مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

53-‏دە‌رس

يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى تاللاڭ

يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى تاللاڭ

يە‌ھۋا شاد-‏خۇ‌رام خۇ‌دادۇ‌ر (‏1-‏تىموتىي 1:‏11‏)‏.‏ ئۇ بىزنىڭمۇ شاد-‏خۇ‌رام ھايات كە‌چۈرۈشىمىزنى خالايدۇ.‏ بىز ئارام ئېلىش ئۈچۈن ۋاقىت ئاجراتساق،‏ يە‌ھۋا خۇ‌شال بولىدۇ.‏ بۇ دە‌رستە بىز بوش ۋاقتىمىزنى خۇ‌شال-‏خۇ‌رام ۋە ئە‌ھمىيە‌تلىك ئۆتكۈزۈش ۋە يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىش ئۈچۈن نېمىلە‌رنى قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرىمىز.‏

1.‏ ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى تاللىغاندا،‏ نېمىلە‌رنى ئە‌ستە ساقلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

ئارام ئالغان چاغلاردا نېمە قىلىشنى ياخشى كۆرىسىز؟‏ بە‌زىلە‌ر بوش ۋاقىتلىنى ئۆيدە تىنچ ئولتۇ‌رۇ‌پ،‏ كىتاب ئوقۇ‌ش،‏ مۇ‌زىكا تىڭشاش،‏ كىنو كۆرۈش ياكى تور بېكە‌تلە‌رنى زىيارە‌ت قىلىشتە‌ك ئىشلار بىلە‌ن ئۆتكۈزىدۇ.‏ باشقىلار دوستلىرى بىلە‌ن پىيادە مېڭىش،‏ سۇ ئۈزۈش ياكى بىر ئويۇ‌ن ئويناشتە‌ك ئىشلار بىلە‌ن ۋاقىت ئۆتكۈزىدۇ.‏ مە‌يلى ۋاقتىمىزنى قانداق ئۆتكۈزۈشىمىزدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن تاللىغان ئويۇ‌ن-‏تاماشىلار رە‌ببىمىزنى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغانلىقىغا كۆز يە‌تكۈزۈشىمىز كېرە‌ك (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏10‏)‏.‏ بۇ‌نى چۈشىنىش ناھايىتى مۇ‌ھىم،‏ چۈنكى نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌رنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكە‌ن كۆڭۈل ئېچىش پائالىيە‌تلىرى،‏ يە‌ھۋا ئۆچ كۆرىدىغان زوراۋانلىق،‏ جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىق ياكى جىنكە‌شلىككە ئوخشاش ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 11:‏5-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى تاللىغاندا،‏ دانا قارار چىقىرىشقا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

ئە‌گە‌ر بىز يە‌ھۋانى سۆيىدىغان دوستلارنى تاللىساق،‏ ئۇ‌لار بىزگە ئويۇ‌ن-‏تاماشا تاللاشتا ياخشى تە‌سىر قىلالايدۇ.‏ ئالدىنقى دە‌رستە ئۆگە‌نگىنىمىزدە‌ك،‏ «دانالار بىلە‌ن ھە‌مراھ بولسا،‏ دانا بولار».‏ ئە‌كسىچە،‏ ئە‌گە‌ر بىز خۇ‌دانىڭ ئۆلچە‌م-‏قائىدىلىرىنى ياقتۇ‌رمايدىغان ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن دائىم مۇ‌ناسىۋە‌ت قىلساق،‏ «زىيانغا» ئۇ‌چرايمىز.‏—‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 13:‏20‏.‏

2.‏ كۆڭۈل ئېچىشقا قانچىلىك ۋاقىت سە‌رپ قىلىش نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھىم؟‏

بىز تاللىغان ئويۇ‌ن-‏تاماشا ساغلام بولغان تە‌غدىردىمۇ،‏ ئۇ‌نىڭغا بە‌ك كۆپ ۋاقىت سە‌رپ قىلىشتىن ساقلىنىشىمىز كېرە‌ك.‏ بولمىسا،‏ تېخىمۇ مۇ‌ھىم ئىش-‏پائالىيە‌تكە يېتە‌رلىك ۋاقىت چىقىرالماسلىقىمىز مۇ‌مكىن.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزنى ۋاقتىمىزنى ئە‌ڭ ياخشى ئۇ‌سۇ‌لدا قوللىنىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏—‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏15،‏ 16-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

چوڭقۇ‌رراق قېزىڭ

كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى تاللاشتا توغرا قارارلارنى چىقىرىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.‏

3.‏ ساغلام بولمىغان ئويۇ‌ن-‏تاماشىلاردىن يىراق تۇ‌رۇ‌ڭ

نېمە ئۈچۈن ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى تاللىغاندا ئېھتىياتچان بولۇ‌شىمىز لازىم؟‏ فىلىمنى كۆرۈڭ‏،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللار ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏

  • قە‌دىمقى گلادىئاتورلارنىڭ ئويۇ‌نلىرى قايسى زامانىۋىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيە‌تلىرىگە ئوخشايدۇ؟‏

  • بۇ فىلىمدا،‏ داننى كۆڭۈل ئېچىش ھە‌ققىدە نېمىلە‌رنى ئۆگە‌ندى؟‏

رىملىقلار 12:‏9-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • بۇ ئايە‌ت ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى تاللىشىڭىزغا قانداق ياردە‌م بېرىشى كېرە‌ك؟‏

