مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

ئىمان بىزنى كۈچلۈك قىلىدۇ

ئىمان بىزنى كۈچلۈك قىلىدۇ

ئىماننىڭ كۈچى زور.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ شە‌يتان بىزنىڭ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمىزنى يوق قىلماقچى بولسىمۇ،‏ ئىمان ئۇ‌نىڭ «بارچە ئوتلۇ‌ق ئوقلىرىنى» ئۆچۈرە‌لىشىمىزگە كۈچ بېرىدۇ (‏ئە‌فە‌س.‏ 6:‏16‏)‏.‏ ئىمانىمىز مۇ‌ستە‌ھكە‌م بولسا،‏ ھە‌تتا تاغدە‌ك چوڭ قىيىنچىلىقلارنى يېڭە‌لە‌يمىز.‏ ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر شاگىرتلىرىغا:‏ «ئە‌گە‌ر سىلە‌ردە قىچا ئۇ‌رۇ‌قىچە ئىمان بولسا،‏ مۇ‌نۇ تاققا:‏ «بۇ يە‌ردىن ئاۋۇ يە‌رگە كۆچكىن» دېسە‌ڭلار،‏ ئۇ كۆچىدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن (‏مە‌تتا 17:‏20‏)‏.‏ ئىمان يە‌ھۋا بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋىتىمىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌شكە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب تېپىشىمىز مۇ‌ھىم:‏ ئىمان ياكى ئىشە‌نچ دېگە‌ن نېمە؟‏ ئوي-‏پىكىرىمىز ئىمانىمىزغا قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏ ئىمانىمىزنى قانداق كۈچە‌يتە‌لە‌يمىز؟‏ بىز كىمگە ئىشىنىشىمىز كېرە‌ك؟‏—‏رىملىقلار 4:‏3‏.‏

ئىمان دېگە‌ن نېمە؟‏

ئىمان پە‌قە‌ت مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يېزىلغان ھە‌قىقە‌تنى بىلىپ،‏ ئۇ‌نى قوبۇ‌ل قىلىش ئە‌مە‌س،‏ چۈنكى ھە‌تتا «بۇ‌نىڭغا جىنلارمۇ ئىشىنىدۇ ھە‌م قورقۇ‌پ تىترە‌يدۇ» (‏ياقۇ‌پ 2:‏19‏)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئىمان دېگىنىمىز نېمە؟‏

بىز كېچە ھە‌م كۈندۈزنىڭ مە‌ڭگۈ داۋام قىلىدىغانلىقىغا ئىشە‌نگىنىمىزدە‌ك،‏ خۇ‌دانىڭ سۆزلىرى چوقۇ‌م ئە‌مە‌لگە ئاشىدىغانلىقىغىمۇ ئىشىنىمىز

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئىماننىڭ ئىككى تە‌رىپى بار ئىكە‌نلىكى ئېيتىلغان.‏ بىرىنچى،‏ «ئېتىقاد ئۈمىد قىلىۋاتقان نە‌رسىلە‌رنىڭ ئە‌مە‌لگە ئېشىشىغا بولغان ئىشە‌نچ» (‏ئىبرانىي.‏ 11:‏1‏)‏.‏ ئىمانىڭىز بولسا،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئېيتقانلىرى ھە‌قىقە‌ت ئىكە‌نلىكىگە ۋە چوقۇ‌م ئە‌مە‌لگە ئاشىدىغانلىقىغا ئىشىنىسىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يە‌ھۋا ئىسرائىللارغا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئە‌گە‌ر سىلە‌ر كۈن ۋە تۈن بىلە‌ن تۈزگە‌ن ئە‌ھدە‌منى بۇ‌زالىساڭلار،‏ كۈن بىلە‌ن تۈننىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئالمىشىشىنى توختىتىپ قويالىساڭلار،‏ ئۇ چاغدا،‏ قۇ‌لۇ‌م داۋۇ‌ت بىلە‌ن تۈزگە‌ن ئە‌ھدە‌م بۇ‌زۇ‌لۇ‌پ،‏ … كېتىدۇ» (‏يە‌رە‌م.‏ 33:‏20،‏ 21‏)‏.‏ قاچاندۇ بىر ۋاقىتتا كۈن چىقماي ياكى پاتماي قېلىپ،‏ كۈن بىلە‌ن تۈن ئالماشماي قالىدۇ،‏ دە‌پ قورققان چاغلىرىڭىز بولغانمۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ياق.‏ بىز كۈننىڭ سە‌ھە‌ردە چىقىپ،‏ كە‌چتە پاتىدىغانلىقىغا ھېچ گۇ‌مان قىلمايمىز.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ كۈن بىلە‌ن تۈننى ياراتقان خۇ‌دا ئۆز ۋە‌دىلىرىنى ئورۇ‌نلايدىغانلىقىغا گۇ‌مان قىلساق،‏ توغرا بولامدۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ياق!‏—‏يە‌شايا 55:‏10،‏ 11؛‏ مە‌تتا 5:‏18‏.‏

