44-تەتقىق ماقالىسى
پەرزەنتلىرىڭىز چوڭ بولغاندا خۇداغا خىزمەت قىلامدۇ؟
«ئەيسانىڭ بويى ئۆسۈپ، ئەقىل-پاراسىتى يېتىلىپ، خۇدانىڭ ۋە ئادەملەرنىڭ كۆڭلىنى سۆيۈندۈرەتتى».—لۇقا 2:52.
41-ناخشا يەھۋاغا ياش ۋاقتىڭدىن خىزمەت قىل!
بۇ ماقالىدە a
1. ھەركىم قانداق ئەڭ ياخشى قارارنى چىقىرىشى مۇمكىن؟
دائىم ئاتا-ئانىلارنىڭ قىلغان قارارى ئۇزۇن ۋاقىت بالىلىرىنىڭ قەلبىگە تەسىر قىلىدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانىلار ناتوغرا قارارلارنى چىقارسا، ئۇلار بالىلارغا قىيىنچىلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ. لېكىن، ئۇلار دانا قارارلارنى چىقارسا، ئۇلار بالىلىرىنىڭ بەختلىك، قانائەتلىنەرلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ. ئەلۋەتتە، بالىلارمۇ چوقۇم توغرا قارارلارنى چىقىرىشى كېرەك. ھەركىم چىقىرالايدىغان ئەڭ ياخشى قارار — ئاسماندىكى كۆيۈمچان ئاتىغا خىزمەت قىلىش.—زەبۇر 73:28.
2. ئەيسا ۋە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى قانداق توغرا قارار چىقارغان؟
2 ئەيسانىڭ ئاتا-ئانىسى بالىلىرىنىڭ يەھۋاغا خىزمەت قىلىشىغا ياردەم بېرىشكە بەل باغلىغان. ئۇلارنىڭ قىلغان قارارى ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم مەقسەتنىڭ يەھۋاغا خىزمەت قىلىش ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەنىدى (لۇقا 2:40، 41، 52). ئەيسا چىقارغان قارارمۇ، ئۇنىڭ يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلىشىغا ياردەم بەرگەن (مەتتا 4:1—10). ئەيسا ئۆسۈپ مېھرىبان، سادىق ھەم جەسۇر ئادەم بولغان. ھەرقانداق يەھۋا خۇدانى ياخشى كۆرىدىغان ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ ئەيساغا ئوخشاش بالىسى بولسا، ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىپ، مەمنۇن بولماي قالمايدۇ.
3. بۇ ماقالىدە، قانداق سوئاللارغا جاۋاب تاپىمىز؟
3 بۇ ماقالىدە، مۇنداق سوئاللارغا جاۋاب تاپىمىز: ئەيسا ئۈچۈن يەھۋا خۇدا قانداق ياخشى قارار چىقارغان؟ يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بولغان ئاتا-ئانىلار، ئەيسانىڭ ئاتا-ئانىلىرى چىقارغان قاراردىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيدۇ؟ ياش يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئەيسا چىقارغان قاراردىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيدۇ؟
يەھۋانى ئۈلگە قىلىڭ
4. يەھۋا ئۆز ئوغلى ئۈچۈن قانداق ئاتا-ئانىنى تاللىغان؟
4 ئەيسا ئۈچۈن يەھۋا خۇدا ئاجايىپ ياخشى ئاتا-ئانىنى تاللىغان (مەتتا 1:18—23؛ لۇقا 1:26—38). مۇقەددەس كىتابتا يېزىلغان مەريەمنىڭ سەمىمىي سۆزلىرى، ئۇنىڭ يەھۋاغا ۋە ئۇنىڭ سۆزىگە بولغان چوڭقۇر سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ (لۇقا 1:46—55). يۈسۈپنىڭ يەھۋا كۆرسەتكەن يول-يورۇق بويىچە ئىش تۇتۇشى، ئۇنىڭ خۇدادىن ئەيمىنىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنى خۇرسەن قىلىشىنى خالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.—مەتتا 1:24.
5، 6. يەھۋا ئۆز ئوغلىنىڭ نېمىلەرنى ھېس قىلىشىغا يول بەرگەن؟
5 بايقىغان بولسىڭىز، يەھۋا ئۇ، ئەيسا ئۈچۈن باي ئاتا-ئانىنى تاللىمىغان. ئەيسا تۇغۇلغاندىن كېيىن، يۈسۈپ بىلەن مەريەمنىڭ ئەكەلگەن قۇربانلىقى، ئۇلارنىڭ كەمبەغەل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ (لۇقا 2:24). بەلكىم، يۈسۈپنىڭ ناسىرەدىكى ئۆيىنىڭ قېشىدا كىچىك دۇكانىنى بولغان. شۇ يەردە، ئۇ ياغاچچى بولۇپ ئىشلىگەن. بۇ ئائىلىدە ئاز دېگەندىمۇ يەتتە بالا بولغاچ، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى چوقۇم بەكمۇ ئاددىي-ساددا كۈن ئۆتكۈزگەن.—مەتتا 13:55، 56.
6 يەھۋا بەزى خېيىم-خەتەردىن ئەيسانى قوغدىغان، بىراق بارلىق قىيىنچىلىقلاردىن ئەمەس (مەتتا 2:13—15). مەسىلەن، ئۇنىڭ بەزى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۇنىڭغا ئىشەنمىگەن. ئەيسانىڭ تۇغقانلىرى ئارىسىدىكى بەزىلەر ئۇنىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىگە ئىشەنمىگەنلىكى ئۇنى قانچىلىك ئۈمىدسىزلەندۈرگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ (ماركۇس 3:21؛ يۇھاننا 7:5). شۇنىڭدەك يەنە، ئەيساغا يۈسۈپنىڭ، يەنى ئۆگەي دادىسىنىڭ ئۆلۈمى ئېغىر كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. يۈسۈپ ئۆلۈپ كەتكەندە، ئەيسا تۇنجى ئوغۇل بولغاچقا، ئائىلىنىڭ ئىگىلىكىنى ئۆز قولىغا ئېلىشقا توغرا كەلگەن (ماركۇس 6:3). ئەيسا چوڭراق بولغاندا، ئۇ ئاپىسى ۋە قېرىنداشلىرىغا قانداق غەمخورلۇق قىلىشنى ئۆگەنگەن. ئۇ ئائىلىنى پۇل ۋە كېرەكلىك نەرسىلەر بىلەن قامداش ئۈچۈن كۆپ تەر تۆكۈپ ئەمگەك قىلىشقا توغرا كەلگەن. شۇڭا، ئۇ ئەتىگەندىن كەچ كىرگىچە جاپالىق ئىشلەش كىشىنى قانچىلىك چارچىتىدىغانلىقىنى ياخشى بىلگەن.
7. (1) بالىلىق بولۇشنى خالايدىغان ئەر-ئاياللارغا قانداق سوئاللار ياردەم بېرىدۇ؟ (2) پەندى-نەسىھەت 2:1—6-ئايەتلەر، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى تەربىيىلىشىگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
7 ئەگەر سىلەر توي قىلىپ، بالىلىق بولۇشنى ياخشى كۆرسەڭلار، ئۆز-ئۆزۈڭلاردىن سوراڭلار: «بىز يۈسۈپ بىلەن مەريەمگە ئوخشاش يېڭىدىن تۇغۇلغان بوۋاققا غەمخورلۇق قىلالايدىغان كىچىك پېئىل، روھىي تەرەپتىن يېتىلگەن ئادەملەرمۇ؟» (زەبۇر 127:3، 4). ئەگەر بالىلىق بولغان بولسىڭىز، ئۆزىڭىزدىن مۇنداق سوراڭ: «مەن بالىلىرىمغا ئەمگەك سۆيەر، ئىشچان بولۇشنى ئۆگىتىۋاتىمەنمۇ؟» (ۋەز 3:12، 13). بالىلىرىمنى شەيتاننىڭ دۇنياسىدا دۇچ كېلىدىغان روھىي ۋە جىسمانىي خېيىم-خەتەرلەردىن قوغداش ئۈچۈن قولۇمدىن كەلگەننىڭ ھەممىسىنى قىلىۋاتىمەنمۇ؟ (پەند. نە 22:3). سىز بالىلىرىڭىزنى بېشىغا چۈشكەن بارلىق قىيىنچىلىقلاردىن قوغدىيالمايسىز. بۇ مۇمكىن ئەمەس. بىراق، سىز مېھىر-مۇھەببەت بىلەن، ئۇلارنى مۇقەددەس كىتابنىڭ نەسىھەت سۆزلىرىنى قانداق ئەمەلىي ئىشلىتىشنى ئۆگىتىش ئارقىلىق، ئاستا-ئاستا ئۇلارنى تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا تەييارلىيالايسىز (پەندى-نەسىھەت 2:1—6-نى ئوقۇڭ). مەسىلەن، ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ بىرى يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى توختاتقاندا، بالىلىرىڭىزغا مۇقەددەس كىتابتىن خۇداغا سادىق بولۇپ قېلىشنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشىڭىز زۆرۈر (زەبۇر 31:23). ئەگەر يېقىنلىرىمىز ئۆلۈپ كەتسە، مۇقەددەس كىتابتىن بالىلىرىمىزغا قايغۇ-ھەسرەتلەردىن يەڭگىللىتىپ، كۆڭلىگە تەسەللى بېرىدىغان ئايەتلەرنى كۆرسىتىڭ.—2-كورىنت. 1:3، 4؛ 2-تىموت. 3:16.
يۈسۈپ بىلەن مەريەمنى ئۈلگە قىلىڭ
8. تەكرار قانۇن 6:6، 7-ئايەتلەرگە ئاساسەن، يۈسۈپ بىلەن مەريەم نېمە قىلىش كېرەك ئىدى؟
8 يۈسۈپ بىلەن مەريەم يەھۋانىڭ ئاتا-ئانىلارغا بەرگەن يول-يورۇقى بويىچە، ئەيسانى ئۆستۈرۈپ، ئۇنىڭ خۇدانىڭ ماقۇللىشىغا ئېرىشكەن ئادەم بولۇشىغا ياردەم بەرگەن (تەكرار قانۇن 6:6، 7-نى ئوقۇڭ). يۈسۈپ بىلەن مەريەم، يەھۋا خۇدانى چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرگەچكە، ئۇلار بالىلىرىنىڭ يۈرىكىدە شۇنداق مۇھەببەتنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان.
9. يۈسۈپ بىلەن مەريەم قانداق مۇھىم قارارنى چىقارغان؟
9 يۈسۈپ ئائىلىسىنىڭ روھىي جەھەتتىن ئۆسۈشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن بالىلىرى بىلەن بىرلىكتە يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشنى قارار قىلغان. ئۇلارنىڭ ھەر ھەپتە ناسىرەدىكى سىناگوگقا ئىبادەت يىغىلىشى ۋە ھەر يىلى يېرۇسالىمغا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بارغانلىقى شەك-شۈبھىسىزدۇر (لۇقا 2:41؛ 4:16). بەلكىم، يۈسۈپ ۋە مەريەم ئائىلىسى بىلەن يېرۇسالىمغا ماڭغان سەپەر ئۈستىدە، يازمىلاردا تىلغان ئېلىنغان جايلاردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، ئەيساغا ۋە باشقا بالىلىرىغا يەھۋانىڭ خەلقى ھەققىدىكى تارىخى ۋەقەلەرنى سۆزلەپ بەرگەن. ئائىلىدە جان سانى كۆپەيگەنسېرى، يۈسۈپ بىلەن مەريەمنىڭ تەرتىپلىك ھالدا يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشى چوقۇم ئاسانغا چۈشمىگەن. بىراق، ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى مۇكاپاتسىز قالمىغان. ئۇلار يەھۋا خۇداغا ئىبادەت قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغاچقا، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى يەھۋا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان.
10. خۇدادىن ئەيمىنىدىغان ئاتا-ئانىلار يۈسۈپ بىلەن مەريەمنىڭ ئۈلگىسىدىن قانداق ساۋاق ئالالايدۇ؟
10 خۇدادىن ئەيمىنىدىغان ئاتا-ئانىلار يۈسۈپ بىلەن مەريەمنىڭ ئۈلگىسىدىن قانداق ساۋاق ئالالايدۇ؟ ئەڭ مۇھىمى، يەھۋانى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى يۈرۈش-تۇرۇش ۋە گەپ-سۆزلىرىڭىز بىلەن كۆرسىتىش ئارقىلىق بالىلىرىڭىزنى ئۆگىتىڭ. سىز بالىلىرىڭىزغا بېرەلەيدىغان ئەڭ ياخشى سوۋغات — ئۇلارنىڭ يەھۋانى ياخشى كۆرۈشىنى ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىشتۇر. ئەڭ مۇھىم ساۋاقلارنىڭ بىرى — ئۇلارنىڭ مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىش، دۇئا قىلىش، يىغىلىشلارغا بېرىش ۋە ۋەز خىزمەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن ياخشى بىر روھىي ئىشلار جەدۋىلى تۈزۈپ، ئۇنىڭغا قانداق ئەمەل قىلىشنى ئۆگىتىشتۇر (1-تىموت. 6:6). ئەلۋەتتە، بالىلىرىڭىزنىڭ ماددىي جەھەتتىكى ئېھتىياجلىرىنى تەمىنلىشىڭىز كېرەك (1-تىموت. 5:8). ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ماددىي نەرسىلەر ئەمەس، بەلكى يەھۋا بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋەت، شەيتاننىڭ بۇ دۇنياسى ۋەيران قىلىنغاندا، بالىلىرىڭىزنىڭ ئامان قېلىشى ۋە ئۇنىڭ يېڭى دۇنياسىغا كىرىشىگە ياردەم بېرىدۇ.—ھەزەك. 7:19؛ 1-تىموت. 4:8.
11. (1) 1-تىموتىي 6:17—19-ئايەتلەردىكى نەسىھەت، ئاتا-ئانىلار بالىلارنى چوڭ قىلىۋاتقاندا، توغرا قارارلارنى چىقىرىشىغا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ (2) ئائىلەڭلار قانداق مەقسەتلەرنى قويسا بولىدۇ ۋە بۇ قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشتۈرەلەيدۇ؟ (« قانداق مەقسەتلەرگە يېتىشكە ئىنتىلىسىز؟» دېگەن رامكىغا قاراڭ)
11 ئاتا-ئانىلارنىڭ ياخشى قارار چىقىرىپ، بالىلىرىنىڭ يەھۋاغا يېقىن بولۇشىغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈش كىشىنى بەكمۇ خۇشال قىلىدۇ! ئۇلار بىرلىكتە دائىم خۇداغا خىزمەت قىلىدۇ ۋە جامائەت يىغىلىشلىرىغا، چوڭ يىغىلىشلارغا قاتنىشىدۇ. ئۇلار بىرگە خۇش خەۋەر ھەققىدە ۋەز قىلىدۇ. بەزى ئائىلىلەر ئاز ۋەز قىلىنغان رايونلارغا بارىدۇ. يەنە بەزى ئائىلىلەر بەيتەلنى زىيارەت قىلىشقا بارىدۇ ياكى يەھۋانىڭ تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا قاتنىشىدۇ. شۇنداق قارارلارنى چىقارغان ئائىلىلەر چوقۇم ئىقتىسادى جەھەتتىن قۇربانلىقلارنى بېرىپ، بەزى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن. لېكىن، يەھۋا ئۇلارنى بەرگەن قۇربانلىقلىرى ئۈچۈن مول بەرىكەتلەيدۇ (1-تىموتىي 6:17—19-نى ئوقۇڭ). ئادەتتە، شۇنداق ئائىلىلەردە تەلىم-تەربىيە ئالغان بالا ياخشى ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىدۇ ۋە چوڭ بولغاندا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىنى شۇنداق تەربىيىلىگەنلىكىگە پۇشايمان قىلمايدۇ! b—پەند. نە 10:22.
