18-تەتقىق ماقالىسى
مۇسابىقىنى ئاخىرقى پەللىگىچە يۈگۈرۈڭ
«مۇسابىقىنى يۈگۈرۈپ تاماملىدىم».—2-تىموت. 4:7.
154-ناخشا ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرىمىز
بۇ ماقالىدە a
1. ھەممىمىز نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
بىرەر يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى بىلسىڭىز، بولۇپمۇ ئاغرىۋاتقان ياكى ھېرىپ-چارچاپ تۇرغان بولسىڭىز، ئۇنىڭغا قاتنىشىشنى خالامسىز؟ بەلكىم، قاتناشمايسىز. لېكىن، ئەلچى پاۋلۇس خۇدانىڭ ھەقىقىي خىزمەتچىلىرىنىڭ ھەممىسى مۇسابىقىگە قاتنىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان (ئىبرانىي. 12:1). مەيلى ياش ياكى ياشانغان، كۈچلۈك ياكى ئاجىز بولايلى، يەھۋا خۇدا بېرىدىغان مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، ھەممىمىز سەۋر-تاقەت بىلەن ئاخىرغىچە يۈگۈرۈشىمىز لازىم.—مەتتا 24:13.
2. 2-تىموتىي 4:7، 8-ئايەتتە ئېيتىلغاندەك، پاۋلۇس نېمە ئۈچۈن سۆز ئەركىنلىكىگە ئىگە بولغان؟
2 پاۋلۇس بۇ مۇسابىقىنى ئاخىرىغىچە يۈگۈرۈپ بولغاچقا، ئۇنىڭ سۆز ئەركىنلىكى بولغان (2-تىموتىي 4:7، 8-نى ئوقۇڭ). ئەمما، پاۋلۇس نەق قايسى مۇسابىقە توغرۇلۇق گەپ باشلىغان؟
بۇ قانداق مۇسابىقە؟
3. پاۋلۇس قانداق مۇسابىقە ھەققىدە سۆزلىگەن؟
3 بەزىدە پاۋلۇس تەلىم بېرىش ئۈچۈن قەدىمقى گرېتسىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئويۇنلارنى مىسال كەلتۈرگەن (1-كورىنت. 9:25—27؛ 2-تىموت. 2:5). ئۇ بىرنەچچە قېتىم مەسىھىيلەرنىڭ ھاياتىنى يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى بىلەن سېلىشتۇرغان (1-كورىنت. 9:24؛ گالاتىيا. 2:2؛ فىلىپى. 2:16). ئىنسان ئۆزىنى يەھۋا خۇداغا بېغىشلاپ، چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەندە، شۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىشنى باشلايدۇ (1-پېتر. 3:21). يەھۋا ئۇنىڭغا مەڭگۈ ھاياتلىق مۇكاپىتىنى بەرگەندە، ئادەم پەللىگە يېتىدۇ.—مەتتا 25:31—34، 46؛ 2-تىموت. 4:8.
4. بۇ ماقالىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
4 ئۇزۇنغا يۈرۈش مۇسابىقىسى بىلەن خۇدا خىزمەتچىلىرىنىڭ ھاياتى ئارىسىدا كۆپ ئوخشاشلىقلار بار. شۇلارنىڭ ئۈچىنى كۆرۈپ چىقايلى. بىرىنچىسى، بىز توغرا يول بىلەن يۈگۈرۈشىمىز كېرەك. ئىككىنچىسى، كۆزىمىزنى ئاخىرقى پەللىگە تىكىشىمىز لازىم. ئۈچىنچىسى، يولدا دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىمىز زۆرۈر.
توغرا يول بىلەن يۈگۈرۈڭ
5. بىز قانداق يولدا يۈگۈرۈشىمىز كېرەك ۋە نېمە ئۈچۈن؟
5 يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتناشقۇچى مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئۈچۈن مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرغۇچىلار بەلگىلەپ بەرگەن مەخسۇس يولدا يۈگۈرۈشى كېرەك. شۇنىڭغا ئوخشاش، مەڭگۈ ھايات مۇكاپىتىغا ئىگە بولۇشنى خالىساق، بىز خۇدا خىزمەتچىلىرىنىڭ يولى بىلەن، يەنى ھايات يولى بىلەن يۈگۈرۈشىمىز لازىم (ئەلچى. 20:24؛ 1-پېتر. 2:21). ئەمما، شەيتان ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر بىزنىڭ باشقا يولنى تاللىشىمىزنى، يەنى «ئۇلار بىلەن بىر يولدا» يۈگۈرۈشىمىزنى خالايدۇ (1-پېتر. 4:4). ئۇلار بىز تاللىغان يولنى زاڭلىق قىلىپ، بىزنى ئۇلارنىڭ يولى ياخشىراق ۋە ئەركىنلىك بېرىدۇ، دەپ ئىشەندۈرمەكچى. بىراق، ئۇلارنىڭ سۆزلىرى يالغاندۇر.—2-پېتر. 2:19.