ئىككىنچى،‏ ئىمان «كۆزگە كۆرۈنمە‌س نە‌رسىلە‌رنىڭ ئېنىق دە‌لىل-‏ئىسپاتلىرىغا قايىل بولۇ‌شتۇ‌ر» (‏ئىبرانىي.‏ 11:‏1‏)‏.‏ بۇ‌نى بىر مىسال بىلە‌ن چۈشە‌ندۈرۈشكە بولىدۇ.‏ كىچىك بالا سىزدىن:‏ «ھاۋانىڭ بار ئىكە‌نلىكىنى نە‌دىن بىلىسىز؟‏»—‏ دە‌پ سورىدى دە‌يلى.‏ سىز ھاۋانى كۆزۈڭىز بىلە‌ن كۆرمىسىڭىزمۇ،‏ بالىغا ئۇ‌نىڭ بار ئىكە‌نلىكىگە مۇ‌نداق دە‌لىللە‌رنى كە‌لتۈرىسىز:‏ بىز ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن دە‌م ئالىمىز،‏ شامال چىققاندا ۋە باشقا ۋاقىتلاردا ئۇ‌نى سېزىمىز.‏ بالا بۇ‌لارغا كۆز يە‌تكۈزگە‌ندە،‏ ھە‌تتا كۆرۈنمە‌يدىغان نە‌رسىلە‌رگە ئىشىنىش مۇ‌مكىن ئىكە‌نلىكىنى چۈشىنىدۇ.‏ دە‌ل شۇ‌نداق،‏ ئىمانمۇ روشە‌ن ئىسپاتلارغا ئاساسلانغان.‏—‏رىملىقلار 1:‏20‏.‏

