16-تەتقىق ماقالىسى
داۋاملىق تۆلەم قۇربانلىقىغا مىننەتدارلىق كۆرسىتىڭ
«ئىنسان ئوغلىمۇ . . . نۇرغۇنلار ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىپ، تۆلەم بېرىشكە كەلدى».—ماركۇس 10:45.
149-ناخشا تۆلەم ئۈچۈن مىننەتدارمىز
بۇ ماقالىدە a
1، 2. تۆلەم دېگەن نېمە ۋە بىز نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا مۇھتاج؟
مۇكەممەل ئىنسان ئادەم-ئاتا گۇناھ سادىر قىلىپ، پەقەت ئۆزىنىلا ئەمەس كەلگۈسىدە تۇغۇلىدىغان بالىلىرىنىمۇ مەڭگۈلۈك ھاياتتىن مەھرۇم قالدۇرغانىدى. ئادەم-ئاتىنىڭ قىلغانلىرىغا ھېچقانداق باھانە-سەۋەب يوق. چۈنكى، ئۇ قەستەن گۇناھ قىلغان. ئۇنداقتا، ئۇنىڭ بالىلىرىچۇ؟ ئۇلار ھېچقانداق گۇناھ ئۆتكۈزمىگەن ياكى ئادەم-ئاتىنى گۇناھ قىلىشقا دەۋەت قىلمىغان (رىملىقلار 5:12، 14). ئادەم-ئاتا قىلغان گۇناھى ئۈچۈن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان. ئەمما، يەھۋا خۇدا ئادەم-ئاتىنىڭ پەرزەنتلىرىنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن نېمە قىلالايدۇ؟ ئادەم-ئاتا گۇناھ قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، يەھۋا ئادەم-ئاتىنىڭ مىليونلىغان كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىنى گۇناھ ۋە ئۆلۈمدىن قانداق قۇتقۇزىدىغانلىقىنى ئاستا-ئاستا ئاشكارە قىلغان (يارىت. 3:15). ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، ئۇ ئۆز ئوغلىنى نۇرغۇنلار ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىپ، تۆلەم بېرىشكە ئاسماندىن يەر يۈزىگە ئەۋەتكەن ئىدى.—ماركۇس 10:45؛ يۇھاننا 6:51.
2 تۆلەم دېگەن نېمە؟ مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغاندا، بۇ ئەيسا ئادەم-ئاتا يوقىتىپ قويغاننى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن تۆلىگەن ھەق (1-كورىنت. 15:22). بىز نېمە ئۈچۈن تۆلەمگە مۇھتاج؟ چۈنكى، يەھۋانىڭ ئادالەتلىك ئۆلچەم-قانۇنلىرىدا جانغا جان تۆلەش تەلەپ قىلىنغان (چىق. 21:23، 24). ئادەم-ئاتا ئۆزىنىڭ مۇكەممەل ھاياتىنى يوقاتقان. خۇدانىڭ ئادالەتلىك تەلىپىنى قانائەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئەيسا ئۆزىنىڭ مۇكەممەل ھاياتىنى قۇربان قىلغان (رىملىقلار 5:17). شۇ ئارقىلىق، ئەيسا ئۆزىنىڭ تۆلەم قۇربانلىقىغا ئىشەنچ باغلىغانلارنىڭ ھەممىسىگە مەڭگۈلۈك ئاتا بولدى.—يەشايا 9:6؛ رىملىقلار 3:23، 24.
