرگە قارشى تۇرۇشقا كۈچىڭىز يەتمەيدۇ، دەپ خۇلاسە چىقىرىشىڭىزغا سەۋەب بولىدۇ. مۇقەددەس كىتاب مۇنداق دەيدۇ: «خۇدا سادىقتۇر ۋە ئۇ سىلەرنى بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان ئازدۇرۇلۇشقا دۇچار قىلمايدۇ. ئەكسىچە، ئازدۇرۇلۇشقا ئۇچرىغاندا، بەرداشلىق بېرەلىشىڭلار ئۈچۈن چىقىش يولىنى كۆرستىپ بېرىدۇ» (1-كورىنت. 10:13). شۇڭلاشقا، خاتا ئارزۇ-ھەۋەس كۈچلۈك بولغان تەغدىردىمۇ، بىز چوقۇم يەھۋاغا سادىق قالالايمىز. ياراتقۇچىمىزنىڭ ياردىمى بىلەن بىز داۋاملىق خاتا ئىشنى قىلىشتىن ساقلىنىيالايمىز.
17. ئەقلىمىزدە خاتا ئارزۇ-ھەۋەسلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ساقلىنالمىساقمۇ، بىز نېمىنى كونترول قىلالايمىز؟
17 شۇنى ھەردائىم ئېسىڭىزدە ساقلاڭكى، نامۇكەممەل ئىنسان بولغاچقا، خاتا ئارزۇ-ھەۋەسلەردىن ساقلىنالماسلىقىڭىز مۇمكىن. ئەمما، خاتا ئارزۇ-ھەۋەس توغرۇلۇق ئويلىغاندا، يۈسۈپ پوتىفارنىڭ ئايالىدىن دەرھال قېچىپ كەتكىنىگە ئوخشاش، سىزمۇ خاتا ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى دەرھال رەت قىلالايسىز (يارىت. 39:12). خاتا ئارزۇ-ھەۋەسلەرنىڭ كەينىگە كىرىپ ئىش قىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.
داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىڭ
18، 19. ئەقلىمىزنى يېڭىلاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقاندا، ھەردائىم ئۆز-ئۆزىمىزدىن قايسى سوئاللارنى سورىساق بولىدۇ؟
18 ئەقلىمىزنى يېڭىلاش، بىزنىڭ داۋاملىق تىرىشىپ ئوي-پىكىرىمىز ۋە ئىش-ھەرىكىتىمىزنى يەھۋانىڭ ئىرادىسىگە ماسلاشتۇرۇشنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا، دائىم ئۆز-ئۆزىمىزدىن سوئاللارنى سورىشىمىز كېرەك: «ئىش-ھەرىكەتلىرىم ئىنتايىن مۇھىم بىر پەيتتە ياشاۋاتقانلىقىمنى چۈشىنىدىغانلىقىمنى كۆرسىتەمدۇ؟ مەن يېڭى شەخسنى كىيىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمەنمۇ؟ يەھۋانىڭ مۇقەددەس روھىنىڭ ھاياتىمنى يېتەكلىشىگە يول قويۇپ، تەننىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە ئەگىشىپ ئىش قىلىش ئازدۇرۇلىشىغا قارشى تۇرالايمەنمۇ؟»
19 ئۆزىڭىزنى تەكشۈرگەندە، ئۆزىڭىزدىن مۇكەممەل بولۇشنى تەلەپ قىلماڭ. بىراق، ئۆزگىرىشلەرنى قىلىپ، ئۆزىڭىزنىڭ ئالغا باسقانلىقىدىن خۇشال بولۇڭ، ئۈمىدسىزلەنمەڭ. ئەكسىنچە، فىلىپىلىكلەر 3:16-ئايەتتىكى نەسىھەتكە قۇلاق سېلىڭ: «قايسى دەرىجىدە ئىلگىرىلىگەن بولۇشىمىزدىن قەتئىينەزەر، ئەينى تەرتىپ بويىچە داۋاملىق ئىلگىرىلەيلى». شۇنداق قىلغىنىڭىزدا، داۋاملىق ئەقلىڭىزنى يېڭىلاش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىڭىزنى يەھۋانىڭ بەرىكەتلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىسىز.
52-ناخشا قەلبىڭنى چىڭ قوغدا
a ئەلچى پاۋلۇس ئېتىقادچى قېرىنداشلارغا بۇ دۇنيانىڭ قېلىپىغا كىرىپ قالماڭلار، دەپ نەسىھەت بەرگەن. بۈگۈنكى كۈندە شۇ نەسىھەت ھەقىقەتەن بىز ئۈچۈن بەك مۇھىم. بىز چوقۇم بۇ دۇنيانىڭ بىزگە ھەر جەھەتتىن تەسىر كۆرسىتىشىگە يول بەرمەسلىكىمىز كېرەك. ئەگەر ئوي-پىكىرىمىز خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ماس كەلمىگەنلىكىنى بايقىساق، ئۆز ئوي-پىكىرنى دەرھال تۈزىتىشكە ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك. بۇ ماقالىدە، بىز بۇنى قانداق قىلالايدىغانلىقىمىزنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
b «كۈزىتىش مۇنارى»، 2015-يىل، 1-ئىيۇل سانىدىكى «ھاياتىم كۈندىن-كۈنگە يامانلاشتى» ناملىق ماقالىنى ئوقۇڭ.
c سۈرەتتە: بىر ياش بۇرادەر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ياكى تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەت قىلىش توغرۇلۇق ئويلىنىۋاتىدۇ.