ھە‌قىقە‌تنى قە‌دىرلە‌ش كېرە‌ك

ئىمان روشە‌ن دە‌لىل-‏ئىسپاتلارغا ئاساسلانغان،‏ شۇ‌ڭا،‏ ئىمانىڭىز بولۇ‌شى ئۈچۈن «توغرا بىلىمگە ئىگە» بولۇ‌شى لازىم (‏1-‏تىموت.‏ 2:‏4‏)‏.‏ لېكىن،‏ بۇ يېتە‌رلىك ئە‌مە‌س.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س مۇ‌نداق يازغان:‏ «ئىنسان چىن قە‌لبىدىن ئىشىنىش ئارقىلىق ھە‌ققانىي ئادە‌م بولىدۇ» (‏رىملىقلار 10:‏10‏)‏.‏ بىز ھە‌قىقە‌تكە ئىشىنىپلا قويماي،‏ ئۇ‌نى قە‌دىرلىشىمىز كېرە‌ك.‏ شۇ چاغدىلا ئىماننى ئە‌مە‌لىيە‌تتە كۆرسىتىشنى،‏ يە‌نى خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىپ ياشاشنى خالايدىغان بولىمىز (‏ياقۇ‌پ 2:‏20‏)‏.‏ قە‌لبىدە ھە‌قىقە‌ت ئۈچۈن سە‌مىمىي مىننە‌تدارلىقى يوق ئادە‌م ھە‌تتا ئېنىق ئىسپاتلارنى رە‌ت قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ ئۇ كۆز قارىشىنى ئۆزگە‌رتىشكە ئۇ‌نىمايدۇ ياكى تە‌ن ھە‌ۋە‌سلىرىگە بېرىلىشكە سە‌ۋە‌ب ئىزدە‌يدۇ (‏2-‏پېتر.‏ 3:‏3،‏ 4؛‏ يە‌ھۇ‌دا 18‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ قە‌دىمدە ھە‌تتا مۆجىزىلە‌رنى ئۆز كۆزى بىلە‌ن كۆرگە‌نلە‌رنىڭ ھە‌ممىسىدە ئىمان بولمىغان (‏سانلار 14:‏11؛‏ يۇ‌ھاننا 12:‏37‏)‏.‏ خۇ‌دانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھى پە‌قە‌ت ھە‌قىقە‌تنى چىن يۈرە‌كتىن ياخشى كۆرىدىغان ئادە‌ملە‌رگە تە‌سىر قىلىپ،‏ ئىماننى يېتىلدۈرۈشىگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏—‏گالاتىيا.‏ 5:‏22؛‏ 2-‏سالونىكا.‏ 2:‏10،‏ 11‏.‏

داۋۇ‌ت كۈچلۈك ئىمانغا قانداق ئىگە بولغان؟‏

داۋۇ‌ت پادىشاھنىڭ ئىمانى بە‌ك كۈچلۈك بولغان (‏ئىبرانىي.‏ 11:‏32،‏ 33‏)‏.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌نىڭ ئائىلىسىدىكىلە‌رنىڭ ھە‌ممىسى شۇ‌نداق ئىمانغا ئىگە بولمىغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ داۋۇ‌تنىڭ ئە‌ڭ چوڭ ئاكىسى ئېلىيابنى ئالايلى.‏ جوليات ئىسرائىل خە‌لقىنى ھاقارە‌تلىگە‌ندە،‏ داۋۇ‌ت ئاچچىقلانغان ئىدى.‏ شۇ چاغدا ئېلىياب ئۇ‌نى ئە‌يىبلە‌پ،‏ يە‌ھۋانىڭ قۇ‌تۇ‌لدۇ‌رۇ‌پ قېلىشىغا ئىشە‌نمىگە‌نلىكىنى كۆرسە‌تكە‌ن (‏1-‏سام.‏ 17:‏26—‏28‏)‏.‏ ھېچكىم ئىمان بىلە‌ن تۇ‌غۇ‌لمايدۇ ياكى ئۇ‌نى ئاتا-‏ئانىسىدىن مىراس قىلىپ ئالمايدۇ.‏ داۋۇ‌ت ئۆزى خۇ‌دا بىلە‌ن يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تنى راۋاجلاندۇ‌رغانلىقتىن،‏ ئىمانى كۈچلۈك بولغان.‏

زە‌بۇ‌رنىڭ 27-‏بابىدا‏،‏ داۋۇ‌تنىڭ كۈچلۈك ئىمانغا قانداق ئىگە بولغانلىقى كۆرسىتىلگە‌ن (‏1-‏ئايە‌ت‏)‏.‏ داۋۇ‌ت يە‌ھۋانىڭ ئۆتمۈشتە ئۇ‌نى دۈشمە‌نلىرىدىن قانداق قۇ‌تقازغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلانغان (‏2،‏ 3-‏ئايە‌تلە‌ر‏)‏.‏ داۋۇ‌ت يە‌ھۋانىڭ ئۆيىدە بولغانلىقىنى بە‌ك قە‌دىرلىگە‌ن (‏4-‏ئايە‌ت‏)‏.‏ داۋۇ‌ت ئىمانداشلىرى بىلە‌ن بىللە مۇ‌قە‌ددە‌س چېدىردا ئىبادە‌ت قىلغان (‏6-‏ئايە‌ت‏)‏.‏ ئۇ يە‌ھۋاغا چىن يۈرە‌كتىن دۇ‌ئا قىلغان (‏7،‏ 8-‏ئايە‌تلە‌ر‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ داۋۇ‌ت خۇ‌دانىڭ كۆرسە‌تمىلىرىگە بويسۇ‌نۇ‌شنى خالىغان (‏11-‏ئايە‌ت‏)‏.‏ داۋۇ‌ت ئىمانىنى ناھايىتى مۇ‌ھىم دە‌پ قارىغاچ،‏ مۇ‌نداق دە‌پ يازغان:‏ «ئىمانىم بولمىسا،‏ مە‌ن قە‌يە‌ردە بولاتتىم؟‏».‏—‏13-‏ئايە‌ت‏.‏

ئىماننى قانداق كۈچە‌يتە‌لە‌يمىز؟‏

داۋۇ‌تنىڭكىگە ئوخشاش ئىمانغا ئىگە بولۇ‌ش ئۈچۈن،‏ زە‌بۇ‌رنىڭ 27-‏بابىدا يېزىلغاندە‌ك،‏ ئۇ‌نىڭ ئوي-‏پىكىر قىلىش ئۇ‌سۇ‌لى بىلە‌ن ئادە‌تلىرىنى ئۈلگە قىلساق بولىدۇ.‏ ئىمان توغرا بىلىمگە ئاساسلانغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ۋە ئۇ‌نىڭغا ئاساسلانغان ماتېرىياللارنى قانچە كۆپ ئوقۇ‌ساق،‏ ئىماننى يېتىلدۈرۈش شۇ‌نچە ئاسان بولىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 1:‏2،‏ 3‏)‏.‏ تە‌تقىق قىلغاندا چوڭقۇ‌ر ئويلىنىشقا ۋاقىت بۆلۈڭ.‏ چوڭقۇ‌ر ئويلىنىشنى يە‌ر دېسە‌ك،‏ مىننە‌تدارلىق —‏ شۇ يە‌ردە ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈك.‏ يە‌ھۋاغا مىننە‌تدارلىقىمىز ئاشقانسېرى،‏ ئۇ‌نىڭغا جامائە‌ت يىغىلىشلىرىدا ئىبادە‌ت قىلىش ۋە باشقىلارغا ۋە‌ز قىلىش ئىستىگىمىز كۈچىيىدۇ (‏ئىبرانىي.‏ 10:‏23—‏25‏)‏.‏ ئىمانىمىزنى «دۇ‌ئا قىلىش» ۋە ئۈمىدسىزلە‌نمە‌سلىك ئارقىلىق كۆرسىتىمىز (‏لۇ‌قا 18:‏1—‏8‏)‏.‏ يە‌ھۋا بىزگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا «توختىماي دۇ‌ئا» قىلايلى (‏1-‏سالونىكا.‏ 5:‏17؛‏ 1-‏پېتر.‏ 5:‏7‏)‏.‏ ئىشە‌نچ بىزنى ئە‌مە‌لىي ھە‌رىكە‌ت قىلىشقا ئۈندە‌يدۇ،‏ ھە‌رىكە‌ت قىلىش نە‌تىجىسىدە ئىمان-‏ئېتقادىمىز مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىنىدۇ.‏—‏ياقۇ‌پ 2:‏22‏.‏

ئە‌يساغا ئىشىنىڭ

ئۆلۈمىنىڭ ئالدىدىكى كە‌چتە،‏ ئە‌يسا ئۆز شاگىرتلىرىغا:‏ «خۇ‌داغا ئىشىنىڭلار،‏ ماڭا ھە‌م ئىشنىڭلار»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏يۇ‌ھاننا 14:‏1‏)‏.‏ بىز پە‌قە‌ت يە‌ھۋا خۇ‌داغىلا ئە‌مە‌س،‏ ئە‌يساغىمۇ ئىشە‌نچ باغلىشىمىز لازىم.‏ ئە‌يساغا ئىشە‌نگە‌نلىكىمىزنى قانداق بىلدۈرە‌لە‌يمىز؟‏ ئۈچ ئۇ‌سۇ‌لنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

ئە‌يساغا ئىشىنىش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

بىرىنچى،‏ تۆلە‌منى خۇ‌دا شە‌خسە‌ن سىزگە بە‌رگە‌ن سوۋغاتدە‌ك قوبۇ‌ل قىلىڭ.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س مۇ‌نداق ئېيتقان:‏ «مېنى سۆيگە‌ن ۋە ئۆزىنى مە‌ن ئۈچۈن پىدا قىلغان خۇ‌دانىڭ ئوغلىغا بولغان ئىشە‌نچ بىلە‌ن ياشايمە‌ن» (‏گالاتىيا.‏ 2:‏20‏)‏.‏ ئە‌يساغا چىن كۆڭلۈڭىزدىن ئىشە‌نسىڭىز،‏ تۆلە‌منىڭ سىز ئۈچۈن بېرىلگە‌نلىكىگە،‏ گۇ‌ناھلىرىڭىزنىڭ كە‌چۈرۈلگە‌نلىكىگە،‏ مە‌ڭگۈ ھاياتقا ئۈمىد بېرىدىغانلىقىغا ۋە تۆلە‌م خۇ‌دانىڭ سىزگە بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنىڭ ئە‌ڭ كۈچلۈك ئىسپاتى ئىكە‌نلىكىگە بولغان ئىشە‌نچىڭىزنى كۆرسىتىسىز (‏رىملىقلار 8:‏32،‏ 38،‏ 39؛‏ ئە‌فە‌س.‏ 1:‏7‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر تۆلە‌م سىزگە ياردە‌م بېرىدىغانلىقىغا ھە‌قىقە‌تە‌ن ئىشە‌نسىڭىز،‏ ئۆزىڭىزنى ئە‌يىبلىك ياكى يامان ھېس قىلمايسىز.‏—‏2-‏سالونىكا.‏ 2:‏16،‏ 17‏.‏

ئىككىنچىسى،‏ ئە‌يسانىڭ قۇ‌ربانلىقى ئاساسىدا يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا يېقىنلىشىڭ.‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا تۆلە‌منىڭ ئاساسىدا دۇ‌ئا قىلغىنىمىزدا،‏ «تىلىمىز قىسىلماي،‏ كۆڭلۈڭ خاتىرجە‌م ھالدا رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌ت تە‌ختىگە» يېقىنلىشالايمىز (‏ئىبرانىي.‏ 4:‏15،‏ 16؛‏ 10:‏19—‏22‏)‏.‏ دۇ‌ئا گۇ‌ناھ قىلىشقا ئازدۇ‌رۇ‌لۇ‌شقا قارشى تۇ‌رۇ‌ش قارارىمىزدىن قايتماسلىققا ياردە‌م بېرىدۇ.‏—‏لۇ‌قا 22:‏40‏.‏

