40-دەرس
خۇدانىڭ نەزەرىدە پاك بولۇڭ
مېھرىبان ئانا ئوغلىنى مەكتەپكە ئەۋەتىش ئالدىدا، بالىسىنى قانداق تەييارلىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ. ئۇ ئوغلىنى يۇيۇندۇرۇپ، پاكىز، رەتلىك كىيىندۈرىدۇ. بۇ بالىنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن پايدىلىق ۋە باشقىلارغا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئوغلىغا ياخشى كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، كۆيۈمچان ئاتىمىز يەھۋا بىزنىڭ جىسمانىي ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن پاك بولۇشىمىزنى خالايدۇ. پاكىز بولساق، ئۆزىمىز ئۈچۈن پايدىلىق ۋە ياراتقۇچىمىزغا شان-شەرەپ كەلتۈرىمىز.
1. جىسمانىي جەھەتتىن قانداق پاك بولالايمىز؟
يەھۋا بىزگە: «مۇقەددەس بولۇڭلار» دەيدۇ (1-پېترۇس 1:16). مۇقەددەسلىك جىسمانىي ۋە ئەخلاقىي پاكلىق بىلەن باغلىنىشلىق. بىز دائىم يۇيۇنۇش ۋە كىيىم-كېچەك، ئۆي ۋە ماشىنىمىزنى پاكىز، رەتلىك تۇتۇش ئارقىلىق جىسمانىي جەھەتتىن پاك بولالايمىز. بىز يەنە ئىبادەت يىغىلىشى زاللىرىنى تازىلاپ، پاكىز تۇتۇشقا ياردەم بېرەلەيمىز. جىسمانىي جەھەتتىن پاك بولساق، يەھۋاغا شان-شەرەپ كەلتۈرىمىز.—2-كورىنتلىقلار 6:3، 4.
2. پاك-پاكىز بولۇش ئۈچۈن، قايسى ئادەتلەردىن يىراق تۇرۇشىمىز كېرەك؟
مۇقەددەس كىتاب «تەن ۋە روھىمىزنى بۇلغايدىغان ھەرقانداق نەرسىدىن ئۆزىمىزنى پاكىزلاپ»، بىزنى پاك ياشاشقا ئۈندەيدۇ (2-كورىنتلىقلار 7:1). شۇڭا، بەدىنىمىزگە ياكى ئەقلىمىزگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق نەرسىدىن نېرى تۇرۇشقا تىرىشىمىز. ئوي-پىكىرلىرىمىز يەھۋانى خۇرسەن قىلىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن نامۇۋاپىق ئوي-پىكىرلەرنى رەت قىلىمىز (زەبۇر 104:34). بىز يەنە ئەدەبسىز گەپ-سۆزلەرنى ئىشلەتمەسلىككە تىرىشىمىز.—كولوسىلىقلار 3:8-نى ئوقۇڭ.
يەنە نېمە بىزنى جىسمانىي ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن ناپاك قىلىدۇ؟ تېنىمىزنى بۇلغايدىغان بەزى ماددىلار بار. شۇڭلاشقا، بىز تاماكا، ناسۋال، نەشە ۋە زەھەرلىك چېكىملىك ۋە باشقا مەسخۇش قىلىدىغان دورىلاردىن يىراق تۇرىمىز. بۇلاردىن ساقلىنىش ئارقىلىق تەن-ساغلاملىقىمىز ياخشىراق بولىدۇ ۋە ھاياتلىق سوۋغىسىغا ھۆرمەت كۆرسىتىمىز. بىز يەنە ئانانىزم a ۋە شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى كۆرۈشتەك ناپاك قىلمىشلارغا قارشى تۇرۇش ئارقىلىق ئەخلاقىي جەھەتتىن پاك بولۇشقا تىرىشىمىز (زەبۇر 119:37؛ ئەفەسلىكلەر 5:5). بۇ يامان ئادەتلەرنى يېڭىش قىيىن، شۇنداقتىمۇ يەھۋا بىزگە ئۇلارنى تاشلاشقا ياردەم بېرەلەيدۇ.—يەشايا 41:13.
چوڭقۇرراق قېزىڭ
جىسمانىي جەھەتتىن پاك بولۇشنىڭ يەھۋاغا قانداق شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئويلاڭ ۋە ناپاك ئادەتلەرنى قانداق تاشلاشنى ئۆگىنىڭ.
