ھەقىقەت «تىنچلىق ئەمەس، بەلكى قىلىچ» ئېلىپ كېلىدۇ
«مېنى يەرگە تىنچلىق ئەكەلگىلى كەلدى دەپ ئويلىماڭلار. مەن تىنچلىق ئەمەس، بەلكى قىلىچ ئەكەلگىلى كەلدىم» (مەتتا 10:34).
ناخشىلار: 43، 24
1، 2. ئا) بۈگۈنكى كۈندە بىز قانداق قىلىپ تىنچلىققا ئېرىشەلەيمىز؟ ئە) نېمىشقا ھازىر پۈتكۈل يەر يۈزىدە تىنچلىق ئورنىتىلىشى مۇمكىن ئەمەس؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ).
ھەرقايسىمىز تىنچ-ئامان ۋە غەم-قايغۇسىز ھايات كەچۈرۈشنى خالايمىز. شۇ سەۋەبتىن، «تەڭرىنىڭ تېچلىقىغا» ئېرىشكەنلىكىمىز ئۈچۈن يەھۋاغا بەك مىننەتدارمىز. بۇ تىنچلىق بىزگە سەۋرلىك بولۇپ، تەشۋىشكە سالىدىغان ئوي-خىياللار ۋە ھېس-تۇيغۇلارغا پېتىپ قېلىشتىن ساقلايدۇ (فىلىپپىلىقلارغا 4:6، 7). ھاياتىمىزنى يەھۋاغا بېغىشلىغانلىقتىن، بىز «خۇدا بىلەن ئىناقلىقتا»، يەنى ئۇنىڭ بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتكە ئىگە (رىملىقلارغا 5:1).
2 ئەمما، خۇدانىڭ پۈتكۈل يەر يۈزىدە تىنچلىق ئورنىتىدىغان ۋاقتى تېخى كەلمىدى. بىز ئاخىرقى كۈنلەردە ياشاۋاتىمىز، شۇڭا بىزنى ۋەھىمىگە سالىدىغان قىيىنچىلىقلار چاچتىن تولا. ئەتراپىمىز رەزىل ئادەملەر بىلەن تولماقتا (تىموتىيغا 2-خەت 3:1—4). شۇڭا، بىز شەيتان ۋە ئۇ تارقىتىدىغان ساختا تەلىماتلار بىلەن كۈرەش قىلىمىز (كورىنتلىقلارغا 2-خەت 10:4، 5). لېكىن، يەھۋاغا خىزمەت قىلمايدىغان تۇغقانلىرىمىزنىڭ بېسىمى بۇنىڭدىنمۇ قىيىن بولۇشى مۇمكىن. ئېھتىمال، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئېتىقادىمىزنى زاڭلىق قىلىدىغاندۇ ياكى ئائىلىمىزدىكى كېلىشمەسلىكلەردە بىزنى ئەيىبلەيدىغاندۇ. ھەتتا، يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى توختاتمىساق، ئائىلە ئەزاسى بولالمايدىغانلىقىمىزنى ئېيتىشىمۇ مۇمكىن. ئۇنداقتا، ئۆي ئىچىدىكىلەرنىڭ قارشىلىقىغا قانداق كۆزقاراشتا بولۇشىمىز كېرەك؟ مۇنداق ۋەزىيەتتە قانداقلارچە تىنچلىقنى ساقلاپ قېلىشقا بولىدۇ؟
ئائىلىمىزنىڭ قارشىلىقىغا بولغان كۆزقاراش
3، 4. ئا) ئەيسانىڭ تەلىملىرىنىڭ تەسىرى قانداق بولۇشى مۇمكىن؟ ئە) ئەيسانىڭ ئىزى بىلەن مېڭىش بولۇپمۇ قاچان قىيىن بولىدۇ؟
3 ئەيسا ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ تەلىملىرىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلگەن. شۇنداقلا بەزى ئادەملەر ئۇلارغا قارشى چىققانلىقتىن، شاگىرتلىرىنىڭ جەسۇر بولۇش كېرەكلىگىنى چۈشەنگەنىدى. بۇ قارشىلىقلار ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكى تىنچلىققا ھەم يامان تەسىر قىلىشى مۇمكىن ئىدى. ئەيسا ئۇلارغا: «مېنى يەرگە تىنچلىق ئەكەلگىلى كەلدى دەپ ئويلىماڭلار. مەن تىنچلىق ئەمەس، بەلكى قىلىچ ئەكەلگىلى كەلدىم. چۈنكى مەن ئوغلىنى ئاتىسىدىن، قىزىنى ئانىسىدىن ھەم كېلىننى قېيىنانىسىدىن ئايرىۋېتىشكە كەلدىم. ئادەمنىڭ ئۆيىدىكىلىرى ئۇنىڭ دۈشمەنلىرى بولىدۇ»،— دېدى (مەتتا 10:34—36).
4 «مېنى يەرگە تىنچلىق ئەكەلگىلى كەلدى دەپ ئويلىماڭلار» دېگەن سۆزلىرى بىلەن ئەيسا نېمە ئېيتماقچى بولغان؟ ئۇ ئۆزىنىڭ شاگىرتى بولۇشنى قارار قىلغان ئادەملەرنىڭ ئۆزى ئاقىۋېتىنى بىلىشىنى خالىغان. ئەلۋەتتە، ئەيسانىڭ مەقسىتى ئائىلىلەرنى پارچىلاش ئەمەس، ئادەملەرگە خۇدا ھەققىدە تەلىم بېرىش ئىدى (يوھاننا 18:37). بىراق، شاگىرتلىرى ئەيسانىڭ ئىزى بىلەن مېڭىشنىڭ ئاسان بولمايدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ يېقىن دوستلىرى بىلەن ئۆي ئىچىدىكىلىرى ھەقىقەتنى قوبۇل قىلمىسا، قىيىن بولىدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك ئىدى.
5. ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بېشىدىن نېمىنى ئۆتكۈزگەن؟
5 ئەيسا شاگىرتلىرىغا ئۆي ئىچىدىكىلىرىنىڭ قارشىلىقى ئۇلار دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقلارنىڭ بىرى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان (مەتتا 10:38). ئەيسانىڭ ماقۇللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، شاگىرتلىرى ئائىلىسى زاڭلىق قىلسىمۇ، ئۇلاردىن ۋاز كەچسىمۇ، بەرداشلىق بېرىشى كېرەك. ئەمما، ئۇلارنىڭ يوقاتقىنىغا قارىغاندا ئېرىشىدىغىنى تېخىمۇ كۆپ بولغان (ماركۇس 10:29، 30نى ئوقۇڭ).
6. تۇغقانلىرىمىز قارشىلىق قىلسا، نېمىنى ئەستە ساقلىشىمىز كېرەك؟
6 تۇغقانلىرىمىز يەھۋاغا ئىبادەت قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن بىزدىن ۋاز كەچسىمۇ، ئۇلارنى يەنىلا ياخشى كۆرىمىز. بىراق، خۇدا بىلەن مەسىھكە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىز ھەرقانداق ئادەمگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىزدىن كۈچلۈكرەك بولۇشى كېرەكلىكىنى ئۇنتۇمايلى (مەتتا 10:37). بۇنىڭدىن تاشقىرى، شەيتان يەھۋاغا بولغان سادىقلىقىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۈچۈن ئائىلىمىزگە بولغان مۇھەببىتىمىزدىن پايدىلىنىپ كېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئەستە ساقلايلى. كېلىڭلار، بەزى قىيىن ۋەزىيەتلەرنى ۋە ئۇلارغا قانداق تاقابىل تۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى قاراپ چىقايلى.
ھەمرايىڭىز يەھۋاغا خىزمەت قىلمىسا
7. ئەگەر ھەمرايىڭىز يەھۋاغا خىزمەت قىلمىسا، قانداق كۆزقاراشتا بولۇشىڭىز كېرەك؟
7 مۇقەددەس كىتابتا تۇرمۇش قۇرغانلارنىڭ «يېڭى قىيىنچىلىقلىرى» پەيدا بولىدىغانلىقى يېزىلغان (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 7:28). ئەگەر ھەمرايىڭىز يەھۋاغا خىزمەت قىلمايدىغان بولسا، قوشۇمچە قىيىنچىلىقلار پەيدا بولۇشى مۇمكىن. شۇنداق بولسىمۇ، ئۆز ئەھۋالىڭىزغا يەھۋا خۇدانىڭ كۆزقارىشى بىلەن قارىغانلىقىڭىز توغرا. ئۆمۈرلۈك جۈپتىڭىزنىڭ ھەقىقەت يولىدا مېڭىشنى خالىمىغانلىقى ئايرىم ياشاش ياكى ئاجرىشىشنىڭ ئاساسىي سەۋەبى بولالمايدۇ (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 7:12—16). يەھۋاغا خىزمەت قىلمايدىغان ئېرىڭىز ھەقىقىي ئىبادەت قىلىشتا رەھبەرلىكنى قولىغا ئالمىسىمۇ، سىز ئۇنى ئائىلە بېشى سۈپىتىدە ھۆرمەتلىشىڭىز كېرەك. ئەگەر ئايالىڭىز يەھۋاغا ئىشەنمەيدىغان بولسا، يەنىلا ئۇۇنى سۆيۈپ، ئۇنىڭغا غەمخورلۇق قىلىشىڭىز لازىم (ئەفەسلىكلەرگە 5:22، 23، 28، 29).