6. برايېننىڭ مىسالىدىن قانداق ساۋاق ئالدىڭىز؟
6 شەيتان دۇنياسىنىڭ تەسىرىگە بېرىلگەن كىشىلەر بىلەن يۈگۈرۈشنى تاللىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ يولنىڭ ئەركىنلىككە ئەمەس، قۇللۇققا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ (رىملىقلار 6:16). برايېننىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. ئاتا-ئانىسى ئۇنى خۇداغا خىزمەت قىلىشقا دەۋەت قىلغان. لېكىن، ئۆسمۈرلۈك چېغىدا ئۇ بۇ يولنىڭ ئۆزىنى بەختلىك قىلىدىغانلىقىغا گۇمانلانغان. برايېن شەيتاننىڭ ئۆلچەملىرى بويىچە ياشايدىغان ئادەملەرگە قوشۇلۇپ يۈگۈرۈشنى قارار قىلغان. «مەن ئارزۇ قىلغان ‹ئەركىنلىك› مېنى يامان نەرسىگە خۇمار بولۇش تۇزىقىغا چۈشۈرىدىغانلىقى ئۇخلىساممۇ چۈشۈمگە كىرمىگەنىدى. ۋاقىت ئۆتۈپ مەن نەشە چېكىپ، ھاراقكەشلىككە بېرىلىپ، ئەخلاقسىز ھايات كەچۈردۈم. بىرنەچچە يىل كۈچلۈكرەك تەسىر قىلىدىغان زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى ئىستىمال قىلىپ، ئۇلارنىڭ قۇلىغا ئايلاندىم. … پۇل تېپىش ئۈچۈن مەن زەھەرلىك چېكىملىك سېتىشنى باشلىدىم»،— دەيدۇ برايېن. لېكىن، بەختكە يارىشا، كېيىن ئۇ يەھۋانىڭ ئۆلچەملىرى بويىچە ياشاشنى قارار قىلغانىدى. ئۇ ھايات تەرزىنى ئۆزگەرتىپ، 2001-يىلى چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتكەن. ھازىر ئۇ مەسىھ كۆرسەتكەن ھايات يولىنى تاللىغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەن b.
7. مەتتا 7:13، 14-ئايەتكە ئاساسەن، قانداق ئىككى يول بار؟
7 توغرا يولدا يۈگۈرۈشىمىز بەك مۇھىم! شەيتان بىزنىڭ «ھاياتلىققا ئېلىپ بارىدىغان» تار يول بىلەن مېڭىشنى توختىتىپ، بۇ دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ تەڭدىن تولىسى يۈرىدىغان كەڭ يولدا مېڭىشىمىزنى خالايدۇ. بۇ يول ھەممىگە مەلۇم ۋە ئۇنىڭ بىلەن مېڭىش بەك ئاسانلا. ئەمما، بۇ يول «ھالاكەتكە» ئېلىپ بارىدۇ (مەتتا 7:13، 14-نى ئوقۇڭ). توغرا يولدا يۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە شۇ يولدىن چەتنەپ كەتمەسلىك ئۈچۈن بىز يەھۋاغا تايىنىپ، ئۇنىڭغا بويسۇنۇشىمىز كېرەك.
مۇكاپاتقا كۆز تىكىپ، ئۆزىڭىز پۇتلاشماڭ ۋە باشقىلارغا پۇتلىكاشاڭ بولماڭ
8. يۈگۈرگۈچى پۇتلىشىپ يىقىلىپ كەتسە، نېمە قىلىدۇ؟
8 ئۇزۇن يولغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىدە يۈگۈرگۈچىلەر پۇتلىشىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن كۆز ئالدىدىكى يولغا قارايدۇ. بىراق، ئۇلار بايقىماستىن يېنىدىكى يۈگۈرگۈچىلەرگە ياكى يولدىكى چوڭقۇر-ئويمانلارغا دەسسەپ پۇتلىشىپ قېلىشى مۇمكىن. ئەگەر يىقىلىپ چۈشسە، ئۇلار قايتىدىن قوپۇپ، داۋاملىق يۈگۈرىدۇ. ئۇلار بار دىققىتىنى پۇتلىشىپ كېتىدىغان نەرسىلەرگە ئەمەس، پەللىگە ۋە مۇكاپاتقا قارىتىدۇ.
9. پۇتلىشىپ يىقىلىپ قالساق، نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
9 ھايات مۇسابىقىسىدە يۈگۈرۈۋاتقاندا، بىز گەپ-سۆزلىرىمىز ياكى ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزدە خاتالىق ئۆتكۈزۈپ، كۆپ قېتىم پۇتلىشىپ قېلىشىمىز مۇمكىن. ياكى بولمىسا، يېنىمىزدا يۈگۈرۈۋاتقانلارنىڭ خاتالىقلىرى كۆڭلىمىزگە ئېغىر كېلىشى مۇمكىن. بۇ بىزنى ھەيران قالدۇرماسلىقى كېرەك. چۈنكى، ھەممىمىز نامۇكەممەل بولغاچقا ۋە تار يولدا يۈگۈرۈۋاتقاچقا، بەزىدە بىر-بىرىمىزگە سوقۇلۇپ كېتىپ قالىمىز. پاۋلۇس بەزىدە بىرنىڭ باشقا بىرىمىزگە «شىكايىتى بار» بولىدىغانلىقىنى چۈشەنگەن (كولوسى. 3:13). لېكىن، پۇتلىكاشاڭ بولىدىغان نەرسىلەرگە ئەمەس، كېلەچەكتە ئالىدىغان مۇكاپاتىمىزغا كۆز تىكەيلى. پۇتلىشىپ قالساق، ئورنىمىزدىن تۇرۇپ، داۋاملىق يۈگۈرەيلى. ئەگەر ئاداۋەت ساقلاپ، قايتا ئورنىمىزدىن تۇرۇشنى رەت قىلساق، مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى پەللىسىگە يېتەلمەي قېلىپ، مۇكاپاتقا ئېرىشەلمەيمىز. بۇنىڭدىن باشقا، ھاياتقا ئاپىرىدىغان تار يول بىلەن يۈگۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان باشقا ئادەملەرگىمۇ توسالغۇلۇق قىلىشىمىز مۇمكىن.
10. باشقىلار ئۈچۈن «پۇتلىكاشاڭ تاش» بولۇپ قېلىشتىن قانداق نېرى بولالايمىز؟
10 باشقىلار ئۈچۈن «پۇتلىكاشاڭ تاش» بولماسلىقنىڭ بىر يولى — ئۆزىمىزنىڭ دېگىنىمىزدە چىڭ تۇرۇۋالماي، ئۇلارنىڭ ئوي-پىكىرىنى نەزەرگە ئېلىش (رىملىقلار 14:13، 19—21؛ 1-كورىنت. 8:9، 13). شۇ چاغدا، بىز مۇسابىقىدىكى يۈگۈرگۈچىلەرگە ئوخشىمايمىز. ئۇلار بىر-بىرى بىلەن بەسلىشىپ، ھەربىرى ئۆزى ئۈچۈن مۇكاپات ئېلىشقا ئىنتىلىدۇ. ئۇلار پەقەت ئۆز-ئۆزىنىلا ئويلايدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ئۇلار ئالغا بېسىش ئۈچۈن ھەتتا باشقىلارنى ئىتتىرىۋېتىشى مۇمكىن. بىز بولساق، بىر-بىرىمىز بىلەن بەسلەشمەيمىز (گالاتىيا. 5:26؛ 6:4). بىزنىڭ مەقسىتىمىز — مۇمكىنقەدەر كۆپرەك ئادەملەرنىڭ بىز بىلەن بىرلىكتە مۇسابىقىنى ئاخىرقى پەللىگىچە يۈگۈرۈپ چىقىپ، ھايات مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىگە ياردەم بېرىش. شۇڭا، پاۋلۇسنىڭ: «پەقەت ئۆز مەنپەئەتىڭلارغا غەمخورلۇق قىلماي، باشقىلارنىڭمۇ مەنپەئەتلىرىنى ئويلاڭلار»،— دېگەن سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىشقا كۈچ چىقىرىمىز.—فىلىپى. 2:4.
11. يۈگۈرگۈچى نېمىگە كۆز تىكىشى كېرەك ۋە نېمە ئۈچۈن؟
11 يۈگۈرگۈچى دىققىتىنى پەقەت يولغىلا ئەمەس، يېتىش كېرەك پەللىگىمۇ قارىتىدۇ. ئۇ پەللىنى تېخى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرمىسىمۇ، ئاخىرقى پەللىگىچە يۈگۈرۈپ، مۇكاپاتنى ئېلىۋاتقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالايدۇ. كۆزىنى مۇكاپاتقا تىكىش يۈگۈرگۈچىگە توختاپ قالماي يۈگۈرۈشكە كۈچ بېرىدۇ.
12. يەھۋا بىزگە نېمىنى بېرىشنى خالايدۇ؟
12 خىزمەتچىلىرى ھايات مۇسابىقىسىنى ئاخىرقى پەللىگىچە يۈگۈرۈپ چىقسا، يەھۋا ئۇلارغا چوقۇم بىر مۇكاپات بېرىدۇ. بۇ — ئاسماندىكى ياكى يەردىكى مەڭگۈ ھايات. خۇدا سۆزىدە بۇ مۇكاپات توغرۇلۇق كۆپ مەلۇماتلار يېزىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، كېلەچەكتىكى ھاياتىمىزنىڭ نەقەدەر گۈزەل بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالايمىز. ئۈمىدىمىزنى ھەرقاچان يادىمىزدا تۇتساق، ھېچنەرسىنىڭ بىز ئۈچۈن پۇتلىكاشاڭ بولۇشىغا يول قويمايمىز.
قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن، يۈگۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇڭ
13. گرېتسىيىدىكى يۈگۈرگۈچىلەردىن بىزنىڭ قانداق ئارتۇقچىلىقىمىز بار؟
13 گرېتسىيىدىكى مۇسابىقە ئويۇنلىرىغا قاتناشقان يۈگۈرگۈچىلەر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن: ئۇلار ھېرىپ-چارچىغان ۋە بەدەنلىرى ئاغرىغان. ئەمما، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ كۈچى ۋە مۇسابىقىدىن بۇرۇن قىلغان مەشققە تايانغان. بىزمۇ ئۇلارغا ئوخشاش ھايات مۇسابىقىسىدە يۈگۈرۈشنى ئۆگەندۇق. لېكىن، بىزنىڭ ئۇلاردىن بىر ئارتۇقچىلىق تەرىپىمىز بار — بىز ھېچ تۈگىمەيدىغان كۈچ مەنبەسىدىن كۈچ-قۇۋۋەت ئالالايمىز. يەھۋاغا تايانساق، ئۇ بىزنى ئۆگىتىپلا قويماي، بىزگە كۈچ بېرىشنىمۇ ۋەدە قىلىدۇ.—1-پېتر. 5:10.
14. 2-كورىنتلىقلار 12:9، 10-ئايەتلەردىكى سۆزلەر قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
14 پاۋلۇس نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن. باشقىلار ئۇنى خورلىغان ۋە ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلغان. بۇ ئاز كەلگەندەك، بەزىدە ئۇ ئۆزىنى ئاجىز ھېس قىلغان ۋە ئۇنىڭ تېنىگە سانجىلغان تىكەندەك قىيىنچىلىق بىلەن كۈرەش قىلىشقا توغرا كەلگەن (2-كورىنت. 12:7). بۇنىڭغا قارىماستىن، پاۋلۇس شۇ قىيىنچىلىقلار تۈپەيلىدىن يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى توختىتىشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارنى يەھۋاغا تايىنىشنىڭ پۇرسىتى دەپ قارىغان (2-كورىنتلىقلار 12:9، 10-نى ئوقۇڭ). پاۋلۇسنىڭ كۆز قارىشى شۇنداق بولغاچقا، يەھۋا ئۇنىڭغا ھەممە قىيىنچىلىقلىرىنى يېڭىشكە ياردەم بەرگەن.
15. پاۋلۇستىن ئۈلگە ئالساق، نېمىنى ھېس قىلالايمىز؟
15 بىزمۇ ئېتىقادىمىز ئۈچۈن زاڭلىق ياكى زىيانكەشلىككە دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن. شۇنداقلا سالامەتلىكىمىز ناچارلىشىشى ياكى بىز ناھايىتى چارچاپ كېتىشىمىز مۇمكىن. بىراق، پاۋلۇستىن ئۈلگە ئالساق، بۇ قىيىنچىلىقلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى ھېس قىلىشقا پۇرسەت يارىتىدۇ.
16. سالامەتلىكىڭىز ناچار بولسىمۇ، نېمە قىلالايسىز؟
16 بەلكىم، سىز ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان ياكى مېيىپلار ھارۋۇسى بىلەن يۈرىدىغانسىز. بولمىسا، پۇتلىرىڭىز ئاغرىپ ياكى كۆزلىرىڭىز ناچار كۆرىدىغاندۇ. ئەگەر شۇنداق بولسا، كۈچ-قۇۋۋىتى ئېشىپ تاشقان ياشلار بىلەن بىللە ھايات مۇسابىقىسىدە يۈگۈرەلەمسىز؟ ئەلۋەتتە! كۆپلىگەن ياشانغانلار ۋە ئاجىز جانلار ھايات مۇسابىقىسىدە يۈگۈرمەكتە. ئۇلار بۇنى ئۆز كۈچى بىلەن قىلالمايدۇ. ئەكسىنچە، ئۇلار جامائەت يىغىلىشلىرىنى فىلىم ئۇلانمىسى ئارقىلىق كۆرۈپ ياكى تېلېفون ئارقىلىق تىڭشاپ، يەھۋا خۇدادىن كۈچ ئالالايدۇ. ئۇلار دوختۇرلارغا، سېستىرالارغا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ۋەز قىلىپ، شاگىرت تەييارلاش ئىشىغا قاتنىشىدۇ.
17. يەھۋا مۇمكىنچىلىكى چەكلىك قېرىنداشلارغا قانداق قارايدۇ؟
17 مۇمكىنچىلىكىڭىز چەكلىك بولغاچقا، كۆڭلىڭىز يېرىم بولۇپ، ھايات مۇسابىقىسىدە يۈگۈرۈش قولۇمدىن كەلمەيدۇ، دەپ ئۈمىدسىزلەنمەڭ. يەھۋا خۇدا سىزنى ئىمان-ئېتىقاد ۋە سەۋر-تاقەت بىلەن يۈگۈرگىنىڭىز ئۈچۈن بەك ياخشى كۆرىدۇ. ھازىر سىز يەھۋانىڭ ياردىمىگە بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ بەك مۇھتاج ۋە ئۇ سىزنى ھېچقاچان تاشلىمايدۇ (زەبۇر 9:10). ئەكسىنچە، ئۇ سىزگە تېخىمۇ يېقىن بولىدۇ. سالامەتلىكى ناچارلىشىپ، قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقان بىر قېرىنداشنىڭ سۆزلىرىگە دىققەت ئاغدۇرايلى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «سالامەتلىكىم ناچارلاشقانسېرى، باشقىلارغا خۇش خەۋەرنى ئېيتىش پۇرسەتلىرىمنىڭ ئازايغانلىقىنى چۈشەندىم. لېكىن، مېنىڭ ئازىراق بولسىمۇ كۈچ چىقارغانلىقىمنىڭ ئۆزى يەھۋانىڭ يۈرىكىنى خۇرسەن قىلىدۇ. بۇنى بىلىش مېنى خۇشال قىلىدۇ». چۈشكۈنلۈككە چۈشكەن چاغدا، ئۆزىڭىزنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى ئۇنتۇماڭ. پاۋلۇسنىڭ ئۈلگىسى ۋە مۇشۇ سۆزلىرى توغرۇلۇق ئويلاپ كۆرۈڭ: «قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن چاغلاردا شاد-خۇرام بولىمەن. چۈنكى، قاچان مەن ئاجىز بولسام، شۇ چاغدا كۈچلۈك بولىمەن».—2-كورىنت. 12:10.
18. بەزىلەر قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن؟
18 ھايات مۇسابىقىسىدە يۈگۈرۈۋاتقانلارنىڭ بەزىلىرى باشقا بىر قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار مۇمكىن باشقىلار بايقىمايدىغان ياكى چۈشەنمەيدىغان قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىماقتا. مەسىلەن، ئۇلارغا چۈشكۈنلۈك ياكى غەم-تەشۋىشلەر بىلەن كۈرەش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. نېمە ئۈچۈن يەھۋانىڭ بۇ ئەزىز خىزمەتچىلىرىنىڭ قىيىنچىلىقلىرى بەك ئېغىر دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ؟ چۈنكى، ئەگەر بىرسى قولىنى سۇندۇرۇۋالسا ياكى مېيىپلار ھارۋۇسىدا ئولتۇرسا، ئۇنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەممىسى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. لېكىن، پىسخىكىلىق ياكى ھېس-تۇيغۇ جەھەتتىن قىيىنچىلىقى بار ئادەمنى ھېچكىم قىيىن ئەھۋالدا دەپ ئويلىماسلىقى مۇمكىن. ئۇلار قولىنى ياكى پۇتىنى سۇندۇرۇۋالغان ئادەمگە ئوخشاشلا ئازاب چەكسىمۇ، باشقىلار ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى كۆرمىگەچ، ئۇلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتمەسلىكى ۋە غەمخورلۇق قىلماسلىقى مۇمكىن.
19. مىفىبوشەتنىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟
19 قىيىنچىلىقلىرىڭىز تۈپەيلىدىن يەھۋاغا ئۆزىڭىز خالىغاندەك كۆپ خىزمەت قىلالمىسىڭىز ياكى باشقىلار سىزنى چۈشەنمەيۋاتقاندەك ھېس قىلسىڭىز، مىفىبوشەتنىڭ ئۈلگىسى سىزگە تەسەللى بېرەلەيدۇ (2-سام. 4:4). ئۇمۇ ئاجىز بولغان ۋە داۋۇت پادىشاھنىڭ ئادالەتسىز مۇئامىلىسىگە دۇچ كەلگەن. مىفىبوشەت بۇنىڭغا ئەيىبلىك بولمىسىمۇ، يامان ھېس-تۇيغۇلارغا بېرىلىش ياكى ئاداۋەت ساقلاشنىڭ ئورنىغا، ھاياتىدىكى ياخشى نەرسىلەرگە شۈكۈر قىلغان. ئۇ داۋۇتنىڭ بۇرۇن ئۆزىگە كۆرسەتكەن مېھىر-شەپقىتى ئۈچۈن مىننەتدار بولغان (2-سام. 9:6—10). شۇڭا، داۋۇت ئۇنىڭغا ئادالەتسىز مۇئامىلە قىلغاندا، مىفىبوشەت ۋەزىيەتكە ھەر تەرەپتىن نەزەر سالغان. ئۇ داۋۇتقا خاتالىقى ئۈچۈن ئاچچىقلانمىغان ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن خۇدانى ئەيىبلىمىگەن. بۇنىڭ ئورنىغا، ئۇ يەھۋا تەيىنلىگەن پادىشاھنى قوللاش ئۈچۈن نېمە قىلالايدىغانلىقى توغرۇلۇق ئويلىغان (2-سام. 16:1—4؛ 19:24—30). يەھۋا بىزنىڭ مەنپەئەتىمىزنى ئويلاپ، مىفىبوشەتنىڭ ئاجايىپ ئۈلگىسىنى مۇقەددەس كىتابقا يازدۇرغان.—رىملىقلار 15:4.
20. غەم-تەشۋىش بەزىلەرگە قانداق تەسىر قىلىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ نېمىگە ئىشەنچى كامىل؟
20 قاتتىق غەم-تەشۋىش تۈپەيلىدىن بەزى قېرىنداشلار باشقىلارنىڭ يېنىدا ھودۇقۇپ، ئۆزىنى قويىدىغان جاي تاپالمايدۇ. كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىدا بولۇش ئۇلار ئۈچۈن بەك قىيىن بولسىمۇ، شۇ قېرىنداشلار جامائەت يىغىلىشلىرى ۋە چوڭ يىغىلىشلارغا كېلىشنى توختاتمايدۇ. ناتونۇش ئادەملەر بىلەن سۆزلىشىش قىيىن بولسىمۇ، ئۇلار ۋەزگە چىقىپ، ئادەملەر بىلەن سۆزلىشىدۇ. سىزمۇ شۇنداق ۋەزىيەتتە بولسىڭىز، يالغۇز ئەمەسلىكىڭىزنى ئۇنتۇماڭ. كۆپ ئادەم سىزگە ئوخشاش قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە. ئەمما، خۇدا تىرىشچانلىقىڭىزنى كۆرۈپ خۇشال بولىدۇ. سىزنىڭ بەل قويۇۋەتمەي، داۋاملىق كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىڭىز، ئۇنىڭ سىزنى بەرىكەتلەپ، كۈچ-قۇۋۋەت بېرىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ c (فىلىپى. 4:6، 7؛ 1-پېتر. 5:7). مۇمكىنچىلىكىڭىز چەكلىك بولغانلىقىغا قارىماستىن يەھۋا خۇداغا خىزمەت قىلىۋاتقان بولسىڭىز، ئۇنىڭ يۈرىكىنى خۇشال قىلىۋاتقانلىقىڭىزغا ئىشەنچىڭىز كامىل بولسۇن.
