17-تەتقىق ماقالىسى
28-ناخشا يېڭى ناخشا
روھىي جەننەتتىن مەڭگۈ ئايرىلماڭ
«مەن يارىتىۋاتقان نەرسىلىرىم ئۈچۈن مەڭگۈ شاد-خۇرام بولۇپ، سۆيۈنۈڭلار».—يەشايا 65:18.
مەكىزى ئىدىيە
بىز ئۈچۈن روھىي جەننەتنىڭ قانداق پايدىسى بارلىقىنى ۋە باشقىلارنى ئۇنىڭغا قانداق جەلپ قىلالايدىغانلىقىمىزنى ئۆگىنىمىز.
1. روھىي جەننەت دېگەن نېمە ۋە نېمىلەرگە قەتئىي بەل باغلىشىمىز كېرەك؟
بۈگۈنكى كۈندە، يەر يۈزىدە سىمۋوللۇق مەنىدىكى جەننەتتە بەھرىمەن بولۇۋاتقان مىليونلىغان كىشىلەر ھەقىقىي تىنچ-خاتىرجەملىك ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ. ئۇلار بىر-بىرى بىلەن ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈپ، بىرلىكتە كۆپلىگەن مەنىلىك ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار مۇشۇ روھىي جەننەتتىن ئايرىلماسلىققا قەتئىي بەل باغلىغان. ئۇلار يەنە ئىمكانقەدەر كۆپرەك كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە قوشۇلۇپ، مۇشۇ تىنچ-خاتىرجەملىككە تولغان روھىي جەننەتتە a بىرلىكتە خۇداغا پاك ئىبادەت قىلىشىنى خالايدۇ.
2. روھىي جەننەتنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى نېمە؟
2 شەيتاننىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدىكى بۇ دۇنيا خەۋپ-خەتەر، ئۆچمەنلىك ۋە تۈرلۈك رەزىللىكلەر بىلەن تولغان بولسىمۇ، يەھۋا ئۆز خەلقى ئۈچۈن تىنچ-خاتىرجەم، ئىناق-ئىتتىپاق بىر مۇھىتنى ياراتقان (1-يۇھاننا 5:19؛ ۋەھىي. 12:12). بۇ دۇنيانىڭ زىيانلىق تەسىرىنى كۆرگەن رەھىم-شەپقەتلىك ياراتقۇچىمىز، بىزنى روھىي جەننەت ئارقىلىق قوغداپ كېلىۋاتقاچقا، بىز خۇشال-خۇرام ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىپ كېلىۋاتىمىز. مۇقەددەس كىتاب بۇ روھىي جەننەتنى بىخەتەر «پاناھگاھ» ۋە «ياخشى سۇغۇرۇلغان بىر باغ» دەپ تەسۋىرلەيدۇ (يەشايا 4:6؛ 58:11). يەھۋانىڭ بەرىكىتى ئارقىلىق بۇ روھىي جەننەتتە ياشايدىغانلار، قىيىن كۈنلەردە ئۆزىنى بەختلىك ۋە بىخەتەر ھېس قىلىدۇ.—يەشايا 54:14؛ 2-تىموت. 3:1.
3. يەشايا 65-بابتا يېزىلغان پەيغەمبەرلىك سۆزلەر بىرىنچى قېتىم قانداق ئەمەلگە ئاشقان؟
3 يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق، يەھۋا سىمۋوللۇق مەنىدىكى روھىي جەننەتتە ياشىغانلارنىڭ تۇرمۇشى قانداق بولىدىغانلىقىنى ئالدىن بېشارەت بەرگەن. بۇ بېشارەتنى يەشايا كىتابىنىڭ 65-بابىدىن تاپالايسىز. بۇ بېشارەت مىلادىدىن ئىلگىرىكى 537-يىلى تۇنجى قېتىم ئەمەلگە ئاشقان. شۇ ۋاقىتتا توۋا قىلغان يەھۇدىيلار بابىلدىكى ئەسىرلىكتىن قۇتۇلۇپ، ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن. يەھۋانىڭ بەرىكىتى ۋە ياردىمى بىلەن، ئۇلارنىڭ ۋەيران بولغان شەھىرى يېرۇسالىم ۋە ئىبادەتخانىسى قايتا ياسىلىپ، گۈزەل ھالەتكە كەلتۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن، بۇ شەھەر قايتا ھەق ئىبادەتنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان.—يەشايا 51:11؛ زەكەرىيا 8:3.
4. يەشايا 65-بابتا يېزىلغان پەيغەمبەرلىك سۆزلەر بۈگۈنكى كۈندە قانداق ئەمەلگە ئېشىۋاتىدۇ؟
4 يەشايا پەيغەمبەرنىڭ بۇ بېشارىتى 1919-يىلى، يەھۋانىڭ ھازىرقى خەلقى بۈيۈك بابىلوننىڭ ئەسىرلىكىدىن ئازاد قىلىنغاندا ئەمەلگە ئاشتى. شۇنىڭدىن كېيىن، روھىي جەننەت دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كېڭىيىشكە باشلىدى. پادىشاھلىق خۇش خەۋەرنى قىزغىن ۋەز ېيتقۇچىلار دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدا نۇرغۇن جامائەتلەرنى قۇردى ۋە مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە خاس پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈردى. ئىلگىرى ياۋايى ھايۋانلاردەك ۋەھشىي بولغان ئادەملەر «خۇدانىڭ ئىرادىسىگە مۇۋاپىق يارىتىلغان يېڭى شەخسنى» كىيىپ، مىجەز-خۇلقلىرى ئۆزگەرگەن (ئەفەس. 4:24). ئەلۋەتتە، يەشايا تەسۋىرلىگەن نۇرغۇن بەرىكەتلەر يېڭى دۇنيادا ھەقىقىي مەنىدە پۈتۈنلەي ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئەمما، بىز بۈگۈنكى كۈندە بەزى بەرىكەتلەردىن بەھرىمەن بولۇپ كېلىۋاتىمىز. ھازىر بىرلىكتە، روھىي جەننەتنىڭ بىزگە قانداق تەسىر قىلىدىغانلىقى ۋە نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ھەرگىز ئايرىلماسلىقىمىز كېرەكلىكىنى كۆرۈپ باقايلى.
روھىي جەننەتتە بولغانلار ئۆزىنى قانداق ھېس قىلىدۇ؟
5. يەھۋا خۇدانىڭ يەشايا 65:13-ئايەتتىكى بېشارەتتە ۋەدە قىلغان بەزى بەرىكەتلىرىنى تەسۋىرلەپ بېرىڭ.
5 مول روھىي ئوزۇقلۇقتىن بەھرىمەن بولۇپ، كۆڭلى تەسەللى تاپىدۇ. يەشايانىڭ بېشارىتى روھىي جەننەتتە ياشايدىغانلار بىلەن روھىي جەننەتنىڭ سىرتىدا ياشايدىغانلارنىڭ ئارىسىدا روشەن پەرق بارلىقىنى تەسۋىرلەپ بەرگەن (يەشايا 65:13-نى ئوقۇڭ). يەھۋا ئۆزىگە ئىبادەت قىلغۇچىلارنىڭ روھىي جەھەتتىكى ئېھتىياجلىرىنى قامداپ، ئۇلارنى قانائەت تاپقۇزىدۇ. ئۇ بىزگە مۇقەددەس روھى، ئۆز سۆزى بولغان مۇقەددەس كىتاب ۋە ئىمان-ئېتىقادىمىزنى كۈچەيتىدىغان روھىي ئوزۇقلۇقلارنى بېرىدۇ. شۇڭا، ‹بىز يەيمىز، ئىچىمىز ۋە شادلىنىمىز› (ۋەھىيلەر 22:17-نى سېلىشتۇرۇڭ). ئەكسىچە، بۇ روھىي جەننەتنىڭ سىرتىدىكىلەرنىڭ ھاياتى تامامەن باشقىچە بولىدۇ. ئاشۇ كىشىلەر ‹ئاچ قالىدۇ، ئۇسسايدۇ، شەرمەندە بولىدۇ›. ئۇلار روھىي جەھەتتىن ئىنتايىن نامرات.—ئاموس 8:11.
6. يوئېل 2:21–24 ئايەتلەردىكى بېشارەتكە ئاساسلىنىپ، بۈگۈنكى كۈندە يەھۋا خۇدا بىزنى روھىي جەھەتتىن قانداق تەمىنلەۋاتىدۇ ۋە بۇنىڭدىن قانداق پايدىسىنى كۆرەلەيمىز؟
6 يوئېل پەيغەمبەر بېشارىتىدە، كۈندىلىك تۇرمۇشتا چوقۇم بولۇشى زۆرۈر نەرسىلەرنى، يەنى ئاشلىق-دان، ئۈزۈم شارابى ۋە زەيتۇن يېغى قاتارلىق يېمەك-ئىچمەكلەرنىڭ مول بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. بۇ يەھۋانىڭ سېخىيلىق بىلەن ئۆز خەلقىنى روھىي جەھەتتىن ئوزۇقلاندۇرۇش ئۈچۈن روھىي ئوزۇقلارنى تەمىنلەپ بېرىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ (يوئېل 2:21–24). بۈگۈنكى كۈندە، يەھۋا مۇقەددەس كىتاب، مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان نەشرىي ماتېرىياللار، تور بېكەت، جامائەت ئىبادەت يىغىلىشى، بىر كۈنلۈك چوڭ يىغىلىشلار ياكى ئۈچ كۈنلۈك چوڭ يىغىلىشلار ئارقىلىق بىزگە روھىي ئوزۇقلۇقلارنى تەمىنلەپ بېرىدۇ. بىز بۇ روھىي ئوزۇقلۇقلاردىن ھەر كۈنى بەھرىمەن بولالايمىز. نەتىجىدە، بىز ئۆزىمىزنى روھىي جەھەتتىن ئىنتايىن ساغلام ۋە كۆڭلىمىز تەسەللى تاپقاندەك ھېس قىلالايمىز.
7. شاد-خۇراملىققا تولغان كۆڭلىمىز بىزنى قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشتۈرىدۇ؟ (يەشايا 65:14)
7 خۇشال-خۇراملىق ۋە قانائەت تاپىدۇ. خۇدا خىزمەتچىلىرىنىڭ كۆڭلى قانائەت تاپقاچ، ئۆزلىرىنى شاد-خۇرام ھېس قىلىدۇ (يەشايا 65:14-نى ئوقۇڭ). خۇدا سۆزىدىكى ئىمان-ئېتىقادنى كۈچەيتىدىغان ھەقىقەتلەر، تەسەللى بېرىدىغان ۋەدىلەر ۋە مەسىھ ئەيسانىڭ تۆلەم قۇربانلىقى ئاساسىدا بىز ئېرىشكەن ئۈمىد كۆڭلىمىزنى شاد-خۇراملىققا تولدۇرىدۇ. مۇشۇ ئىشلار ھەققىدە ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن پاراڭلاشقاندا، ئۆزىمىزنى ئىنتايىن خۇشال-خۇرام ھېس قىلىمىز.—زەبۇر 34:8؛ 133:1–3.
8. روھىي جەننەتنىڭ قانداق ئىككى مۇھىم ئالاھىدىلىكى بار؟
8 يەھۋانىڭ خەلقى ئارىسىدىكى سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە ئىناق-ئىتتىپاقلىق روھىي جەننەتتە ياشايدىغانلارنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى. بۇ ئىناق-ئىتتىپاقلىق رىشتىسى بىزگە يېڭى دۇنيادا ھاياتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. ئاشۇ ۋاقىتتا، يەھۋانىڭ خەلقى ھازىرقىدىنمۇ بەكرەك ئىناق-ئىتتىپاق بولۇپ، بىر-بىرىگە سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىدۇ (كولوسى. 3:14). بىر قېرىنداش تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، نېمىلەرنى ھېس قىلغانلىقىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: «مەن قانداق خۇشال بولۇشنى بىلمىگەن، ھەتتا ئائىلەمدىكىلەر بىلەن بىللە بولغاندىمۇ ئۆزۈمنى ئۇنداق خۇشال ھېس قىلمىغانىدىم. تۇنجى قېتىم يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنى كۆرگەندە، بىر-بىرىگە ھەقىقىي سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىدىغان كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى كۆردۈم». ئەگەر بىر كىشى ھەقىقىي خۇشاللىقنى تېپىپ، قانائەت ھېس قىلىشنى خالىسا، ئاشۇ كىشى بىزنىڭ روھىي جەننەتتىكى ھاياتىمىزنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرۈپ كۆرۈشى كېرەك. بۇ دۇنيا يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ھەققىدە نېمە دېيىشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىمىز يەھۋانىڭ چوڭ ئائىلىسىدە ياخشى نام-ئاتاققا ئېرىشكەن كىشىلەر. چۈنكى، بىز ئۈچۈن دۇنيانىڭ كىشىلىرىنىڭ نېمە دېيىشى مۇھىم ئەمەس.—يەشايا 65:15.
9. يەشايا 65:16، 17-ئايەتلەردىكى پەيغەمبەرلىك سۆزلەر ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن خالى ھايات توغرىسىدا نېمە دەيدۇ؟
9 كۆڭلى ئارام تېپىپ، تىنچ-خاتىرجەم بولىدۇ. يەشايا 65:14-ئايەت، روھىي جەننەتنىڭ سىرتىدا بولغانلار ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر قەلبىڭلاردىكى دەرد-ئەلەم تۈپەيلى، ھۆڭرەپ يىغلايسىلەر». ئەمما، خۇدا خەلقى ئازاب-ئوقۇبەت ۋە قايغۇ-ھەسرەتلەرنى كەلتۈرۈۋاتقان بارلىق ئىشلار ھەققىدە نېمە دەيدۇ؟ بارلىق ئاشۇ ئىشلار ھەققىدە خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇنتۇلۇپ كېتەر ۋە ئۇلار كۆز ئالدىمدىن غايىب بولۇپ كېتەر» (يەشايا 65:16، 17-نى ئوقۇڭ). يەھۋا بىزنىڭ قىيىنچىلىقلىرىمىزنى يوق قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا بارلىق ئازابلىق ئەسلىمىلىرىمىز پۈتۈنلەي ئۇنتۇلۇپ كېتىلىدۇ.
10. نېمە ئۈچۈن ئېتىقادداشلار بىلەن ئارىلىشىشنى بەرىكەت دەپ قارايسىز؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
10 بىز ھازىر جامائەت ئىبادەت يىغىلىشلىرىغا قاتناشقىنىمىزدا، كۆڭلىمىز ئارام تېپىپ، تىنچ-خاتىرجەملىكنى ھېس قىلغاچ، مۇشۇ رەزىل دۇنيادىكى ئېغىر بېسىملارنى ئارقىمىزغا تاشلاپ قويالايمىز. ئەگەر بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقەددەس روھنىڭ مېۋىسىنى يېتىلدۈرسەك، سۆيگۈ، خۇشاللىق، تىنچلىق، سەۋر-تاقەت، مېھرىبانلىق، ياخشىلىق، ئىمان قاتارلىق گۈزەل پەزىلەتلەرنى نامايان قىلىپ، روھىي جەننەتتە ئىمانداشلىرىمىزنىڭ ئۆزلىرىنى تېخىمۇ تىنچ-خاتىرجەم ھېس قىلىشىغا ھەسسىمىزنى قوشالايمىز (گالاتىيا. 5:22، 23). بۈگۈنكى كۈندە، بىز خۇدانىڭ تەشكىلاتىغا تەۋە بولغانلىقىمىزدىن ئۆزىمىزنى ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلىمىز. ئەگەر بىز روھىي جەننەتتىن ئايرىلمىساق، خۇدانىڭ «يېڭى ئاسمان ۋە يېڭى يەر» ھەققىدىكى ۋەدىسىنىڭ تولۇق ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى ئۆز كۆزۈمىز بىلەن كۆرىمىز.
11. يەشايا 65:18، 19-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، يەھۋا ياراتقان روھىي جەننەت بىزگە قانداق تەسىر قىلىشى كېرەك؟
11 مىننەتدار ۋە شاد-خۇرام بولىدۇ. يەشايا پەيغەمبەر نېمە ئۈچۈن روھىي جەننەتتە شاد-خۇرام بولالايدىغانلىقىمىزنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن. يەھۋا ئۆزى بۇ جەننەتنى ياراتقان (يەشايا 65:18، 19-نى ئوقۇڭ). شۇڭلاشقا، ئۇ بىزنى ئىشلىتىپ، كىشىلەرنى روھىي جەھەتتىن چۆل-قاقاس بولۇپ كەتكەن بۇ دۇنيادىن يىراقلاشتۇرۇپ، گۈزەل روھىي جەننەتكە يېتەكلەۋاتقانلىقى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس! بىز ھەقىقەت يولىدا مېڭىپ، نۇرغۇنلىغان بەرىكەتلەردىن بەھرىمەن بولغاچقا، خۇشال-خۇراملىق ۋە قانائەتكە ئېرىشىۋاتىمىز. بۇ ئېسىل بەرىكەتلەردىن باشقىلار بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولۇشقا ئىنتايىن ئىنتىزارمىز.—يەرەم. 31:12.
12. يەشايا 65:20–24-ئايەتلەردىكى ۋەدىلەر سىزنى قانداق ھېس قىلدۇرىدۇ ۋە نېمە ئۈچۈن؟
12 بىز روھىي جەننەتتە ياشاۋاتقانلارنىڭ مىننەتدار ۋە شاد-خۇرام بولۇشىمىزغا سەۋەب بولىدىغان ئاجايىپ ئۈمىدىمىز بار. خۇدانىڭ يېڭى دۇنياسىدا نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىمىزنى ۋە نېمىلەرنى كۆرىدىغانلىقىمىزنى ئويلاپ كۆرۈڭ! مۇقەددەس كىتاب بىزنىڭ كېلەچىكىمىز ھەققىدە مۇنداق ۋەدە بېرىدۇ: «ئۇ يەردە بىرقانچە كۈنلا ياشاپ، ئۆلۈپ كېتىدىغان بوۋاق ياكى ئۆمرىنى ياشىماي تۇرۇپ، ئۆلۈپ كېتىدىغان بوۋاي بولمايدۇ». «ئۇلار ئۆيلەرنى سېلىپ، ئۇلاردا ئۆزلىرى ئولتۇرىدۇ. ئۈزۈمزارلىقلارنى بەرپا قىلىپ، ئۇلارنىڭ مېۋىسىنى يەيدۇ»، «ئۇلار بىكاردىن-بىكارغا جاپالىق ئىشلىمەيدۇ»، چۈنكى ئۇلارنى «يەھۋا بەرىكەتلىگەن». ياراتقۇچىمىز ئەنە شۇنداق بىخەتەر ۋە قانائەتلىنەرلىك ھايات كەچۈرىدىغانلىقىمىزنى ۋەدە قىلغاچ، ھەر كۈنى مەنىلىك ياشايمىز. بىز «ھەتتا چاقىرىشتىن بۇرۇن»، ئۇ ھەر بىرىمىزنىڭ نېمىگە مۇھتاج بولغىنىنى بىلىدۇ. ئۇ «ھەربىر جانلىقنىڭ تەشنالىقىنى» قاندۇرىدۇ.—يەشايا 65:20–24؛ زەبۇر 145:16.
13. يەشايا 65:25-ئايەتتىكى سۆزلەر، ئىنسانلار يەھۋا خۇداغا خىزمەت قىلىشنى باشلىغاندا، ھايات كەچۈرۈش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى قانداق تەسۋىرلەپ بېرىدۇ؟
13 تىنچ-ئىناق ۋە بىخەتەر ھېس قىلىدۇ. خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنىڭ ياردىمىدە، ئىلگىرى ۋەھشىي ھايۋانلاردەك مىجەز-خۇلقى بار نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ھاياتىدا ھەيران قالارلىق ئۆزگىرىشلەرنى قىلىپ كېلىۋاتىدۇ (يەشايا 65:25-نى ئوقۇڭ). ئۇلار ئىلگىرىكى ناچار مىجەز-خۇلقلىرىنى پۈتۈنلەي تاشلاش ئۈچۈن تىرىشىدۇ (رىملىقلار 12:2؛ ئەفەس. 4:22–24). ئەلۋەتتە، بىز خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى يەنىلا مۇكەممەل ئەمەس، شۇڭا خاتالىقلارنى ئۆتكۈزۈپ تۇرىمىز. بىراق، يەھۋا ھەرخىل كىشىلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، ئۈزۈلمەس سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە ئىناق-ئىتتىپاقلىق رىشتىسى بىلەن بىرلەشتۈرگەن (تىتۇس 2:11). بۇ پەقەتلا ھەممىگە قادىر خۇدا قىلالايدىغان مۆجىزىدۇر!
14. يەشايا 65:25-ئايەتتىكى ۋەدە بىر بۇرادەرنىڭ تۇرمۇشىدا قانداق ئەمەلگە ئاشتى؟
14 ئادەملەر مىجەز-خۇلقىنى ھەقىقەتەن ئۆزگەرتەلەمدۇ؟ تۆۋەندىكى مىسالنى كۆرۈپ باقايلى. تېخى 20 ياشقا تولمىغان بىر ياش ئەخلاقسىزلىق ۋە زوراۋانلىق قىلىش، ماشىنا ئوغرىلاش، ئۆيلەرگە ئوغرىلىققا چۈشۈش ۋە باشقا ئېغىر جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلىنىپ، نۇرغۇن قېتىم تۈرمىدە ياتقان. ئۇ ھەردائىم باشقىلار بىلەن ئۇرۇش-جېدەل قىلىشقا تەييار تۇرغان. ئەمما، ئۇ مۇقەددەس كىتابتىن تۇنجى قېتىم ھەقىقەتنى ئاڭلاپ، يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ ئىبادەت يىغىلىشىغا قاتنىشىشقا باشلىغاندا، ئۆزىنىڭ ھاياتىنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى تاپقانلىقىغا، يەنى روھىي جەننەتنى تاپقانلىقىغا ئىشەنگەن. ئۇ سۇغا چۆمۈلدۈرۈلگەندىن كېيىن، يەشايا 65:25-ئايەتنىڭ ئۆز ھاياتىدا قانداق ئەمەلگە ئاشقانلىقى ھەققىدە دائىم ئويلانغان. ئۇ ئەسلىدە خۇددى شىرغا ئوخشاش ۋەھشىي ۋە رەھىمسىز ئادەم ئىدى، كېيىن ئۇ قوزىغا ئوخشاش ياۋاش، تىنچ-ئىناق ياشايدىغان ئادەمگە ئۆزگەرگەن.
15. نېمە ئۈچۈن بىز باشقىلارنى روھىي جەننەتكە جەلپ قىلىمىز ۋە بۇنى قانداق قىلالايمىز؟
15 يەشايا 65:13-ئايەت مۇنداق سۆزلەر بىلەن باشلىنىدۇ: «ئالىي ھۆكۈمران، رەب يەھۋا مۇنداق دەيدۇ». 25-ئايەت مۇنداق سۆزلەر بىلەن ئاخىرلىشىدۇ: «دەيدۇ يەھۋا». ئۇنىڭ سۆزى ھەردائىم ئەمەلگە ئاشىدۇ (يەشايا 55:10، 11). روھىي جەننەت ئاللىقاچان بۈگۈنكى كۈندە رېئاللىققا ئايلانغان. يەھۋا خىزمەتچىلىرىنى ئۆزگىچە بىر قېرىنداشلىق رىشتىسى بىلەن باغلاپ، چوڭ ئائىلىنى ياراتقان. گەرچە بۇ زوراۋانلىققا تولغان دۇنيادا ياشاۋاتقان بولسىمۇ، بىز بۇ ئائىلىدە مەلۇم دەرىجىدە تىنچ-ئىناقلىق ۋە بىخەتەرلىكتىن بەھرىمەن بولالايمىز (زەبۇر 72:7). شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە كىشىلەرنىڭ مەسىھنىڭ شاگىرتى بولۇشىغا ياردەم بېرىشنى خالايمىز. شۇنداق قىلغىنىمىزدا، مۇمكىنقەدەر كۆپرەك كىشىلەر چوڭ ئائىلىمىزگە قوشۇلۇپ، بىز بىلەن روھىي جەننەتتە بولىدۇ.—مەتتا 28:19، 20.
باشقىلارنى روھىي جەننەتكە قانداق جەلپ قىلالايمىز
16. ئىنسانلارنىڭ روھىي جەننەتتە بولۇشىغا نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
16 ھەربىرىمىزنىڭ باشقىلارنى روھىي جەننەتكە جەلپ قىلىشتا مۇھىم رولى بار. شۇ رولىمىزنى ياخشى ئادا قىلىش ئۈچۈن چوقۇم يەھۋانى ئۈلگە قىلىشىمىز لازىم. ئۇ ئەزەلدىن ھېچكىمنى ئۆز تەشكىلاتىغا مەجبۇرىي سۆرەپ كىرمەيدۇ. ئەكسىچە، ئۇ ھەردائىم مۇلايىملىق بىلەن كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ (يۇھاننا 6:44؛ يەرەم. 31:3). يەھۋانىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتى ۋە باشقا ئېسىل پەزىلەتلىرىنى ئۆگەنگەن كىشىلەر تەبىئىيلا ئۇنىڭغا يېقىنلىشىدۇ. ئۇنداقتا، قانداق قىلىپ ياخشى پەزىلەتلىرىمىز ۋە ئىش-ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق باشقىلارنى روھىي جەننەتكە جەلپ قىلالايمىز؟
17. بىز باشقىلارنى روھىي جەننەتكە قانداق جەلپ قىلالايمىز؟
17 باشقىلارنى روھىي جەننەتكە جەلپ قىلىشنىڭ بىر ئۇسۇلى، ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزغا سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىش ۋە ئۇلارغا كۆيۈمچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش. قەدىمقى كورىنت شەھىرىدە ھەق خۇداغا ئىبادەت قىلمىغان كىشىلەر مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئىبادەت يىغىلىشىغا كەلگەندە، ئۇلار: «خۇدا ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئىكەن»—، دېيىشكەنىدى. بۈگۈنكى كۈندە بىزمۇ ئىبادەت يىغىلىشىمىزغا كېلىشكە باشلىغانلارنىڭ شۇنداق خۇلاسىگە كېلىشىنى خالايمىز (1-كورىنت. 14:24، 25؛ زەكەرىيا 8:23). شۇڭلاشقا، بىز مۇقەددەس كىتابنىڭ «بىر-بىرىڭلار بىلەن ئىناق ئۆتۈڭلار» دېگەن نەسىھىتىگە چوقۇم داۋاملىق قۇلاق سېلىشىمىز كېرەك.—1-سالونىكا. 5:13.
18. ئىنسانلارنى تەشكىلاتىمىزغا نېمە جەلپ قىلىشى مۇمكىن؟
18 بىز دائىم پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزنى يەھۋانىڭ كۆز قارىشى بىلەن كۆرۈشكە تىرىشىشىمىز لازىم. بىز ئۇلارنىڭ كەمچىلىكلىرىگە ئەمەس، ئارتۇقچىلىقلىرىغا دىققەت قىلىشىمىز لازىم. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ نامۇكەممەللىكى پۈتۈنلەي يوق بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بىز ھەردائىم «بىر-بىرىڭلارغا مېھرىبان ۋە رەھىمدىل بولۇڭلار، … بىر-بىرىڭلارنى چىن دىلىڭلاردىن كەچۈرۈڭلار» دېگەن نەسىھەتكە قۇلاق سېلىپ، قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئارىمىزدا پەيدا بولغان كېلىشمەسلىكنى سۆيگۈ-مۇھەببەت يولى بىلەن ھەل قىلالايمىز (ئەفەس. 4:32). بۇ كىشىلەرنى روھىي جەننەتكە تېخىمۇ جەلپ قىلىدۇ. چۈنكى، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىگە شۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلىشىنى خالايدۇ b.
روھىي جەننەتتىن ئايرىلماڭ
19. (1) «ئۇلار كەتكەنىدى، قايتىپ كەلدى» ناملىق رامكىدا كۆرسىتىلگەندەك، بەزىلەر ئۆزلىرىنىڭ روھىي جەننەتكە قايتىپ كەلگەنلىكى توغرىسىدا نېمىلەرنى دېگەن؟ (2) بىز نېمە قىلىشقا بەل باغلىشىمىز كېرەك؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
19 روھىي جەننەت ئۈچۈن ھەقىقەتەن مىننەتدارمىز. ئۇ ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتقا قارىغاندا تېخىمۇ گۈزەل، ئۇنىڭدا يەھۋانى مەدھىيىلەيدىغانلار تېخىمۇ كۆپىيىدۇ. يەھۋا بەرپا قىلغان بۇ روھىي جەننەتتىن مەڭگۈ مىننەتدار بولايلى. كىمكى كۆڭۈل ئاراملىقى، قانائەت، تىنچ-ئامانلىق ۋە بىخەتەرلىككە ئېرىشىشنى خالىسا، چوقۇم روھىي جەننەتكە كىرىشى ۋە ئۇنىڭدىن قەتئىي ئايرىلماسلىقى كېرەك! چوقۇم ئېھتىيات قىلىڭ، چۈنكى بىزنى بۇ روھىي جەننەتتىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن شەيتان پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىۋاتىدۇ (1-پېتر. 5:8؛ ۋەھىي. 12:9). بىز ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ غەلىبە قازىنىشىغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك. كېلىڭ، بۇ گۈزەل، پاك ۋە تىنچ-ئامان روھىي جەننەتنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشايلى!
قانداق جاۋاب بېرىسىز؟
-
روھىي جەننەت دېگەن نېمە؟
-
روھىي جەننەتتە بولۇپ، قانداق بەرىكەتلەردىن بەھرىمەن بولىمىز؟
-
باشقىلارنىڭ بۇ روھىي جەننەتتىن بەھرىمەن بولۇشى ئۈچۈن، بىز نېمىلەرنى قىلساق بولىدۇ؟
24-ناخشا كۆزۈڭ بولسۇن مۇكاپاتتا!
a سۆز-ئىبارە مەنىسى: «روھىي جەننەت» دېگەن سۆز-ئىبارە، بىز يەھۋا خۇداغا ئىبادەت قىلىدىغان بىخەتەر مۇھىت ياكى شارائىتىنى تەسۋىرلەيدۇ. بۇ روھىي جەننەتتە، بىز ياراتقۇچى يەھۋا ۋە باشقىلار بىلەن بولغان تىنچ-ئىناق مۇناسىۋەتتىن بەھرىمەن بولىمىز.
b «ئۇلار ھازىر قەيەردە؟ ئاليونا جىتنىكوۋا: ئارزۇ-ئارمىنىم ئەمەلگە ئاشتى» (باشقا تىلدا) ناملىق فىلىمنى كۆرۈپ، بىر قېرىنداش روھىي جەننەتتە قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشكەنلىكىگە دىققەت قىلىڭ.
c رەسىمدە: يىغىلىشتا قېرىنداشلار ئۆزئارا خۇشال-خۇرام پاراڭلىشىۋاتقاندا، بىر بۇرادەر يالغۇز ئولتۇرۇپ، ئۆزىنى باشقىلاردىن يىراق تۇتۇۋاتىدۇ.