54-دەرس
سادىق ۋە ئەقىل-پاراسەتلىك قۇلنىڭ رولى
مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى جامائىتىنىڭ بېشى ئەيسا مەسىھتۇر (ئەفەسلىكلەر 5:23). بۈگۈنكى كۈندە ئەيسا ئاسماندا تۇرۇپ، سادىق ۋە ئەقىل-پاراسەتلىك قۇل ئارقىلىق يەر يۈزىدىكى ئەگەشكۈچىلىرىنى يېتەكلەيدۇ (مەتتا 24:45-نى ئوقۇڭ). ئەيسا مەسىھ ئۆزى بۇ قۇلنى تەيىنلەپ، ئۇنىڭغا بەزى قارارلارنى چىقىرىش ھوقۇقىنى بەرگەن. ئەمما، بۇ قۇل چوقۇم مەسىھكە بويسۇنۇشى ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىغا خىزمەت قىلىشى كېرەك. بۇ قۇل كىم؟ ئۇ بىزگە قانداق غەمخورلۇق قىلىدۇ؟
1. سادىق ۋە ئەقىل-پاراسەتلىك قۇل كىم؟
ياراتقۇچى يەھۋا ئۆز خەلقىگە يول-يورۇق بېرىش ئۈچۈن ھەردائىم بىر كىشىنى ياكى بىر توپ كىشىلەرنى ئىشلىتىپ كەلگەن (مالاكى 2:7؛ ئىبرانىيلار 1:1). ئەيسا مەسىھ ئۆلگەندىن كېيىن، يېرۇسالىمدىكى ئەلچىلەر ۋە ئاقساقاللار مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى جامائىتىگە يولباشچىلىق قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان (ئەلچىلەر 15:2). خۇددى شۇنىڭدەك، بۈگۈنكى كۈندىمۇ كىچىك بىر توپ ئاقساقاللار جامائەتنى روھىي ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەپ، ۋەز ئېيتىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. بۇ توپ يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ يېتەكچى كېڭىشى دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئەيسا تەيىنلىگەن سادىق ۋە ئەقىل-پاراسەتلىك قۇلدۇر (مەتتا 24:45). يېتەكچى كېڭەشنىڭ بارلىق ئەزالىرى مەسىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار بولۇپ، يەر يۈزىدىكى ھاياتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئاسماندىكى پادىشاھلىققا قوشۇلۇشنى ئۈمىد بىلەن كۈتىۋاتىدۇ.
2. سادىق قۇل قانداق روھىي ئوزۇقلۇقنى تەمىنلەيدۇ؟
ئەيسا مەسىھ، ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىگە ۋاقتى-ۋاقتىدا روھىي ئوزۇق-تۈلۈكنى تەمىنلەشكە سادىق قۇلنى تەيىنلىگەن (مەتتا 24:45). ئادەتتە، يېمەك-ئىچمەكلەر جىسمانىي جەھەتتىن ياردەم بېرىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، روھىي ئوزۇقلۇق، يەنى خۇدانىڭ سۆزىدىن كەلگەن يول-يورۇق ئۇنىڭغا سادىق بولۇپ قېلىشىمىزغا ۋە ئەيسا تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئورۇنلاشقا كېرەكلىك كۈچ-قۇۋۋەتنى بېرىدۇ (1-تىموتىي 4:6). بىز ئاشۇ روھىي ئوزۇقلۇقنى جامائەت ئىبادەت يىغىلىشلىرى، بىر كۈنلۈك ياكى ئۈچ كۈنلۈك چوڭ يىغىلىشلار ۋە مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان كىتاب-ژۇرناللار، فىلىملەر ئارقىلىق قوبۇل قىلىمىز. بۇلار خۇدانىڭ ئىرادىسىنى چۈشىنىشىمىزگە ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان دوستلىقىمىزنى كۈچەيتىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ.
چوڭقۇرراق قېزىڭ
نېمە ئۈچۈن سادىق ۋە ئەقىل-پاراسەتلىك قۇل، يەنى يېتەكچى كېڭەشكە، مۇھتاج ئىكەنلىكىمىزنى بىلىۋېلىڭ.
يېتەكچى كېڭەش دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يەھۋا گۇۋاھچىلىرىغا روھىي ئوزۇق، كۆرسەتمىلەر ۋە ئەمەلىي ياردەملەرنى بېرىدۇ
3. يەھۋانىڭ خەلقى تەشكىللەنگەن بولۇشى كېرەك
يېتەكچى كېڭەش يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ خىزمىتىنى ئەيسانىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تەشكىللەيدۇ. بىرىنچى ئەسىردىكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىمۇ شۇنداق تەشكىللەنگەنىدى. فىلىمنى كۆرۈڭ.
