47-تەتقىق ماقالىسى
ئىمان-ئېتىقادىڭىزنى قانداق كۈچەيتەلەيسىز؟
«كۆڭلۈڭلار بىئارام بولمىسۇن. خۇداغا ئىشىنىڭلار».—يۇھاننا 14:1.
54-ناخشا ئىماندا چىڭ تۇرايلى!
بۇ ماقالىدە a
1. ئۆزۈمىزدىن قانداق سوئال سوراپ كۆرسەك بولىدۇ؟
سىز كېلەچەكتە يۈز بېرىدىغان ئىشلار، يەنى يالغان دىننىڭ يوق قىلىنىشى، گوگ ۋە ماگوگنىڭ ھۇجۇمى ۋە ئارماگېدون ئۇرۇشى ھەققىدە ئويلانغىنىڭىزدا، غەم-ئەندىشىگە چۈشەمسىز؟ سىز ئۆز-ئۆزىڭىزدىن: «شۇ ئىشلار يۈز بەرگەندە، مەن ساداقەتمەنلىكىمنى ساقلاپ قالالايمەنمۇ؟»— دەپ سوراپ باققانمۇ؟ ئەگەر شۇنداق ئوي-پىكىردە بولغان بولسىڭىز، بۇ ماقالىنىڭ ئاساسىي ئايىتىدىكى ئەيسانىڭ سۆزلىرى ياردەم بېرىدۇ. ئۇ شاگىرتلىرىغا: «كۆڭلۈڭلار بىئارام بولمىسۇن. خۇداغا ئىشىنىڭلار»،— دېگەن (يۇھاننا 14:1). كۈچلۈك ئىمان-ئېتىقادىمىز بولسا، كەلگۈسىدە مەيلى قانداق ئىشلار يۈز بەرسۇن، ساداقەتمەنلىكىمىزنى ساقلاپ قالالايمىز.
2. ئىمان-ئېتىقادىمىزنى قانداق كۈچلەندۈرەلەيمىز؟ بۇ ماقالىدە نېمىلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
2 كەلگۈسىدە دۇچ كېلىدىغان سىناقلاردا ساداقەتمەنلىكىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ھازىر ئىمان-ئېتىقادىمىزنى قانداق كۈچەيتەلەيمىز؟ ھازىر دۇچ كەلگەن سىناقلارغا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇش ھەققىدە ئويلانغىنىمىزدا، قايسى جەھەتتىن ئىمان-ئېتىقادىمىزنى كۈچەيتىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلەلەيمىز. ھەر بىر سىناققا بەرداشلىق بەرگەنسېرى، ئىمان-ئېتىقادىمىز بارغانسېرى كۈچىيىدۇ. شۇنداق قىلساق، كېلەچەكتىكى سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيمىز. بۇ ماقالىدە، تۆۋەندىكىلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز. ئاۋۋال، ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى قايسى تۆت ۋەزىيەتتە ئىمان-ئېتىقادىنى كۈچەيتىشى كېرەك بولغان؟ كېيىن، بۈگۈنكى كۈندە بىز ئوخشاپ كېتىدىغان قانداق سىناقلارغا دۇچ كېلىمىز ۋە ئۇلار بىزنى كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئىشلارغا قانداق تەييارلايدۇ؟
خۇدانىڭ ماددىي ئېھتىياجلىرىمىزنى قامدايدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ
3. مەتتا 6:30، 33-ئايەتلەردىكى ئەيسانىڭ سۆزلىرى ئىشەنچ ھەققىدە نېمىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ؟
3 ئادەتتە، ئائىلىدە ئەر كىشى ئايالى ۋە بالا-چاقلىرى ئۈچۈن يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، تۇرغان جاينى تەمىنلەپ بېرىشى كېرەك. ھازىرقى قىيىن كۈنلەردە بۇنى قىلىش ئاسانغا چۈشمەيدۇ. بەزى ۋەزىيەتلەردە قېرىنداشلار ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، ھەرقانچە تىرىشسىمۇ، يېڭى ئىش ئورنى تاپالماي قالىدۇ. يەنە بەزىلەر ئۈچۈن خۇدانىڭ ئۆلچەملىرىگە ماس كەلمەيدىغان ئىش ئورنىنى رەت قىلىشقا توغرا كېلىشى مۇمكىن. شۇنىڭدەك بارلىق ۋەزىيەتلەردە يەھۋانىڭ ئائىلىمىزنىڭ ئېھتىياجلىرىنى تەمىنلەپ بېرىدىغانلىقىغا تولۇق ئىشىنىشىمىز كېرەك. ئەيسا تاغدا تەلىم بەرگەندە، شاگىرتلىرىغا بۇنى ئېنىق ئېچىپ بەرگەن (مەتتا 6:30، 33-نى ئوقۇڭ). بىز يەھۋانىڭ بىزنى تاشلىمايدىغانلىقىغا پۈتۈنلەي ئىشەنگەندە، پۈتۈن زېھىنىمىزنى خۇدا پادىشاھلىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشقا قارىتالايمىز. يەھۋا ماددىي ئېھتىياجلىرىمىزغا قانداق ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمىزدە، ئۇنىڭغا تېخىمۇ يېقىنلىشىپ، ئىشەنچىمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.
4، 5. بىر ئائىلىنىڭ ماددىي ئېھتىياجلىرى ھەققىدىكى غەم-ئەندىشىلەرنى يېڭىشىگە نېمە ياردەم بەرگەن؟
4 ئائىلىسىنىڭ ماددىي ئېھتىياجلىرى ھەققىدە غەم-ئەندىشە قىلغان ۋېنېسۇئىلادىكى بىر ئائىلىگە يەھۋانىڭ قانداق ياردەم بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى. ئىلگىرى ئۇلار ئۆز ئېتىزلىقىدا ئىشلەپ، ئېھتىياجلىرىنى قامدىغىدەك يېتەرلىك پۇل تاپاتتى. كېيىن، بىر توپ قوراللىق كىشىلەر ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنى تارتىۋالغان. ئۇلار يەرلىرىنى تاشلاپ، كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. ئائىلە بېشى مىگېل مۇنداق دەيدۇ: «بىز ھازىر ئىجارىگە ئالغان بىر كىچىك يەرنى تېرىپ، جان باقىمىز. مەن ھەر كۈنى ئەتىگەندە، بۇ كۈن ئۈچۈن ئېھتىياجلىرىمىزنى تەمىنلەپ بېرىشنى يەھۋادىن ئۆتۈنۈپ دۇئا قىلىمەن». بۇ ئائىلىنىڭ تۇرمۇشى قىيىن، بىراق ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ماددىي ئېھتىياجلىرىنى ئاسماندىكى مېھىر-شەپقەتلىك ئاتىسىنىڭ تەمىنلەپ بېرىدىغانلىقىغا تولۇق ئىشىنىپ، جامائەت يىغىلىشلىرىغا ۋە ۋەز خىزمىتىگە داۋاملىق قاتنىشىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار ھاياتىدا خۇدا پادىشاھلىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇۋاتىدۇ ۋە خۇدا ئۇلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى تەمىنلەپ بېرىۋاتىدۇ.
5 ئاشۇ ئېغىر كۈنلەردە مىگېل ۋە ئايالى يۇراي پۈتۈن دىققىتىنى، يەھۋانىڭ ئۇلارغا قانداق غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىغا قاراتقان. يەھۋا ئېتىقادچى قېرىنداشلارنى ئىشلىتىپ، ئۇلارنىڭ ماددىي ئېھتىياجلىرىنى تەمىنلەپ بەرگەن ۋە مىگېلنىڭ بىر ئىش ئورنىنى تېپىشىغا ياردەم بەرگەن. باشقا ۋاقىتلاردا يەھۋا ئۆز تەشكىلاتى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ زۆرۈر ئېھتىياجلىرىنى تەمىنلەپ بەرگەن. نەتىجىدە، بۇ ئائىلىدىكى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى كۆرۈپ يەتكەن. ئۇلارنىڭ چوڭ قىزى يوسېلىن، ئۆزلىرىنىڭ باشتىن كەچۈرگەنلىرى ھەققىدە شۇنداق دېگەن: «يەھۋانىڭ بىزگە قانداق ياردەم بەرگەنلىكىنى كۆرۈش بىزگە تەسەللى بېرىدۇ. ئۇ مېنىڭ دوستىم، مەن ئۇنىڭ ھەردائىم ماڭا ياردەم بېرىدىغانلىقىغا تولۇق ئىشىنىمەن. بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى باشتىن ئۆتكۈزگەن قىيىنچىلىقلار بىزنى كەلگۈسىدە بولىدىغان تېخىمۇ ئېغىر سىناقلارغا تەييارلىدى».
6. ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە، ئىشەنچىڭىزنى قانداق كۈچەيتەلەيسىز؟
6 سىز بەلكىم قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانسىز، ئەگەر شۇنداق بولسا، غەم-ئەندىشە قىلماي ياشاش قىيىن. بىراق شۇنداق قىيىن ۋەزىيەتلەردە ئىمان-ئېتىقادىڭىزنى كۈچەيتەلەيسىز. يەھۋا خۇداغا دۇئا قىلىپ، ئەيسانىڭ مەتتا 6:25—34-ئايەتلەردىكى سۆزلىرىنى ئوقۇڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلىڭ. بۈگۈنكى كۈنلەردە خۇداغا خىزمەت قىلىش بىلەن بەنت بولۇۋاتقان قېرىنداشلار ھەققىدە ئويلاپ بېقىڭ. يەھۋا ئۇلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قانداق تەمىنلەپ بەرگەنلىكى ھەققىدىكى تەجرىبە-ساۋاقلارنى ئوقۇپ چىقىڭ (1-كورىنت. 15:58). شۇنداق قىلىش ئىشەنچىڭىزنى كۈچەيتىدۇ. ئاسماندىكى ئاتىڭىز، سىزنىڭكىگە ئوخشاش ۋەزىيەتتىكى كىشىلەرگە قانداق ياردەم بەرگەن بولسا، سىزگىمۇ شۇنداق ياردەم بېرىدۇ. ئۇ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىدۇ. شۇلارنى قانداق تەمىنلەپ بېرىشنىمۇ بىلىدۇ. ھاياتىڭىزدا يەھۋانىڭ ياردەم قولىنى كۆرگەنسېرى، ئىشەنچىڭىزمۇ بارغانسېرى كۈچىيىدۇ ۋە كېلەچەكتىكى تېخىمۇ ئېغىر سىناقلاردا ساداقەتمەنلىكىڭىزنى ساقلاپ قالالايسىز.—ھاباق. 3:17، 18.
ئىشەنچ تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ
7. مەتتا 8:23—26-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، كۈچلۈك بوران-چاپقۇن شاگىرتلارنىڭ ئىمانىنى قانداق سىنىغان؟
7 ئەيسا يۈز بەرگەن ۋەقەدىن پايدىلىنىپ، شاگىرتلىرىنىڭ ئۆز ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى كۆرۈپ يېتىشىگە ياردەم بەرگەن (مەتتا 8:23—26-نى ئوقۇڭ). بوران-چاپقۇن كۈچىيىپ، دولقۇنلار كېمىنى سۇغا توشقۇزغاندا، ئەيسا تىنچ-خاتىرجەم ئۇخلاۋاتاتتى. قورقۇپ كەتكەن شاگىرتلار ئۇنى ئويغىتىپ، ئۇنىڭدىن ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇشنى سورىغاندا، ئەيسا مۇلايىملىق بىلەن، ئۇلارغا نەسىھەت بېرىپ شۇنداق دېگەن: «نېمانچە قورقىسىلەر، ئىشەنچىڭلار نېمە دېگەن ئاجىز؟!». قورقۇپ كەتكەن شاگىرتلار ئەيسا ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنى يەھۋانىڭ قوغداشقا قادىر ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتەلىشى كېرەك ئىدى. بۇنىڭدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ كۈچلۈك ئىمان-ئېتىقاد قاتتىق بوران-چاپقۇنغا ياكى شۇنداق بوران-چاپقۇنغا ئوخشاش كۆرۈنگەن تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىشىمىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ.
