21-تەتقىق ماقالىسى
ۋەھىيلەر كىتابى كېلەچىكىڭىزگە قانداق تەسىر قىلىدۇ؟
«ئامىن! كەل، ھەزرىتى ئەيسا».—ۋەھىي. 22:20.
54-ناخشا ئىماندا چىڭ تۇرايلى!
بۇ ماقالىدە a
1. بارلىق ئىنسانلار قانداق مۇھىم بىر قارارنى چىقىرىشى كېرەك؟
بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانلار ئىنتايىن مۇھىم بىر قارارنى چىقىرىشى كېرەك. ئۇلار ياراتقۇچى يەھۋانى كائىناتنىڭ ھەقلىق ھۆكۈمرانى سۈپىتىدە قوللامدۇ ياكى خۇدانىڭ رەزىل دۈشمىنى شەيتاننى قوللامدۇ؟ چوقۇم بىرىنى تاللىشى كېرەك، ھەر ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىتەرەپ تۇرۇشقا يول يوق. ئۇلار مەيلى قانداق قارار چىقارسۇن، بۇ ئۇلارنىڭ مەڭگۈلۈك ياشاش ياكى ياشىماسلىقىغا تەسىر قىلىدۇ (مەتتا 25:31–33، 46). «دەھشەتلىك بالايىئاپەت» مەزگىلىدە، ئۇلارغا ياكى قۇتقۇزۇلۇش ياكى ھالاك بولۇش بەلگىسى قويۇلىدۇ.—ۋەھىي. 7:14؛ 14:9–11؛ ھەزەك. 9:4، 6.
2. (1) ئىبرانىيلار 10:35–39-ئايەتلەر بىزنى نېمە قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ؟ (2) ۋەھىيلەر كىتابى بىزگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
2 ئىبرانىيلار 10:35–39-نى ئوقۇڭ. ئەگەر سىز يەھۋانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوللاشنى تاللىغان بولسىڭىز، ئاقىلانە قارار چىقاردىڭىز. سىز ھازىر باشقىلارنىڭ توغرا قارار چىقىرىشىغا ياردەم بېرىشنى خالايسىز. بۇنىڭ ئۈچۈن، ۋەھىيلەر كىتابىدىكى مەلۇماتلارنى ئىشلىتىپ، ئۇلارغا ياردەم بېرەلەيسىز. بۇ ئاجايىپ كىتاب يەھۋاغا قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ قانداق ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدىغانلىقىنى ئاشكارىلايدۇ. ئەمما، ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى سادىقلىق بىلەن قوللىغۇچىلارنىڭ ئېرىشىدىغان بەرىكەتلىرىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىز بۇنداق مۇھىم ھەقىقەتلەرنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىشىمىز كېرەك. بۇنداق قىلىش، يەھۋاغا داۋاملىق خىزمەت قىلىش ئىرادىمىزنى كۈچەيتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بىز ئۆگەنگەنلىرىمىزنى ئىشلىتىپ، باشقىلارنىڭ يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى تاللىشىغا ۋە بۇ قارارىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇشىغا ياردەم بېرەلەيمىز.
3. بۇ ماقالىدە، قايسى ئىككى سوئالنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
3 بۇ ماقالىدە، بىز تۆۋەندىكى ئىككى سوئالنى مۇھاكىمە قىلىمىز: خۇدانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوللىغۇچىلارنى نېمە كۈتۈپ تۇرىدۇ؟ ئەكسىچە، ۋەھىيلەر كىتابىدا تەسۋىرلەنگەن توق قىزىل رەڭلىك ۋەھشى دىۋىنى قوللاشنى تاللىغانلارنى قانداق ئاقىۋەت كۈتۈپ تۇرىدۇ؟
يەھۋاغا سادىق كىشىلەرنى نېمە كۈتۈپ تۇرىدۇ؟
4. ئەلچى يۇھاننا ئەيسا بىلەن قايسى بىر توپنىڭ ئاسماندا تۇرغانلىقىنى كۆرىدۇ؟
4 بىر كۆرۈنۈشتە، ئەلچى يۇھاننا يەھۋانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوللايدىغان ۋە مەڭگۈلۈك ھايات مۇكاپاتىغا ئېرىشىدىغان ئىككى توپ كىشىلەرنى كۆرىدۇ. بىرىنچى توپنىڭ سانى 144000 (ۋەھىي. 7:4). ئۇلار يەر يۈزىدىن ئېلىپ كېتىلىپ، ئاسماندا ئەيسا بىلەن بىرلىكتە بىر ھۆكۈمەت ياكى پادىشاھلىقنى قۇرىدۇ. ئۇلار يەر يۈزى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ (ۋەھىي. 5:9، 10؛ 14:3، 4). كۆرۈنۈشتە، يۇھاننا بۇ توپنىڭ ئاسماندىكى سىئون تېغىدا ئەيسا بىلەن تۇرغانلىقىنى كۆرىدۇ.—ۋەھىي. 14:1.
5. پات-يېقىندا، 144000نىڭ يەر يۈزىدىكى قالدۇق قىسمىغا نېمە ئىش بولىدۇ؟
5 ئەسىرلەردىن بۇيان، مىڭلىغان كىشىلەر 144000نىڭ بىر قىسىمى بولۇشقا تاللىنىپ كەلمەكتە (لۇقا 12:32؛ رىملىقلار 8:17). بىراق، ئاخىر زامان مەزگىلىدە، مەسىھ قىلىنغانلارنىڭ پەقەت ئاز ساندىكى قالدۇق قىسىمى يەنىلا يەر يۈزىدە ھايات بولىدىغانلىقى ئېيتىلغان. چوڭ بالايىئاپەت باشلىنىشتىن ئىلگىرى، بۇ قالدۇق ئەزالار يەھۋانىڭ ئاخىرقى تەستىق مۆھۈرىگە ئېرىشىدۇ (ۋەھىي. 7:2، 3؛ 12:17). شۇ چوڭ بالايىئاپەت مەزگىلىنىڭ مەلۇم بىر پەيتىگە كەلگەندە، يەر يۈزىدىكى قالدۇق ئەزالار ئاسمانغا ئېلىپ كېتىلىدۇ. ئۇلار ئاللىقاچان ساداقەتمەنلىكنى ساقلاپ، ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە قوشۇلۇپ، 144000نى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇ جايدا، ئۇلار ئەيسا بىلەن بىرلىكتە خۇدا پادىشاھلىقىدا ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزىدۇ.—مەتتا 24:31؛ ۋەھىي. 5:9، 10.
6، 7. (1) يۇھاننا كېيىن قايسى توپنى كۆرىدۇ ۋە بىز ئۇلار ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىمىز؟ (2) نېمە ئۈچۈن ۋەھىيلەر كىتابى 7-باب ھەر ئىككىلا توپ، يەنى قالدۇق ئەزالار ۋە زور بىر توپ خالايىق ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە؟
6 ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن شۇ توپنى كۆرگەندىن كېيىن، يۇھاننا يەنە «زور بىر توپ»نى كۆرىدۇ. 144000 بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى، بۇ ساناپ تۈگەتكۈسىز زور بىر توپ (ۋەھىي. 7:9، 10). بىز ئۇلار ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىمىز؟ يۇھاننا شۇنداق سۆزلەرنى ئاڭلىغان: «بۇ كىشىلەر دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەتنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ كەلگەنلەردۇر. ئۇلار كىيىملىرىنى قوزىنىڭ قېنىدا يۇيۇپ، ئاپئاق قىلغان» (ۋەھىي. 7:14). ئۇلار دەھشەتلىك بالايىئاپەتلەردىن ئامان-ئېسەن ئۆتكەندىن كېيىن، يەر يۈزىدە ئاجايىپ بەرىكەتلەردىن بەھرىمەن بولۇپ ياشايدۇ.—زەبۇر 37:9–11، 27–29؛ پەند. نە 2:21، 22؛ ۋەھىي. 7:16، 17.
7 مەيلى بىز ئاسمانغا ئېلىپ كېتىلىشكە تاللانغان بولايلى ياكى يەر يۈزىدە قالىدىغان بولايلى، ۋەھىيلەر كىتابىنىڭ 7-بابىدا بايان قىلىنغان بۇ تەسۋىرىي سۈرەتتە ئۆزىمىزنى كۆرىمىزمۇ؟ بىز چوقۇم بۇ بابتا ئوقۇغانلارنى ئۆز بېشىمىزدىن ئۆتكۈزىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىشىمىز كېرەك. خۇدا خىزمەتكارلىرى ئارىسىدىكى ھەر ئىككى توپنىڭ ئاجايىپ گۈزەل كېلەچىكى بولىدۇ! بىز يەھۋانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوللاشنى تاللىغانلىقىمىز ئۈچۈن شاد-خۇراملىققا چۆمىمىز. ۋەھىيلەر كىتابى بىزگە دەھشەتلىك بالايىئاپەت ھەققىدە نېمىلەرنى ئېيتىپ بېرىدۇ؟—مەتتا 24:21.
خۇداغا قارشى چىققۇچىلارنى قانداق ئاقىۋەت كۈتۈپ تۇرىدۇ؟
8. دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت قانداق باشلىنىدۇ ۋە كۆپچىلىك كىشىلەر قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟
8 ئالدىنقى ماقالىدە تىلغا ئېلىنغاندەك، بۇ دۇنيانىڭ سىياسىي كۈچلىرى پات-يېقىندا كاتتا بابىل، يەنى دۇنيانىڭ ساختا دىن ئىمپېرىيىسىگە ھۇجۇم قىلىدۇ (ۋەھىي. 17:16، 17). بۇ ھەرىكەت دەھشەتلىك بالايىئاپەتنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. نەتىجىدە، نۇرغۇن كىشىلەر كەلكۈندەك ئېقىپ كېلىپ، يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشقا باشلامدۇ؟ ياق. ۋەھىيلەر 6-بابتا كۆرسىتىلىشىچە، ئاشۇ ھالقىلىق پەيتتە يەھۋاغا ئىبادەت قىلمايدىغان كىشىلەر بولسا، تاغ بىلەن سېلىشتۇرۇلغان دۇنيانىڭ سىياسىي ۋە سودا-تىجارەت تۈزۈلمىسىدىن پاناھلىق ئىزدەيدۇ. ئۇلار خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى قوللىمىغاچقا، يەھۋا ئۇلارنى قارشى چىققۇچىلار دەپ قارايدۇ.—لۇقا 11:23؛ ۋەھىي. 6:15–17.
9. دەھشەتلىك بالايىئاپەتتە يەھۋانىڭ خەلقى قانداق پەرقلىق بولۇپ تۇرىدۇ ۋە نەتىجىدە ئۇلارغا نېمە بولىدۇ؟
9 ھەقىقەتەن، بۇ ئېغىر بالايىئاپەت مەزگىلىدە، يەھۋانىڭ سادىق خىزمەتكارلىرى پەرقلىق بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇلار يەنىلا يەر يۈزىدىكى يەھۋاغا خىزمەت قىلىدىغان ۋە ۋەھشى دىۋىنى قوللاشنى رەت قىلىدىغان بىردىن-بىر كىشىلەر توپى بولۇپ قالىدۇ (ۋەھىي. 13:14–17). ئۇلار يەھۋاغا سادىق قالغاچقا، يەھۋاغا قارشى چىققۇچىلار قاتتىق غەزەپلىنىدۇ. نەتىجىدە، دۆلەتلەر بىرلىشىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خۇدا خەلقىگە ھۇجۇم قىلىدۇ. مۇقەددەس كىتابتا بۇ شىددەتلىك ھۇجۇم ماگوگدىن بولغان گوگنىڭ ھۇجۇمى دەپ تەسۋىرلىگەن.—ھەزەك. 38:14–16.
10. ۋەھىيلەر 19:19–21 ئايەتلەردە تەسۋىرلەنگەندەك، يەھۋا ئۆز خەلقىگە قىلىنغان ھۇجۇمغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟
10 يەھۋا بۇ رەھىمسىزلارچە قىلىنغان ھۇجۇمغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟ ئۇ بىزگە شۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ئاچچىقىم بۇرنۇمدىن چىقىدۇ» (ھەزەك. 38:18، 21–23). ۋەھىيلەر 19-بابتا، كېيىن نېمە ئىشلار يۈز بېرىدىغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى قوغداشقا ۋە ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىنى مەغلۇپ قىلىشقا ئوغلىنى ئەۋەتىدۇ. ئاسماندا سادىق پەرىشتىلەر ۋە 144000 مەسىھ قىلىنغانلاردىن تەشكىللەنگەن زور قوشۇن، ئەيسا بىلەن بىرلىكتە ماگوگدىن بولغان گوگقا قارشى جەڭگە ئاتلىنىدۇ (ۋەھىي. 17:14؛ 19:11–15). بۇ ئۇرۇشنىڭ نەتىجىسى قانداق بولىدۇ؟ يەھۋاغا قارشى چىققان بارلىق ئىنسانلار ۋە تەشكىلاتلار پۈتۈنلەي ھالاك قىلىنىدۇ.—ۋەھىيلەر 19:19–21-نى ئوقۇڭ.
ئۇرۇشتىن كېيىن، توي بولىدۇ
11. ۋەھىيلەر كىتابىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى سۈپىتىدە قايسى مۇھىم ئىش يۈز بېرىدۇ؟
11 خۇدانىڭ دۈشمەنلىرى پۈتۈنلەي ھالاك قىلىنغاندا، يەر يۈزىدە ئامان قالغان ساداقەتمەن كىشىلەرنىڭ قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ! شۇ چاغدا، ھەممىسى شاد-خۇراملىققا چۆمىدۇ! كاتتا بابىل ۋەيران قىلىنغاندا، ئاسماندا خۇشاللىق ساداسى ياڭرىسىمۇ، تېخىمۇ زور شاد-خۇراملىق ئېلىپ كېلىدىغان يەنە بىر ئىش بار (ۋەھىي. 19:1–3). بۇ قوزىنىڭ توي كۈنى. ئەمەلىيەتتە، بۇ ۋەھىيلەر كىتابىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى.—ۋەھىي. 19:6.
12. ۋەھىيلەر 21:1، 2-ئايەتلەردە كۆرسىتىلگەندەك، قوزىنىڭ تويى قاچان بولىدۇ؟
12 توي قاچان بولىدۇ؟ ئارماگېدون ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى، 144000نىڭ ھەممىسى ئاسماندا جەم بولىدۇ. بىراق، بۇ تېخى قوزىنىڭ توي قىلىدىغان ۋاقتى ئەمەس (ۋەھىيلەر 21:1، 2-نى ئوقۇڭ). ئارماگېدون ئۇرۇشى يۈز بېرىپ، خۇدانىڭ بارلىق دۈشمەنلىرى يوق قىلىنغاندىن كېيىن، قوزىنىڭ تويى بولىدۇ.—زەبۇر 45:3، 4، 13–17.
13. قوزىنىڭ تويىدا نېمە ئىش يۈز بېرىدۇ؟
13 قوزىنىڭ تويىدا نېمە ئىش يۈز بېرىدۇ؟ خۇددى توي ئەر بىلەن ئايالنى بىرلەشتۈرگەندەك، بۇ سىمۋوللۇق توي پادىشاھ ئەيسا مەسىھ بىلەن ئۇنىڭ «كېلىنچىكى»، يەنى تاللانغان 144000 كىشىنى بىرلەشتۈرىدۇ. بۇ مۇھىم ۋەقەدە يەر يۈزى ئۈستىدىن 1000 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان يېڭى ھۆكۈمەت مەيدانغا كېلىدۇ.—ۋەھىي. 20:6.
ھەشەمەتلىك شەھەر ۋە كېلەچىكىڭىز
14، 15. ۋەھىيلەر 21-باب، تاللانغان 144000نى نېمە بىلەن سېلىشتۇرىدۇ؟ (مۇقاۋىدىكى رەسىمگە قاراڭ)
14 كېيىن، ۋەھىيلەر 21-باب، تاللانغان 144000نى «يېڭى يېرۇسالىم» دەپ ئاتالغان ئاجايىپ گۈزەل شەھەر بىلەن سېلىشتۇرىدۇ (ۋەھىي. 21:2، 9). بۇ شەھەرنىڭ «ئون ئىككى ئۇل تېشى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قوزىنىڭ ئون ئىككى ئەلچىسىنىڭ ئىسىملىرى يېزىلغانىدى». بۇ نېمە ئۈچۈن ئەلچى يۇھاننانىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان؟ چۈنكى، ئۇ ئۆز ئىسىمىنىڭ ئاشۇ تاشلارنىڭ بىرىگە يېزىلغانلىقىنى كۆرگەن ئىدى. بۇ ئاجايىپ چوڭ شان-شەرەپ!—ۋەھىي. 21:10–14؛ ئەفەس. 2:20.
