مەتتا كىتابى 4:1—25
4 ئاندىن كېيىن، مۇقەددەس روھ ئەيسانى چۆل-باياۋانغا باشلاپ باردى. شۇ يەردە ئىبلىس ئۇنى سىنىدى.
2 ئۇ 40 كېچە-كۈندۈز روزا تۇتقاندىن كېيىن قورسىقى تازا ئاچقانىدى.
3 ئىبلىس ئۇنى سىنىماقچى بولۇپ، مۇنداق دېدى: «ئەگەر سەن خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، مۇنۇ تاشلارغا بۇيرۇق قىلغىن، ئۇلار نانغا ئايلانسۇن».
4 ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: «مۇقەددەس يازمىلاردا: ‹ئادەم پەقەت نان بىلەنلا ئەمەس، بەلكى يەھۋانىڭ ئېغىزىدىن چىققان ھەربىر سۆز بىلەن ياشايدۇ› دەپ يېزىلغان»،— دېدى.
5 ئاندىن، ئىبلىس* ئەيسانى مۇقەددەس شەھەرگە ئېلىپ كىرىپ، ئۇنى ئىبادەتخانىنىڭ* ئەڭ ئېگىز جايىغا ئېلىپ چىقىپ:
6 ئەگەر سەن خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، بۇ يەردىن تۆۋەنگە سەكرەپ باققىنا! چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا: ‹خۇدا سەن توغرۇلۇق ئۆز پەرىشتىلىرىگە* ئەمر قىلىدۇ ۋە ئۇلار پۇتلىرىڭنىڭ تاشقا ئۇرۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن قوللىرى بىلەن سېنى تۇتۇۋالىدۇ› دەپ يېزىلغان»،— دېدى.
7 ئەيسا ئۇنىڭغا: «مۇقەددەس يازمىلاردا: ‹خۇدايىڭ يەھۋانى سىنىمىغىن› دەپمۇ يېزىلغان»،— دېدى.
8 ئاندىن كېيىن، ئىبلىس ئەيسانى ناھايىتى ئېگىز بىر تاققا ئېلىپ چىقىپ، ئۇنىڭغا دۇنيادىكى بارچە پادىشاھلىقلارنى ۋە ئۇلارنىڭ شان-شۆھرىتىنى كۆرسىتىپ:
9 ئەگەر تىزلىنىپ، ماڭا بىر قېتىم سەجدە قىلساڭ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ساڭا بېرىمەن»،— دېدى.
10 شۇ چاغدا، ئەيسا ئۇنىڭغا: «كۆزۈمدىن يوقال، شەيتان! چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا: ‹خۇدايىڭ يەھۋاغا سەجدە قىلغىن ۋە پەقەت ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغىن› دەپ يېزىلغان»،— دېدى.
11 شۇنىڭ بىلەن، شەيتان ئەيسانى تاشلاپ كەتتى. پەرىشتىلەر كېلىپ ئەيساغا خىزمەت قىلىشقا باشلىدى.
12 يەھيا پەيغەمبەرنىڭ زىندانغا تاشلانغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئەيسا جەلىلىيە ئۆلكىسىگە كەتتى.
13 كېيىن، ئۇ ناسىرەدىن ئايرىلىپ زەبۇلۇن ۋە نافتالى رايونىدىكى دېڭىز بويىغا يېقىن كەپەرناھۇم شەھىرىگە جايلاشتى.
14 بۇنىڭ بىلەن، يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتىلغان مۇنۇ سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى:
15 «ئەي، زەبۇلۇن ۋە نافتالى زېمىنلىرى، باشقا خەلقلەر ماكانلاشقان جەلىلىيە زېمىنى سەن! ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قىرغىقىدا، دېڭىزغا ماڭىدىغان يولغا جايلاشقان سەن.
16 قاراڭغۇلۇقتا ئولتۇرغان خەلق پارلاق بىر نۇرنى كۆردى ۋە ئۆلۈم سايىسىدا ئولتۇرغانلار ئۈستىگە بىر نۇر چۈشتى».
17 شۇنىڭدىن باشلاپ، ئەيسا: «توۋا قىلىڭلار، چۈنكى خۇدا پادىشاھلىقى* يېقىنلاشتى»،— دەپ ۋەز ئېيتىشقا باشلىدى.
18 ئەيسا جەلىلىيە دېڭىزى* بويىدا كېتىۋاتقاندا، پېترۇس دەپ ئاتالغان سىمۇن ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ئەندەرنى كۆردى. ئۇلار دېڭىزغا تور سېلىۋاتاتتى، چۈنكى ئۇلار بېلىقچى ئىدى.
19 ئەيسا ئۇلارغا: «ماڭا ئەگىشىڭلار، مەن سىلەرنى ئىنسانلارنى تۇتقۇچى قىلىمەن»،— دېدى.
20 ئۇلار دەرھال قوللىرىدىكى تورلارنى تاشلاپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى.
21 ئاندىن، ئۇ شۇ يەردىن بىراز ماڭغاندىن كېيىن، باشقا ئىككى ئاكا-ئۇكا، يەنى زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى ياقۇپ بىلەن يۇھاننانى كۆردى. ئۇلار ئاتىسى زەبەدىي بىلەن بىللە كېمىدە ئولتۇرۇپ، تورلىرىنى ئوڭشاۋاتاتتى. ئەيسا ئۇلارنىمۇ چاقىردى.
22 ئۇلارمۇ دەرھال كېمىنى ۋە ئاتىسىنى تاشلاپ، ئەيساغا ئەگىشىپ ماڭدى.
23 ئەيسا پۈتۈن جەلىلىيە ئۆلكىسىنى ئايلىنىپ، سىناگوگلاردا* تەلىم بېرىپ، پادىشاھلىق خۇش خەۋىرىنى ۋەز قىلدى ۋە ھەرخىل ئاغرىق-سىلاقلارنى ۋە تېنى ئاجىز كىشىلەرنى ساقايتتى.
24 ئۇ توغرۇلۇق خەۋەر پۈتۈن سۈرىيە ئۆلكىسىگە تارقالدى. ئادەملەر ئاغرىق-سىلاق بىلەن ئازاب چەككەن، جىن چاپلاشقان، تۇتقاقلىق كېسىلى بار ۋە پالەچ كىشىلەرنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى ۋە ئەيسا ئۇلارنى ساقايتتى.
25 شۇنىڭ بىلەن، جەلىلىيە، ئون شەھەر رايونى، يېرۇسالېم، يەھۇدىيە ۋە ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدىن كەلگەن توپ-توپ كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى.