مەتتا كىتابى 13:1—58
-
پادىشاھلىق ھەققىدىكى تەمسىللەر (1–52)
-
دېھقان (1–9)
-
ئەيسانىڭ تەمسىل كەلتۈرۈپ تەلىم بېرىشىنىڭ سەۋەبى (10–17)
-
دېھقان توغرۇلۇق تەمسىلنىڭ مەنىسى (18–23)
-
بۇغداي بىلەن ياۋا ئوت-چۆپ (24–30)
-
قىچا ئۇرۇقى ۋە خېمىرتۇرۇچ (31–33)
-
تەمسىللەرنى ئىشلىتىپ بېشارەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش (34، 35)
-
بۇغداي بىلەن ياۋا ئوت-چۆپ توغرىسىدىكى تەمسىلنىڭ مەنىسى (36–43)
-
يوشۇرۇن خەزىنە ۋە ئېسىل مەرۋايىت (44–46)
-
بېلىق تورى (47–50)
-
يېڭى ۋە كونا خەزىنە (51، 52)
-
-
ئەيسانىڭ ئۆز يۇرتىدا رەت قىلىنىشى (53–58)
13 شۇ كۈنى، ئەيسا ئۆيدىن چىقىپ، دېڭىز بويىدا ئولتۇراتتى.
2 بىر توپ كىشىلەر ئۇنىڭ ئەتراپىغا يىغىلغاچقا، ئۇ كېمىگە چىقىپ ئولتۇردى، خالايىق بولسا دېڭىز بويىدا تۇردى.
3 ئەيسا تەمسىل كەلتۈرۈپ، كىشىلەرگە نۇرغۇن ھېكمەتلەرنى ئېيتىپ بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىر دېھقان يەرگە ئۇرۇق چاچقىلى چىقىپتۇ.
4 چاچقان ئۇرۇقلارنىڭ بەزىلىرى يول ياقىسىغا چۈشۈپتۇ ۋە قۇشلار كېلىپ، ئۇلارنى يەپ كېتىپتۇ.
5 بەزىلىرى توپىسى ئاز، تاشلىق يەرگە چۈشۈپتۇ. توپىسى چوڭقۇر بولمىغاچ، تېزلا ئۈنۈپ چىقىپتۇ.
6 لېكىن، كۆكلىگەن مايسا چوڭقۇر يىلتىز تارتمىغاچقا، كۈن چىقىپ ئىسسىغاندا قۇرۇپ كېتىپتۇ.
7 بەزىلىرى تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چۈشۈپتۇ ۋە تىكەنلەر ئۆسۈپ، مايسىلارنى بېسىۋاپتۇ.
8 يەنە بەزىلىرى بولسا مۇنبەت توپىغا چۈشۈپتۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى 100 ھەسسە، بەزىلىرى 60 ھەسسە، يەنە بەزىلىرى 30 ھەسسە ھوسۇل بېرىپتۇ.
9 بۇ سۆزنى ئاڭلىغانلار، قۇلىقىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار».
10 شاگىرتلىرى كېلىپ، ئەيسادىن: «سىز نېمە ئۈچۈن كىشىلەرگە تەمسىل كەلتۈرۈپ تەلىم بېرىسىز؟»— دەپ سورىدى.
11 ئەيسا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ* سىرلىرى ئۇلارغا ئېچىپ بېرىلمىگەن، ئەكسىچە سىلەرگە ئېچىپ بېرىلگەن.
12 چۈنكى، كىمدە ھېكمەت بار بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ، ئۇنىڭ ھېكمىتى تېخىمۇ مول بولىدۇ. لېكىن، كىمدە ھېكمەت يوق بولسا، ھەتتا ئۇنىڭدا بارىمۇ ئۇنىڭدىن ئېلىپ كېتىلىدۇ.
13 ئۇلارغا تەمسىل كەلتۈرۈپ سۆزلىشىمنىڭ سەۋەبى، ئۇلار قاراپ تۇرۇپمۇ كۆرمەيدۇ، تىڭشاپ تۇرۇپمۇ ئاڭلىمايدۇ ۋە چۈشەنمەيدۇ.
14 بۇنىڭ بىلەن، يەشايا پەيغەمبەرنىڭ مۇنۇ بېشارەت سۆزلىرى ئۇلاردا ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى: ‹سىلەر ئاڭلاشنىغۇ ئاڭلايسىلەر، ئەمما مەنىسىنى چۈشەنمەيسىلەر، قاراشنىغۇ قارايسىلەر، ئەمما كۆرەلمەيسىلەر.
15 چۈنكى، بۇ خەلقنىڭ يۈرىكى تاشتەك قېتىپ كەتكەن. سۆزلىرىمنى ئاڭلىسىمۇ، جاۋاب قايتۇرمايدۇ. كۆرمەسلىك ئۈچۈن كۆزلىرىنى يۇمۇۋالغان. ئۇنداق بولمىسا، كۆزلىرى كۆرەتتى، قۇلاقلىرىمۇ ئاڭلايتتى، سۆزلىرىمنىڭ مەنىسىنى كۆڭۈل قويۇپ چۈشىنەتتى ۋە ماڭا قايتىپ كېلەتتى. مەنمۇ ئۇلارنى ساقايتاتتىم›.
16 لېكىن، سىلەر بەختلىكسىلەر! چۈنكى كۆزلىرىڭلار كۆرىدۇ، قۇلاقلىرىڭلار ئاڭلايدۇ.
17 سىلەرگە ھەقنى ئېيتىمەنكى، نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ۋە ئادىل كىشىلەر سىلەر كۆرگەننى كۆرۈشنى خالىغانىدى، ئەمما كۆرەلمىدى ۋە ئاڭلىغانلارنى ئاڭلاشنى خالىغانىدى، ئەمما ئاڭلىيالمىدى.
18 ئەمدى ئۇرۇق چاچقان دېھقان ھەققىدىكى تەمسىلنىڭ مەنىسىنى ئاڭلاڭلار.
19 كىمكى پادىشاھلىق ھەققىدىكى سۆزنى ئاڭلاپ ئۇنى چۈشەنمىسە، رەزىل شەيتان كېلىپ، ئۇنىڭ قەلبىگە چۈشكەن ئۇرۇقنى ئېلىپ كېتىدۇ. بۇ دەل يول ئۈستىگە چۈشكەن ئۇرۇقتۇر.
20 توپىسى ئاز تاشلىق يەرگە چۈشكەن ئۇرۇق بولسا، پادىشاھلىق ھەققىدىكى سۆزنى ئاڭلاپلا، ئۇنى خۇشاللىق بىلەن دەرھال قوبۇل قىلغان ئادەمدۇر.
21 لېكىن، پادىشاھلىق ھەققىدىكى سۆز ئۇنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتمىغاچقا، ئۇ پەقەت قىسقا ۋاقىتقا بەرداشلىق بېرىدۇ. شۇ سۆز سەۋەبلىك قىيىنچىلىق ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىسا، بۇ سۆزلەرگە ئىشىنىشتىن دەرھال ۋاز كېچىدۇ.
22 تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چۈشكەن ئۇرۇق بولسا، پادىشاھلىق ھەققىدىكى سۆزنى ئاڭلىغان، ئەمما بۇ دۇنيانىڭ* غەم-ئەندىشىلىرى ۋە بايلىقنىڭ ئازدۇرۇشى شۇ سۆزنى بوغۇپ قويۇشقا يول قويۇپ، ھوسۇلسىز قالغان ئادەمدۇر
23 لېكىن، مۇنبەت يەرگە چۈشكەن ئۇرۇق بولسا، پادىشاھلىق ھەققىدىكى سۆزنى ئاڭلاپ چۈشەنگەن ئادەمدۇر. بۇنداق ئادەمنىڭ بىرى 100 ھەسسە، باشقا بىرى 60 ھەسسە ۋە يەنە باشقىسى 30 ھەسسە كۆپ ھوسۇل بېرىدۇ».
24 ئەيسا ئۇلارغا يەنە بىر تەمسىلنى ئېيتىپ بەردى: «خۇدا پادىشاھلىقى ئۆز ئېتىزىغا ياخشى ئۇرۇق چاچقان ئادەمگە ئوخشايدۇ.
25 ئەمما، كۆپچىلىك ئۇخلاۋاتقاندا، بۇ ئادەمنىڭ دۈشمىنى كېلىپ، بۇغداي ئارىسىغا ياۋا ئوت-چۆپ ئۇرۇقىنى چېچىۋېتىپ كېتىپتۇ.
26 مايسىلار ئۆسۈپ باشاق چىقارغاندا، ياۋا ئوت-چۆپلەرمۇ كۆرۈنۈشكە باشلاپتۇ.
27 شۇنىڭ بىلەن، ئۆي ئىگىسىنىڭ چاكارلىرى كېلىپ، ئۇنىڭغا: ‹خوجايىن، سىز ئېتىزىڭىزغا ياخشى ئۇرۇق چاچمىغانمىدىڭىز، بۇ ياۋا ئوت-چۆپلەر قەيەردىن پەيدا بولدى؟›،— دەپ سوراپتۇ.