21. يەھۋانىڭ ياردىمى بىلەن نېمە قىلالايمىز؟
21 بەختكە يارىشا، ئادەتتىكى مۇسابىقە بىلەن پاۋلۇس تىلغا ئالغان مۇسابىقە ئارىسىدا پەرق بار. مۇقەددەس كىتاب يېزىلغان زاماندىكى مۇسابىقىلەردە پەقەت بىر ئادەم يەڭگەن. لېكىن، ھاياتلىق مۇسابىقىسىدە ساداقەتمەنلىك بىلەن ئاخىرقى پەللىگىچە يۈگۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسى مەڭگۈلۈك ھايات مۇكاپىتىغا ئېرىشىدۇ (يۇھاننا 3:16). ئادەتتىكى مۇسابىقىگە قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولۇشى كېرەك ئىدى، ئەكسىچە بولغاندا مۇكاپاتقا ئېرىشەلمەيتتى. بىراق، نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ سالامەتلىكى ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ، بىز سەۋر-تاقەت بىلەن يۈگۈرمەكتە (2-كورىنت. 4:16). يەھۋانىڭ ياردىمى بىلەن مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، ھايات مۇسابىقىسىدە ئاخىرقى پەللىگىچە يۈگۈرەلەيمىز!
24-ناخشا كۆزۈڭ بولسۇن مۇكاپاتتا
a يەھۋانىڭ نۇرغۇن خىزمەتچىلىرى ياشىنىپ قالغاچ، قېرىلىقنىڭ دەردىنى تارتماقتا. بەزىلىرى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، ئۆزىنى بەك ئاجىز ھېس قىلماقتا. بۇنىڭدىن باشقا، ھەممىمىز بەزىدە ھېرىپ چارچايمىز. شۇڭا، ھايات ئۈچۈن مۇسابىقىگە قاتنىشىش قىيىن بولۇپ كۆرۈنۈشى مۇمكىن. كېلىڭلار، ھەممىمىز قانداق قىلىپ سەۋر-تاقەت بىلەن يۈگۈرۈپ، پاۋلۇس تىلغا ئالغان ھايات مۇسابىقىسىدە غەلىبە قازىنالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقايلى.
b «كۈزىتىش مۇنارى» (باشقا تىل) 2013-يىل، 1-يانۋار سانىدىكى «مۇقەددەس كىتاب ھاياتنى ئۆزگەرتىدۇ»، دېگەن ماقالىگە قاراڭ.
c غەم-تەشۋىش بىلەن كۈرەش قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان مەسلىھەتلەر ۋە بۇ كۈرەشتە غەلبە قازانغانلارنىڭ مىساللىرىنى ®jw.org تور بېكىتىدىكى 2019-يىل ماي ئېيىدىكى پروگراممىدىن كۆرەلەيسىز (كۇتۇبخانا > ®JW BROADCASTING).
d سۈرەتلەردە: ۋەز ئىشى بىلەن بەنت بولۇش ياشانغان بۇرادەرگە توغرا يول بىلەن مېڭىشقا ياردەم بەرمەكتە.
e سۈرەتلەردە: باشقىلارنى ئىسپىرتلىق ئىچىملىك ئىچىشكە مەجبۇرلىساق ياكى ئۆزۈمىز كۆپ ئىچىپ قويساق، ئۇلارغا پۇتلىكاشاڭ بولۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن.
f سۈرەتلەردە: دوختۇرخانىدا ئورۇن تۇتۇپ ياتسىمۇ، بۇرادەر ئۆزىگە قاراۋاتقان كىشىلەرگە گۇۋاھلىق بېرىپ، ھايات مۇسابىقىسىگە قاتناشماقتا.