مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

26-‏تە‌تقىق ماقالىسى

قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىۋاتقانلارغا ياردە‌م بېرىڭ

قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىۋاتقانلارغا ياردە‌م بېرىڭ

‏«ئاخىرى،‏ ھە‌ممىڭلار بىر نىيە‌ت-‏مە‌قسە‌تتە بولۇ‌ڭلار.‏ ھە‌مدە‌رت بولۇ‌پ،‏ بىر-‏بىرىڭلارغا قېرىنداشلارچە سۆيۈپ،‏ مېھرىبان ۋە كە‌متە‌ر بولۇ‌ڭلار».‏—‏1-‏پېتر.‏ 3:‏8‏.‏

50-‏ناخشا خۇ‌دانىڭ سۆيگۇ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئۈلگىسى

بۇ ماقالىدە a

1.‏ كۆيۈمچان ئاتىمىز يە‌ھۋانى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟‏

 يە‌ھۋا خۇ‌دا بىزنى بە‌ك ياخشى كۆرىدۇ (‏يۇ‌ھاننا 3:‏16‏)‏.‏ بىز كۆيۈمچان ئاتىمىزدىن ئۈلگە ئېلىشنى خالايمىز.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز ھە‌ممە ئادە‌ملە‌رگە،‏ بولۇ‌پمۇ ئېتىقادداشلىرىمىزغا ھېسداشلىق،‏ قېرىنداشلارچە سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە مېھرىبانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرە‌ك (‏1-‏پېتر.‏ 3:‏8؛‏ گالاتىيا.‏ 6:‏10‏)‏.‏ ئە‌زىز قېرىنداشلىرىمىز ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا ئۇ‌چرىغاندا،‏ بىز ئۇ‌لارغا ياردە‌م بېرىشنى خالايمىز.‏

2.‏ بۇ ماقالىدە نېمىلە‌رنى كۆرۈپ چىقىمىز؟‏

2 يە‌ھۋانىڭ ئائىلىسىگە قوشۇ‌لماقچى بولغانلار بۈگۈن ياكى ئە‌تە،‏ قاچانلا بولمىسۇ‌ن بىر كۈنى قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كېلىدۇ (‏ماركۇ‌س 10:‏29،‏ 30‏)‏.‏ بۇ دۇ‌نيانىڭ ئاخىرى يېقىنلاشقانسېرى،‏ قىيىنچىلىقلىرىمىز كۆپىيىدۇ.‏ ئېغىر كۈنلە‌ردە بىر-‏بىرىمىزگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يمىز؟‏ كېلىڭلار،‏ لۇ‌ت،‏ ئايۇ‌پ ۋە نائومىلارنىڭ مىساللىرىدىن قانداق ساۋاق ئالالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ بۈگۈنكى كۈندە ئېتىقادداشلىرىمىز قانداق سىناقلارنى باشتىن كە‌چۈرۈۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇ‌لارغا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى بىلىۋالىمىز.‏

سە‌ۋرچان بولۇ‌ڭ

3.‏ 2-‏پېترۇ‌س 2:‏7،‏ 8-‏ئايە‌تلىرىدە يېزىلغاندە‌ك،‏ لۇ‌ت قانداق قارار قىلغان؟‏ بۇ‌نىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولغان؟‏

3 لۇ‌تنىڭ ئە‌خلاقسىزلىققا تولغان سودوم شە‌ھىرىگە كۆچكە‌نلىكى دانا قارار بولمىغان ‏(‏2-‏پېترۇ‌س 2:‏7،‏ 8-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئاشۇ ناھايىتى چىرايلىق يە‌ردە ياشايمە‌ن،‏ دە‌پ لۇ‌ت بېشىغا بالا تېپىۋالغان (‏يارىت.‏ 13:‏8—‏13؛‏ 14:‏12‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭ ئايالى شۇ شە‌ھە‌رنى ياكى ئۇ‌نىڭ بە‌زى كىشىلىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالغاچ،‏ ھە‌تتا يە‌ھۋانىڭ بۇ‌يرۇ‌قىغا قۇ‌لاق سالماي،‏ خۇ‌دا شە‌ھە‌رگە «ئوت بىلە‌ن گۇ‌ڭگۇ‌تنى» ياغدۇ‌رغاندا،‏ ئۇ ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن.‏ لۇ‌تنىڭ ئىككى قىزىنىڭ ۋە‌دىلىشىپ قويغان بولغۇ‌سى ئە‌رلىرىمۇ ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن.‏ لۇ‌ت ئۆي-‏ماكانىدىن،‏ مال-‏دۇ‌نياسىدىن ۋە ئۇ‌نىڭغا ئە‌ڭ ئېغىر كە‌لگىنى،‏ ئايالىدىن ئايرىلغان (‏يارىت.‏ 19:‏12—‏14،‏ 17،‏ 26‏)‏.‏ شۇ قىيىن ۋاقىتلاردا،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا لۇ‌تقا سە‌ۋچانلىقىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

يە‌ھۋا خۇ‌دا لۇ‌ت ۋە ئۇ‌نىڭ ئائىلىسىگە مېھرىبانلىق كۆرسىتىپ،‏ ئۇ‌لارنى قۇ‌تقۇ‌زۇ‌ش ئۈچۈن پە‌رىشتىلە‌رنى ئە‌ۋە‌تكە‌ن (‏4-‏ئابزاسىغا قاراڭ)‏

4.‏ يە‌ھۋا لۇ‌تقا سە‌ۋرچانلىقنى قانداق كۆرسە‌تتى؟‏ (‏مۇ‌قاۋىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏

4 لۇ‌ت سودومدا ياشاشنى ئۆزى تاللىسىمۇ،‏ يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌نىڭغا ۋە ئۇ‌نىڭ ئائىلىسىگە ئىچى ئاغرىپ،‏ ئۇ‌لارنى قۇ‌تۇ‌لدۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن پە‌رىشتىلىرىنى ئە‌ۋە‌تكە‌ن.‏ بىراق،‏ پە‌رىشتىلە‌رگە دە‌رھال قۇ‌لاق سېلىشنىڭ ئورنىغا،‏ لۇ‌ت شە‌ھە‌ردىن چىقىشقا ئالدىرىمىغانىدى.‏ پە‌رىشتىلە‌ر ئۇ‌لارنىڭ قوللىرىنى تۇ‌تۇ‌پ،‏ لۇ‌تنىڭ ئائىلىسىنى شە‌ھە‌ردىن ئېلىپ چىقىشقا مە‌جبۇ‌ر بولغان (‏يارىت.‏ 19:‏15،‏ 16‏)‏.‏ ئاندىن كېيىن،‏ پە‌رىشتىلە‌ر لۇ‌تقا تاغقا قېچىشنى بۇ‌يرىغان.‏ بىراق،‏ يە‌ھۋاغا بويسۇ‌نۇ‌شنىڭ ئورنىغا،‏ ئۇ يېقىنراق جايلاشقان كىچىك شە‌ھە‌رگە بېرىشقا رۇ‌خسە‌ت سورىغان (‏يارىت.‏ 19:‏17—‏20‏)‏.‏ يە‌ھۋا لۇ‌تنى سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن تىڭشاپ،‏ شۇ شە‌ھە‌رگە بېرىشىغا يول قويغان.‏ كېيىن،‏ لۇ‌ت شۇ شە‌ھە‌ردە ياشاشتىن قورقۇ‌پ،‏ يە‌ھۋا ئە‌ڭ بېشىدا ئېيتقان تاغقا بارغان (‏يارىت.‏ 19:‏30‏)‏.‏ يە‌ھۋا تە‌ڭداشسىز سە‌ۋر-‏تاقىتىنى كۆرسە‌تتى!‏ بىز ئۇ‌نىڭدىن قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟‏

5،‏ 6.‏ خۇ‌دادىن ئۈلگە ئېلىپ،‏ 1-‏سالونىكالىقلار 5:‏14-‏ئايە‌تتىكى مە‌سلىھە‌تنى قانداق قوللىنالايمىز؟‏

5 لۇ‌تقا ئوخشاش،‏ ئېتىقاددىشىمىز ناتوغرا قارار چىقىرىپ،‏ شۇ‌نىڭ ئاچچىق ئاقىۋىتىنى كۆرۈشى مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌نداق ئە‌ھۋالدا،‏ نېمە قىلساق بولىدۇ؟‏ بىز ئۇ‌نىڭغا «نېمە تېرىغان بولساڭ،‏ شۇ‌نى ئالدىڭ»،‏ دە‌پ ئېيتقۇ‌مىز كېلىدىغاندۇ (‏گالاتىيا.‏ 6:‏7‏)‏.‏ بە‌لكىم،‏ ئويىمىز توغرىدۇ،‏ لېكىن يە‌ھۋانىڭ لۇ‌تقا ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىدىن ئۈلگە ئالساق ياخشى قىلغان بولىمىز.‏ بۇ‌نى قانداق قىلالايمىز؟‏

6 يە‌ھۋا ئۆز پە‌رىشتىسىنى لۇ‌تنى ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈنلا ئە‌مە‌س،‏ ئۇ‌نىڭ سودوم شە‌ھىرىدىن قېچىپ چىقىشىغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈنمۇ ئە‌ۋە‌تكە‌ن.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ بىز قېرىنداشنىڭ ئۆز بېشىغا بالا تېپىۋالىدىغان قارارنى قىلماقچى بولغانلىقىنى كۆرسە‌ك،‏ ئۇ‌نى ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ شۇ‌نداقلا،‏ بىز ئۇ‌نىڭغا ياردە‌م بېرىشكە تە‌ييار بولۇ‌شىمىز مۇ‌ھىم.‏ ھە‌تتا،‏ ئۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان نە‌سىھە‌تكە قۇ‌لاق سېلىشقا ئالدىرىمىسىمۇ،‏ سە‌ۋرچان بولۇ‌شقا تىرىشىڭ.‏ ئىككى پە‌رىشتىدىن ئۈلگە ئېلىڭ.‏ بۇ ئادە‌م بولمايدۇ دە‌پ قېرىندىشىڭىزدىن ئۈمىد ئۈزۈشنىڭ ئورنىغا،‏ ئۇ‌نىڭغا ئە‌مە‌لىي ياردە‌م بېرىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدە‌ڭ (‏1-‏يۇ‌ھاننا 3:‏18‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ نە‌سىھە‌تلىرىگە ماس ھە‌رىكە‌ت قىلىشىغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن،‏ كۆچمە مە‌نىدە،‏ ئۇ‌نىڭ قولىنى تۇ‌تۇ‌شىمىزغا توغرا كېلىشى مۇ‌مكىن.‏—‏1-‏سالونىكالىقلار 5:‏14نى ئوقۇ‌ڭ.‏

7.‏ يە‌ھۋانىڭ لۇ‌تقا قىلغان مۇ‌ئامىلىسىدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

7 يە‌ھۋا لۇ‌تنىڭ كە‌مچىلىكلىرىگە دىققە‌ت بۆلۈشنىڭ ئورنىغا،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنى لۇ‌ت توغرۇ‌لۇ‌ق ھە‌ققانىي كىشى دە‌پ يېزىشقا روھلاندۇ‌رغان.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا خاتالىقلىرىمىزنى كە‌چۈرىدۇ،‏ بۇ قە‌لبىمىزنى بە‌كمۇ خۇ‌شال قىلىدۇ!‏ (‏زە‌بۇ‌ر 130:‏3‏)‏.‏ بىز يە‌ھۋادىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياخشى تە‌رە‌پلىرىگە دىققە‌ت ئاغدۇ‌رساق،‏ ئۇ‌لارغا كۆپرە‌ك سە‌ۋر-‏تاقە‌ت كۆرسىتە‌لە‌يمىز.‏ شۇ چاغدا،‏ ئۇ‌لارنىڭ ياردىمىمىزنى قوبۇ‌ل قىلىشى ئاسانراق بولىدۇ.‏

ھېسداشلىق قىلىڭ

8.‏ ھېسداشلىقنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

8 ئايۇ‌پ لۇ‌تقا قارىغاندا باشقىچە قارار چىقارغان.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ ئۇ كۆپ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى چە‌ككە‌ن:‏ مال-‏مۈلكىدىن،‏ يۇ‌رت ئالدىدىكى نام-‏ئابرويىدىن ئايرىلغان ۋە ئېغىر كېسە‌ل بىلە‌ن ئاغرىغان.‏ ئە‌ڭ ئېچىنارلىقى شۇ‌كى،‏ ھە‌ممە بالىلىرى ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئايۇ‌پنىڭ ئۈچ ساختا دوستى ئۇ‌نى ئە‌يىبلىگە‌ن.‏ نېمە ئۈچۈن ئۇ‌لار ئايۇ‌پقا ھېسداشلىق كۆرسە‌تمىگە‌ن؟‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌لار ئايۇ‌پ نېمە ئۈچۈن شۇ‌نداق قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كە‌چۈرۈۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشكە تىرىشمىغان.‏ ئۇ‌لار مە‌سىلىنى تولۇ‌ق چۈشە‌نمە‌ي،‏ ئۇ‌نى رە‌ھىمسىزلارچە تە‌نقىد قىلىشقا باشلىغان.‏ بۇ‌نىڭدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟‏ ئادە‌منىڭ ئە‌ھۋالىنىڭ تېگى تە‌كتىنى پە‌قە‌ت يە‌ھۋا بىلىدىغانلىقىنى ئە‌ستىن چىقارماسلىقىمىز مۇ‌ھىم.‏ ئازاب چېكىۋاتقان ئادە‌منى زېھىن قويۇ‌پ تىڭشاشتىن باشقا،‏ ئۆزىڭىزنى ئۇ‌نىڭ ئورنىغا قويۇ‌پ،‏ دە‌ردىنى چۈشىنىشكىمۇ تىرىشىڭ.‏ شۇ‌نداق قىلسىڭىزلا،‏ قېرىندىشىڭىزنىڭ قايغۇ‌سىغا ئورتاق بولالايسىز.‏

9.‏ ھېسداشلىق بىلدۈرسە‌ك،‏ نېمە قىلىشتىن يىراق بولىمىز ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

9 ھېسداشلىق بىلدۈرسە‌ك،‏ قېرىنداشلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرى توغرۇ‌لۇ‌ق سۆز-‏چۆچە‌ك تارقاتمايمىز.‏ غە‌يۋە‌ت-‏شىكايە‌ت جامائە‌تتە ئىناق-‏ئىتتىپاقلىق ئە‌مە‌س،‏ ئە‌كسىچە بۆلگۈنچىلىكنى پە‌يدا قىلىدۇ (‏پە‌ند.‏ نە 20:‏19؛‏ رىملىقلار 14:‏19‏)‏.‏ غە‌يۋە‌تخورنىڭ يېنىكلىك بىلە‌ن قىلغان سۆزلىرى خۇ‌ددى كىشىنىڭ قە‌لب يارىسى ئۈستىگە تۇ‌ز چاچقانغا ئوخشاش (‏پە‌ند.‏ نە 12:‏18؛‏ ئە‌فە‌س.‏ 4:‏31،‏ 32‏)‏.‏ ئادە‌منىڭ ياخشى خىسلە‌تلىرىگە دىققە‌ت ئاغدۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭغا قانداق ياردە‌م بېرىشكە بولىدىغانلىقىنى ئويلاش نە‌قە‌دە‌ر ياخشى،‏ شۇ‌نداق ئە‌مە‌سمۇ؟‏!‏

قېرىنداش ئويلانماي سۆزلىسە،‏ ئۇ‌نى سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن تىڭشاڭ ۋە قولايلىق پۇ‌رسە‌تتىن پايدىلىنىپ،‏ تە‌سە‌للىي بېرىڭ (‏10،‏ 11-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ c

10.‏ ئايۇ‌ب 6:‏2،‏ 3-‏ئايە‌تتىكى سۆزلە‌ردىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟‏

10 ئايۇ‌پ 6:‏2،‏ 3-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ بە‌زىدە ئايۇ‌پ «تە‌لۋىلە‌رچە»،‏ يە‌نى ئويلانماستىن سۆزلە‌پ،‏ كېيىن ئېيتقان سۆزلىرىگە پۇ‌شايمان قىلغان (‏ئايۇ‌پ 42:‏6‏)‏.‏ ئايۇ‌پقا ئوخشاش،‏ قىيىنچىلىققا ئۇ‌چرىغان كىشى ئويلانماي سۆزلە‌پ،‏ كېيىن پۇ‌شايمان قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ شۇ چاغدا،‏ نېمە قىلساق بولىدۇ؟‏ قېرىنداشنى ئە‌يىبلە‌شنىڭ ئورنىغا،‏ ھېسداشلىق بىلدۈرسە‌ك ياخشى.‏ يە‌ھۋا ئادە‌ملە‌رنى ياراتقاندا،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئازاب چېكىشىنى نىيە‌ت قىلمىغان.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ قاتتىق قىينالغاندا،‏ يە‌ھۋانىڭ سادىق خىزمە‌تچىسى ئويلانماي سۆزلىشى مۇ‌مكىن.‏ ھە‌تتا يە‌ھۋا خۇ‌داغا ياكى بىزگە قارشى سۆزلە‌رنى ئېيتىشى مۇ‌مكىن.‏ شۇ چاغدا دە‌رھال ئاچچىقلانماسلىقىمىز ۋە ئېيتقان سۆزلىرى ئۈچۈن ئە‌يىبلىمە‌سلىكىمىز كېرە‌ك.‏—‏پە‌ند.‏ نە 19:‏11‏.‏

11.‏ ئاقساقاللار نە‌سىھە‌ت بە‌رگە‌ندە،‏ ئېلىخۇ‌دىن قانداق ئۈلگە ئالالايدۇ؟‏

11 بە‌زىدە قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن ئادە‌م نە‌سىھە‌تكە ياكى تۈزىتىشكە موھتاج بولۇ‌شى مۇ‌مكىن (‏گالاتىيا.‏ 6:‏1‏)‏.‏ شۇ‌نداق ئە‌ھۋالدا،‏ ئاقساقاللار نېمە قىلسا بولىدۇ؟‏ ئۇ‌لار ئايۇ‌پنى دىققە‌ت بىلە‌ن تىڭشىغان ئېلىخۇ‌دىن ئۈلگە ئالالايدۇ (‏ئايۇ‌پ 33:‏6،‏ 7‏)‏.‏ ئېلىخۇ ئايۇ‌پنىڭ ئوي-‏پىكىرىنى تولۇ‌ق چۈشە‌نگە‌ندىن كېيىنلا ئۇ‌نىڭغا نە‌سىھە‌ت بە‌رگە‌ن.‏ ئېلىخۇ‌دىن ئۈلگە ئالىدىغان ئاقساقاللار قېرىنداشنى دىققە‌ت بىلە‌ن تىڭشاپ،‏ ئۇ‌نىڭ ئە‌ھۋالىنى چۈشىنىشكە تىرىشىدۇ.‏ شۇ‌نداق قىلسا،‏ ئاقساقاللارنىڭ سۆزلىرى قېرىنداشنىڭ يۈرىكىگە تە‌سىر قىلىپ،‏ ئۇ نە‌سىھە‌تنى ئوڭايراق قوبۇ‌ل قىلالايدۇ.‏

تە‌سە‌للىي بېرىڭلار

12.‏ يولدىشى ۋە ئىككى ئوغلىنىڭ ئۆلۈمى نائومىغا قانداق تە‌سىر قىلغان؟‏

12 نائومى يە‌ھۋا خۇ‌دانى ياخشى كۆرىدىغان،‏ سادىق ئايال ئىدى.‏ بىراق،‏ يولدىشى ۋە ئىككى ئوغلى ئۆلۈپ كە‌تكە‌ندىن كېيىن،‏ ئۇ ئۆزىنى «ئاچچىق» دېگە‌ننى بىلدۈرىدىغان «مارا» دېگە‌ن ئىسىمغا ئۆزگە‌رتىشنى خالىغان (‏رۇ‌ت 1:‏3،‏ 5،‏ 20‏)‏.‏ قىيىن ۋاقىتلاردا نائومىنىڭ كېلىنى رۇ‌ت قېشىدا بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭغا يار-‏يۆلە‌ك بولغان.‏ رۇ‌ت ئۇ‌نىڭغا ياردە‌م بېرىپلا قويماي،‏ تە‌سە‌للىي بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ چىن يۈرە‌كتىن چىققان يېقىملىق سۆزلە‌ر بىلە‌ن قېيىنانىسىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە ئۇ‌نى ھېچقاچان تاشلىمايدىغانلىقىغا ئىشە‌ندۈرگە‌نىدى.‏—‏رۇ‌ت 1:‏16،‏ 17‏.‏

13.‏ ئۆمۈرلۈك ھە‌مراھىدىن ئايرىلغانلار نېمە ئۈچۈن تە‌سە‌للىيگە موھتاج؟‏

13 قېرىندىشىمىز ئۆمۈرلۈك ھە‌مراھىدىن ئايرىلسا،‏ ئۇ تە‌سە‌للىيگە موھتاج بولىدۇ.‏ ئە‌ر-‏ئايالنى بىللە ئۆسۈۋاتقان ئىككى دە‌رە‌خكە ئوخشىتىشقا بولىدۇ.‏ يىللار ئۆتۈپ ئۇ‌لارنىڭ يىلتىزلىرى ئۆزئارا چىرمىلىشىپ كېتىدۇ.‏ دە‌رە‌خلە‌رنىڭ بىرى يىلتىزىدىن قومۇ‌رۇ‌لۇ‌پ،‏،‏ قۇ‌رۇ‌پ كە‌تسە،‏ ياندىكى يە‌نە بىرىمۇ قاتتىق زىيانغا ئۇ‌چرايدۇ.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ بىرسىنىڭ ئۆمۈرلۈك ھە‌مراھى ئۆلۈپ كە‌تسە،‏ ئۇ ئۇ‌زۇ‌ن يىللار قايغۇ‌رۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ يولدىشى تۇ‌يۇ‌قسىز ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن پاتە‌م b ئىسىملىك قېرىندىشىمىز مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ھاياتىم ئاستىن-‏ئۈستۈن بولۇ‌پ،‏ مە‌ن تايانچىسىز قالغاندە‌ك بولدۇ‌م.‏ مە‌ن جان دوستۇ‌مدىن ئايرىلدىم.‏ ھە‌مراھىمغا ئىچ سىرىمنى ئېيتىپ،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن مۇ‌ڭدىشاتتىم.‏ ئىككىلىمىز خۇ‌شاللىق-‏قايغۇ‌لۇ‌ق،‏ ئىسسىق-‏سوغوق كۈنلە‌ردە بىللە بولدۇ‌ق.‏ ئۇ ھە‌رقاچان دە‌ردىمنى تىڭشاشقا تە‌ييار بولغان.‏ مېنى خۇ‌ددى قاق ئوتتۇ‌رىدىن يېرىۋە‌تكە‌ندە‌ك بولدۇ‌م».‏

ئۆز ھە‌مراھىدىن ئايرىلغانلارغا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يمىز؟‏ (‏14،‏ 15-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ d

14،‏ 15.‏ ئۆمۈرلۈك ھە‌مراھىدىن ئايرىلغان قېرىنداشلارغا قانداق تە‌سە‌للىي بېرە‌لە‌يمىز؟‏

14 ئۆمۈرلۈك ھە‌مراھىدىن ئايرىلغان قېرىنداشلارغا قانداق تە‌سە‌للىي بېرە‌لە‌يمىز؟‏ ئۆزىڭىزنى قولايسىز ھېس قىلىپ،‏ نېمە ئېيتىشىڭىزنى بىلمىسىڭىزمۇ،‏ شۇ ئادە‌م بىلە‌ن سۆزلىشىشكە تىرىشىڭ.‏ يۇ‌قىرىدا تىلغا ئېلىنغان پاتە‌م مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئادە‌تتە،‏ بىرسى ئۆلگە‌ندە،‏ كۆپلىرى نېمە ئېيتىشىنى بىلمە‌ي،‏ ئۆزىنى قولايسىز ھېس قىلىدۇ.‏ ئۇ‌لار ئورۇ‌نسىز سۆزلە‌رنى ئېيتىپ قويۇ‌شتىن قورقىدۇ.‏ جىم-‏جىت تۇ‌رغاندىن كۆرە،‏ ئورۇ‌نسىز بولسىمۇ،‏ بىر نە‌رسىنى ئېيتقان ياخشى».‏ قايغۇ‌رۇ‌ۋاتقان ئادە‌م بىزدىن ئالاھىدە بىر نە‌رسە ئېيتىشىمىزنى كۈتمە‌يدۇ.‏ پاتە‌م:‏ «دوستلىرىمنىڭ «مە‌ن سىزنىڭ قايغۇ‌لىرىڭىزغا ئورتاق» دېگە‌ن بىر ئېغىز سۆزى ماڭا يېتە‌رلىك بولغان».‏

15 ئايالى بىرنە‌چچە يىل بۇ‌رۇ‌ن ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن ۋاھىدىن مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «باشقىلار مېنىڭ ئايالىم توغرۇ‌لۇ‌ق ياخشى نە‌رسىلە‌رنى ئېيتقاندا خۇ‌شال بولۇ‌پ قالىمە‌ن.‏ باشقىلار ئۇ‌نى ياخشى كۆرگە‌نلىكىنى ۋە ھۆرمە‌تلىگە‌نلىكىنى بىلىش مېنىڭ ئۈچۈن زور ياردە‌م.‏ رە‌پىقە‌منىڭ ئورنى ئۆزگىچە بولغان».‏ تۇ‌ل قالغان باھارگۈل مۇ‌نداق دە‌پ ئېيتقان:‏ «باشقىلار مېنىڭ بىلە‌ن دۇ‌ئا قىلغاندا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن بىر-‏ئىككى ئايە‌تنى ئوقۇ‌غاندا،‏ ھە‌مراھىمنى ئە‌سلىگە‌ندە،‏ ئۇ‌نىڭ توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتىپ بە‌رگە‌نلىرىمنى دىققە‌ت قويۇ‌پ تىڭشىغاندا،‏ مە‌ن يېنىكلە‌پ قالىمە‌ن».‏

16.‏ (‏1)‏ يېقىنىدىن ئايرىلغان ئادە‌منى نېمە ئۈچۈن داۋاملىق قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ (‏2)‏ ياقۇ‌پ 1:‏27-‏ئايە‌تكە ئاساسلانغاندا،‏ بىزگە قانداق ۋە‌زىپە تاپشۇ‌رۇ‌لغان؟‏

16 رۇ‌ت دائىم نائومىنىڭ قېشىدا بولغاندە‌ك،‏ بىزمۇ يېقىنىدىن ئايرىلغانلارنى دائىم قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىشىمىز كېرە‌ك.‏ يۇ‌قىرىدا تىلغا ئېلىنغان پاتە‌م مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ھە‌مراھىم ئۆلۈپ كە‌تكە‌ندە،‏ ھە‌ممىسى ماڭا يار-‏يۆلە‌ك بولغان.‏ ۋاقىت ئۆتۈپ،‏ ھە‌ممىسى كۈندىلىك تۇ‌رمۇ‌شىغا قايتتى،‏ مېنىڭ ھاياتىم بولسا،‏ تۈپ يىلتىزى بىلە‌ن ئۆزگە‌رگە‌نىدى.‏ بىراق،‏ باشقىلار يېقىنىدىن ئايرىلغان ئادە‌م ئايلار،‏ ھە‌تتا يىللار داۋامىدا قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌شكە موھتاج ئىكە‌نلىكىنى چۈشە‌نسە،‏ بۇ ئۇ‌نىڭغا كۆپ ياردە‌م بېرە‌يتتى».‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئادە‌ملە‌ر ھە‌رتۈرلۈك بولىدۇ.‏ بە‌زىلىرى ۋە‌زىيە‌تنىڭ ئۆزگە‌رگىنىگە چاپسان كۆنۈپ كېتىدۇ.‏ باشقىلار بۇ‌رۇ‌ن سۆيگە‌ن يارى بىلە‌ن قىلغان ئىشلارنى قىلغاندا،‏ ئۇ‌نىڭ يوقلىقىنى چۈشىنىپ روھىي كە‌يپىياتى يامان بولۇ‌پ كېتىدۇ.‏ ھە‌ربىر ئادە‌م ھە‌ر تۈرلۈك قايغۇ‌رىدۇ.‏ كېلىڭلار،‏ يېقىنىدىن ئايرىلغان ئادە‌مگە قولىمىزدىن كە‌لگىنىچە ياردە‌م كۆرسىتە‌يلى.‏ بۇ —‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ھە‌ربىرىمىزگە تاپشۇ‌رغان شە‌رە‌پلىك ۋە مە‌سئۇ‌لىيە‌تلىك ۋە‌زىپە.‏—‏ياقۇ‌پ 1:‏27-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

17.‏ ئۆز ھە‌مراھى تاشلاپ كە‌تكە‌ن قېرىنداشلارغا نېمە ئۈچۈن ياردە‌م بېرىشىمىز مۇ‌ھىم؟‏

17 ئېرى ياكى ئايالى تاشلاپ كە‌تكە‌ن قېرىنداشلارمۇ قاتتىق ئازاب چېكىدۇ.‏ يولدىشى تاشلاپ كە‌تكە‌ن بۇ‌ھە‌جە‌ر مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ھە‌مراھىم ئۆلۈپ قالغان بولسا،‏ مە‌ن ئۇ‌نچىلىك قاتتىق ئازابلانمايتتىم.‏ قاتناش ۋە‌قە‌سىگە ئۇ‌چراپ ياكى قاتتىق ئاغرىپ ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن بولسا،‏ ئۇ‌نىڭ ئامالى يوق بولاتتى.‏ لېكىن،‏ ھە‌مراھىم مېنى تاشلاپ كېتىشنى ئۆزى قارار قىلدى.‏ بۇ ماڭا بە‌ك ئېغىر كە‌لدى،‏ يۈزۈم تۆكۈلۈپ يە‌ر بولغاندە‌ك ھېس قىلدىم».‏

18.‏ يالغۇ‌ز قالغان قېرىنداشلارغا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يمىز؟‏