ئۈچىنچى،‏ ئە‌يساغا بويسۇ‌نۇ‌ڭ.‏ ئە‌لچى يۇ‌ھاننا مۇ‌نداق يازغان:‏ «كىمكى ئوغۇ‌لغا ئىشە‌نسە،‏ ئۇ مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدۇ؛‏ كىمكى ئوغۇ‌لغا ئىشە‌نمىسە،‏ ھاياتنى كۆرمە‌يدۇ،‏ بە‌لكى ئۇ‌نىڭ ئۈستىگە خۇ‌دانىڭ غە‌زىپى كېلىدۇ» (‏يۇ‌ھاننا 3:‏36‏)‏.‏ بايقىسىڭىز،‏ يۇ‌ھاننا ئىمان بىلە‌ن ئىتائە‌ت قىلىشنىڭ بىر-‏بىرىگە باغلىنىشلىق ئىكە‌نلىكىنى ئېيتقان.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ سىز ئە‌يساغا ئىتائە‌ت قىلغاندا،‏ ئۇ‌نىڭغا ئىشىنىدىغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىسىز.‏ «مە‌سىھنىڭ قانۇ‌نىغا» بويسۇ‌نۇ‌ش،‏ يە‌نى ئۇ‌نىڭ تە‌لىملىرىگە ۋە بۇ‌يرۇ‌قلىرىغا قۇ‌لاق سېلىش ئارقىلىق بىز ئە‌يساغا ئىتائە‌ت قىلىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز (‏گالاتىيا.‏ 6:‏2‏)‏.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىرگە «سادىق ۋە ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىك قۇ‌ل» بېرىدىغان كۆرسە‌تمىلە‌رگە ماس ھە‌رىكە‌ت قىلساق،‏ ئە‌يساغا ئىتائە‌ت قىلغان بولىمىز (‏مە‌تتا 24:‏45‏)‏.‏ ئە‌يساغا قۇ‌لاق سالساق،‏ بىز ھە‌تتا قاتتىق بوراندە‌ك كە‌لگە‌ن قىيىنچىلىقلارغا قارشى تۇ‌رالايمىز.‏—‏لۇ‌قا 6:‏47،‏ 48‏.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س ئىمانىڭلار ئاساسىدا مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىنىڭلار

بىر كۈنى بىر كىشى ئە‌يساغا:‏ «مە‌ن ئىشىنىمە‌ن!‏ ئە‌گە‌ر ئىمانىم سۇ‌س بولسا،‏ ماڭا ياردە‌م بېرىڭ!‏»—‏ دە‌پ توۋلىغانىدى (‏ماركۇ‌س 9:‏24‏)‏.‏ مە‌لۇ‌م دە‌رىجىدە ئىمانى بولسىمۇ،‏ بۇ كە‌متە‌ر كىشى ئۇ‌نىڭغا ئىشە‌نچ يېتىشمىگە‌نلىكىنى ئېتىراپ قىلغانىدى.‏ شۇ كىشىگە ئوخشاش،‏ ھە‌ممىمىزنىڭ ھاياتىدا بىزگە كۆپرە‌ك ئىشە‌نچ كېرە‌ك بولىدىغان ئە‌ھۋاللار بولىدۇ.‏ بىز ئىمانىمىزنى ھازىرنىڭ ئۆزىدە مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىيە‌لە‌يمىز.‏ كۆرگىنىمىزدە‌ك،‏ خۇ‌دانىڭ سۆزىنى ئوقۇ‌پ،‏ ئوقۇ‌غانلىرىمىز ئۈستىدە چوڭقۇ‌ر ئويلانغاندا،‏ ئىمان-‏ئىمانىمىز مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىنىدۇ ۋە يە‌ھۋاغا تېخىمۇ مىننە‌تدار بولىمىز.‏ ئىمانىمىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌شنىڭ يە‌نە باشقا ئۇ‌سۇ‌للىرى:‏ ئىمانداشلار بىلە‌ن بىللە يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىش،‏ باشقىلارغا ئۈمىدىمىز توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتىش ۋە دائىم دۇ‌ئا قىلىش.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئىمانىمىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌پ،‏ بىز ئە‌ڭ ياخشى مۇ‌كاپاتقا ئېرىشىمىز.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزنى ئۈندە‌پ شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئە‌ي ئە‌زىز قېرىنداشلىرىم،‏ ئۆزۈڭلارنى ئە‌ڭ مۇ‌قە‌ددە‌س ئىمانىڭلارنىڭ ئۇ‌لى ئۈستىدە مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌پ،‏ … ئۆزۈڭلارنى خۇ‌دانىڭ مۇ‌ھە‌ببىتى ئىچىدە ساقلاڭلار».‏—‏يە‌ھۇ‌دا 20،‏ 21.‏