8، 9. ئانېلنىڭ ئىشەنچى قانداق سىنالدى ۋە ئۇنىڭغا نېمە ياردەم بەردى؟
8 پورتېرىكودا ياشايدىغان تېخى توي قىلمىغان ئانېل ئىسىملىك بىر قېرىنداشنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇ ئېغىر سىناققا بەرداشلىق بېرىپ، ئىمان-ئېتىقادى كۈچەيگەن. ئۇ ئۇدۇل مەنىدىكى قاتتىق يامغۇرلۇق قارا-بورانغا دۇچ كەلگەن. 2017-يىلى مارىيا دەپ ئاتالغان ئاشۇ بوران-چاپقۇن ئۇنىڭ ئۆيىنى ۋەيران قىلىپ، كېيىن ئۇ ئىش ئورنىدىنمۇ ئايرىلىپ قالغان. بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېغىر بىر سىناق بولغان. ئانېل شۇنداق دەيدۇ: «شۇ قىيىن كۈنلەردە، مەن غەم-ئەندىشە قىلىشقا باشلىدىم. بىراق، دۇئا ئارقىلىق يەھۋاغا تايىنىشنى ئۆگەندىم ۋە غەم-ئەندىشىلەرنىڭ مېنى پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇشىغا يول بەرمىدىم».
9 ئانېل يەنە ئۆزىنىڭ بۇ سىناققا بەرداشلىق بېرىشىگە ئىتائەتچانلىق ياردەم بەرگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دەيدۇ: «تەشكىلاتنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەگىشىش كۆڭۈل خاتىرجەملىكىنى ساقلاشقا ياردەم بەردى. مەن يەھۋانىڭ ئېتىقادچى قېرىنداشلارنى ئىشلىتىپ، روھىي ۋە ماددىي جەھەتتىن ياردەم قولىنى سۇنغانلىقىنى كۆردۈم. يەھۋا ھەتتا مەن سورىغاندىنمۇ كۆپرەك ماڭا ياردەم بەردى. نەتىجىدە، ئىمان-ئېتىقادىم تېخىمۇ كۈچەيدى».
10. ھاياتىڭىزدا قاتتىق بوران-چاپقۇنغا دۇچ كەلگەندە، نېمە قىلالايسىز؟
10 ھاياتىڭىزدا قاتتىق بوران-چاپقۇنغا دۇچ كېلىۋاتامسىز؟ مەسىلەن، بىر تەبىئىي ئاپەت سەۋەبلىك، قىيىنچىلىق ئىچىدە كۈن كەچۈرۈۋاتامسىز؟ ئېغىر كېسەل بولۇپ، كۆچمە مەنىدىكى شۇ بوران-چاپقۇندا روھىڭىز چۈشۈپ، نېمە قىلىشنى بىلمەيۋاتامسىز؟ بەلكىم، بەزىدە غەم-قايغۇغا پېتىپ قالىدىغانسىز؟ بىراق، غەم-قايغۇلىرىڭىزنىڭ يەھۋاغا تايىنىشىڭىزغا توسقۇنلۇق قىلىشىغا يول بەرمەڭ. سەمىمىي دۇئا ئارقىلىق ئۇنىڭغا يېقىنلىشىڭ. ئۆتمۈشتە يەھۋانىڭ سىزگە بەرگەن ياردەملىرى ھەققىدە، پات-پات چوڭقۇر ئويلىنىش ئارقىلىق ئىشەنچىڭىزنى كۈچەيتىڭ (زەبۇر 77:11، 12). شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىڭكى، يەھۋا سىزنى ھازىرمۇ، كېلەچەكتىمۇ ھەرگىز تاشلىمايدۇ.
11. نېمە ئۈچۈن يېتەكچىلىكنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانلارنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئىتائەتچانلىق بىلەن ئەگىشىشىمىز كېرەك؟
11 سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىشىمىزگە يەنە نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟ ئانېل تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندەك، ئىتائەتچانلىق ياردەم بېرەلەيدۇ. يەھۋا خۇدا ۋە ئەيسا مەسىھ ئىشەنگەن كىشىلەرگە ئىشىنىشنى ئۆگىنىڭ. بەزىدە يېتەكچىلىكنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانلارنىڭ بەرگەن كۆرسەتمىلىرى بىزگە غەلىتە تۇيۇلۇشى مۇمكىن. بىراق، يەھۋا ئىتائەتچانلىقنى بەرىكەتلەيدۇ. بىز مۇقەددەس كىتاب ۋە خۇدانىڭ ساداقەتمەن خىزمەتچىلىرىنىڭ مىسالىدىن ئىتائەتچانلىقنىڭ ھاياتنى قۇتقۇزۇپ قالالايدىغانلىقىنى بىلىمىز (چىق. 14:1—4؛ 2-تارىخ. 20:17).شۇنداق مىساللار ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىڭ. شۇنداق قىلىش ھازىر ۋە كېلەچەكتە يەھۋانىڭ تەشكىلاتى بەرگەن كۆرسەتمىلەرگە ئەگىشىش ئىستىكىمىزنى كۈچەيتىدۇ (ئىبرانىي. 13:17). شۇندىلا، پات-ئارىدا خۇددى قاتتىق بوران-چاپقۇنغا ئوخشاش كېلىدىغان چوڭ بالايىئاپەتتىن قورقمايسىز.—پەند نە. 3:25.
ئىشەنچ ئادالەتسىزلىككە بەرداشلىق بېرىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ
12. ئادالەتسىزلىككە دۇچ كەلگەندە، لۇقا 18:1—8-ئايەتلەردىكى سۆزلەر بىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
12 ئەيسا شاگىرتلىرىنىڭ ئادالەتسىزلىككە ئۇچراپ، ئىمان-ئېتىقادىنىڭ سىنىلىدىغانلىقىنى بىلگەن. ئۇ بىر تەمسىل ئېيتىپ شاگىرتلىرىغا ياردەم بەرگەن. ئۇ ئادالەتسىز قازىدىن ئادالەتنى ياقلاشنى تەلەپ قىلىپ، يالۋۇرغان بىر تۇل ئايالنىڭ ھېكايىسىنى ئېيتىپ بەرگەن. تۇل ئايال توختىماي يالۋۇرۇپ سورىسا، قازىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىگە ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. ئاخىرى قازى ئايالنىڭ يالۋۇرۇشلىرىغا قۇلاق سالغان. ئەيسا مەسىھ ياراتقۇچى يەھۋانىڭ بۇ ئادالەتسىز قازىغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، مۇنۇ سۆزلەرنى دېگەن: «ئۇنىڭدىن [خۇدادىن] كېچە-كۈندۈز يالۋۇرۇپ تىلەۋاتقان تاللىغانلىرى ئۈچۈن ئادالەتنى ئورناتماسمۇ؟» (لۇقا 18:1—8-نى ئوقۇڭ) كېيىنرەك، يەنە شۇنداق دېگەن: «ئىنسان ئوغلى كەلگەندە، يەر يۈزىدىن بۇنداق بىر ئىشەنچنى تاپالارمۇ؟» بىز ئادالەتسىزلىككە ئۇچراپ، ئازاب-ئوقۇبەت چەككەندە، سەۋرچانلىق كۆرسىتىپ، داۋاملىق دۇئا قىلىش ئارقىلىق، شۇ تۇل ئايالدەك كۈچلۈك ئىشەنچىمىزنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىشىمىز كېرەك. شۇنداق ئىمان-ئېتىقادىمىز بولسا، يەھۋانىڭ بىزگە ئۆز ۋاقتىدا ياردەم قولىنى سۇنىدىغانلىقىدىن گۇمانلانمايمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، دۇئانىڭ كۈچىگە ئىشىنىشىمىز كېرەك. بەزى چاغلاردا، دۇئالىرىمىزغا بىز كۈتمىگەن يوللار بىلەن جاۋابقا ئېرىشىشىمىز مۇمكىن.
13. بىر ئائىلە ئادالەتسىزلىككە دۇچ كەلگەندە، دۇئا ئۇلارغا قانداق ياردەم بەرگەن؟
13 كونگو دۆلىتىدە ياشايدىغان ۋېرو ئىسىملىك قېرىنداشنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. ۋېرو، يەھۋا گۇۋاھچىسى ئەمەس يولدىشى ۋە 15 ياشلىق قىزى بىر توپ ئەسكەرلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا، ئۆز يېزىسىنى تاشلاپ قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. ئۇلار قېچىپ كېتىۋاتقاندا، يول ئۈستىدە ئەسكەرلەر قۇرغان توساققا دۇچ كەلگەن. ئەسكەرلەر ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىمىز دەپ قورقۇتقان. ۋېرو يىغلاشقا باشلىغاندا، ئۇنىڭ قىزى يەھۋانىڭ ئىسىمىنى تەكرار-تەكرار تىلغا ئېلىپ، ئۈنلۈك دۇئا قىلىپ، ئانىسىنى يىغلاشتىن توختىتىشقا ئۇرۇنغان. قىزنىڭ دۇئاسى ئاخىرلاشقاندا، ئەسكەرلەرنىڭ باشلىقى: «قىزچاق، كىم ساڭا دۇئا قىلىشنى ئۆگەتتى؟»— دەپ سورىغان. ئۇ: «ئاپام ئۆگەتكەن. بۇ مەتتا 6:9—13-ئايەتلەردىكى ئۈلگىلىك دۇئانىڭ بىر قىسمى»،— دەپ جاۋاب بەرگەن. ئەسكەر باشلىقى شۇنداق دېگەن: «قىزچاق، ئاتا-ئاناڭ بىلەن تىنچ-ئامان كەت، خۇدايىڭلار يەھۋا سىلەرنى قوغدىسۇن».
14. ئىمان-ئېتىقادىمىز قانداق سىنىلىشى مۇمكىن ۋە بەرداشلىق بېرىشىمىزگە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
14 شۇنىڭدەك مىساللار بىزگە دۇئانىڭ كۈچىنى ھەرگىزمۇ تۆۋەن چاغلىماسلىقىمىز كېرەكلىكىنى ئۆگىتىدۇ. بىراق، دۇئالىرىڭىزغا دەرھال ياكى ئالاھىدە يول بىلەن جاۋاب ئالالمىسىڭىزچۇ؟ خۇددى ئەيسانىڭ تەمسىلىدىكى تۇل ئايالدەك، دۇئا قىلىشنى توختاتماڭ. خۇدايىمىزنىڭ بىزنى تاشلىمايدىغانلىقىغا ۋە ئۆز ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، دۇئالىرىمىزغا قۇلاق سالىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىڭ. مۇقەددەس روھىنى سوراپ، يەھۋاغا داۋاملىق يالۋۇرۇڭ (فىلىپى. 4:13). شۇنى ئەستە ساقلاڭكى، پات-ئارىدا يەھۋا سىزنى مول بەرىكەتلەيدۇ. ئىلگىرىكى بارلىق ئازاب-ئوقۇبەتلىرىڭىزنى ئۇنتۇپ كېتىسىز. يەھۋانىڭ ياردىمى بىلەن سىناقلارغا ساداقەتمەنلىك بىلەن بەرداشلىق بەرسىڭىز، ئىمان-ئېتىقادىڭىز كۈچىيىپ، كېلەچەكتىكى سىناقلارغىمۇ بەرداشلىق بېرەلەيسىز.—1-پېتر. 1:6، 7.
ئىشەنچ قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ
15. مەتتا 17:19، 20-ئايەتلەردە يېزىلغاندەك، ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن؟
15 ئەيسا ئۆز شاگىرتلىرىغا، ئىشەنچ ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئۆگەتكەن (مەتتا 17:19، 20-نى ئوقۇڭ). شاگىرتلار ئىلگىرى جىنلارنى قوغلاپ چىقىرالىغانىدى. ئەمما، بىر ۋەزىيەتتە ئۇلار شۇنداق قىلالمىغان. نېمە ئۈچۈن؟ ئەيسا چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ كۈچلۈك ئىشەنچكە ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. ئۇ شاگىرتلىرىغا يېتەرلىك ئىشەنچى بولسا، ھەتتا تاغدەك قىيىنچىلىقلار بولسىمۇ، ئۇلارغا تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۈگۈنكى كۈندە بىزمۇ خۇددى تاغلاردەك چوڭ كۆرۈنگەن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن.
16. يولدىشى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ھېيدىنىڭ ئىمان-ئېتىقادى ئۇنىڭغا قانداق ياردەم بەرگەن؟
16 گۋاتېمالادا ياشايدىغان ھېيدى ئىسىملىك قېرىندىشىمىزنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. ھېيدى يولدىشى ئىدى بىلەن جامائەت يىغىلىشىدىن ئۆيىگە قايتىپ كېتىۋاتقاندا، ئىدى ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. ئاشۇ قايغۇ-ئالەمگە بەرداشلىق بېرىشكە ھېيدىنىڭ ئىمان-ئېتىقادى قانداق ياردەم بەرگەن؟ ئۇ شۇنداق دەيدۇ: «دۇئا بارلىق يۈكۈمنى يەھۋاغا تاشلاشقا ياردەم بېرىدۇ. شۇندا ئۆزۈمنى تىنچ-خاتىرجەم ھېس قىلىمەن. يەھۋانىڭ ئائىلەمدىكىلەر ۋە جامائەتتىكى دوستلىرىم ئارقىلىق، ماڭا غەمخورلۇق قىلغانلىقىنى كۆردۈم. يەھۋاغا خىزمەت قىلىش بىلەن بەنت بولۇش ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمنى يېنىكلىتىپ، ھەر بىر كۈنۈمنى تىنچ-خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشۈمگە ياردەم بېرىدۇ. ئەتىسى ئۈچۈن ئارتۇق غەم-تەشۋىش قىلمايمەن. شۇنچە كۆپ ئىشلارنى باشتىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن مەن كېلەچەكتە قانداق سىناققا دۇچ كېلىشتىن قەتئىينەزەر، ياراتقۇچى يەھۋا، ئەيسا مەسىھ ۋە تەشكىلاتنىڭ ياردىمى بىلەن، شۇ سىناققا بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىمنى چۈشەندىم».
17. تاغدەك كۆرۈنگەن قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە، نېمە قىلالايمىز؟
17 يېقىن كىشىڭىزنىڭ ئۆلۈمى سىزنى قايغۇ-ئەلەمگە سېلىۋاتامدۇ؟ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلگەنلەر ھەققىدىكى بايانلارنى ئوقۇش ئارقىلىق، تىرىلىش ئۈمىدىگە بولغان ئىمان-ئېتىقادىڭىزنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىڭ. ئائىلىڭىزدىكى بىرى جامائەتتىن چىقىرىلغاچ، ئازاب-ئوقۇبەت چېكىۋاتامسىز؟ خۇدانىڭ ئەدەپلەپ-تۈزىتىش يولى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىگە ئۆزىڭىزنى قايىل قىلىش ئۈچۈن تەتقىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ. مەيلى قانداق قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمەڭ، ئۇنى ئىمان-ئېتىقادىڭىزنى كۈچەيتىشنىڭ بىر پۇرسىتى دەپ بىلىڭ. ئىچ-باغرىڭىزنى دۇئا ئارقىلىق، يەھۋاغا تۆكۈپ بېرىڭ. ئۆزىڭىزنى باشقىلاردىن قاچۇرماي، قېرىنداشلىرىڭىز بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتنى ساقلاڭ (پەند نە. 18:1). سىزنىڭ بەرداشلىق بېرىشىڭىزگە ياردەم بېرىدىغان ئىشلارنى قىلىڭ. ھەتتا شۇ ئىشلار ئىلگىرى يۈز بەرگەن ئىش-ۋەقەلەرنى ئېسىڭىزگە سېلىپ قويسىمۇ، ئۇلارنى قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ (زەبۇر 126:5، 6). ياخشى ئادەتلىرىڭىزنى تاشلىماڭ، مەسىلەن، جامائەت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىڭ، ۋەز قىلىڭ ۋە مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇڭ. دىققىتىڭىزنى يەھۋانىڭ كېلەچەكتە سىزنى ئېرىشتۈرىدىغان مول بەرىكەتلىرىگە قارىتىڭ. يەھۋانىڭ قانداق ياردەم بېرىدىغانلىقىنى كۆرگىنىڭىزدە، ئۇنىڭغا بولغان ئىمان-ئېتىقادىڭىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.
ئىمان-ئېتىقادىمىزنى كۈچەيتكىن
18. ئەگەر ئىشەنچىڭىزنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىنى بايقىسىڭىز نېمە قىلالايسىز؟
18 ئەگەر ئىلگىرى ياكى ھازىر سىناقلاردا ئىمان-ئېتىقادىڭىزنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىنى بايقىسىڭىز، ئۈمىدسىزلىنىپ كەتمەڭ. بۇنى ئىشەنچىڭىزنى كۈچەيتىشنىڭ بىر پۇرسىتى دەپ بىلىڭ. ئەيسانىڭ ئەلچىلىرى: «ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتكەيسىز»،— دېگەن. سىزمۇ شۇلاردەك ئىلتىجا قىلىڭ (لۇقا 17:5). مۇشۇ ماقالىدە تىلغا ئالغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مىساللىرى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىڭ. خۇددى مىگېل ۋە يۇرايغا ئوخشاش، يەھۋانىڭ ھەردائىم ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئەستىن چىقارماڭ. بولۇپمۇ ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە، ۋېرونىڭ قىزى ۋە ئانېلغا ئوخشاش، يەھۋاغا دۇئا قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ. ھېيدىغا ئوخشاش، يەھۋانىڭ ئائىلە ئەزالىرى ۋە دوستلار ئارقىلىق كېرەكلىك ياردەمنى تەمىنلەپ بېرىدىغانلىقىنى ئۇنتۇماڭ. بۈگۈنكى كۈندە دۇچ كەلگەن سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىشتە يەھۋانىڭ ياردىمىگە تايانسىڭىز، كېلەچەكتە دۇچ كېلىدىغان ھەرقانداق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىشىڭىزگە يەھۋانىڭ ياردەم قىلىدىغانلىقىغا بولغان ئىمان-ئېتىقادىڭىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.
19. ئەيسا نېمىگە ئىشەنگەن ۋە سىز نېمىگە قەتئىي ئىشەنچ قىلالايسىز؟
19 ئەيسا ئۆز شاگىرتلىرىنىڭ ئىمان-ئېتىقادىنى قايسى جەھەتتە ئاجىز ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. بىراق، ئۇ يەھۋانىڭ ياردىمى بىلەن شۇ شاگىرتلىرىنىڭ كېلەچەكتىكى ھەرقانداق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىدىن گۇمان قىلمىغان (يۇھاننا 14:1؛ 16:33). ئۇ يەنە زور بىر توپ خالايىق كۈچلۈك ئىمان-ئېتىقادى سەۋەبلىك، يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقان دەھشەتلىك بالايىئاپەتتىن ئامان-ئېسەن ئۆتەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنگەن (ۋەھىي. 7:9، 14). ئاشۇ زور بىر توپ خالايىقنىڭ ئارىسىدا بولامسىز؟ ھازىرنىڭ ئۆزىدە، يەھۋانىڭ ياردىمى بىلەن ھەر بىر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئىمان-ئېتىقادىڭىزنى كۈچەيتسىڭىز، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولالايسىز.—ئىبرانىي. 10:39.
154-ناخشا ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرىمىز
a بىز ھەممىمىز بۇ رەزىل دۇنيانىڭ تېزراق ئاخىرلىشىشىنى تۆت كۆزۈمىز بىلەن كۈتۈۋاتىمىز. بىراق، بەزى چاغلاردا شۇ ۋاقىت يېتىپ كەلگىچە: «ئىمان-ئېتىقادىمدا مەھكەم تۇرۇپ، ساداقەتمەنلىكىمنى ساقلىيالايمەنمۇ؟»— دەپ ئويلاپ قالىمىز. ئىمان-ئېتىقادىمىزنى كۈچەيتىشكە ياردەم بېرىدىغان بەزى قېرىنداشلارنىڭ مىساللىرى ۋە مۇقەددەس كىتابتىكى مەسلىھەتلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز.