14-تەتقىق ماقالىسى
خىزمىتىڭىزنى تولۇق ئادا قىلىۋاتامسىز؟
«خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلىش بىلەن مەشغۇل بول، ئۆز خىزمىتىڭنى تولۇق تاماملىغىن».—2-تىموت. 4:5.
142-ناخشا ھەرخىل ئىنسانلارغا ۋەز قىلىمىز
بۇ ماقالىدە a
1. خۇدانىڭ ھەممە سادىق خىزمەتچىلىرى نېمىنى خالايدۇ ۋە نېمە ئۈچۈن؟ (مۇقاۋىدىكى رەسىمگە قاراڭ)
ئەيسا مەسىھ شاگىرتلىرىغا: «بېرىڭلار، ھەممە خەلقلەردىن شاگىرتلارنى تەييارلاڭلار»،— دەپ بۇيرۇق بەرگەن (مەتتا 28:19). خۇدانىڭ ھەممە سادىق خىزمەتچىلىرى تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىنى قانداق قىلىپ تولۇق ئادا قىلالايدىغانلىقىنى ئۆگىنىشنى خالايدۇ (2-تىموت. 4:5). بۇ ئىش باشقا ئىشلارغا قارىغاندا ئەڭ مۇھىم، ئەڭ ئەھمىيەتلىك ۋە ئەڭ جىددىي. ئەمما، بەزىدە ۋەز خىزمىتىگە ئۆزىمىز خالىغاندەك كۆپرەك قاتنىشىش قىيىن بولۇشى مۇمكىن.
2. ۋەز خىزمەتنى تولۇق ئادا قىلىشتا قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن؟
2 ھەممىمىزنىڭ ۋاقتىمىزنى ۋە كۈچىمىزنى ئالىدىغان باشقىمۇ مۇھىم ئىشلىرى بار. ئۆزىمىزنى ۋە ئائىلىمىزنى بېقىش ئۈچۈن كۆپ ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ. بەلكىم، ئۆزىمىزنىڭ ياكى ئائىلىمىزدىكى بىرسىنىڭ سالامەتلىكى ناچار بولۇشى، ياكى بولمىسا، روھى چۈشكۈنلۈك چىرمىۋېلىشى ياكى، يېشىمىز چوڭايغانسېرى ئاغرىقچان بولۇپ قېلىشىمىز ۋە باشقا قىيىنچىلىقلارغا ئۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن. شۇنداق قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن، خىزمىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلالايمىزمۇ؟
3. مەتتا 13:23-ئايەتتىكى سۆزلەردىن قانداق خۇلاسە چىقىرىشىمىز مۇمكىن؟
3 شارائىتىمىز تۈپەيلى، يەھۋاغا كۆپرەك خىزمەت قىلالمىساق، روھىمىز چۈشمەسلىكى كېرەك. ئەيسا پادىشاھلىق ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلىش ئۈچۈن ھەربىرىمىزنىڭ ئوخشاش كۈچ ۋە ۋاقىت چىقىرالىشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ (مەتتا 13:23-نى ئوقۇڭ). ئەگەر بىز قولىمىزدىن كەلگىنىچە يەھۋاغا خىزمەت قىلساق، ئۇ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىمىزنى بەكمۇ قەدىرلەيدۇ (ئىبرانىي. 6:10—12). بەلكىم، بىز ئۆزىمىزنىڭ كۆپرەك خىزمەت قىلالايدىغانلىقىمىزنى ھېس قىلىپ يەتكەندىمىز. بۇ ماقالىدە، خىزمەتنى ھاياتىمىزدا بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، ئاددىي ھايات كەچۈرۈش، ۋەز خىزمىتىمىزدە ۋە تەلىم بېرىشتە تېخىمۇ ماھىر بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز. ئاۋۋال خىزمىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىش نېمىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقايلى.
4. خىزمىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىش دېگەن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
4 ئاددىي سۆز بىلەن ئېيتقاندا، خىزمىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىش ئۈچۈن ۋەز خىزمىتىگە ۋە تەلىم بېرىشكە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كۆپرەك قاتنىشىشىمىز كېرەك. يەھۋا خۇدا ئۈچۈن پەقەت قانچە سائەت خىزمەت قىلىدىغانلىقىمىز ئەمەس، نىيىتىمىز بەكرەك مۇھىم. بىز يەھۋا خۇدانى ۋە ئادەملەرنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن، يەھۋاغا پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن خىزمەت قىلىمىز b (ماركۇس 12:30، 31؛ كولوسى. 3:23). يەھۋا خۇداغا پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن خىزمەت قىلىش دېگەن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ بۇ بىزگە تاپشۇرۇلغان ئىشنى ئورۇنلاشقا بار كۈچىمىزنى ۋە بارچە قابىلىيەتلىرىمىزنى بېغىشلاشنى بىلدۈرىدۇ. ۋەز ئىشىنى قەدىرلىسەك، قولىمىزدىن كەلگىنىچە كۆپرەك ئادەملەرگە خۇش خەۋەرنى ئېيتىشقا ئىنتىلىمىز.
5، 6. بىرىنىڭ ۋاقتى شۇنچە قىس بولسىمۇ، پۇتۇن ۋۇجۇدى بىلەن ۋەز خىزمىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشى مۇمكىنمۇ؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
5 گىتار چېلىشنى ياخشى كۆرىدىغان بىر يىگىتنى مىسالغا ئالايلى. ئۇ ھەردائىم گىتار چېلىشىنى ياخشى كۆرگەن. ئاخىرىدا، ئۇ ھەپتە ئاخىرىدا قەھۋەخانىدا گىتار چالىدىغان ئىشقا كىرگەن. لېكىن، ئۇنىڭ ئالغان مۇئاشى جان بېقىش ئۈچۈن يەتمىگەن. شۇنىڭ بىلەن، دۈشەنبىدىن جۈمە كۈنگىچە بەش كۈن ئىشلەش ئۈچۈن يېمەك-ئىچمەك دۇكىنىغا كىرگەن. ئۇ كۆپ ۋاقتىنى بۇ دۇكاندا ئۆتكۈزسىمۇ، ئۇنىڭ ئوي-خىيالى ئەتىدىن-كەچكىگە مۇزىكىدا بولغان. ئۇ گىتارا چېلىش ماھارىتىنى ئاشۇرۇپ، كەسپىي مۇزىكانت بولۇشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلغانىدى. شۇڭا، ھەرقانداق بىر پۇرسەت بولسىلا، ھەتتا كىچىكىنە قولى بوش بولغاندا گىتار چېلىپ، خۇشاللىق تاپقان.
6 دەل خۇددى شۇنىڭدەك، ۋەز خىزمىتىگە ئۆزىمىز خالىغاندەك كۆپ ۋاقىت چىقىرالماسلىقىڭىز مۇمكىن. ئەمما، سىزنىڭ بارچە ئوي-خىيالىڭىز ۋەز خىزمىتىدە. سىزمۇ خۇش خەۋەرنى ئادەملەرنىڭ يۈرىكىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ماھارىتىڭىزنى ئۆستۈرۈشكە ئىنتىلىسىز. بىراق، ۋەزىپىلىرىڭىز شۇنچە كۆپ بولغانلىقتىن، ۋەز خىزمىتىنى ھاياتىمدا بىرىنچى ئورۇنغا قويالايمەنمۇ دەپ ئويلايدىغانسىز.
ۋەز خىزمىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇڭ
7، 8. خىزمەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا ئەيسادىن قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟
7 خىزمەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا ئەيسا ياخشى ئۈلگە كۆرسەتكەنىدى. خۇدا پادىشاھلىقى توغرۇلۇق ئېيتىش ئۇنىڭ ھاياتىدا ئەڭ مۇھىم ئىش بولغان (يۇھاننا 4:34، 35). ئۇ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كۆپرەك ۋەز قىلىش ئۈچۈن نەچچە يۈز كىلومېتر پىيادە يول ماڭغان. ئۇ ۋەز قىلىشنىڭ ھەربىر پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئادەملەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىدە ۋە باشقا يەرلەردە سۆزلەشكەن. ئەيسانىڭ ھاياتىدا ۋەز قىلىش بىرىنچى ئورۇندا بولغان.
8 ئەيسادىن ئۈلگە ئېلىپ، مەيلى قەيەردە بولايلى، خۇش خەۋەرنى ئېيتىش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەيلى. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆزىمىزنىڭ قولايلىق تۇرمۇش شارائىتلىرىنى قۇربان قىلىشقا تەييار بولۇشىمىز كېرەك (ماركۇس 6:31–34؛ 1-پېتر. 2:21). بەزى قېرىنداشلار پىدا ئېتقۇچى، ياردەمچى ياكى مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. يەنە بەزىلىرى باشقا تىلنى ئۆگىنىدۇ ياكى ۋەز ئېيتقۇچىلارغا ئېھتىياجلىق جايلارغا كۆچۈپ خىزمەت قىلىدۇ. ئەمما، ۋەز ئىشىنىڭ تەڭدىن تولىسىنى جامائەتتىكى جاكارلىغۇچىلار قىلىدۇ. يەھۋا خۇدا قولىمىزدىن كەلمىگەننى تەلەپ قىلمايدۇ. ئۇ بىزنىڭ شاد-خۇرام خۇدانىڭ شان-شەرەپلىك خۇش خەۋىنى جاكارلاشنى، يەنى بۇ مۇقەددەس خىزمەتنى ھەممىمىزنىڭ خۇشال-خۇراملىق بىلەن ئادا قىلىشىمىزنى خالايدۇ.—1-تىموت. 1:11؛ تەكرار. قا 30:11.
9. (1) پاۋلۇسقا ئىشلەشكە توغرا كەلسىمۇ، ئۇ قانداق قىلىپ خىزمەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان؟ (2) ئەلچىلەر 28:16، 30، 31-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، پاۋلۇس ۋەز خىزمىتىگە قانداق كۆز قاراشتا بولغان؟
9 ئەلچى پاۋلۇس خىزمەتنى ھاياتىدا بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشى بىلەن بىزگە ياخشى ئۈلگە قالدۇرغان. ئىككىنچى قېتىملىق ۋەز قىلىش سەپىرىدە كورىنت شەھىرىدە بولغاندا، پۇلدىن قىسىلغانلىقتىن، پاۋلۇسقا ئىشلەشكە توغرا كەلگەن. بىراق، پاۋلۇس ئۈچۈن ئىش بىرىنچى ئورۇندا بولمىغان. ئۇ ئۆز جېنىنى بېقىپ، كورىنتلىقلارغا خۇش خەۋەرنى «ھەقسىز» جاكارلاش ئۈچۈن ئىشلىگەن (2-كورىنت. 11:7). پاۋلۇسنىڭ ئىشلىشىگە توغرا كەلسىمۇ، خىزمەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان ۋە ھەر شەنبە كۈنى ۋەز قىلغان. شارائىتى ئۆزگەرگەن چاغدا، ۋەز خىزمىتىگە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك قاتناشقان. «پاۋلۇس پۈتۈن كۈچى بىلەن خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزۈش خىزمىتى بىلەن مەشغۇل بولۇشقا باشلىدى. ئۇ ئەيسانىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن يەھۇدىيلارغا گۇۋاھلىق بېرەتتى» (ئەلچى. 18:3—5؛ 2-كورىنت. 11:9). كېيىن پاۋلۇس رىمدا ئىككى يىل ئۆيدە قاماقتا بولغىنىدا، خەتلەرنى يازغان ۋە ئۇنى كۆرۈشكە كەلگەن ئادەملەرگە گۇۋاھلىق بەرگەن (ئەلچىلەر 28:16، 30، 31-نى ئوقۇڭ). ئۇ ھېچنەرسىنىڭ خىزمەتتىن مۇھىمىراق بولۇپ كېتىشىگە يول بەرمەسلىككە بەل باغلىغان. پاۋلۇس: «بۇ خىزمەتكە ئىگە بولغان ئىكەنمىز، بىز بەل قويۋەتمەيمىز»،— دەپ يازغان (2-كورىنت. 4:1). ئىشىمىز كۆپ ۋاقتىمىزنى ئالسىمۇ، پاۋلۇسقا ئوخشاش پادىشاھلىق ئىشلىرىنى ھاياتىمىزدا بىرىنچى ئورۇنغا قويالايمىز.
10، 11. سالامەتلىكىمىز ناچار بولسا، خىزمەتنى قانداق قىلىپ تولۇق ئادا قىلالايمىز؟
10 ياشىنىپ قالغانسېرى دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلار ياكى سالامەتلىكىمىزنىڭ ناچارلىشىشى سەۋەبلىك ئۆيمۇ-ئۆي ۋەز قىلالمىساق، خىزمەتنىڭ باشقا تۈرلىرىگە قاتنىشالايمىز. بىرىنچى ئەسىردىكى مەسىھىيلەر ھەممە يەردە ۋەز قىلغان. ئۇلار ئۆيمۇ-ئۆي ۋە ئادەملەر كۆپ يەرلەردە ۋەز قىلىپ، نارەسمىي گۇۋاھلىق بېرىپ، ھەقىقەت توغرىسىدا ئېيتىشنىڭ ھېچبىر پۇرسىتىنى قولدىن بەرمىگەنىدى (ئەلچى. 17:17؛ 20:20). ئەگەر سىزگە ئۇزاق يول مېڭىش قىيىن، ئادەملەر كۆپ ئۆتىدىغان يەردە ئولتۇرۇپ، ئۆتكەن-كەچكەنلەرگە ۋەز قىلسىڭىز بولىدۇ. شۇنداقلا خەت ۋە تېلېفون ئارقىلىق ياكى نارەسمىي گۇۋاھلىق بېرەلەيسىز. كۆپلىگەن ئىمكانىيىتى چەكلىك قېرىنداشلار ۋە خىزمەتنىڭ مۇشۇ تۈرلىرىگە قاتنىشىپ خۇشاللىق ۋە قانائەت تاپالايدۇ.
11 سالامەتلىكىڭىز ناچار بولسىمۇ، خىزمەتنى تولۇق ئادا قىلالايسىز. ئەلچى پاۋلۇس: «ئادەتتىكى كۈچتىن ئېشىپ چۈشىدىغان كۈچ بىزدىن ئەمەس، ئەكسىچە خۇدادىن»،— دەپ ئېيتقان (2-كورىنت. 4:7). پاۋلۇس ۋەز خىزمەت سەپىرىدە ئاغرىپ قالغاندا شۇنداق كۈچكە موھتاج بولغان. ئۇ گالاتىيالىقلارغا: «سىلەر بىلىسىلەركى، كېسەل بولۇپ قالغىنىم ئۈچۈن، سىلەرگە بىرىنچى بولۇپ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش پۇرسىتىم بولغانىدى»،— دەپ چۈشەندۈرگەنىدى (گالاتىيا. 4:13). شۇنىڭغا ئوخشاش، سالامەتلىكىڭىز ناچار بولسىمۇ، سىزدە دوختۇرلارغا ۋە تىببىي خادىملارغا گۇۋاھلىق بېرىش مۇمكىنچىلىكىڭىز بار. چۈنكى جاكارلىغۇچىلار دوختۇرخانىدا ئىشلەيدىغانلارنىڭ ئۆيىگە ۋەز قىلىپ بارغاندا، ئادەتتە كۆپىنچىسى ئىشتا بولۇپ قالىدۇ.
ئاددىي ھايات كەچۈرۈڭ
12. مەتتا 6:22-ئايەتلەردىكى سۆزلەر ئارقىلىق ئەيسا نېمە دېمەكچى بولغان؟
12 ئەيسا: «كۆز تەننىڭ چىرىغىدۇر. ئەگەر كۆزۈڭ ئېنىق كۆرسە، پۈتۈن بەدىنىڭ يورۇقلۇققا تولىدۇ»،— دەپ ئېيتقان (مەتتا 6:22). ئەيسا بۇنىڭ بىلەن نېمە دېمەكچى بولغان؟ بىز ئاددىي ھايات كەچۈرۈپ، بىر مەقسەتنى كۆزلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتقان. ئەيسا ئۆزىمۇ ھاياتىنى خىزمەتكە بېغىشلاپ، ئەڭ ياخشى ئۈلگە قالدۇرغان. شۇنداقلا شاگىرتلىرىنى يەھۋانى ۋە ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى ھاياتىدا بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشنى ئۆگەتكەن. بىزمۇ «خۇدا پادىشاھلىقى ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا» قويۇشنى خالىساق، ۋەز خىزمىتىنى ھاياتىمىزدا بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشنى مەقسەت قىلايلى.—مەتتا 6:33.
