يەھۋانى نۇھ، دانىيال ۋە ئايۇپ بىلگەندەك ياخشى بىلەمسىز؟
«رەزىللەر ئادالەتنى چۈشەنمەس، بىراق پەرۋەردىگارنى [يەھۋانى] ئىزدەنگۈچىلەر ھەممە ئىشنى چۈشىنەر» (پەندى-نەسىھەت 28:5).
ناخشىلار: 43، 49
1—3. ئا) ئاخىرقى كۈنلەردە خۇداغا سادىق بولۇپ قېلىشقا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟ ئە) بۇ ماقالىدە نېمىنى مۇلاھىزە قىلىمىز؟
بىز ئاخىرقى كۈنلەرنىڭ ئاخىرلىشىش پەيتىگە ئاز قالغان ۋاقىتتا ياشاۋاتىمىز. زەرىل ئادەملەر بارغانسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ. ئۇلار «ئوت-چۆپتەك» كۆكلەپ جاي-جايلارنى بېسىپ كېتىۋاتىدۇ (زەبۇر 92:7). شۇڭا، كۆپ ئادەملەرنىڭ خۇدا توغرا دەپ قارىغانلارنى رەت قىلىدىغانلىقىغا ھەيران قالمايمىز. پاۋلۇس مەسىھىيلەرگە: «يامانلىققا گۆدەك بولۇڭلار، چۈشىنىش قابىلىيىتىدە بولسا، چوڭلاردەك يېتىلىڭلار»،— دەپ ئېيتقان (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 14:20). بىز بۇنى قانداق قىلالايمىز؟
2 جاۋابى بۇ ماقالىنىڭ ئاساسىي تىما قىلىنغان ئايىتىدە يېزىلغان: «رەزىللەر ئادالەتنى چۈشەنمەس، بىراق پەرۋەردىگارنى [يەھۋانى] ئىزدەنگۈچىلەر ھەممە ئىشنى چۈشىنەر» (پەندى-نەسىھەت 28:5). دېمەك، ئۇلار يەھۋانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن نېمە مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلەيدۇ. شۇنداقلا پەندى-نەسىھەت 2:6—9دا، يەھۋا توغرا ھەرىكەت قىلىدىغانلارغا دانالىقنى بېرىدىغانلىقى ئېيتىلغان. شۇ چاغدا ئۇلار «نېمىنىڭ ھەققانىي، ئادىل، توغرا ئىكەنلىكىنى، يەنە ھەربىر ئەۋزەل يولنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ».
3 نۇھ، دانىيال ھەم ئايۇپتا مۇنداق دانالىق بولغان (ھەزقىيال 14:14). خۇدانىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى خىزمەتچىلىرىدىمۇ شۇنداق دانالىق بار. سىز ھەققىدە نېمە ئېيتىشقا بولىدۇ؟ يەھۋانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان «ھەممە ئىشنى چۈشىنىش» كېرەكلىكىنى بىلەمسىز؟ ئەڭ مۇھىم ھالقا، ئۇ ھەققىدە توغرا بىلىم بولۇش كېرەك. شۇڭا، بىز بۇ ماقالىدە 1) نۇھ، دانىيال ھەم ئايۇپ خۇدانى قانداق تونۇپ-بىلگىنىنى، 2) خۇدانى بىلىش ئۇلارغا قانداقلارچە ياردەم بەرگەنلىكىنى ۋە 3) بىز ئۇلارغا ئوخشاش ئېتىقادنى قانداق يېتىلدۈرەلەيمىز، دېگەنلەر ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىمىز.
