تەرجىمىھال
كۈتمىگەن ۋەزىپىلەر ۋە تەجرىبە-ساۋاقلارغا تولغان ھايات
بالىلىق چاغلىرىمدا، ھەر قېتىم ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە، بەزى دۆلەتلەرگە ئۇچۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم. ئەمما، بۇ ماڭا مۇمكىن بولمايدىغان چۈشتەك تۇيۇلاتتى.
ئاتا-ئانام ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئېستونىيەدىن ئايرىلىپ، گېرمانىيەگە كەتكەنىدى. شۇڭا، مەن گېرمانىيەدە تۇغۇلغان. شۇ ۋاقىتتا، ئۇلار كاناداغا كۆچۈشكە تەييارلىق قىلىشقا باشلىغان ئىكەن. تۇنجى ئۆيىمىز، كانادانىڭ ئوتتاۋا شەھىرىگە يېقىن بىر جايدىكى توخۇ كاتىكىنىڭ ئاقارتىلغان بىر بۇلۇڭى ئىدى. شۇ ۋاقىتتا، ئىنتايىن نامرات بولساقمۇ، بىراق ناشتىلىق ئۈچۈن تۇخۇم يېيەلەيتتۇق.
بىر كۈنى، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئاپامغا ۋەھىيلەر 21-باب 3، 4-ئايەتلەرنى ئوقۇدى. ئۇ ئاڭلىغانلىرىدىن بەك تەسىرلىنىپ، يىغلاشقا باشلىدى. ھەقىقەت ئۇرۇقى ئۆسۈپ، ئاپام بىلەن دادام ناھايىتى تېزلا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتتى.
ئاتا-ئانام ئىنگلىز تىلىنى ياخشى سۆزلىيەلمىسىمۇ، ئۇلار يەھۋاغا قىزغىنلىق بىلەن خىزمەت قىلاتتى. ئونتارىيونىڭ سۇدبۇرى دېگەن يېرىدە، دادام نىكېل تاۋلاش زاۋۇتىدا كېچىچە جاپالىق ئىشلىگەندىن كېيىنمۇ، ھەر شەنبە كۈنى دېگۈدەك، مېنى ۋە سىڭلىم سىلۋىيانى ۋەز خىزمەتكە ئېلىپ باراتتى. بىز ھەر ھەپتە بىر ئائىلە كىشىلىرى بىرلىكتە «كۈزىتىش مۇنارىنى» ئۆگىنەتتۇق. ئاپام-دادام ماڭا خۇداغا بولغان مۇھەببىتىمنى كۈچەيتىشنى ئۆگەتتى. نەتىجىدە، 1956-يىلى ئون يېشىمدا، ئۆزۈمنى يەھۋاغا بېغىشلىدىم. ھەر قېتىم ئۇلارنىڭ يەھۋاغا بولغان كۈچلۈك مۇھەببىتى ھەققىدە ئويلانغىنىمدا، داۋاملىق خىزمەت قىلىش ئارزۇ-ئىستىكىم تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، دىققىتىم سەل-پەل چېچىلىپ كەتتى. ئەگەر پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولسام، دۇنيانى ساياھەت قىلىش ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەرگىزمۇ يېتەرلىك پۇل تاپالمايمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم. مەن يەرلىك رادىئو ستانسىياسىدا مۇزىكا پروگراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلىدىغان ئىشنى تاپتىم، بۇ خىزمىتىمنى بەك ياخشى كۆرەتتىم. لېكىن، مەن كەچتە ئىشلىگەچ، دائىم ئىبادەت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشالمىدىم ۋە خۇدانى سۆيمەيدىغانلار بىلەن باردى-كەلدى قىلدىم. ئاخىرىدا، مۇقەددەس كىتابقا ماس تەربىيىلەنگەن ۋىجدانىم مېنى ئۆزگەرتىشلەرنى قىلىشقا ئۈندىدى.
