24-دەرس
پەرىشتىلەر توغرۇلۇق ھەقىقەت
ياراتقۇچى بىزنىڭ ئاسماندىكى ئۆز ئائىلىسىنىڭ ئەزالىرى ھەققىدە بىلىشىمىزنى خالايدۇ. ئاشۇ چوڭ ئائىلىدە نۇرغۇن پەرىشتىلەر بار. ئۇلار خۇدانىڭ ئوغۇللىرى دەپ ئاتىلىدۇ (ئايۇپ 38:7). مۇقەددەس كىتاب پەرىشتىلەر ھەققىدە نېمە دەيدۇ؟ پەرىشتىلەر ئىنسانلارغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ بارلىق پەرىشتىلەر خۇدانىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەزالىرىمۇ؟
1. پەرىشتىلەر كىملەر؟
تەڭرى يەھۋا يەر يۈزىنى يارىتىشتىن بۇرۇن پەرىشتىلەرنى ياراتقان ئىدى. يەھۋاغا ئوخشاش، پەرىشتىلەرمۇ ئاسماندا ياشايدىغان كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان روھىي شەخسلەر (ئىبرانىيلار 1:14). مىليونلىغان پەرىشتىلەر بار. بىراق، ھەربىرى ئۆزگىچە بولۇپ، مىجەز-خۇلقى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ (ۋەھىيلەر 5:11). ئۇلار يەھۋانىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنىدۇ (زەبۇر 103:20). قەدىمكى زاماندا، يەھۋا بەزىدە خەۋەر يەتكۈزۈش ياكى ئۆز خەلقىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش ۋە قۇتقۇزۇش ئۈچۈن پەرىشتىلەرنى ئەۋەتكەن. بۈگۈنكى كۈندە پەرىشتىلەر بىزنىڭ خۇدانى تونۇشنى خالايدىغانلارنى تېپىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.
2. شەيتان ۋە ئۇنىڭ جىنلىرى كىملەر؟
بەزى پەرىشتىلەر خۇداغا سادىق قالالمىغان. يەھۋاغا ئىسىيان كۆتەرگەن تۇنجى پەرىشتە چوڭ ئەجدىھا، يەنى ئىبلىس ياكى شەيتان دەپ ئاتالغان پۈتۈن دۇنيانى ئازدۇرغان (ۋەھىيلەر 12:9). شەيتان باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمران بولۇشنى خالىغانىدى. شۇڭا، ئۇ ئادەم-ئاتا ۋە ھاۋا-ئانىنى، كېيىنرەك ھەتتا باشقا پەرىشتىلەرنىمۇ ئۆزى بىلەن بىرلىكتە خۇداغا ئىسىيان كۆتۈرۈشكە ئازدۇرغان. ئاشۇ ئاسىيلىق قىلغان پەرىشتىلەر جىنلار دەپ ئاتالغان. يەھۋا ئۇلارنى ئاسماندىن يەر يۈزىگە قوغلاپ چۈشەرگەن ۋە پات-ئارىدا ئۇلارنى يوق قىلىدۇ.—ۋەھىيلەر 12:9، 12-نى ئوقۇڭ.
3. شەيتان ۋە ئۇنىڭ جىنلىرى بىزنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن نېمە قىلىدۇ؟
شەيتان ۋە ئۇنىڭ جىنلىرى جىنكەشلىك ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرىدۇ. جىنكەشلىك بولسا جىنلار بىلەن بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا ئالاقە قىلىشتۇر. مەسىلەن، ئۇلار يۇلتۇزلارغا قاراش، پال ئېچىش ياكى داخانلىق قىلىشتەك ئۇسۇللارنى ئىشلىتىدۇ. يەنە بەزىلەر كېسەل داۋالىتىش ئۈچۈن جىنكەشلىك قىلىدىغانلارغا بارىدۇ. باشقىلار بولسا، ئۆلۈپ كەتكەنلەر بىلەن سۆزلىشىشكە بولىدۇ، دەپ كىشىلەرنى ئالدايدۇ. يەھۋا بىزنىڭ داخانلاردىن ياردەم سوراشتىن ۋە پالچىلاردىن مەسلىھەت ئېلىشتىن يىراق تۇرۇشىمىز كېرەكلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان (لاۋىيلار 19:31). يەھۋا ئۆز دۈشمەنلىرى بولغان شەيتان ۋە جىنلارنىڭ بىزگە زىيانكەشلىك قىلماقچى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. شۇڭا، بىزنى شۇنداق ئاگاھلاندۇرغان.
چوڭقۇرراق قېزىڭ
پەرىشتىلەر قانداق ياخشى ئىشلارنى قىلىدۇ؟ جىنكەشلىكنىڭ قانداق خەتىرى بار؟ قانداق قىلىپ ئۆزۈمىزنى شەيتان ۋە ئۇنىڭ جىنلىرىدىن قوغدىيالايمىز؟ مۇشۇ سوئاللارنىڭ جاۋابلىرىنى بىلىۋېلىڭ.