15 بۇ سىمۋوللۇق شەھەرگە ئوخشايدىغان يەنە بىر شەھەر يوق. ئۇنىڭ چوڭ كوچىسى ساپ ئالتۇن، 12 دەرۋازىسى مەرۋايىت بولۇپ، تاملىرى ۋە ئۇلى قىممەتلىك تاشلار بىلەن زىننەتلەنگەن ۋە مۇكەممەل تەڭپۇڭلۇق ئۆلچەملىرى بىلەن بىنا قىلىنغانىدى (ۋەھىي. 21:15–21). بىراق، ئەلچى يۇھاننا بىر نەرسىنىڭ كەملىكىگە دىققەت قىلغان. ئۇنىڭ بىزگە نېمە دەيدىغانلىقىغا دىققەت قىلىڭ: «شەھەردە ھېچبىر ئىبادەتخانا كۆرمىدىم. چۈنكى ھەممىگە قادىر يەھۋا ۋە قوزا شەھەرنىڭ ئىبادەتخانىسى ئىدى. شەھەرنى يۇرۇتۇش ئۈچۈن قوياش ۋە ئاي كېرەك ئەمەس ئىدى. سەۋەبى، خۇدانىڭ ئۇلۇغلىقى شەھەرنى يۇرۇتاتتى ۋە قوزا بولسا شەھەرنىڭ چىرىغى ئىدى» (ۋەھىي. 21:22، 23). يېڭى يېرۇسالىمنى تەشكىل قىلغۇچىلار يەھۋا بىلەن بىللە بولىدۇ (ئىبرانىي. 7:27؛ ۋەھىي. 22:3، 4). دېمەك، يەھۋا بىلەن ئەيسا — بۇ شەھەرنىڭ ئىبادەتخانىسىدۇر.
16. خۇدا پادىشاھلىقى مىڭ يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، ئىنسانىيەت نېمىلەرنى باشتىن كەچۈرىدۇ؟
16 مەسىھ قىلىنغانلار بۇ شەھەر توغرىسىدا ئويلانسا، ئاجايىپ ھاياجانغا چۆمىدۇ. ئەمما، يەر يۈزىدە ياشاش ئۈمىدى بار كىشىلەرمۇ ئۇنىڭغا قىزىقىشى كېرەك. خۇدا پادىشاھلىقى مىڭ يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، يېڭى يېرۇسالىم يەر يۈزىگە سان-ساناقسىز بەرىكەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئەلچى يۇھاننا شۇ كېلىۋاتقان بەرىكەتلەرنى خۇددى «ھاياتلىق سۈيى ئېقىۋاتقان دەريانى» كۆرگەندەك كۆرگەن. دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدا «پۈتكۈل خەلقلەرگە شىپا» بولىدىغان يوپۇرماقلار ئۆسكەن «ھاياتلىق دەرىخى» بار ئىدى (ۋەھىي. 22:1، 2). شۇ چاغدا ياشايدىغان بارلىق ئىنسانلار ئاشۇ ياخشى نەرسىلەردىن بەھرىمەن بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، يەھۋاغا بويسۇنغان بارچە ئىنسانلار بارا-بارا مۇكەممەل بولىدۇ. ئەمدى نە كېسەللىك، نە ئازاب-ئوقۇبەت، نە ھەسرەتلىك كۆز ياشلىرى ئەسلا بولمايدۇ.—ۋەھىي. 21:3–5.
17. ۋەھىيلەر 20:11–13 ئايەتلەردە كۆرسىتىلگەندەك، مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىق مەزگىلىدە بەرىكەتلەردىن كىم مەنپەئەتلىنىدۇ؟
17 بۇ ئېسىل بەرىكەتلەردىن كىم مەنپەئەتلىنىدۇ؟ بىرىنچى بولۇپ، ئارماگېدوندىن ئامان-ئېسەن ئۆتكەن زور بىر توپ خالايىق ۋە بەلكىم يېڭى دۇنيادا تۇغۇلىدىغان بالىلار. ئەمما، ۋەھىيلەر 20-بابتا ئۆلۈكلەرنىڭ تىرىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بېرىلگەن (ۋەھىيلەر 20:11–13-نى ئوقۇڭ). ئۆتمۈشتە خۇداغا سادىق ياشاپ، ئۆلۈپ كەتكەن ھەققانىي كىشىلەر ۋە ياراتقۇچى يەھۋا ھەققىدە ھېچقانداق ئۆگىنىش پۇرسىتى بولمىغان ھەققانىي ئەمەس كىشىلەرنىڭ ھەممىسى يەر يۈزىدە ياشاشقا تىرىلدۈرۈلىدۇ (ئەلچى. 24:15؛ يۇھاننا 5:28، 29). بۇ مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىق مەزگىلىدە، ھەممە ئادەم يەر يۈزىدە تىرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرەمدۇ؟ ياق. بەزى كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى، يەھۋانى تونۇشقا يېتەرلىك پۇرسەتلىرى بولغان بولسىمۇ، ئۇلار ياراتقۇچىغا ئىبادەت قىلىشنى رەت قىلىپ، داۋاملىق رەزىللىك قىلغاچ، ئۇلار تىرىلدۈرۈلمەيدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئۆز ئىش-ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ يەر يۈزى جەننەتتە ياشاشقا لايىق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىغان.—مەتتا 25:46؛ 2-سالونىكا. 1:9؛ ۋەھىي. 17:8؛ 20:15.
ئاخىرقى سىناق
18. مىڭ يىلنىڭ ئاخىرىدا، يەر يۈزىدە ئەھۋال قانداق بولىدۇ؟
18 مىڭ يىل ئاخىرلاشقاندا، يەر يۈزىدە ياشايدىغانلارنىڭ ھەممىسى مۇكەممەللىككە قايتىدۇ. ئەمدى ھېچكىم ئادەم-ئاتىدىن مىراس قالغان گۇناھنىڭ تەسىرىگە يەنە ئۇچرىمايدۇ (رىملىقلار 5:12). شۇ چاغدا، گۇناھنىڭ لەنىتى پۈتۈنلەي يوق بولىدۇ. مىڭ يىلنىڭ ئاخىرىدا يەر يۈزىدە بارلىق ئىنسانلار مۇكەممەللىككە ئېرىشىدۇ. دېمەك، بۇ تەرىقىدە ھەممە ئىنسان تىرىلىپ تۇرىدۇ.—ۋەھىي. 20:5.
19. نېمە ئۈچۈن يەر يۈزىدىكى ئىنسانلار ئەڭ ئاخىرقى سىناققا دۇچ كېلىشى لازىم؟
19 بىز بىلىمىزكى، ئەيسا مەسىھ شەيتاننىڭ تۈرلۈك سىناقلىرىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، خۇداغا سادىقلىقىنى ساقلاپ قالغان. ئەمما، بارلىق مۇكەممەل ئىنسانلار شۇنداق سادىق قېلىشنى خالامدۇ؟ مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىق ئاخىرلاشقاندا، شەيتان تېگى يوق ھاڭدىن ئازاد قىلىنىدۇ. شۇ چاغدا، يەر يۈزىدىكى ھەر بىر ئىنسان ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق سىناققا دۇچ كېلىدۇ ۋە يەھۋاغا سادىق قېلىشنى خالايدىغان ياكى خالىمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ (ۋەھىي. 20:7). بۇ ئاخىرقى سىناقتا سادىقلىقىنى ساقلاپ قالغانلار مەڭگۈلۈك ھايات ۋە ھەقىقىي ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولىدۇ (رىملىقلار 8:21). ئىسىيانچىلار بولسا، شەيتان ۋە ئۇنىڭ جىنلىرى بىلەن بىرلىكتە مەڭگۈگە ھالاك قىلىنىدۇ.—ۋەھىي. 20:8–10.
20. ۋەھىيلەر كىتابىدىكى كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان بېشارەتلەر سىزنى قانداق ھېس-تۇيغۇغا كەلتۈرىدۇ؟
20 ۋەھىيلەر كىتابىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، قانداق ھېس-تۇيغۇغا كەلدىڭىز؟ ئۆزىڭىزنى بۇ ھەيران قالارلىق بېشارەتلەرنىڭ ئىچىدە كۆرۈپ، ھاياجانغا چۆمدىڭىزمۇ؟ بۇ چوقۇم سىزنى باشقىلارنى بىرلىكتە خۇداغا پاك ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلىشقا ئۈندەيدۇ (ۋەھىي. 22:17). بىز مۇھاكىمە قىلغان كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئاشۇ ھەيران قالارلىق ۋەقەلەر ئەقلىمىز ۋە قەلبىمىزنى چوڭقۇر ھاياجانغا سالغاچ، بىزمۇ ئەلچى يۇھاننادەك «ئامىن! كەل، ھەزرىتى ئەيسا!» دېيىشنى خالايمىز.—ۋەھىي. 22:20.
151-ناخشا خۇدا ئوغۇللىرىنىڭ ئايان بولۇشى
a بۇ ۋەھىيلەر كىتابى ھەققىدە بىر قاتار ماقالىلەرنىڭ ئاخىرقى ماقالىسى. بۇنىڭدا يەھۋاغا سادىق قالغانلارنىڭ پارلاق كېلەچىكى بولىدىغانلىقى، ئەكسىچە خۇدانىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىغا قارشى چىققۇچىلارنىڭ نومۇسلۇق ئاقىۋەتكە دۇچار بولۇپ، يوق قىلىنىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئۆگىنىمىز.