مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

21-‏دە‌رس

خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى كىملە‌ر يە‌تكۈزۈۋاتىدۇ؟‏

خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى كىملە‌ر يە‌تكۈزۈۋاتىدۇ؟‏

يە‌ھۋا ئۆز پادىشاھلىقى ئارقىلىق پات ئارىدا دۇ‌نيادىكى بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يوق قىلىدۇ.‏ بۇ كىشىنى خۇ‌ش قىلىدىغان خە‌ۋە‌ر.‏ ئە‌يسا ئۆز ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ بۇ خە‌ۋە‌رنى بارلىق ئادە‌ملە‌رگە يە‌تكۈزۈشىنى خالايدۇ (‏مە‌تتا 28:‏19،‏ 20‏)‏.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئە‌يسانىڭ بۇ‌يرۇ‌قىغا قانداق بويسۇ‌نۇ‌ۋاتىدۇ؟‏

1.‏ مە‌تتا 24:‏14-‏ئايە‌تتە يېزىلغان سۆزلە‌ر،‏ بۈگۈنكى كۈندە قانداق ئە‌مە‌لگە ئېشىۋاتىدۇ؟‏

ئە‌يسا مۇ‌نداق بېشارە‌ت قىلغان:‏ ‏«بۇ پادىشاھلىق خۇ‌ش خە‌ۋىرى بارچە مىللە‌تلە‌رگە يە‌تكۈزۈلۈشى ئۈچۈن پۈتۈن دۇ‌نيادا ۋە‌ز قىلىنىدۇ ۋە ئاندىن كېيىن ئاخىرى كېلىدۇ»‏ (‏مە‌تتا 24:‏14‏)‏.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى بۇ مۇ‌ھىم خىزمە‌تنى خۇ‌شاللىق بىلە‌ن قىلىۋاتىدۇ.‏ خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر پۈتۈن دۇ‌نيادا 1000دىن ئارتۇ‌ق تىلدا يە‌تكۈزۈلىۋاتىدۇ.‏ بۇ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كە‌ڭ كۆلە‌ملىك خىزمە‌تنى تە‌شكىللە‌ش كۆپ كۈچ تە‌لە‌پ قىلىدۇ.‏ يە‌ھۋانىڭ ياردىمىسىز بىز بۇ ئىشنى قىلالمايمىز.‏

2.‏ ئادە‌ملە‌رگە خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزۈش ئۈچۈن قانداق تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز؟‏

بىز قە‌يە‌ردە ئادە‌م بولسا،‏ شۇ يە‌ردە ۋە‌ز قىلىمىز.‏ بىرىنچى ئە‌سىردىكى ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە ئوخشاش،‏ بىزمۇ ئۆيمۇ-‏ئۆي خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر ئېيتىمىز (‏ئە‌لچىلە‌ر 5:‏42‏)‏.‏ مۇ‌شۇ ئۇ‌سۇ‌ل ئارقىلىق ھە‌ر يىلى مىليونلىغان ئادە‌ملە‌رگە خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزىمىز.‏ ئادە‌ملە‌ر دائىم ئۆيدە بولمىغاچ،‏ بىز يە‌نە ئاممىۋىي ئورۇ‌نلاردىمۇ ۋە‌ز قىلىمىز.‏ ئادە‌ملە‌رگە ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا ۋە ئۇ‌نىڭ ئىرادىسىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ھە‌ربىر پۇ‌رسە‌تنى قولدىن بە‌رمە‌يمىز.‏

3.‏ كىملە‌رنىڭ خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ۋە‌ز قىلىش مە‌جبۇ‌رىيىتى بار؟‏