4. پەرىشتىلەر كىشىلەرنىڭ يەھۋانى تونۇشىغا ياردەم بېرىدۇ
خۇدانىڭ پەرىشتىلىرى كىشىلەرگە بىۋاسىتە ۋەز ئېيتمايدۇ. ئەمما، بەزىدە پەرىشتىلەر خۇدا خىزمەتچىلىرىنىڭ ھەق خۇدانى تونۇشنى خالايدىغانلارنى تېپىشىغا ياردەم بېرىدۇ. ۋەھىيلەر 14:6، 7-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
ۋەز خىزمىتىدە نېمە ئۈچۈن بىز پەرىشتىلەرنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج؟
-
ھەق خۇدانى تونۇشنى خالايدىغانلارنى تېپىشىڭىزغا، پەرىشتىلەر ياردەم بېرىدۇ. بۇنى بىلىش سىزنى خۇشال قىلامدۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟
5. جىنكەشلىكتىن يىراق تۇرۇڭ
شەيتان ۋە جىنلار ياراتقۇچى يەھۋانىڭ دۈشمەنلىرى. ئۇلار بىزنىڭمۇ دۈشمەنلىرىمىز. لۇقا 9:38–42-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
جىنلار ئادەملەرگە قانداق تەسىر قىلىدۇ؟
جىنلار بىزگە تەسىر قىلىشىنى خالىمايمىز. تەكرار قانۇن 18:10–12-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
جىنلار قانداق ئۇسۇللار بىلەن، بىزگە تەسىر قىلىشقا ۋە بىز بىلەن ئالاقە قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ؟ سىز ياشاۋاتقان جايدا كىشىلەر جىنكەشلىك بىلەن باغلىنىشلىق قانداق ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ؟
-
يەھۋا جىنكەشلىك بىلەن باغلىنىشلىق بارلىق بار ئىشلارنى چەكلەيدۇ. سىزنىڭچە، بۇ ئەقىلگە مۇۋاپىقمۇ؟
فىلىمنى كۆرۈڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللار ئۈستىدە ئويلىنىڭ.
-
سىزنىڭچە، پالېسا قىزىغا تاقىغان تۇمار زىيانلىقمۇ؟ نېمە ئۈچۈن زىيانلىق؟
-
پالېسا جىنلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن نېمە قىلىشى كېرەك؟
ئەيسانىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرى دائىم جىنلارغا قارشى تۇرۇپ كەلگەن. ئەلچىلەر 19:19 ۋە 1-كورىنتلىقلار 10:21-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
نېمە ئۈچۈن سىزدە جىنكەشلىك بىلەن باغلىنىشى بار نەرسىلەر بولسا، ئۇلارنى يوق قىلىشىڭىز كېرەك؟
6. شەيتان ۋە جىنلارغا قارشى جەڭدە غەلبە قىلىڭ
جىنلارنى شەيتان باشقۇرىدۇ. بىراق، سادىق پەرىشتىلەرنى باش پەرىشتە مىكائىل باشقۇرىدۇ. مىكائىل ئەيسانىڭ باشقا بىر ئىسىمى. مىكائىلنىڭ قانچىلىك كۈچ-قۇدرىتى بار؟ ۋەھىيلەر 12:7–9-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
كىم كۈچلۈكرەك؟ مىكائىل ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىمۇ ياكى شەيتان ۋە ئۇنىڭ جىنلىرىمۇ؟
-
سىزنىڭچە، ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى شەيتان ۋە ئۇنىڭ جىنلىرىدىن قورقۇشى كېرەكمۇ؟
سىز شەيتان ۋە جىنلارغا قارشى جەڭدە غەلبە قىلالايسىز. ياقۇپ 4:7-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
شەيتان ۋە جىنلاردىن ئۆزىڭىزنى قانداق قوغدىيالايسىز؟
بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: «جىنكەشلىك ھەققىدىكى فىلىملەرنى ياكى ئويۇنلارنى ئويناش خاتا ئەمەس. ئۇ پەقەت كۆڭۈل ئېچىش».
-
نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئوي-پىكىردە بولۇش بەك خەتەرلىك؟
خۇلاسە
ساداقەتمەن پەرىشتىلەر بىزگە ياردەم بېرىدۇ. شەيتان ۋە ئۇنىڭ جىنلىرى يەھۋانىڭ دۈشمەنلىرى. ئۇلار جىنكەشلىك ئارقىلىق كىشىلەرنى ئازدۇرىدۇ.
تەكرارلاش
-
پەرىشتىلەر كىشىلەرنىڭ ھەق خۇدانى تونۇشىغا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
-
شەيتان ۋە ئۇنىڭ جىنلىرى كىملەر؟
-
سىزنىڭچە، نېمە ئۈچۈن جىنكەشلىكتىن قەتئىي يىراق تۇرۇشىڭىز كېرەك؟
ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
نېمە ئۈچۈن ئەيسانى باش پەرىشتە مىكائىل دەيدىغانلىقىمىزنى بىلىۋېلىڭ.
شەيتان قەلبىمىزدىكى يامان ئوي-پىكىرلەر ياكى ناچار ئىللەتلەر ئەمەسلىكىنى بىلىۋېلىڭ.
«بۇ دۇنيادا راستلا شەيتان بارمۇ؟» (تور بېكەتتىكى ماقالە)
بىر ئايال جىنلارنىڭ تەسىرىدىن قانداق قۇتۇلغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ.
«ئۇ ھاياتنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى تاپقان» («كۈزىتىش مۇنارى»، 1993-يىل، 1-ئىيۇل)