50-تەتقىق ماقالىسى
ياخشى پادىچىنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىڭ
«ئۇلار مېنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلايدۇ».—يۇھ. 10:16.
152-ناخشا كۈچىمىز، ئۈمىدىمىز ۋە يار-يۆلىگىمىز
بۇ ماقالىدە a
1. ئەيسا نېمە ئۈچۈن شاگىرتلىرىنى قويلارغا سېلىشتۇرغان؟
ئەيسا ئۆزىنىڭ شاگىرتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى پادىچى بىلەن قويلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە سېلىشتۇرغان (يۇھاننا 10:14). بۇ ئوخشىتىش بەك مۇۋاپىق بولغان، چۈنكى قويلار پادىچىسىنى تونۇيدۇ ۋە ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالىدۇ. شۇنداق ئىشنى باشتىن ئۆتكۈزگەن بىر ساياھەتچى مۇنداق دەيدۇ: «بىز قويلارنى سۈرەتكە تارتماقچى بولدۇق. شۇڭا، بىز ئۇلارنى چاقىردۇق. ئەمما، ئۇلار ئاۋازىمىزنى تونۇمىغاچ، بىزگە پەرۋا قىلمىدى. كېيىن، قوي باقىدىغان كىچىك بالا كېلىپ، قويلارنى چاقىردى. ئۇلار ئۇنىڭغا ئەگىشىشكە باشلىدى».
2، 3. (1) ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن نېمە قىلىدۇ؟ (2) بۇ ۋە كېيىنكى ماقالىدە نېمىلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
2 بۇ ساياھەتچىنىڭ باشتىن ئۆتكۈزگەنلىرى، ئەيسانىڭ ئۆز شاگىرتلىرى ھەققىدە ئېيتقان مۇنۇ سۆزلىرىنى بىزگە ئەسلىتىدۇ: «ئۇلار مېنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلايدۇ»،— دېگەن (يۇھاننا 10:16). ئەمما، ئەيسا ھازىر ئاسماندا. ئۇنىڭ ئاۋازىغا قانداق قۇلاق سالالايمىز؟ پادىچىمىز ئەيسانىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغانلىقىمىزنى كۆرسىتىشنىڭ بىر يولى — ئۇنىڭ تەلىملىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنى ھاياتىمىزدا ئەمەلىي ئىشلىتىش.—مەتتا 7:24، 25.
3 بۇ ماقالە ۋە كېيىنكى ماقالىدە، ئەيسانىڭ بەزى تەلىملىرى ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىمىز. ئەيسانىڭ بىزگە نېمە قىلىشنى توختىتىشىمىز ۋە نېمىنى چوقۇم قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتقانلىقىنى كۆرۈمىز. بۇ ماقالىدە، ئالدى بىلەن ياخشى پادىچى ئەيسانىڭ بىزگە قىلماسلىقنى بۇيرىغان ئىككى ئىش ھەققىدە كۆرۈپ باقايلى.
