تەرجىمىھال
تەرجىمىھال: دىئا يازبېك
1984-يىلى، ماي ئېيى ئىدى. ھاۋا ئوچۇق بىر كۈنى مەن ۋېنېسۇئېلانىڭ كاراكاس شەھىرىنىڭ بايلار ياشايدىغان بىر رايونىغا جايلاشقان ئۆيۈمدىن چىقىپ، ئىشقا كېتىۋاتاتتىم. يولۇمدا يېقىندا ئوقۇغان «كۈزىتىش مۇنارى» ژۇرنىلىدىكى ماقالىنى ئويلاپ ماڭدىم. بۇ ماقالە قوشنىلىرىمىز بىزگە قانداق قارايدۇ، دېگەن مەزمۇندا ئىدى. ئەتراپتىكى ئۆيلەرگە قاراپ، ئۆز-ئۆزۈمدىن شۇنداق دەپ سورىدىم: «ئۇلار ماڭا: مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بانكىر، دەپ قارامدۇ ياكى ئۆز ئائىلىسىنى بېقىش ئۈچۈن بانكىدا ئىشلەيدىغان خۇدا خىزمەتچىسى دەپمۇ؟» قوشنىلىرىم ماڭا بانكىر سۈپىتىدە قارايدىغانلىقىنى چۈشەندىم ۋە بۇنى ياقتۇرمىدىم. شۇڭا، مەن ئۆزگۈرۈشلەرنى قىلىشنى قارار قىلدىم.
مەن 1940-يىلى، 19-ماي كۈنى لىۋاننىڭ ئامىئون شەھىرىدە تۇغۇلدۇم. بىرقانچە يىللاردىن كېيىن، ئائىلىمىز ترىپولى، دېگەن شەھەرگە كۆچكەن ئىدى. مەن يەھۋاغا خىزمەت قىلىدىغان، شاد-خۇرام ۋە مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان ئائىلىدە چوڭ بولدۇم. مەن ئۈچ قىز، ئىككى ئوغۇلنىڭ، يەنى بەش بالىنىڭ ئەڭ كىچىكى ئىدىم. ئاتا-ئانام ئۈچۈن پۇل تېپىش ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىش، جامائەت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە باشقىلارغا خۇدا ھەققىدە بىلىم ئېلىشقا ياردەم بېرىش ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇراتتى.
جامائىتىمىزدە بىرقانچە مايلانغان ئېتىقادداشلار بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرسى مىشېل ئابۇد ئىدى. ئۇ ئىلگىرىكى كىتاب ئۆگىنىشى، دەپ ئاتالغان يىغىلىشقا يېتەكچىلىك قىلاتتى. بۇرادەر مىشېل 1920-يىللارنىڭ باشلىرىدا نيۇ-يوركتا ھەقىقەتنى بىلگەن. كېيىنرەك، شۇ ھەقىقەتنى لىۋاندا ئېيتىشقا باشلىغان. ئۇنىڭ گىلىئاد مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن ئان بىلەن گۋېن بىۋىر ئىسىملىك قېرىنداشلارغا قانچىلىك ھۆرمەت كۆرسەتكەنلىكى ۋە ياردەم بەرگەنلىكى ھازىرغىچە ئېسىمدە. بىز ئۇلار بىلەن ياخشى دوست بولغان ئىدۇق. نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن، ئامېرىكىدا ئان بىلەن كۆرۈشكىنىمدىن بەك خۇشال بولدۇم. شۇنىڭدىن كېيىن، يەنە نەچچە يىللار ئۆتۈپ، مەن گۋېننىمۇ كۆردۈم. ئۇ ۋىلفىرېد گۈچ، دېگەن بۇرادەر بىلەن توي قىلغان ئىدى. ئۇلار ئەنگلىيىدىكى بەيتەلدە خىزمەت قىلىۋاتاتتى.
لىۋاندىكى ۋەز خىزمەت
كىچىك ۋاقتىمدا، لىۋاندا يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى. بىراق، بىز مۇقەددەس كىتابتىن ئۆگەنگەنلىرىمىزنى خۇشاللىق بىلەن باشقىلارغا ئېيتاتتۇق. بەزى دىنىي يېتەكچىلەرنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي، بىز داۋاملىق ۋەز قىلدۇق. بەزى يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھازىرغىچە ئېنىق ئېسىمدە بار.
بىر كۈنى ھەدەم سانا ئىككىمىز بىر بىنادا ۋەز قىلىۋاتاتتۇق. بىز ئۆي ئېگىسى بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندا، بىر پوپ ئالدىمىزدا كەلدى. بەلكىم، شۇ يەردىكى بىرسى ئۇنى چاقىرغان. ئۇ ھەدەمنى ھاقارەتلەشكە باشلىدى ۋە زوراۋانلىق قىلىپ، ھەدەمنى پەلەمپەيدىن ئىتتىرىپ يارىلاندۇردى. بىرلىرى ساقچىغا تېلېفون قىلدى. ساقچىلار كېلىپ، ھەدەمنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، ياردەم بېرىشكە بىرلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى. ئۇلار پوپنى ساقچىخانىغا ئېلىپ باردى. ساقچىلار ئۇنىڭ يېنىغا قورال ئېلىپ يۈرگىنىنى بايقىغان. شۇڭا، ساقچى باشلىقى ئۇنىڭغا: «سەن زادى كىم: دىنىي يېتەكچىمۇ ياكى قاراقچىلارنىڭ باشلىقىمۇ؟»— دەپ سورىغان ئىدى.
يەنە بىر ۋەقە ھازىر يۈز بېرىۋاتقاندەكلا كۆز ئالدىمدا. جامائىتىمىز بىلەن بىر ئاپتوبۇسنى ئىجارىگە ئېلىپ، يىراق بىر شەھەر بازىرىغا خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلىشقا بارغان ئىدۇق. بىز خۇشال-خۇرام ۋەز قىلىۋاتاتتۇق. تۇيۇقسىز ھەممىسى ئۆزگەردى. بىر پوپ شۇ يەردە نېمە ئىش قىلىۋاتقىنىمىزنى ئاڭلاپ، بىر توپ كىشىلەرنى باشلاپ كەلگەن ئىدى. ئۇلار بىزگە ھۇجۇم قىلىپ، ھەتتا چالما كېسەكلەرنى ئېتىشقا باشلىدى. دادام يارلىنىپ، ئۇنىڭ يۈز-كۆزى قانغا بويالغانلىقى ھازىرغىچە كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ. ئۇ ئاپام بىلەن ئاپتوبۇسقا قايتتى. ھەممىمىز ئەنسىرەپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدۇق. ئاپام دادامنىڭ يۈزلىرىنى سۈرتكەچ، مۇنداق دېگىنى ھېلىمۇ ئېسىمدىن چىقمايدۇ: «يەھۋا ئۇلارنى كەچۈرۈۋەتكىن. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقىنىنى بىلمەيدۇ».
بىز بىر قېتىم ئۇرۇق-تۇققانلارنى يوقلاش ئۈچۈن يۇرتىمىزغا باردۇق. بوۋامنىڭ ئۆيىدە ھەممىگە تونۇشلۇق بىر دىننىي يېتەكچى ئولتۇراتتى. ئۇ ئاتا-ئانامنىڭ يەھۋا گۇۋاھچىسى ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. مەن تېخى 6 ياش بولساممۇ، ئۇ ماڭا يوقىرى ئاۋازدا: «سەن نېمە ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈلمەيسەن؟»— دېدى. «مەن تېخى كىچىك بالا، چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈش ئۈچۈن مۇقەددەس كىتاب ھەققىدە كۆپرەك بىلىم ئېلىش ۋە كۈچلۈك ئېتىقادىم بولۇشى كېرەك»،— دەپ جاۋاب بەرگەندە، ئۇ نارازى بولۇپ، بوۋامغا: «نېمە دېگەن ھۆرمەتسىز بالا، بۇ؟»— دېدى.
ئەمما، شۇنىڭدەك سەلبىي ئىش-ۋەقەلەر ئاز ئۇچرىغان. لىۋاندىكى كىشىلەر دوستانە ۋە چىقىشقاق ئىدى. شۇڭا، بىز نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن مۇقەددەس كىتاب ھەققىدە ئاسان سۆھبەتلىشەتتۇق ۋە كۆپلىرى بىلەن ئۆگىنىشلەرنى ئۆتكۈزگەن ئىدۇق.