13. ۋەز خىزمەتكە كۆپرەك ۋاقىت چىقىرىش ئۈچۈن نېمە قىلساق بولىدۇ؟
13 ئادەملەرنىڭ يەھۋا خۇدا توغرۇلۇق بىلىم ئېلىشىغا ۋە ئۇنى ياخشى كۆرۈشنى ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن قەيەردىن كۆپرەك ۋاقىت تاپالايمىز؟ ھاياتىمىزنى ئاددىيلاشتۇرساق بولىدۇ c. سىز ھەپتە ئارلىقىدا ۋەز خىزمەتكە كۆپرەك ۋاقىت چىقىرىش ئۈچۈن ئىشلەش ۋاقتىڭىزنى قىسقارتالامسىز؟ ئەگەر ئويۇن-تاماشىغا كۆپ ۋاقتىڭىز كېتىۋاتسا، قانداقتۇ بىر ئۆزگەرتىشلەرنى قىلالامسىز؟
14. بىر ئەر-ئايال ۋەز خىزمەتكە كۆپرەك ۋاقىت چىقىرىش ئۈچۈن قانداق ئۆزگەرتىشلەرنى قىلغان؟
14 ئېلياس ئىسىملىك ئاقساقال ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلالمىدۇق، ئەمما، ئۆزگەرتىشلەرنى قىلىش كېرەكلىكىنى چۈشەندۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن، كۆپرەك ۋەز خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئالدىمىزغا مەقسەت قويۇپ، ئاستا-ئاستا مەقسىتىمىزگە يېتىشكە تىرىشتۇق. مەسىلەن، چىقىملارنى ۋە دەم ئېلىش بىلەن ئويۇن-تاماشىلارغا كېتىدىغان ۋاقىتنى قىسقارتتۇق. ئۇنىڭدىن باشقا، باشلىقلىرىمىزدىن ئىش ۋاقتىمىزنى ئۆزگەرتىشنى سورىدۇق. نەتىجىدە كەچقۇرۇنلىقى ۋەز قىلالايدىغان بولدۇق، كۆپ ئادەملەر بىلەن مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشنى باشلىدۇق، ھەتتا بىر ئايدا ھەپتە ئارلىقىدا ئىككى قېتىم ۋەز خىزمەت ئۇچرىشىشىغا قاتنىشالىدۇق. بىز ھەقىقىي خۇشاللىق تاپتۇق!»
ۋەز قىلىش ۋە تەلىم بېرىش ماھارىتىڭىزنى ئاشۇرۇڭ
15، 16. 1-تىموتىي 4:13، 15-ئايەتلەرگە ئاساسەن، ۋەز قىلىش ماھارىتىمىزنى قانداق ئۆستۈرەلەيمىز؟ (« ۋەز خىزمىتىنى تولۇق ئادا قىلشقا ياردەم بېرىدىغان مەقسەتلەر» ناملىق رامكىغا قاراڭ)
15 خىزمىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىشنىڭ يەنە بىر يولى — ۋەز قىلىش ماھارىتىمىزنى ئۆستۈرۈش. بەزىلەر كەسپىي ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن كۆپرەك بىلىم ئېلىش ۋە قابىلىيەتلىرىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تۈردە ئۆگىنىدۇ. پادىشاھلىق جاكارلىغۇچىلىرىمۇ شۇنداق قىلىدۇ. ۋەز خىزمىتىدە تېخىمۇ ماھىر بولۇش ئۈچۈن داۋاملىق ئۆگىنىشىمىز كېرەك.—پەند. نە 1:5؛ 1-تىموتىي 4:13، 15-نى ئوقۇڭ.
16 ۋەز قىلىش ماھارىتىمىزنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن نېمە قىلساق بولىدۇ؟ «ۋەز خىزمەت ۋە ھاياتىمىز» يىغىلىشىنىڭ رىياسەتچىسى مەسلىھەت بەرگەندە دىققەتچان بولۇڭ. بۇ يىغىلىشتا ۋەز قىلىش ماھارىتىمىزنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرىدىغان پايدىلىق نەسىھەتلەر بېرىلىدۇ. مەسىلەن، يىغىلىشىنىڭ رىياسەتچىسى تاپشۇرۇق بىلەن چىققان قېرىنداشقا مەسلىھەت بەرگەندە، ۋەز خىزمىتىمىزگە پايدىلىق دەپ قارىغان ئوي-پىكىرلەرنى يېزىۋېلىشقا بولىدۇ. كېيىن، خىزمەتكە چىققاندا، ئۇلارنى قوللانساق بولىدۇ. ۋەز قىلىش توپىنىڭ نازارەتچىسىدىن مەسلىھەت سورىيالايمىز، ئۇنىڭ بىلەن خىزمەتكە چىقساقمۇ بولىدۇ. شۇنداقلا تەجرىبىلىك ۋەز ئېتقۇچى، پىدائىي ۋەز ئېتقۇچى ياكى رايونغا مەسئۇل ئاقساقاللار بىلەن ۋەز قىلالايمىز. تەلىم بېرىش قوراللىرىنى ياخشىراق قوللىنىشنى ئۆگىنىۋالساق، ۋەز قىلىش ۋە تەلىم بېرىشتىن كۆپرەك خۇشاللىق تاپىمىز.
17. خىزمىڭىمىزنى تولۇق ئادا قىلسىڭىز، نەتىجىسى قانداق بولىدۇ؟
17 «خۇدانىڭ خىزمەتداشلىرى» بولۇش نېمە دېگەن چوڭ شان-شەرەپ! (1-كورىنت. 3:9). «نېمە بەكرەك مۇھىم ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈپ»، ۋەز خىزمەتنى ھاياتىمىزدا بىرىنچى ئورۇنغا قويساق، يەھۋاغا خۇشاللىق بىلەن خىزمەت قىلىمىز (فىلىپى. 1:10؛ زەبۇر 100:2). خۇدانىڭ خىزمەتچىسى بولغانلىقتىن، قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشتىن قەتئىينەزەر، خىزمىتىڭىزنى تولۇق ئادا قىلىش ئۈچۈن يەھۋا خۇدا سىزگە كېرەكلىك كۈچنى بېرىدىغانلىقىغا گۇمان قىلماڭ (2-كورىنت. 4:1، 7؛ 6:4). قانچە ۋاقىت خىزمەت قىلىشىڭىزغا قارىماي، پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن خىزمەت قىلسىڭىز، سىزمۇ ‹ئۆز ئىشىڭىزدىن سۆيۈنىسىز› (گالاتىيا. 6:4). ۋەز خىزمىتىڭىزنى تولۇق ئادا قىلسىڭىز، يەھۋا خۇداغا ۋە ئادەملەرگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭىزنى كۆرسىتىسىز. شۇنداق قىلسىڭىز، ئۆزىڭىزنى ۋە سىزنى تىڭشىغانلارنى قۇتقۇزالايسىز.—1-تىموت. 4:16.
141-ناخشا تىنچلىق دوستلىرىنى ئىزدەيمىز
a ئەيسا بىزنى پادىشاھلىق ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى جاكارلاشقا ۋە شاگىرتلارنى تەييارلاشقا بۇيرىغان. بۇ ماقالىدە، قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن، خىزمىتىمىزنى قانداق تولۇق ئادا قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز. شۇنداقلا، ۋەز قىلىش ماھارىتىمىزنى ئۆستۈرۈپ، كۆپرەك خۇشاللىق تېپىش ئۈچۈن نېمە قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلىۋالىمىز.
b سۆز-ئىبارە مەنىسى: بىزنىڭ خىزمىتىمىز ھەرخىل شەكىلدىكى ۋەز قىلىش ۋە تەلىم بېرىش ئىش-پائالىيەتلىرى، ئىبادەت قىلىدىغان جايلارنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرى ۋە ئۇلارنى رېمونت قىلىش، ئاسراپ ياخشى ھالەتتە تۇتۇش ھەم سۈپۈرۈپ تازىلاش يەنە تەبىئىي ئاپەتلەرگە ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىش قاتارلىق ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.—2-كورىنت. 5:18، 19؛ 8:4.
c «كۈزىتىش مۇنارى» 2016-يىل، ئىيۇل سانىنىڭ 10-بېتىدىكى «ئاددىي-ساددا ھايات كەچۈرۈش» ناملىق رامكىغا قاراڭ.
d سۈرەتلەردە: «ۋەز خىزمەت ۋە ھاياتىمىز» يىغىلىشىدا، قېرىندىشىمىز بىرىنچى قايتا يولۇقۇش تاپشۇرۇقىنى ئورۇنلاۋاتىدۇ. كېيىن، يىغىلىشنىڭ رىياسەتچىسى بەرگەن مەسلىھەتنى «تەلىم بېرىش» كىتابچىسىغا يېزىۋاتىدۇ. يىغىلىشتا ئۆگەنگەنلىرىنى ۋەز خىزمىتىدە قوللىنىۋاتىدۇ.