58-دەرس
يەھۋاغا سادىق بولۇپ قېلىڭ
مەسىھنىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرى يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشقا ھېچنېمە ياكى ھېچكىمنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشىغا يول بەرمەسلىككە قەتئىي بەل باغلىغان. شەك-شۈبھىسىزكى، سىزمۇ شۇنداق بەل باغلىدىڭىز. يەھۋا سىزنىڭ ساداقەتمەنلىكىڭىزنى قەدىرلەيدۇ (1-تارىخنامە 28:9-نى ئوقۇڭ). قانداق ۋەزىيەتلەردە ئۇنىڭغا بولغان ساداقەتمەنلىكىڭىز سىنىلىشى مۇمكىن ۋە سادىق قېلىشىڭىزغا نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
1. ئىنسانلار يەھۋاغا بولغان ساداقىتىمىزنى قانداق سىنىشى مۇمكىن؟
بەزى كىشىلەر بىزنىڭ يەھۋاغا خىزمەت قىلىشىمىزغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. كىم بۇنداق ئىشنى قىلىدۇ؟ ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرۈگەن بەزى كىشىلەر ئېتىقادىمىزنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن خۇدانىڭ تەشكىلاتى توغرۇلۇق يالغان گەپ-سۆزلەرنى قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بەزى دىنىي رەھبەرلەر بىز توغرۇلۇق يالغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ، خەتەرنى كۆرۈپ يېتەلمىگەنلەرنىڭ ھەقىقەت يولىنى تاشلاپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ. ھەرقانداق قارشى تۇرغۇچىلار بىلەن بەس-مۇنازىرە قىلىش، ئۇلارنىڭ كىتابلىرىنى ياكى توردىكى يازمىلىرىنى ئوقۇش، تور بەتلىرىنى زىيارەت قىلىش ياكى فىلىملىرىنى كۆرۈش بىز ئۈچۈن خەتەرلىك. ئۇلار باشقىلارنى يەھۋاغا سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلىشتىن توختىتىشقا ئۇرۇنىدۇ. ئۇلار توغرۇلۇق ئەيسا مەسىھ مۇنداق دېگەن: «ئۇلارنى قويۇۋېتىڭلار. ئۇلار قارىغۇ يول باشچىلاردۇر. ئەگەر قارىغۇ قارىغۇنى يېتەكلىسە، ھەر ئىككىلىسى ئورىغا چۈشۈپ كېتىدۇ».—مەتتا 15:14.
بىز تونۇيدىغان بىرى ئەمدى يەھۋا گۇۋاھچىسى بولۇشتىن ۋاز كېچىشنى قارار قىلسىچۇ؟ ئەگەر يېقىنلىرىمىزدىن بىرى شۇنداق قىلسا، كۆڭلىمىز قاتتىق ئازابلىنىدۇ. بەلكىم، ئۇ كىشى يا ئۆزىنى، يا يەھۋانى تاللاشقا بىزنى مەجبۇرلىشى مۇمكىن. ھەممىدىن مۇھىمى، بىز خۇداغا سادىق بولۇپ قېلىشقا قەتئىي بەل باغلىشىمىز كېرەك (مەتتا 10:37). شۇڭا، بىز يەھۋانىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، شۇنداق كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلمايمىز.—1-كورىنتلىقلار 5:11-نى ئوقۇڭ.
2. شەخسىي قارارلىرىمىز يەھۋاغا بولغان ساداقىتىمىزنى قانداق سىنىشى مۇمكىن؟
يەھۋانى چىن دىلىمىزدىن سۆيسەك، بىز ساختا دىن بىلەن باغلىنىشى بار ھەرقانداق ئىشتىن يىراق تۇرىمىز. بىز قىلىدىغان ئىش، ئەزا بولغان تەشكىلاتلار ۋە شۇغۇللىنىدىغان ھەرقانداق ئىش-پائالىيەتلەر ساختا دىن بىلەن قىلچىمۇ باغلىنىشلىق بولماسلىقى كېرەك. يەھۋا بىزنى مۇنداق ئاگاھلاندۇرىدۇ: «ئەي خەلقىم، ئۇنىڭدىن [بۈيۈك بابىلوندىن] چىقىڭلار!».—ۋەھىيلەر 18:2، 4.
چوڭقۇرراق قېزىڭ
ھەرقانداق بىرىنىڭ يەھۋاغا بولغان ساداقەتمەنلىكىڭىزنى ئاجىزلاشتۇرۇشىغا يول بەرمەسلىك ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىڭىزنى ئۆگىنىۋېلىڭ. يەنە كاتتا بابىلوندىن چىقىپ، ساداقەتمەنلىكىڭىزنى قانداق كۆرسىتەلەيدىغانلىقىڭىزنى بىلىۋېلىڭ.