ئائىلىمىز بويىچە باشقا دۆلەتكە كۆچتۇق
مەن تېخى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا، ۋېنېسۇئېلادىن بىر ياش بۇرادەر لىۋانغا ساياھەتكە كەلگەن. ئۇ بىزنىڭ جامائەتكە قاتنىشىپ، ھەدەم ۋافا بىلەن ئۇچرىشىشقا چىقىشقا باشلىدى. كېيىن، ئۇلار توي قىلىپ، ۋېنېسۇئېلاغا كەتتى. ۋافا خەتلەرنى يېزىپ، پۈتۈن ئائىلىمىز بويىچە ۋېنېسۇئېلاغا كۆچۈشكە دادامنى قايىل قىلىشقا تىرىشاتتى. ئۇ بىزنى بەكمۇ سېغىنغاچ شۇنداق قىلغان. ئاخىرى ئۇ دادامنى قايىل قىلىپ، كۆچۈشنى قارار قىلدۇق!
1953-يىلى، بىز ۋېنېسۇئېلاغا كېلىپ، كاراكاس شەھىرىدە پرېزىدېنت سارىيىغا يېقىن بىر رايونغا ئولتۇراقلاشتۇق. مەن ئۇ ۋاقىتتا تېخى كىچىك بولغاچ، پرېزىدېنت ھەشەمەتلىك ماشىنىسى بىلەن ئۆتكەندە، ھاياجان بىلەن قاراپ كېتەتتىم. ئاتا-ئانامغا يېڭى دۆلەت، تىل، مەدەنىيەت، يېمەك-ئىچمەك ۋە ھاۋاغا كۆنۈش ئاسانغا چۈشمىگەن ئىدى. ئۇلار ئەمدىلا يېڭى تۇرمۇشىغا ئادەتلەنگەندە، بىر پاجىئە يۈز بەردى.
ئېغىر پاجىئە
دادام ئۆزىنى ئاغرىۋاتقاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى. شۇڭا، بۇ ھەممىمىز ئۈچۈن غەلىتە تۇيۇلدى. چۈنكى، ئۇ كۈچلۈك، ساغلام ئادەم ئىدى. ئۇنىڭ ئاغرىپ قالغىنىنى ھېچقايسىمىز كۆرمىگەن. ئۇنىڭغا ئاشقازان راكى، دەپ دىئاگنوز قويۇلدى. ئۇ ئوپېراتسىيەگە چۈشتى ۋە بىر ھەپتىدىن كېيىن ئۆلۈپ كەتتى.
بېشىمىزغا كەلگەن بۇ قايغۇ-ھەسرەتنى سۆز بىلەن تەسۋىرلىيەلمەيمىز. مەن شۇ ۋاقىتتا 13 ياشتا ئىدىم. ئاسمان ئۈستىمىزگە گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەندەك چۆچۈپ كەتتۇق. بىر مەزگىل ئاپامغا بۇ رېئاللىققا يۈزلىنىش، يەنى دادامسىز ياشاش قىيىنغا توختىدى. ئەمما، بىز ياشىشىمىز كېرەك ئىدى ۋە يەھۋانىڭ ياردىمى بىلەن قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرەلىدۇق. مەن 16 يېشىمدا، كاراكاستىكى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈردۈم ۋە ئائىلىمىزنى تەمىنلەش ئۈچۈن ياردەم بېرىشنى بەكمۇ خالىدىم.
شۇ ۋاقىتتا، ھەدەم سانا گىلىئاد مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ، ۋېنېسۇئېلاغا قايتىپ كەلگەن بۇرادەر رۇبېن ئارۇخو بىلەن توي قىلدى. ئۇلار نيۇ-يوركقا كېتىشنى قارار قىلدى. ئائىلەمدىكىلەر مېنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتقا بېرىشىمنى قارار قىلدى. مەن نيۇ-يوركقا بېرىپ، ھەدەم ۋە قېينئاكام بىلەن بىللە تۇردۇم. ئۇلار بىلەن بىللە ياشىغاندا، ئۇلار يەھۋاغا يېقىنلىشىشىمغا كۆپ ياردەم بەردى. ئۇنىڭدىن باشقا، برۇكلىندىكى ئىسپان تىلى جامائىتىدە روھىي جەھەتتىن يېتىلگەن بۇرادەرلەر كۆپ ئىدى. شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىككىسى مىلتون خېنشېل ۋە فرېدېرىك فرانتېس بۇرادەرلەر بىلەن تونۇشقۇنۇمدىن بەكمۇ خۇشال ئىدىم. ھەر ئىككىسى برۇكلىن بەيتەلدە خىزمەت قىلاتتى.
نيۇ-يوركتا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بىرىنچى يىلى ئاخىرلىشاي دېگەندە، ئۆز ھاياتىمنى نېمىگە بېغىشلىغانلىقىم ھەققىدە ئويلىنىشقا باشلىدىم. مەن يەھۋاغا خىزمەت قىلىشتا مەقسەتلەرنى قويغان خۇدا خىزمەتچىلىرى ھەققىدىكى، «كۈزىتىش مۇنارى» ژۇرناللىرىدىكى ماقالىلەرنى ئەستايىدىل ئوقۇپ ئويلاندىم. مەن جامائىتىمىزدىكى پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىلار ۋە بەيتەللىكلەرنىڭ قانچىلىك خۇشال ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا ئوخشاش بولۇشنى ئارزۇ قىلدىم. ئەمما، مەن تېخى چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتمىگەن ئىدىم. ئۆزۈمنى يەھۋاغا بېغىشلىشىم كېرەكلىكىنى بىلەتتىم. شۇڭا، ئۇزۇن ئۆتمەي 1957-يىل، 30 -مارت كۈنى چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتتۈم.
مۇھىم قارارلار
مەن چۆمۈلدۈرۈلگەندىن كېيىن تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەت قىلىش توغرىسىدا ئويلاندىم. بۇ خىيالىمدىن كەتمەي، قىزغىنلىقىم داۋاملىق ئاشتى. بىراق، شۇنى قىلىش ئاسانغا توختىمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتىم. ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ دەرس جەدۋىلى بىلەن ۋەز خىزمەتنى ياخشى ماسلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك ئىدى. مەن ئۇنىۋېرسىتېتتىن ئايرىلىپ ۋېنېسۇئېلاغا قايتىپ، پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇش قارارىمنى ئاپام ۋە قېرىنداشلىرىمغا چۈشەندۈرۈپ كۆپ خەتلەرنى يازدىم.
مەن 1957-يىلى ئىيۇندا كاراكاسقا قايتتىم. بىراق، ئائىلەمنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى ۋە ئائىلىمىزنى قامداش ئۈچۈن يەنە بىرسىنىڭ پۇل تېپىشقا
مۇھتاجلىقىنى كۆردۈم. ئۇلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيمەن. مەن بانكىدىن بىر خىزمەت تاپتىم، بىراق، پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇشنى بەكمۇ خالايتتىم، چۈنكى مېنىڭ قايتىپ كېلىشىمنىڭ سەۋەبى شۇ ئىدى. ھەر ئىككىلىسىنى قىلىش قارارىم قەتئىي ئىدى. بىر قانچە يىل بانكىدا تولۇق ۋاقىت ئىشلىدىم ۋە پىدائىي ۋەز خىزمىتىنىمۇ قىلدىم. مەن شۇنچە ئالدىراش بولساممۇ، خۇشال ئىدىم!خۇشاللىقىم ئۈستىگە خۇشاللىق بولدى. مەن يەھۋانى ياخشى كۆرىدىغان سىلۋىيا ئىسىملىك گۈزەل بىر قېرىنداشنى ئۇچراتتىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن توي قىلدىم. ئۇ ئاتا-ئانىسى بىلەن گېرمانىيىدىن كۆچۈپ كەلگەن ئىدى. كېيىن، ئىككى بالىلىق بولدۇق. ئوغلىمىز مايك بىلەن قىزىمىز سامىرا. مەن ئاپامدىن خەۋەر ئېلىش مەجبۇرىيىتىنىمۇ ئۈستۈمگە ئالدىم. ئاپام بىز بىلەن بىللە تۇردى. كۆپ مەسئۇلىيىتىم بولغاچ، پىدائىي ۋەز ئېيتىشنى توختاتقان ئىدىم. ئەمما، پىدائىي ۋەز ئېيتىش روھىنى ساقلاپ قالدىم. سىلۋىيا ئىككىمىز قاچانلا تەتىلگە چىقساق، ياردەمچى پىدائىي ۋەز ئېيتىش خىزمىتىگە يېزىلاتتۇق.
