32-تەتقىق ماقالىسى
ياشلار، چۆمۈلدۈرۈلگەندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلىڭلار
«ھەممە نەرسىدە مۇھەببەت بىلەن ئۆسۈپ يېتىلەيلى».—ئەفەس. 4:15.
34-ناخشا ئىسىمىمىزغا ماس ياشايلى!
بۇ ماقالىدە a
1. نۇرغۇنلىغان ياشلار ئاللىقاچان نېمە ئىش قىلغان؟
ھەر يىلى مىڭلىغان ياشلار چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈۋاتىدۇ. سىزمۇ شۇلارنىڭ ئارىسىدىمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىڭىز ۋە يەھۋا خۇدا سىز ئۈچۈن ئىنتايىن خۇشال (پەند. نە 27:11). ئۆزىڭىزنىڭ قانداق ياخشى ئىشلارنى قىلغانلىقىڭىز ھەققىدە بىراز ئويلىنىپ كۆرۈڭ. بەلكىم، بىرقانچە يىل تىرىشىپ، مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش جەريانىدا، مۇقەددەس كىتابنىڭ خۇدا سۆزى ئىكەنلىكىگە قايىل بولدىڭىز. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ كىتابنىڭ مۇئەللىپىنى تونۇپ، ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىڭىز ئاشتى. يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىڭىز بارغانسېرى چوڭقۇرلۇشۇپ، ھازىر بولسا ئۆزىڭىزنى ئۇنىڭغا ئاتاپ، چۆمۈلدۈرۈلگەن يەھۋا گۇۋاھچىسى بولدىڭىز. كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىڭىزنى ھەقىقەتەن ماختاشقا بولىدۇ!
2. بۇ ماقالىدە نېمە ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىمىز؟
2 شەك-شۈبھىسىزكى، سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگەنگە قەدەر ئېتىقادتا تۈرلۈك سىناقلارغا دۇچ كەلدىڭىز. بىراق، يېشىڭىزنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، يەنە يېڭى سىناقلارغا دۇچ كېلىسىز. شەيتان ھەرتۈرلۈك يوللار بىلەن سىزنى يەھۋانى سۆيۈشنى ۋە ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشنى توختىتىشقا ئۇرۇنىدۇ (ئەفەس. 4:14). بۇنىڭغا ھەرگىز يول قويماڭ. يەھۋاغا سادىق قېلىپ، ئۆزىڭىزنى ئۇنىڭغا بېغىشلىغاندا بەرگەن ۋەدىڭىزنى ئورۇنلىشىڭىز ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟ سىز چوقۇم داۋاملىق ئىمان-ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلىش ئۈچۈن تىرىشىشىڭىز كېرەك (ئىبرانىي. 6:1). ئىمان-ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلىش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟
ئىمان-ئېتىقادتا يېتىلىش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟
3. سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگەندىن كېيىن بارلىق مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى چوقۇم نېمە ئىش قىلىشى كېرەك؟
3 سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگەندىن كېيىن ھەممىمىز ئەلچى پاۋلۇسنىڭ ئەفەستىكى ئېتىقادچىلارغا بەرگەن نەسىھەت سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىشىمىز زۆرۈر. ئۇ ئۇلارنى پىشىپ يېتىلگەن ئېتىقادچى بولۇشقا دەۋەت قىلغان (ئەفەس. 4:13). باشقىچە ئېيتقاندا، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندىگەن. پاۋلۇس روھىي جەھەتتىن ئۆسۈشنى كىچىك بالىنىڭ جىسمانىي جەھەتتىن ئۆسۈشى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشىنەلەيمىز. يېڭى بوۋاق تۇغۇلغاندا، ئاتا-ئانىسى ئۇنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىدۇ. بىراق، ئۇ مەڭگۈ بوۋاق ھالىتىدە قالمايدۇ، ۋاقتى كەلگەندە ئۇ بالىلىقىنى تاشلىشى كېرەك (1-كورىنت. 13:11). مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىمۇ دەل مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگەندىن كېيىن چوقۇم داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەك. شۇنداق قىلىشىمىزغا ياردەم بېرەلەيدىغان بەزى تەكلىپ پىكىرلەرنى بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلىپ باقايلى.