مەن ئونتارىئونىڭ ئوشاۋا شەھىرىگە كۆچۈپ كەتتىم. ئۇ يەردە مەن راي نورمان، ئۇنىڭ سىڭلىسى لېسلى ۋە باشقا پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىلار بىلەن تونۇشتۇم. ئۇلارنىڭ ھەممىسى مېنى قىزغىن قارشى ئالدى. ئۇلارنىڭ خۇشاللىقىنى كۆرۈپ، ھاياتىم توغرۇلۇق قايتا ئويلىنىشقا باشلىدىم. ئۇلار مېنى پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى ۋە 1966-يىلى سېنتەبىردە، مەن پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولدۇم. مەن خۇشال بولدۇم، تۇرمۇشۇم كۆڭۈللۈك ئۆتەتتى. بىراق، ھاياتىمنى ئۆزگەرتىدىغان بەزى كۈتۈلمىگەن ئىشلار مېنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن.
يەھۋا بەزى ئىشنى قىلىشقا سىزنى تەكلىپ قىلسا، ئۇ ئىشنى سىناپ بېقىڭ
مەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا، كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدىكى بەيتەلگە ئىلتىماس قىلغان ئىدىم. كېيىن،
مەن پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولغاندا، بەيتەلدە تۆت يىل خىزمەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىندىم. لېكىن، مەن لېسلىنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرەتتىم، ئەگەر بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلسام، ئۇنى قايتا كۆرەلمەسلىكىمدىن قورقاتتىم. مەن چىن قەلبىمدىن يەھۋاغا ئۇزۇن دۇئا قىلغاندىن كېيىن، ئاخىرى بەيتەلنىڭ چاقىرىقىنى قوبۇل قىلدىم ۋە كۆزۈم قىيمىغان ھالدا لېسلى بىلەن خوشلىشىپ كەتتىم.مەن ئاۋۋال بەيتەلنىڭ كىيىم-كېچەكلەرنى يۇيۇش بۆلۈمىدە ئىشلىدىم، كېيىن يەنە كاتىپ بولۇپ خىزمەت قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، لېسلى كۋېبېك ئۆلكىسىنىڭ گاتىناۋ شەھىرىدە مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىشقا باشلىدى. مەن دائىم ئۇنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۆزۈمنىڭ توغرا قارار چىقارغان-چىقارمىغانلىقىم ھەققىدە ئويلىدىم. كېيىن، ھاياتىمدىكى ئەڭ خۇشاللىنارلىق بىر ئىش يۈز بېرىپ، لېسلىنىڭ ئاكىسى راي بەيتەلگە تەكلىپ قىلىندى. ئۇ مەن بىلەن ياتاقداش بولدى! بۇ مېنىڭ لېسلى بىلەن دوستلىقىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە سەۋەب بولدى. تۆت يىللىق ۋەزىپەم ئاخىرلاشقان كۈنى، يەنى 1971-يىلى فېۋرال 27-كۈنى، بىز توي قىلدۇق.
لېسلى ئىككىمىز كۋېبېكتىكى بىر فرانسۇز تىلى جامائىتى بىلەن بىللە خىزمەت قىلىشقا تەيىنلەندۇق. بىر نەچچە يىلدىن كېيىن، مەن رايونغا مەسئۇل ئاقساقال بولۇپ خىزمەت قىلىشقا تەيىنلەندىم. شۇ چاغدا، 28 ياشتا ئىدىم، ئىنتايىن ھەيران بولدۇم. ئۆزۈمنى تېخى ياش ۋە تەجرىبەم كەمچىل دەپ ئويلىدىم، ئەمما، يەرەمىيا 1-باپ 7، 8-ئايەتلەر مېنى ئىلھاملاندۇردى. بىراق، لېسلى بىرقانچە قېتىم قاتناش ۋەقەسىگە يولۇققاچ، ئۇخلاشتا قىينىلاتتى. ئۇنداقتا، جامائەتلەرنى زىيارەت قىلىش خىزمىتىنى قانداق قىلالايمىز؟ لېكىن، ئۇ: «ئەگەر يەھۋا بىزنى بىرەر ئىش قىلىشقا تەكلىپ قىلسا، بىز ئۇ ئىشنى قىلىشقا ئۇرۇنۇپ بېقىشىمىز كېرەك ئەمەسمۇ؟»— دېدى. بىز ۋەزىپىنى قوبۇل قىلىپ، خۇشال-خۇراملىق ئىچىدە 17 يىل زىيارەت خىزمىتىنى داۋاملاشتۇردۇق.