3. يۇھاننا 14:31 ۋە 15:13-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، نېمە ئۈچۈن ئەيسا ئۆز مۇكەممەل ھاياتىنى تۆلەم قۇربانلىقىغا بېرىشكە تەييار بولغان؟
3 ئەيسانىڭ ئاسماندىكى ئاتىسىغا ۋە بىزگە بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتى بەكمۇ كۈچلۈك بولغاچ، ئۆز ھاياتىنى قۇربان قىلىشقا تەييار بولغان (يۇھاننا 14:31؛ 15:13-نى ئوقۇڭ). ئاشۇ سۆيگۈ-مۇھەببەت ئۇنى ئاتىسىنىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئاخىرغىچە سادىق قېلىشنى قارار قىلىشقا دەۋەت قىلغان. نەتىجىدە، خۇدانىڭ يەر يۈزى ۋە ئىنسانىيەت ئۈچۈن قىلغان ئەسلى مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايتتى. بۇ ماقالىدە، بىز خۇدانىڭ نېمە ئۈچۈن ئەيسانىڭ ئۆلۈشتىن بۇرۇن شۇنچە كۆپ ئازاب-ئوقۇبەتنى باشتىن كەچۈرۈشىگە يول قويغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىمىز. يەنە تۆلەمنى قەدىرلىگەن مۇقەددەس كىتابنىڭ بىر يازغۇچىسىنىڭ مىسالىنى قىسقىچە كۆرۈپ چىقىمىز. ئاخىرىدا ئۆزۈمىزنىڭ تۆلەمگە بولغان مىننەتدارلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز ۋە تۆلەم ئۈچۈن ياراتقۇچى يەھۋا ۋە ئەيسا مەسىھكە بولغان مىننەتدارلىقىمىزنى قانداق چوڭقۇرلاشتۇرالايدىغانلىقىمىزنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
نېمە ئۈچۈن ئەيسا شۇنچە كۆپ ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن؟
4. ئەيسانىڭ قانداق ئۆلگەنلىكىنى تەسۋىرلەپ بېرىڭ.
4 ئەيسانىڭ ئۆلۈمىنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ ئاخىرقى كۈنىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ. گەرچە ئەيسانىڭ تۈمەن مىڭلىغان پەرىشتىلەرنى ئۆزىنى قوغداشقا چاقىرىش مۇمكىنچىلىكى بولسىمۇ، رىم ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇنى تۇتۇپ، ئۇرۇپ-سوقۇشىغا يول قويدى (مەتتا 26:52—54؛ يۇھاننا 18:3؛ 19:1). ئۇلار ئەيسانىڭ بەدىنىنى تىلىپ يارىلاندۇرىدىغان قامچىنى ئىشلەتتى. كېيىن، ئۇلار ئەيسانىڭ قان ئېقىۋاتقان تېنىگە تۈۋرۈك ياغاچنى ئارتىپ قويدى. ئۇ جازا مەيدانىغا شۇ تۈۋرۈكنى سۆرەپ ماڭدى. ئەمما، بىراز ۋاقىتتىن كېيىن، رىم ئەسكەرلىرى بىر كىشىنى ئەيساغا ياردەم بېرىشكە بۇيرىدى (مەتتا 27:32). ئەيسا جازا مەيدانىغا يېتىپ كەلگەندە، ئەسكەرلەر ئۇنىڭ پۇت-قوللىرىنى تۈۋرۈك ياغاچقا مىخلىدى. تۈۋرۈك يۇقىرىغا كۆتۈرۈلگەندە، ئەيسانىڭ بەدەن ئېغىرلىقى مىخلانغان يەرنى قاتتىق ئاغرىتىۋەتتى. ئۇنىڭ دوستلىرى قايغۇرىۋاتاتتى، ئانىسى بولسا كۆز يېشى قىلىۋاتاتتى. بىراق، يەھۇدىي يېتەكچىلەر ئۇنى زاڭلىق قىلدى (لۇقا 23:32—38؛ يۇھاننا 19:25). ئەيسا بىرقانچە سائەت ئازابلاندى. ئۇنىڭ يۈرىكى ۋە ئۆپكىسى ئاغرىغاچقا، نەپەس ئېلىش بارغانسېرى قىيىن بولدى. ئۇ ئەڭ ئاخىرقى نەپىسىدە يەھۋاغا ئاخىرقى ئىلتىجاسىنى قىلدى. كېيىن، ئۇنىڭ بېشى چۈشۈپ، جان ئۈزدى (ماركۇس 15:37؛ لۇقا 23:46؛ يۇھاننا 10:17، 18؛ 19:30). بۇ ھەقىقەتەن بەكمۇ ئاستا، ئازاب-ئوقۇبەتلىك، كىشىنى خورلايدىغان ئۆلۈم بولدى!