3. جىسمانىي پاكىزلىق يەھۋاغا شان-شەرەپ كەلتۈرىدۇ
يەھۋانىڭ قەدىمقى ئىسرائىل خەلقىگە بەرگەن بۇيرۇقلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۇنىڭ پاكىزلىققا بولغان كۆزقارىشىنى بىلەلەيمىز. چىقىش 19:10 ۋە 30:17–19-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
بۇ ئايەتلەر ياراتقۇچى يەھۋانىڭ جىسمانىي پاكىزلىققا بولغان كۆزقارىشى ھەققىدە نېمىلەرنى ئاشكارىلايدۇ؟
-
قايسى ياخشى ئادەتلەر جىسمانىي جەھەتتىن پاك بولۇشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ؟
جىسمانىي جەھەتتىن پاكىزە بولۇش ئۈچۈن ۋاقىت ۋە كۈچ چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەمما، قەيەردە ياشىشىمىزدىن ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋالىمىز قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىز تامامەن شۇنداق قىلالايمىز. فىلىمنى كۆرۈڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
-
ۋەز خىزمىتىمىزدە ئۆز نەرسە-كېرەكلىرىمىزنى پاكىزە-رەتلىك تۇتۇش ئارقىلىق يەھۋاغا قانداق شان-شەرەپ كەلتۈرەيمىز؟
4. يامان ئادەتلەرنى تاشلاڭ
ئەگەر تاماكا ياكى كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن زەھەرلىك چېكىملىك چەكسىڭىز، بۇ ئادەتنى تاشلاشنىڭ قانچىلىك قىيىن ئىكەنلىكىنى بىلىسىز. ئەمما، سىزگە نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟ شۇ ئادەتنىڭ سىزگە قانداق تەسىر قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆرۈڭ. مەتتا 22:37–39-نى ئوقۇپ، تۆۋەندىكى سوئاللارنى مۇھاكىمە قىلىڭ. تاماكا ۋە زەھەرلىك چېكىملىك ...
-
كىشىنىڭ يەھۋا بىلەن بولغان دوستلۇقىغا قانداق تەسىر قىلىدۇ؟
-
كىشىنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ۋە باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە قانداق تەسىر قىلىدۇ؟
يامان ئادەتنى تاشلاش ئۈچۈن پىلان تۈزۈڭ b. فىلىمنى كۆرۈڭ.
فىلىپپىلىقلارغا 4:13-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
دۇئا قىلىش، مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىش ۋە ئىبادەت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش يامان ئادەتنى تاشلاشقا قانداق كۈچ بېرەلەيدۇ؟
5. ناپاك ئوي-پىكىرلەر ۋە ئىش-ھەرىكەتلەرگە قارشى كۈرەش قىلىڭ
كولوسىلىقلار 3:5-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى كۆرۈش، شەھۋانىي مەزمۇندىكى ئۇچۇرلارنى ئەۋەتىش ۋە قولدا لەززەتلىنىش يەھۋانىڭ نەزەرىدە ناپاك ئىكەنلىكىنى قەيەردىن بىلىمىز؟
-
سىزنىڭچە، يەھۋانىڭ بىزدىن ئەخلاقىي جەھەتتىن پاك بولۇشنى تەلەپ قىلىشى ئەقىلگە مۇۋاپىقمۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟
ناپاك ئوي-خىياللارغا قارشى قانداق كۈرەش قىلىشنى بىلىۋېلىڭ. فىلىمنى كۆرۈڭ.
ئەيسا مەسىھ بىر تەمسىلنى ئىشلىتىپ، ئەخلاق جەھەتتە پاك-پاكىزە بولۇش ئۈچۈن چوقۇم قەتئىي ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى كۆرسەتكەن. مەتتا 5:29، 30-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
بۇ ئايەتتە، ئەيسا مەسىھ ئۆزىمىزگە جىسمانىي جەھەتتىن زىيان يەتكۈزۈشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتمىغان، ئەكسىچە ناپاك ئوي-پىكىرلەردىن يىراق تۇرۇش ئۈچۈن قەتئىي ئىرادە بىلەن ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى كۆرسەتكەن. بۇنى قانداق قىلالايمىز؟ c
ناپاك ئوي-پىكىرلەردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلسىڭىز، يەھۋا چىقارغان تىرىشچانلىقىڭىزنى قەدىرلەيدۇ. زەبۇر 103:13، 14-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
ئەگەر ناپاك ئادەت بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان بولسىڭىز، بۇ ئايەت سىزنى داۋاملىق كۈرەش قىلىشقا قانداق دەۋەت قىلىدۇ؟
يىقىلىپ چۈشسىڭىز، قايتا دەس تۇرۇڭ!
بىر ئادەم قايتا يامان ئىش قىلىپ قويغىنىدا، «مەن يامان ئادىتىمنى تاشلىيالمايدىكەنمەن، بولدى ۋاز كېچەيلا»،_ دەپ ئويلىشى مۇمكىن. ئەمما، ئويلاپ كۆرۈڭە: ئۇزۇنغا يۈگۈرەيدىغان تەنھەرىكەتچى مۇسابىقىدە يىقىلىپ چۈشسە، بۇ ئۇنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى ياكى بولمىسا باش پەللىگە قايتىپ، قايتا يۈرۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، بىر ئىشنى تەكرار قىلىپ قويۇش، بۇ يامان ئادەتلەرگە قارشى كۈرەشتە مەغلۇپ بولغانلىقىڭىزنى بىلدۈرمەيدۇ. شۇنىڭدەك، بۇ ھەرگىزمۇ ئاللىقاچان قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىڭىز بىكار بولدى دېگەنلىك ئەمەس. بىر ئىشنى قايتا قىلىپ قويۇش نورمال ئەھۋال، غەلبە قىلىش ئۈچۈن بېسىش كېرەك يولنىڭ بىر قىسىمى. ھەرگىز بەل قويۇۋەتمەڭ! يەھۋانىڭ ياردىمىدە چوقۇم يامان ئادەتنى تاشلىيالايسىز.
بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: «مەن خۇمار بولۇپ قالدىم. ئەمدى تاشلىيالمايمەن».
-
بىر كىشىگە ئۆزىنىڭ يامان ئادىتىنى يەھۋانىڭ ياردىمىدە تاشلىيالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، مۇقەددەس كىتابتىكى قايسى ئايەتنى قوللىنالايسىز؟
خۇلاسە
تېنىمىز، زېھىنىمىز ۋە ئىش-ھەرىكىتىمىزنى پاك-پاكىز تۇتۇش ئارقىلىق يەھۋانى خۇرسەن قىلىمىز.
تەكرارلاش
-
پاك-پاكىز بولۇش نېمە ئۈچۈن شۇنچە مۇھىم؟
-
جىسمانىي جەھەتتىن پاكىز بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟
-
ئوي-پىكىرلىرىڭىز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىڭىزنى قانداق پاك تۇتالايسىز؟
ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
تۇرمۇش شارائىتىڭىز ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ، جىسمانىي جەھەتتىن پاكىز بولۇش ئۈچۈن قانداق ئاددىي ئىشلارنى قىلالايسىز؟
تاماكا خۇمارىدىن قۇتۇلۇشنىڭ ئەمەلىي قەدەملىرىنى كۆرۈڭ.
«تاماكىنى قانداق تاشلاش» («ئويغىنىش!»، 2010-يىل، ماي)
شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى كۆرۈشنىڭ تەسىرى ھەققىدە بىلىۋېلىڭ.
«شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەر — زىيانلىقمۇ ياكى زىيانسىزمۇ؟» («كۈزىتىش مۇنارى»، 2013-يىل، 1-ئاۋغۇست)
بىر ئادەم شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى كۆرۈش خۇمارىدىن قانداق قۇتۇلغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ.
«مەن غەلبە قازىنىشتىن بۇرۇن، نۇرغۇن قېتىم مەغلۇپ بولدۇم» («كۈزىتىش مۇنارى»، 2016-يىل، 4-سان)
a ئانانىزم ياكى قولدا لەززەتلىنىش — ئۆزىنىڭ جىنسىي ئەزالىرىنى سىلاش ياكى سۈركەش ئارقىلىق ئادەتتە جىنسىي ھېسسىياتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرىدىغان ناچار ئادەتتۇر.
b بۇ دەرسنىڭ «ئىزدىنىپ كۆرۈڭ» دېگەن بۆلىكىدە، «تاماكىنى قانداق تاشلاش» ناملىق ماقالە تەۋسىيە قىلىنغان. ئۇنىڭدا تاماكا خۇمارىدىن قۇتۇلۇشنىڭ ئەمەلىي قەدەملىرى چۈشەندۈرۈلگەن.
c قولدا لەززەتلىنىش (ئانانىزم) ئادىتىنى يېڭىش ئۈچۈن «ياشلارنىڭ سوئاللىرى _ ئەمەلىي مەسلىھەتلەر» كىتابىنىڭ (باشقا تىلدا) 1-قىسىمىدىكى «قولدا لەززەتلىنىش ئادىتىنى قانداق يېڭەلەيمەن؟» ناملىق 25-بابىغا قاراڭ.