8. ھەمرايىڭىز ئىبادىتىڭىزنى چەكلەشكە تىرىشسا، قانداق سوئاللار ھەققىدە ئويلانسىڭىز بولىدۇ؟
8 ئەگەر ئۆمۈرلۈك جۈپتىڭىز ئىبادىتىڭىزنى چەكلەشكە تىرىشسىچۇ؟ مەسىلەن، بىر قېرىندىشىمىزنىڭ ئېرى ئۇنىڭغا ھەپتىنىڭ بەلگۈلۈك كۈنلىرىدىلا ۋەز قىلىشقا رۇخسەت بەرگەن. سىزنىڭمۇ ۋەزىيىتىڭىز ئوخشاش بولسا، ئۆزىڭىزدىن: «جۈپتىم يەھۋاغا تامامەن خىزمەت قىلمايسەن دەۋاتامدۇ؟ ئەگەر ئۇنداق دېمىگەن ئەھۋالدا، ئۇنىڭ ئىلتىماسىنى ئورۇندىيالايمەنمۇ؟»— دەپ سوراپ كۆرۈڭ. ئەقىل-پاراسەتلىك بولسىڭىز، نىكاھتىكى كېلىشمەسلىكلىرىڭىز ئازىراق بولىدۇ (فىلىپپىلىقلارغا 4:5).
9. مەسىھىيلەر بالىلىرىغا يەھۋاغا ئىشەنمەيدىغان دادىسىنى ياكى ئاپىسىنى ھۆرمەتلەشنى قانداق ئۆگىتەلەيدۇ؟
9 ئۆز جورىڭىز يەھۋاغا ئىشەنمىسە، بالىلارنى تەربىيىلەش قىيىن بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، سىز بالىلىرىڭىزنى مۇقەددەس كىتابتىكى «ئاتا-ئاناڭلارنى تىڭشاڭلار» دېگەن سۆزلەرگە قۇلاق سېلىشقا ئۆگىتىشىڭىز كېرەك (ئەفەسلىكلەرگە 6:1—3). ئەمما، ھەمرايىڭىزنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى مۇقەددەس كىتابقا زىت بولسىچۇ؟ مۇنداق ۋەزىيەتتە ئۇنى ھۆرمەتلەش ئارقىلىق بالىلىرىڭىزغا ئۈلگە كۆرسىتىڭ. ئۇنىڭ ياخشى خىسلەتلىرى ھەققىدە ئويلىنىپ، ئۇ قىلغان ھەممە ياخشى ئىشلىرى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىڭىزنى بىلدۈرۈڭ. بالىلارنىڭ ئالدىدا جۈپتىڭىزدىن يامانلىماڭ. ئەكسىچە، يەھۋاغا خىزمەت قىلىش-قىلماسلىقنى ھەربىر ئادەم ئۆزى قارار قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈڭ. ئەگەر بالىلىرىڭىزنى ئىشەنمەيدىغان دادىسىنى ياكى ئاپىسىنى ھۆرمەتلەشكە ئۆگەتسىڭىز، ئۇلارنىڭ ئەدەب-ئەخلاقلىق يۈرۈش-تۇرۇشىنى كۆرگەن جورىڭىز يەھۋا توغرىسىدا كۆپرەك بىلگۈسى كېلىشى مۇمكىن.