18 شۇ‌نداق قېرىنداشلارغا ئازراق بولسىمۇ ياخشىلىق قىلساق،‏ ئۇ‌لارغا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى كۆرسىتىمىز.‏ ھازىر ئۇ‌لار يالغۇ‌ز بولغانلىقتىن،‏ ياخشى دوستلارغا ئالاھىدە موھتاج (‏پە‌ند.‏ نە 17:‏17‏)‏.‏ سىز ھە‌قىقىي دوست ئىكە‌نلىكىڭىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يسىز؟‏ ئۇ‌لارنى بىر چىنە چايغا،‏ بىر يە‌ردە بىللە دە‌م ئېلىشقا ياكى ۋە‌ز خىزمىتىگە چاقىرسىڭىز بولىدۇ.‏ بە‌لكىم،‏ بە‌زىدە ئۇ‌لارنى ئائىلىۋى ئىبادىتىڭىزگە تە‌كلىپ قىلىڭ.‏ شۇ‌نداق قىلسىڭىز،‏ يە‌ھۋانىڭ يۈرىكىنى خۇ‌رسە‌ن قىلىسىز،‏ چۈنكى ئۇ «تۇ‌ل خوتۇ‌نلارنىڭ قوغدىغۇ‌چىسى» ۋە «كۆڭلى سۇ‌نۇ‌قلارغا يېقىندۇ‌ر».‏—‏زە‌بۇ‌ر 34:‏18؛‏ 68:‏5‏.‏

19.‏ 1-‏پېترۇ‌س 3:‏8-‏ئايە‌تتىكى سۆزلە‌ر سىزنى نېمە قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ؟‏

19 پات-‏ئارىدا يە‌ر يۈزىدە خۇ‌دا پادىشاھلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلغاندا،‏ «بۇ‌رۇ‌نقى دە‌رت-‏ئە‌لە‌ملە‌ر ئۇ‌نتۇ‌لغان بولىدۇ» ۋە «ئىلگىرىكى ئىشلار ھېچ ئە‌سلە‌نمە‌يدۇ،‏ ھە‌تتا ئە‌سكە كە‌لمە‌يدۇ».‏ بىز شۇ ۋاقىتنى تاقە‌تسىزلىك بىلە‌ن كۈتىمىز!‏ (‏يە‌شايا 65:‏16،‏ 17‏)‏ شۇ كۈن كە‌لگىچە،‏ بىر-‏بىرىمىزنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌پ،‏ ھە‌ممە قېرىنداشلىرىمىزنى چىن قە‌لبىمىزدىن سۆيىدىغانلىقىمىزنى سۆزلىرىمىز ۋە ئىشلىرىمىز بىلە‌ن كۆرسىتە‌يلى.‏—‏1-‏پېترۇ‌س 3:‏8-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

28-‏ناخشا يېڭى ناخشا

a لۇ‌ت،‏ ئايۇ‌پ ۋە نائومى يە‌ھۋانىڭ سادىق خىزمە‌تچىلىرى ئىدى،‏ لېكىن ئۇ‌لار ئېغىر سىناقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن.‏ ئۇ‌لارنىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى بىلىۋالىمىز.‏ شۇ‌نداقلا غە‌م-‏قايغۇ‌غا پاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا سە‌ۋرچانلىق كۆرسىتىش،‏ ھېسداشلىق قىلىش ۋە تە‌سە‌للىي بېرىشنىڭ قانچىلىك مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكىنى كۆرىمىز.‏

b بۇ ماقالىدىكى بە‌زى ئىسىملار ئۆزگە‌رتىلگە‌ن.‏

c سۈرە‌تتە:‏ كۆڭلى يېرىم بولغان بۇ‌رادە‌ر ئويلانماي سۆزلە‌ۋاتىدۇ ۋە ئاقساقال ئۇ‌نى سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن تىڭشاۋاتىدۇ.‏ كېيىنرە‌ك كۆڭلى ئورنىغا چۈشكە‌ندە،‏ ئاقساقال ئۇ‌نىڭغا مېھرىبانلىق بىلە‌ن مە‌سلىھە‌ت بېرىدۇ.‏

d سۈرە‌تتە:‏ ياش ئە‌ر-‏ئايال،‏ يېقىندا ئايالىدىن ئايرىلغان بۇ‌رادە‌ر بىلە‌ن ۋاقىت ئۆتكۈزىۋاتىدۇ.‏ ئۇ‌لار سۈرە‌تلە‌رگە قاراپ،‏ ئايالى توغرۇ‌لۇ‌ق سۆزلىشىپ،‏ خۇ‌شال ۋاقىتلارنى ئە‌سلە‌ۋاتىدۇ.‏