ھېچنېمىدىن غەم ئەندىشە قىلماڭلار
4. لۇقا 12:29-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، نېمىدىن غەم-ئەندىشە قىلماسلىقىمىز كېرەك؟
4 لۇقا 12:29-نى ئوقۇڭ. ئەيسا ئۆز شاگىرتلىرىنى تۇرمۇشتىكى ماددىي ئېھتىياجلىرى ھەققىدە غەم-تەشۋىش قىلىشنى توختىتىشقا ئۈندىگەن. بىز ئەيسانىڭ نەسىھەت سۆزىنىڭ ھەردائىم دانا ۋە توغرا ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. شۇڭا، ئۇنىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سېلىشنى خالايمىز. ئەمما، شۇنداق قىلىش بەزىدە قىيىنغا توختىشى مۇمكىن. نېمە ئۈچۈن؟
5. نېمە ئۈچۈن بەزىلەر ماددىي ئېھتىياجلىرى ھەققىدە غەم-تەشۋىش قېلىشى مۇمكىن؟
5 تۇرمۇشتا يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، تۇرىدىغان جاي ۋە باشقا ماددىي ئېھتىياجلىرىمىز ھەققىدە غەم-ئەندىشە قىلىشىمىز مۇمكىن. بەزى جايلاردا ئىقتىسادىي ئەھۋال ئىنتايىن ناچار بولغاچقا، ئادەملەرنىڭ ئائىلىسىنى بېقىشى ئۈچۈن يېتەرلىك پۇل تېپىشى قىيىن بولىۋاتىدۇ. يەنى، ئائىلىنى قامداش ئۈچۈن پۇل تاپىدىغان كىشى ئۆلۈپ كەتكەچ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. تاجىسىمان ۋىرۇس (19-COVID) تارقالغان مەزگىلدە، كۆپ كىشىلەر خىزمىتىدىن ئايرىلغاچ، ئىشسىزلىق كۆپىيىپ كەتتى (ۋەز 9:11). بىزمۇ بۇ تىلغا ئالغان قىيىنچىلىقلارغا يولۇققان بولساق، ئەيسانىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سېلىپ، ماددىي نەرسىلەر ھەققىدە غەم-تەشۋىش قىلىشنى قانداق توختىتالايمىز؟
6. ئەلچى پېترۇس نېمىنى باشتىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەسۋىرلەپ بېرىڭ.
6 بىر قېتىم، پېترۇس ۋە باشقا ئەلچىلەر جەلىلىيە دېڭىزىدا بوران-چاپقۇنغا دۇچ كەلگەندە، تۇيۇقسىز ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ دېڭىزدا مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. پېترۇس ئەيساغا شۇنداق دېگەن: «بۇ سىز بولسىڭىز، سۇ ئۈستىدە مېڭىپ ئالدىمغا كەل دەپ بۇيرۇق قىلىڭ». ھەزرىتى ئەيسا: «كەلگىن»،— دەپ چاقىرغان. «پېترۇس كېمىدىن چۈشۈپ، سۇ ئۈستىدە ئۇنىڭغا قاراپ ماڭدى». شۇنىڭ بىلەن نېمە ئىش بولغان؟ «پېترۇس كۈچلۈك چىقىۋاتقان بوراننى كۆرۈپ قورقتى ۋە سۇغا چۆكۈشكە باشلىغاندا: «ھەزرىتىم، مېنى قۇتقۇزۇۋېلىڭ!»،— دەپ ۋاقىرىدى». ئەيسا قولىنى ئۇزارتىپ، ئۇنى قۇتقۇزۋالغانىدى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرەلەيمىزكى، پېترۇس دىققىتىنى ئەيسا مەسىھكە قاراتقاندا، دولقۇنلاپ تۇرغان سۇ ئۈستىدە ماڭالىغان ئىدى. بىراق، پېترۇس بوران-چاپقۇنغا قارىغاندا، قەلبىدە قورقۇنچ ۋە گۇمان پەيدا بولۇپ، چۆكۈپ كېتىشكە باشلىغان.—مەتتا 14:24—31.
7. پېترۇسنىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
7 پېترۇسنىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ پېترۇس كېمىدىن پۇتىنى سۇ ئۈستىگە قويغاندا، ئۇ دىققىتىنىڭ باشقا ياققا چېچىلىپ كېتىدىغانلىقىنى ۋە سۇغا چۆكۈشكە باشلايدىغانلىقىنى ئويلىمىغانىدى. ئۇ سۇ ئۈستىدە مېڭىپ، ئەيسانىڭ قېشىغا بېرىشنى خالىغان. بىراق، ئۇ دىققىتىنى ئۆزى مەقسەت قىلغان ئىشقا داۋاملىق قارىتالمىغان. ئەلۋەتتە، بىز بۈگۈن سۇ ئۈستىدە ماڭمايمىز، بىراق ئىمان-ئېتىقادىمىز سىناققا دۇچ كېلىدۇ. ئەگەر بىز يەھۋانىڭ كۆزقارىشى ۋە ئۇنىڭ ۋەدىلىرىنى ئۇنتۇپ قالساق، روھىي جەھەتتىن چۆكۈپ كېتىشكە باشلايمىز. ھاياتىمىزدا مەيلى قانداق سىمۋوللۇق مەنىدىكى بوران-چاپقۇنلارغا يولۇقۇشىمىزدىن قەتئىينەزەر، دىققىتىمىزنى چوقۇم يەھۋاغا ۋە ئۇنىڭ بىزگە ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىغا قارىتىشىمىز كېرەك.