10. يەھۋانى ياخشى كۆرۈشنى مەسىھىي ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا قانداق ئۆگىتەلەيدۇ؟
10 ئىشەنمەيدىغان بەزى ئاتىلار ياكى ئانىلار بالىلىرىنىڭ يالغان دىن بىلەن باغلىنىشلىق بايراملارغا قاتنىشىشىنى ياكى ساختا دىنىي تەلىماتلارنى ئۆگىنىشىنى خالايدىغاندۇ. بەزى ئەرلەر مەسىھىي ئايالىنىڭ بالىلارغا مۇقەددەس كىتاب ھەققىدە تەلىم بېرىشنى مەنئىي قىلىشى مۇمكىن. ھەتتا مۇنداق ۋەزىيەتتىمۇ مەسىھىي ئانا بالىلىرىغا ھەقىقەتنى ئۆگىتىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگىنىنىڭ ھەممىسىنى قىلىدۇ (ئەلچىلەر 16:1؛ تىموتىيغا 2-خەت 3:14، 15). مەسىلەن، يەھۋاغا خىزمەت قىلمايدىغان ئەر بالىلىرىنىڭ ئانىسى بىلەن مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىشىنى ياكى ئۇچرىشىشلارغا قاتنىشىشىنى خالىمايدۇ دەيلى، قېرىندىشىمىز ھەمراھىنىڭ قارارىنى ھۆرمەتلىسىمۇ، مۇمكىنچىلىك بار چاغدا بالىلىرىغا ئۆز ئىمان-ئېتىقادى ھەققىدە ئېيتىپ بېرەلەيدۇ. شۇنداق قىلىپ، بالىلار يەھۋا خۇدا ۋە ئۇنىڭ ئەخلاقىي قائىدە-ئۆلچەملىرى ھەققىدە بىلىشىگە ياردەم بېرەلەيدۇ (ئەلچىلەر 4:19، 20). ۋاقتى كەلگەندە، يەھۋاغا خىزمەت قىلىش-قىلماسلىقنى بالىلارنىڭ ئۆزلىرىگە قارار قىلىشقا توغرا كېلىدۇ * (ئىزاھاتقا قاراڭ) (تەكرار قانۇن 30:19، 20).
تۇغقانلىرىمىز ھەقىقىي ئىبادەتكە قارشى بولسا
11. يەھۋاغا خىزمەت قىلمايدىغان تۇغقانلىرىمىز بىلەن كېلىشمەسلىك پەيدا بولۇشىغا نېمە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن؟
11 بىز يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بىلەن مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىشنى باشلىغاندا، بۇ ھەققىدە ئائىلىمىزگە ئېيتمىغاندىمىز. بىراق ئىشەنچىمىز كۈچەيگەنسىرى، يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى خالىغانلىقىمىز ھەققىدە ئېيتىش كېرەكلىكىنى چۈشەندۇق (ماركۇس 8:38). خۇداغا بولغان سادىقلىقىڭىز تۈپەيلىدىن، ئۆي ئىچىدىكىلىرىڭىز بىلەن قانداقتۇ بىر قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كېلىشىڭىز مۇمكىن. ئۇنداقتا، تۇغقانلار بىلەن تىنچلىقنى ساقلاش ھەم يەھۋاغىمۇ سادىق بولۇپ قېلىش ئۈچۈن نېمە قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقايلى.
12. تۇغقانلىرىمىز نېمە سەۋەبتىن بىزگە قارشى چىقىشى مۇمكىن؟ بىز قانداقلارچە ئۇلارنى چۈشىنىشكە تىرىشىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتەلەيمىز؟
12 ئۇلارنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭ. بىز مۇقەددەس كىتابتا يېزىلغان ھەقىقەتنى بىلگەنلىكىمىزگە بەك خوشال. شۇنداق بولسىمۇ، تۇغقانلىرىمىز بىزنى ئالدىنىپ قالدى ياكى مەزھەپكە كىرىپ كەتتى، دەپ ئەنسىرەيدىغاندۇ. ئەمدى ئۇلار بىلەن بايراملارغا قاتناشمىغانلىقىمىز سەۋەبلىك بىزنى ياخشى كۆرمەي قالدى، دەپ ئويلاپمۇ قېلىشى مۇمكىن. ياكى بولمىسا، ئۆلگەندىن كېيىن دوزاققا چۈشىدۇ، دەپ بىز ئۈچۈن قورقۇشى مۇمكىن. بۇ ۋەزىيەتكە ئۇلارنىڭ كۆزقاراشلىرى بىلەن قاراپ، نېمىگە ئەنسىرىۋاتقانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى دىققەت قويۇپ تىڭشاپ، چۈشىنىشكە تىرىشىشىمىز كېرەك (پەندى-نەسىھەت 20:5). مەسىلەن، ئەلچى پاۋلۇس خۇش خەۋەرنى «ھەرقانداق ئادەملەرگە» يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئۇلارنى چۈشىنىشكە كۈچ چىقارغان. تۇغقانلىرىمىزنى چۈشىنىشكە تىرىشقانلىقىمىز، ئۇلارغا ھەقىقەتنى ئۆگىتىشنىڭ بىر ئامالىنى تېپىشىمىزغا ياردەم بېرىشى مۇمكىن (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 9:19—23).
