46-تەتقىق ماقالىسى
يېڭىدىن ئۆيلەنگەنلەر دىققىتىڭلارنى يەھۋاغا خىزمەت قىلىشقا قارىتىڭلار!
«يەھۋا كۈچۈم . . . ئۇنىڭغا چىن قەلبىمدىن ئىشەنچ باغلىدىم».—زەبۇر 28:7.
36-ناخشا «خۇدا قوشقاننى ئىنسان ئايرىمىسۇن»
بۇ ماقالىدە a
1، 2. (1) نېمە ئۈچۈن يېڭىدىن توي قىلغانلار يەھۋاغا تايىنىشى كېرەك؟ (زەبۇر 37:3، 4) (2) بۇ ماقالىدە نېمىلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
سىز توي قىلىشقا تەييارلىنىۋاتامسىز ياكى يېڭىدىن توي قىلدىڭىزمۇ؟ شۇنداق بولسا، ناھايىتى ئېنىقكى، سىز ئۆزىڭىز سۆيگەن ئاشىقىڭىز بىلەن شاد-خۇرام تۇرمۇش كەچۈرۈشكە بەك تەشنا! ئەلۋەتتە، نىكاھنىڭ ئۆزىگە يارىشا قىيىنچىلىقلىرى بار. مۇھىم قارارلارنى چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ. قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە، نېمە قىلىش ۋە قانداق قارارلارنى چىقىرىش ھەر ئىككىڭلارنىڭ خۇشاللىقىغا ئۇزۇن يىللار تەسىر قىلىدۇ. ئەگەر يەھۋاغا تايانساڭلار، دانا قارارلارنى چىقىرىسىلەر؛ نىكاھ رىشتىڭلار تېخىمۇ مەھكەم بولىدۇ ۋە تېخىمۇ خۇشال بولىسىلەر. ئەگەر خۇدانىڭ مەسلىھەتلىرىگە تايانمىساڭلار، قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىپ، نىكاھىڭلاردا سوغاقچىلىق پەيدا بولۇپ، خۇشاللىق تاپالمايسىلەر.—زەبۇر 37:3، 4-نى ئوقۇڭ.
2 بۇ ماقالە، ئاساسلىقى يېڭىدىن توي قىلغانلارغا قارىتىلغان. شۇنداق بولسىمۇ، بارلىق تۇرمۇش قۇرغانلار دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقلارمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. يەنە مۇقەددەس كىتابتىكى بەزى ساداقەتمەن ئەر-ئاياللارنىڭ قالدۇرغان ئۈلگىلىرىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز. شۇ ئۈلگىلەر نىكاھنى ھەم ئۆز ئىچىگە ئالغان ھاياتىمىزنىڭ تۈرلۈك ساھەلىرىدە ئەمەلىي قوللىنالايدىغان مەسلىھەتلەرنى ئۆگىتىدۇ. بۈگۈنكى كۈندىكى تۇرمۇش قۇرغانلارنىڭ بەزىلەرنىڭ تەجرىبىلىرىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىمىزنىمۇ كۆرىمىز.
يېڭىدىن تۇرمۇش قۇرغانلار دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقلار
3، 4. يېڭىدىن تۇرمۇش قۇرغانلار قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن؟
3 بەزى كىشىلەر يېڭىدىن توي قىلغانلارنى كۆپچىلىك كىشىلەرگە ئوخشاش ھايات كەچۈرۈشكە ئۈندىشى مۇمكىن. مەسىلەن، ئاتا-ئانىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى پەرزەنتلىك بولۇشقا ئالدىرىتىشى مۇمكىن. دوستلىرى ۋە ئائىلە ئەزالىرى ئۇلارنى ئۆي سېتىۋېلىپ، ئۇنى چىرايلىق بېزەشكە دەۋەت قىلىشى مۇمكىن.
4 ئەگەر دىققەت قىلمىسا، تۇرمۇش قۇرغانلار ئۆزلىرىنى قەرزگە بوغۇپ قويىدىغان قارارلارنى چىقىرىشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن، ئەر-ئايال ئىككىسىنىڭ قەرزدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئەتىدىن-كەچكىچە، ھېرىپ-چارچاپ ئىشلىشىگە توغرا كېلىدۇ. شۇنداق ئىشلىسە، ئۇلار مۇقەددەس كىتابنى شەخسىي تەتقىق قىلىش، ئائىلىۋى ئىبادەت ھەمدە ۋەز خىزمىتى ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان ۋاقتىنى قىسقارتىشقا باشلىشى مۇمكىن. ئۇلار كۆپرەك پۇل تېپىش ياكى ئىش ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قوشۇمچە ئىشلەشكە توغرا كېلىپ، ھەتتا جامائەت يىغىلىشلىرىنى قالدۇرۇشى مۇمكىن. نەتىجىدە، ئۇلار يەھۋاغا خىزمەت قىلىپ، خۇشاللىق تېپىشنىڭ پۇرسەتلىرىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ.
5. كلائۇس ۋە مارىسانىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟
5 نۇرغۇن مىساللار شۇنى ئىسپاتلىدىكى: ئەگەر ھاياتىمىزدا ماددىي نەرسىلەرنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويساق، بىز خۇشاللىق تاپالمايمىز. كلائۇس ۋە مارىسانىڭ b مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇلار يېڭىدىن توي قىلغاندا، توققۇزى تەل، ھۇزۇر-ھالاۋەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن تولۇق ۋاقىت سەرپ قىلىدىغان ئىش ئورنىدا ئىشلىگەن. بىراق، ئۇلار ئۆزلىرىنى ھەقىقىي خۇشال ھېس قىلمىغان. كلائۇس شۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ ماددىي جەھەتتىن ھەممە نەرسىمىز ئېشىپ-تېشىپ تۇرسىمۇ، بىراق روھىي جەھەتتىن مەقسەتلىرىمىز يوق ئىدى. راستىنى ئېيتقاندا، ھاياتىمىزدا ھەر تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار بولۇپ، كۆڭلىمىز تىنچ-خاتىرجەملىك تاپمىغان». بەلكىم، سىزمۇ شۇنى بايقىدىڭىز، ماددىي نەرسىلەرگە دىققىتىڭىزنى قارىتىش كۆڭلىڭىزنى قانائەت تاپقۇزالمىدى. ئەگەر شۇنداق بولسا، ئۈمىدسىزلەنمەڭ. ھازىر بەزى ئۆزگۈرۈشلەرنى قىلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدىغان مىساللارنى كۆرۈپ چىقىمىز. ئاۋۋال، ئەرلەرنىڭ پادىشاھ يەھوشافاتنىڭ قالدۇرغان مىسالىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلايلى.
يەھوشافات پادىشاھقا ئوخشاش، يەھۋاغا تايىنىڭ
6. پادىشاھ يەھوشافات ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە، پەندى-نەسىھەت 3:5، 6-ئايەتلەردىكى نەسىھەتلەرگە قۇلاق سېلىپ، نېمە ئىش قىلغان؟
6 ئەرلەر، سىلەر بەزىدە مەسئۇلىيىتىڭلارنىڭ كۆپلىكىدىن، ئۈستۈڭلارغا ئېغىر يۈكنى ئارتىپ قويغاندەك ھېس قىلامسىلەر؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، پادىشاھ يەھوشافاتنىڭ مىسالى سىلەرگە ياردەم بېرەلەيدۇ. پادىشاھ يەھوشافات ئۆز خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا مەسئۇل ئىدى. ئۇ شۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلاپ، خەلقىنى قوغداش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننىڭ ھەممىسىنى قىلىپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئورۇنلىغان. ئۇ يەھۇدىيەدىكى شەھەرلەرنى مۇستەھكەملەپ، 1160000 كىشىلىك چوڭ قوشۇننى يىققان (2-تارىخ. 17:12—19). ئەمما، يەھوشافات كېيىن چوڭ بىر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن. ئاممونىيلىقلار، موئابلىقلارنىڭ چوڭ قوشۇنلىرى ۋە سېئىر تاغلىق رايوندىكى كىشىلەر ئۇنىڭغا، ئائىلىسىگە ۋە پۇقرالىرىغا تەھدىت سالغان (2-تارىخ. 20:1، 2).2-تارىخ. شۇ ۋەزىيەتتە يەھوشافات نېمە قىلغان؟ ئۇ پەندى-نەسىھەت 3:5، 6-ئايەتلەردىكى (ئوقۇڭ) نەسىھەتكە قۇلاق سالغان. ئۇ يەھۋادىن ياردەم ۋە كۈچ تىلىگەن. 2-تارىخنامە 20:5—12-ئايەتلەردىكى يەھوشافاتنىڭ سەمىمىي دۇئاسى ئاسماندىكى ئاتىسىغا ئۇنىڭ قانچىلىك ئىشەنچ باغلىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يەھۋا، پادىشاھ يەھوشافاتنىڭ دۇئاسىغا قانداق جاۋاب قايتۇرغان؟
7. يەھۋا يەھوشافاتنىڭ دۇئاسىغا قانداق جاۋاب بەرگەن؟
7 يەھۋا خۇدا ياھازىئېل ئىسىملىك بىر لاۋىي ئارقىلىق يەھوشافاتقا شۇنداق دېگەن: «ئۆز ئورنۇڭلارنى ئېلىپ، تەۋرەنمەي تۇرۇڭلار، يەھۋانىڭ سىلەرنى قانداق قۇتقۇزىدىغانلىقىنى كۆرۈڭلار» (2-تارىخ. 20:13—17). ئادەتتە، جەڭدە ئورنىدىن مىدىرلىماي غەلبە قىلىش مۇمكىن ئەمەس. بىراق، شۇ كۆرسەتمىلەر ئىنساندىن ئەمەس، يەھۋادىن كەلگەن ئىدى. يەھوشافات يەھۋاغا پۈتۈنلەي ئىشەنچ قىلىپ، ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىدەك قىلغان. پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ خەلقى دۈشمەنلەر بىلەن جەڭگە چىققاندا، ئۇ ماھىر جەڭچىلەرنى ئەمەس، بەلكى ھېچقانداق قوراللانمىغان، مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتقۇچىلارنى قوشۇنلارنىڭ ئالدىغا تىزىپ قويغان. يەھۋا يەھوشافاتقا بەرگەن ۋەدىسىنى ئورۇنلاپ، دۈشمەن قوشۇنلىرىنى يوق قىلغان.—2-تارىخ. 20:18—23.
8. ئەرلەر يەھوشافاتنىڭ مىسالىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيدۇ؟
8 ئەرلەر، سىلەر يەھوشافاتنى ئۆزۈڭلارغا ئۈلگە قىلالايسىلەر. سىلەرنىڭ ئۆز ئائىلەڭلارغا غەمخورلۇق قىلىش مەسئۇلىيىتىڭلار بار. شۇڭا، ئائىلەڭلارنى قامداش ۋە ئۇلارنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشىسىلەر. سىلەر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە: «ئۆز كۈچۈمگە تايىنىپ، قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلالايمەن»،— دەپ ئويلىشىڭلار مۇمكىن. بىراق، ئۆزۈڭلارغا شۇنداق تايىنىشتىن ساقلىنىڭلار. ئەكسىچە، يالغۇز ئولتۇرۇپ، يەھۋادىن ياردەم سوراپ دۇئا قىلىڭلار. ئۇنىڭدىن باشقا، ئايالىڭلار بىلەن بىرلىكتە دۇئا قىلىڭلار. مۇقەددەس كىتاب ۋە يەھۋانىڭ تەشكىلاتى نەشىر قىلغان ماتېرىياللارنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن كۆرسەتمىلەرنى سوراڭلار ۋە تاپقان مەسلىھەتلەرنى ئەمەلىي ھاياتىڭلاردا قوللىنىڭلار. بەلكىم، باشقىلار سىلەرنىڭ مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان قارارلىرىڭلارنى ياقتۇرمايدۇ. ئۇلار سىلەرنى ئەخمەق دېيىشىدۇ. ئۇلار ئائىلىنى ھىمايە قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى كاپالىتى پۇل ۋە ماددىي نەرسىلەر دېيىشى مۇمكىن. بىراق، يەھوشافاتنىڭ مىسالىنى ئەستە ساقلاڭلار. ئۇ يەھۋاغا تايانغان ۋە بۇنى ئۆز ئىش-ھەرىكەتلىرىدە كۆرسەتكەن. يەھۋا شۇ سادىق كىشىنى تاشلىمىغان ۋە سىزنىمۇ تاشلىمايدۇ (زەبۇر 37:28؛ ئىبرانىي. 13:5). تۇرمۇش قۇرغان جۈپلەر شاد-خۇرام ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن يەنە نېمىلەرنى قىلالايدۇ؟
يەشايا ۋە ئايالىغا ئوخشاش، ھاياتىڭلاردا يەھۋانى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇڭلار
9. يەشايا پەيغەمبەر ۋە ئايالى ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟
9 يەشايا پەيغەمبەر ۋە ئۇنىڭ ئايالى، يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى ھاياتىدا بىرىنچى ئورۇنغا قويغان. يەشايا پەيغەمبەر ئىدى. بەلكىم، ئۇنىڭ ئايالىمۇ پەيغەمبەرلىك قىلغان، چۈنكى، مۇقەددەس كىتابتا ئۇنى ئايال پەيغەمبەر دەپ ئاتىغان (يەشايا 8:1—4). ناھايىتى ئېنىقكى، يەشايا ۋە ئايالى يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشنى ھاياتىدا ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويغان. ئۇلار بۈگۈنكى كۈندىكى تۇرمۇش قۇرغانلار ئۈچۈن ياخشى ئۈلگە بولالايدۇ.
10. بېشارەتلەرنى تەتقىق قىلىش، ئەر-ئايالنىڭ يەھۋاغا قولىدىن كېلىشىچە خىزمەت قىلىش ئارزۇ-ئىستىكىنى كۈچەيتىشىگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
10 توي قىلغان بىر جۈپ، كۈچىنىڭ يېتىشىچە يەھۋاغا خىزمەت قىلىش ئارقىلىق يەشايا ۋە ئۇنىڭ ئايالىنى ئۈلگە قىلالايدۇ. ئۇلار بىرلىكتە مۇقەددەس كىتابتىكى بېشارەتلەرنى تەتقىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ قانداق ئەمەلگە ئاشقانلىقىغا كۆز يەتكۈزۈش ئارقىلىق، يەھۋاغا بولغان ئىشەنچىسىنى كۈچەيتەلەيدۇ (تىتۇس 1:2). ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇقەددەس كىتابتىكى مەلۇم بېشارەتلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئۆز ھەسسىسىنى قانداق قوشالايدىغانلىقى ھەققىدە ئويلانسا بولىدۇ. مەسىلەن، ئۇلار ئاخىر كېلىشتىن ئاۋۋال خۇش خەۋەر پۈتكۈل يەر يۈزىدە ۋەز قىلىنىشى كېرەك،— دېگەن ئەيسا مەسىھنىڭ بېشارىتىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئۆز ھەسسىسىنى قوشالايدۇ (مەتتا 24:14). ئۇلار مۇشۇ بېشارەتنىڭ ئەمەلگە ئېشىۋاتقانلىقىغا كۆز يەتكۈزگەنسېرى، ئۇلارنىڭ يەھۋاغا قولىدىن كېلىشىچە خىزمەت قىلىش ئارزۇ-ئىستىگى كۈچىيىدۇ.
پرىسكىلا ۋە ئاكۋىلاغا ئوخشاش، خۇدا پادىشاھلىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇڭلار
11. پرىسكىلا ۋە ئاكۋىلا نېمىلەرنى قىلالىغان ۋە نېمە ئۈچۈن؟
11 توي قىلغان ياشلار رىم شەھىرىدە ياشىغان بىر جۈپ يەھۇدىي ئەر-ئايال پرىسكىلا ۋە ئاكۋىلادىن ئۈلگە ئالالايدۇ. ئۇلار ئەيسا ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولغانىدى. شەك-شۈبھىسىزكى، ئۇلار ئۆز ھاياتىدىن قانائەت تېپىپ ياشىغان. بىراق، كۈتۈلمىگەندە ھاياتىدا ئۆزگۈرۈشلەر يۈز بەرگەن. سەۋەبى، رىم ئىمپېراتورى كلاۋدىيۇس بارلىق يەھۇدىيلارنىڭ رىمدىن كېتىشنى بۇيرىغان. شۇڭا، ئەمدى ئۇلار ئۆزىگە تونۇش بولغان شۇ شەھەردىن ئايرىلىپ، يېڭى بىر جايغا كۆچۈپ بېرىپ، يېڭى بىر ئۆي تېپىشى ۋە چېدىر ياساش تىجارىتىنى قايتا باشلىشىغا توغرا كېلەتتى. شۇ قىيىنچىلىقلار ئۇلارنىڭ خۇدا پادىشاھلىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشىغا توسالغۇ بولغانمۇ؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى بىلىمىز. ئۇلار كورىنت شەھىرىدىكى يېڭى ئۆيگە كۆچكەندە، ئەلچى پاۋلۇس بىلەن بىرلىكتە يەرلىك جامائەتتە قېرىنداشلارنىڭ ئىمان-ئېتىقادىنى كۈچەيتىش ئىشىغا ياردەم بەرگەن. كېيىنرەك، ئۇلار ۋەز ئېيتقۇچىلارغا ئېھتىياجلىق شەھەرلەرگە كۆچۈپ بارغان (ئەلچى. 18:18—21؛ رىملىقلار 16:3—5). كۆرگىنىمىزدەك، ئۇلارنىڭ ھاياتى ھەقىقەتەن قىزىقارلىق ۋە خۇشال-خۇرام ئۆتكەن.
12. نېمە ئۈچۈن تۇرمۇش قۇرغان بىر جۈپ روھىي مەقسەتلەرنى قويۇشى كېرەك؟
12 بۈگۈنكى كۈندىمۇ تۇرمۇش قۇرغانلار پادىشاھلىق خىزمىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، پرىسكىلا ۋە ئاكۋىلانى ئۈلگە قىلالايدۇ. بىر جۈپنىڭ ھاياتىدىكى مەقسەتلىرى ھەققىدە پاراڭلىشىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى — ئۇلار ئۇچرىشىپ، ئارىلىشىپ يۈرگەن ۋاقىتلار. ئۇلار بىرلىكتە قارارنى چىقىرىپ، روھىي مەقسەتلەرگە يېتىش ئۈچۈن تىرىشقاندا، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا يەھۋا قانداق ياردەم بەرگەنلىكىنى كۆرۈشنىڭ پۇرسەتلىرى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ (ۋەز 4:9، 12). ھازىر راسسېل ۋە ئېلىزابېتنىڭ تەجرىبىلىرىنى كۆرۈپ باقايلى. راسسېل: «بىز ئۇچرىشىپ ئارىلىشىپ يۈرگەندە، روھىي مەقسەتلەر ھەققىدە ئالاھىدە سۆھبەتلەشكەن ئىدۇق»،— دەيدۇ. ئېلىزابېت شۇنداق دەيدۇ: «بىز ئىلگىرى سۆھبەتلەشكەن. شۇڭا، بىز كېيىنرەك تۈرلۈك قارارلارنى چىقارغاندا، شۇ ئىلگىرى قويغان مەقسەتلىرىمىزگە يېتىش ئۈچۈن، ھازىر چىقىرىدىغان قارارلىرىمىزنىڭ توسقۇنلۇق قىلىدىغان-قىلمايدىغانلىقىغا كۆز يەتكۈزەتتۇق». راسسېل ۋە ئېلىزابېتنىڭ شارائىتى، ئۇلارنىڭ بىرلىكتە ۋەز ئېيتقۇچىلارغا ئالاھىدە ئېھتىياجلىق مىكرونېزىيىگە كۆچۈپ، خىزمەت قىلىشىغا يول ئاچقان.
13. زەبۇر 28:7-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، بىز يەھۋاغا ئىشەنچ قىلساق، نەتىجىسى قانداق بولىدۇ؟
13 راسسېل ۋە ئېلىزابېتقا ئوخشاش، نۇرغۇن ئەر-ئاياللار ئاددىي-ساددا تۇرمۇش كەچۈرۈشنى قارار قىلغان. شۇڭا، ئۇلار پادىشاھلىق خۇش خەۋىرىنى ۋەز قىلىش ۋە تەلىم بېرىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگىنىچە كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلالايدۇ. بىر جۈپ يەھۋاغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن مەقسەتلەرنى قويۇپ، شۇ مەقسەتلىرىگە يېتىش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشقاندا، شۇنىڭغا يارىشا مېۋىسىنى كۆرىدۇ. ئۇلار يەھۋانىڭ ئۆزلىرىگە قانداق غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا بولغان ئىمان-ئېتىقادى كۈچىيىدۇ ۋە ھەقىقىي خۇشاللىققا ئېرىشىدۇ.—زەبۇر 28:7-نى ئوقۇڭ.
ئەلچى پېترۇس ۋە ئايالىغا ئوخشاش، يەھۋانىڭ ۋەدىلىرىگە ئىشىنىڭلار
14. ئەلچى پېترۇس ۋە ئايالى، مەتتا 6:25، 31—34-ئايەتلەردىكى ۋەدىلەرگە ئىشەنچ قىلغانلىقىنى قانداق كۆرسەتكەن؟
14 تۇرمۇش قۇرغانلار ئەلچى پېترۇس ۋە ئايالىنىڭ ئۈلگىلىرىدىنمۇ ئۆگىنەلەيدۇ. پېترۇس ئەيسانى تۇنجى قېتىم ئۇچرىتىپ، تەخمىنەن ئالتە ئايدىن بىر يىلغىچە ۋاقىتتىن كېيىن، ھاياتىدا مۇھىم قارارنى چىقىرىشقا توغرا كەلگەن. پېترۇس بېلىقچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان. شۇڭا، ئەيسا پېترۇسنى تولۇق ۋاقىت ئۇنىڭغا ئەگىشىشكە چاقىرغاندا، پېترۇس ئۆز ئائىلىسىنى بېقىش توغرىسىدا ئويلىنىشقا توغرا كەلگەن (لۇقا 5:1—11). پېترۇس ئەيساغا ئەگىشىشنى تاللاپ، دانا قارار چىقارغانىدى. مۇقەددەس كىتابتا، ئەيسا ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن، پېترۇسنىڭ بەزىدە ئايالى بىلەن بىرلىكتە سەپەر قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. شۇنىڭدىن خۇلاسە قىلالايمىزكى، پېترۇسنىڭ ئايالى ئۇنىڭ قارارىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن (1-كورىنت. 9:5). شەك-شۈبھىسىزكى، پېترۇسنىڭ ئايالى ياخشى بىر ئېتىقادچى بولغان. سەۋەبى، پېترۇس ئەر-ئايال ئېتىقادچىلار ئۈچۈن ئەركىن-ئازادە مەسلىھەتلەرنى بەرگەن (1-پېتر. 3:1—7). دېمەك، ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇكى، پېترۇس ۋە ئايالى پادىشاھلىق خىزمىتىنى ھاياتىدا بىرىنچى ئورۇنغا قويسا، ئۇلارنىڭ مۇھتاجلىقلىرىنى تەمىنلەپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى يەھۋانىڭ ۋەدىلىرىگە ئىشەنگەن.—مەتتا 6:25، 31—34-نى ئوقۇڭ.