4. روھىي جەھەتتىن ئالغا ئىلگىرىلىشىڭىزگە نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟ (فىلىپىلىكلەر 1:9)
4 يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىڭىزنى كۈچەيتىڭ. سىز ئاللىقاچان يەھۋانى ئىنتايىن ياخشى كۆرىسىز. بىراق، ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىڭىزنى تېخىمۇ كۈچەيتەلەيسىز. قانداق؟ ئەلچى پاۋلۇس شۇنداق قىلىشنىڭ بىر يولىنى فىلىپىلىكلەر 1:9-ئايەتتە (ئوقۇڭ) كۆرسىتىپ ئۆتكەن. پاۋلۇس فىلىپىلىكلەرنىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتىنىڭ «تېخىمۇ ئېشىشى» ئۈچۈن دۇئا قىلغان ئىدى. دېمەك، بىز يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى كۈچەيتەلەيمىز. توغرا بىلىم ۋە دانالىقىمىزنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئۇنى كۈچەيتەلەيمىز. بىز يەھۋا ھەققىدە كۆپرەك بىلگەنسېرى، ئۇنى تېخىمۇ سۆيىمىز ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتى ۋە ئىش قىلىش ئۇسۇللىرىنى تېخىمۇ ياخشىراق چۈشىنىمىز. ئۇنى خۇرسەن قىلىش ئارزۇ-ئىستىكىمىز ئاشقانسېرى، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىدىغان ھەرقانداق ئىشنى قىلىشتىن يىراق تۇرىمىز. بىز ئۇنىڭ ئىرادىسىنى چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭغا ماس ئىش-ھەرىكەت قىلىشقا تىرىشىمىز.
5، 6. يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى قانداق كۈچەيتەلەيمىز؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
5 ئەيسا مەسىھ، ياراتقۇچى يەھۋانىڭ سۈپەتلىرىنى مۇكەممەل ئۈلگە قىلغان. شۇڭا، بىز ئەيسا ھەققىدە ياخشىراق بىلىم ئالساق، يەھۋا خۇداغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ (ئىبرانىي. 1:3). ئەيسا بىلەن تونۇشۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى — تۆت خۇش خەۋەر كىتابىنى تەتقىق قىلىش. ئەگەر ھەر كۈنى مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇشنى تېخى كۈندىلىك ئادەتكە ئايلاندۇرمىغان بولسىڭىز، ئەيسا توغرىسىدىكى بايانلارنى ئوقۇشتىن باشلىسىڭىز بولىدۇ. ئەيسا ھەققىدە ئوقۇغىنىڭىزدا، ئۇنىڭ پەزىلەتلىرىگە ئالاھىدە دىققەت ئاغدۇرۇڭ. ئۇنىڭغا يېقىنلىشىش ئىنتايىن ئاسان ئىدى. ئۇ مېھرىبانلىق بىلەن كىچىك بالىلارنى قۇچىقىغا ئالاتتى (ماركۇس 10:13–16). ئۇ مېھرىبان ۋە دوستانە بولغاچ، ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بىمالال ئۆز ھېس-تۇيغۇلىرى ۋە ئوي-پىكىرلىرىنى ئۇنىڭغا ئېيتالىغان (مەتتا 16:22). ئەيسا مۇشۇ تەرەپتە ئاسماندىكى ئاتىسىنى ئۈلگە قىلغان. يەھۋاغىمۇ يېقىنلىشىش ئىنتايىن ئاسان! بىز دۇئا ئارقىلىق ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئوي-پىكىر ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىنى يەھۋاغا يېتىپ بېرەلەيمىز. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئۇ بىزنى ئەيىبلىمەيدۇ. ئەكسىچە، ئۇ بىزنى سۆيىدۇ ۋە غەمخورلۇق قىلىدۇ.—1-پېتر. 5:7.
6 ئەيسا كىشىلەرگە ھېسداشلىق قىلغان. ئەلچى مەتتا مۇنداق دەيدۇ: «توپلاشقان ئادەملەرنى كۆرۈپ، ئۇ ئۇلارغا ئىچى ئاغرىتتى، چۈنكى ئۇلار تاشلىۋېتىلگەن پادىچىسى يوق قويلاردەك تارقىلىپ كەتكەن ۋە ئېزىلگەن ئىدى» (مەتتا 9:36). يەھۋانىڭ قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولغانلىقىنى، ئەيسا مۇنۇ سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىگەن: «ئاسماندىكى ئاتاممۇ بۇ كىچىكلەرنىڭ ھېچبىرىنىڭ ھالاك بولۇشىنى خالىمايدۇ» (مەتتا 18:14). مۇشۇ سۆزلەر بىزنى ئىنتايىن خۇشال قىلىدۇ! چۈنكى، يەھۋانىڭ بىزنى بەكمۇ سۆيىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەيسانى تېخىمۇ ياخشىراق تونۇغانسېرى، يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىز كۈچىيىدۇ.
7. پىشىپ يېتىلگەن ئېتىقادچىلار بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈش سىزگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
7 يەنە جامائەتتىكى پىشىپ يېتىلگەن ئېتىقادچىلار بىلەن تونۇشۇش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆيۈمچان ۋە روھىي جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلگەن خۇدا خىزمەتچىسى بولۇشنى ئۆگىنەلەيسىز. ئۇلارنىڭ قانچىلىك خۇشال ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىڭ. ئۇلار ھېچقاچان يەھۋاغا خىزمەت قىلىش قارارىدىن پۇشايمان قىلمايدۇ. ئۇلاردىن يەھۋاغا قىلغان خىزمىتىدە باشتىن كەچۈرگەن بەزى كەچۈرمىشلەرنى سۆزلەپ بېرىشنى سوراڭ. مۇھىم قارارنى چىقارغىنىڭىزدا، ئۇلاردىن مەسلىھەت سوراڭ. مۇقەددەس كىتاب: «دانا مەسلىھەتچىلەر كۆپ بولسا، مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرەر»،— دەيدۇ.—پەند. نە 11:14.
8. مۇقەددەس كىتابنىڭ تەلىملىرىدىن گۇمانلانسىڭىز، نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟
8 گۇمانلىرىڭىزنى يېڭىڭ. ئىككىنچى ئابزاستا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندەك، شەيتان روھىي جەھەتتىن ئالغا ئىلگىرىلىشىڭىزگە توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. ئۇنىڭ بۇنداق قىلىش يوللىرىدىن بىرى — مۇقەددەس كىتابتىن ئۆگەنگەن بەزى تەلىملەر ھەققىدە كاللىڭىزدا گۇمان پەيدە قىلىش. مەسىلەن، ھازىر ياكى كېيىنرەك بولسۇن، ياراتقۇچىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىدىغان تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى بىلەن ئۇچرىشىسىز. كىچىك چاغلىرىڭىزدا، بۇ ماۋزۇ ھەققىدە ئويلىنىپ باقمىغان ياكى ئىنتايىن ئاز ئويلانغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. ئەمما، ھازىر سەل چوڭ بولغاندا، بەلكىم مەكتەپتىكى مۇشۇ ماۋزۇ ھەققىدىكى دەرستە، ئوقۇتقۇچىلىرىڭىزنىڭ ئېيتقان تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى قوللايدىغان سۆزلىرى مەنتىقىگە ئۇيغۇن ۋە ئىنتايىن قايىل قىلارلىق كۆرۈنۈشى مۇمكىن. بىراق، ئۇلار ياراتقۇچىنىڭ مەۋجۇتلىقى ھەققىدىكى دەلىل ئىسپاتلار ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىنىپ كۆرمىگەن بولۇشى مۇمكىن. پەندى-نەسىھەت 18:17-ئايەتتىكى «سوتتا تۇنجى بولۇپ سۆزلىگەن ھەقلىقتەك كۆرۈنەر، كېيىن باشقىسى كېلىپ سوئال قويۇپ تەكشۈرەر» دېگەن پرىنسىپنى ئەستىن چىقارماڭ. مەكتەپتە ئاڭلىغان كۆزقاراشلارنى قارغۇلارچە قوبۇل قىلىشنىڭ ئورنىغا، خۇدا سۆزى بولغان مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەتلەر ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ، نەشىر ماتېرىياللىرىمىزنى ئوقۇپ، ئىزدىنىپ كۆرۈڭ. ئىلگىرى تەدرىجىي تەرەققىياتقا ئىشەنگەن قېرىنداشلار بىلەن سۆھبەتلىشىڭ. ئۇلاردىن نېمە ئۇلارنى ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىغا قايىل قىلغانلىقىنى سوراڭ. بۇنداق ئەھمىيەتلىك سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ياراتقۇچىنىڭ مەۋجۇتلىقى ھەققىدىكى دەلىل-ئىسپاتلارنى تېپىشىڭىزغا ياردەم بېرەلەيدۇ.
9. مېلىسسانىڭ مىسالىدىن نېمىلەرنى ئۆگەندىڭىز؟
9 مېلىسسا ئىسىملىك بىر قېرىنداش، ئۆزىنىڭ يارىتىلىش ھەققىدە ئېلىپ بارغان ئىزدىنىشىنىڭ كۆپ پايدىسىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتقان b. مەكتەپتە مۇئەللىملەر تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى چۈشەندۈرگەندە، قايىل قىلارلىق ھالدا چۈشەندۈرەتتى. «مەن دەسلەپتە تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى ھەققىدە ئىزدىنىشتىن قورقتۇم. چۈنكى، ئۇنىڭ راست بولۇشىدىن ئەنسىرەتتىم. بىراق، شۇنداق چوڭقۇر ئويلاندىمكى، يەھۋا بىزنىڭ ئۇنىڭغا قارغۇلارچە ئىبادەت قىلىشىمىزنى خالىمايدۇ. شۇڭا، چوڭقۇر ئىزدىنىپ كۆرۈشكە باشلىدىم. مەن «ياراتقۇچى بارمۇ؟» دېگەن كىتابنى، «ھاياتلىق يارىتىلغانمۇ؟» ۋە «مەۋجۇداتنىڭ مەنبەسى. بەش مۇھىم سوئال» دېگەن كىتابچىلارنى ئوقۇپ چىقتىم. مەن دەل بۇنىڭغا ئېھتىياجلىق ئىدىم. بەك ئەپسۇس، نېمىشقا مەن بالدۇرراق باشلىمىغاندىمەن».
10، 11. ئەخلاقىي جەھەتتىن پاك بولۇشىڭىزغا نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟ (1-سالونىكالىقلار 4:3، 4)
10 خاتا ئىش-ھەرىكەتلەرنى رەت قىلىڭ. ياشلىق دەۋرىڭىزدە جىنسىي ئالاقە قىلىش ئارزۇ-ئىستىكىڭىز كۈچىيىپ، بەزىدە باشقىلار سىزنى جىنسىي ئالاقىدە بولۇشقا قايىل قىلىشقا ئۇرۇنۇشى مۇمكىن. شەيتان سىزنىڭ دەل شۇنداق ئارزۇ-ئىستەك بويىچە ئىش قىلىشىڭىزنى خالايدۇ. ئەخلاقىي جەھەتتىن پاك بولۇشىڭىزغا نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟ (1-سالونىكالىقلار 4:3، 4-نى ئوقۇڭ). شەخسىي دۇئالىرىڭىزدا يەھۋاغا ئۆز ھېس تۇيغۇلىرىڭىزنى ئېيتىپ، ئۇنىڭدىن كۈچ سوراڭ (مەتتا 6:13). شۇنى ئەستە ساقلاڭكى، يەھۋا سىزنى ئەيىبلەشنى ئەمەس، بەلكىم سىزگە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ (زەبۇر 103:13، 14). ئۇنىڭدىن باشقا، مۇقەددەس كىتاب سىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ. ئىلگىرى تىلغا ئالغان مېلىسسا، ئۆزىنىڭ ناپاك ئوي-خىياللارغا قانداق قارشى تۇرغانلىقى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ. «ھەر كۈنى مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇش ماڭا ناپاك ئويلار بىلەن كۈرەش قىلىشقا ياردەم بەردى؛ ئۆزۈمنىڭ يەھۋاغا تەۋە بولۇپ، ئۇنىڭ خىزمەتچىسى ئىكەنلىكىمنى ئەسكەرتىپ تۇردى».—زەبۇر 119:9.
11 ئۆز قىيىنچىلىقلىرىڭىزنى يالغۇز بىتەرەپ قىلىشقا ئۇرۇنماڭ. ئاتا-ئانىڭىز بىلەن قىيىنچىلىقىڭىز توغرىسىدا سۆھبەتلىشىڭ. ئەلۋەتتە، ئۇلار بىلەن بۇنداق شەخسىي ئىشلار توغرىسىدا پاراڭلىشىش ئاسان ئەمەس. ئەمما، بۇنداق قىلىش ناھايىتى مۇھىم. مېلىسسا مۇنداق دەيدۇ: «مەن جاسارەت سوراپ، دۇئا قىلدىم. ئاندىن دادام بىلەن ئۆز قىيىنچىلىقىم توغرىسىدا پاراڭلاشتىم. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۆزۈمنى ئىنتايىن يەڭگىللەپ قالغاندەك ھېس قىلدىم. يەھۋانىڭ مەندىن پەخىرلەنگەنلىكىنى بىلىمەن».
12. توغرا قارارلارنى چىقىرىشىڭىزغا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
12 مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلار بويىچە ياشاڭ. يېشىڭىزنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن ئىشلاردا ئۆزىڭىزنىڭ شەخسەن قارار چىقىرىشىغا توغرا كېلىدۇ. ئەمما، سىزنىڭ تۇرمۇشتىكى تەجرىبىڭىز يەنىلا چەكلىك. يەھۋا بىلەن بولغان دوستلىقىڭىزغا تەسىر يەتكۈزىدىغان خاتالىقنى ئۆتكۈزۈپ قويۇشتىن قانداق ساقلىنالايسىز؟ (پەند. نە 22:3). كارى ئىسىملىك بىر قېرىنداش، ئۆزىنىڭ تېخىمۇ ياخشىراق قارار چىقىرىشىغا نېمە ياردەم بەرگەنلىكىنى چۈشەندۈرگەن. ئۇ پىشىپ يېتىلگەن ئېتىقادچىلارنىڭ ھەربىر ۋەزىيەت ئۈچۈن قانۇن-قائىدىلەرگە مۇھتاج بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن ئىدى. ئۇ شۇنداق دەيدۇ: «مەن پەقەت قانۇن-قائىدىلەرگە ئەگىشىش ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ شۇ ۋەزىيەتكە قانداق كۆز قاراشتا بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىشىم كېرەك ئىدى». مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇغاندا، ئۆز-ئۆزىڭىزدىن مۇنداق سوراپ كۆرۈڭ: «بۇ ئۈزۈندە، ماڭا يەھۋانىڭ كۆز قارىشى ھەققىدە نېمىلەرنى ئېيتىپ بېرىدۇ؟ ئوقۇغانلىرىمدىن توغرا ئىش قىلىشىمغا ياردەم بېرىدىغان قانداق پرىنسىپلارنى تاپالايمەن؟ شۇ پرىنسىپلارنى ئەمەلىي قوللانسام، قانداق پايدىسىنى كۆرىمەن؟» (زەبۇر 19:7؛ يەشايا 48:17، 18) مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇش ۋە ئۇنىڭدىكى پرىنسىپلار ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىش ئارقىلىق، يەھۋانى خۇرسەن قىلىدىغان قارارلارنى چىقىرىش سىز ئۈچۈن ئاسان بولىدۇ. داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقاندا، ھەربىر ۋەزىيەت ئۈچۈن قانۇن-قائىدىگە مۇھتاج ئەمەسلىكىڭىزنى كۆرۈپ يېتىسز. چۈنكى، يەھۋانىڭ شۇ ۋەزىيەتكە بولغان كۆز قارىشىنى چۈشىنىسىز.
13. ياخشى دوستلار سىزگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟ (پەندى-نەسىھەت 13:20)
13 يەھۋانى سۆيىدىغانلارنى دوست تۇتۇڭ. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ كەتكەندەك، دوستلىرىڭىز ئىمان-ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلىشىڭىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ (پەندى-نەسىھەت 13:20-نى ئوقۇڭ). خۇشاللىقىنى يۈتۈرۈپ قويغان سارا ئىسىملىك بىر قېرىنداشنىڭ قايتا خۇشاللىققا ئېرىشىشىگە دوستلىرى ياردەم بەرگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «دەل مۇھتاج بولغان ۋاقتىمدا، ياخشى دوستلارنى تاپتىم. بىر ياش قېرىنداش بىلەن ھەر ھەپتە جەم بولۇپ، «كۈزىتىش مۇنارى»نى ئۆگەندۇق. يەنە بىر دوستىم، جامائەت يىغىلىشلىرىدا قول كۆتۈرۈپ ئوي-پىكىرلەرنى بايان قىلىشىمغا ياردەم بەردى. دوستلىرىمنىڭ تەسىرىدە مەن ئەستايىدىل شەخسىي ئۆگىنىش ۋە دۇئا قىلىشقا باشلىدىم. نەتىجىدە، يەھۋا بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىم تېخىمۇ كۈچىيىپ، قايتا خۇشاللىقنى ھېس قىلىشقا باشلىدىم».