ئەيسانى ئۈلگە قىلىڭ
12. ئەيسا چوڭ بولغاندا، نېمە قىلىشى كېرەك ئىدى؟
12 ئەيسانىڭ ئاسماندىكى ئاتىسى ھەردائىم توغرا قارار چىقىرىدۇ ۋە ئۇنىڭ يەر يۈزىدىكى ئاتا-ئانىسىمۇ دانا قارار چىقارغان. ئەمما، ئەيسا چوڭ بولغاندا، ئۇ ئۆز ئالدىغا قارار قىلغان (گالاتىيا. 6:5). ھەممىمىزگە ئوخشاش، ئۇمۇ تاللاش ئەركىنلىكى سوۋغىسىغا ئىگە بولغان. ئەيسا ئۆزىنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلىيەلەيتتى. لېكىن، ئۇ يەھۋا بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتتە بولۇشنى قارار قىلغان (يۇھاننا 8:29). بۈگۈنكى كۈندە، ئۇنىڭ ئۈلگىسى ياشلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
13. ئەيسا بالىلىق چېغىدا قانداق مۇھىم قارارنى قىلغان؟
13 ئەيسا بالىلىق چېغىدا ئاتا-ئانىسىغا بويسۇنۇشنى تاللىغان. ئەيسا ئاتا-ئانىسىغا قارىغاندا، ئۆزىنىڭ بىلىمى كۆپرەك ئىكەنلىكىنى چۈشەنسىمۇ، ئۇلارنىڭ سۆزىدىن چىقمىغان. ئەكسىنچە ئۇ «داۋاملىق ئۇلارغا بويسۇندى» (لۇقا 2:51). شەك-شۈبھىسىزكى، ئەيسا ئۆيدە بالىلارنىڭ چوڭى بولغاچ، ئۇ تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. ئەلۋەتتە، ئۇ ئۆز ئائىلىسىنى بېقىشى ئۈچۈن بېقىپ چوڭ قىلغان دادىسىدىن ياغاچچىلىقنى ئۆگىنىپ، تەر تۆكۈپ جاپالىق ئەمگەك قىلغان.
14. ئەيسا يازمىلارنى ياخشى تەتقىق قىلغانلىقىنى نەدىن بىلىمىز؟
14 ئەيسانىڭ ئاتا-ئانىسى بەلكىم ئۇنىڭغا مۆجىزىلىك تۇغۇلۇشى ۋە ئۇ ھەققىدە خۇدانىڭ پەرىشتىلىرى نېمە دېگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن بولۇشى مۇمكىن (لۇقا 2:8—19، 25—38). بىراق، ئەيسا ئاڭلاپلا قويماي، ئۆز ئالدىغا مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلغان. ئەيسا يازمىلارنى ياخشى تەتقىق قىلغانلىقىنى نەدىن بىلىمىز؟ ئەيسا تېخى بالا چېغىدا، يېرۇسالىمدىكى ئۇستازلار «ئەيسانىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە جاۋابلىرىغا ھاڭ-تاڭ» بولۇپ قالغانلىقىنى بىلىمىز (لۇقا 2:46، 47). ئەيسا 12 ياشقىچە خۇدا سۆزنى شۇنچىلىك پۇختا تەتقىق قىلغانكى، يەھۋا ئۇنىڭ ئاتىسى ئىكەنلىكىگە كۆزى يەتكەن.—لۇقا 2:42، 43، 49.
15. ئەيسا يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاشنى تاللىغانلىقىنى قانداق كۆرسەتكەن؟
15 ئەيسا ئاتىسى يەھۋانىڭ ئۆزىدىن نېمە قىلىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلگەندە، ئۇ يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاشنى تاللىغان (يۇھاننا 6:38). ئۇنى كۆپلىگەن ئادەملەر ئۆچ كۆرىدىغانلىقىنى بىلگەن. بۇنىڭغا قارىماستىن، ئەيسا يەھۋاغا بويسۇنۇشنى قارار قىلغان. مىلادى 29-يىلى، ئەيسا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەندە، ئۇ يەھۋانىڭ تەلەپ قىلغانلىرىغا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرگەن (ئىبرانىي. 10:5—7). ئۇ ئازاب تۈۋرۈكىگە مىخلانغاندا، ئاتىسىنىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلغان.—يۇھاننا 19:30.
16. بالىلار ئەيسانىڭ مىسالىدىن قانداق ساۋاق ئالالايدۇ؟
16 ئاتا-ئانىڭىزغا بويسۇنۇڭ. يۈسۈپ بىلەن مەريەمگە ئوخشاش، ئاتا-ئانىڭىزمۇ نامۇكەممەل. ئەمما، يەھۋا سىزنى ھىمايە قىلىش ۋە تەلىم-تەربىيە بېرىش ئۈچۈن ئاتا-ئانىڭىزنى تەيىنلىدى. ئەگەر ئۇلارنىڭ مەسلىھىتىگە قۇلاق سېلىپ، ھوقۇقىنى ھۆرمەتلىسىڭىز، سىزگە ياخشى بولىدۇ.—ئەفەس. 6:1—4.
17. يەشۇئا 24:15-ئايەتكە ئاساسەن، ياشلار قانداق قارار قىلىشى كېرەك؟
17 كىمگە خىزمەت قىلىشنى قارار قىلىڭ. سىز يەھۋا كىم، ئۇنىڭ مەقسىتى ۋە ئىرادىسى سىزنىڭ ھاياتىڭىز بىلەن قانداق باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىگە كۆز يەتكۈزۈڭ (رىملىقلار 12:2). شۇ چاغدا، ھاياتىڭىزدا ئەڭ مۇھىم قارارنى، يەنى يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى قارار قىلالايسىز (يەشۇئا 24:15-نى ئوقۇڭ؛ ۋەز 12:1). ئەگەر مۇقەددەس كىتابنى دائىم ئوقۇپ تەتقىق قىلسىڭىز، سىزنىڭ يەھۋاغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭىز ۋە ئىشەنچىڭىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.
18. ياشلار قانداق قارار قىلىشى كېرەك ۋە نەتىجىسى قانداق بولىدۇ؟
18 يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى ھاياتىڭىزدا بىرىنچى ئورۇنغا قويۇڭ. شەيتاننىڭ دۇنياسى قابىلىيەتلىرىڭىزنى ئۆز مەنپەئەتىڭىز ئۈچۈن قوللانسىڭىز، بەختلىك بولىدىغانلىقىڭىزنى ۋەدە قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا، بايلىققا قىزىقىپ كەتكەنلەر ئۆزلىرىنى ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە دۇچار قىلىدۇ (1-تىموت. 6:9، 10). لېكىن، يەھۋانىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىپ، ھاياتىڭىزدا ئۇنىڭ ئىرادىسىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويسىڭىز، دانالىق بىلەن ئىش تۇتۇپ، شاد-خۇرام تۇرمۇش كەچۈرۈسىز.—يەشۇئا 1:8.
نېمە قىلىشنى قارار قىلىسىز؟
19. ئاتا-ئانىلار چوقۇم نېمىلەرنى ئەستە تۇتۇشى كېرەك؟
19 ئاتا-ئانىلار، ئىمكانىيىتىڭلارنىڭ بارىچە بالىلىرىڭلارنىڭ يەھۋاغا خىزمەت قىلىشىغا ياردەم بېرىڭلار. ئۇنىڭغا تايىنىڭلار، ئۇ سىلەرنىڭ دانا قارار چىقىرىشىڭلارغا ياردەم بېرىدۇ (پەند. نە 3:5، 6). ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، بالىلىرىڭلارغا سۆزلىرىڭلار ئەمەس، ئىش-ھەرىكەتلىرىڭلار كۆپرەك تەسىر قىلىدۇ. شۇڭا، بالىلارنىڭ يەھۋانىڭ ماقۇللىشىغا ئېرىشىشىگە ئەڭ ياخشى پۇرسەت يارىتىدىغان قارارلارنى قىلىڭلار.
20. ياشلار يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى تاللىسا، قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشەلەيدۇ؟
20 ياشلار، ھاياتىڭلاردا دانا قارارلارنى چىقىرىشقا ئاتا-ئاناڭلار ياردەم بېرەلەيدۇ. بىراق، يەھۋانىڭ ماقۇللىشىغا ئېرىشىش-ئېرىشەلمەسلىك ئۆزۈڭلارغا باغلىق. شۇ سەۋەبتىن، ئەيسانى ئۈلگە قىلىپ، ئاسماندىكى كۆيۈمچان ئاتاڭلارغا خىزمەت قىلىشنى تاللاڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئالدىراش، ئەھمىيەتلىك ۋە شاد-خۇرام ھايات كەچۈرەلەيسىلەر (1-تىموت. 4:16). كېلەچەكتىمۇ بەختلىك، ئەڭ گۈزەل ھاياتتىن ھۇزۇر ئالالايسىلەر!
32-ناخشا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرايلى!
a يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى بولغان ئاتا-ئانىلار بالىلىرى چوڭ بولغاندا، ئۇلارنىڭ يەھۋاغا خۇشاللىق بىلەن خىزمەت قىلىشىنى خالايدۇ. بالىلىرىنىڭ خۇداغا خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار نېمە قىلىشى كېرەك؟ ياش يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ھاياتىدا ھەقىقىي مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ئۈچۈن نېمە قىلىشى كېرەك؟ ھازىر سوئاللارغا جاۋاب تاپالايمىز.
b «ئويغىنىش!» ژۇرنىلى (باشقا تىل) 2011-يىل، ئۆكتەبىر سانى 20-بەتتىكى «ياخشى ئاتا-ئانامنىڭ بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس» ناملىق رامكىغا ۋە «ئويغىنىش!» ژۇرنىلى (باشقا تىل) 1999-يىل، 8-مارت سانى 25-بەتتىكى «ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن ئالاھىدە خەت» ناملىق ماقالىگە قاراڭ.
c سۈرەتتە: مەريەم ياش ئەيسانىڭ قەلبىگە يەھۋاغا بولغان چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەتنى يىلتىز تاتقۇزغان. بۈگۈنكى كۈندە، ئانىلارمۇ بالىلىرىنىڭ قەلبىگە يەھۋاغا بولغان چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەتنى يىلتىز تاتقۇزالايدۇ.
d سۈرەتتە: يۈسۈپ چوقۇم ئائىلىسى بىلەن سىناگوگقا بېرىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان. بۈگۈنكى كۈندە ئاتىلارمۇ ئائىلىسى بىلەن جامائەت يىغىلىشلىرىغا بېرىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرالايدۇ.
e سۈرەتتە: ئەيسا دادىسىدىن ھۈنەرنى ئۆگەنگەن. بۈگۈنكى كۈندە ياشلارمۇ دادىلىرىدىن ھۈنەرنى ئۆگىنەلەيدۇ.