يە‌ھۋا قانداق نە‌رسىلە‌رنى ئۆچ كۆرىدۇ؟‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 6:‏6،‏ 17 ۋە گالاتىيالىقلار 5:‏19–‏21-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ ھە‌ربىر ئايە‌تنى ئوقۇ‌غاندىن كېيىن،‏ تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • بۈگۈنكى ئويۇ‌ن-‏تاماشىلاردا،‏ بۇ ئايە‌تلە‌ردە تىلغا ئېلىنغان قايسى ئىشلار كۆپ ئۇ‌چرايدۇ؟‏

 ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى دانالىق بىلە‌ن تاللاڭ!‏

ئۆزىڭىزدىن سوراپ كۆرۈڭ:‏

  • نېمە؟‏ بۇ يە‌ھۋا ئۆچ كۆرىدىغان نە‌رسىنى ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ؟‏

  • قاچان؟‏ بۇ تېخىمۇ مۇ‌ھىم ئىشلارغا سە‌رپ قىلىدىغان ۋاقتىمنى ئالامدۇ؟‏

  • كىم؟‏ بۇ مېنى يە‌ھۋانى سۆيمە‌يدىغان كىشىلە‌ر بىلە‌ن يېقىنلىشىشقا ياكى دائىم ۋاقىت ئۆتكۈزۈشكە يېتە‌لە‌مدۇ؟‏

خە‌تە‌ردىن مۇ‌مكىنقە‌دە‌ر يىراق تۇ‌رۇ‌ش تېخىمۇ بىخە‌تە‌ر.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز زىيانلىق ئويۇ‌ن-‏تاماشىلاردىن يىراق تۇ‌رۇ‌شىمىز كېرە‌ك

4.‏ ۋاقتىڭىزدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىڭ

فىلىمنى كۆرۈڭ‏،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏

  • فىلىمدىكى بۇ‌رادە‌ر ھېچبىر يامان نە‌رسىنى كۆرمىسىمۇ،‏ قانداق قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن؟‏

فىلىپىلىكلە‌ر 1:‏10-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ:‏

  • بۇ ئايە‌ت كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت سە‌رپ قىلىشنى قارار قىلىشىمىزغا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

5.‏ ساغلام ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى تاللاڭ

يە‌ھۋا بە‌زى ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى ئۆچ كۆرسىمۇ،‏ ئۇ‌نى خۇ‌شال قىلىدىغان نۇ‌رغۇ‌ن ئويۇ‌ن-‏تاماشىلار بار.‏ ۋە‌ز 8:‏15 ۋە فىلىپىلىكلە‌ر 4:‏8-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • قايسى ساغلام ئويۇ‌ن-‏تاماشىلاردىن خۇ‌شاللىق تاپىسىز؟‏

ساغلام كۆڭۈل ئېچىش ۋە ئويۇ‌ن-‏تاماشىلاردىن ھۇ‌زۇ‌ر ئالالايسىز

بە‌زىلە‌ر مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئويۇ‌ن-‏تاماشىلاردا زوراۋانلىق،‏ ئە‌خلاقسىزلىق ياكى جىنكە‌شلىك توغرۇ‌لۇ‌ق مە‌زمۇ‌نلار بولسا،‏ ئۇ‌نىڭ خاتا يېرى يوق.‏ ئۆزۈم شۇ‌نداق ئىشلارنى قىلمايمە‌ن،‏ ئۇ پە‌قە‌تلا كۆڭۈل ئاچىدىغان ئويۇ‌نغۇ!‏»‏

  • سىز نېمە دە‌يسىز؟‏

خۇ‌لاسە

يە‌ھۋا بىزنىڭ ساغلام ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى تاللىشىمىزنى ۋە ئۇ‌لاردىن ھۇ‌زۇ‌ر ئېلىشىمىزنى خالايدۇ.‏

تە‌كرارلاش

  • مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى قانداق ئويۇ‌ن-‏تاماشىلاردىن يىراق تۇ‌رۇ‌شى كېرە‌ك؟‏

  • بىز كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت سە‌رپ قىلىشقا نېمە ئۈچۈن دىققە‌ت قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

  • نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋانى خۇ‌شال قىلىدىغان ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى تاللاشنى خالايسىز؟‏

مە‌قسە‌ت

ئىزدىنىپ كۆرۈڭ

ئويۇ‌ن-‏تاماشىلار ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيە‌تلىرىنى تاللاشتا قانداق توغرا قارارلارنى چىقىرالايسىز؟‏

‏«سىز تاللىغان ئويۇ‌ن-‏تاماشىلار پايدىلىقمۇ؟‏»‏ (‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 2011-‏يىل،‏ 15-‏ئۆكتە‌بىر)‏

نېمە ئۈچۈن بىر كىشى باشقىچە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيە‌تلىرىنى تاللىغانلىقىنى ئۈچۈن،‏ «مە‌ن باشقىلارنى كە‌مسىتىشنى تاشلىدىم» ناملىق ماقالىنى كۆرۈڭ.‏

‏«مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھاياتنى ئۆزگە‌رتىدۇ»‏ (‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 2010-‏يىل،‏ 1-‏فېۋرال)‏

بىر ئانىنىڭ جىنكە‌شلىك بىلە‌ن باغلىنىشى بار فىلىم توغرىسىدا قانداق دانا قارار چىقارغانلىقىنى كۆرۈڭ.‏

‏«جىنكە‌شلىككە مۇ‌ناسىۋە‌تلىك ئويۇ‌ن-‏تاماشىلاردىن يىراق تۇ‌رۇ‌ڭ»‏ (‏02:‏2)‏