مەتتا كىتابى 25:1—46
25 «خۇدا پادىشاھلىقى* قوللىرىغا چىراغ ئېلىپ، كۈيئوغۇلنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن ئالدىغا چىققان ئون قىزغا ئوخشايدۇ.
2 ئۇلارنىڭ بەشى ئەقىلسىز، بەشى ئەقىللىق ئىكەن.
3 ئەقىلسىز قىزلار ئۆز چىراغلىرىنى ئېلىۋاپتۇ، لېكىن ئۆزلىرى بىلەن ياغ ئېلىۋالماپتۇ.
4 ئەقىللىق قىزلار بولسا، چىراغلىرى بىلەن بىللە قاچىلارغا ياغمۇ ئېلىۋاپتۇ.
5 كۈيئوغۇل كېچىكىپ كەلگەچكە، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇيقۇ بېسىپ، ئاخىرىدا ئۇخلاپ قاپتۇ.
6 يېرىم كېچىدە بىرلىرى: ‹كۈيئوغۇل كەلدى، ئۇنى قارشى ئېلىشقا چىقىڭلار!›— دەپ ۋارقىراپتۇ.
7 قىزلارنىڭ ھەممىسى ئورنىدىن تۇرۇپ، چىراغلىرىنى تەييارلاپتۇ.
8 ئەقىلسىز قىزلار ئەقىللىق قىزلارغا: ‹يېغىڭلاردىن بىزگە بېرىڭلارچۇ، چىراغلىرىمىز ئۆچۈپ قالاي دېدى›،— دەپتۇ.
9 ئەقىللىق قىزلار: ‹بەلكىم، سىلەرگىمۇ ھەم بىزگىمۇ يەتمەي قالىدۇ. ئەڭ ياخشىسى، ياغ ساتقۇچىلارغا بېرىپ، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ياغ سېتىۋېلىڭلار›،— دەپتۇ.
10 ئۇلار ياغ سېتىۋالغىلى كېتىپ قالغاندا، كۈيئوغۇل كېلىپ قاپتۇ. ياخشى تەييارلىق قىلغان قىزلار ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە توي زىياپىتىگە كىرىپتۇ ۋە ئىشىك تاقىلىپتۇ.
11 ئاندىن كېيىن، قالغان قىزلارمۇ كېلىپ: ‹تەقسىر، تەقسىر، بىزگە ئىشىكنى ئېچىپ بېرىڭ›،— دەپتۇ.
12 لېكىن كۈيئوغۇل: ‹مەن سىلەرگە ھەقنى ئېيتىپ قويايكى، سىلەرنى تونۇمايمەن›،— دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
13 شۇنىڭ ئۈچۈن، ھوشيار تۇرۇڭلار، چۈنكى ئۇ كۈن ۋە سائەتنى بىلمەيسىلەر.
14 خۇدا پادىشاھلىقى خۇددى ئۆز مال-مۈلكىنى قۇللىرىغا تاپشۇرۇپ، يىراق يۇرتقا سەپەرگە چىقماقچى بولغان كىشىگە ئوخشايدۇ.
15 ئۇ ئادەم ھەربىر قۇلىنىڭ قابىلىيىتىگە قاراپ، بىرىگە بەش تالانت، بىرىگە ئىككى تالانت ۋە يەنە بىرىگە بىر تالانت بېرىپ، ئۆزى سەپەرگە چىقىپتۇ.
16 بەش تالانت ئالغان قۇل دەرھال بېرىپ تىجارەت قىلىپ، يەنە بەش تالانت پايدا ئاپتۇ.
17 ئىككى تالانت ئالغان قۇلمۇ ئىككى تالانت ئارتۇق پايدا ئاپتۇ.
18 بىراق، بىر تالانت ئالغان قۇل چىقىپ، يەرنى كولاپ، خوجايىنى تاپشۇرغان پۇلنى كۆمۈپ قويۇپتۇ.
19 ئەمما، ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن خوجايىنى كېلىپ، ئۇلار بىلەن ھېسابلىشىپتۇ.