13. تۇغقانلىرىمىز بىلەن قانداق سۆزلىشىشىمىز كېرەك؟
13 مۇلايىملىق بىلەن سۆزلەڭ. مۇقەددەس كىتابتا: «گېپىڭلار دائىم يېقىملىق ھەم تېتىملىق بولسۇن»،— دەپ يېزىلغان كولوسىلىقلارغا 4:6). بۇ ئاسان بولماسلىقى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن تۇغقانلىرىمىزغا مۇلايىم ۋە مېھرىبان مۇئامىلە قىلىش ئۈچۈن، يەھۋادىن مۇقەددەس روھنى سورىساق بولىدۇ. بىز ئۇلار ئىشىنىدىغان نەرسىلەرنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ، ئۇلار بىلەن تالاش-تارتىش قىلماسلىقىمىز كېرەك. ئۇلارنىڭ سۆزى ياكى ھەرىكىتى كۆڭلۈمىزنى ئاغرىتسا، ئەلچىلەردىن ئۈلگە ئالالايمىز. پاۋلۇس مۇنداق دېگەن: «بىزنى قارغايدۇ — بىز بەرىكەتلەيمىز، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا، — بىز چىدايمىز، تۆھمەت قىلىدۇ — بىز مېھرىبانلارچە جاۋاب بېرىمىز» (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 4:12، 13).
(14. ئۈلگىلىك يۈرۈش-تۇرۇشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟
14 يۈرۈش-تۇرۇشىڭىز ئۈلگىلىك بولسۇن. بۇ نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟ مۇلايىملىق بىلەن سۆزلىگەنلىكىمىز تۇغقانلار بىلەن تىنچلىقنى ساقلاشقا ياردەم بەرسىمۇ، ئۈلگىلىك يۈرۈش-تۇرۇشىمىز تېخىمۇ قاتتىق تەسىر قىلىشى مۇمكىن (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 3:1، 2، 16نى ئوقۇڭ). تۇغقانلىرىڭىز سىزگە قاراپ، يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ نىكاھتا بەختلىك ئىكەنلىكىنى، بالىلىرىغا ياخشى غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى، ئەخلاقىي تەرەپتىن پاك ۋە مەنىلىك ھايات كەچۈرىدىغانلىقىنى كۆرسۇن. ھەتتا، ئۇلار ھەقىقەتنى قوبۇل قىلمىسىمۇ، يۈرۈش-تۇرۇشىمىز يەھۋاغا ياقىدىغانلىقىنى بىلىشتىن خوشال بولىمىز.
15. تۇغقانلىرىمىز بىلەن سۆز تالاشماسلىق ئۈچۈن نېمىنى ئالدىنئالا ئويلىساق بولىدۇ؟
15 ئالدىن ئالا تەييارلىق قىلىڭ. كېلىشمەسلىكنى تۇغدۇرۇشى مۇمكىن ۋەزىيەتلەر ۋە ئۇلارنى قانداق ھەل قىلىشقا بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىڭ. كېيىن نېمە قىلىدىغانلىقىڭىزنى قارار قىلىڭ (پەندى-نەسىھەت 12:16، 23). ئاۋىسترالىيەلىك بىر قېرىندىشىمىز دەل شۇنداق قىلدى. ئۇنىڭ قېيىناتىسى ھەقىقەتكە قارشى بولغان ۋە بەزىدە قاتتىق ئاچچىقلانغان. شۇڭا، تېلېفون قىلىشتىن ئاۋۋال، يولدىشى ئىككىسى دۇئا قىلىپ، ئۇنىڭغا ئاچچىقى بىلەن جاۋاب قايتۇرماسلىق ئۈچۈن، يەھۋادىن ياردەم سورايتى. سۆھبىتى دوستانە بولۇشى ئۈچۈن، نېمە ھەققىدە سۆزلىشىشنى ئالدىنئالا ئويلاپ قوياتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇزاق سۆزلىشىش ئادەتتە دىن توغرىسىدا تالاش-تارتىشقا باشلاپ كېرىدىغانلىقى سەۋەبلىك، ئۇلار قانچە ۋاقىت سۆزلىشىدىغانلىقىنى ئالدىنئالا بەلگۈلەپ قويايتى.
16. تۇغقانلىرىڭىزنىڭ كۆڭلىدىن چىقمىغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى ئەيىبلىمەسلىككە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
16 ئەلۋەتتە، يەھۋاغا ئىشەنمەيدىغان تۇغقانلىرىمىز بىلەن دۇچ كېلىدىغان بارلىق قىينچىلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، قىينچىلىق توغۇلغاندا، سىز ئۇلارنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن ۋە كۆڭلىدىن چىقىشنى خالىغانلىقتىن، ئۆزىڭىزنى ئەيىبلىشىڭىز مۇمكىن. يەھۋاغا بولغان سادىقلىقىڭىزنى ئائىلىڭىزگە بولغان مېھىر-مۇھەببەتتىن ئۈستۈن قويۇڭ. شۇ چاغدا تۇغقانلىرىڭىز بۇنى كۆرگەندە، يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشى مۇمكىن. سىز ھېچكىمنى ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىيالمايسىز. ئەمما ئۇلارغا يەھۋانىڭ يولى بىلەن مېڭىش سىزگە قانداق پايدا ئەكەلگەنلىكىنى كۆرسىتەلەيسىز. يەھۋا تۇغقانلىرىمىزغىمۇ ئۇنىڭ يولىدا مېڭىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ تاللىشىغا پۇرسەت بەرگەن (يەشايا 48:17، 18).
ئائىلە ئەزالىرىمىزنىڭ بىرى يەھۋانى تاشلاپ كەتسە
17، 18. ئائىلە ئەزالىرىڭىزنىڭ بىرى يەھۋانى تاشلاپ كەتسە، سىزگە نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
17 ئائىلە ئەزالىرىمىزنىڭ بىرى جامائەتتىن چىقىرىلسا ياكى ئۆزى ۋاز كەچسە، بۇ بىز ئۈچۈن
ناھايىتى قىيىن بولىدۇ. بۇ بىزگە خۇددى خەنجەر سانچىغاندەك ئېغىر كېلىشى مۇمكىن. بۇنىڭغا قانداق بەرداشلىق بېرەلەيسىز؟18 روھىي ئىشلار بىلەن بەنت بولۇڭ. مۇنداق ۋەزىيەت كۆڭلۈڭىزنى ئاغرىتقاندا، ئىشەنچىڭىزنى مۇستەھكەملىشىڭىز بەك مۇھىم. بۇنىڭ ئۈچۈن، مۇقەددەس كىتابنى ھەر كۈنى ئوقۇڭ، جامائەت ئۇچرىشىشلىرىغا ياخشى تەييارلىنىڭ، ۋەز قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ ۋە يەھۋاغا دۇئا قىلىپ، بەرداشلىق بېرىش ئۈچۈن كۈچ سوراڭ (يەھۇدا 20، 21). سىز بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىلسىڭىزمۇ، كۆڭلۈڭىزدىكى دەرد تېخى كەتمىگەن بولسىچۇ؟ ۋاز كەچمەڭ! روھىي ئىشلار بىلەن بەنت بولۇڭ. ۋاقىت ئۆتۈپ، بۇ سىزگە ئويلىرىڭىز بىلەن ھېس-تۇيغۇلىرىڭىزنى تىزگىنلەشكە ياردەم بېرىدۇ. كېلىڭ، زەبۇرنىڭ 73-بابىنىڭ يازغۇچىسى باشتىن كەچۈرگەنلىرىنى كۆرۈپ چىقايلى. ھاياتىدا ئۇنىڭغىمۇ بىر چاغلاردا ئوي-خىياللىرى بىلەن ھېس-تۇيغۇلىرىنى باشقۇرۇش قىيىن بولغان. لېكىن، ئۇ يەھۋاغا خىزمەت قىلغانلىقتىن، قايتىدىن توغرا كۆزقاراشتا بولدى (زەبۇر 73:16، 17). بۇ سىزگىمۇ ياردەم بېرەلەيدۇ.
19. يەھۋانىڭ ئۆز خەلقىنى تۈزىتىش ئۇسۇلىنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقىڭىزنى قانداق كۆرسىتەلەيسىز؟
19 يەھۋا ئورناتقان تەرتىپكە ھۆرمەت كۆرسىتىڭ. يەھۋانىڭ تۈزىتىشى ھەممىسىگە، شۇ جۈملىدىن جامائەتتىن چىقىرىلغان ئادەمگىمۇ، پايدا ئېلىپ كېلىدۇ. گەرچە ئورنىتىلغان تەرتىپكە بويسۇنۇش قىيىن بولسىمۇ، كېلەچەكتە بۇ يېقىنىمىزنىڭ يەھۋاغا قايتىپ كېلىشىگە ياردەم بېرىشى مۇمكىن (ئىبرانىيلارغا 12:11نى ئوقۇڭ). ھازىر بولسا، بىز جامائەتتىن چىقىرىلغان ئادەم بىلەن «ئارىلاشماي»، يەھۋانىڭ بۇيرۇغىنى ھۆرمەتلىشىمىز كېرەك (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 5:11—13). ئەلۋەتتە، بۇ ئاسان ئەمەس. ئەمما بىز ئۇلار بىلەن تېلېفون، ئۇچۇر، خەت، ئېلىكترونلۇق پوچتا ياكى ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرى ئارقىلىق ئارىلىشىشتىن نېرى بولۇشىمىز كېرەك.
20. نېمىدىن ئۈمىدىمىزنى ئۈزمەسلىكىمىز كېرەك؟
20 ئۈمىدىڭىزنى ئۈزمەڭ! مېھىر-مۇھەببەت «ھەممە نەرسىگە ئۈمىدلىنىدۇ». شۇڭا، ياخشى كۆرىدىغان يېقىنىمىز كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى يەھۋاغا قايتىپ كېلىدۇ، دەپ ئۈمىد قىلىمىز (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 13:7). ئەگەر سىز يېقىن تۇققىنىڭىزنىڭ كۆزقارىشى ھەقىقەتەن ياخشى تەرەپكە ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرسىڭىز، ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلالايسىز. دۇئادا مۇقەددەس كىتابتىن كۈچ ئالسۇن ۋە يەھۋانىڭ «مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كەل» دېگەن تەكلىپىنى قوبۇل قىلسۇن، دەپ سورىسىڭىز بولىدۇ (يەشايا 44:22).
21. ئائىلىڭىز ئەيسانىڭ يولىدا ماڭغانلىقىڭىز ئۈچۈن سىزگە قارشىلىق قىلسا، نېمە قىلىشىڭىز كېرەك؟
21 ئەيسا بىز ئۇنى ھەرقانداق ئىنساندىن ئارتۇق ياخشى كۆرۈشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتقان. شاگىرتلىرى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قارشىلىقىغا قارىماستىن، جەسۇر بولۇپ، ئۇنىڭغا سادىق بولۇپ قالىدىغانلىقىغا ئەيسانىڭ ئىشەنچى كامىل ئىدى. شۇڭا، ئەگەر ئائىلىڭىز ئەيسانىڭ يولىدا ماڭغانلىقىڭىز ئۈچۈن سىزگە قارشىلىق قىلسا، يەھۋاغا تايىنىڭ. قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىش ئۈچۈن خۇدادىن ياردەم سوراڭ (يەشايا 41:10، 13). يەھۋا خۇدا ۋە ئەيسا مەسىھ سىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ۋە سادىقلىقىڭىز ئۈچۈن مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى ئەستىن چىقارماي، خۇرسەن بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇڭ.
^ 10-ئابزاس ئائىلىدە ئاتا-ئانىنىڭ بىرىلا يەھۋاغا خىزمەت قىلغان چاغدا بالىلارنى تەربىيىلەشكە تېگىشلىك كۆپرەك مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، «كۈزىتىش مۇنارىنىڭ» (رۇس) 2002-يىل، 15-ئاۋغۇست سانىدىكى «ئوقۇرمەنلەرنىڭ سوئاللىرى» سەھىپىسىگە قاراڭ.