مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

42-‏تە‌تقىق ماقالىسى

42-‏ناخشا ئاجىزلارغا ياردە‌م بە‌ر

‏«ھە‌دىيە‌لە‌ر سۈپىتىدە» بېرىلگە‌ن ئىنسانلارغا مىننە‌تدارلىق بىلدۈرۈڭ

‏«ھە‌دىيە‌لە‌ر سۈپىتىدە» بېرىلگە‌ن ئىنسانلارغا مىننە‌تدارلىق بىلدۈرۈڭ

‏«ئۇ ئېگىزلىككە كۆتۈرۈلگە‌ندە،‏ … ھە‌دىيە‌لە‌ر سۈپىتىدە ئىنسانلارنى بە‌ردى»‏‏.‏—‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏8‏.‏

مە‌ركىزى ئىدىيە

ياردە‌مچى خىزمە‌تچىلە‌ر،‏ ئاقساقاللار ۋە رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقاللارنىڭ بىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدىغانلىقى ۋە مۇ‌شۇ ساداقە‌تمە‌ن كىشىلە‌رنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرى ئۈچۈن مىننە‌تدارلىقىمىزنى قانداق بىلدۈرە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى ئۆگىنىمىز.‏

1.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ سېخىيلىق بىلە‌ن بىزگە قانداق سوۋغاتلارنى بە‌رگە‌ن؟‏

 ھېچقانداق بىر ئىنسان ئە‌يساغا ئوخشاش سېخىي بولۇ‌پ باقمىغان.‏ ئۇ يە‌ر يۈزىدە بولغاندا،‏ دائىم مۆجىزىلە‌رنى كۆرسىتىپ،‏ ئادە‌ملە‌رگە ياردە‌م بە‌رگە‌ن (‏لۇ‌قا 9:‏12–‏17‏)‏.‏ ئۇ ئۆز جېنىنى بىز ئۈچۈن پىدا قىلىپ،‏ بىزگە قىممە‌تلىك سوۋغاتنى بە‌رگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 15:‏13‏)‏.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ تىرىلدۈرگە‌ندىن كېيىن،‏ ئۇ داۋاملىق سېخىيلىق قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.‏ ئۇ ۋە‌دە قىلغىنىدە‌ك،‏ تە‌لىم ۋە تە‌سە‌للى بېرىش ئۈچۈن يە‌ھۋادىن مۇ‌قە‌ددە‌س روھىنى ئە‌ۋە‌تىشنى سورىغان (‏يۇ‌ھاننا 14:‏16،‏ 17؛‏ 16:‏13‏)‏.‏ ئە‌يسا جامائە‌ت يىغىلىشلىرىمىز ئارقىلىق دۇ‌نيانىڭ جاي-‏جايلىرىدا شاگىرتلارنى يېتىشتۈرۈش خىزمىتى ئۈچۈن بىزنى تولۇ‌ق قوراللاندۇ‌رۇ‌شنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ۋاتىدۇ.‏—‏مە‌تتا 28:‏18–‏20‏.‏

2.‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 4:‏7،‏ 8-‏ئايە‌تلە‌ردە تىلغا ئېلىنغان «ھە‌دىيە‌لە‌ر سۈپىتىدە» بېرىلگە‌ن ئىنسانلار كىملە‌رنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟‏

2 ئە‌يسا مە‌سىھ بە‌رگە‌ن ھە‌دىيە‌لە‌ردىن بىرىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئە‌يسا مە‌سىھ ئاسمانغا كۆتۈرۈلگە‌ندىن كېيىن،‏ «ھە‌دىيە‌لە‌ر سۈپىتىدە ئىنسانلارنى» بە‌رگە‌نلىكىنى يازغان ‏(‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 4:‏7،‏ 8-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ پاۋلۇ‌س ئە‌يسانىڭ ھە‌دىيە‌لە‌رنى بېرىشتىكى مە‌قستىنى جامائە‌تنى ھە‌ر تۈرلۈك يوللار بىلە‌ن قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ش ئۈچۈن دە‌پ چۈشە‌ندۈرگە‌ن (‏ئە‌فە‌س.‏ 1:‏22،‏ 23؛‏ 4:‏11–‏13‏)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندە «ھە‌دىيە‌لە‌ر سۈپىتىدە» بېرىلگە‌ن ئىنسانلار بولسا،‏ ياردە‌مچى خىزمە‌تچى،‏ ئاقساقاللار ۋە رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ a‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئۇ‌لار نامۇ‌كە‌ممە‌ل بولغاچ،‏ خاتالىقلارنى ئۆتكۈزىدۇ (‏ياقۇ‌پ 3:‏2‏)‏.‏ لېكىن،‏ ھە‌زرىتىمىز ئە‌يسا مە‌سىھ شۇ ھە‌دىيە‌لە‌رنى ئىشلىتىپ،‏ بىزگە ياردە‌م بېرىپ كە‌لمە‌كتە.‏

3.‏ «ھە‌دىيە‌لە‌ر سۈپىتىدە» بېرىلگە‌ن ئىنسانلارنى ھە‌ممىمىز قانداق قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىيە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى تە‌سۋىرلە‌پ بېرىڭ.‏

3 ئە‌يسا «ھە‌دىيە‌لە‌ر سۈپىتىدە» بە‌رگە‌ن بۇ كىشىلە‌ر مە‌سىھنىڭ تېنى بولغان جامائە‌تنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌ش ئۈچۈن تە‌يىنلىگە‌ن (‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏12‏)‏.‏ بىراق،‏ ھە‌ربىرىمىز ئۇ‌لارنىڭ بۇ مۇ‌ھىم ۋە‌زىپىسىنى ئورۇ‌نلىشىغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بە‌زىلىرىمىز ئىبادە‌ت زالى قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش ئىشلىرىغا قاتنىشىمىز.‏ يە‌نە بە‌زىلىرىمىز قۇ‌رۇ‌لۇ‌شتا ئىشلە‌ۋاتقان قېرىنداشلارنى ماشىنا بىلە‌ن ئاپىرىپ-‏ئە‌كېلىش،‏ ئۇ‌لارغا يېمە‌ك-‏ئىچمە‌كلە‌رنى تە‌ييارلاش ۋە باشقا ئۇ‌سۇ‌للار ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ ياردە‌م قولىنى سۇ‌نالايمىز.‏ خۇ‌ددى شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ ھە‌ممىمىز گە‌پ-‏سۆزلىرىمىز ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمىز ئارقىلىق ھە‌م ياردە‌مچى خىزمە‌تچىلە‌ر،‏ جامائە‌ت ئاقساقاللىرى ۋە رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقاللارنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىيە‌لە‌يمىز.‏ ھازىر شۇ جاپالىق خىزمە‌ت قىلىۋاتقان كىشىلە‌رنىڭ ئە‌جىر-‏مېھنىتىنىڭ جامائە‌ت ئۈچۈن قانداق پايدىسى بارلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئاندىن،‏ «ھە‌دىيە‌لە‌ر سۈپىتىدە» بېرىلگە‌ن ئىنسانلارغا ۋە ئۇ‌لارنى بە‌رگە‌ن ئە‌يساغا مىننە‌تدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن نېمە قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

قېرىنداشلارغا ياردە‌م قولىنى سۇ‌نغان ياردە‌مچى خىزمە‌تچىلە‌ر

4.‏ بىرىنچى ئە‌سىردە،‏ جامائە‌تتە ياردە‌مچى خىزمە‌تچىلە‌ر باشقىلارغا قانداق ياردە‌ملە‌رنى بە‌رگە‌ن؟‏

4 بىرىنچى ئە‌سىردە،‏ بە‌زى بۇ‌رادە‌رلە‌ر ياردە‌مچى خىزمە‌تچىلە‌ر بولۇ‌پ تە‌يىنلە‌نگە‌نىدى (‏1-‏تىموت.‏ 3:‏8‏)‏.‏ قارىماققا،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س 1-‏كورىنتلىقلار 12:‏28-‏ئايە‌تتە «ياردە‌م بە‌رگۈچىلە‌ر» دە‌پ،‏ ئۇ‌لارنى نە‌زە‌ردە تۇ‌تقان.‏ ياردە‌مچى خىزمە‌تچىلە‌ر نۇ‌رغۇ‌ن زۆرۈر ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىققاچ،‏ ئاقساقاللار دىققىتىنى تە‌لىم بېرىش ۋە پادىلاردىن خە‌ۋە‌ر ئېلىش ئىشلىرىغا قارىتالىغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ياردە‌مچى خىزمە‌تچىلە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى قولدا كۆچۈرۈپ كۆپە‌يتىش ياكى كۆچۈرۈپ كۆپە‌يتىش خىزمىتىگە ئىشلىتىدىغان لازىمە‌تلىك ماتېرىياللارنى سېتىۋېلىشقا ياردە‌ملە‌شكە‌نىدى.‏

5.‏ بۈگۈنكى كۈندە ياردە‌مچى خىزمە‌تچىلە‌ر جامائە‌تتە قانداق ياردە‌ملە‌رنى بېرىدۇ؟‏

5 جامائىتىڭىزدىكى ياردە‌مچى خىزمە‌تچىلە‌ر قانداق ئىشلاردا ياردە‌م قىلىۋاتقانلىقىنى ھە‌ققىدە ئويلاپ كۆرۈڭ (‏1-‏پېتر.‏ 4:‏10‏)‏.‏ ئۇ‌لارغا جامائە‌تنىڭ كىرىم-‏چىقىم ھېساباتى ۋە ۋە‌ز قىلىشقا بە‌لگىلە‌نگە‌ن رايونلارغا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك ئىشلارغا مە‌سئۇ‌ل بولۇ‌ش،‏ نە‌شىر ماتېرىياللارنى زاكاز قىلىش،‏ ئۇ‌لارنى ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلارنىڭ قولىغا يە‌تكۈزۈش،‏ ئاۋاز كۈچە‌يتىش ئۈسكۈنلىرىنى باشقۇ‌رۇ‌ش،‏ يىغىلىش زالىنى ئاسراش ۋە پاكىزە تۇ‌تۇ‌شتە‌ك ۋە‌زىپىلە‌ر تاپشۇ‌رۇ‌لىشى مۇ‌مكىن.‏ بۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسى جامائە‌تلە‌رنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ش ئۈچۈندۇ‌ر (‏1-‏كورىنت.‏ 14:‏40‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بە‌زى ياردە‌مچى خىزمە‌تچىلە‌ر ئىبادە‌ت يىغىلىشىمىزنىڭ ۋە‌ز خىزمىتىمىز ۋە ھاياتىمىز دېگە‌ن بۆلىكىدىكى مە‌زمۇ‌نلارغا يېتە‌كچىلىك قىلىدۇ ۋە ئاممىۋىي نۇ‌تۇ‌قلارنى ئېيتىدۇ.‏ بە‌زى ياردە‌مچى خىزمە‌تچىلە‌ر ۋە‌ز خىزمە‌ت گۇ‌رۇ‌پپىلىرىغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقالغا ياردە‌مچى بولۇ‌شقا تە‌يىنلىنىدۇ.‏ بە‌زى چاغلاردا،‏ پادىلارنى يوقلاپ سۆھبە‌تلىشىپ كېلىشكە،‏ ئاقساقاللار ياردە‌مچى خىزمە‌تچىلە‌ر بىلە‌ن بارىدۇ.‏

6.‏ نېمە ئۈچۈن جامائە‌تتە تىرىشىپ خىزمە‌ت قىلۋاتقان ياردە‌مچى خىزمە‌تچىلە‌رگە مىننە‌تدارلىق بىلدۈرىمىز؟‏

6 ياردە‌مچى خىزمە‌تچىلە‌رنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ جامائە‌ت ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟‏ بولىۋىيىدە ياشايدىغان بېبېرلى b ئىسىملىك قېرىنداش مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ياردە‌مچى خىزمە‌تچىلە‌رنىڭ ياردىمىدە،‏ مە‌دھىيە ناخشىلىرى ئېيتالايمە‌ن،‏ ئۆي-‏پىكىر بايان قىلالايمە‌ن،‏ نۇ‌تۇ‌قلارنى ئاڭلىيالايمە‌ن،‏ فىلىم ۋە رە‌سىملە‌ردىن ئۆگىنە‌لە‌يمە‌ن.‏ جامائە‌ت يىغىلىشلىرى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقاندا،‏ ئۇ‌لار قېرىنداشلارنىڭ بىخە‌تە‌رلىكىنى قوغدايدۇ.‏ يىغىلىشلارغا كېلە‌لمە‌يدىغان قېرىنداشلارنىڭ ئۆيىدە ئولتۇ‌رۇ‌پ،‏ ئىنتېرنېت ئارقىلىق يىغىلىشىغا قاتنىشىشىغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ يىغىلىشلاردىن كېيىن،‏ ئۇ‌لار يىغىلىش زالىنى تازىلاش،‏ ئىئانە پۇ‌للىرىنى بىر تە‌رە‌پ قىلىش ۋە بىزنىڭ نە‌شىر ماتېرىياللارنىڭ زاكاز قىلىش ۋە قولىمىزغا يە‌تكۈزۈش دېگە‌ندە‌ك ۋە‌زىپىلە‌رنى ئورۇ‌ندايدۇ.‏ ئۇ‌لار ئۈچۈن كۆپ مىننە‌تدارمە‌ن!‏».‏ كولۇ‌مبىيىدە ياشايدىغان ئېرى ئاقساقال خىزمە‌ت قىلىۋاتقان لېسلى ئىسىملىك قېرىنداش مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مېنىڭ يولدىشىم ھە‌ر تۈرلۈك ئىشلاردا ياردە‌مچى خىزمە‌تچىلە‌رنىڭ ياردىمىگە بە‌ك مۇ‌ھتاج.‏ ئۇ‌لار بولمىغان بولسا،‏ يولدىشىم تېخىمۇ ئالدىراش بولۇ‌پ كېتە‌تتى.‏ ياردە‌مچى خىزمە‌تچىلە‌ر ھە‌ردائىم قىزغىن ۋە ياردە‌م بېرىشكە تە‌ييار.‏ ئۇ‌لارنىڭ ياردىمى ئۈچۈن چىن قە‌لبىمدىن رە‌ھمە‌ت ئېيتىمە‌ن».‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ھە‌ممىمىز ئۇ‌لارغا مىننە‌تدارلىق بىلدۈرىمىز!‏—‏1-‏تىموت.‏ 3:‏13‏.‏

7.‏ بىز ياردە‌مچى خىزمە‌تچىلە‌رگە مىننە‌تدارلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏ (‏رە‌سىملە‌رگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏

7 ئە‌لۋە‌تتە،‏ ھە‌ممىمىز قە‌لبىمىزدە ياردە‌مچى خىزمە‌تچىلە‌رگە مىننە‌تدارلىق بىلدۈرىمىز،‏ بىراق بۇ يېتە‌رلىك ئە‌مە‌س.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزگە مۇ‌نداق نە‌سىھە‌ت بېرىدۇ:‏ «مىننە‌تدارلىقىڭلارنى كۆرسىتىڭلار‏» (‏كولوسى.‏ 3:‏15‏)‏.‏ فىنلاندىيىدە خىزمە‌ت قىلىۋاتقان كىرىستوف ئىسىملىك ئاقساقال ئۆز مىننە‌تدارلىقىنى ئىپادىلىگە‌ن.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن ياردە‌مچى خىزمە‌تچىلە‌رگە خە‌ت يېزىپ،‏ بىر كارتا ياكى قىسقا ئۇ‌چۇ‌ر ئە‌ۋە‌تىمە‌ن.‏ خېتىمدە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئايە‌تلە‌رنى نە‌قىل كە‌لتۈرۈپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ماڭا ئىلھام بە‌رگە‌ن گە‌پ-‏سۆزى ۋە ئىشلىرىنى ياكى نېمە ئۈچۈن ئۇ‌لارنىڭ ياردىمىگە مىننە‌تدار بولغانلىقىمنى ئېنىق تىلغا ئالىمە‌ن».‏ يېڭى كالېدونىيىدە ياشايدىغان پاسكال ئايالى جائېل بىلە‌ن ياردە‌مچى خىزمە‌تچىلە‌ر ئۈچۈن،‏ دائىم يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىدۇ.‏ پاسكال چۈشە‌ندۈرۈپ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «يېقىندىن بۇ‌يان،‏ جامائە‌تتە مە‌سئۇ‌لىيە‌تلە‌ر تاپشۇ‌رۇ‌لغان بۇ‌رادە‌رلە‌ر ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلىپ،‏ يە‌ھۋادىن ئۇ‌لارغا ياردە‌م بېرىشنى سورىدۇ‌ق،‏ ئۆتۈندۇ‌ق.‏ دۇ‌ئا قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌پ كېلىۋاتىمىز».‏ يە‌ھۋا شۇ‌نداق دۇ‌ئالىرىغا قۇ‌لاق سالىدۇ ۋە نە‌تىجىدە پۈتۈن جامائە‌ت ئۇ‌لارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ پايدىسىنى كۆرىدۇ.‏—‏2-‏كورىنت.‏ 1:‏11‏.‏ 

ئاراڭلاردا جاپالىق ئىشلە‌ۋاتقان ئاقساقاللار

8.‏ نېمە ئە‌لچى پاۋلۇ‌س بىرىنچى ئە‌سىردىكى ئاقساقاللارنى جاپالىق ئىشلىگە‌ن دېگە‌ن؟‏ (‏1-‏سالونىكالىقلار 5:‏12،‏ 13‏)‏

8 بىرىنچى ئە‌سىردىكى ئاقساقاللار جامائە‌ت ئۈچۈن جاپالىق ئىشلىگە‌ن (‏1-‏سالونىكالىقلار 5:‏12،‏ 13-‏نى ئوقۇ‌ڭ؛‏ 1-‏تىموت.‏ 5:‏17‏)‏.‏ ئۇ‌لار جامائە‌تكە يېتە‌كچىلىك قىلىشنى،‏ يە‌نى يىغىلىشلاردىكى پروگراممىلارغا رىياسە‌تچىلىك قىلىش ۋە ئاقساقاللار كېڭىشى بىرلىكتە قارار چىقىرىش قاتارلىق ۋە‌زىپىلە‌رنى زىممىسىگە ئالغان.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ جامائە‌تتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادتا مە‌ھكە‌م تۇ‌رۇ‌شى ئۈچۈن،‏ ئۇ‌لارغا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن نە‌سىھە‌تلە‌رنى بە‌رگە‌ن (‏1-‏سالونىكا.‏ 2:‏11،‏ 12؛‏ 2-‏تىموت.‏ 4:‏2‏)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بۇ تىرىشچان ئاقساقاللار ئۆز ئائىلىسىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامداش ۋە ئۇ‌لارنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادى ۋە يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋىتىنى كۈچە‌يتىشىگە ياردە‌م بېرى ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقارغان.‏—‏1-‏تىموت.‏ 3:‏2،‏ 4؛‏ تىتۇ‌س 1:‏6–‏9‏.‏

9.‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ ئاقساقاللارنىڭ قانداق مە‌سئۇ‌لىيە‌تلە‌رنى زىممىسىگە ئالغان؟‏

9 بۈگۈنكى كۈندىكى ئاقساقاللار ناھايىتى ئالدىراش كىشىلە‌ر.‏ ئۇ‌لار قىزغىنلىق بىلە‌ن ۋە‌ز ئېيتىدۇ (‏2-‏تىموت.‏ 4:‏5‏)‏.‏ ئۇ‌لار يە‌رلىك جامائە‌تنىڭ ۋە‌ز خىزمىتىنى تە‌شكىللە‌يدۇ ۋە ۋە‌ز خىزمە‌تكە ئۆزلىرى باش بولۇ‌پ قاتنىشىدۇ ۋە بىزگە ئۈنۈملۈك ئۇ‌سۇ‌لدا ۋە‌ز قىلىشنى ئۆگىتىدۇ.‏ ئاقساقاللار يە‌نە جامائە‌تتە تە‌رە‌پ مېھىر-‏شە‌پقە‌تلىك ۋە تە‌رە‌پ تۇ‌تمايدىغان سوتچىلاردۇ‌ر.‏ جامائە‌تتە بىر ئېتىقادچى ئېغىر گۇ‌ناھ ئۆتكۈزگە‌ن بولسا،‏ ئاقساقاللار ئۇ‌نىڭ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىنى ئە‌سلىگە كە‌لتۈرۈشىگە ياردە‌م بېرىشىدۇ.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىرگە،‏ ئۇ‌لار جامائە‌تنىڭ پاكلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن كۆڭۈل بۆلىدۇ (‏1-‏كورىنت.‏ 5:‏12،‏ 13؛‏ گالاتىيا.‏ 6:‏1‏)‏.‏ ئاقساقاللار پادىچىلار كە‌بى،‏ جامائە‌تتىكى ئېتىقادچىلارنىڭ ئە‌ھۋالىدىن خە‌ۋە‌ر ئېلىپ تۇ‌رىدۇ (‏1-‏پېتر.‏ 5:‏1–‏3‏)‏.‏ ئۇ‌لار كۆڭۈل قويۇ‌پ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان نۇ‌تۇ‌قلارنى تە‌ييارلايدۇ ۋە جامائە‌تتە كۆپچىلىك ئالدىدا ئېيتىدۇ.‏ جامائە‌تتىكى ھە‌ربىر ئېتىقادچى بىلە‌ن تونۇ‌شقا تىرىشىدۇ ۋە ئۇ‌لارنى يوقلاپ پادىچىلىق زىيارە‌ت سۆھبىتىدە بولىدۇ.‏ بە‌زى ئاقساقاللار يىغىلىش زاللىرىنى سېلىش ۋە ئاسراش ئىشلىرىغا قاتنىشىدۇ،‏ چوڭ يىغىلىشلارنى ئۇ‌يۇ‌شتۇ‌رىدۇ ۋە دوختۇ‌رخانىلار بىلە‌ن ئالاقىلىشىش ھە‌يئە‌تلىرى ياكى كېسە‌للە‌رنى يوقلاش گۇ‌رۇ‌پپىلىرىدا خىزمە‌ت قىلىشىدۇ.‏ ئاقساقاللار ھە‌قىقە‌تە‌ن ئارىمىزدىكى مېھنە‌تكە‌ش ئىنسانلاردۇ‌ر!‏

10.‏ نېمە ئۈچۈن جامائە‌تتە جاپالىق خىزمە‌ت قىلىۋاتقان ئاقساقاللارغا مىننە‌تدارلىق بىلدۈرىمىز؟‏

10 يە‌ھۋا ئالدىن بېشارە‌ت قىلغان،‏ ئۇ پادىچىلارنى تە‌يىنلە‌پ،‏ بىزگە ياخشى كۆڭۈل بولىدۇ ۋە بىز ئە‌مدى قورقۇ‌نچ ئىچىدە تىترە‌پ تۇ‌رمايمىز (‏يە‌رە‌م.‏ 23:‏4‏)‏.‏ فىنلاندىيىدە ياشايدىغان جوئاننا ئىسىملىك قېرىنداشنىڭ ئانىسى ئېغىر كېسە‌ل بولۇ‌پ قالغاندا،‏ بۇ سۆزلە‌رنىڭ راستلىقىغا كۆز يە‌تكۈزگە‌ن.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بىر ئاقساقال ماڭا كۆڭۈل بۆلدى،‏ مە‌ن ئۇ‌نى ئانچە تونۇ‌پ كە‌تمىسە‌ممۇ ۋە ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىمنى ئېنىق ئىپادىلە‌شتە قىينالساممۇ،‏ ئۇ سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇ‌پ تىڭشىدى،‏ مېنىڭ بىلە‌ن بىللە دۇ‌ئا قىلىپ،‏ يە‌ھۋانىڭ مېنى سۆيىدىغانلىقىغا،‏ مېنى ئىشە‌ندۈردى.‏ ئۇ‌نىڭ نېمە دېگە‌نلىكى،‏ ھازىرمۇ ئېنىق يادىمدا بار.‏ شۇ چاغدا،‏ ئۆزۈمنى بىخە‌تە‌ر،‏ تىنچ-‏ئامان ھېس قىلغانلىقىم ھە‌م ئېسىمدە.‏ مە‌ن شۇ‌نىڭغا ئىشىنىمە‌نكى،‏ يە‌ھۋا شۇ ئاقساقالنى مە‌ن دە‌ل ياردە‌مگە مۇ‌ھتاج بولغان ۋاقىتتا ئە‌ۋە‌تكە‌ن ئىدى».‏ سىزنىڭ جامائىتىڭىزدىكى ئاقساقاللار سىزگە قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

11.‏ ئاقساقاللارغا مىننە‌تدارلىقىمىزنى قانداق بىلدۈرە‌لە‌يمىز؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏

11 ئاقساقاللار «ئۇ‌لارنىڭ خىزمە‌تلىرى ئۈچۈن» چىن يۈرە‌كتىن مىننە‌تدارلىق بىلدۈرۈشىمىزگە ئە‌رزىيدۇ ۋە يە‌ھۋا بىزنىڭ شۇ‌نداق قىلىشىمىزنى خالايدۇ (‏1-‏سالونىكا.‏ 5:‏12،‏ 13‏)‏.‏ فىنلاندىيىدە ياشايدىغان ھېنرېتتا ئىسىملىك قېرىنداش مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئاقساقاللار باشقىلارغا ياردە‌م بېرىشكە تە‌ييار،‏ بىراق بۇ باشقىلارغا قارىغاندا،‏ ئۇ‌لارنىڭ كۆپ ۋاقتى ۋە كۈچ-‏قۇ‌ۋۋىتى بارلىقىنى ياكى ھاياتىدا ھېچقانداق قىيىنچىلىقلىرى يوقلىقىنى بىلدۈرمە‌يدۇ.‏ بە‌زىدە مە‌ن ئۇ‌لارغا ئۇ‌دۇ‌ل شۇ‌نداق دە‌يمە‌ن:‏ «سىزگە شۇ‌نى ئېيتىپ قوياي دېگە‌ن ئىدىم،‏ بىلە‌مسىز،‏ سىز بە‌ك ياخشى ئاقساقال!‏».‏ تۈركىيىدە ياشايدىغان سېرا ئىسىملىك قېرىنداش مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئاقساقاللار داۋاملىق ئۆز ۋە‌زىپىلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىشى ئۈچۈن ئىلھام-‏مە‌دە‌تكە مۇ‌ھتاج.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لارغا بىر-‏ئىككى ئېغىز ئىللىق سۆزلە‌رنى يېزىپ ئە‌ۋە‌تسە‌ك،‏ تاماققا چاقىرساق ۋە بىرلىكتە ۋە‌ز قىلىشقا تە‌كلىپ قىلساق بولىدۇ.‏ شۇ‌نداق قىلساق،‏ ئۇ‌لار تېخىمۇ قىزغىنلىق بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىدۇ».‏ جامائىتىڭىزدە تىرىشىپ خىزمە‌ت قىلىۋاتقان مە‌لۇ‌م بىر ئاقساقالغا مىننە‌تدارلىقىڭىزنى بىلدۈرۈش توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىنىپ باققانمۇ‌سىز؟‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئۇ‌نىڭغا مىننە‌تدارلىقىڭىزنى بىلدۈرۈشنىڭ يولىنى ئىزدە‌پ كۆرۈڭ.‏—‏1-‏كورىنت.‏ 16:‏18‏.‏

سىز تە‌يىنلە‌نگە‌ن بۇ‌رادە‌رلە‌رنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌شىغا ياردە‌م بېرىدىغان «ئىلھام-‏مە‌دە‌ت»نى بېرە‌لە‌يسىز (‏7،‏ 11،‏ 15-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏


جامائە‌تلە‌رنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌يدىغان رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقاللار

12.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ جامائە‌تلە‌رنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌ش ئۈچۈن يە‌نە كىملە‌رنى ھە‌دىيە سۈپىتىدە بە‌رگە‌ن؟‏ (‏1-‏سالونىكالىقلار 2:‏7،‏ 8‏)‏

12 ئە‌يسا مە‌سىھ بىرىنچى ئە‌سىردە جامائە‌تلە‌رگە «ھە‌دىيە‌لە‌ر سۈپىتىدە ئىنسانلارنى» بە‌رگە‌ندە،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئارىسىدا جامائە‌تلە‌رنى يوقلاپ ياردە‌م بېرىدىغان رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقاللارمۇ بار ئىدى.‏ ئە‌يسانىڭ يېتە‌كچىلىكىدە،‏ يېرۇ‌سالىمدىكى ئاقساقاللار پاۋلۇ‌س،‏ بارنابا ۋە باشقا بۇ‌رادە‌رلە‌رنى جامائە‌تلە‌رنى زىيارە‌ت قىلىشقا ئە‌ۋە‌تكە‌ن (‏ئە‌لچى.‏ 11:‏22‏)‏.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ سە‌ۋە‌بى،‏ ياردە‌مچى خىزمە‌تچىلە‌ر ۋە ئاقساقاللارغا ئوخشاش،‏ ئۇ‌لارمۇ جامائە‌تلە‌رنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌ش ئۈچۈن خىزمە‌ت قىلاتتى (‏ئە‌لچى.‏ 15:‏40،‏ 41‏)‏.‏ ئېتىقادچى قېرىنداشلارغا تە‌لىم ۋە ئىلھام-‏مە‌دە‌ت بېرىش ئۈچۈن،‏ رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقاللار نۇ‌رغۇ‌ن قۇ‌ربانلىقلارنى بە‌رگە‌ن،‏ ھە‌تتا ئۆز ھاياتىنى خە‌ۋپ-‏خە‌تە‌رگە تە‌ۋە‌ككۈل قىلغان.‏—‏1-‏سالونىكالىقلار 2:‏7،‏ 8-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

13.‏ رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقاللار قانداق مە‌سئۇ‌لىيە‌تلە‌رنى زىممىسىگە ئالغان؟‏

13 بۈگۈنكى كۈندە،‏ رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقاللار جامائە‌تلە‌رنى زىيارە‌ت قىلىش ئۈچۈن دائىم سە‌پە‌رگە چىقىدۇ.‏ بە‌زىدە بىر جامائە‌تنى يوقلاپ،‏ يە‌نە بىر جامائە‌تكە بېرىش ئۈچۈن بىرنە‌چچە يۈز كىلومېتىر سە‌پە‌ر قىلىدۇ.‏ رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقاللار ھە‌ر ھە‌پتىسى بىرقانچە نۇ‌تۇ‌ق ئېيتىدۇ،‏ پادىچىلىق زىيارىتى قىلىپ،‏ قېرىنداشلارنى بىلە‌ن سۆھبە‌تلىشىدۇ.‏ پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلار بىلە‌ن،‏ ئاقساقاللار بىلە‌ن يىغىلىش ئۆتكۈزىدۇ.‏ بىرقانچە قېتىم ۋە‌ز خىزمە‌ت يىغىلىشلىرىغا يېتە‌كچىلىك قىلىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ چوڭ يىغىلىشلارنى تە‌شكىللە‌پ،‏ كۆڭۈل قويۇ‌پ چوڭ يىغىلىشلارنىڭ نۇ‌تۇ‌قلىرىنى تە‌ييارلايدۇ.‏ پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلارنى تە‌ربىيىلە‌ش مە‌كتىپىدە تە‌لىم بېرىدۇ ۋە ئۆزى مە‌سئۇ‌ل رايوندىكى پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلار بىلە‌ن يىلدا بىر قېتىم يىللىق يىغىلىش ئۆتكۈزىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ يە‌رلىك بە‌يتە‌ل تاپشۇ‌رغان مۇ‌ھىم ئىشلارنى،‏ بە‌زىدە جىددىي ئىشلارنى بىر تە‌رە‌پ قىلىدۇ.‏

14.‏ نېمە ئۈچۈن جاپالىق ئىشلە‌ۋاتقان رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقاللارغا مىننە‌تدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز؟‏

14 سوۋغات سۈپىتىدە بېرىلگە‌ن رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقاللارنىڭ خىزمىتىنىڭ جامائە‌تلە‌ر ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟‏ تۈركىيىدە ياشاۋاتقان بىر بۇ‌رادە‌ر مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقاللارنىڭ ھە‌ر قېتىملىق زىيارىتى مېنى قېرىنداشلىرىمغا كۆپرە‌ك ياردە‌م بېرىشكە دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏ مە‌ن نۇ‌رغۇ‌ن رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقاللارنى كۆردۈم.‏ بىراق،‏ ھېچبىرىنىڭ بە‌ك ئالدىراش ۋە پاراڭلىشىش ئۈچۈن ۋاقتى يوقتە‌ك ھېس قىلمىدىم».‏ يۇ‌قىرىدا تىلغا ئېلىنغان جوئاننا ئىسىملىك قېرىنداش رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال بىلە‌ن ئۆيمۇ-‏ئۆي ۋە‌ز قىلغان.‏ لېكىن،‏ شۇ كۈنى ئۇ‌لار ھېچكىم بىلە‌ن پاراڭلىشالمىغان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن شۇ كۈننى ھېچقاچان ئۇ‌نتالمايمە‌ن.‏ يېقىندا ئىككى ھە‌دە‌م باشقا يە‌رگە كۆچۈپ كە‌تكە‌چ،‏ ئۇ‌لارنى بە‌ك سېغىنغان ئىدىم.‏ رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال مېنى ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌پ،‏ ھازىر يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىۋاتقاندا،‏ ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلىرىمىز ياكى دوستلىرىمىز بىلە‌ن بىر جايدا ياشاشقا مۇ‌مكىن بولماي قالىدىغانلىقى چۈشىنىپ يېتىشىمگە ياردە‌م بە‌ردى.‏ بىراق،‏ يېڭى دۇ‌نيادا ئۇ‌لار بىلە‌ن ۋاقىت ئۆتكۈزۈشكە مە‌ڭگۈ ئىمكانىيىتىمىز بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى».‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ كۆپچىلىكىمىزنىڭ رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقاللار بىلە‌ن خۇ‌شال ۋاقىتلارنى ئۆتكۈزگە‌ن گۈزە‌ل ئە‌سلىمىلىرى بار!‏—‏ئە‌لچى.‏ 20:‏37–‏21:‏1‏.‏

15.‏ (‏1)‏ 3-‏يۇ‌ھاننا 5–‏8-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقاللارغا مىننە‌تدارلىقىمىزنى قانداق بىلدۈرە‌لە‌يمىز؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏ (‏2)‏ نېمە ئۈچۈن مە‌سئۇ‌لىيە‌تلە‌رنى زىممىسىگە ئالغان بۇ‌رادە‌رلە‌رنىڭ ئاياللىرىغا مىننە‌تدارلىق بىلدۈرۈشىمىز كېرە‌ك؟‏ (‏«‏ ئۇ‌لارنىڭ ئاياللىرىنى ئېسىڭىزدە تۇ‌تۇ‌ڭ‏» دېگە‌ن رامكىغا قاراڭ)‏.‏

15 ئە‌لچى يۇ‌ھاننا گايۇ‌سنى جامائە‌تنى يوقلاپ كە‌لگە‌ن بۇ‌رادە‌رلە‌رگە مېھماندوستلۇ‌ق كۆرسىتىشكە ۋە ئۇ‌لارنى خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلغۇ‌دە‌ك ھالدا يول سېلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلغان ‏(‏3-‏يۇ‌ھاننا 5–‏8-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ مېھماندوستلۇ‌ق كۆرسىتىشنىڭ بىر يولى —‏ رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقالنى تاماققا تە‌كلىپ قىلىش.‏ يە‌نە بىر يولى،‏ ئۇ جامائە‌تنى يوقلاپ كە‌لگە‌ن مە‌زگىلىدە،‏ ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌لغان ۋە‌ز قىلىش يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىش.‏ يۇ‌قىرىدا تىلغا ئېلىنغان لېسلى ئىسىملىك قېرىنداش مىننە‌تدارلىقىنى باشقا ئۇ‌سۇ‌للار ئارقىلىق بىلدۈرگە‌ن.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى تە‌مىنلە‌پ بېرىشنى سورايمە‌ن.‏ يولدىشىم ئىككىمىز بىرلىكتە خە‌ت يېزىپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ زىيارىتى بىزگە كۆپ ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى ئېيتىمىز».‏ ئېسىڭىزدە بولسۇ‌نكى،‏ رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقاللارمۇ بىزگە ئوخشاشلا ئىنسان،‏ بە‌زىدە ئۇ‌لارمۇ ئاغرىيدۇ ۋە غە‌م-‏ئە‌ندىشە قىلىدۇ ۋە ھە‌تتا چۈشكۈنلۈككە چۈشىدۇ.‏ بە‌لكىم،‏ سىزنىڭ ئىللىق سۆزلىرىڭىز ياكى كىچىككىنە سوۋغىتىڭىز رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقالنىڭ دۇ‌ئاسىغا بېرىلگە‌ن جاۋاب بولۇ‌پ قالىدۇ.‏—‏پە‌ند.‏ نە 12:‏25‏.‏

بىز «ھە‌دىيە‌لە‌ر سۈپىتىدە» بېرىلگە‌ن ئىنسانلارغا مۇ‌ھتاج

16.‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 3:‏27-‏ئايە‌تكە ئاساسلانغاندا،‏ بۇ‌رادە‌رلە‌ر ئۆز-‏ئۆزىدىن قانداق سوئاللارنى سوراپ كۆرسە بولىدۇ؟‏

16 دۇ‌نيانىڭ ھە‌رقايسى جايلىرىدا،‏ جامائە‌ت تېخىمۇ كۆپ «ھە‌دىيە‌لە‌ر سۈپىتىدە» بېرىلگە‌ن بۇ‌رادە‌رلە‌رگە مۇ‌ھتاج.‏ سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ن بىر بۇ‌رادە‌ر بولسىڭىز،‏ «ھە‌دىيە‌لە‌ر سۈپىتىدە» بېرىلگە‌ن كىشىلە‌ر قاتارىغا قوشۇ‌لۇ‌پ،‏ ئېتىقادچى قېرىنداشلارغا ياردە‌م بېرىشكە ئىمكانىيىتىڭىز بارمۇ؟‏ ‏(‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 3:‏27-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ خىزمە‌ت ياردە‌مچىسى بولۇ‌شقا لاياقە‌تلىك بولۇ‌ش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتە‌لە‌مسىز؟‏ ئاقساقال بولۇ‌پ تە‌يىنلىنىپ،‏ قېرىنداشلارغا خىزمە‌ت قىلىشنى مە‌قسە‌ت قىلىپ،‏ قىزغىنلىق بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلالامسىز؟‏ c سىزنى پادىشاھلىق ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلىرىنى تە‌ربىيىلە‌ش مە‌كتىپىدە ئوقۇ‌ش ئۈچۈن،‏ ھاياتىڭىزدا بە‌زى ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى قىلىش ئىمكانىيىتىڭىز بارمۇ؟‏ بۇ مە‌كتە‌پ سىزنى تېخىمۇ ياخشى تە‌لىم-‏تە‌ربىيىگە ئىگە قىلىپ،‏ مە‌سىھ پادىشاھ ئۈچۈن كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلىشقا تە‌ييارلايدۇ.‏ ئە‌گە‌ر ئۆزىڭىزنى لاياقە‌تسىز دە‌پ ھېس قىلسىڭىز،‏ يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىڭ.‏ ئۆزىڭىزگە تاپشۇ‌رۇ‌لغان بارلىق ۋە‌زىپىلە‌رنى مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌تلىك ئورۇ‌نلاش ئۈچۈن،‏ ئۇ‌نىڭدىن مۇ‌قە‌ددە‌س روھنى سوراڭ.‏—‏لۇ‌قا 11:‏13؛‏ ئە‌لچى.‏ 20:‏28‏.‏

17.‏ «ھە‌دىيە‌لە‌ر سۈپىتىدە» بېرىلگە‌ن ئىنسانلار بىزنىڭ نېمىنى كۆرۈپ يېتىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

17 ئە‌يسا مە‌سىھ ھە‌دىيە‌لە‌ر سۈپىتىدە تە‌يىنلىگە‌ن بۇ‌رادە‌رلە‌ر ئۇ‌نىڭ ئاخىرقى زاماندا بىزنى يېتە‌كلە‌ۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ (‏مە‌تتا 28:‏20‏)‏.‏ ئېھتىياجلىرىمىزنى بىلىدىغان ۋە بىزگە ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن بۇ‌رادە‌رلە‌رنى بە‌رگە‌ن سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تكە تولغان ۋە سېخىي پادىشاھىمىزغا مىننە‌تدارمۇ‌سىز؟‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق بولسا،‏ ئاشۇ ھە‌دىيە‌لە‌ر سۈپىتىدە بېرىلگە‌ن كىشىلە‌رنىڭ ئە‌جىر-‏مېھنىتى ئۈچۈن مىننە‌تدارلىق بىلدۈرۈشنىڭ يوللىرىنى ئىزدە‌ڭ.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىرگە،‏ «ھە‌ربىر ياخشى ھە‌دىيە ۋە ھە‌ربىر مۇ‌كە‌ممە‌ل سوۋغات»نىڭ مە‌ڭگۈلۈك مە‌نبە‌سى بولغان يە‌ھۋا خۇ‌داغا تە‌شە‌ككۈر ئېيتىشنى ئۇ‌نتۇ‌ماڭ!‏—‏ياقۇ‌پ 1:‏17‏.‏

31-‏ناخشا بىز —‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى

a  يېتە‌كچى كېڭە‌شتىكى ئاقساقاللار،‏ ئۇ‌لارنىڭ ياردە‌مچىلىرى،‏ بە‌يتە‌ل كېڭە‌ش ئە‌زالىرى ۋە باشقا ۋە‌زىپىلە‌رنى زىممىسىگە ئالغان بۇ‌رادە‌رلە‌ر ھە‌دىيە‌لە‌ر سۈپىتىدە بېرىلگە‌ن ئىنسانلاردۇ‌ر.‏

b  بە‌زى ئىسىملار ئۆزگە‌رتىلگە‌ن.‏

c  «كۈزىتىش مۇ‌نارى» ژۇ‌رنىلى،‏ 2024-‏يىل نويابىر سانىدا،‏ «‏بۇ‌رادە‌رلە‌ر ياردە‌مچى خىزمە‌تچى بولۇ‌شقا ئىنتىلىۋاتامسىلە‌ر؟‏‏» ياكى «‏بۇ‌رادە‌رلە‌ر ئاقساقال بولۇ‌شقا ئىنتىلىۋاتامسىلە‌ر؟‏‏» دېگە‌ن ماۋزۇ‌لاردىكى ماقالىلە‌ردىن،‏ ياردە‌مچى خىزمە‌تچى ياكى ئاقساقال بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىشقا لاياقە‌تلىك بولۇ‌ش توغرۇ‌لۇ‌ق مە‌لۇ‌ماتلارنى تېپىشقا بولىدۇ.‏