20 بەش تالانت ئالغان قۇل يەنە بەش تالانتنى قوشۇپ ئېلىپ كېلىپ: ‹خوجايىن، سىز ماڭا بەش تالانت بەرگەن ئىدىڭىز. قارىڭە، يەنە بەش تالانت پايدا ئالدىم›،— دەپتۇ.
21 خوجايىن ئۇنىڭغا: ‹ئاپىرىن ساڭا، ئەي ياخشى ۋە ئىشەنچىلىك قۇل! مەن ساڭا تاپشۇرغان بۇ ئازغىنە ئىشلاردا ئىشەنچىلىك بولۇپ چىقتىڭ. سېنى كۆپلىگەن ئىشلارنى باشقۇرۇشقا قويىمەن. كەل، خوجايىنىڭنىڭ خۇشاللىقىغا ئورتاق بول›،— دەپتۇ.
22 ئارقىدىن ئىككى تالانت ئالغان قۇل كېلىپ: ‹خوجايىن، سىز ماڭا ئىككى تالانت بەرگەن ئىدىڭىز. قارىڭە، يەنە ئىككى تالانت پايدا ئالدىم›،— دەپتۇ.
23 خوجايىن ئۇنىڭغا: ‹ئاپىرىن ساڭا، ئەي ياخشى ۋە ئىشەنچىلىك قۇل! مەن ساڭا تاپشۇرغان بۇ ئازغىنە ئىشلاردا ئىشەنچىلىك بولۇپ چىقتىڭ. سېنى كۆپلىگەن ئىشلارنى باشقۇرۇشقا قويىمەن. كەل، خوجايىنىڭنىڭ خۇشاللىقىغا ئورتاق بول›،— دەپتۇ.
24 ئاخىرىدا بىر تالانت ئالغان قۇل كېلىپ: ‹خوجايىن، سىزنىڭ قاتتىق قول ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى بىلەتتىم. چۈنكى، سىز ئۇرۇق چاچمايلا ھوسۇل ئالىسىز؛ خامان سورىمايلا ئاشلىق يىغىسىز.
25 شۇڭا، مەن قورقۇپ، سىزنىڭ تالانتىڭىزنى يەرگە كۆمۈپ قويغان ئىدىم. مانا، سىزنىڭ تالانتىڭىز›،— دەپتۇ.
26 خوجايىن ئۇنىڭغا: ‹ئەي يامان ۋە ھورۇن قۇل، سەن مېنى ئۇرۇق چاچمايلا ھوسۇل ئالىدىغان ۋە خامان سورىمايلا ئاشلىق يىغىدىغان ئادەم دەپ بىلگەن ئىكەنسەن،
27 ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن پۇلۇمنى پۇل تېگىشكۈچىلەرگە ئامانەتكە قويمىدىڭ؟ ئۇنداق قىلغان بولساڭ، مەن قايتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭ ئۆسۈمىنى ئالاتتىم›،— دەپتۇ.
28 ئاندىن ئۇ خىزمەتچىلىرىگە: ‹ئۇنىڭ بىر تالانتىنى ئېلىۋېلىپ، ئون تالانتى بار قۇلغا بېرىڭلار.
29 چۈنكى كىمدە بار بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدا تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. كىمدە يوق بولسا، ئۇنىڭدا بارىمۇ ئېلىپ كېتىلىدۇ.
30 بۇ يارىماس قۇلنى سىرتقا قاراڭغۇلۇققا تاشلاڭلار، ئۇ يەردە يىغا-زار قىلىپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ›،— دەپتۇ.
31 ئىنسانئوغلى ئۆز شان-شەرىپى ئىچىدە بارچە پەرىشتىلەر بىلەن بىللە كەلگەندە، ئۆزىنىڭ شان-شەرەپ تەختىدە ئولتۇرىدۇ.
32 پۈتكۈل خەلقلەر ئۇنىڭ ئالدىغا يىغىلىدۇ. ئۇ خۇددى بىر پادىچى قويلىرىنى ئۆچكىلەردىن ئايرىغاندەك، ئىنسانلارنى بىر-بىرىدىن ئايرىيدۇ.
33 قويلارنى ئوڭ يېنىغا ۋە ئۆچكىلەرنى سول يېنىغا تۇرغۇزىدۇ.