زىيارەت خىزمىتى ئالدىراش ئۆتكەچ، مەن ھەمىشە لېسلىغا ھەمراھ بولۇشقا ۋاقىت چىقىرالماتتىم. مۇشۇ تەرەپتە يەنە ئۆگىنىشىم كېرەك ئىدى. مەلۇم بىر دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە، ئىشىك قوڭغۇرىقى سايرىدى. ئۇ يەردە ھېچكىم يوق، پەقەت داستىخان، مېۋە-چىۋە، قايماق، نان، بىر بوتۇلكا ئۈزۈم ھارىقى، رومكىلار ۋە «ئايالىڭىزنى سەيلە قىلىشقا ئېلىپ بېرىڭ» دەپ يېزىلغان نامسىز خەت تۇراتتى. بۇ ھاۋا ئوچۇق، چىرايلىق بىر كۈن ئىدى. ئەمما، مەن لېسلىغا نۇتۇق تەييارلىشىم كېرەكلىكىنى، شۇڭا بارالمايدىغانلىقىمنى چۈشەندۈردۈم. ئۇ مېنى چۈشەندى، ئەمما بىراز كۆڭلى يېرىم بولۇپ قالدى. ئۈستەلدە ئولتۇرسام، ۋىجدانىم مېنى ئاۋارە قىلىشقا باشلىدى. مەن ئەفەسلىكلەر 5: 25، 28-ئايەتلەر ھەققىدە ئويلىدىم. بۇ سۆزلەر ئارقىلىق يەھۋا ماڭا ئايالىمنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئېسىمگە سېلىۋاتمامدۇ؟ دۇئادىن كېيىن، مەن لېسلىغا «ماڭايلى» دېدىم، ئۇ بەك خۇشال بولۇپ كەتتى. بىز ماشىنا ھەيدەپ، دەريا بويىدىكى چىرايلىق بىر جايغا باردۇق ۋە داستىخاننى يېيىپ، بىرلىكتە ئەڭ كۆڭۈللۈك بىر كۈننى ئۆتكۈزدۇق. كېيىن، نۇتۇقۇمنى ھەم تەييارلىدىم.
بىز ئەنگلىيە كولۇمبىيە ئۆلكىسىدىن تاكى نيۇفاۇندلېندغىچە، كۆپلىگەن جامائەتلەرنى زىيارەت قىلاتتۇق، خىزمىتىمىزدىن زور خۇشاللىق تاپتۇق. مېنىڭ ساياھەت قىلىش ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشتى. مەن گىلىئاد مەكتىپى ھەققىدە ئويلانغان، ئەمما ياتئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېيتقۇچى (مىسسىئونېر) بولۇش ئارزۇيۇم يوق ئىدى. چۈنكى، مىسسىئونېرلار ماڭا ئالاھىدە ئادەملەردەك بىلىنەتتى ۋە ئۆزۈمنى لايىق ئەمەس ھېس قىلاتتىم. ئۇنىڭدىن باشقا، مەن بىزنىڭ ئافرىقىدىكى كېسەللىك ۋە ئۇرۇش ئاپىتىگە ئۇچرىغان دۆلەتكە
ئەۋەتىلىشىمىزدىن ئەنسىرەتتىم. كانادا مەيلى قەيەردە خىزمەت قىلساق، خۇشال ئىدىم.كۈتمىگەندە ئېستونىيە ۋە باشقا بالتىق دېڭىزى بويىدىكى دۆلەتلەرگە تەكلىپ قىلىندۇق
سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بەزى دۆلەتلەردە ئەركىن ۋەز قىلىشقا باشلىغانىدى. 1992-يىلى، بۇرادەرلەر بىزدىن ئېستونىيەگە كۆچۈپ، مىسسىئونېر بولۇشنى خالايدىغان-خالىمايدىغانلىقىمىزنى سورىدى. بىز ھەيران قالدۇق، ئەمما بۇ توغرۇلۇق دۇئا قىلدۇق. بىز يەنە «ئەگەر يەھۋا بىزنى بىرەر ئىش قىلىشقا تەكلىپ قىلسا، بىز ئۇ ئىشنى قىلىشقا ئۇرۇنۇپ بېقىشىمىز كېرەك ئەمەسمۇ؟» دەپ ئويلىدۇق. بىز تەكلىپنى قوبۇل قىلدۇق. مەن كۆڭلۈمدە «ياخشى بولدى، ئافرىقىغا بارمايدىغان بولدۇق» دەپ ئويلىدىم.
بىز دەرھال ئېستونىيە تىلىنى ئۆگىنىشكە باشلىدۇق. ئۇ دۆلەتتە بىر-ئىككى ئاي تۇرغاندىن كېيىن، جامائەتلەرنى زىيارەت قىلىش خىزمىتىگە تەيىنلەندۇق. بىز بالتىق دېڭىزىدىكى ئۈچ دۆلەت ۋە روسىيەنىڭ كالىنىنگراد رايونىدىكى 46 جامائەت ۋە توپلارنى زىيارەت قىلدۇق. بىز لاتۋىيا، لىتۋا ۋە رۇس تىللىرىنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك بولدى. بۇ قىيىن كەلدى. شۇنداقتىمۇ، دوستلار بىزنىڭ تىرىشچانلىقىمىزدىن تەسىرلەندى ۋە بىزگە ياردەم بەردى. 1999-يىلى ئېستونىيەدە بەيتەل ئىدارىسى قۇرۇلدى. مەن توماس ئېدۇر، لېمبىت رېيلې ۋە توممى كاۋكو بىلەن بىللە بەيتەل كېڭىشىدە خىزمەت قىلىشقا تەيىنلەندىم.
بىز ئىلگىرى سىبىرىيىگە سۈرگۈن قىلىنغان نۇرغۇن گۇۋاھچىلار بىلەن تونۇشتۇق. گەرچە تۈرمىدە ناچار مۇئامىلىلەرگە ئۇچرىغان ۋە ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئاغرىنمايتتى. ئۇلار خىزمەتكە بولغان قىزغىنلىقىنى ۋە خۇشاللىقىنى ساقلاپ قالغان ئىدى. بۇ بىزنىڭ قىيىن ئەھۋالدا بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىمىزنى ۋە خۇشال بولالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈشكە ياردەم بەردى.
بىز تۈزۈك دەم ئالماي، نۇرغۇن يىل تىرىشىپ خىزمەت قىلدۇق. شۇڭا، لېسلى قاتتىق ھېرىپ-چارچىغانلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ھارغىنلىقىنىڭ مۇسكۇل تالاسى كېسلى (فىبرومىئالگىيا) بىلەن باغلىنىشى بارلىقىنى بىلمىگەن ئىدۇق. بىز كاناداغا قايتىش توغرۇلۇق ئەستايىدىل ئويلىنىۋاتقاندا، ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك، پاتتېرسوندىكى مەكتەپكە ئوقۇشقا تەكلىپ قىلىندۇق. بەلكىم، بىز بارالمايمىز دەپ ئويلىدىم. بىراق، ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلغاندىن كېيىن، تەكلىپنى قوبۇل قىلدۇق. يەھۋا بۇ قارارىمىزنى بەرىكەتلىدى. بۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدا، ئاخىرى لېسلىنىڭ كېسىلىنى ياخشىراق داۋالىتىش پۇرسىتى بولدى. نەتىجىدە، ئىش-پائالىيەتلىرىمىزنى نورمال ھالەتكە كەلتۈرەلىدۇق.
يەنە بىر كۈتمىگەن ۋەزىپە — ئافرىقىغا بېرىش
ئېستونىيەگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، 2008-يىلى بىر كۈنى كەچتە، دۇنياۋىي باش ئىدارىدىن تېلېفون قىلىپ، كونگودىكى ۋەزىپىنى قوبۇل قىلالايدىغان-قىلالمايدىغانلىقىمىزنى سورىدى ۋە ئەتە جاۋاب بېرىشىمنى ئۆتۈندى. مەن ئىنتايىن ھەيران قالدىم. دەسلەپتە، مەن بۇ ھەققىدە لېسلىغا ئېغىز ئاچمىدىم، چۈنكى ئۇنىڭ شۇ كۈنى كەچتە ئۇخلىمايدىغانلىقىنى بىلەتتىم. نەتىجىدە، مەن ئۆزۈم ئۇخلىيالمىدىم. چۈنكى ئافرىقا توغرىسىدىكى غەم-ئەندىشىلىرىمنى ئېيتىپ، پۈتۈن كېچە يەھۋاغا دۇئا قىلىپ چىقتىم.
ئەتىسى مەن لېسلىغا ئېيتقىنىمدا، «يەھۋا بىزنى ئافرىقىغا بېرىشقا تەكلىپ قىلىۋاتىدۇ. سىناپ باقمىساق، بۇ ئىشنى قىلالمايدىغانلىقىمىزنى ۋە خۇشال-خۇرام بولالمايدىغانلىقىمىزنى قانداق بىلىمىز؟» دەپ ئويلىدۇق. شۇنداق قىلىپ، ئېستونىيەدە 16 يىل تۇرغاندىن كېيىن، بىز كونگو، كىنشاساغا قاراپ ئۇچتۇق. بۇ
يەردە بەيتەل يېشىللىققا پۈركەنگەن ۋە تىپ-تىنچ ئىدى. لېسلى ھۇجرىمىزغا تۇنجى بولۇپ، ئۇ كانادادىن ئايرىلغاندىن بۇيان ساقلىغان كارتىنى تىزىپ قويدى. ئۇنىڭ ئۈستىدە «قەيەرگە تېرىلسىڭىز، شۇ يەردە چېچەكلەڭ» دېگەن خەت يېزىلغان ئىدى. يەرلىك قېرىنداشلار بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن، مۇقەددەس كىتاب تەتقىق ئۆگىنىش ئۆتكۈزۈپ، بۇ يەردە ياتئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ، زور خۇشاللىق تاپتۇق. كېيىن، بىز باش ئىدارىگە ۋاكالىتەن ئافرىقىدىكى باشقا 13 دۆلەتتىكى بەيتەل ئىشخانىلىرىنى زىيارەت قىلىش ئىمتىيازىدىن بەھرىمەن بولدۇق. بىز نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بىلەن تونۇشۇپ، تۈرلۈك مىللەت ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئۆزىگە خاس گۈزەللىكىنى كۆرۈپ يەتتۇق. دەسلەپكى غەم-ئەندىشىلىرىمدىن ئازراقمۇ ئىزنا قالمىدى ۋە يەھۋانىڭ بىزنى ئافرىقىغا خىزمەت قىلىشقا ئەۋەتكەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتۇق.كونگودا، قېرىنداشلار بىزنى ئىلگىرى بىز يەپ كۆرۈپ باقمىغان ھاشارەتلەردىن قىلىنغان تاماقلارنى يېيىشكە تەكلىپ قىلدى. قېرىنداشلارنىڭ ھۇزۇرلىنىپ يەۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمىزدە، ئۇلارنى سىناپ تېتىپ باقتۇق ۋە ياخشى كۆرۈپ قالدۇق.
كونگونىڭ شەرقىدىكى رايونلاردا، پارتىزانلار دائىم پەرقلىق كەنتلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئاياللار ۋە بالىلارغا زىيانكەشلىك قىلاتتى، شۇڭا، ئۇ رايونلارغا بېرىپ، قېرىنداشلارغا روھى تەسەللى بىرىپ، ماددىي ياردەملەرنى قوللىرىغا تەككۈزەتتۇق. قېرىنداشلارنىڭ كۆپىنچىسى ناھايىتى كەمبەغەل ئىدى. شۇنداقتىمۇ، ئۇلارنىڭ قايتا تىرىلىشكە بولغان كۈچلۈك ئۈمىدى، يەھۋاغا بولغان مۇھەببىتى ۋە ئۇنىڭ تەشكىلاتىغا بولغان ساداقىتى بىزنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى. ئۇلارنىڭ ئۈلگىسى بىزنى يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشتىكى مەقسەت-مۇددىئالىرىمىزنى قايتىدىن تەكشۈرۈپ، ياراتقۇچىمىزغا بولغان ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولدى. بەزى بۇرادەرلەر ئۆي-جايلىرى ۋە ئۆستۈرۈۋاتقان ئاشلىق زىرائەتلەردىن ئايرىلدى. بۇ ماڭا ماددى نەرسىلەرنىڭ قانچىلىك تېز يوقىلىدىغانلىقى ۋە يەھۋا خۇدا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قەدىرلەشنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى ئەسلەتتى. قېرىنداشلار ئېغىر قىيىنچىلىقلارنى باشتىن ئۆتكۈزسىمۇ، ئىنتايىن ئاز ئاغرىناتتى. ئۇلارنىڭ كۆز قارىشى بىزنى قىيىنچىلىقلىرىمىز ۋە ساغلاملىق مەسىلىلىرىمىزگە جاسارەت بىلەن يۈزلىنىشكە دەۋەت قىلدى.
ئاسىياغا ئەۋەتىلدۇق
كېيىن، كۈتمىگەن باشقا بىر ئۆزگىرىش بولدى. بىز شياڭگاڭ بەيتەلگە كۆچۈش تەكلىپىنى تاپشۇرۇۋالدۇق. بىز شەرقتە ياشاشنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدۇق! ئەمما، باشقا بارلىق ۋەزىپىلەردە يەھۋانىڭ مېھىر-شەپقەتلىك قولىنى كۆرۈپ يەتكەچ، بىز تەكلىپنى قوبۇل قىلدۇق. 2013-يىلى، كۆزلىرىمىزگە ئىسسىق ياش ئېلىپ، قەدىردان دوستلىرىمىز ۋە گۈزەل ئافرىقا بىلەن خوشلاشتۇق. ئەمما، ئالدىمىزدا بىزنى نېمە ئىشلارنىڭ كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى بىلمەيتتۇق.
شياڭگاڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللەنگەن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئادەملەر توپلانغان، ئىنتايىن چوڭ بىر شەھەر ئىدى. بىز ئۈچۈن بەك چوڭ ئۆزگىرىش بولدى. گۇۋاڭدۇڭ تىلىنى ئۆگىنىش ئاسان ئەمەس ئىدى. بىراق، قېرىنداشلار بىزنى قىزغىن قارشى ئالدى ۋە يەرلىك يېمەك-ئىچمەكلەردىن ھەقىقەتەن ھۇزۇرلاندۇق. بەيتەلدە خىزمەت دائىرىسىنىڭ تېز كېڭىشى بىلەن بىرگە، شياڭگاڭدا تۇرالغۇ ئۆي ۋە يەر-جاي باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كەتتى. شۇڭا، يېتەكچى كېڭەش دانالىق بىلەن بەيتەلنىڭ كۆپ قىسىم يەر-مۈلۈكىنى سېتىۋېتىشنى قارار قىلدى. ئۇزاق ئۆتمەي، 2015-يىلى بىز كورېيىگە كۆچۈپ كەلدۇق ۋە ھازىرغىچە بۇ دۆلەتتە خىزمەت قىلىۋاتىمىز. بىز يەنە قىيىن بىر تىلنى ئۆگىنىشكە دۇچ كەلدۇق، ھازىرچە ئانچە ياخشى سۆزلىيەلمەيمىز. شۇنداقتىمۇ، قېرىنداشلار كورېيىچە سۆزلەشتە ئالغا ئىلگىرىلەپ قالغانلىقىمىزنى ئېيتىپ، بىزگە ئىلھام بېرىۋاتىدۇ.
يەھۋاغا خىزمەت قىلىپ، توپلىغان تەجرىبە-ساۋاقلار
يېڭى دوستلارنى تېپىش ھەمىشە ئاسان ئەمەس، ئەمما بىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن مېھماندوست بولۇش ئارقىلىق باشقىلار بىلەن بالدۇرراق تونۇشالايدىغانلىقىمىزنى بايقىدۇق. قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىر-بىرىدىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى كۆردۇق ۋە يەھۋانىڭ بىزنى كۆڭلى كۆكسىمىزنى كەڭ تۇتۇپ، پەرقلىق كىشىلەرنى مۇلايىملىق بىلەن قارشى ئالىدىغان قىلىپ، ئاجايىپ ياراتقانلىقىنى كۆرۈپ يەتتۇق.
