22-تەتقىق ماقالىسى
29-ناخشا ساداقەتمەنلىكنى ساقلاپ يۈرەيلى
مۇھەببەتلىشىپ يۈرۈش قانداق دانا قارارلارنى چىقىرىشقا ياردەم بېرىدۇ؟
«يوشۇرۇن ئادىمىيلىك پەزىلىتىڭلار … ئىنتايىن قەدىر-قىممەتلىكتۇر». —1-پېتر. 3:4.
مەركىزى ئىدىيە
مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەنلەر قانداق دانا قارارنى چىقىرالايدۇ ۋە جامائەتتىكىلەر ئۇلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
1، 2. بەزىلەر مۇھەببەتلىشىپ يۈرۈش ھەققىدە نېمە دەيدۇ؟
مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەن كىشىلەر خۇشال ۋە ھاياجانلىق ھېس-تۇيغۇلارغا چۆمىدۇ. ئەگەر سىزمۇ ھازىر مۇھەببەتلىشىپ يۈرۈۋاتقان بولسىڭىز، شەك-شۈبھىسىزكى بۇ ۋاقىتنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىسىز. ئېفىئوپىيىدىكى سىئون a ئىسىملىك قېرىنداش مۇنداق دەيدۇ: «ھاياتىمدا ئەڭ خۇشال پەيتلەردىن بىرى بۇ ئېرىم بىلەن مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەن چاغلار ئىدى. بىز مۇھىم نەرسىلەرنى مۇھاكىمە قىلغان ۋە شۇنداقتىمۇ كۈلكە-چاقچاقلارنى ئۇنتۇپ قالمىغانىدۇق. مەن سۆيىدىغان ۋە مېنى سۆيىدىغان بىرىنى تاپقانلىقىمنى تونۇپ يەتكەندە، ئىنتايىن خۇشال بولدۇم».
2 گوللاندىيىدىكى ئالېسسو ئىسىملىك بىر بۇرادەر مۇنداق دەيدۇ: «ئايالىم بىلەن مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەن چاغلاردا ئۇنى ياخشىراق بىلىش مېنى ئىنتايىن خۇشال قىلغان. لېكىن، شۇ چاغلاردا بەزى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەنىدۇق». بۇ ماقالىدە، بىز مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەنلەر دۇچ كېلىدىغان بەزى قىيىنچىلىقلارنى ۋە مۇقەددەس كىتابتىكى بەزى پرىنسىپلار ئۇلارنىڭ دانا قارارلارنى چىقىرىشىغا قانداق ياردەم بېرىدىغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، جامائەتتىكى ئېتىقادداشلارنىڭ مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەنلەرگە قانداق ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.
مۇھەببەتلىشىپ يۈرۈشنىڭ مەقسىتى
3. مۇھەببەتلىشىپ يۈرۈشنىڭ مەقسىتى نېمە؟ (پەندى-نەسىھەت 20:25)
3 گەرچە مۇھەببەتلىشىپ يۈرۈش كىشىگە خۇشاللىق ئېلىپ كەلسىمۇ، لېكىن بۇنىڭغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىش لازىم، چۈنكى بۇ ئىككى كىشىنى ئاخىرىدا توي قىلىشقا ئېلىپ بارىدىغان مۇھىم بىر قەدەم. توي كۈنى قىز-يىگىت يەھۋا خۇدانىڭ ئالدىدا ئۆمۈر بويى بىر-بىرىنى سۆيۈشكە ۋە ئۆزئارا ئىززەت-ھۆرمەت كۆرسىتىشكە قەسەم بېرىدۇ. ئەلۋەتتە، ھەرقانداق بىر قەسەمنى بېرىشتىن ئاۋۋال، بۇ مۇھىم مەسىلىنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىشىمىز كېرەك (پەندى-نەسىھەت 20:25-نى ئوقۇڭ). بۇ نىكاھ قەسىمىگە ھەم قارىتىلغان. بىر جۈپلەر مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەن چاغلاردا بىر-بىرىنى ياخشىراق تونۇپ، دانا قارارنى چىقىرالايدۇ. بەزىلەر توي قىلىشنى، يەنە بەزىلەر مۇھەببەتلىشىپ يۈرۈشنى توختىتىشنى قارار قىلىدۇ. ئەگەر بىر جۈپلەر ئايرىلىپ كەتسە، بۇ ئۇلارنىڭ خاتا ئىش قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئەكسىنچە، مۇھەببەتلىشىپ يۈرۈشتىكى مەقسەت ئەمەلگە ئاشتى، يەنى بۇ ئۇلارنىڭ دانا قارار چىقىرىشىغا ياردەم بەردى.
4. نېمە ئۈچۈن مۇھەببەتلىشىپ يۈرۈشكە توغرا كۆز قاراشتا بولۇش كېرەك؟
4 نېمە ئۈچۈن مۇھەببەتلىشىپ يۈرۈشكە توغرا كۆز قاراشتا بولۇش كېرەك؟ ئەگەر بويتاق بىرى توغرا كۆز قاراشتا بولسا، توي قىلىشنى ئويى بولمىغان ئەھۋالدا، باشقا بىرى بىلەن ئۇچرىشىشقا چىقىپ، مۇھەببەتلىشىپ يۈرۈشنى باشلىمايدۇ. بىراق، مۇھەببەتلىشىپ يۈرۈشكە پەقەت توي قىلمىغانلار ئەمەس، ھەممىمىز توغرا كۆز قاراشتا بولۇشىمىز كېرەك. مەسىلەن، بەزىلەر مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەنلەرنى كۆرگەندە، ئۇلار چوقۇم توي قىلىشى كېرەك دەپ ئويلايدۇ. بۇنداق كۆز قاراش توي قىلمىغان ئېتىقادداشلارغا قانداق تەسىر قىلىدۇ؟ ئامېرىكىدا ياشايدىغان مېلىسسا ئىسىملىك بىر قېرىنداش مۇنداق دەيدۇ: «بىرى بىلەن ئۇچرىشىشقا چىققان قېرىنداشلار ئىنتايىن ئېغىر بېسىم ھېس قىلىدۇكى، بەزىلەر بىر-بىرىگە لايىق كەلمەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتسىمۇ، ئايرىلىپ كېتەلمەيدۇ. بەزىلىرى بىرى بىلەن ئۇچرىشىشقا چىقىشقا تامامەن جۈرئەت قىلالمايدۇ. بۇ كىشنى قاتتىق غەم-ئەندىشىگە سالىدۇ».
بىر-بىرىڭلار بىلەن ياخشىراق تونۇشۇڭلار
5، 6. مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەنلەر بىر-بىرى توغرىسىدا نېمىلەرنى بىلىۋېلىشى كېرەك؟ (1-پېترۇس 3:4)
5 ئەگەر بىرى بىلەن مۇھەببەتلىشىپ يۈرۈۋاتقان بولسىڭىز، توي قىلىش-قىلماسلىقنى قارار قىلىشىڭىزغا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟ ئاۋۋال بىر-بىرىڭلارنى ياخشىراق تونۇشۇش. بەلكىم، مۇھەببەتلىشىپ يۈرۈشتىن ئاۋۋال قارشى تەرەپ توغرىسىدا بەزى نەرسىلەرنى بىلىۋالدىڭىز. لېكىن، ھازىر سىزنىڭ ئۇنىڭ ‹يوشۇرۇن ئادىمىيلىك پەزىلىتىنى› بىلىۋېلىش پۇرسىتى بار (1-پېترۇس 3:4-نى ئوقۇڭ). مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەن چاغلاردا كىشىنىڭ يەھۋا خۇدا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، ئۇنىڭ مىجەز-خۇلقلىرى ۋە ئوي-خىياللىرى توغرىسىدا كۆپرەك نەرسىلەرنى بىلىۋالىسىز. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، مۇنداق سوئاللارغا جاۋاب تاپالايسىز: «بۇ كىشى مەن ئۈچۈن ياخشى ئەر ياكى ئايال بولالامدۇ؟ (پەند. نە 31:26، 27، 30؛ ئەفەس. 5:33؛ 1-تىموت. 5:8) بىر-بىرىمىزنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىغا كۆڭۈل بولۇپ، ئۆزئارا سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتەلەيمىزمۇ؟ بىر-بىرىمىزگە كەڭ قورساق بولۇپ، كەمچىلىكلىرىمىزنى كۆرمەسكە سېلىپ ياشىيالايمىزمۇ؟» b (رىملىقلار 3:23) ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، دىققىتىڭلارنى قايسى تەرەپلەردە بىر-بىرىڭلارغا ئوخشايدىغانلىقىڭلارغا ئەمەس، بەلكى پەرقلىق تەرەپلەردە بىر-بىرىڭلارغا قانچىلىك ماسلىشالايدىغانلىقىڭلارغا قارىتىش ئەڭ مۇھىم.
6 مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەن چاغلاردا يەنە نېمىلەرنى بىلىۋېلىشىڭلار كېرەك؟ رومانتىك ھېس-تۇيغۇلار بېرىلىشتىن ئاۋۋال، بەزى مۇھىم ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلىشىڭلار لازىم. مەسىلەن، ھەر بىرىڭلارنىڭ قانداق مەقسەتلىرى بار؟ سالامەتلىك ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋالىڭلار قانداق؟ ئۆتمۈشتە قانداق قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن؟ ئەلۋەتتە ئۇچرىشىشقا چىقىشنى باشلىغاندىلا، بۇلارنىڭ ھەممىسى توغرۇلۇق پاراڭلىشىشنىڭ ھاجىتى يوق (يۇھاننا 16:12-نى سېلىشتۇرۇڭ). ئەگەر بەزى شەخسىي سوئاللارغا جاۋاب بېرىشنى تېخى ئەتىگەن دەپ قارىسىڭىز، بۇنى قارشى تەرەپكە ئېيتىڭ. لېكىن، مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن بەرىبىر بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. سەۋەبى، ھەر ئىككى كىشى دانا قارار چىقىرىشتىن بۇرۇن ئاشۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى بىلىشى كېرەك.
7. مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەنلەر بىر-بىرىنى قانداق تېخىمۇ ياخشىراق چۈشىنەلەيدۇ؟ (« بىر-بىرىدىن يىراق جايلاردا ياشىغانلارنىڭ مۇھەببەتلىشىشى» ناملىق رامكىغا قاراڭ) (رەسىملەرگە ھەم قاراڭ).
7 سىز مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەن كىشى زادى قانداق بىر ئىنسان ئىكەنلىكىنى قانداق ئېنىق بىلەلەيسىز؟ بۇنىڭ بىر يولى ئوچۇق-ئاشكارا سۆھبەتلىشىپ بەزى سوئاللارنى قويۇش ۋە دىققەت بىلەن تىڭشاش (پەند. نە 20:5؛ ياقۇپ 1:19). ئەركىن-ئازادە پاراڭلىشىش ئۈچۈن بەزى ئىشلارنى قىلساڭلار بولىدۇ. مەسىلەن، بىرگە تاماق يەڭلار، ئاممىۋى ئورۇنلاردا سەيلە قىلىڭلار ۋە ۋەز قىلىڭلار. ئۇنىڭدىن باشقا، ئائىلە ئەزالىرىڭلار ۋە دوستلىرىڭلار بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزگەندە، بىر-بىرىڭلارنى ياخشىراق بىلىشەلەيسىلەر. يەنە ئارىلىشىپ يۈرگەن ئادەمنىڭ تۈرلۈك ۋەزىيەتلەردە، ھەرخىل كىشىلەر ئارىسىدا ئۆزىنى قانداق تۇتىدىغانلىقىنى كۆرەلەيسىز. گوللاندىيىدىكى ئاشۋىن مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەندە نېمە قىلغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز بىر-بىرىمىزنى ياخشىراق چۈشىنىش ئۈچۈن بىرلىكتە بەزى ئىشلارنى قىلىشقا تىرىشتۇق. مەسىلەن، بىرلىكتە تاماق ئېتىش ۋە ئۆيدىكى چوڭ-كىچىك ئىشلارنى قىلىش. بىرگە شۇنداق ئىشلارنى قىلغاندا، بىر-بىرىمىزنىڭ ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىك تەرەپلىرىنى كۆردۇق».
8. مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەنلەر مۇقەددەس كىتابنى بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ ئۆگەنسە، بۇنىڭ قانداق پايدىسى بار؟
8 شۇنىڭدەك، مۇقەددەس كىتابنى بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق بىر-بىرىڭلارنى ياخشىراق تونۇيالايسىلەر. ئەگەر توي قىلساڭلار، ئائىلىۋى ئىبادەت ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىشىڭلار كېرەك. بۇنداق قىلساڭلار، خۇدا نىكاھ رىشتىڭلارنى كۈچەيتىشكە ياردەم بېرىدۇ (ۋەز 4:12). شۇنىڭ ئۈچۈن، ھازىر ئائىلىۋى ئىبادەتنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىڭلار. ئەلۋەتتە، مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەنلەر ھازىرچە بىر ئائىلە ئەمەس ۋە بۇرادەر تېخى قېرىنداشنىڭ بېشى ئەمەس. لېكىن، بىرلىكتە مۇنتىزىم تەتقىق ئۆگىنىشى ئۆتكۈزگەندە، بىر-بىرىڭلارنىڭ يەھۋا بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتى قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايسىلەر. ئامېرىكىلىق بىر جۈپلەر ماكس بىلەن لىزا بىرلىكتە تەتقىق ئۆگىنىشى ئۆتكۈزۈشنىڭ باشقا پايدىلىق تەرىپىنى بايقىغان. ماكس مۇنداق دەيدۇ: «مۇھەببەتلىشىپ يۈرۈشنى باشلىغاندا، بىز ئۇچرىشىشقا چىقىش، توي قىلىش ۋە ئائىلىۋى تۇرمۇش توغرىسىدىكى مەلۇماتلارنى بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلىپ ئۆگەندۇق. شۇ مۇھاكىمە قىلغان ماتېرىياللار ئادەتتە ئېغىز ئېچىش قىيىن بەزى مۇھىم ماۋزۇلار توغرۇلۇق سۆھبەت باشلىشىمىزغا ياردەم بەردى».
چوقۇم مۇھاكىمە قىلىش زۆرۈر بولغان باشقا سوئاللار
9. مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەنلەر كىملەرگە ئېيتىش-ئېيتماسلىقنى قارار قىلغاندا، نېمىلەرنى نەزەرگە ئېلىشى كېرەك؟
9 مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەنلىكىڭلارنى كىملەرگە ئېيتىشڭلار كېرەك؟ سىلەر بۇنى بىرلىكتە قارار قىلىشىڭلار كېرەك. مۇھەببەتلىشىپ يۈرۈشنى باشلىغان دەسلەپكى چاغلاردا، بەلكىم بۇ توغرۇلۇق كۆپ ئادەملەرنى بىلىشىنى خالىماسلىقىڭلار مۇمكىن (پەند. نە 17:27). شۇنداق بولغاندا، باشقىلارنىڭ كۆپ سوئاللارنى سوراپ، سىلەرگە بېسىم پەيدا قىلىپ قويۇشىدىن ساقلىنالايسىلەر. بىراق، ھېچكىمگە ئېيتماسلىقنى قارار قىلساڭلارچۇ؟ باشقىلارنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن قورقۇپ، ئۆزۈڭلارنى قاچۇرۇپ يۈرۈش ئۈچۈن ئىككىڭلار يالغۇز مۇھەببەتلىشىپ يۈرسەڭلار، بۇ ھەم خەتەرلىك بولۇشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا، مۇھەببەتلىشىپ يۈرۈش توغرىسىدا ياخشى نەسىھەت ۋە ئەمەلىي ياردەم بېرەلەيدىغان بەزى كىشىلەرگە ئېيتىش دانالىق بولىدۇ (پەند. نە 15:22). مەسىلەن، ئائىلە ئەزالىرى، پىشىپ يېتىلگەن دوستلار ياكى ئاقساقاللارغا ئېيتساڭلار بولىدۇ.
10. مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەنلەر ئەخلاق جەھەتتىن پاكلىقنى ساقلاش ئۈچۈن نېمە قىلسا بولىدۇ؟ (پەندى-نەسىھەت 22:3)
10 مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەنلەر ئەخلاق جەھەتتىن پاكلىقنى ساقلاش ئۈچۈن نېمە قىلسا بولىدۇ؟ بىر-بىرىڭلارغا بولغان ھېس-تۇيغۇلار كۈچەيگەنسېرى، بىر-بىرىڭلارنى ئۆزۈڭلارغا جەلپ قىلىشمۇ كۈچىيىشى مۇمكىن. ئەخلاق جەھەتتىن ئۆزۈڭلارنى پاك تۇتۇشقا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟ (1-كورىنت. 6:18) ئۆزىڭىزنى ئەخلاقسىز گەپ-سۆزلەردىن، ئىككىڭلار يالغۇز قېلىشىدىن ۋە ئىسپىرتلىق ئىچىملەرنى كۆپ ئىچىشتىن ساقلىنىڭلار (ئەفەس. 5:3). بۇلار جىنسىي ھەۋەسلەرنى قوزغاپ، نەتىجىدە توغرا ئىشنى قىلىشىڭلار قىيىنغا چۈشىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا، ئۆز ئىززەت-ئابرويىڭلارنى ساقلاش ۋە يەھۋا خۇدانىڭ ئۆلچەملىرىنى ھۆرمەتلەش ئۈچۈن چوقۇم نېمە قىلىشىڭلار توغرۇلۇق پات-پات سۆھبەتلىشىپ تۇرۇڭلار (پەندى-نەسىھەت 22:3-نى ئوقۇڭ). ئېفىئوپىيىدىكى داۋىت بىلەن ئالماز نېمە قىلغانلىقىنى كۆرۈپ چىقايلى. ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئادەملەر كۆپ جايلاردا ياكى دوستلىرىمىز بىزگە ھەمراھ بولغان چاغلاردا ئۇچرىشىشقا چىقاتتۇق. بىز باشقىلار يوق ئەھۋالدا، ھېچقاچان ئۆيدە ياكى ماشىنىدا يالغۇز قالمىغان. شۇڭلاشقا، بىز ئېزىقتۇرۇشلارغا دۇچ كېلىدىغان ۋەزىيەتلەردىن نېرى بولدۇق».
11. مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەنلەر سۆيگۈ ئىزھار قىلغاندا، نېمىلەرنى نەزەردە تۇتۇشى كېرەك؟
11 مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەنلەر بىر-بىرىگە سۆيگۈ ئىزھار قىلسا بولامدۇ؟ ئاراڭلاردا يېقىن مۇناسىۋەت كۈچەيگەنسېرى، مۇۋاپىق ئۇسۇلدا كۆڭلۈڭلارنى ئىزھار قىلساڭلار بولىدۇ. ئەمما، جىنسىي ھەۋەس قوزغالسا، ئۇ چاغدا دانا قارار چىقىرىشىڭلار قىيىن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن (شېئىر. ش 1:2؛ 2:6). ئۇنىڭدىن باشقا، كۆڭلۈڭلارنى ئىزھار قىلغاندا، ئۆزۈڭلارنى تۇتالماي، يەھۋا ئۆچ كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىپ قويۇشۇڭلار مۇمكىن (پەند. نە 6:27). شۇڭا، مۇھەببەتلىشىپ يۈرۈشنى باشلىغاندا، مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپلارغا ئاساسەن بىرلىكتە بەزى چەكلىمىلەرنى بەلگىلەپ قويۇڭلار c (1-سالونىكا. 4:3–7). مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەندە ئۆزئارا مۇنداق سوراڭلار: «بىز ياشايدىغان يۇرتلاردا بىر-بىرىمىزگە سۆيگۈ ئىزھار قىلىدىغان ئىش-ھەرىكەتلەرنى قىلساق، باشقىلار بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ؟ شۇ ئىش-ھەرىكەتلىرىمىز ئارىمىزدا بىرىمىزنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنى قوزغاپ قالامدۇ؟»
12. مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەنلەر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە نېمە قىلىشى كېرەك؟
12 قىيىنچىلىقلارنى قانداق ھەل قىلالايسىلەر؟ بەزىدە ئاراڭلاردا كېلىشمەسلىكلەر پەيدا بولسىچۇ؟ بۇ سىلەرنىڭ بىر-بىرىڭلارغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرەمدۇ؟ ياق، بىلدۈرمەيدۇ. سەۋەبى، ھەر جۈپلەرنىڭ ئوي-پىكىردە بىرلىككە كېلەلمەيدىغان چاغلىرى بولىدۇ. نىكاھ رىشتىسى مۇستەھكەم بولۇشى ئۈچۈن ئىككى ئادەم بىرلىكتە ئارىدىكى كېلىشمەسلىكنى ھەل قىلىشقا تىرىشىشى لازىم. دېمەك، ھازىر قىيىنچىلىقلارنى قانداق ھەل قىلىش كېلەچەكتە ئائىلىۋى تۇرمۇشىڭلارنىڭ بەختلىك بولۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەن چاغلاردا، ئۆزۈڭلاردىن مۇنداق سوراپ كۆرۈڭلار: «قىيىنچىلىقلار توغرۇلۇق پاراڭلاشقاندا، ئۆزىمىزنى بېسىۋېلىپ، سىلىق-سىپايە ۋە ھۆرمەت بىلەن سۆزلىشىمىزمۇ؟ ئۆز كەمچىلىكلىرىمىزنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇلارنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىمىزمۇ؟ دەرھال بىر-بىرىمىزگە يول قويۇپ، كەچۈرۈم سورايمىزمۇ ياكى كەچۈرىمىزمۇ؟» (ئەفەس. 4:31، 32) ئەگەر ھەمىشە سۆزۈڭلار بىر يەردىن چىقماي گەپ تالىشىپ جىدەل قىلساڭلار، توي قىلغاندىن كېيىنمۇ ۋەزىيەتتە ئۆزگۈرۈش بولماسلىقى مۇمكىن. ئەگەر سىلەر بىر-بىرىڭلارغا ماس كەلمەيدىغانلىقىڭلارنى كۆرۈپ يەتسەڭلار، ئۇچرىشىشنى توختىتىپ ئايرىلىپ كېتىش ئىككىڭلار ئۈچۈن ئەڭ توغرا قارار بولىدۇ d.
13. قانچە ئۇزۇن ۋاقىت ئارىلىشىپ يۈرۈشنى قارار قىلىشقا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
13 قانچە ئۇزۇن ئارىلىشىپ يۈرۈشىڭلار كېرەك؟ ئالدىراقسانلىق بىلەن قارار قىلىش ھەمىشە ياخشى نەتىجە بەرمەيدۇ (پەند. نە 21:5). بىر-بىرىڭلارنى ياخشىراق تونۇش ئۈچۈن يېتەرلىك ۋاقىت كېرەك. شۇڭا، بىر مەزگىل مۇھەببەتلىشىپ يۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ۋاقىت بەك ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتمەسلىكى لازىم. مۇقەددەس كىتاب مۇنداق دەيدۇ: «ئەمەلگە ئېشىشى كېچىپ كەتكەن ئۈمىد يۈرەكنى ئېزەر» (پەند. نە 13:12). ئارىلىشىپ يۈرگەن ۋاقتىڭلار بەك ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتسە، جىنسىي ھەۋىسىڭلارنى تىزگىنلەش قىيىن بولۇشى مۇمكىن (1-كورىنت. 7:9). ئۇزۇنراق ۋاقىت مۇھەببەتلىشىپ يۈرۈشكە دىققەت قارىتىشنىڭ ئورنىغا، ئۆزۈڭلاردىن مۇنداق سوراپ كۆرۈڭلار: «بىر قارارنى چىقىرىشىم ئۈچۈن قارشى تەرەپ توغرۇلۇق يەنە نېمىلەرنى بىلىشىم كېرەك؟»
باشقىلار مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەنلەرگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
14. مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەنلەرگە باشقىلار قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ).
14 ئەگەر بىرلىرىنىڭ مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەنلىكىنى بىلسەك، ئۇلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟ ئۇلارنى بىرلىكتە تاماق يېيىشكە، ئائىلىۋى ئىبادەتكە ياكى كۆڭۈل ئاچىدىغان ئويۇن-تاماشىلارغا تەكلىپ قىلساق بولىدۇ (رىملىقلار 12:13). ئۇلار ئۇچرىشىشقا چىققاندا يالغۇز قالماسلىقى ئۈچۈن ھەمراھ بولىدىغان، ماشىنىدا ئاپىرىپ-ئەكېلىدىغان ياكى سۆھبەتلىشىشى ئۈچۈن تىنچ بىر جاينى تەمىنلىيەلەيدىغان بىرىگە مۇھتاج بولسا، ئۇلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم بېرىشكە تەييارمۇسىز؟ (گالاتىيا. 6:10) يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئالىشا بىلەن ئاشۋىنغا قېرىنداشلار ياردەم بەرگەن. ئالىشا مۇنداق دەيدۇ: «بەزى قېرىنداشلار ئەگەر باشقىلارنىڭ ھەمراھلىقىدا بىر جايدا ئۇچراشماقچى بولساق، ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كەلسەك بولىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا، كۆڭلىمىز ئىنتايىن سۆيۈنۈپ كېتەتتى». ئەگەر بىرى سىزدىن ئۇلارنىڭ ئۇچرىشىشىغا ھەمراھ بولۇپ بېرىشنى سورىسا، بۇنى دوستلىرىڭىزغا ۋاپادارلىقىڭىزنى ئىپادىلەشنىڭ ياخشى پۇرسىتى دەپ قارىسىڭىز بولىدۇ. بىراق، ئۇلارنى پۈتۈنلەي يالغۇز قالدۇرماڭ. ئەمما، ئۇلارنىڭ شەخسىي پاراڭلىرىنى قىلىشى ئۈچۈن پۇرسەت ۋە ۋاقىت بېرىش لازىملىقىنى ئۇنتۇماڭ.—فىلىپى. 2:4.
15. مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەنلەرگە دوستلار يەنە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟ (پەندى-نەسىھەت 12:18)
15 يەنە نېمىنى ئېيتىش-ئېيتماسلىققا دىققەت قىلساق، مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەنلەرگە ياردەم بېرەلەيمىز. بەزىدە ئۆزىمىزنىڭ سۆزلىرىگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك (پەندى-نەسىھەت 12:18-نى ئوقۇڭ). مەسىلەن، ئۇلار ئىككىسىنىڭ ئارىلىشىپ يۈرۈشنى باشلىغانلىقىنى باشقىلارغا ئېيتىشنى خالىشىمىز مۇمكىن. بىراق، ئۇلار ئۆزلىرى بۇ توغرۇلۇق ئېيتىشنى ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن. بىز ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن غەيۋەت-شىكايەت قىلماسلىقىمىز ياكى چىقارغان شەخسىي قارارلىرىنى تەنقىدلىمەسلىكىمىز كېرەك (پەند. نە 20:19؛ رىملىقلار 14:10؛ 1-سالونىكا. 4:11). ئۇنىڭدىن باشقا، توي قىلىشقا دەۋەت قىلىدىغان بەزى گەپ-سۆزلەرنى قىلىش ياكى سوئاللارنى سوراش ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى بىئارام قىلىشى مۇمكىن. ئېلىس ئىسىملىك قېرىنداش ۋە ئۇنىڭ ئېرى مۇنداق دەيدۇ: «توي قىلىش پىلانى توغرىسىدا تېخى پاراڭلىشىپ باقمىغاندا، باشقىلارنىڭ بىزدىن توي قىلىش پىلانىمىز توغرۇلۇق سورىغان سوئاللىرى بىزنى خىجالەتتە قالدۇرغانىدى».
16. ئەگەر مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەنلەر ئايرىلىپ كېتىشنى قارار قىلسا، نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
16 ئەگەر مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەنلەر ئايرىلىپ كېتىشنى قارار قىلسا، نېمىگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك؟ ئۇلارنىڭ ئايرىلىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرۈپ يۈرمەسلىكىمىز ياكى تەرەپ تۇتۇپ مەلۇم بىرىنى ئەيىبلىمەسلىكىمىز كېرەك (1-پېتر. 4:15). لېئا ئىسىملىك قېرىنداش مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئايرىلىپ كەتكەندە، قېرىنداشلارنىڭ مېنىڭ ئاشۇ بۇرادەردىن نېمە ئۈچۈن ئايرىلىپ كەتكەنلىكىمنى كەلسە-كەلمەس پەرەز قىلىپ، سۆز-چۆچەكلەرنى قىلىشقانلىقىنى ئاڭلاپ، كۆڭلۈم قاتتىق ئاغرىغان ئىدى». ئىلگىرى تىلغا ئالغاندەك، ئەگەر بىرلىرى ئايرىلىپ كېتىشنى قارار قىلسا، ئۇلارنى ناتوغرا قارار چىقاردى دەپ ئويلىماسلىقىمىز كېرەك. مۇھەببەتلىشىپ مۇھەببەت يۈرۈشتىكى ئەسلى مەقسەت بولسا ئىككى كىشىنىڭ توغرا قارار چىقىرىشىغا ياردەم بېرىش. مۇھەببەتلىشىپ يۈرۈش بۇرادەر قېرىنداشقا ياخشى قارارنى چىقىرىشقا ياردەم بېرىدۇ. ئەلۋەتتە، ئايرىلىپ كەتكەنلەرنىڭ كۆڭلى زېدە بولۇشى ياكى ئۇلار ئۆزلىرىنى بەك يالغۇز ھېس قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا، ئۇلارغا ياردەم بېرىشنىڭ پۇرسەتلىرىنى ئىزدىشىمىز لازىم.—پەند. نە 17:17.
17. مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەنلەر داۋاملىق نېمە قىلىشى كېرەك؟
17 كۆرۈپ چىققىنىمىزدەك، مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەنلەر بەزى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ. لېكىن، كىشىنى خۇشال قىلىدىغان گۈزەل تەرىپى بار. جېسسىكا مۇنداق دەيدۇ: «راستىنى ئېيتقاندا، مۇھەببەتلىشىپ يۈرۈش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس، كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش لازىم. 100 پىرسەنت ۋاقتىمىزنى ۋە كۈچىمىزنى چىقىرىشقا ئەرزىيدۇ». ئەگەر سىز مۇھەببەتلىشىپ يۈرۈۋاتقان بولسىڭىز، بىر-بىرىڭلارنى ياخشىراق چۈشىنىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، مۇھەببەتلىشىپ يۈرۈش ئوڭۇشلۇق بولىدۇ ۋە ھەر ئىككىڭلارنىڭ دانا قارار چىقىرىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
11-ناخشا يەھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلايلى
a بەزى ئىسىملار ئۆزگەرتىلگەن.
b «ياشلارنىڭ سوئاللىرى — ئەمەلىي مەسلىھەتلەر» (باشقا تىلدا) 2-قىسىم، 39، 40-بەتلەردىكى سوئاللارنى مۇھاكىمە قىلىڭ.
c بىر كىشىنىڭ جىنسىي ئەزاسىنى ئەركىلىتىش جىنسىي ئەخلاقسىزلىقنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، بۇنداق ئىش-ھەرىكەت ئۈچۈن جامائەت ئاقساقاللىرى سوت كومىتېتىنى تەشكىللەيدۇ. كۆكسىلىرىنى سىيلاش، قىسقا ئۇچۇر ياكى تېلېفون ئارقىلىق ئەخلاقسىز پاراڭلارنى قىلىش ھەم ۋەزىيەتكە قاراپ ئاقساقاللارنىڭ سوت كومىتېتى تەشكىللىشىنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن.
d «كۈزىتىش مۇنارى» ژۇرنىلى، 1999-يىل، 15-ئاۋغۇست سانىدىكى «ئوقۇرمەنلەرنىڭ سوئاللىرى» (باشقا تىلدا) ناملىق ماقالىدە قوشۇمچە مەلۇماتنى تاپالايسىز.