نۇھ رەزىل دۇنيادا خۇدا بىلەن يۈرگەن
4. نۇھ خۇدانى قانداق تونۇغان ۋە ئۇنى ياخشى بىلىش ئۇنىڭغا قانداق ياردەم بەرگەن؟
نۇھ مەۋجۇداتلارنى كۆزەتكەندە خۇدانىڭ خىسلەتلىرى ھەققىدە بىلەلىگەن
4 نۇھ يەھۋانى قانداق تونۇپ-بىلىۋالغان؟ ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانا پەرزەنت كۆرگەندىن باشلاپ، ئادەملەر يەھۋا توغرىسىدا ئۈچ ئۇسۇلدا بىلىم ئالماقتا: كۆزگە كۆرۈنىدىغان مەۋجۇداتلىرى، خۇدانىڭ باشقا سادىق خىزمەتچىلىرى ۋە خۇداغا بويسۇنۇشنىڭ پايدىسىنى كۆرۈش ئارقىلىق (يەشايا 48:18). بەلكىم، نۇھ مەۋجۇداتلارنى كۆزەتكىنىدە، خۇدانىڭ بارلىقىنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرىنى كۆرۈپ يېتىپ، ئۇنىڭ خىسلەتلىرى ھەققىدە بىلگەن. نەتىجىدە، ئۇ يەھۋانىڭ كۈچ-قۇدرەتلىك ۋە بىردىن-بىر يالغۇز ھەق خۇدا ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن (رىملىقلارغا 1:20). شۇنداق قىلىپ نۇھ خۇداغا بولغان مۇستەھكەم ئىمان-ئېتىقادنى يېتىلدۈرگەن.
5. خۇدانىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن نېمىنى ئىرادە قىلغانلىقىنى نۇھ قەيەردىن بىلگەن؟
5 مۇقەددەس كىتابتا ئېيتىلغاندەك، «ئېتىقاد ئاڭلاشتىن كېلىدۇ»، يەنى بۇ دېگەنلىك ئاۋۋال خەۋەرنى ئاڭلاپ ئېتىقادىمىز كۈچىيىشكە باشلايدۇ (رىملىقلارغا 10:17). ئۇنداقتا، نۇھ يەھۋا ھەققىدە قەيەردىن ئاڭلىغان؟ بەلكىم، تۇغقانلىرىدىن ئاڭلىغان بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، ئۇنىڭ ئاتىسى لامەك خۇداغا ئىشەنگەن ۋە ئادەم ئاتا تىرىك ۋاقتىدا تۇغۇلغان (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ). ئۇنىڭ بوۋىسى مەتۇشالاھ، مەتۇشالاھنىڭ بوۋىسى بولسا يارېت بولغان. يارېت نۇھ تۇغۇلغاندىن 366 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۆلۈپ كەتكەن * (ئىزاھاتقا قاراڭ) (لۇقا 3:36، 37). نۇھ بۇ كىشىلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئاياللىرىدىن ئادەملەرنى يەھۋا ياراتقانلىقىنى ۋە خۇدانىڭ نىيىتى بويىچە ئۇلار بالىلىق بولۇپ، يەرنى تولدۇرۇشى ۋە ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلگەن بولۇشى مۇمكىن. يەنە نۇھ، ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانا يەھۋاغا بويسۇنمىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ قارارى قانداق يامان ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلگەن (يارىتىلىش 1:28؛ 3:16—19، 24). نۇھ ئۆگىنىپ بىلگەنلىرىنى بەكمۇ ياخشى كۆرگەن ۋە شۇلار ئۇنى يەھۋاغا خىزمەت قىلىشقا ئۈندىگەن (يارىتىلىش 6:9).
6، 7. نۇھنىڭ ئۈمىدى ئۇنىڭ ئېتىقادىنى قانداق مۇستەھكەملىگەن؟
6 ئۈمىد ئىمان-ئېتىقادنى مۇستەھكەملەيدۇ. نۇھ ئۆزىنىڭ «ئارام» ياكى «تەسەللىي» يارىتىلىش 5:29). خۇدا لامەكنى ئۇنىڭ ئوغلى نۇھ توغرىسىدا: «يەھۋا لەنەت قىلغان يەرگە جاپالىق ھەم ئازاپلىق ئەمگەكلىرىمىزدە ئۇ بىزگە تەسەللى بېرىدۇ»،— دەپ ئېيتىشقا روھلاندۇرغانىدى. شۇڭا، خۇدانىڭ يەردىكى ئەھۋالنى ئۆزگەرتىپ ياخشىلىشىغا ئۈمىد باغلىغانىدى. ھابىل ۋە ھانۇخقا ئوخشاش، نۇھ بىر «نەسىلنىڭ» يىلاننىڭ بېشىنى يانچىيدىغانلىقىغا ئىشەنگەن (يارىتىلىش 3:15).
دېگەن مەنىدىكى ئىسمى ئۈمىد بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلگەندە، ئېتىقادى مۇستەھكەملەنگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ (7 نۇھ يارىتىلىش 3:15-ئايەتتىكى بېشارەتنى پۈتۈنلەي چۈشەنمىگەن بولسىمۇ، بۇ بېشارەتنىڭ كېلەچەك ئۈچۈن ئۈمىد بېرىدىغانلىقىنى بىلگەن. ھانۇخمۇ يەھۋانىڭ رەزىللەرنى يوق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئوخشاش خەۋەرنى يەتكۈزگەن (يەھۇدا 14، 15). ھانۇخنىڭ ئارماگېدوندا پۈتۈنلەي ئەمەلگە ئاشىدىغان خەۋىرى نۇھنىڭ ئېتىقادى ۋە ئۈمىدىنى مۇستەھكەملىگەنلىكى شەك-شۇبھىسىزدۇر!
ئېتىقاد ۋە دانالىق بىزنى شەيتاننىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىدىن ۋە مۇشۇ دۇنيانىڭ تەسىرىدىن قوغدايدۇ
8. خۇدانى ياخشى بىلگىنى نۇھنى قانداق ھىمايە قىلدى؟
8 نۇھقا خۇدا ھەققىدىكى توغرا بىلىم قانداق ياردەم بەرگەن؟ نۇھ يەھۋا ھەققىدە بىلىم ئالغانلىقتىن، ئۇ ئېتىقاد ۋە دانالىقنى يېتىلدۈرگەنىدى. بۇ ئۇنىڭغا ھىمايە بولۇپ، ئۇنى يەھۋانى رەنجىتىشتىن ساقلىغان. قانداقلارچە؟ نۇھ خۇدانىڭ دوستى بولۇشنى خالىغان، شۇنىڭ ئۈچۈن يەھۋاغا ئىشەنمىگەن ۋە ئۇنى ھۆرمەتلىمىگەن ئادەملەر بىلەن دوست بولمىغان. ئۇ ئۇلارغا ئوخشىمىغان، يەنى ئۇ يەرگە چۈشكەن جىنلارنىڭ ئۆزىنى ئازدۇرۇشىغا يول بەرمىگەنىدى. ئادەملەر كۈچلۈك جىنلارنىڭ كۈچى تەرىپىدىن جەلىپ قىلىنىپ ئازدۇرۇلغان ۋە ھەتتا ئۇلارغا سەجدە قىلىشقا باشلىغانىدى (يارىتىلىش 6:1—4، 9). نۇھ، يەھۋانىڭ ئىنسانلارنىڭ بالىلىق بولۇپ، يەرنى تولدۇرۇشىنى ئىرادە قىلغانلىقىنى بىلگەنىدى (يارىتىلىش 1:27، 28). شۇڭا، جىنلار ئاياللارنى ئېلىپ، بالىلارنىڭ تۇغۇلغانلىقىنى كۆرگەندە، نۇھ بۇنىڭ ناتوغرا ئىكەنلىكىنى بىلەنگەن. شۇ بالىلار ئۆسۈپ، باشقا بالىلارغا قارىغاندا بەكمۇ يوغان ۋە كۈچلۈك بولۇپ، بۇ تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈنۈشكە باشلىدى. ئاخىرىدا يەھۋا نۇھقا رەزىل ئادەملەرنى يوق قىلىش ئۈچۈن، توپان سۈيىنى ئەۋەتمەكچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. نۇھ يەھۋانىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا ئىشەنگەنلىكتىن، كېمە ياساپ ئائىلىسى بىلەن ئامان قالغانىدى (ئىبرانىيلارغا 11:7).
9، 10. قانداق قىلىپ نۇھقا ئوخشاش ئىمان-ئېتىقادنى يېتىلدۈرەلەيمىز؟
9 قانداق قىلىپ نۇھقا ئوخشاش ئېتىقادنى يېتىلدۈرەلەيمىز؟ خۇدا سۆزىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىش — ئۆگىنىپ بىلگەنلەرنى ياخشى كۆرۈش ۋە ئۇنى ھاياتىمىزنى ئۆزگەرتىش ۋە توغرا قارارلارنى چىقىرىشتا پايدىلىنىش بەكمۇ مۇھىم (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 1:13—15). شۇڭا، ئېتىقاد ۋە دانالىق بىزنى شەيتاننىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىدىن ۋە مۇشۇ دۇنيانىڭ تەسىرىدىن قوغدايدۇ (كورىنتلىقلارغا 2-خەت 2:11). بۇ دۇنيادىكى كۆپلىگەن ئادەملەر زوراۋانلىق ۋە ئەخلاقسىزلىقنى ياخشى كۆرۈپ، يامان ھەۋەسلەرنىڭ كەينىگە كىرىدۇ (يوھاننانىڭ 1-خېتى 2:15، 16). ئۇلار مۇشۇ رەزىل دۇنيانىڭ ئاخىرى يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرىغا كۆز يۇمىدۇ. ئەگەر ئېتىقادىمىز مۇستەھكەم بولمىسا، بىزمۇ ئۇلارغا ئوخشاش ئويلىشىمىز مۇمكىن. ئەيسا بىزنىڭ كۈنلىرىمىزنى نۇھنىڭ كۈنلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ سۆزلىگەندە، زوراۋانلىق ياكى ئەخلاقسىزلىق ھەققىدە ئەمەس، بەلكى روھىي ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇشقا پەرۋاسىزلىق قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان (مەتتا 24:36—39نى ئوقۇڭ).
10 ئۆزىڭىزدىن سوراڭ: «مەن يەھۋانى ياخشى بىلىمەنمۇ؟ ئېتىقادىم يەھۋانىڭ كۆز ئالدىدا توغرا ئىشلارنى قىلىشقا ۋە باشقىلارنىمۇ شۇنىڭغا ئۆگۈتۈشكە دەۋەت قىلامدۇ؟» سىزنىڭ جاۋابلىرىڭىز نۇھقا ئوخشاش خۇدا بىلەن يۈرگەن-يۈرمىگەنلىكىڭىزنى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدۇ.
دانىيال بۇتلارغا تولغان بابىلوندا خۇدانىڭ دانالىقىنى نامايان قىلغان
11. ئا) ياش دانىيالنىڭ خۇداغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىدىن ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ھەققىدە نېمە بىلىۋالدۇق؟ ئە) سىز دانىيالنىڭ قايسى خىسلىتىنى ئۈلگە قىلىشنى خالايسىز؟
11 دانىيال يەھۋانى قانداق تونۇپ-بىلىۋالغان؟ ئاتا-ئانىسى دانىيالنى يەھۋا بىلەن ئۇنىڭ سۆزىنى ياخشى كۆرۈشنى ئۆگەتكەن بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، ئۇ ئۆمۈر بويى شۇنداق قىلغان. ھەتتا، يېشى چوڭىيىپ قېرىلىق يەتكەندە ھەم ئۇ يازمىلارنى پۇختا تەتقىق قىلغان (دانىيال 9:1، 2). دانىيال يەھۋانى ناھايىتى ياخشى بىلگەنىدى. شۇنداقلا، ئۇ يەھۋانىڭ ئىسرائىللىقلار ئۈچۈن قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلگەن. بۇنى دانىيال 9:3—19-ئايەتلەردە، دانىيالنىڭ كەمتەرلىك بىلەن ۋە چىن يۈرەكتىن ئېيتقان دۇئاسىدىن كۆرىمىز. مۇشۇ دۇئانى ئوقۇپ، چوڭقۇر ئويلىنىڭ. ئۇ سىزنى دانىيال توغرىسىدا نېمىگە ئۆگىتىدۇ؟
12—14. ئا) دانىيال دانالىقنى قانداق كۆرسەتتى؟ ئە) يەھۋا دانىيالنىڭ باتۇرلۇق ۋە ساداقەتمەنلىكىنى قانداق بەرىكەتلىگەن؟
12 دانىيالغا خۇدا ھەققىدىكى توغرا بىلىم قانداق ياردەم بەرگەن؟ سادىق يەھۇدىيلارغا بۇتلارغا تولغان بابىلوندا خۇداغا خىزمەت قىلىش ئاسان بولمىغان. مەسىلەن، يەھۋا يەھۇدىيلارغا: «مەن سىلەرنى سۈرگۈنگە ئەۋەتكەن [شەھەرنىڭ] تىنچ-ئاۋاتلىقىنى ئىزدەڭلار»،— دەپ ئېيتقان (يەرەمىيا 29:7). شۇنداق بولسىمۇ، پۈتۈن قەلبى بىلەن پەقەت ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىشنى بۇيرىغان (چىقىش 34:14). دانىيال بۇ ئىككى بۇيرۇقنى قانداق قىلىپ تەڭ ئورۇندىيالايتتى؟ دانالىق ئۇنىڭغا ئەڭ ئاۋۋال يەھۋاغا، كېيىن ئىنسانىي ھۆكۈمرانلارغا بويسۇنۇش كېرەكلىكىنى چۈشىنىشكە ياردەم بەرگەنىدى. نەچچە يۈز يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئەيسامۇ شۇنداق ئوخشاش قائىدە-پرىنسىپنى ئۆگەتكەن (لۇقا 20:25).
13 ئوتتۇز كۈن جەريانىدا پادىشاھتىن باشقا ھەرقانداق ئىلاھ ياكى كىشىگە سەجدە قىلىش مەنئىي قىلىنغانلىقىنى بىلگەندە، دانىيالنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ (دانىيال 6:7—10نى ئوقۇڭ). ئۇ باھانە ئىزدەپ، «بۇ بارى-يوقى 30 كۈن ئىكەنغۇ!» دەپ ئېيتىسا بولاتتى. ئەمما، دانىيال ئىنسانلارنىڭ قانۇنىنىڭ خۇداغا ئىبادەت قىلىشتىن مۇھىم بولۇشىغا يول قويمىغان. دانىيال يەھۋاغا دۇئانى يوشۇرۇن يەردە قىلسا بولاتتى. لېكىن، ئۇ ھەر كۈنى دۇئا قىلغاندا كۆپ ئادەملەرنىڭ كۆرۈدىغانلىقىنى بىلگەن. شۇڭا، بۇ خەتەرلىك بولسىمۇ، دانىيال ئادەملەر كۆرگەن يەردە دۇئا قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان، چۈنكى ئادەملەرنىڭ ئۇنىڭ خۇداغا ئىبادەت قىلىشنى توختاتتى، دەپ ئويلىشىنى خالىمغانىدى.
14 يەھۋا دانىيالغا باتۇرلۇق ھەم ساداقەتمەنلىك بىلەن چىقارغان قارارى ئۈچۈن ئۇنى بەرىكەتلىگەن. ئۇ مۆجىزە كۆرسىتىپ، دانىيالنى شىرلارنىڭ يەپ كېتىشىدىن قوغداپ قالغان. نەتىجىدە، ئادەملەر مىدىيا بىلەن پارس ئىمپېرىيىسىنىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغىچە يەھۋا ھەققىدە بىلگەن (دانىيال 6:25—27).
15. قانداق قىلىپ دانىيالغا ئوخشاش ئېتىقادنى يېتىلدۈرەلەيمىز؟
مەتتا 13:23). بىز يەھۋانىڭ قانداقتۇ بىر مەسىلىگە بولغان ئوي-پىكىرلىرى ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىنى بىلىشنى خالىغانلىقتىن، ئوقۇغانلىرىمىز ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىشىمىز كېرەك. شۇنداقلا پات-پات، بولۇپمۇ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە، دۇئا قىلىشىمىز بەك مۇھىم. يەھۋا بىز سورىغان دانالىق ۋە كۈچنى سېخىيلىق بىلەن بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنەلەيمىز (ياقۇپ 1:5).
15 قانداق قىلىپ دانىيالغا ئوخشاش ئېتىقادنى يېتىلدۈرەلەيمىز؟ مۇستەھكەم ئېتىقادنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇپلا قويماي، ئۇنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشىمىز كېرەك (ئايۇپ ياخشى ۋە يامان كۈنلىرىدە خۇدانىڭ پرىنسىپلىرىغا ماس ياشىغان
16، 17. ئايۇپ يەھۋانى قانداق تونۇپ-بىلىۋالغان؟
16 ئايۇپ يەھۋانى قانداق تونۇپ-بىلىۋالغان؟ ئايۇپ ئۇ بىر ئىسرائىل ئەمەس ئىدى. بىراق ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپ ئۇنىڭ يىراق تۇغقانلىرى بولغان. يەھۋا ئۇلارغا ئۆزى ۋە ئىنسانىيەت ئۈچۈن قىلغان ئىرادىسى ئايۇپ 23:12). ئۇ يەھۋاغا: «قۇلىقىم ئارقىلىق خەۋىرىڭنى ئاڭلىغانمەن»،— دەپ ئېيتقان (ئايۇپ 42:5). يەھۋانىڭ ئۆزى ئېيتقاندەك، ئايۇپ باشقىلارغا ئۇ ھەققىدە ھەقىقەتنى ئېيتقان (ئايۇپ 42:7، 8).
ھەققىدە تەلىم بەرگەن. بىز ئۇنىڭ قانداق بىلگەنلىكىنى ئېنىق بىلمەيمىز، بىراق ئايۇپمۇ شۇ قىممەت-باھا ھەقىقەتلەرنى ئۆگەنگەن (17 ئايۇپ يارىتىلغان مەۋجۇداتلارغا قاراپ يەھۋانىڭ خىسلەتلىرىنى بىلىۋالغان (ئايۇپ 12:7—9، 13). يەھۋا خۇدا ۋە ئېلىخۇ يارىتلغان مەۋجۇداتلارنى تىلغان ئېلىپ ئايۇپنى ئاگاھلاندۇرۇپ، خۇدا بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئىنسانلارنىڭ قانچىلىك تۆۋەن تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن (ئايۇپ 37:14؛ 38:1—4). يەھۋانىڭ سۆزلىرى ئايۇپقا تەسىر قىلغاچ، ئۇ كەمتەرلىك بىلەن خۇداغا تۆۋەندىكى سۆزلەرنى ئېيتقانىدى: «سەن ھەممە ئىشنى قىلالايسەن! سېنىڭ ھەرقانداق مۇددىئارىڭنى توساۋالغىلى بولمايدۇ، دەپ بىلىپ قويدۇم!» ئۇ يەنە: «مەن توپا-چاڭلار ۋە كۈللەر ئارىسىدا توۋۋا قىلدىم»،— دېگەنىدى (ئايۇپ 42:2، 6).