14. جۇلىئېن ياخشى دوستلارنى تېپىش ئۈچۈن نېمە قىلدى؟
14 سىزگە ياخشى تەسىر كۆرسىتىدىغان كىشىلەر بىلەن دوست بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟ ھازىر ئاقساقال بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان جۇلىئېن مۇنداق دەيدۇ: «ياشراق ۋاقتىمدا، ۋەز خىزمەتكە بىللە چىققانلار بىلەن يېقىن دوستلۇق ئورناتتىم. بۇ دوستلار ئىنتايىن قىزغىن ئىدى. ئۇلار ماڭا ۋەز خىزمەتنىڭ نەقەدەر خۇشاللىق ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقىنى كۆرۈشۈمگە ياردەم بەردى. مەن تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەت قىلىش ئۈچۈن مەقسەتلەرنى قويۇشقا باشلىدىم. مېنىڭ كۆپرەك ياخشى دوستلىرىمنىڭ بولمىغانلىقىنىڭ بىر سەۋەبى — پەقەت ئۆزۈم بىلەن تەڭ ياشتىكىلەر بىلەن ئارىلاشقان ئىدىم. كېيىن، بەيتەلدىكىلەر ئارىسىدىنمۇ ياخشى دوستلارنى تاپتىم. ئۇلارنىڭ ئۈلگىلىرى قانداق ئويۇن-تاماشىلارنى تاللىشىمغا ۋە يەھۋاغا تېخىمۇ يېقىنلىشىشىمغا ياردەم بەردى».
15. ئەلچى پاۋلۇس تىموتىينى قانداق ئاگاھلاندۇرغان؟ (2-تىموتىي 2:20–22)
15 ئەگەر جامائەتتىكى بىرى بىلەن ئارىلىشىش سىزنىڭ يەھۋا بىلەن بولغان دوستلىقىڭىزغا يامان تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى ھېس قىلسىڭىز، نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟ پاۋلۇس بىرىنچى ئەسىردىكى جامائەتتە، بەزى كىشىلەرنىڭ مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە خاس كۆز قاراش ۋە ئىش-ھەرىكەتتە بولمايۋاتقانلىقىنى بىلگەچكە، تىموتىينى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇلاردىن يىراق تۇرۇشنى ئېيتقان (2-تىموتىي 2:20–22-نى ئوقۇڭ). بىز يەھۋا بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىمىزنى قەدىرلەيمىز. شۇڭا، ھېچكىمنىڭ ئاسماندىكى ئاتىمىز بىلەن ئورناتقان دوستلۇق رىشتىمىزنى ئاجىزلاشتۇرۇشىغا يول قويمايمىز.—زەبۇر 26:4.
روھىي جەھەتتىن ئالغا ئىلگىرىلىشىڭىزگە ياردەم بېرىدىغان مەقسەتلەر
16. قانداق مەقسەتلەرنى قويسىڭىز بولىدۇ؟
16 پايدىلىق مەقسەتلەرنى قويۇڭ. ئېتىقادىڭىزنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ پىشىپ يېتىلگەن ئېتىقادچى بولۇشىڭىزغا ياردەم بېرىدىغان مەقسەتلەرنى تاللاڭ (ئەفەس. 3:16). مەسىلەن، شەخسىي تەتقىق ئۆگىنىشى ۋە مۇقەددەس كىتاب ئوقۇش ئادىتىڭىزنى ياخشىلاشنى قارار قىلسىڭىز بولىدۇ (زەبۇر 1:2، 3). دۇئالىرىڭىزنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاپ، پات-پات چىن قەلبىڭىزدىن يەھۋاغا دۇئا قىلسىڭىز بولىدۇ. ياكى بولمىسا، كۆڭۈل ئېچىشنى تاللاش ۋە ۋاقتىڭىزدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولۇشىڭىزغا توغرا كېلىشى مۇمكىن (ئەفەس. 5:15، 16). يەھۋا سىزنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش ئۈچۈن كۆپ تىرىشىۋاتقانلىقىڭىزنى كۆرسە، ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ.
17. باشقىلارغا ياردەم بېرىشنىڭ ئۆزىڭىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟
17 باشقىلارغا ياردەم بېرىش ئىمان-ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلىشىڭىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ. ئەيسا مەسىھ مۇنداق دېگەن: «بەرمەك ئالماقتىنمۇ زور بەختتۇر» (ئەلچى. 20:35). ياشلىقىڭىزدا، ئۆز كۈچىڭىزنى ۋە ۋاقتىڭىزنى ئىشلىتىپ باشقىلارغا ياردەم بەرسىڭىز، خۇشال-خۇراملىققا ئېرىشىسىز. مەسىلەن، جامائەتتىكى تېنى ئاجىزلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن مەقسەتلەرنى قويسىڭىز بولىدۇ. بەلكىم، ئۇلارنىڭ ئۆي ئىشلىرىغا ۋە ئەقىللىق تېلېفون ياكى كومپيۇتېرنى ئىشلىتىشنى ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرەلەيسىز. ئەگەر بىر بۇرادەر بولسىڭىز، ياردەمچى خىزمەتچى بولۇش ئۈچۈن مەقسەت قويۇڭ. شۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپرەك قېرىنداشلارغا ياردەم بېرەلەيسىز (فىلىپى. 2:4). سىز يەنە كىشىلەرگە پادىشاھلىق خۇش خەۋەرىنى ۋەز قىلىش ئارقىلىق ئۇلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭىزنى كۆرسىتەلەيسىز (مەتتا 9:36، 37). ئەگەر مۇمكىنچىلىكىڭىز بولسا، تولۇق ۋاقىت خىزمەت قىلىش ئۈچۈن مەقسەتلەرنى قويۇشقا تىرىشىڭ.
18. پىدائىي ۋەز ئېيتىش خىزمىتى يەھۋاغا يېقىنلىشىشىڭىزغا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
18 تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەت قىلىش روھىي جەھەتتىن پىشىپ يېتىلىشىڭىزگە يول ئاچىدۇ. پىدائىي ۋەز ئېيتىش خىزمىتى پادىشاھلىق ۋەز ئېيتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش مەكتىپىدە ئوقۇشىڭىزغا مۇمكىنچىلىك يارىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بەيتەلدە خىزمەت قىلالايسىز ياكى ئىبادەت يىغىلىش زاللىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قاتنىشالايسىز. پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىدىغان كايتلىن ئىسىملىك ياش قېرىنداش مۇنداق دەيدۇ: «روھىي جەھەتتىن پىشىپ يېتىلگەن قېرىنداشلار بىلەن ۋەز قىلىش چۆمۈلدۈرۈلگەندىن كېيىن يەھۋاغا تېخىمۇ يېقىنلىشىشىمغا ياردەم بەردى. ئۇلارنىڭ ئۈلگىلىرى مېنى مۇقەددەس كىتابنى چوڭقۇرراق تەتقىق قىلىپ، تەلىم بېرىش ماھارىتىمنى ئاشۇرۇشقا دەۋەت قىلدى».
19. روھىي جەھەتتىن يېتىلگەنسېرى، قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشىسىز؟
19 روھىي جەھەتتىن يېتىلگەنسېرى، نۇرغۇن بەرىكەتلەرگە ئېرىشىسىز. ياشلىقىڭىزدىكى كۈچىڭىزنى پايدىسىز مەقسەتلەرگە ئىسراپ قىلمايسىز (1-يۇھاننا 2:17). شۇنىڭدەك يەنە يامان قارارلارنى چىقىرىپ، ئاچچىق ئازاب-ئوقۇبەتنى كۆرمەيسىز. ئەكسىنچە، ھەقىقىي خۇشاللىق ۋە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىسىز (پەند. نە 16:3). سىزنىڭ ياخشى ئۈلگىڭىز ياش ۋە ياشانغان قېرىنداشلارنى رىغبەتلەندۈرىدۇ (1-تىموت. 4:12). ئەڭ مۇھىمى، يەھۋا خۇدانىڭ كۆڭلىنى خۇشال قىلىش ۋە ئۇنىڭ بىلەن يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋەتتە بولۇشتىن كېلىدىغان تىنچ-خاتىرجەملىك ۋە قانائەتنى ھېس قىلىسىز.—پەند. نە 23:15، 16.
11-ناخشا يەھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىش
a ياشلار سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەندە، يەھۋانىڭ بارلىق خىزمەتچىلىرى شاد-خۇراملىققا چۆمىدۇ. ئەلۋەتتە، سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاشۇ يېڭى ئېتىقادچىلار چوقۇم داۋاملىق روھىي جەھەتتىن ئىلگىرىلىشى كېرەك. جامائەتتىكى ھەممىمىز، بولۇپمۇ يېقىندا سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن ياشلار، داۋاملىق روھىي جەھەتتىن ئۆسۈپ، ئىمان-ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلىشى ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقايلى.
b بەزى ئىسىملار ئۆزگەرتىلگەن.