5. ئەيسا ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىدىنمۇ بەكرەك نېمە ئېغىر كەلگەن؟
5 ئەيسانىڭ ئۆلتۈرۈلىشى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر سىناق بولمىغان. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر كەلگىنى، ئۇنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىشنىڭ سەۋەبى بولغان. ئۇنى كۇپۇرلۇق قىلغان، يەنى خۇدانىڭ ئىسىمىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلدى دەپ ئەيىبلىگەن (مەتتا 26:64—66). كۇپۇرلۇق قىلدى، دەپ ئەيىبلەش ئۇنى بەكمۇ ئازابلىغان. ئۇ، ئاتام مېنى شۇنداق خورلىنىشتىن ساقلاپ قالىدۇ، دەپ ئۈمىد قىلغان (مەتتا 26:38، 39، 42). يەھۋا نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلىنىڭ شۇنداق ئازابلىنىپ ئۆلۈپ كېتىشىگە يول قويغان؟ تۆۋەندە ئۈچ سەۋەبىنى كۆرۈپ باقايلى.
6. ئەيسا نېمە ئۈچۈن ئازاب تۈۋرۈكىگە ئېسىلىشى كېرەك بولغان؟
6 يەھۇدىيلارنى لەنەتتىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن ئەيسا تۈۋرۈككە ئېسىلىشى كېرەك ئىدى (گالاتىيا. 3:10، 13). يەھۇدىيلار خۇدانىڭ قانۇنىغا بويسۇنىمىز، دەپ ۋەدە بەرگەن. بىراق، ئۇلار ۋەدىسىدە تۇرمىغاچقا لەنەتكە ئۇچرىغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار ئادەم-ئاتىنىڭ ئەۋلادلىرى بولغاچ ئۆلۈمگە لايىق ئىدى (رىملىقلار 5:12). خۇدانىڭ ئىسرائىللارغا چۈشەرگەن قانۇنىدا بىر كىشى گۇناھ ئۆتكۈزسە، ئۆلۈمگە لايىق بولۇپ، ئۆلتۈرۈلىشى كېرەك بولغان. بەزىدە شۇنداق ئادەملەرنىڭ ئۆلۈكى تۈۋرۈك ياغاچقا ئېسىلغان b (تەكرار قا. 21:22، 23؛ 27:26). شۇنداق قىلىپ تۈۋرۈك ياغاچقا ئېسىلغان ئەيسا، يەھۇدىيلارنى لەنەتتىن ئازاد قىلغان ۋە ئۆزىنى رەت قىلغانلارنى تۆلەمدىن پايدىلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان.
7. خۇدا نېمە ئۈچۈن ئۆز ئوغلىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشىگە يول قويغانلىقىنىڭ ئىككىنچى سەۋەبى نېمە؟
7 خۇدا نېمە ئۈچۈن ئۆز ئوغلىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشىگە يول قويغانلىقىنىڭ ئىككىنچى سەۋەبىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇ ئەيسانى باش روھانىي سۈپىتىدە كەلگۈسىدە خىزمەت قىلىشقا تەييارلىماقچى بولغان. ئەيسا شۇنداق ئېغىر سىناققا دۇچ كەلگەندە، خۇداغا بويسۇنۇشنىڭ قانچىلىك قىيىن ئىكەنلىكىنى باشتىن ئۆتكۈزگەن. ئۇ شۇنچە كۆپ بېسىم ھېس قىلغاچ، نالە-پەرياد ۋە كۆز ياشلىرى بىلەن ياردەم سوراپ دۇئا قىلغان. ناھايىتى ئېنىقكى، ئەيسا شۇنداق ئازابلىق ھېس-تۇيغۇلارنى باشتىن ئۆتكۈزگەچ، ئۇ بىزنىڭ ئېھتىياجلىرىمىزنى چۈشىنىدۇ ۋە بىز سىناقلارغا دۇچ كەلگەندە، ئۇ ياردەم بېرىشكە تەييار. يەھۋا بىزگە ھېسداشلىق قىلىدىغان مېھىر-شەپقەتلىك باش روھانىينى تەيىنلىگەن. بىز بۇنىڭ ئۈچۈن بەكمۇ مىننەتدارمىز.—ئىبرانىي. 2:17، 18؛ 4:14—16؛ 5:7—10.
