18-تەتقىق ماقالىسى
يەھۋاغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن مەقسەت قويۇڭ
«بۇ ئىشلار ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلان؛ ئۆزۈڭنى شۇلارغا ئاتىغىنكى، باشىقىلارغا سېنىڭ ئالغا ئىلگىرلىگەنلىكىڭ نامايان بولسۇن».—1-تىموت. 4:15.
150-ناخشا تەر تۆكۈپ خىزمەت قىلايلى
بۇ ماقالىدە a
1. قانداق روھىي مەقسەتلەرنى قويۇشىمىز كېرەك؟
ئەيسا مەسىھنىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرى سۈپىتىدە بىز خۇدانى بەك ياخشى كۆرىمىز. بىز ئۇنىڭغا ئۆزىمىزدە بار ئەڭ ياخشىسىنى بېرىشنى خالايمىز. بىراق، يەھۋاغا قولىمىزدىن كېلىشىچە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن روھىي مەقسەتلەرنى قويۇشىمىز لازىم. مەسىلەن، خۇداغا ياقىدىغان ئېسىل پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرۈشىمىز، پايدىلىق ماھارەتلەرنى ئۆگىنىشىمىز ۋە باشقىلارغا خىزمەت قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىشىمىز كېرەك b.
2. نېمە ئۈچۈن مەقسەتلەرنى قويۇپ ۋە شۇلارغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك؟
2 نېمە ئۈچۈن بىز خۇداغا تېخىمۇ كۆپرەك خىزمەت قىلىشقا ئنتىلىشىمىز كېرەك؟ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى، بىز ئەرشتىكى كۆيۈمچان ئاتىمىزنى خۇشال قىلىشنى خالايمىز. ئەگەر ئۆز قابىلىيەتلىرىمىزدىن يەھۋاغا خىزمەت قىلىشتا تولۇق جارى قىلدۇرساق، ئۇ ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، روھىي جەھەتتىن ئالغا ئىلگىرىلىسەك، قېرىنداشلىرىمىزغا كۆپرەك ياردەم بېرەلەيمىز (1-سالونىكا. 4:9، 10). خۇداغا مەيلى قانچە ئۇزاق ۋاقىت خىزمەت قىلايلى، ھەربىرىمىز روھىي ئۆسۈش ئۈچۈن بار كۈچنى چىقىرالايمىز. كېلىڭ، بۇنى قانداق قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقايلى.
3. 1-تىموتىي 4:12–16-ئايەتلەردە يېزىلغاندەك، ئەلچى پاۋلۇس تىموتىينى نېمە قىلىشقا دەۋەت قالغان؟
3 تىموتىي ئەلچى پاۋلۇستىن بىرىنچى خەتنى تاپشۇرۇۋالغاندا، ئاللىقاچان ئاقساقال بولۇپ خىزمەت قىلغان ئىدى. شۇنداقتىمۇ، پاۋلۇس ئۇنى روھىي جەھەتتىن ئالغا بېسىشقا دەۋەت قىلغان (1-تىموتىي 4:12–16-نى ئوقۇڭ). پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرىدىن شۇنى كۆرۈۋالايمىزكى، ئۇ تىموتىينىڭ ئىككى جەھەتتىن ئالغا بېسىشىنى خالىغان: (1) سۆيگۈ-مۇھەببەت، ئىمان-ئېتىقاد ۋە پاكلىق دېگەندەك پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرۈش؛ (2) ئۈنلۈك ئوقۇش، نەسىھەت بېرىش ۋە تەلىم بېرىش دېگەندەك ماھارەتلەرنى ئاشۇرۇش. تىموتىينىڭ ئۈلگىسىنى ئەستە تۇتقان ھالدا، يېتەلىگىدەك مەقسەتلەرنى قويۇش يەھۋاغا تېخىمۇ كۆپرەك خىزمەت قىلىشىمىزغا قانداق ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقايلى. ئۇنىڭدىن باشقا، كۆپرەك ۋەز قىلىشنىڭ بەزى يوللىرىنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
خۇداغا ياقىدىغان پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرۈڭ
4. تىموتىي نېمە ئۈچۈن يەھۋانىڭ ياخشى بىر خىزمەتكارى بولالىغان؟ (فىلىپىلىكلەر 2:19–22)
4 نېمە ئۈچۈن تىموتىي يەھۋانىڭ ياخشى بىر خىزمەتكارى بولالىغان؟ سەۋەبى ئۇ نۇرغۇن گۈزەل پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرگەن ئىدى (فىلىپىلىكلەر 2:19–22-نى ئوقۇڭ). پاۋلۇسنىڭ تىموتىي ھەققىدە يازغانلىرىدىن ئۇنىڭ كەمتەر، سادىق، تىرىشچان ۋە ئىشەنچىلىك بولغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئۇ ئېتىقادداشلارنى بەك ياخشى كۆرگەن ۋە ئۇلارغا كۆيۈنگەن. نەتىجىدە، پاۋلۇس تىموتىينى سۆيۈملۈك ئوغلىدەك ياخشى كۆرگەن ۋە ئۇنىڭغا قىيىن ۋەزىپىلەرنى ئىشىنىپ تاپشۇرغان (1-كورىنت. 4:17). شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەگەر بىز يەھۋا ياقتۇرىدىغان پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرسەك، ئۇ بىزنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە بىزگە جامائەتتە كۆپرەك خىزمەت قىلىش پۇرسىتىنى بېرىدۇ.—زەبۇر 25:9؛ 138:6.
5. (1) مەلۇم بىر پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈش مەقسىتىنى قويۇش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟ (2) رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، ياش قېرىندىشىمىز باشقىلارغا ئىچ ئاغرىتىپ كۆپرەك ھېسداشلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن نېمە قىلىۋاتىدۇ؟
5 ئېنىق مەقسەت قويۇڭ. دۇئا قىلىپ، مىجەز-خۇلقىڭىزنى قايسى تەرەپلەردە ياخشىلاشنىڭ زۆرۈرلىكى ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ. ئاندىن يېتىلدۈرۈشۈم كېرەك دەپ قارىغان بىر پەزىلەتنى تاللاڭ. مەسىلەن، ئۆز-ئۆزۈڭىزدىن مۇنداق سوراپ كۆرۈڭ: «مەن باشقىلارغا ئىچ ئاغرىتىپ تېخىمۇ كۆپرەك ھېسداشلىق قىلىشىم كېرەكمۇ؟ قېرىنداشلىرىمغا ياردەم بېرىش ئىستىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىم كېرەكمۇ؟ ئىناق-ئىتتىپاقلىقنى ساقلاش ياكى كەچۈرۈمچان بولۇشتا تېخىمۇ كۆپرەك تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىم كېرەكمۇ؟» ئۇنىڭدىن باشقا، يېقىن دوستىڭىزدىن قايسى جەھەتتىن ئالغا بېسىشىڭىز كېرەكلىكىنى ھەققىدە مەسلىھەت سوراپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.—پەند. نە 27:6.
6. ئەگەر مەلۇم بىر پەزىلەتنى يېتىلدۈرمەكچى بولسىڭىز، شۇ مەقسەتكە قانداق يېتەلەيسىز ؟
6 مەقسىتىڭىزگە يېتىشكە تىرىشىڭ. بۇنى قانداق قىلالايسىز؟ بۇنىڭ بىر يولى ئۆزۈڭىز يېتىلدۈرۈشنى خالىغان پەزىلەت ھەققىدە ئىزدىنىش. كەچۈرۈمچان بولۇش ھەققىدە ئىزدەنمەكچى بولدىڭىز دەيلى. بۇنىڭ ئۈچۈن، مۇقەددەس كىتابتىكى باشقىلارنى چىن يۈرەكتىن كەچۈرگەن ۋە كەچۈرمىگەن كىشىلەرنىڭ مىساللىرىنى ئوقۇپ، چوڭقۇر ئويلانسىڭىز بولىدۇ. ئەيسا مەسىھنىڭ ئۈلگىسىنى ئويلاپ كۆرۈڭ. ئۇ باشقىلارنى چىن يۈرەكتىن كەچۈرگەن (لۇقا 7:47، 48). ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ دىققىتىنى داۋاملىق كىشىلەرنىڭ كەمچىلىكلىرىگە قاراتمىغان، بەلكى ئۇلارنىڭ كېلەچەكتە تېخىمۇ ياخشى قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. ئەيسانىڭ كۈنلىرىدە ياشىغان پەرىسىيلەر ئۇنىڭغا ئوخشىمايتتى. ئۇلار «باشقىلارنى كۆزىگە» ئىلمىغان (لۇقا 18:9). بۇ مىساللار ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلانغاندىن كېيىن، ئۆز-ئۆزىڭىزدىن مۇنداق سوراڭ: «مەن باشقىلارغا قانداق قارايمەن؟ دىققىتىمنى ئۇلارنىڭ قايسى پەزىلەتلەرگە ئاغدۇرۇۋاتىمەن؟» ئەگەر سىزگە بىر كىشىنى كەچۈرۈش قىيىنغا چۈشسە، ئۇنىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرىنى قەغەزگە يېزىپ قويسىڭىز بولىدۇ. كېيىن ئۆز-ئۆزىڭىزدىن: «ئەيسا مەسىھ بۇ ئادەمگە قانداق قارايدۇ؟ ئۇنى كەچۈرەتتىمۇ؟»— دەپ سوراڭ. شۇنداق ئىزدىنىش ئوي-پىكىر قىلىش تەرزىمىزنى ئۆزگەرتىشكە ياردەم بېرەلەيدۇ. بېشىدا كۆڭلىمىزنى رەنجىتىپ قويغان كىشىنى كەچۈرۈش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدىغاندۇ. لېكىن، كەچۈرۈمچان بولۇشنى يېتىلدۈرۈشنى توختاتمىساق، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى، باشقىلارنى كەچۈرۈش ئاسانراق بولىدۇ.
ئەمەلىي قوللىنىشچان ماھارەتلەرنى ئۆگىنىڭ
7. يەھۋا خۇدا بۈگۈنكى كۈندە ماھارەتلىك خىزمەتچىلىرىنى قانداق ئىشلىتىۋاتىدۇ؟ (پەندى-نەسىھەت 22:29)
7 ئەمەلىي قوللىنىشچان ماھارەتلەرنى ئۆگىنىش مەقسىتىنى قويسىڭىزمۇ بولىدۇ. بەيتەل بىنالىرىنى، يىغىلىش زاللىرىنى ۋە چوڭ يىغىلىش سارايلىرىنى سېلىش ئۈچۈن قانچە كۆپ ئىشچىلار كېرەكلىكى ھەققىدە ئويلاپ كۆرۈڭ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى تەجرىبىسى مول قېرىنداشلار بىلەن بىللە ئىشلەپ، قۇرۇلۇش قىلىش ماھارەتلىرىنى ئۆگەنگەن. رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، قېرىنداشلىرىمىز يىغىلىش زالى ۋە چوڭ يىغىلىش زالىنى ئاسراش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ماھارەتلەرنى ئۆگىنىۋاتىدۇ. بۇ ۋە باشقا يوللار ئارقىلىق «مەڭگۈلۈك پادىشاھ» يەھۋا خۇدا ۋە «پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى» ئەيسا مەسىھ ماھىر ئىشچىلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئاجايىپ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ (1-تىموت. 1:17؛ 6:15؛ پەندى-نەسىھەت 22:29-نى ئوقۇڭ). بىز ئۆزىمىزنى ئەمەس، يەھۋانى مەدھىيىلەش ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلەشنى ۋە ئۆز ماھارەتلىرىمىزدىن پايدىلىنىشنى خالايمىز.—يۇھاننا 8:54.
8. قايسى ماھارەتنى ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى قانداق بىلەلەيسىز؟
8 ئېنىق مەقسەت قويۇڭ. قايسى ماھارەتنى ئۆگەنسىڭىز بولىدۇ؟ جامائەتتىكى ئاقساقاللار ياكى رايونغا مەسئۇل ئاقساقالدىن قانداق ماھارەتنى ئاشۇرۇشىڭىز بولىدىغانلىقى ھەققىدە مەسلىھەت سوراڭ. مەسىلەن، ئۇلار سىزگە سۆز قىلىش ۋە تەلىم بېرىش ماھارەتلىرىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەقسەت قويسىڭىز بولىدىغانلىقىنى ئېيتسا، ئۇلاردىن ئېنىق قايسى بىر جەھەتتىن ياخشىلىنىشىڭىز كېرەكلىكىنى سوراڭ. كېيىن، بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن بار كۈچىڭىزنى چىقىرىڭ. ھازىر نېمە قىلالايدىغانلىقىڭىزنى كۆرەيلى.
9. بىر ماھارەتنى ئۆگىنىش ئۈچۈن قويغان مەقسىتىڭىزگە يېتىش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟
9 مەقسىتىڭىزگە يېتىشكە تىرىشىڭ. سىز تەلىم بېرىش ماھارىتىڭىزنى ئاشۇرماقچى بولدىڭىز دەيلى. بۇنىڭ ئۈچۈن «ئوقۇش ۋە تەلىم بېرىش ماھارىتىمىزنى ئۆستۈرەيلى» دېگەن كىتابچىنى پۇختا تەتقىق قىلىڭ. ھەپتە ئارلىقىدىكى يىغىلىشتا بىر تاپشۇرۇق بېرىلگەن بولسا، ئاۋال تەجرىبىلىك بۇرادەردىن تەييارلىغان مەزمۇننى تىڭشاپ بېقىپ، سىزگە مەسلىھەت بېرىشنى سورىشىڭىز بولىدۇ. بۇ ماھارىتىڭىزنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز ئالدىدا پەقەت قابىلىيەتلىك ئەمەس، بەلكى تىرىشچان ۋە ئىشەنچىلىك ئادەم دېگەن نام-ئابروينى قازىنىڭ.—پەند. نە 21:5؛ 2-كورىنت. 8:22.
10. ماھارەتنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك؟
10 سىز ئۆگەنمەكچى بولغان بىر ماھارەتنى ئاشۇرۇش ئاسانغا چۈشمىسىچۇ، نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟ بەل قويۇۋەتمەڭ! گاررى ئىسىملىك بۇرادەر ئۈچۈن راۋان ئوقۇش قىيىن بولغان. ئۇ يىغىلىشتا ئۈنلۈك ئوقۇشقا تىرىشقاندا، ئۆزىنىڭ خىجىل بولغانلىقىنى ئەسلەيدۇ. بىراق، گاررى بۇ ماھارەتنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. ئۇ قابىلىيەتلىك بۇرادەرلەردىن ۋە نەشرى ماتېرىياللاردىن ئۆگىنىپ، ئەمدى جامائەت يىغىلىشلىرى ۋە چوڭ يىغىلىشلاردا ھودۇقماي نۇتۇقلارنى ئېيتالايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
11. تىموتىينىڭ مىسالىدىن كۆرگىنىمىزدەك، يەھۋاغا تېخىمۇ كۆپرەك خىزمەت قىلىشىمىزغا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
11 تىموتىي ماھىر بىر ناتىق ياكى داڭلىق تەلىم بەرگۈچى بولغانمۇ؟ مۇقەددەس كىتابتا بۇ ھەققىدە ھېچنېمە ئېيتىلمىغان. بىراق، تىموتىينىڭ ئەلچى پاۋلۇس بەرگەن مەسلىھەتكە قۇلاق سېلىپ، ۋەزىپىلەرنى بارغانسېرى ئۈنۈملۈك ئورۇندىغانلىقى شەك-شۈبھىسىزدۇر (2-تىموت. 3:10). شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەگەر ماھارەتلىرىمىزنى ئاشۇرساق، يەھۋاغا تېخىمۇ كۆپرەك خىزمەت قىلالايمىز.
باشقىلارغا خىزمەت قىلىش يوللىرىنى ئىزدەڭ
12. باشقىلار سىزگە قانداق ياردەم بەرگەن؟
12 ھەممىمىز باشقىلارغا ياردەم بېرىشنىڭ پايدىسىنى كۆرىمىز. مەسىلەن، دوختۇرخانىدا ياتقىنىمىزدا، دوختۇرخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىش كومىتېتىدىكى ياكى بىمارلارنى يوقلاش توپىدىكى ئاقساقاللارنىڭ بىزنى يوقلاپ كەلگىنىدىن بەك مىننەتدارمىز. قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگىنىمىزدە، غەمخور ئاقساقاللارنىڭ بىزنى تىڭشاش ۋە تەسەللى بېرىش ئۈچۈن ۋاقىت چىقارغىنىغا بەك مىننەتدارمىز. بىز مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزۈشتە ياردەمگە مۇھتاج بولغىنىمىزدا، تەجرىبىلىك پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىلار بىز بىلەن ئۆگىنىشكە بېرىپ، ئەمەلىي مەسلىھەت بەرگىنىدىن بەك خۇشالمىز. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىزگە ياردەم بېرەلىگىنى ئۈچۈن بەك خۇشال بولىمىز. بىزمۇ قېرىنداشلىرىمىزغا خىزمەت قىلساق، شۇنداق خۇشاللىقنى ھېس قىلالايمىز. ئەيسا مەسىھ: «بەرمەك ئالماقتىنمۇ زور بەختتۇر»،— دەپ ئېيتقان (ئەلچى. 20:35). بۇنداق ياكى باشقا يوللار بىلەن يەھۋاغا كۆپرەك خىزمەت قىلىشنى خالىسىڭىز، بۇ مەقسەتكە يېتىشىڭىزگە نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
13. مەقسەت قويغاندا، نېمىنى ئەستە تۇتۇشىمىز كېرەك؟
13 ئېنىق بولمىغان مەقسەتنى قويماڭ. بەلكىم سىز: «مەن جامائەتتە كۆپرەك ئىشلارنى قىلالايمەن»— دەپ ئويلايدىغانسىز. بىراق، بۇ مەقسەتكە قانداق يېتىشنى بىلمەي قىينىلىپ، شۇ مەقسەتكە يېتىش قولۇمدىن كەلمەيدۇ دېگەن خۇلاسىگە كېلىشىڭىز مۇمكىن. شۇڭا، ئېنىق ۋە يېتەلىگىدەك مەقسەت قويۇڭ. سىز ھەتتا مەقسىتىڭىزنى ۋە ئۇنىڭغا قانداق يېتەلەيدىغانلىقىڭىزنى يېزىپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ.
14. مەقسەت قويغاندا، نېمە ئۈچۈن پىلانلىرىمىزنى ئۆزگەرتىشكە تەييار بولۇشىمىز كېرەك؟
14 مەقسەت قويغاندا، پىلانلىرىمىزنى ئۆزگەرتىشكە تەييار بولۇشىمىز كېرەك. نېمە ئۈچۈن؟ سەۋەبى،بىز ۋەزىيەتنى پۈتۈنلەي كونترول قىلالمايمىز. مەسىلەن، ئەلچى پاۋلۇس سالونىكا شەھىرىدىكى يېڭى جامائەتنى تەشكىللەشكە ياردەم بەرگەن. شەك-شۈبھىسىزكى، ئۇ شۇ يەردە قېلىپ، يېقىندىلا مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى بولغانلارغا ياردەم بېرىش مەقسەت قىلغان. لېكىن، دۈشمەنلەرنىڭ قارشىلىقى تۈپەيلى پاۋلۇس بۇ يەردىن كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى (ئەلچى. 17:1–5، 10). ئەگەر پاۋلۇس شۇ يەردە قالسا، ئېتىقادداشلىرىنى خەۋپ-خەتەرگە دۇچار قىلاتتى. لېكىن، پاۋلۇس بەل قويۇۋەتمىگەن! ئەكسىنچە ئۇ پىلانلىرىنى ئۆزگەرتكەن. كېيىنرەك، ئەلچى پاۋلۇس يېقىندىلا مەسىھ ئەگەشكۈچىسى بولغانلارنىڭ روھىي ئېھتىياجىغا كۆڭۈل بۆلۈش ئۈچۈن تىموتىينى ئەۋەتكەن (1-سالونىكا. 3:1–3). سالونىكىلىقلار تىموتىينىڭ قەيەردە ئېھتىياج بولسا، شۇ يەردە خىزمەت قىلىشقا تەييار بولغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال بولغان!
15. ۋەزىيەت ئۆزگەرگەندە، بۇ مەقسەتلىرىمىزگە قانداق تەسىر قىلىشى مۇمكىن؟
15 پاۋلۇسنىڭ سالونىكىدا باشتىن كەچۈرگەنلىرىدىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز. گەرچە ئېنىق مەقسەت قويساقمۇ، كېيىنرەك بىز كونترول قىلالمايدىغان ئىش يۈز بېرىپ، ۋەزىيەت ئۆزگىرىشى مۇمكىن. شۇ سەۋەپ، بىز مەقسىتىمىزگە يېتەلمەي قالىمىز (ۋەز 9:11). ئەگەر سىزمۇ شۇنداق ئەھۋالدا بولسىڭىز، يېتەلىگىدەك مەقسەت قويۇشقا تىرىشىڭ. تېد ۋە خېيدى ئىسىملىك بىر جۈپ ئەر-ئايال نەق شۇنداق قىلغان. تەن-سالامەتلىكى سەۋەبلىك، ئۇلار بەيتەلدە خىزمەت قىلىشتىن توختاشقا توغرا كەلگەن. لېكىن، ئۇلار يەھۋانى سۆيگەچ، ئۇنىڭغا كۆپرەك خىزمەت قىلىشنىڭ باشقا يوللىرىنى ئىزدىگەن. بېشىدا ئۇلار پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ، خىزمەت قىلىشنى باشلىغان. ۋاقىت ئۆتۈپ، ئۇلار مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ تەيىنلەنگەن. تېد رايونغا مەسئۇل ئاقساقالنىڭ ئورۇنباسارى بولۇشقا تەييار بولغان. كېيىنرەك رايونغا مەسئۇل ئاقساقال بولۇپ خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ياش ئۆلچەم تەلىپىدە ئۆزگىرىش بولغان. تېد ۋە خېيدى ياشىنىپ قالغاچ، ئەمدى رايونغا مەسئۇل ئاقساقال بولۇپ خىزمەت قىلالمايدىغانلىقىنى چۈشەنگەن. گەرچە ئۇلارنىڭ كۆڭلى يېرىم بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار باشقا يوللار بىلەن يەھۋاغا خىزمەت قىلالايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەن. تېد شۇنداق دەيدۇ: «بىز خۇداغا خىزمەت قىلىشنىڭ بىر يولى بىلەن چەكلىنىپ قالمىدۇق».
16. گالاتىيالىقلار 6:4-ئايەتتىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟
16 ھاياتىمىزدىكى ھەممە نەرسىلەرنى كونترول قىلالمايمىز. شۇڭا ئەڭ مۇھىمى، بىز شان-شەرەپلىك ۋەزىپىلەرنى قىلساق، شۇندىلا يەھۋا بىزنى قەدىرلەيدۇ دەپ ئويلىماسلىقىمىز كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، ئۆزۈمىز ئىگە بولمىغان ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداۋاتقان بولسا، ئۆزۈمىزنى ئۇلار بىلەن سېلىشتۇرمايمىز لازىم. خېيدى مۇنداق دەيدۇ: «ھاياتىڭىزنى باشقىلارنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرسىڭىز، تىنچ-خاتىرجەملىكنى يوقىتىسىز» (گالاتىيالىقلار 6:4-نى ئوقۇڭ). شۇڭا، باشقىلارغا ياردەم بېرىش ۋە يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەش بەك مۇھىم c.
17. شان-شەرەپلىك ۋەزىپىلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟
17 ئاددىي ھايات كەچۈرۈپ، ئورۇنسىز قەرزگە كىرىپ قېلىشتىن ساقلانسىڭىز، خۇداغا كۆپرەك خىزمەت قىلالايسىز. كىچىك-كىچىك مەقسەتلەرنى قويۇش چوڭراق مەقسەتلەرگە يېتىشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ. مەسىلەن، پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇشنى خالىسىڭىز، ياردەمچى پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلالامسىز؟ ياكى بولمىسا، سىزنىڭ ياردەمچى خىزمەتچى بولۇش مەقسىتىڭىز بولسا، ۋەز خىزمىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كۆپرەك ۋاقىت چىقىرالامسىز ۋە جامائىتىڭىزدىكى ئاغرىۋاتقان ياكى ياشانغان قېرىنداشلىرىڭىزنى يوقلاپ تۇرالامسىز؟ ھازىر توپلىغان تەجرىبىلىرىڭىز كېلەچەكتىكى شەرەپلىك ۋەزىپىلەرگە ئىشىك ئېچىپ بېرىشى مۇمكىن. سىزگە تاپشۇرۇلغان ھەرقانداق ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاش ئۈچۈن قولىڭىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە بەل باغلاڭ.—رىملىقلار 12:11.
18. رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، قېرىندىشىمىز بېۋېرلىينىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگەنسەك بولىدۇ؟
18 روھىي مەقسەتلەرنى قويۇشقا بىزنىڭ يېشىمىز توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ. 75 ياشلىق بېۋېرلىي ئىسىملىك قېرىنداشنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. ئۇنىڭ تەن-سالامەتلىكى بەك ناچار بولغاچ، يول مېڭىشتا ناھايىتى قىينىلاتتى. بىراق، ئۇ مەسىھنىڭ ئۆلۈمىنى خاتىرىلەش يىغىلىشىغا تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىگە ئۆز ھەسسىسىنى قوشۇشنى بەك ئارزۇ قىلاتتى. شۇڭا، ئۇ ئېنىق مەقسەتلەر قويدى. بېۋېرلىي شۇ مەقسەتلىرىگە يەتكەندە، بەك خۇشال بولدى. ئۇنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى باشقىلارنى يەھۋاغا خىزمەت قىلىشتا كۆپرەك كۈچ چىقىرىشقا دەۋەت قىلدى. يەھۋا ياشانغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىمكانىيىتى چەكلىك بولۇشىغا قارىماي، ئۇلارنىڭ ئەجىر-مېھنىتىنى ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ.—زەبۇر 71:17، 18.
19. قانداق روھىي مەقسەتلەر قويالايسىز؟
19 يېتەلىگىدەك مەقسەتلەرنى قويۇڭ. يەھۋانى خۇرسەن قىلىدىغان پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرۈڭ. بەزى قوللىنىشچان ماھارەتلەرنى ئۆگىنىپ، خۇدايىمىز ۋە ئۇنىڭ تەشكىلاتى ئۈچۈن كۆپرەك خىزمەت قىلىشقا تىرىشىڭ ۋە ئېتىقادچى قېرىنداشلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەشنىڭ تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتلىرىنى ئىزدەڭ d. بۇ ئارقىلىق، تىموتىيغا ئوخشاش يەھۋانىڭ بەرىكەتلىرىگە ئېرىشەلەيسىز ۋە ھەممىسى سىزنىڭ ئالغا باسقانلىقىڭىزنى كۆرەلەيدۇ.—1-تىموت. 4:15.
23-ناخشا يەھۋا — بىزنىڭ كۈچىمىز
a تىموتىي ماھىر بىر ۋەز ئېيتقۇچى بولغان. شۇنداقتىمۇ، ئەلچى پاۋلۇس ئۇنى داۋاملىق كۆپرەك يەھۋا خۇداغا خىزمەت قىلىشقا دەۋەت قىلغان. پاۋلۇسنىڭ مەسلىھىتىگە قۇلاق سېلىپ، تىموتىي يەھۋاغا ۋە ئېتىقادداشلارغا تېخىمۇ كۆپرەك خىزمەت قىلغان. تىموتىيغا ئوخشاش، سىزمۇ يەھۋاغا ۋە ئېتىقادداشلارغا كۆپرەك خىزمەت قىلىشنى خالامسىز؟ ئەلۋەتتە، خالايسىز! شۇنداق قىلىشقا مەقسەتلەرنى قويۇش سىزگە ياردەم بېرىدۇ. قانداق مەقسەتلەرنى قويۇشقا بولىدۇ؟ مەقسەتلەرنى قويۇش ۋە ئۇلارغا يېتىش ئۈچۈن نېمىنى قىلىشىڭىز كېرەك؟
b سۆز-ئىبارە مەنىسى: روھىي مەقسەتلەر يەھۋاغا كۆپرەك خىزمەت قىلىشنى ۋە ئۇنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن بارلىق تىرىشچانلىقلىرىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
c «يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلايدىغان تەشكىلات» كىتابىنىڭ (باشقا تىلدا) 10-باب، «ئېھتىياج بار يەردە خىزمەت قىلىش» ماۋزۇ ئاستىدىكى 6–9-ئابزاسلارغا قاراڭ.
d «مەڭگۈ شاد-خۇرام ياشاڭ!» دېگەن كىتابتىكى «يەھۋا بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىڭىزنى داۋاملىق كۈچەيتىڭ» ناملىق 60-دەرسكە قاراڭ.