8. ھەددىدىن زىيادە غەم-ئەندىشە قىلماسلىقىمىزغا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
8 قىيىنچىلىقلىرىمىز ھەققىدە غەم-ئەندىشە قىلىشنىڭ ئورنىغا، يەھۋاغا ئىشەنچ باغلىشىمىز كېرەك. شۇنى ئېسىمىزدە تۇتۇشىمىز كېرەككى، ئاتىمىز يەھۋا روھىي ئىشلارنى بىرىنچى ئورۇنغا قويساق، ماددىي ئېھتىياجلىرىمىزنى تەمىنلەپ بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ (مەتتا 6:32، 33). ئۇ ھەردائىم ئۆز ۋەدىسىدە تۇرۇپ كەلگەن (تەكرار. قا 8:4، 15، 16؛ زەبۇر 37:25). ئەگەر ئۇ ھەتتا قۇشلار ۋە گۈللەرگە غەمخورلۇق قىلسا، بىزنىڭ نېمە يېيىش ۋە نېمە كىيىش ھەققىدە قىلغان غەم-ئەندىشىلىرىمىزگە چوقۇم كۆڭۈل بۆلمەي قويمايدۇ! (مەتتا 6:26—30؛ فىلىپى. 4:6، 7) خۇددى بالىلىرىنى ياخشى كۆرىدىغان مېھرىبان ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئېھتىياجلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەندەك، ئاسماندىكى ئاتىمىز بىزنىڭمۇ ئېھتىياجلىرىمىزغا چوقۇم كۆڭۈل بۆلىدۇ. شۇنداق ئىكەن، يەھۋانىڭ بىزگە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنەلەيمىز.
9. بىر جۈپ ئەر-ئايالنىڭ باشتىن ئۆتكۈزگەنلىرىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟
9 يەھۋانىڭ ماددىي ئېھتىياجلىرىمىزنى تەمىنلەپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدە بىر مىسالنى كۆرۈپ باقايلى. تولۇق ۋاقىت خىزمەت قىلىدىغان بىر جۈپ كونا ماشىنىسى بىلەن كۆچمەنلەر لاگېرىدا ياشايدىغان بىر قانچە قېرىندىشىمىزنى يىغىلىشلارغا ئېلىپ كېلەتتى. بۇرادەر مۇنداق دەيدۇ: «يىغىلىشتىن كېيىن بىز قېرىنداشلارنى تاماققا ئۆيگە تەكلىپ قىلدۇق. ئەمما، كېيىن ئۆيدە ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويغۇدەك ھېچنېمىنىڭ يوقلىقىنى ئېسىمگە ئالدىم». ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، ئىشىك ئالدىدا ئىككى چوڭ خالتىدا يېمەك-ئىچمەكلەر تۇرغانلىقىنى كۆردۇق. ئەمما، كىمنىڭ ئەكېلىپ قويغانلىقىنى بىلمىدۇق. چوقۇم يەھۋا بىزگە غەمخورلۇق قىلغان»،— دېگەن. كېيىنرەك، بۇ بىر جۈپنىڭ ماشىنىسى بۇزۇلۇپ قالغان. ئۇلار ۋەز خىزمەتكە بېرىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئېھتىياجلىق ئىدى. بىراق، ئۇلارنىڭ رېمونت قىلدۇرۇش ئۈچۈن پۇلى بولمىغان. ئەمما، ئۇلار رېمونتخانىغا ماشىنىسىنى ئېلىپ بېرىپ، قانچە پۇل كېتىدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولغان. شۇ چاغدا، بىر كىشى ئۇلارنىڭ قېشىغا كېلىپ: «بۇ كىمنىڭ ماشىنىسى دەپ سورىغان؟» بۇرادەر ماشىنا مېنىڭ، رېمونت قىلىش كېرەك، دېگەن. ئۇ كىشى: «بۇ مۇھىم ئەمەس، ئايالىم شۇنداق ماشىنىنى، يەنى دەل مۇشۇ رەڭدىكىسىنى خالايتتى. قانچە پۇلغا ساتىسىز؟»— دەپ سورىغان. بۇرادەر ماشىنىسىنى سېتىۋېتىپ، باشقا بىرىنى سېتىۋالغۇدەك پۇلغا ئېرىشكەن. ئاخىرىدا، ئۇ شۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۆزۈمنىڭ قانچىلىك خۇشال بولغانلىقىنى قانداق تەسۋىرلەشنى بىلەلمىدىم. بۇ ئەلۋەتتە بىر تاسادىپىي ئىش ئەمەس، يەھۋانىڭ ياردەم قولى».
10. زەبۇر 37:5-ئايەت بىزنى نېمە قىلىشقا ئۈندەيدۇ؟
10 ئەگەر بىز ياخشى پادىچى ئەيسانىڭ تەلىمىگە قۇلاق سېلىپ، ھاياتىمىزدا ئارتۇق غەم-ئەندىشە قىلمىساق، يەھۋانىڭ بىزگە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنەلەيمىز (زەبۇر 37:5-نى ئوقۇڭ؛ 1-پېتر. 5:7). بەشىنچى ئابزاستا، تىلغا ئالغان ۋەزىيەتنى مۇھاكىمە قىلىپ كۆرەيلى. تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە، بىر ئائىلە باشلىقى ياكى ئىش ئورنىدىكى خوجايىن ئارقىلىق، يەھۋا تۇرمۇشتىكى ئېھتىياجلىرىمىزنى تەمىنلەپ كېلىۋاتىدۇ. ئەگەر بىر ئائىلە بېشى ئۆز ئائىلىسىنى تەمىنلەپ بېرەلمىسە ياكى بىز ئىش ئورنىمىزدىن ئايرىلىپ قالغان بولساق، يەھۋا باشقا يوللار بىلەن ئېھتىياجلىرىمىزغا غەمخورلۇق قىلىدۇ. بىز بۇنىڭغا ئىشىنەلەيمىز. تۆۋەندە ياخشى پادىچى بىزنى يەنە نېمە قىلىشنى توختىتىشقا ئۈندەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.
باشقىلارنى ھۆكۈم قىلىشنى توختىتىڭ
11. مەتتا 7:1، 2-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، ئەيسا نېمە قىلماسلىقى ھەققىدە قانداق نەسىھەت بەرگەن؟ نېمە ئۈچۈن بۇ بەزىدە ئاسان ئەمەس؟
11 مەتتا 7:1، 2-نى ئوقۇڭ. ئەيسا ئىنسانلارنىڭ نامۇكەممەل ۋە باشقىلارنىڭ خاتالىقلىرىغا دىققەت قىلىشقا مايىل ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. شۇڭا، ئۇ: «ھۆكۈم قىلىشنى توختىتىڭلار»،— دەپ نەسىھەت بەرگەن. بەلكىم، بىز ئەيسا ئېيتقاندەك ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلماسلىققا تىرىشىمىز. ئەمما، بىز ھەممىمىز نامۇكەممەل بولغاچ، بەزىدە شۇنداق قىلالمايمىز. ئۇنداقتا، بەزىدە باشقىلارنى تەنقىدلەشكە مايىل بولساق، چوقۇم نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ ئەيسانىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ، باشقىلارنى ھۆكۈم قىلىشنى توختىتىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك.
12، 13. نېمە ئۈچۈن يەھۋانىڭ داۋۇتقا بولغان كۆزقارىشى باشقىلارنى ھۆكۈم قىلىشنى توختىتىشىمىزغا ياردەم بېرەلەيدۇ؟
12 يەھۋانىڭ ئۈلگىسى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىشنىڭ بىز ئۈچۈن پايدىسى بار. ئۇ ھەمىشە كىشىلەرنىڭ ياخشى تەرەپلىرىگە دىققەت ئاغدۇرىدۇ. ئېغىر گۇناھلارنى ئۆتكۈزگەن داۋۇت پادىشاھقا، يەھۋانىڭ قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى. مەسىلەن، داۋۇت باتشەبا بىلەن زىنا قىلىش ۋە ھەتتا ئۇنىڭ ئېرىنى ئۆلتۈرۈشتەك ئېغىر گۇناھ قىلغان (2-سام. 11:2—4، 14، 15، 24). نەتىجىدە، ئۇ ئۆزىگىلا ئەمەس، باشقا ئاياللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئائىلە ئەزالىرىغىمۇ زىيان يەتكۈزگەن (2-سام. 12:10، 11). يەنە بىر ۋەزىيەتتە، داۋۇت يەھۋاغا پۈتۈنلەي ئىشەنچ قىلمىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. يەنى، ئۇ يەھۋانىڭ بۇيرۇقىغا قۇلاق سالماي، ئىسرائىل قوشۇنلىرىنى ساناپ چىققان. داۋۇت ئۆز قوشۇنلىرىنىڭ كۆپلىكىدىن بەكمۇ پەخىرلەنگەچ، شۇنداق قىلغان بولۇشى مۇمكىن. نەتىجىدە نېمە ئىش بولغان؟ 70000غا يېقىن ئىسرائىللار ۋابا بىلەن ئۆلگەن.—2-سام. 24:1—4، 10—15.
13 ئەگەر سىز شۇ ۋاقىتتا ئىسرائىللار ئارىسىدا ياشىغان بولسىڭىز، داۋۇتقا قانداق كۆزقاراشتا بولاتتىڭىز؟ «ئۇ يەھۋانىڭ كەچۈرۈم قىلىشىغا ئەرزىمەيدۇ!»— دەپ ھۆكۈم قىلاتتىڭىزمۇ؟ ئەمما، يەھۋا شۇنداق كۆزقاراشتا بولمىغان. يەھۋا دىققىتىنى داۋۇتنىڭ پۈتۈن ھاياتىدا ساداقەتمەن بولغانلىقى ۋە گۇناھىغا چىن قەلبىدىن توۋا قىلغانلىقىغا قاراتقان. شۇڭا داۋۇتنىڭ ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىكىگە قارىماي، يەھۋا ئۇنى كەچۈرگەن. ئۇ داۋۇتنىڭ ئۇنى قانچىلىك سۆيگەنلىكىنى ۋە توغرا ئىش قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلگەن. يەھۋا دىققىتىنى ياخشى پەزىلەتلىرىمىز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزگە ئاغدۇرىدىغانلىقىغا ھەقىقەتەن بەك مىننەتدارمىز!—1-پادىشاھ. 9:4؛ 1-تارىخ. 29:10، 17.
14. مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە باشقىلار ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىشنى توختىتىشقا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
14 يەھۋا مۇكەممەل بولۇشىمىزنى تەلەپ قىلمىغاندەك، بىزمۇ باشقىلاردىن مۇكەممەل بولۇشىنى تەلەپ قىلماسلىقىمىز كېرەك. ئادەتتە باشقىلارنىڭ كەمچىلىكلىرىنى كۆرۈپ، ئۇنى تەنقىد قىلىش بەكمۇ ئاسان. ئەمما، روھىي جەھەتتىن يېتىلگەن كىشى باشقىلارنىڭ كەمچىلىكىنى كۆرسىمۇ، يەنىلا ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ. تەبىئىي ئالماسنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى چىرايلىق ئەمەس، بىراق ئەقىللىق ئادەم شۇ ئالماسنى سىلىقلاپ ياسىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ قانچىلىك چىرايلىق ۋە قىممەتلىك بولىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ. يەھۋا ۋە ئەيسا مەسىھكە ئوخشاش، بىزمۇ باشقىلارنىڭ سىرتقى كۆرۈنىشىگە، يەنى كەمچىلىكىگە ئەمەس، ئۇلارنىڭ ياخشى پەزىلەتلىرىگە دىققەت ئاغدۇرۇشقا تىرىشىشىمىز كېرەك.
15. نېمە ئۈچۈن بىز باشقىلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە ئويلاپ كۆرسەك، ئۇلار ئۈستىدىن ئالدىراپ ھۆكۈم چىقارمايمىز؟
15 باشقىلارنىڭ ياخشى تەرىپىگە دىققەت قىلىپلا قالماي، بىز ئۇلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرسەك، باشقىلارنى ھۆكۈم قىلىشتىن ساقلىنالايمىز. ئەيسانىڭ ئۈلگىسىنى كۆرۈپ باقايلى. بىر قېتىم، ئۇ ئىبادەتخانىدا بىر كەمبەغەل تۇل ئايالنىڭ غەزنە ساندۇقىغا ئىككى تەڭگە تاشلىغانلىقىنى كۆرگەن. ئەيسا نېمە ئۈچۈن ئۇ ئايال كۆپرەك پۇل تاشلىمايدۇ دەپ سورىمىغان؟ ئۇ دىققىتىنى تۇل ئايالنىڭ قانچىلىك پۇل تاشلىغانلىقىغا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ نىيىتى ۋە ۋەزىيىتىگە قاراتقان. ئەيسا ئۇ ئايالنى قولدىن كېلىشىچە شۇنداق قىلغىنى ئۈچۈن ماختىغان.—لۇقا 21:1—4.
16. ۋېرونىكانىڭ تەجرىبىسىدىن نېمىنى ئۆگەندىڭىز؟
16 ئەگەر بىز ۋېرونىكانىڭ باشتىن كەچۈرگەنلىرىگە دىققەت قىلساق، باشقىلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە ئويلىنىشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى بىلەلەيمىز. ئۇنىڭ جامائىتىدە ئوغلىدىن يالغۇز خەۋەر ئالىدىغان بىر ئانا بولغان. ۋېرونىكا شۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇلارنىڭ يىغىلىشلارغا ۋە ۋەز خىزمىتىگە دائىم قاتناشمايدىغانلىقىنى كۆردۈم. شۇڭا، مەن ئۇلارغا كۆڭلۈمدە سەلبىي ئوي-پىكىردە بولدۇم. كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن ۋەز خىزمەتكە چىققاندا، ئۇ ماڭا ئۆز ئوغلىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى ئاجىزلىقىنى ۋە قىيىنچىلىقلىرىنى ئېيتىپ بەردى. ئۇ ئۆزلىرىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى ئېھتىياجلىرىنى تەمىنلەش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشقانىدى. بەزىدە ئوغلىنىڭ سالامەتلىكى تۈپەيلى، باشقا جامائەتتىكى يىغىلىشقا قاتنىشىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى». ۋېرونىكا سۆزلىرىنى خۇلاسىلەپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن بۇ قېرىنداشنىڭ شۇنداق كۆپ قىيىنچىلىقلارنى باشتىن ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلمىگەن ئىدىم. ئۇنىڭ شۇنداق ۋەزىيەتتە يەھۋاغا قولىدىن كېلىشىچە خىزمەت قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىغا بەكمۇ مىننەتدارمەن ۋە ئۇنى ھۆرمەتلەيمەن».
17. ياقۇپ 2:8-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، بىز نېمە قىلىشىمىز كېرەك ۋە شۇنى قانداق قىلالايمىز؟
17 ئەگەر بىز دائىم باشقىلار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشقا مايىل بولۇۋاتقانلىقىمىزنى بايقىساق، قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ شۇنى ئۇنتۇماڭكى، بىز قېرىنداشلىرىمىزنى سۆيۈشىمىز كېرەك (ياقۇپ 2:8-نى ئوقۇڭ). بىز يەھۋاغا سەمىمىي دۇئا قىلىپ، ئۇنىڭدىن باشقىلار ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىشنى توختىتىشىمىزغا ياردەم بېرىشنى ئۆتۈنۈپ سورىشىمىز كېرەك. دۇئالىرىمىزغا ماس تەشەببۇسكارلىق بىلەن، ئاشۇ ئۆزۈمىز سەلبىي كۆزقاراشتا بولۇۋاتقان كىشى بىلەن پاراڭلىشىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلساق، ئۇنى تېخىمۇ ياخشىراق تونۇيالايمىز. مەسىلەن، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى بىرلىكتە ۋەز خىزمەتكە ياكى تاماق يېيىشكە تەكلىپ قىلساق بولىدۇ. بىز قېرىندىشىمىزنى ياخشىراق چۈشىنىش جەريانىدا، چوقۇم ياراتقۇچى يەھۋا ۋە مەسىھ ئەيسانى ئۈلگە قىلىپ، ئۇنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى كۆرۈشكە تىرىشىشىمىز لازىم. شۇنداق بولغاندا، بىز ياخشى پادىچى ئەيسانىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ، باشقىلار ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىشنى توختىتالايمىز.
18. ياخشى پادىچىنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
18 خۇددى قويلار پادىچىنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالغاندەك، ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىمۇ ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالىدۇ. ئەگەر بىز تۇرمۇشتىكى ماددىي ئېھتىياجلىرىمىز ھەققىدە غەم-ئەندىشە قىلىشنى ۋە باشقىلار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشنى توختىتىشقا تىرىشساق، يەھۋا ۋە ئەيسا مەسىھ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىمىزنى بەرىكەتلەيدۇ. مەيلى كىچىك پادا ياكى باشقا قويلار ئارىسىدا بولايلى، ياخشى پادىچىمىزنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ، داۋاملىق ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە بويسۇنايلى! (لۇقا 12:32؛ يۇھاننا 10:11، 14، 16) كېيىنكى ماقالىدە، بىز ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى چوقۇم قىلىشىمىز كېرەك بولغان ئىككى نەرسە ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىمىز.
53-ناخشا ئىناق بىللە خىزمەت قىلىش
a ئەيسا ئۆز قويلىرىنى ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالىدۇ دېگەندە، ئۆز شاگىرتلىرى ئۇنىڭ تەلىملىرىگە قۇلاق سېلىپ، ھاياتىدا شۇلارنى ئەمەلىي قوللىنىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتقان. بۇ ماقالىدە تۇرمۇشتىكى ماددىي نەرسىلەردىن غەم قىلماسلىق ۋە باشقىلارنى ھۆكۈم قىلىشنى توختىتىش ھەققىدىكى ئەيسانىڭ ئىككى مۇھىم تەلىمىنى مۇھاكىمە قىلىمىز ۋە شۇلارنى ھاياتىمىزدا قانداق ئەمەلىي قوللىنالايدىغانلىقىمىزنى ئۆگىنىمىز.
b سۈرەتتە: بۇرادەر ئىشىدىن ئايرىلىپ، ئائىلىسىنى باققىدەك پۇلى يوق. ئۇ تۇرۇش ئۈچۈن باشقا ئۆينى تېپىشى كېرەك. ئەگەر ئۇ دىققەت قىلمىسا، يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشنىڭ ئورنىغا، قىيىنچىلىقلارغا دىققىتىنى قارىتىپ، يەھۋادىن يىراقلىشىپ كېتىشى مۇمكىن.
c سۈرەتتە: بىراق، ئۇ نارەسمىي ۋەز قىلىش، ياشانغانلارغا ئەمەلىي ياردەم بېرىش ۋە ئىبادەت قىلىدىغان جايلارنى ياخشى ئاسراپ تۇتۇش قاتارلىق ئىشلارغا تەييار تۇرۇپ، ياخشى پەزىلەتلەرنى كۆرسىتىۋاتىدۇ.