8. خۇدا نېمە ئۈچۈن ئەيسانىڭ شۇنچە ئېغىر سىناقلارغا دۇچ كېلىشىگە يول قويغانلىقىنىڭ ئۈچىنچى سەۋەبى نېمە؟
8 ئۈچىنچى، يەھۋا خۇدا ھەزرىتى ئەيسانىڭ شۇنچە قاتتىق ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشىگە يول قويۇش ئارقىلىق مۇھىم بىر سوئالغا جاۋاب بەرگەن. كىشىلەر ئېغىر بىر سىناققا دۇچ كەلگەندە، خۇداغا بولغان ساداقەتمەنلىكىنى ساقلاپ قالالامدۇ؟ شەيتان: «ياق»،— دېگەن. يەنى، ئىنسانلار خۇداغا ئۆز شەخسىي مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، دەپ جاكارلىغان. ئۇ ئىنسانلار خۇددى ئۆز ئەجدادى ئادەم-ئاتىغا ئوخشاش يەھۋاغا ساداقەتمەنلىكنى ساقلىيالمايدۇ، دەپ قارىغان (ئايۇپ 1:9—11؛ 2:4، 5). يەھۋا ئۆز ئوغلىنىڭ ساداقەتمەنلىكىگە قەتئىي ئىشەنگەن ۋە ئىنسانلار بەرداشلىق بېرەلىگۈدەك دەرىجىدە سىنىلىشىغا يول قويغان. ئەيسا ئۆزىنىڭ ساداقەتمەنلىكىنى ساقلاپ، شەيتاننىڭ بىر يالغانچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.
تۆلەمگە بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن شاگىرت
9. ئەلچى يۇھاننا بىز ئۈچۈن قانداق ئۈلگە قالدۇرغان؟
9 تۆلەم ھەققىدىكى تەلىملەر ئەيسانىڭ نۇرغۇنلىغان شاگىرتلىرىنىڭ ئېتىقادىنى كۈچەيتكەن. ئۇلار قارشىلىقلارغا قارىماستىن ۋەز قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان ۋە ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە سىناقلارغا بەرداشلىق بەرگەن. ئەلچى يۇھاننانىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇ تەخمىنەن 60 يىلدىن كۆپرەك ئەيسا مەسىھ ۋە تۆلەم ھەققىدىكى ھەقىقەتنى جاكارلىغان. ئۇ 100 ياشقا يېقىنلاشقاندا، رىم ھۆكۈمىتى ئۇنى ناھايىتى خەتەرلىك كىشى، دەپ قارىغان ۋە پاتموس ئارىلىغا سۈرگۈن قىلغان. ئۇ قانداق جىنايەت ئۆتكۈزگەن؟ خۇدا توغرۇلۇق ئېيتقىنى ۋە ئەيسا ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگىنى ئۈچۈن سۈرگۈن قىلىنغان (ۋەھىي. 1:9). بىز ئۈچۈن نېمە دېگەن كۈچلۈك ئىمان-ئېتىقاد ۋە چىدامچانلىقنىڭ ياخشى ئۈلگىسى!
10. يۇھاننا ئۆزى قەلەمگە ئالغان يازمىلاردا تۆلەمگە بولغان مىننەتدارلىقىنى قانداق كۆرسەتكەن؟
10 يۇھاننا ئۆزى قەلەمگە ئالغان كىتابلاردا، ئۇ ئەيسا ۋە ئۇنىڭ تۆلەم قۇربانلىقىغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتى ۋە مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئۇ تۆلەم ۋە تۆلەم ئارقىلىق ئىگە بولىدىغان پايدا-مەنپەئەت ھەققىدە 100 قېتىمدىن كۆپرەك سۆزلىگەن. مەسىلەن، ئەلچى يۇھاننا: «ئەگەر بىرى گۇناھ قىلغان بولسا، ئاتىمىزنىڭ يېنىدا بىر ياردەمچى، ئادىل ئەيسا مەسىھ بار»،— دېگەن (1-يۇھاننا 2:1، 2). ئۇ يەنە ئەيسا ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن (ۋەھىي. 19:10). ئېنىقكى، يۇھاننا تۆلەمگە چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن. بىزمۇ ئۆز مىننەتدارلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
تۆلەمگە بولغان مىننەتدارلىقىمىزنى قانداق بىلدۈرەلەيمىز؟
11. ئېزىقتۇرۇشلارغا قارشى تۇرۇشقا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
11 ئېزىقتۇرۇشلارغا قارشى تۇرۇش. ئەگەر بىز تۆلەم ئۈچۈن ھەقىقىي مىننەتدار بولساق، مۇنداق ئويلىمايمىز: «گۇناھ قىلماسلىق ئۈچۈن ئۇنچە كۆپ كۈچ چىقىرىشىمنىڭ ھاجىتى يوق. مەن ئۆزۈم بىلگەندەك قىلىمەن. ئەگەر گۇناھ قىلىپ قويسام، ئۇنداقتا كەچۈرۈم سورايمەن». ئەكسىنچە، بىز ئېزىقتۇرۇشلارغا دۇچ كەلگەندە گۇناھ قىلىشنىڭ ئورنىغا، مۇنداق دېسەك بولىدۇ: «ياق! يەھۋا خۇدا ۋە ھەزرىتى ئەيسا مەن ئۈچۈن شۇنچە كۆپ ئىشلارنى قىلغان تۇرسا، مەن قانداقمۇ شۇنداق گۇناھ قىلاي؟» شۇنىڭغا ماس، بىز يەھۋادىن كۈچ سورىساق بولىدۇ ۋە مېنى ئازدۇرۇلۇشتىن ساقلاپ قالغايسەن، دەپ يېلىنساق بولىدۇ.—مەتتا 6:13.
12. 1-يۇھاننا 3:16—18-ئايەتلەردە بېرىلگەن نەسىھەتلەرنى قانداق ئەمەلىي قوللىنالايمىز؟
12 ئېتىقادداشلىرىڭىزغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭ. بىز شۇنداق مېھىر-مۇھەببەتنى كۆرسەتكەندە، تۆلەمگە بولغان مىننەتدارلىقىمىزنىمۇ ئىپادىلىيەلەيمىز. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئەيسا ئۆز ھاياتىنى پەقەت بىز ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈنمۇ بەرگەن. ئەگەر ئۇ ھاياتىنى ئۇلار ئۈچۈن بېرىشكە تەييار بولغان بولسا، دېمەك ئۇنىڭ نەزەرىدە ئۇلار بەكمۇ قەدىر-قىممەتلىك (1-يۇھاننا 3:16—18-نى ئوقۇڭ). بىز قېرىنداشلىرىمىزغا قىلغان مۇئامىلە ئارقىلىق ئۇلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى ئىپادىلىيەلەيمىز (ئەفەس. 4:29، 31—5:2). مەسىلەن، ئۇلار ئاغرىۋاتقاندا ياكى ئېغىر سىناققا دۇچ كەلگەندە، شۇنىڭدەك تەبىئىي ئاپەتكە ئۇچرىغاندا ياردەم بېرەلەيمىز. بىراق، بىر قېرىندىشىمىز كۆڭلىمىزنى رەنجىتكەندە نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
13. نېمە ئۈچۈن بىز كەچۈرۈمچان بولۇشىمىز كېرەك؟
13 سىز قەلبىڭىزدە قېرىندىشىڭىزغا ئاداۋەت ساقلىغانمۇ؟ (لاۋى. 19:18). شۇنداق بولسا، مۇنۇ نەسىھەتكە قۇلاق سېلىڭ: «بىر-بىرىڭلارغا سەۋر-تاقەتلىك بولۇپ، بىر-بىرىڭلارنى ئەپۇ قىلىڭلار. ھەتتا بىرىنىڭ باشقا بىرىگە شىكايىتى بار بولسا، يەھۋا سىلەرنى چىن قەلبىدىن كەچۈرگەندەك، سىلەر ھەم شۇنداق كەچۈرۈڭلار» (كولوسى. 3:13). ھەر قېتىم قېرىنداشلىرىمىزنى كەچۈرسەك، ئاسماندىكى ئاتىمىزغا تۆلەم قۇربانلىقىغا ھەقىقەتەن مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتەلەيمىز. خۇدانىڭ مۇشۇ سوۋغىتىغا بولغان مىننەتدارلىقىمىزنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟
تۆلەمگە بولغان مىننەتدارلىقىڭىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟
14. تۆلەمگە بولغان مىننەتدارلىقىڭىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ بىر ئۇسۇلى قانداق؟
14 تۆلەم قۇربانلىقى ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈڭ. ھىندىستاندىكى 83 ياشلىق قېرىندىشىمىز جوئاننا مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە ھەر كۈنى دۇئالىرىمدا تۆلەمنى تىلغا ئېلىپ، يەھۋاغا تۆلەم ئۈچۈن مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرۈش بەكمۇ مۇھىم». ھەر كۈنى دۇئا قىلغىنىڭىزدا ئۆتكۈزگەن خاتالىقىڭىزنى يەھۋاغا ئېيتىپ بېرىڭ ۋە ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سوراڭ. ئەلۋەتتە ئەگەر سىز بىر ئېغىر گۇناھ قىلغان بولسىڭىز، ئاقساقاللارنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولىسىز. ئاقساقاللار سۆزۈڭىزنى تىڭشايدۇ ۋە مېھىر-مۇھەببەت بىلەن خۇدا سۆزىدىن دانا مەسلىھەتلەرنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇلار سىز بىلەن بىللە دۇئا قىلىپ، يەھۋادىن سىز ئۈچۈن كەچۈرۈم سورايدۇ. شۇ ئارقىلىق سىز يەھۋا بىلەن قايتىدىن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتالايسىز.—ياقۇپ 5:14—16.
15. نېمە ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىپ، تۆلەم ھەققىدە ئوقۇپ چوڭقۇر ئويلىنىش كېرەك؟
15 تۆلەم ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىڭ. 73 ياشلىق قېرىندىشىمىز راجامانى: «ئەيسانىڭ ئازابى توغرىسىدا ئوقۇغىنىمدا، كۆزلىرىم ياشقا لىق تولىدۇ»،— دەيدۇ. خۇدا ئوغلىنىڭ شۇنداق ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەت چەككەنلىكىنى ئويلىغىنىڭىزدا، سىزمۇ ئازابلىنىشىڭىز مۇمكىن. بىراق، ئەيسانىڭ قۇربانلىقى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلانغانسېرى، سىزنىڭ ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ ئاتىسىغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. تۆلەم ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىش ئۈچۈن، بۇ ماۋزۇ ئۈستىدە شەخسىي تەتقىق ئۆگىنىشىڭىزدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