28 يەر ئىگىسى چاكارلىرىغا جاۋاب بېرىپ: ‹بۇ بىر دۈشمەننىڭ ئىشى›،— دەپتۇ. چاكارلار: ‹بىز بېرىپ ياۋا ئوت-چۆپلەرنى يۇلۇپ تاشلىۋېتەيلىمۇ؟›،— دەپ سوراپتۇ.
29 خوجايىن ئۇلارغا: ‹ياق! سىلەر ياۋا ئوت-چۆپلەرنى يۇلىمىز دەپ، بۇغدايلارنىمۇ يۇلۇۋېتىشىڭلار مۇمكىن.
30 ئۇلارنى ئورما ۋاقتىغىچە بىللە ئۆسۈشكە قويۇۋېتىڭلار. ئورما ۋاقتى كەلگەندە مەن ئورمىچىلارغا: ‹ئاۋۋال ياۋا ئوت-چۆپلەرنى يىغىپ، كۆيدۈرۈش ئۈچۈن باغلاپ قويۇڭلار، ئاندىن بۇغدايلارنى يىغىپ ئامبارغا ئېلىپ كىرىڭلار› دەپ بۇيرۇق قىلىمەن›،— دەپتۇ».
31 ئەيسا ئۇلارغا يەنە بىر تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى: «خۇدا پادىشاھلىقى خۇددى بىر ئادەم ئۆز ئېتىزىغا چاچقان قىچا ئۇرۇقىغا ئوخشايدۇ.
32 گەرچە قىچا ئۇرۇقى باشقا بارلىق ئۇرۇقلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كىچىكى بولسىمۇ، ئۇ ئۆسكەندە باغدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئەڭ چوڭى بولۇپ، دەرەخكە ئوخشاش ئېگىز ئۆسىدۇ ۋە قۇشلار كېلىپ ئۇنىڭ شاخلىرىغا قونىدۇ».
33 ئەيسا ئۇلارغا يەنە باشقا بىر تەمسىلنى ئېيتىپ بەردى: «خۇدا پادىشاھلىقى خېمىرتۇرۇچقا ئوخشايدۇ. بىر ئايال خېمىرتۇرۇچنى ئون كىلوگرام ئۇنغا ئارىلاشتۇرۇپ خېمىر يۇغۇرۇپتۇ، بۇ خېمىرتۇرۇچ پۈتۈن خېمىرنى بولدۇرۇپتۇ».
34 ئەيسا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تەمسىللەر بىلەن بايان قىلدى. ئۇ تەمسىل كەلتۈرمەي ئۇلارغا سۆز قىلمايتتى.
35 بۇنىڭ بىلەن، بىر پەيغەمبەر ئارقىلىق ئالدىن ئېيتىلغان مۇنۇ سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى: «ئېغىزىمنى تەمسىل سۆزلەش بىلەن ئاچىمەن، دۇنيا يارىتىلغاندىن بېرى سىر بولۇپ كەلگەن ئىشلارنى بايان قىلىمەن».
36 ئاندىن كېيىن، ئەيسا خالايىقنى تارقىتىۋېتىپ، ئۆيگە كىردى. شاگىرتلىرى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: «ئېتىزدىكى ياۋا ئوتلار توغرىسىدىكى تەمسىلنى چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز»،— دېدى.
37 ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «ياخشى ئۇرۇقنى چاچقان ئىنسانئوغلىدۇر.
38 ئېتىز بولسا دۇنيادۇر، ياخشى ئۇرۇق پادىشاھلىقنىڭ ئوغۇللىرىدۇر. ياۋايى ئوت-چۆپلەر بولسا رەزىل شەيتاننىڭ ئوغۇللىرىدۇر.
39 ياۋا ئوت-چۆپ ئۇرۇقلىرىنى چاچقان دۈشمەن شەيتاندۇر. ئورما ۋاقتى زامان ئاخىرىدۇر، ئورمىچىلار بولسا پەرىشتىلەردۇر.
40 خۇددى ياۋا ئوت-چۆپلەرنى يىغىپ، ئوتتا كۆيدۈرگەندەك، بۇ زاماننىڭ ئاخىرىدا ھەم شۇنداق بولىدۇ.
41 ئىنسانئوغلى ئۆز پەرىشتىلىرىنى ئەۋەتىدۇ ۋە شۇ پەرىشتىلەر ئۇنىڭ پادىشاھلىقىدىن باشقىلارغا پۇتلىكاشاڭ بولىدىغانلارنى ۋە يامانلىق قىلغۇچىلارنى يىغىپ،
42 ئۇلارنى لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوچاققا تاشلايدۇ. ئۇلار ئۇ يەردە يىغلاپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ.
43 شۇ چاغدا، ئادىل ئادەملەر ئاتىسىنىڭ پادىشاھلىقىدا قۇياشتەك چاقنايدۇ. بۇ سۆزلەرنى قۇلىقىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار!
44 خۇدا پادىشاھلىقى خۇددى ئېتىزدا يوشۇرۇلغان خەزىنىگە ئوخشايدۇ. بىر ئادەم ئۇنى تېپىۋېلىپ، قايتا يوشۇرۇپ كۆمۈپ قويىدۇ-دە، خۇشال-خۇرام قايتىپ بېرىپ بارچە مال-مۈلكىنى سېتىپ، شۇ ئېتىزنى سېتىۋالىدۇ.
45 خۇدا پادىشاھلىقى يەنە چىرايلىق ئۈنچە-مەرۋايىتلارنى ئىزدەپ، سەپەر قىلىپ يۈرگەن سودىگەرگە ئوخشايدۇ.
46 سودىگەر قىممەت-باھا بىر مەرۋايىتنى تاپقاندا، دەرھال بېرىپ بارچە مال-مۈلكىنى سېتىپ، ئاشۇ مەرۋايىتنى سېتىۋالىدۇ.
47 خۇدا پادىشاھلىقى يەنە دېڭىزغا سېلىنىپ ھەرخىل بېلىقلارنى تۇتىدىغان بىر تورغا ئوخشايدۇ.
48 تور توشقاندا، ئادەملەر تورنى قىرغاققا تارتىپ چىقىرىدۇ. ئاندىن ئولتۇرۇپ، ياخشى بېلىقلارنى ئىلغاپ سېۋەتلەرگە يىغىدۇ، لېكىن يارىماسلىرىنى تاشلىۋېتىدۇ.
49 بۇ زاماننىڭ ئاخىرىدىمۇ شۇنداق بولىدۇ. پەرىشتىلەر كېلىپ يامان كىشىلەرنى ئادىل كىشىلەردىن ئايرىيدۇ
50 ۋە ئۇلارنى لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوچاققا تاشلايدۇ. ئۇلار ئۇ يەردە يىغلاپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ».
51 ئەيسا ئۇلاردىن: «بۇ سۆزلىرىمنى چۈشەندىڭلارمۇ؟»،— دەپ سورىدى. شاگىرتلار ئۇنىڭغا: «چۈشەندۇق»، — دەپ جاۋاب بەردى.
52 ئاندىن كېيىن، ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «دېمەك، خۇدا پادىشاھلىقى توغرۇلۇق تەلىم ئالغان ھەرقانداق كىشى خۇددى ئۆز خەزىنىسىدىن كونا ۋە يېڭى نەرسىلەرنى چىقىرىۋاتقان ئۆي ئىگىسىگە ئوخشايدۇ».
53 ئەيسا بۇ تەمسىللەرنى سۆزلەپ بەرگەندىن كېيىن، شۇ يەردىن كەتتى.
54 ئۇ يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، سىناگوگتا كىشىلەرگە تەلىم بېرىشكە باشلىدى. كۆپچىلىك ھەيران بولۇشۇپ: «بۇ ئادەمنىڭ بۇنداق ئەقىل-پاراسىتى ۋە مۆجىزىلەرنى قىلىش كۈچى قەيەردىن كەلگەندۇ؟
55 ئۇ ياغاچچىنىڭ ئوغلىغۇ؟ ئانىسىنىڭ ئىسىمى مەريەم، ئىنىلىرى ياقۇپ، يۈسۈپ، سىمۇن ۋە يەھۇدا ئەمەسمۇ؟
56 سىڭىللىرىنىڭ ھەممىسى ئارىمىزدىغۇ؟ ئۇنداقتا، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا قەيەردىن كەلگەندۇ؟»،— دېيىشەتتى.
57 شۇنىڭ بىلەن، كۆپچىلىكنىڭ ئۇنىڭغا ئىشەنگۈسى كەلمەي، ئۇنى رەت قىلدى. ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «بىر پەيغەمبەر ئۆز يۇرتى ۋە ئۆيىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولمايدۇ».
58 خەلق ئۇنىڭغا ئىشەنمىگەچ، ئەيسا ئۇ يەردە كۆپ مۆجىزىلەرنى كۆرسەتمىدى.