بارلىق ئە‌يسانىڭ ھە‌قىقىي ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ باشقىلارغا خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزۈش مە‌جبۇ‌رىيىتى بار.‏ بىز بۇ ۋە‌زىپىنى بە‌ك مۇ‌ھىم دە‌پ قارايمىز.‏ ۋە‌ز خىزمىتى باشقىلارنىڭ ھاياتىنى قۇ‌تقۇ‌زالايدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ھە‌ربىرىمىز ئۆز شارائىتىمىزگە قاراپ،‏ ئىمكانىيىتىمىزنىڭ بارىچە كۆپرە‌ك ۋە‌ز قىلىشقا تىرىشىمىز (‏1-‏تىموتىي 4:‏16-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بىز بۇ خىزمە‌ت ئۈچۈن ھە‌ق ئالمايمىز.‏ چۈنكى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا،‏ ھە‌قسىز ئالدىڭلار،‏ ھە‌قسىز بېرىڭلار دېيىلگە‌ن (‏مە‌تتا 10:‏7،‏ 8‏)‏.‏ ھە‌ممىلا كىشى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رگە قۇ‌لاق سالمايدۇ.‏ بىراق،‏ بىز ۋە‌ز قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ش ئارقىلىق،‏ يە‌ھۋانىڭ بۇ‌يرۇ‌قىغا بۇ‌يسۇ‌نۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭ كۆڭلىنى خۇ‌رسە‌ن قىلىمىز.‏

چوڭقۇ‌رراق قېزىڭ

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى دۇ‌نيانىڭ ھە‌رقايسى جايلىرىدا تىرىشىپ ۋە‌ز قىلىۋاتقانلىقى ۋە يە‌ھۋانىڭ بىزگە قانداق ياردە‌م بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈڭ.‏

4.‏ بارلىق ئادە‌ملە‌رگە خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز

دۇ‌نيانىڭ جاي-‏جايلىرىدا خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئىمكانىيىتىنىڭ بارىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ.‏ فىلىمنى كۆرۈڭ‏،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏

  • يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزۈش ئۈچۈن كۆرسە‌تكە‌ن تىرىشچانلىقى،‏ سىزدە قانداق تە‌سىرات قالدۇ‌ردى؟‏

مە‌تتا 22:‏39 ۋە رىملىقلار 10:‏13–‏15-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • ۋە‌ز خىزمىتىمىز باشقىلارغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟‏

  • تىرىشىپ خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزۈۋاتقانلارغا يە‌ھۋا قانداق قارايدۇ؟‏​—‏15-‏ئايە‌تكە قاراڭ.‏

5.‏ بىز خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تداشلىرى

يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئۆزى ۋە‌ز خىزمىتىمىزگە يېتە‌كچىلىك قىلىۋاتىدۇ.‏ بۇ‌نىڭغا نۇ‌رغۇ‌ن مىساللار بار.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يېڭى زېلاندىيىدىكى پائۇ‌ل ئىسىملىك بۇ‌رادە‌ر،‏ بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆيمۇ-‏ئۆي ۋە‌ز قىلغاندا،‏ بىر ئايال بىلە‌ن سۆھبە‌تلە‌شكە‌ن.‏ ئە‌سلىدە ئۇ ئايال ئە‌تىگە‌ندە.‏ خۇ‌دانىڭ يە‌ھۋا دېگە‌ن ئىسىمىنى ئىشلىتىپ دۇ‌ئا قىلغان ۋە ئۇ‌نىڭدىن ياردە‌م بېرىشكە بىرىنى ئە‌ۋە‌تىشنى سورىغان.‏ پائۇ‌ل شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئۈچ سائە‌تتىن كېيىن،‏ مە‌ن ئۇ‌نىڭ ئىشىكى ئالدىغا كە‌لگە‌ن ئىدىم».‏

1-‏كورىنتلىقلار 3:‏9-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • مۇ‌شۇ‌نىڭغا ئوخشاش مىساللار ۋە‌ز خىزمە‌تكە يە‌ھۋانىڭ يېتە‌كچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟‏

ئە‌لچىلە‌ر 1:‏8-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • نېمە ئۈچۈن خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزۈش مە‌جبۇ‌رىيىتىمىزنى ئورۇ‌نلاش ئۈچۈن،‏ يە‌ھۋانىڭ ياردىمىگە مۇ‌ھتاج بولىمىز؟‏

سىز بىلە‌مسىز؟‏

ھە‌ر ھە‌پتە ئوتتۇ‌رىسىدىكى جامائە‌ت يىغىلىشلىرىدا،‏ بىز باشقىلارغا قانداق ۋە‌ز قىلىش ھە‌ققىدە تە‌لىم-‏تە‌ربىيە ئالىمىز.‏ سىز شۇ‌نداق جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا قاتناشقان بولسىڭىز،‏ ئاشۇ تە‌لىم-‏تە‌ربىيە توغرۇ‌لۇ‌ق نېمە ئويلايسىز؟‏

6.‏ بىز خۇ‌داغا بويسۇ‌نۇ‌پ،‏ داۋاملىق ۋە‌ز قىلىمىز

بىرىنچى ئە‌سىردە،‏ بە‌زى ئادە‌ملە‌ر ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزۈشىنى توختىتىشقا ئۇ‌رۇ‌نغان.‏ شۇ چاغدا،‏ ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزۈش ھوقۇ‌قىنى قانۇ‌ن ئارقىلىق قوغدىغان ئىدى (‏فىلىپىلىكلە‌ر 1:‏7‏)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندە يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىمۇ شۇ‌نداق قىلىۋاتىدۇ a‏.‏

ئە‌لچىلە‌ر 5:‏27–‏42-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • نېمە ئۈچۈن بىز خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزۈشنى توختاتمايمىز؟‏​—‏29،‏ 38 ۋە 39-‏ئايە‌تلە‌رگە قاراڭ.‏

بە‌لكىم،‏ بە‌زىلە‌ر مۇ‌نداق سورايدۇ:‏ «نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئۆيمۇ-‏ئۆي ۋە‌ز قىلىدۇ؟‏»‏

  • سىز قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

خۇ‌لاسە

ئە‌يسا ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە بارچە مىللە‌ت كىشىلىرىگە خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزۈشنى بۇ‌يرىغان.‏ يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقىنىڭ بۇ خىزمە‌تنى قىلىشىغا ياردە‌م بېرىۋاتىدۇ.‏

تە‌كرارلاش

  • دۇ‌نيانىڭ ھە‌رقايسى جايلىرىدا خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر قانداق يە‌تكۈزۈلىۋاتىدۇ؟‏

  • ۋە‌ز خىزمىتىمىزدە باشقىلارغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىز قانداق كۆرۈنىدۇ؟‏

  • سىزنىڭچە،‏ ۋە‌ز خىزمىتى بىزنى خۇ‌شاللىققا ئېرىشتۈرە‌لە‌مدۇ؟‏ نېمە ئۈچۈن؟‏

مە‌قسە‌ت

ئىزدىنىپ كۆرۈڭ

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى چوڭ شە‌ھە‌رلە‌ردە خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى قانداق يە‌تكۈزۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈڭ.‏

‏«پارىژ شە‌ھىرىدىكى ئالاھىدە پائالىيە‌ت»‏ (‏11:‏5)‏

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى مۇ‌ساپىرلارغا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

‏«مۇ‌ساپىرلارنىڭ روھىي ئېھتىياجلىرىنى قانائە‌تلە‌ندۈرۈش»‏ (‏59:‏5)‏

بىر قېرىنداش ھاياتىنى خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر يە‌تكۈزۈش خىزمىتىگە ئاتاپ،‏ زور خۇ‌شاللىققا ئېرىشكە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭ نېمە دە‌يدىغانلىقىنى ئاڭلاپ بېقىڭ.‏

‏«بۇ يولنى تاللىغانلىقىمغا خۇ‌شالمە‌ن»‏ (‏29:‏6)‏

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ سوتلاردىكى غە‌لبىسى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنىڭ تېخىمۇ كە‌ڭ تارقىلىشىغا يول ئاچقان.‏ بە‌زى مىساللارنى كۆرۈپ بېقىڭ.‏

‏«پادىشاھلىق خۇ‌ش خە‌ۋىرىنى ۋە‌ز قىلغۇ‌چىلارنىڭ سوتقا سۇ‌نغان ئە‌رزلىرى»‏ (‏«خۇ‌دا پادىشاھلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا!‏»،‏ 13-‏باب)‏

a خۇ‌دا بىزگە باشقىلارغا خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ۋە‌ز قىلىش ھوقۇ‌قىنى بە‌رگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز تاپشۇ‌رۇ‌لغان ۋە‌زىپىنى ئورۇ‌نلاش ئۈچۈن،‏ ئىنسانلار قۇ‌رغان ھۆكۈمە‌تنىڭ رۇ‌خسىتىنى ئېلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق.‏