18، 19. ئايۇپ يەھۋانى ياخشى بىلگەنلىكىنى قانداق كۆرسەتتى؟
18 ئايۇپقا خۇدا ھەققىدىكى توغرا بىلىم قانداق ياردەم بەرگەن؟ ئايۇپ خۇدانىڭ قائىدە-پرىنسىپلىرىنى ياخشى چۈشەنگەن. يەھۋانى ياخشى بىلگەنلىكى ئۇنى توغرا ھەرىكەت قىلىشقا دەۋەت قىلغان. مەسىلەن، ئۇ ئادەملەرگە مېھرىبانلىق كۆرسەتمىسە، خۇدانى ياخشى كۆرىمەن، دەپ ئېيتالمايدىغانلىقىنى چۈشەنگەنىدى (ئايۇپ 6:14). ئايۇپ ئۆزىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن ھېسابلىمىغان، ئەكسىچە، بايلارغىمۇ، كەمبەغەللەرگىمۇ قېرىنداشلارچە مۇئامىلە قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مېنى بالىياتقۇدا پەيدا قىلغۇچى ئۇنىمۇ پەيدا قىلغان ئەمەسمۇ؟» (ئايۇپ 31:13—22). ھەتتا، باي ۋە كۈچلۈك بولغاندىمۇ، ئايۇپ مەغرۇرلىنىپ، باشقىلارنى ئۆزىدىن تۆۋەن ھېسابلىمىغان. ئايۇپ بۈگۈنكى كۈندە باي ۋە ئابرويلۇق دەپ سانالغانلاردىن قانداق چوڭ پەرق قىلىدۇ، ھە!
19 ئايۇپ ھېچنەرسىنىڭ، يەنى مال دۇنيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق نەرسىنىڭ يەھۋادىن مۇھىمىراق بولۇشىنى خالىمىغان. ئۇنىڭ ئۆزى مۇنداق دېگەن: «شۇنداق قىلغان بولسام، مەن ھەممىدىن ئۈستۈنگە ۋاپاسىزلىق قىلاتتىم» (ئايۇپ 31:24—28نى ئوقۇڭ). يەنە ئۇ نىكاھنى ئەر-ئايال ئارىسىدىكى مۇقەددەس قەسەم دەپ ھېسابلىغان. ھەتتا، باشقا ئاياللارغا ھەۋەس قىلىپ نەزەر سالماسلىق ئۈچۈن كۆزى بىلەن كېلىشىم تۈزگەن (ئايۇپ 31:1). بۇ ھەقىقەتەن دىققەتكە سازاۋەر، چۈنكى ئايۇپنىڭ زامانىدا يەھۋا خۇدا كۆپ ئايال ئېلىشقا يول قوياتتى. دېمەك، ئايۇپ خالىسا، ئىككىنچى ئايالنى ئالالايتتى. ئەمما، ئايۇپ يەھۋا خۇدا ئاساس سالغان بىرىنچى نىكاھ بىر ئەر بىلەن بىر ئايال ئوتتۇرىسىدا بولغانلىقىنى بىلگەن. شۇ سەۋەبتىن ئۇمۇ بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشقا ماس ياشاشنى قارار قىلغان * (ئىزاھاتقا قاراڭ) (يارىتىلىش 2:18، 24). تەخمىنەن 1600 يىلدىن كېيىن ئەيسامۇ دەل مۇشۇ قائىدە-پرىنسىپنى، يەنى جىنسىي مۇناسىۋەت ۋە نىكاھنىڭ پەقەت بىر ئەر بىلەن بىر ئايالنىڭ ئارىسىدا بولۇشى كېرەكلىكىنى ئۆگەتكەنىدى (مەتتا 5:28؛ 19:4، 5).
20. يەھۋانى ۋە ئۇنىڭ تەلەپلىرىنى بىلگىنىمىز دوستلارنى ۋە كۆڭۈل ئېچىش تۈرىنى توغرا تاللاشقا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
20 قانداق قىلىپ ئايۇپقا ئوخشاش ئېتىقادنى يېتىلدۈرەلەيمىز؟ ئۇسۇل يەنىلا زەبۇر 11:5؛ 26:4نى ئوقۇڭ). ئەمدى ئۆزىڭىزدىن: «مۇشۇ ئىككى ئايەتتىن يەھۋانىڭ كۆزقارىشى ھەققىدە نېمىنى بىلىۋالدىم؟ بۇ ھاياتىمدا نېمە ئەڭ مۇھىم بولۇشىغا، توردىن نېمە كۆرۈشىمگە، كىملەر بىلەن دوست بولۇشىمغا ۋە ئويۇن-تاماشىلارنى تاللىشىمغا قانداق تەسىر قىلىشى كېرەك؟» — دەپ سوراپ كۆرۈڭ. مۇشۇ سوئاللارغا بەرگەن جاۋابىڭىز يەھۋانى قانچىلىك ياخشى بىلىدىغانلىقىڭىزنى ئېنىقلاشقا ياردەم بېرىدۇ. بۇ رەزىل دۇنيانىڭ بىزگە تەسىر قىلىشىنى خالىمايمىز. شۇ سەۋەبتىن، «ئېڭىمىزنى» چېنىقتۇرۇشىمىز، يەنى ياخشى بىلەن ياماننىڭ، دانالىق بىلەن ئەقىلسىزلىقنىڭ پەرقىنى بىلىشكە ئۆگىتىشىمىز كېرەك (ئىبرانىيلارغا 5:14؛ ئەفەسلىكلەرگە 5:15).
ئوخشاش، يەھۋانى ياخشى تونۇپ-بىلىشىمىز ۋە بۇ بىلىمنىڭ ئىش-ھەرىكىتىمىزگە تەسىر قىلىشىغا يول قويۇشىمىز كېرەك. مەسىلەن، مۇقەددەس كىتابتا يەھۋانىڭ «زوراۋانلىققا خۇشتارلارغا... ۋۇجۇدىدىن نەپرەتلىنىدىغانلىغى» ۋە يالغانچىلار بىلەن ئارىلاشماسلىقىمىز كېرەكلىكى يېزىلغان (21. يەھۋانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان «ھەممە ئىشنى چۈشىنىشكە» نېمە بىزگە ياردەم بېرىدۇ؟
21 نۇھ، دانىيال ۋە ئايۇپ يەھۋانى ياخشى تونۇپ-بىلىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننىڭ ھەممىسىنى قىلغانلىقتىن، يەھۋا ئۇلارنىڭ ئۇنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان «ھەممە ئىشنى چۈشىنىشكە» ياردەم بەرگەنىدى. ئۇلارنىڭ مىساللىرى يەھۋانىڭ ئىرادىسى بويىچە ياشاشنىڭ ھەقىقىي مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ (زەبۇر 1:1—3). شۇڭا ئۆزىڭىزدىن: «مەن يەھۋانى نۇھ، دانىيال ۋە ئايۇپلاردەك ياخشى تونۇيمەنمۇ؟»— دەپ سوراپ كۆرۈڭ. بۈگۈنكى كۈندە، بىز يەھۋانى بۇ سادىق كىشىلەردىن ياخشىراق بىلەلەيمىز. چۈنكى ئۇ بىزگە ئۆزى ھەققىدە كۆپرەك مەلۇمات بەرمەكتە (پەندى-نەسىھەت 4:18). ئۇنداقتا مۇقەددەس كىتابنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىڭ. ئوقۇغانلىرىڭىز ھەققىدە چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلىڭ. دۇئا قىلىپ، مۇقەددەس روھنى سوراڭ. شۇ چاغدا بۇ رەزىل دۇنيا سىزگە تەسىر قىلالمايدۇ. ئەكسىچە، خۇدانىڭ دانالىقى بويىچە ھەرىكەت قىلىدىغان بولۇپ، ئەرشتىكى ئاتىڭىزغا تېخىمۇ يېقىنلىشالايسىز (پەندى-نەسىھەت 2:4—7).
^ 5-ئابزاس نۇھنىڭ بوۋىسىنىڭ ئاتىسى ھانۇخمۇ «ھەقىقىي خۇدا بىلەن يۈردى». لېكىن ئۇ نۇھنىڭ تۇغۇلۇشىدىن 69 يىل بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتتى (يارىتىلىش 5:23، 24).
^ 19-ئابزاس نۇھمۇ شۇنداق قىلغان. ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانا، خۇداغا ئىتائەتسىزلىك قىلغاندىن كېيىن كۆپ ئۆتمەي، ئادەملەر كۆپ ئايال ئېلىشقا باشلىغان بولسىمۇ، نۇھنىڭ بىرلا ئايالى بولغان (يارىتىلىش 4:19).