34 شۇ چاغدا، پادىشاھ ئوڭ يېنىدىكىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ‹كېلىڭلار، ئەي ئاتام بەرىكەتلىگەن كىشىلەر! دۇنيانىڭ ئۇلى سېلىنغاندىن بېرى سىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان پادىشاھلىقنى مىراس ئېلىڭلار.
35 چۈنكى، ئاچ قالغىنىمدا ماڭا تاماق بەردىڭلار؛ ئۇسساپ قالغىنىمدا ئۇسسۇلۇق بەردىڭلار؛ مۇساپىر بولۇپ يۈرگىنىمدە مېھماندوستلۇق بىلەن مېنى قارشى ئالدىڭلار؛
36 يالىڭاچ قالغىنىمدا مېنى كىيىندۈردۈڭلار؛ كېسەل بولغىنىمدا ھالىمدىن خەۋەر ئالدىڭلار؛ زىنداندا بولغىنىمدا مېنى يوقلاپ تۇردۇڭلار›.
37 شۇ چاغدا، ھەققانىي ئادەملەر ئۇنىڭدىن: ‹ئەي ھەزرىتىم، بىز قاچان سىزنىڭ ئاچ ئىكەنلىكىڭىزنى كۆرۈپ تويدۇردۇق ياكى ئۇسساپ كەتكىنىڭىزنى كۆرۈپ ئۇسسۇلۇق بەردۇق؟
38 قاچان سىزنىڭ مۇساپىر بولۇپ يۈرگىنىڭىزنى كۆرۈپ مېھماندوستلۇق كۆرسەتتۇق ياكى يالىڭاچ قالغىنىڭىزنى كۆرۈپ سىزنى كىيىندۈردۇق؟
39 قاچان سىزنىڭ كېسەل بولغانلىقىڭىز ياكى زىنداندا قامالغانلىقىڭىزنى كۆرۈپ يوقلاپ تۇردۇق؟›،— دەپ سورايدۇ.
40 پادىشاھ ئۇلارغا: ‹سىلەرگە ھەقنى ئېيتسام، مۇشۇ قېرىنداشلىرىمدىن ئەڭ كىچىك بىرىگە بۇلارنى قىلغان بولساڭلار، ماڭا قىلغان بولىسىلەر›،— دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
41 ئاندىن ئۇ سول يېنىدىكىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ‹ئەي قارغىشقا ئۇچرىغانلار، مەندىن يىراق كېتىڭلار. شەيتان ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى ئۈچۈن تەييارلانغان مەڭگۈلۈك ئوتقا كىرىڭلار.
42 چۈنكى، مەن ئاچ قالغىنىمدا ماڭا تاماق بەرمىدىڭلار؛ ئۇسساپ قالغىنىمدا ماڭا ئۇسسۇلۇق بەرمىدىڭلار؛
43 مۇساپىر بولۇپ يۈرگىنىمدە ماڭا مېھماندوست بولمىدىڭلار؛ يالىڭاچ قالغىنىمدا مېنى كىيىندۈرمىدىڭلار؛ كېسەل بولغىنىمدا ۋە زىندانغا تاشلانغىنىمدا ھالىمدىن خەۋەر ئېلىپ، مېنى يوقلاپ تۇرمىدىڭلار›.
44 شۇ چاغدا، ئۇلار: ‹ئەي ھەزرىتىم، قاچان سىزنى ئاچ، ئۇسسۇز، مۇساپىر، يالىڭاچ، كېسەل ياكى زىنداندا كۆرۈپ، سىزگە خىزمەت قىلمىدۇق؟›،— دەيدۇ.
45 بىراق، پادىشاھ ئۇلارغا: ‹سىلەرگە ھەقنى ئېيتىمەنكى، مۇشۇ قېرىنداشلىرىمدىن ئەڭ كىچىك بىرىگە بۇلارنى قىلمىغان بولساڭلار، ماڭا قىلمىغان بولىسىلەر›،— دەپ جاۋاب بېرىدۇ›.
46 ئۇلار مەڭگۈگە يوق قىلىنىدۇ، ئەمما ھەققانىي ئادەملەر مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدۇ».
بەت ئاستى قۇشۇمچە ئىزاھاتلىرى
^ سۆزمۇ-سۆز: «ئاسمان پادىشاھلىقى».