3. ساختا تەلىم بەرگۈچىلەردىن ئېھتىيات قىلىڭ
ئەگەر يەھۋانىڭ تەشكىلاتى توغرۇلۇق سەلبىي گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلىساق، نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ پەندى-نەسىھەت 14:15-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
نېمە ئۈچۈن ئاڭلىغان ھەممىلا گەپ-سۆزلەرگە ئىشىنىپ كېتىشتىن ئېھتىيات قىلىمىز؟
2-يۇھاننا 10-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرۈگەنلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك؟
-
ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرۈگەنلەر بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە قىلمىساقمۇ، ئەگەر ئېھتىياتچان بولمىساق، قايسى يوللار بىلەن ئۇلارنىڭ خاتا تەلىملىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ قېلىشىمىز مۇمكىن؟
-
ئەگەر بىز يەھۋا ياكى ئۇنىڭ تەشكىلاتى توغرۇلۇق سەلبىي گەپ-سۆزلەرنى تىڭشىساق، ئۇ قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولىدۇ؟
4. ئېتىقاددىشىمىز ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغاندا، يەھۋاغا سادىق قېلىڭ
ئەگەر جامائەتتە بىرىنىڭ ئېغىر گۇناھ قىلغانلىقىنى بىلسەك، بىزنىڭ قانداق مەجبۇرىيىتىمىز بار؟ قەدىمقى ئىسرائىل خەلقىگە بېرىلگەن خۇدانىڭ قانۇنىدىكى بىر پرىنسىپ ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ. لاۋىيلار 5:1-نى ئوقۇڭ.
بۇ ئايەتتىكى كۆرسەتمىلەر بويىچە، ئەگەر بىز بىرسىنىڭ ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلسەك، ئاقساقاللارغا بىلگەنلىرىمىزنى ئېيتىشىمىز كېرەك. ئەمما، شۇنداق قىلىشتىن ئىلگىرى، گۇناھكارنى ئاقساقاللارنىڭ قېشىغا بېرىشقا ئۈندەش مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەنلىك بولىدۇ. ئەگەر ئۇ بۇنداق قىلمىسا، يەھۋاغا بولغان ساداقىتىمىز بىزنى ئاقساقاللارغا بىلگەنلىرىمىزنى ئېيتىشقا دەۋەت قىلىدۇ. شۇنداق قىلساق، . . .
-
يەھۋاغا سادىق سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
-
گۇناھ قىلغان كىشىگە سادىق سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
-
جامائەتتىكى باشقا قېرىنداشلارغا سادىق سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
5. كاتتا بابىلوندىن چىقىپ كېتىڭ
لۇقا 4:8 ۋە ۋەھىيلەر 18:4، 5-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
ساختا دىن بىلەن باغلىنىشلىق ئۆرپ-ئادەتلەردىن پۈتۈنلەي ۋاز كەچتىممۇ؟
-
باشقا دىن بىلەن باغلىنىشلىق تەشكىلاتنىڭ ئەزاسىمەنمۇ؟
-
ئىشىم مەلۇم جەھەتتىن ساختا دىننى قوللاپ-قۇۋۋەتلەمدۇ؟
-
ھاياتىمنىڭ قايسى ساھەسىدە يەنە ساختا دىندىن ئايرىلىشىم كېرەك؟
-
ئەگەر بۇ سوئاللاردىن بىرىگە «ھەئە» دەپ جاۋاب بەرسەم، قانداق ئۆزگەرتىشلەرنى قىلىشىم كېرەك؟
بارلىق ۋەزىيەتلەردە ۋىجدانىڭىز سىزنى ئازابلىمايدىغان ۋە يەھۋاغا بولغان ساداقەتمەنلىكىڭىزنى نامايان قىلىدىغان قارارنى چىقىرىڭ.
بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرگەنلەرنىڭ يەھۋا گۇۋاھچىلىرى توغرۇلۇق نېمە دېگەنلىكىنى بىلىشىم كېرەك، شۇندىلا ھەقىقەتنى قوغدالايمەن».
-
شۇنداق قىلىش دانالىق بولامدۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟
خۇلاسە
يەھۋاغا سادىق بولۇپ قېلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ساداقەتسىزلىك قىلغانلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشتىن ساقلىنىشىمىز زۆرۈر. بىز ساختا دىندىن پۈتۈنلەي چىقىپ كېتىشىمىز كېرەك.
تەكرارلاش
-
بىز نېمە ئۈچۈن ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرۈگەنلەرنىڭ كۆزقاراشلىرىنى ئاڭلىماسلىقىمىز، ئوقۇماسلىقىمىز ۋە كۆرمەسلىكىمىز كېرەك؟
-
ئەمدى يەھۋا گۇۋاھچىسى بولۇشنى خالىمايدىغانلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك؟
-
ساختا دىندىن چىقىش توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇشقا قانداق قۇلاق سالالايمىز؟
ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
باشقىلار يەھۋا گۇۋاھچىلىرى توغرۇلۇق يالغان خەۋەرلەرنى تارقاتقاندا، قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشنى ئۆگىنىڭ.
«سىزدە ئىشەنچلىك دەلىل-ئىسپاتلار بارمۇ؟» («كۈزىتىش مۇنارى»، 2018-يىل، ئاۋغۇست)
كاتتا بابىلوننى قوللايدىغان تەشكىلات ياكى ئىش-پائالىيەتلەرنى قانداق پەرقلەندۈرەلەيسىز؟
ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرۈگەن بەزىلەر ئىمان-ئېتىقادىمىزنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ، نېمىلەرنى قىلغان؟
«بالىلىق چېغىمدىن باشلاپلا خۇدانى ئىزدىگەن ئىدىم» ناملىق تەرجىمىھالدىن شىنتو دىنىي رەھبىرىنىڭ ساختا دىن بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزگەنلىكىنى ئوقۇڭ.
«مۇقەددەس كىتاب ھاياتنى ئۆزگەرتىدۇ» («كۈزىتىش مۇنارى»، 2011-يىل، 1-ئىيۇل)