16. باشقىلارغا تۆلەم ھەققىدە ئۆگىتىش ئۆزۈمىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ (مۇقاۋىدىكى رەسىمگە قاراڭ)
16 باشقىلارغا تۆلەم ھەققىدە ئۆگىتىڭ. ھەر قېتىم باشقىلارغا تۆلەم ھەققىدە ئېيتقىنىڭىزدا، تۆلەمگە بولغان مىننەتدارلىقىڭىز ئاشىدۇ. ئەيسانىڭ نېمىشقا بىز ئۈچۈن ئۆلگەنلىكىنى باشقىلارغا چۈشەندۈرۈشكە ياردەم بېرىدىغان ياخشى كىتاب-ژۇرنال ۋە فىلىملەر بار. مەسىلەن، «خۇدادىن كەلگەن خۇش خەۋەر» كىتابچىسىنىڭ 4-دەرسىنى ئىشلىتەلەيمىز. ئۇنىڭ ماۋزۇسى «ئەيسا مەسىھ دېگەن كىم؟» ياكى «مۇقەددەس كىتاب تەلىملىرى»، دېگەن كىتابنىڭ 5-بابىنى قوللىنالايمىز. ئۇنىڭ ماۋزۇسى «تۆلەم — خۇدانىڭ بىباھا سوۋغىسى». بىز ھەر يىلى مەسىھنى خاتىرىلەش يىغىلىشىغا قاتنىشىش ۋە باشقىلارنىمۇ شۇنىڭغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق ئۆزۈمىزنىڭ مىننەتدارلىقىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتەلەيمىز. يەھۋا خۇدا بىزگە ئۆز ئوغلى ھەققىدە باشقىلارغا ئېيتىش ئىمتىيازىنى بەرگەن. بۇ ئاجايىپ شان-شەرەپ!
17. نېمە ئۈچۈن تۆلەمنى يەھۋانىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن بەرگەن ئەڭ قىممەتباھا سوۋغىتى دەيمىز؟
17 شەك-شۈبھىسىزكى، تۆلەمگە بولغان مىننەتدارلىقنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇنى داۋاملىق كۆرسىتىشىمىز ئۈچۈن نۇرغۇن سەۋەبلىرىمىز بار. تۆلەم سەۋەبلىك، گەرچە بىز نامۇكەممەل بولساقمۇ، خۇدا بىلەن يېقىن دوستلۇق ئورنىتالايمىز. تۆلەم سەۋەبلىك، شەيتاننىڭ ئىشلىرى پۈتۈنلەي يوققا چىقىرىلىدۇ (1-يۇھاننا 3:8). تۆلەم سەۋەبلىك، يەھۋانىڭ يەر يۈزى ئۈچۈن قىلغان ئەسلى مەقسىتى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، يەر يۈزى جەننەتكە ئايلىنىدۇ. سىز ئۇچراتقان ھەر بىر كىشى يەھۋانى سۆيىدۇ ۋە ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىدۇ. ئۇنداقتا، ھەر كۈنى خۇدانىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن بەرگەن بىباھا سوۋغىتى تۆلەم ئۈچۈن مىننەتدارلىقىڭىزنى بىلدۈرۈشنىڭ پۇرسەتلىرىنى ئىزدەڭ.
148-ناخشا يېگانە ئوغلۇڭنى بەردىڭ
a نېمە ئۈچۈن ئەيسا شۇنچە ۋەھشىي ئۆلۈمنى باشتىن كەچۈرگەن؟ بۇ ماقالە مۇشۇ سوئالغا جاۋاب بېرىدۇ ۋە داۋاملىق تۆلەم قۇربانلىقىغا بولغان مىننەتدارلىقىمىزنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ.
b رىملىقلاردا جىنايەتچىلەرنى تىرىك تۇرغۇزۇپلا تۈۋرۈك ياغاچقا مىخلاش ئادىتى بولغان. يەھۋا ئۆز ئوغلىنىڭ شۇنداق ئۇسۇلدا ئۆلتۈرۈلۈشىگە يول قويغان.
c سۈرەتتە: ئېتىقادداشلارنىڭ ھەر بىرى ئوخشىمايدىغان، يەنى ئەخلاقسىز سۈرەتكە قاراش، تاماكا چېكىش ۋە پارا ئېلىش قاتارلىق ئېزىقتۇرۇشلارغا قارشى تۇرۇۋاتىدۇ.