15. تىياگو ۋە ئەستېرنىڭ مىسالىدىن نېمىلەرنى ئۆگەندۇق؟
15 ئەگەر توي قىلغىنىڭلارغا بىرنەچچە يىل بولغان بولسا، داۋاملىق كۆپرەك ۋەز قىلىش قىزغىنلىقىنى قانداق ئاشۇرالايسىلەر؟ شۇنداق قىلىشنىڭ بىر يولى — باشقىلاردىن ئۈلگە ئېلىش. مەسىلەن، «ئۇلار تەييارلىق روھىنى كۆرسەتكەن» دېگەن بىر قاتار ماقالىلەرنى ئوقۇڭلار. شۇ ماقالىلەر، برازىلىيىدە ياشىغان تىياگو ۋە ئەستېر ئىسىملىك قېرىنداشلارنىڭ ۋەز ئېيتقۇچىلارغا ئېھتىياجلىق يەرلەرگە بېرىپ، خىزمەت قىلىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن. تىياگو چۈشەندۈرۈپ، مۇنداق دەيدۇ: «يەھۋانىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى خىزمەتچىلىرىگە ئەمەلىي ياردەم بەرگەنلىكىنى ئوقۇغاندا، بىزمۇ يەھۋانىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ۋە ئۇنىڭ بىزگە قانداق كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئۆز بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈشنى بەكمۇ خالىدۇق». ئۇلار پاراگۋايغا كۆچۈپ، 2014-يىلدىن باشلاپ، پورتۇگال تىلىدىكى جامائەتتە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. ئەستېر شۇنداق دەيدۇ: «ھەر ئىككىلىمىز ئەفەسلىكلەر 3:20-ئايەتتىكى سۆزلەرنى ياخشى كۆرۈمىز. يەھۋاغا خىزمەت قىلغىنىمىزدا، مۇشۇ سۆزلەرنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى ئۆز كۆزۈمىز بىلەن نۇرغۇن قېتىم كۆردۇق». ئەلچى پاۋلۇس ئەفەسلىكلەرگە يازغان خېتىدە، يەھۋادىن ياردەم سورىساق، بىز ئېھتىياجلىق بولغاندىنمۇ كۆپرەك نەرسىلەرنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ،— دەپ ۋەدە بەرگەن. بۇ ۋەدە نۇرغۇن قېتىم ئورۇنلاندى.
16. ياش بىر جۈپلەر روھىي مەقسەتلەر ھەققىدە ئويلانغاندا، كىملەردىن مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ؟
16 بۈگۈنكى كۈندە، يېڭىدىن توي قىلغان ياشلار، ئۇزۇن يىللار يەھۋاغا تايىنىشنى ئۆگەنگەن باشقا قېرىنداشلارنىڭ تەجرىبىلىرىدىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيدۇ. بەزى بىر جۈپلەر نەچچە ئون يىل تولۇق ۋاقىت خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەگەر سىلەر روھىي مەقسەتلىرىڭلار ھەققىدە ئويلاۋاتقان بولساڭلار، ئۇلاردىن مەسلىھەت سوراپ بېقىڭلار. بۇ — يەھۋاغا تايانغانلىقىڭلارنى كۆرسىتىشنىڭ يەنە بىر يولى (پەند نە. 22:17، 19). ياش بىر جۈپلەرنىڭ روھىي مەقسەتلەرنى قويۇپ، ئۇلارغا يېتىشىگە جامائەتتە ئاقساقاللار ياردەم بېرەلەيدۇ.
17. كلائۇس ۋە مارىسا نېمىلەرنى باشتىن ئۆتكۈزگەن ۋە ئۇلارنىڭ تەجرىبىلىرىدىن بىز نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟
17 بىراق، بىز بەزىدە يەھۋاغا كۆپرەك خىزمەت قىلىش ئۈچۈن، مەلۇم بىر قارارنى چىقارساقمۇ، ئەمما ئىشلار بىز كۈتكەندەك بولماسلىقى مۇمكىن. دەسلەپتە تىلغا ئالغان كلائۇس بىلەن مارىسانىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇلار توي قىلىپ، ئۈچ يىلدىن كېيىن، ئۆيىدىن ئايرىلىپ فىنلاندىيىدىكى بەيتەل قۇرۇلۇشىغا پىدائىي ياردەم بېرىشكە بارغان. بىراق، ئۇلار ئالتە ئايدىن ئارتۇق تۇرالمايدىغانلىقىنى بىلگەن. ئۇلار دەسلەپتە ئۈمىدسىزلەنگەن. بىراق، ئىشلاردا ئۆزگۈرۈش بولغان. ئۇلار ئەرەب تىلى ئۆگىنىش كۇرسىغا تەكلىپ قىلىنغان ۋە ھازىر باشقا بىر دۆلەتتە ئەرەب تىلىدا سۆزلەيدىغانلارغا خۇشاللىق بىلەن ۋەز قىلىۋاتىدۇ. شۇ يۈز بەرگەن ئىشلار ھەققىدە، مارىسا شۇنداق دەيدۇ: «يەھۋاغا پۈتۈنلەي تايىنىپ، ھېچقاچان كۆرۈپ باقمىغان ئىشلارنى قىلىش قورقۇنچلۇق تۇيۇلغان ئىدى. بىراق، يەھۋانىڭ ھەردائىم بىز كۈتمىگەن يوللار بىلەن بىزگە ياردەم بەرگەنلىكىنى كۆردۈم. كېيىن شۇ يۈز بەرگەن ئىشلار يەھۋاغا بولغان ئىشەنچىمنى تېخىمۇ كۈچەيتتى». خۇددى بۇ مىسالدا كۆرسىتىلگەندەك، ئەگەر سىلەر يەھۋاغا پۈتۈنلەي تايانساڭلار، ئۇ ھەردائىم سىلەرنى بەرىكەتلەيدۇ.
18. تۇرمۇش قۇرغانلار داۋاملىق يەھۋاغا تايىنىش ئۈچۈن نېمە قىلالايدۇ؟
18 نىكاھلىق تۇرمۇش — يەھۋادىن كەلگەن سوۋغات (مەتتا 19:5، 6). ئۇ توي قىلغانلارنىڭ مۇشۇ سوۋغاتتىن خۇشاللىق تېپىشىنى خالايدۇ (پەند نە. 5:18). توي قىلغان ياشلار، سىلەر ھاياتىڭلارنى نېمىگە بېغىشلاش توغرىسىدا ئويلىنىپ باقتىڭلارمۇ؟ شۇ سوۋغاتقا بولغان مىننەتدارلىقىڭلارنى يەھۋاغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن، قولۇڭلاردىن كەلگەننىڭ ھەممىسىنى قىلىۋاتامسىلەر؟ بۇنىڭ ئۈچۈن يەھۋاغا دۇئا قىلىپ، ئۇنىڭغا ئۆز ئوي-پىكىرىڭلارنى ئېيتىپ بېرىڭلار. ئۆزۈڭلارنىڭ ۋەزىيىتىگە ماس كېلىدىغان قائىدە-پرىنسىپلارنى ياراتقۇچىنىڭ سۆزىدىن ئىزدەڭلار. يەھۋا بەرگەن مەسلىھەتكە قۇلاق سېلىڭلار. ئەگەر يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى ھاياتىڭلاردا بىرىنچى ئورۇنغا قويساڭلار، يەھۋا سىلەرنى بەرىكەتلەيدۇ ۋە شاد-خۇرام تۇرمۇش كەچۈرىسىلەر.
2-ناخشا تەشەككۈر، يەھۋا!
a ھاياتىمىزدا بەزى قارارلار يەھۋاغا خىزمەت قىلىدىغان ۋاقتىمىز ۋە كۈچىمىزگە تەسىر قىلىدۇ. ئادەتتە يېڭىدىن توي قىلغانلار پۈتۈن ھاياتىغا تەسىر قىلىدىغان قارارلارنى چىقىرىدۇ. بۇ ماقالە يېڭىدىن توي قىلغانلارنىڭ شاد-خۇرام، مەنىلىك تۇرمۇشقا يېتەكلەيدىغان دانا قارارلارنى چىقىرىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
b بەزى ئىسىملار ئۆزگەرتىلگەن.