1-كورىنتلىقلار 14:33، 40-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
بۇ ئايەتلەر، يەھۋا ئۆز خەلقىنىڭ تەشكىللىنىشىنى خالايدىغانلىقىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟
4. سادىق قۇل ۋەز خىزمىتىمىزنى تەشكىللەيدۇ
ۋەز ئېيتىش بىرىنچى ئەسىردىكى ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى قىلغان ئەڭ مۇھىم خىزمەت ئىدى. ئەلچىلەر 8:14، 25-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
بىرىنچى ئەسىردىكى ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئارىسىدا، كىم ۋەز خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلغان؟
-
باشقا ئەلچىلەرنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە پېترۇس بىلەن يۇھاننا قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟
ۋەز خىزمىتى يېتەكچى كېڭەش تەشكىللىگەن ئەڭ مۇھىم خىزمەت. فىلىمنى كۆرۈڭ.
ماركۇس 13:10-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
ئەيسا مەسىھ ۋەز خىزمەتنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.-
نېمە ئۈچۈن ۋەز پائالىيىتى يېتەكچى كېڭەش ئۈچۈن بەك مۇھىم؟
-
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خىزمەتنى تەشكىللەشتە، نېمە ئۈچۈن سادىق ۋە ئەقىل-پاراسەتلىك قۇلغا مۇھتاج؟
5. سادىق قۇل كۆرسەتمىلەرنى بېرىدۇ
يېتەكچى كېڭەش دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە كۆرسەتمىلەرنى بېرىدۇ. ئۇلار قانداق كۆرسەتمىلەرنى بېرىشنى قارار قىلىش ئۈچۈن نېمە قىلىدۇ؟ كېلىڭ، بىرىنچى ئەسىردىكى يېتەكچى كېڭەشنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى. ئەلچىلەر 15:1، 2-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
ئەيسانىڭ دەسلەپكى شاگىرتلىرى قايسى مەسىلىدە بىرلىككە كېلەلمىگەن؟
-
بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پاۋلۇس، بارنابا ۋە باشقىلار كىملەردىن ياردەم سورىغان؟
ئەلچىلەر 15:12–18، 23–29-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
بۇ مەسىلە ئۈستىدە قارار چىقىرىشتىن بۇرۇن، بىرىنچى ئەسىردىكى يېتەكچى كېڭەش خۇدادىن يول-يورۇق سوراپ نېمە ئىش قىلغان؟—12، 15 ۋە 28-ئايەتلەرنى كۆرۈڭ.
ئەلچىلەر 15:30، 31 ۋە 16:4، 5-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
بىرىنچى ئەسىردىكى ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى يېتەكچى كېڭەش بەرگەن كۆرسەتمىلەرگە قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟
-
يەھۋا ئۇلارنىڭ ئىتائەتچانلىقىنى قانداق بەرىكەتلىگەن؟
2-تىموتىي 3:16 ۋە ياقۇپ 1:5-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
بۈگۈنكى كۈندە يېتەكچى كېڭەش قارار چىقارغاندا، كۆرسەتمىلەرنى قەيەردىن ئىزدەيدۇ؟
بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: «يېتەكچى كېڭەشنىڭ ئەزالىرى ئادەملەر ئەمەسمۇ؟ ئەسلىدە سىلەر ئادەملەرگە ئەگىشىدىكەنسىلەر».
-
سىز ئەيسا مەسىھنىڭ يېتەكچى كېڭەشكە كۆرسەتمىلەرنى بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنەمسىز؟ نېمە ئۈچۈن؟
خۇلاسە
يېتەكچى كېڭەش ئەيسا مەسىھ تەيىنلىگەن سادىق ۋە ئەقىل-پاراسەتلىك قۇل. ئۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە كۆرسەتمىلەرنى ۋە روھىي ئوزۇقلۇقلارنى تەمىنلەپ بېرىدۇ.
تەكرارلاش
-
كىم سادىق ۋە ئەقىل-پاراسەتلىك قۇلنى تەيىنلىگەن؟
-
يېتەكچى كېڭەش بىزگە قانداق غەمخورلۇق قىلىدۇ؟
-
يېتەكچى كېڭەشنىڭ سادىق ۋە ئەقىل-پاراسەتلىك قۇل ئىكەنلىكىگە ئىشىنەمسىز؟
ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
يېتەكچى كېڭەشنىڭ خىزمەتلەرنى قانداق تەشكىللەيدىغانلىقىنى كۆرۈڭ.
«يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ يېتەكچى كېڭىشى قانداق خىزمەت قىلىدۇ؟» (تور بېكەتتىكى ماقالە)
يېتەكچى كېڭەش بىز ئۈچۈن تەمىنلەيدىغان روھىي ئوزۇقلۇقنىڭ ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىگە قانداق جەزم قىلىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ.
ئەيسا تاپشۇرغان خىزمەتكە يېتەكچى كېڭەشنىڭ ئەزالىرى قانداق قارايدۇ؟
جامائەت يىغىلىشلىرى ۋە چوڭ يىغىلىشلار يەھۋانىڭ يېتەكچى كېڭەشكە يول-يورۇقلارنى بېرىۋاتقانلىقىنى قانداق ئىسپاتلايدۇ؟