بىز كىشىلەرنى يەھۋاغا ئوخشاش قوبۇل قىلىشىمىز ۋە ھاياتىمىزدا يەھۋانىڭ بىزنى سۆيىدىغانلىقى ۋە بىزنى يېتەكلەيدىغانلىقىنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ئىزدەشنىڭ لازىملىقىنى كۆردۇق. كۆڭلىمىز يېرىم بولغاندا ياكى قېرىنداشلار بىزنى ياقتۇرغان-ياقتۇرمىغانلىقى توغرۇلۇق غەم-تەشۋىش قىلغاندا، دوستلىرىمىز يازغان كارتىلار ياكى خەتلەرنى ئوقۇپ، ئىلھام-مەدەتكە ئېرىشتۇق. بىز ھەقىقەتەن، يەھۋانىڭ دۇئالىرىمىزغا قانداق جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى ۋە ئىشەنچىمىزنى مۇستەھكەملەپ، كۈچ-قۇۋۋەت بەرگەنلىكىنى ھېس قىلدۇق.
نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان، لېسلى ئىككىمىز ھەر قانچە ئالدىراش بولساقمۇ ، بىر-بىرىمىزگە ۋاقىت ئاجرىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئۆگەندۇق. بىز يەنە خاتالىق سادىر قىلغاندا، ئۆز-ئۆزىمىزگە كۈلۈش لازىملىقىنى چۈشىنىپ يەتتۇق، بولۇپمۇ يېڭى تىل ئۆگىنىۋاتقاندا، تېخىمۇ شۇنداق قىلىش كېرەك. ھەر كۈنى كەچتە، بىز يەھۋاغا رەھمەت ئېيتىشقا سەۋەب بولىدىغان خۇشاللىنارلىق ئىشلارنى ئىزدەشكە تىرىشىمىز.
راستىنى ئېيتقاندا، مەن ئىلگىرى ھەرگىزمۇ مىسسىئونېر بولالمايمەن ياكى باشقا دۆلەتلەردە ياشىيالمايمەن دەپ ئويلىغان. ئەمما، يەھۋانىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن ھەممە ئىشنىڭ مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزدۈم. مەن بۇنىڭ ئۈچۈن ئىنتايىن خۇشالمەن! يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ مۇنۇ سۆزى ئېسىمگە كېلىدۇ: «ئەي يەھۋا، سەن مېنى ئەخمەق قىلدىڭ» (يەرەم. 20:7). شۇنداق، ئۇ بىزگە نۇرغۇن كۈتمىگەن، ھەيران قالارلىق ۋە تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز بەرىكەتلەرنى ياغدۇردى. ھەتتا مېنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، ساياھەت قىلىش ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ھەتتا بالىلىق چاغلىرىمدا خىيال قىلىپ باقمىغان نۇرغۇن جايلارغا ئۇچۇپ، بەش قىتئەدە بەيتەللەرنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇنىڭدىن باشقا، مەيلى قانداق ۋەزىپە ئورنىدا بولسۇن، لېسلىنىڭ چىن كۆڭلىدىن مېنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ كەلگىنىگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.
بىز ھەمىشە ئۆز-ئۆزىمىزگە، بۇ ئىشنى كىم ئۈچۈن ۋە نېمە ئۈچۈن قىلىۋاتقانلىقىمىزنى ئەسكەرتىپ تۇرىمىز. بۈگۈن بىز بەھرىمەن بولۇۋاتقان بەرىكەتلەر، كېلەچەكتە يېڭى دۇنيادىكى ھاياتنىڭ نەقەدەر گۈزەل بولىدىغانلىقىنىڭ ئالدىن بېشارىتى خالاس. شۇ ۋاقىت كەلگەندە، يەھۋا قولىنى ئېچىپ، ھەر بىر جانلىقنىڭ تەشنالىقىنى قاندۇرىدۇ!—زەبۇر 145:16.