يەنە بىر مۇھىم قارار
مەن بۇ ماقالىنىڭ بېشىدا يۈز بەرگەن ۋەقەنى تىلغا ئالغىنىمدا، بالىلىرىم تېخى مەكتەپتە ئوقاتتى. مەن بەكمۇ راھەت تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقىنىمنى ئېتىراپ قىلىشىم كېرەك ئىدى ۋە باشقا بانكىرلارنىڭ ئارىسىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان ئىدىم. ئەمما، يەنە باشقىلارنىڭ مېنى يەھۋانىڭ خىزمەتچىسى سۈپىتىدە كۆرۈشىنى خالايتتىم. شۇ كۈنى خىيالىمدىن كەچكەن ئوي-پىكىرلەر ماڭا زادىلا ئارام بەرمىدى. شۇڭا، ئايالىم بىلەن ئولتۇرۇپ ئىقتىسادىي ئەھۋالىمىز ھەققىدە پاراڭلاشتۇق. ئەگەر مەن بانكىدىكى خىزمەتتىن توختىسام، خىزمەتتىن ئايرىلغاندا كۆپ پۇلغا ئېرىشەتتىم. قەرزلىرىمىز بولمىغاچ، ئەگەر ئاددىي ھايات كەچۈرسەك، بىز قىينالمايتۇق. قولىمىزدا بار پۇل بىر مەزگىل ھايات كەچۈرۈشىمىزگە يېتەتتى.
شۇنداق قارار چىقىرىش ئاسانغا چۈشمىگەن، بىراق ئاپام ۋە ئايالىم قارارىمنى تولۇق قوللاپ-قۇۋۋەتلىدى. شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر قېتىم قايتا پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولماقچى بولدۇم. خۇشاللىقىمدىن ئېغىزىم قۇلۇقۇمغا يەتتى! ئەمما، تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەتنى باشلاي دېگەندە، بىز كۈتۈلمىگەن خۇش خەۋەرنى ئاڭلىدۇق.
ئائىلىمىزنىڭ يېڭى ئەزاسىنى قارشى ئالدۇق!
ئائىلە دوختۇرىمىز سىلۋىيانىڭ ھامىلدار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ھەر ئىككىلىمىز ھەيران قالدۇق. مەن پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇش قارارىم توغرىسىدا ئويلىنىپ قالدىم. مەن پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولالايمەنمۇ؟ ئۇزۇن ئۆتمەي، ھېس-تۇيغۇ ۋە روھىي جەھەتتىن ئۆزىمىزنى تەڭشەپ، ئائىلىمىزنىڭ يېڭى ئەزاسىنى كۈتۈۋېلىشقا تەييار بولدۇق. ئەمدى بارلىق تۈزگەن پىلانلىرىم قانداق بولار؟
ئۆز مەقسەتلىرىمىز توغرۇلۇق سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، بىز داۋاملىق ئەسلى پىلانىمىز بويىچە ئىش كۆرۈشنى قارار قىلدۇق. 1985-يىلى، ئاپرېلدا ئوغلىمىز گەبرىئېل تۇغۇلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، 1985-يىل ئىيۇندا، مەن بانكىدىكى خىزمىتىمدىن ئىستىپا بېرىپ، پىدائىي ۋەز خىزمىتىنى باشلىدىم. كېيىن، مەن بەيتەل كېڭىشىدە خىزمەت قىلىش شان-شەرىپىگە ئىگە بولدۇم. بىراق، بەيتەل كاراكاستا ئەمەس ئىدى. شۇڭا، ھەپتىدە ئىككى ئۈچ كۈن 80 كىلومېتىر يىراقلىققا سەپەر قىلىشقا توغرا كېلەتتى.
