13-دەرس
ساختا دىنلار ئىنسانلارنى خۇدا ھەققىدە خاتا چۈشەنچىگە كەلتۈرىدۇ
خۇدا مېھىر-مۇھەببەتتۇر. ئەمما، نېمە ئۈچۈن نۇرغۇن دىنلار خۇدانىڭ ئىسىمىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ، شۇنچە كۆپ رەزىل ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ؟ ئاددىي ئېيتقاندا، ئاشۇ دىنلار ساختا ۋە خۇدا ھەققىدە توغرا تەلىملەرنى ئۆگەتمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆگەتكەنلىرى كىشىلەرنى قانداق خاتا چۈشەنچىگە كەلتۈرىدۇ؟ خۇدا ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا قارىتا قانداق كۆزقاراشتا ۋە ئۇلارنى نېمە قىلىدۇ؟
1. ساختا دىنلار ئۆز تەلىملىرى بىلەن خۇدا ھەققىدە قانداق خاتا چۈشەنچىلەرنى بېرىدۇ؟
ساختا دىنلار خۇدانىڭ ھەقىقىتىنى يالغانغا تېگىشىپ كەلگەن (رىملىقلار 1:25). مەسىلەن، كۆپىنچە دىنلار خۇدانىڭ ئىسىمىنى ئۆگەتمەيدۇ. بىراق، مۇقەددەس كىتاب خۇدانىڭ ئىسىمىنى ئۆگىتىدۇ ۋە ئۇنى ئىشلىتىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتىدۇ (رىملىقلار 10:13، 14). ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە بەزى دىنىي ئۇستازلار بىر پاجىئەلىك ئىش يۈز بەرگەندە، ئۇ خۇدانىڭ ئىرادىسى دەپ چۈشەندۈرىدۇ. بىراق، بۇ قىپقىزىل يالغانچىلىق. خۇدا يامانلىققا سەۋەبچى ئەمەس (ياقۇپ 1:13-نى ئوقۇڭ). بەكمۇ ئەپسۇس، دىنىي يالغانچىلىقلار ئىنسانلارنى خۇدادىن يىراقلاشتۇرۇۋاتىدۇ.
2. ساختا دىنلار ئۆز ئىش-ھەرىكەتلىرى بىلەن خۇدا ھەققىدە قانداق خاتا چۈشەنچىلەرنى بېرىدۇ؟
ساختا دىنىي ئۇستازلار كىشىلەرگە يەھۋا خالىغاندەك مۇئامىلە قىلمايدۇ. مۇقەددەس كىتاب ساختا دىننىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى ھەققىدە «ئۇنىڭ گۇناھلىرى ئاسمانغا يەتتى»،— دەيدۇ (ۋەھىيلەر 18:5). نەچچە يۈز يىللاردىن بۇيان، ساختا دىنلار سىياسەتكە ئارىلىشىپ، ئۇرۇشلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ، سان-ساناقسىز ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەبچى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە بەزى دىنىي ئۇستازلار ھەشەمەتلىك تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. شۇنداق ياشاش ئۈچۈن، ئۇلار ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىدىن پۇل بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىدىن ئېنىق كۆرۈۋالالايمىزكى، ئۇلار خۇدانى تونۇمايدۇ. شۇڭا، ئۇلارنىڭ خۇداغا ۋەكىللىك قىلىپ، كىشىلەرگە خۇدا ھەققىدە تەلىم بېرىش ھوقۇقى يوق.—1-يۇھاننا 4:8-نى ئوقۇڭ.
3. خۇدا ساختا دىنلارغا قارىتا قانداق كۆزقاراشتا؟
ساختا دىنلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى سىزنى غەزەپلەندۈرسە، ئۇنداقتا ياراتقۇچى يەھۋا قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولار؟ ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى سۆيىدۇ، ئەمما دىنىي ئۇستازلارغا غەزەپلىنىدۇ. چۈنكى، ئۇلار خۇدا توغرىسىدا خاتا چۈشەنچە بېرىدۇ ۋە ئىنسانلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلمايدۇ. ئۇ ساختا دىننى يوق قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنى قايتا كۆرمەيدىغانلىقىمىزنى ۋەدە قىلىدۇ (ۋەھىيلەر 18:21). پات-ئارىدا خۇدا بارلىق ساختا دىنلارنى يوق قىلىدۇ.—ۋەھىيلەر 18:8.
چوڭقۇرراق قېزىڭ
خۇدانىڭ ساختا دىنلارغا قارىتا قانداق كۆزقاراشتا ئىكەنلىكى ھەققىدە كۆپرەك بىلىۋېلىڭ. كېيىن، ساختا دىنلارنىڭ باشقا يەنە نېمىلەرنى قىلغانلىقىنى ۋە نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى سەۋەبلىك، يەھۋانى تونۇشتىن ۋاز كەچمەسلىكىمىز كېرەكلىكىنى كۆرۈڭ.
4. خۇدا بارلىق دىنلارنى قوبۇل قىلمايدۇ
نۇرغۇن ئادەملەر بارلىق دىنلار بىزنى تۈرلۈك يوللار بىلەن خۇداغا يېقىنلاشتۇرىدۇ،— دەپ ئىشىنىدۇ. بىراق، بۇ توغرىمۇ؟ مەتتا 7:13، 14-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
مۇقەددەس كىتابتا ھاياتلىققا ئېلىپ بارىدىغان يول قانداق تەسۋىرلەنگەن؟
فىلىمنى كۆرۈڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
-
مۇقەددەس كىتاب بارلىق دىنلار خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ دەپ ئۆگىتەمدۇ؟
5. ساختا دىنلار خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىغا زىت ئىشلارنى قىلىدۇ
ساختا دىنلار كىشىلەرگە نۇرغۇن يوللار بىلەن خۇدا ھەققىدە خاتا چۈشەنچىلەرنى بېرىدۇ. ئەڭ يامان بولغىنى، ئۇلار ئۇرۇشلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدۇ. بىر مىسالنى كۆرۈش ئۈچۈن فىلىمنى كۆرۈڭ. كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللار ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
-
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە نۇرغۇن چېركاۋلار نېمە ئىش قىلغان؟
-
ئۇلارنىڭ قىلغانلىرى ھەققىدە سىز نېمە ئويلايسىز؟
يۇھاننا 13:34، 35 ۋە 17:16-نى ئوقۇڭ. كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
دىنلار ئۇرۇشنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەندە، يەھۋا قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولىدۇ؟
-
ساختا دىنلار نۇرغۇنلىغان يامان ئىشلارغا جاۋابكار. ساختا دىنلار خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىغا زىت قانداق ئىشلارنى قىلغان؟ بىرقانچە مىساللارنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟
6. خۇدا ئىنسانلارنىڭ ساختا دىندىن چىقىپ قۇتۇلۇشىنى خالايدۇ
ۋەھىيلەر 18:4-نى ئوقۇڭ a، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
خۇدا ئىنسانلارنى ساختا دىندىن قۇتقۇزۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، سىز قانداق ھېس-تۇيغۇغا كەلدىڭىز؟
7. ھەق خۇدا توغرۇلۇق بىلىم ئېلىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ
سىز بەزى ساختا دىنلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى كۆرگەندە، خۇداغا قارىتا سەلبىي كۆزقاراشتا بولامسىز؟ تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ: بىر ئوغۇل ئاتىسىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماي، ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ، نۇرغۇن يامان ئىشلارنى قىلدى. ئاتا ئوغلىنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ھەرگىزمۇ قوللىمىغان. ئۇنداقتا، بۇ ئىسيانكار ئوغۇلنىڭ شۇنداق ھايات كەچۈرگىنىگە قاراپ، ئاتىسىنى ئەيىبلەش ئادىللىق بولامدۇ؟
-
ساختا دىنلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلەر سەۋەبلىك، يەھۋانى ئەيىبلەپ، ئۇ ھەققىدە بىلىم ئالماسلىق، سىزنىڭچە ئەقىلگە مۇۋاپىقمۇ؟
بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: «مەن خۇدا توغرۇلۇق بىلىم ئېلىشنى خالىمايمەن. چۈنكى، دىنلار نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى پەيدا قىلىۋاتىدۇ».
-
سىزمۇ شۇنداق ئويلامسىز؟
-
نېمە ئۈچۈن بىز ساختا دىننىڭ تەسىرىدە، خۇداغا خاتا كۆزقاراشتا بولماسلىقىمىز كېرەك؟
خۇلاسە
ساختا دىنلار يالغان تەلىملىرى ۋە يىرگىنچلىك ئىش-ھەرىكەتلىرى بىلەن، خۇدا ھەققىدە خاتا چۈشەنچىلەرنى بېرىدۇ. خۇدا چوقۇم ساختا دىنلارنى يوق قىلىدۇ.
تەكرارلاش
-
ساختا دىنلارنىڭ تەلىملىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرى ھەققىدە، سىز قانداق ھېس تۇيغۇدا بولىسىز؟
-
يەھۋا ساختا دىنلارغا قارىتا قانداق كۆزقاراشتا؟
-
خۇدا ساختا دىنلارنى نېمە قىلىدۇ؟
ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
كۆپلىگەن دىنلارنىڭ خۇدانى خۇرسەن قىلمايدىغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ.
يەھۋا نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشىمىزنى خالايدۇ؟
بىر روھانىينىڭ ئۆز دىنىدىن كۆڭلى قالغان. بىراق، ئۇ خۇدا توغرۇلۇق بىلىم ئېلىشتىن ۋاز كەچمىگەن.
«نېمە ئۈچۈن بىر روھانىي چېركاۋدىن كەتتى؟» («ئويغىنىش!»، 2015-يىل، فېۋرال)
نەچچە يۈز يىللاردىن بېرى، دىنلار خۇدا يېقىنلاشقىلى بولمايدىغان، تاش يۈرەك، دېگەندەك يالغانچىلىقلارنى ئېيتىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇلاردىن ئۈچ يالغانچىلىقنى كۆرۈپ بېقىڭ.
a ۋەھىيلەر كىتابىدا، نېمە ئۈچۈن ساختا دىننى «بۈيۈك بابىل»، دەپ ئاتالغان ئايال بىلەن تەسۋىرلەنگەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن قوشۇمچە ئىزاھاتنىڭ بىرىنچىسىگە قاراڭ.