يەنە بىر قېتىم كۆچۈش
بەيتەل لا ۋىكتورىيە شەھىرىگە جايلاشقان ئىدى. شۇڭا، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى بەيتەلگە يېقىنراق لا ۋىكتورىيىگە كۆچۈشنى قارار قىلدۇق. بۇ ھاياتىمىزدىكى چوڭ بىر ئۆزگۈرۈش بولدى. مەن ئائىلەمدىكىلەردىن بەكمۇ سۆيۈنىمەن ۋە ئۇلارغا مىننەتدارمەن. ئۇلارنىڭ ھەمكارلىق روھى ھەقىقەتەن چوڭ ياردەم بولدى. ھەدەم باخا ئاپامدىن خەۋەر ئېلىشقا ماقۇل بولدى. مايك ئۆي-ئوچاقلىق بولدى. بىراق، سامىرا ۋە گەبرىئېل بىز بىلەن بىللە ياشايتتى. شۇڭا، لا ۋىكتورىيىگە كۆچۈش دېمەك، ئۇلار ئۈچۈن كاراكاستىكى دوستلىرىدىن ئايرىلىشنى بىلدۈرەتتى. قەدىرلىك ئايالىم سىلۋىيا ئاۋات پايتەختتىن ئايرىلىپ، كىچىك شەھەردە ياشاشقا ئادەتلىنىشى كېرەك ئىدى. ھەممىمىز كىچىكرەك ئۆيدە ياشاشنى ئۆگىنىشىمىزگە توغرا كېلەتتى. كاراكاستىن لا ۋىكتورىيىگە كۆچۈش ئۈچۈن كۆپ نەرسىلەر ھەققىدە ئويلىنىشىمىز زۆرۈر ئىدى.
ھاياتىمىزدا يەنە بىر ئۆزگۈرۈش بولدى. گەبرىئېل ئوغلىمىز ئۆيلىنىپ، سامىرامۇ ئۆز ئالدىغا ياشايدىغان بولدى. كېيىن، 2007-يىلى ئايالىم سىلۋىيا ئىككىمىزنى بەيتەلگە تەكلىپ قىلدى. بىز ھازىرغىچە بەيتەلدە خۇشال-خۇرام خىزمەت قىلىۋاتىمىز. چوڭ ئوغلىمىز مايك ئاقساقال ۋە ئايالى مونىكا بىلەن پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. گەبرىئېلمۇ ئاقساقال. ئۇ ئايالى ئامبىرا بىلەن ئىتالىيىدە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. سامىرامۇ پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولغاندىن باشقا، بەيتەلگە يىراقتىن پىدائىي سۈپىتىدە ياردەم بېرىۋاتىدۇ.
مەن قايتا ئوخشاش قارارنى قىلغان بولاتتىم
مەن ھاياتىمدا نۇرغۇن مۇھىم قارارلارنى قىلدىم. ھەرگىز پۇشايمان قىلمايمەن. قايتا قارار چىقىرىشقا توغرا كەلسە، مەن ئوخشاشلا شۇنداق قارارلارنى قىلغان بولاتتىم. يەھۋاغا خىزمەت قىلىشتا نۇرغۇنلىغان ۋەزىپىلەرگە ۋە ئىمتىيازلارغا ئىگە بولغىنىمدىن بەكمۇ مىننەتدارمەن. ھاياتىمدا يەھۋا بىلەن يېقىن دوستلۇقنى ساقلاشنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى كۆرۈپ يېتەلىدىم. مەيلى بىز كىچىك ياكى چوڭ قارارلارنى چىقىرايلى، خۇدا بىزگە ئەقلىمىزدىن ئېشىپ چۈشىدىغان تىنچ-ئامانلىقنى بېرەلەيدۇ (فىلىپى. 4:6، 7). سىلۋىيا بىلەن ئىككىمىز بەيتەلدە خىزمەت قىلىشنى بەكمۇ ياخشى كۆرۈمىز. يەھۋانىڭ قارارلىرىمىزنى بەرىكەتلىگەنلىكىنى ھېس قىلدۇق. چۈنكى، ئۇنى ھەرقاچان ھاياتىمىزدا بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ كەلدۇق.